تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: g"
تۈركىيەدە 2011 - يىلى 12 - ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي ساياملارغا ساناقلىق كۈنلەر قالدى. جەمئىي 27 سىياسىي پارتىيە رىقابەتلىشىدىغان سايلاملاردا 50 مىليون 189 مىڭ 930 تۈركىيە سايلىغۇچىسى، ئۆزلىرىنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (تۈركىيە پارلامېنتى) دە ۋەكىللىك قىلىدىغان 550 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنى سايلام چىقىدۇ. بىراق سايلىغۇچى رىقابىتى، ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىغا ئىگە ئۈچ پارتىيە، يەنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بىلەن مۇستەقىل نامزاتلار ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. % 10 سايلام چەكلىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان تىنچلىق ۋە دېموكراتىيە پارتىيەسى، ئالدىنقى قېتىمدىكى سايلامدىكىگە ئوخشاشلا مۇستەقىل نامزاتلار ئارقىلىق رىقابەتلەشمەكتە. تىنچلىق ۋە دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى بىر ئايدىن بۇيان مەيدانلاردىكى خەلققە خىتاب قىلىشلىرى ۋە باشقا تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق رىقابەتكە چۈشمەكتە. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى لىدىرى ۋە دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەھبىرى كەمال قىلىچدارئوغلۇ ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبىرى دۆلەت باھچەلى، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ پىلان لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. سايلام ئاتموسپېراسىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئۈچ مۇھىم نۇقتىنىڭ ئالدىنقى پىلانغا چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. b/WVWDyob/
بىرىنچى نۇقتا، سايلام رىقابىتى جەريانىدا دېموكراتىيە تۈزۈلمىسىنىڭ ۋە باسقۇچىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە پايدىلىق ۋە ياخشى تۈزۈلمە ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، دېموكراتىيە، ئىنسانلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەشنىڭ باشقا ئۇسۇلىنى تاپقانغا قەدەر قولىمىزدا بار بولغان ئەڭ ياخشى ھاكىمىيەت شەكلىدۇر. تۈركىيە بۇ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى 1950 - يىلىدىن بېرى ئىجرا قىلىشقا اشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشماقتا. ئۆتمۈشتە باشتىن كەچۈرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئوخشىغان ئاچچىق ساۋاقلارغا قارىماي، تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيەسى ئەڭ ئىلغار دېموكراتىيە دەپ قارالماقتا. تۈركىيە خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ، پەن - تېخنىكىنىڭ ۋە سىياسىي ئىسلااتلارنىڭ سايىسىدا دېموكراتىيەدىن خالىي بارلىق قانۇنسىز ھاكىمىيەتلەرنى رەت قىلماقتا؛ جۈملىدىن تۈركىيە نۆۋەتتە ئوخشىمىغان پىكىرلەر بىلەن سىياسىي تەلەپلەرگە قۇلاق سېلىشتا ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە. {9Y@?
vzy/Rq
بۇنىڭغا ھەيران قالارلىق بىر مىسال بېرىدىغان بولساق؛ دېموكراتىيەنىڭ بۆشۈكى ھېسابلىنىدىغان ئەنگلىيەدىكى ھىدە باغچىسىدا ئۇدا بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەركىن سۆزلەش مۇنبىرىنىڭ ئوخشىشىنىڭ، جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىمىزدىن مەرسىندە ئېلىپ بېرىلىشىدۇر. بىر - بىرىگە زىت ئىدىئېلوگىيەلەرگە ساھىب كىشىلەر، خەلقنىڭ ئالدىدا زوراۋانلىق ۋە توقۇنۇشلارغا مۇراجىئەت قىلماستىن ئۆزئارا تالاش تارتىش قىلىشتى. بۇ ئەھۋال، تۈركىيەدىكى پىكىر ئەركنلىكىنىڭ قايسى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئەلۋەتتە. تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك تالاش - تارتىشلارنىڭ ھەم تۈركىيە تېلېۋىزىيە ۋە رادىيو ئىستانسىلىرى ھەمدە باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ باسقۇچتا، ھەم پات - پات قاتتىق ئۇسلۇب ۋە ئىپادىلەر قوللىنىلغان، ھەمدە لىدەرلەر بىر - بىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىشقان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ۋە قايتا تەكرارلانماسلىقى مەسىلىسىدە ھەممە بىردەك قاراشقا ئىگە. awMm&8cIM
|0m h*+i
ئىككىنچى نۇقتا، ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ تەشۋىقات نۇتۇقلىرىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئومۇمەن تۈركىيەنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنىڭ كۈنتەرتىپتە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ قېتىمقى سايلام باسقۇچىدا، ئالدىنقى ئومۇمىي ۋە يەرلىك سايلاملاردىكىگە ئوخشاشلا دىنىي ۋەياكى مىللىي مەسىلىلەر مەزمۇن قىلىنغان ئىدېئولوگىيەلىك تالاش - تارتىشلارنىڭ ئورنىغا، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك رېئال مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بارلىق سىياسىي پارتىيەلەر، ئىقتىسادىي، سەھىيە، مائارىپ، شەھەرلىشىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى، بىخەتەرلىك، دېموكراتىيە قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ رەھبىرى بولغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئۆتكەن سەككىز يىل ئىچىدە سېلىنغان مەبلەغلەر، ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى، قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر، تەرەققىيات ۋە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئالدىنقى پىلانغا چىقاردى، ھەمدە بۇ ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ ئىلگىرىلەشلەرنىلڭ ساھىل قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەردوغان، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ خىزمەت ۋە ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، تۈركىيەنى تەرەققىياتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكۈزىدىغانلىقلىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن «ئۈچىنچى قېتىملىق ھاكىمىيەت دەۋرىمىز مۇتەخەسسىسلەشكەن بىر دەۋر بولىدۇ» دېدى. باش مىنىستىر ئەردوغان ئوتتۇرىغا قويغان «قانال ئىستانبۇل» ۋە «يېڭى شەھەر قورۇپ چىقىش» لايىھەلىرى، باشقىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان لايىھەلەردۇر. ئۆكتىچى پارتىيەلەر بولسا ئۆزگىچە لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى لىدىرى كەمال قىلىچدرئوغلۇ، بىر تەرەپتىن، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆتكەن سەككىز يىل ئىچىدە يولغا قويغان سىياسەت ۋە ئىجرائاتلىرىنى تەنقىد قىلسسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىجتىمائىي دۆلەت لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇلار ئارىسىدا ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغىنى، يوقسۇللارنىڭ مىنىمۇم 600 تۈرك لىراسىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىشىدۇر. مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى لىدىرى دۆلەت باھچەلى بولسا، مىللەتچى ۋە بىخەتەرلىكچى نۇتۇقلاردىن سىرت يەنە، ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلماقتا. بۇ باسقۇچتا ئوتتۇرىغا چىققان يەنە بىر مەسىلە بولسا، بولۇپمۇ مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ نوپۇزىغا ناھايىتى زور تەسىر يەتكۈزگەن، بىر قىسىم نامزاتلارنىڭ ئىشقىۋازلىق كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدۇر. بەختكە يارىشا بۇ مەسىلىنىڭ سايلام باسقۇچىنىڭ ئانا ماددىسىغا ئايلىنىپ كېتىشتىن خۇدايىم ساقلىدى. دەرۋەقە بارلىق سىياسىي پارتىيەلەر، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنى قاتتىق ئەيىبلەشتى ھەمدە بۇنى سايلامدا كوزىر سۈپىتىدە قوللىنىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇشتى. L"#Tas\5
kU4Zij-
O
سايلام باسقۇچىغا مۇناسىۋەتلىك ئۈچىنچى نۇقتا، گەرچە بىر قەدەر ئاز تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بىراق سايلاملاردىن كېيىن تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىگە مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچلىرىىنىڭ بېرىلىشىدۇر. سايلاملاردىن كېيىن تۈركىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى، ئەسلىدە ئۇزۇندىن بۇيان كۈرتەپكە كىرگۈزۈلۈۋاتقان قۇرۇلمىنىڭ تېخىمۇ تېزلىشىشىدۇر. گەرچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى قاتارلىق بۇ ئۈچ پارتىيەمۇ، بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان قاراشلارغا ئىگە بولسىمۇ بىراق ھەممىسى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈشى لازىملىقىغا بىردەك ئىشىنىدۇ. Y`\zLX"_m
=yfr{5}R
بىراق؛ ئاساسىي قانۇنغا قايسى شەكىلدە تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىغانلىقى، بولۇپمۇ كۈرت (كورد) مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا ئاساسىي قانۇنغا قانداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىغانلىقى، ئومۇمەن ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە بىخەتەرلىك تەڭپۇڭلۇقىنىڭ قانداق ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقى قاتارلىق سوئاللارغا پەقەت سايلاملارنىڭ نەتىجىلىرىلا جاۋاب بېرەلەيدۇ. سايلىغۇچىلار، ھەم ئۆزلىرى ئىشىنىدىغان پارتىيە ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى قوللاپ ئاۋاز بېرىدۇ، ھەمدە باشقا مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدا ئۇلارغا ھوقۇق بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ خەلقنىڭ ئىرادىسى، پۈتۈنلەي ۋە مۇتلەق بولمىسىمۇ ئوپتىمال شەكىلدە تۈركىيەنىڭ قارار ئېلىش باسقۇچىدا نامايەن بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن خەلق ۋەكىللىرى تۈركىيەنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ.