باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1317 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: نەقشىبەندىيە (سۇپىزىم) تەرىقىتىنىڭ بارلىقققا كىلىشى
دوستلىشىش
turantekin
زالىم بولغىچە ئالىم بول، ئالىم بولغىچە ئادەم بول ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1637
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 28
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە28دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 400 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-01-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-31 19:17

نەقشىبەندىيە (سۇپىزىم) تەرىقىتىنىڭ بارلىقققا كىلىشى

نەقشىبەندىيە (سۇپىزىم) تەرىقىتىنىڭ بارلىقققا كىلىشى

 
          سۇپىزىم ئىسلام دىنىدىكى تەركىدۇنياچىلىق مۇرىتلىرىنىڭ ئۇمۇمى نامى بۇلۇپ، «سۇپى» سۈزى يىرىك يۇڭدىن تۇقۇلغان كىيىم ، خام تۇقۇلما دىگەن مەنىلەردە بۇلۇپ، مەزكور مەزھەپتىكىلەرنىڭ نامرات، تەركىدۇنيا تۇرمۇش كۈچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. سۇپىزىم ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بىرىش ، تەركىدۇنياچىلىق تەلىماتىدىن ۋۇجۇتقا چىققان ۋە پەيدىن-پەي راۋاجلانغان، ئىسلامىيەت گۈللەنگەن دەسلەپكى دەۋىرلەردە بىر قىسىم تەقۋادار مۇرىتلار جاپا-مۇشەققەتلىك زاھىتلىق يۇلىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا ”قۇرئان“ دىكى ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش، سەۋرى-تاقەت، ئىنساپ، ئىتائەتچان بۇلۇش، خەير-ئىھسان قىلىش، كەمتەر-كىچىك پېل بۇلۇش قاتارلىق ۋەز-پەرھىزلەرگە قاتتىق بويسۇنۇپ، ئاددىي-ساددا، نامرات، جاپالىق ھەتتا يەككە تۇرمۇش كۈچۈرگەن ۋە ئىسلام دىنىدىكى غۇربەتچىلىككە كۈنۈش ۋە تەركىدۇنياچىلىقنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ ۋەكىل خەرەكتىرلىك پىشىۋاسى ئۈمەييا سۇلالىسىدىكى مەشھۇر ئىلاھىيەتچى ھەسەن بەسرى ئىدى. ئۇ دىنى تۇرمۇش جەھەتتە تەقۋادارلىق، جىمجىتلىق ۋە نامراتلىققا زارلىماسلىقتەك زاھىدتلىق تەلىماتىنى؛ ئىلاھىيەتتە چۇڭقۇر تەپەككۇر، ئۆز-ئۈزىدىن ئىھتىيات قىلىش ۋە ئاللانىڭ ئىرادىسىگە مۇتلەق بۇيسۇنۇش، شۇ ئارقىلىق بەندە بىلەن ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنى ماسلاشتۇرۇش مەقسىدىگە يىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ كىيىنكى ۋاقىتلاردا شەكىللەنگەن سۇپىزىم تەرىپىدىن مەزكور مەزھەپنىڭ ئاساسچىسى دەپ تەرىپلەنگەن.

          8 - ئەسىردىن باشلاپ مەيدانغا كىلىشكە باشلىغان سۇپىزىم ئىددىيىسى 9- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە يەنىمۇ تەرەققى قىلىشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇلار پەقەت ئاللاھنى ياد ئىتىش بىلەن ئاللاھنى ھەقىقى تۇنىغىلى ، شۇنداقلا بەندە بىلەن ئاللاھنىڭ بىرىكىشىگە يەتكىلى بۇلىدۇ دىدى. 9- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە يەنىمۇ تەرەققى قىلىپ، پەقەت زاھىدلىق (رىيازەت) يۇلى ئارقىلىقلا بەندە بىلەن ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ دەپ قارىدى. ئەمما بۇ ئاخىرىدا ئىسلام دىنىدىكى ئەنئەنىۋى ئىتىقاتتىكىلەر بىلەن زىدىيەتلىشىپ قالدى، ھەمدە  ئاخىرىدا ئۆز-ئارا مادارا قىلىشتى. 11- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 12- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە سۇپىزىم ئاندىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىۋى مەزھەپلىرىنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا مۇيەسسەر بۇلۇپ، ئەنئەنىۋى ئىتىقات بىلەن بىرلىشىش جەريانىنى تاماملىدى.

          سۇپىزىمنى ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەنئەنىۋى مەزھەپلەردىن ئالدى بىلەن سۇننىي مەزھىپى قۇبۇل قىلدى. ئاخىرىدا شىئە مەزھىپىمۇ ئىتىراپ قىلدى. سۇپىستلار بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىكى مەھەللىۋى دىنى تۇرمۇشىدىن ۋاز كەچمىدى. ئۇلار يەنە سىرلىق قىياپەتتە يۈرۈۋەردى. رىيازەتتە تاۋلىنىشنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. ئاددا-ساددا، نامرات تۇرمۇش كەچۈردى، رۇھى جەھەتتىن تاكاممۇللىشىشقا قاتتىق ئەھمىيەت بىرىپ ، رۇھى پاكلىققا يەتمەكچى بولدى ۋە ئۆز-ئۈزىنى ئۇنتىدى. بۇ ئارقىلىق ئاللاغا يېقىنلىشىپ، ئاللاھ بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشنى كۆزلىدى. تەسەۋۋۇپ نەزىرىيىسىنىڭ تەرەققى قىلىشى بۇلۇپمۇ مەنىۋى داھىيلارنىڭ مۇرۇتلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدا يىتەكچى ئۇرۇندا تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى نەزىريىنىڭ تەرەققى قىلىشى سۇپىستلارنىڭ دىنى تۇرمۇشىدىكى ئىماملار رىياسەتچىلىكىنى مەنىۋىيەت پىرلىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئۇلارنىڭ پائالىيەت مەركىزىنىمۇ مەسچىتتىن پىرلارنىڭ خانىقالىرىغا يۆتكىۋەتتى.

          8- ئەسىردىن باشلاپ سۇپىزىم مەزھىپىدە ھەرقايسى مۇرۇتلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىشى ئارقىسىدا شەكىللەنگەن كىچىك سۈلۈكلەر پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى. بۇ بىر ئىستىخىيىلىك تەشكىلات بۇلۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ يادىرولۇق ئادىمى ياكى كونكىرىت نىزامنامىسىمۇ بولمايتى. بۇلار پەقەت ئوخشاش رۇھى تاۋلىنىش ئۇسۇلى ۋە مەقسىتى بىلەن يىغىلىدىغان تاۋلىنىش كاللىكتىۋى ئىدى. بۇ خىلدىكى كىچىك تەشكىلاتلار 11- ئەسىرنىڭ ئوتتىرلىرىدىن كىيىن تەدىرىجى ھالدا كونكىرىت تەشكىلگە يەنى مەدرىس خەرەكتىرىدىكى دىنى توپقا ياكى مەزھەپ شەكلىگە يۈزلەنگەن. 13- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ مۇڭغۇللارنىڭ قەدىمىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا يىتىشى بىلەن ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىسلام دىنىغا تايىنىپ مەۋجۇت بۇلۇپ كىلىۋاتقان ناھىيىتى كەڭ سىياسى ئاساسمۇ يىمىرىپ تاشلاندى. شۇنىڭ بىلەن مەھەللىۋى ئىتىقات تۈسىدە مەۋجۇت بۇلۇۋاتقان سۇپىزىم پايدىلىق تەرەققى قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق يۇقىرى دولقۇننى قوزغىدى. بۇنىڭ بىلەن چوڭ-كىچىك سۇپىستىك گۇرۇھلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كىلىشكە باشلىدى ۋە تىز سۈرئەتتە كىڭەيدى. مانا مۇشۇنداق تارىخى شارائىت ئاستىدا نەقشىبەندىيە تەرىقىتى ئۇتتىرا ئاسىيادا پەيدا بولدى.

          نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ نامى ئۇنىڭ ئىجاتچىسى باھاۋۇدىن نەقشىبەندى (1317-1389) نىڭ ئىسمىدىن كەلگەن. نەقشىبەندىنىڭ ئەسلى ئىسمى مۇھەممەت بىن مۇھەممەت باھاۋۇدىن ئەل بۇخارى، ”نەقشىبەندى“ ئۇنىڭ لەقىمى (سىزغۇچى دىگەن مەنىدە)، بۇ لەقەم ”تەڭداشسىز ئىلاھىي رەسىمنىڭ سىزىلىشى“ ياكى تېخىمۇ سىرلىقلاشتۇرۇلۇپ ”قەلىبنىڭ ھەقىقى تاكاممۇللاشقان شەكىلگە كىرىشى“ دەپ چۈشۈنۈلگەن.

          نەقشىبەندىيە تەرىقىتى بارلىققا كەلگەندىن كىيىن ئوتتىرا ئاسىيا رايۇنىدا تىزدىن تەرەققى قىلدى . ئۇنىڭ تىزدىن باش كۈتۈرۈشى ۋە قۇدىرەتلىك ئىجتىمائى كۈچكە ئايلىنىشى ھۈكۈمىرانلار سىنىپىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. جەمىيەتتىكى كۆپلىگەن يۇقىرى قاتلام زات، ئۈلىما – ئالىملار، ھەتتا يەرلىك ئالى ھۈكۈمرانلارغىچە بەس-بەستە بۇ تەرىقەتكە ئەگەشتى ۋە ئوتتىرا ئاسىيا سىياسى سەھنىسىدە ناھىيىتى قۇدىرەتلىك ئىجتىمائى، سىياسى كۈچ سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ مۇھىم روللارنى ئوينىدى. شۇنداقلا باشقا سىياسى كۈچلەنىڭ ئۆزگىرىش ۋە تەرەققى قىلىشىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى.

          مەنبە: http://www.alimbiz.net/?p=738

ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى،بىغەملىك ھايۋاننىڭ&a ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7385
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 107
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە107دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 1275 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-14
ئاخىرقى: 2011-06-29

داۋامى باردۇر ھە بۇنىڭ؟مۇنداقلا تۈگەپ قالماس؟
ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.
http://muttakiyn.blogbus.com/
دوستلىشىش
tuprakbag
ئەتە ئۆلۈپ كىتىمەن!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5443
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 200
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە200دانە
ئۆسۈش: 390 %
مۇنبەر پۇلى: 2320 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2012-01-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-01 13:33

سۇپى دىگەن سۆزنىڭ ئېنىقلىمىسىنى مەن رەسۇلىللاھ زامانىسىدا پەيغەمبەر مەسجىدىدىكى سۇپىغا ئولتۇرۇپ رەسۇلىللاھتىن تەلىم ئالغان ساھابە كىرەملەرنىڭ ئولتۇرغان يەرلىرى بۇلغان شۇ سۇپى دىن كەلگەن دەپ ئاڭلاپتىكەنمەن! ئاخىرىنى ساقلايمىز!
ئەتە ئۆلۈپ كىتىمەن!
دوستلىشىش
turantekin
زالىم بولغىچە ئالىم بول، ئالىم بولغىچە ئادەم بول ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1637
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 28
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە28دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 400 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-01-04
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-01 16:46

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى ئويلان نىڭ 2011-05-31 22:45 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
داۋامى باردۇر ھە بۇنىڭ؟مۇنداقلا تۈگەپ قالماس؟

بۇ ئەسلى نەشىر قىلىنغان بىر پۈتۈن كىتاب ئىدى، مەن پەقەت قىسمەن بۆلىكىنىلا تاللاپ يوللاپ قويغان ئىدىم. مۇھىم دەپ قارىغان تەرەپلەرنى يەنە يوللاپ قۇيۇشۇم مۈمكىن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7287
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 70 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-08
ئاخىرقى: 2011-06-03
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-01 17:17

  مۇتەپپەككۇر  پەيلاسوپ شائىرلاردىن ئابدۇراخمان جامى ۋە  ئەلىشىر ناۋايى  قاتارلىق  ئالىملىرىمىزنى مۇشۇ  نەقشىبەندى تەرىقىتىنىڭ سادىق سوپىلىرىدىن دەپ  ئوقۇغان ماتىرىيالدىن ...
دوستلىشىش
كەڭسايچى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7830
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-11
ئاخىرقى: 2011-08-15
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-26 18:42

بۇ نەقشىبەندىيە سەئىدىيەنى يوقاتتى، ئەقىدىسى ئىسلامغا يات، بىدىئەت.