ئاپتورى:ئايگۈل غوپۇر
(قەشقەر كونا شەھەر ناھىيە ئاققاش ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
<<شىنجاڭ مائارىپى>>ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 9-سانىنى قولۇمغا ئېلىپ،ماقالىلەر مۇندەرىجىسىگە كۆزۈم چۈشتى.ئۇنىڭدىكى <<نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكمۇ ياكى ئەتراپلىق يېتىلىشكىمۇ؟>>دېگەن سەرلەۋھە دىققىتىمنى تارتىپ شۇ ماقالىنى ئوقۇپ ئولتۇراتتىم،يانفونۇم سايراپ،قىزىمدىن يەنە تېلېفون كەلدى.
_ئانا،مەن كېتىمەن،ئۆتۈنۈپ قالاي،مېنى ئېلىپ كېتىڭلار،مەن سىلەرنىڭ بالاڭلارمۇ-ئەمەسمۇ؟كۆرگۈڭلار يوق،شۇنداقمۇ؟
قىزىمنىڭ بۇ سۆزى بىر ھەپتىدىن بېرى تەكرارلىنىپ،ئەر-ئايال ئىككىمىزنىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالغانىدى.ئۇ كۈندە كەچتە تېلېفون قىلىپ،مۇشۇ سۆزنىلا تەكرارلايتتى.
-ئۇنداق دېمەڭ بالام،سىز ئۇ مەكتەپكە بارغىلى ئارانلا ئىككى ئاي بولدى.نەدىمۇ ئۇنداق بىر-ئىككى ئاي ئىچىدىلا ھەممە پەنلەرنى ئۆگىنىپ،ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىدىغان ئىش بار؟ئېسىڭىزدە بولسۇن،سىز ئەمدى 13 ياشقا كىردىڭىز،پۇرسەت ئالدىڭىزدا،بىلىم دېگەن ئاز-ئازدىن جۇغلىنىپ،ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇكەممەللىشىدىغان نەرسە.
-ئانا،مەن ھازىر سىنىپتىكى ھېچنېمە بىلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا كىرىپ قالدىم.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆتكەن دەرسلىرىنى پەقەت چۈشىنەلمەيۋاتىمەن،ھەر ئايدا بىر-ئىككى قېتىم ئىمتىھان ئالىدۇ.ماتېماتىكا،خەنزۇتىلى،ئىنگلىزتىلى دېگەن پەنلەردىن 90نومۇردىن چۈشمەيمەن،ئەمما قوشۇمچە پەن دېگەنلەرنى پەقەت بىلەلمىدىم.مەندىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ بۇ يەرگە ئەۋەتكەن تۇرساڭلار،ھېچنېمە بىلمەي ئولتۇرسام نېمە پايدىسى،ئۇنىڭدىن كۆرە بۇ يەردىن كېتىپ،يۇرتىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇسام بولمىدىمۇ؟ ماقۇل دەڭ ئانا!...
-بالام گېپىمنى ئاڭلاڭ،ئۇنداق بولسا،ئاتىڭىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ،بىرىمىز ئۈرۈمچىگە بارايلى،ئوقۇتقۇچىڭىز بىلەن پاراڭلىشىپ،دەرستىكى ئەھۋالىڭىزنى تەپسىلىي بىلىپ ئاندىن ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلايلى.سىزمۇ سەۋرچان بولۇڭ،تىرىشىڭ،شىنجاڭ سىنىپىغا ئۆتۈپ ئوقۇش پۇرسىتى ئاسان قولغا كەلمەيدۇ،ۋاقىتنى بىكارغا ئۆتكۈزمەي،يېتىشىپ ماڭالمىغان دەرسلىرىڭىزنى كۆپرەك تەكرار قىلىڭ.
-قايسى بىكار ۋاقىتنى دەيسىز ئانا؟-دېدى قىزىم گېپىمنى بۆلۈپلا،-سىزگە قانچە قېتىم دەيمەن؟بىزنىڭ بىر مىنۇتمۇ بوش ۋاقتىمىز يوق.ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت بەش-بەش يېرىملار بىلەن ئورنىمىزدىن تۇرىمىز.يېرىم سائەت ناشتا قىلىش ۋاقتىمىز بار،ئاشخانىغا چىقىپ ئۆچرەت تۇرغىچە ئۇ ۋاقىتمۇ تۈگەيدۇ.ئەگەر ئۆچرەتنىڭ ئاخىرىدا تۇرۇپ قالساق ۋاقىت توشۇپ كېتىپ،يەيدىغان نەرسىلىرىمىزنى سۇلياۋ خالتىغا ئېلىپلا سىنىپقا يۈگۈرىمىز.چۈشتىن بۇرۇن بەش سائەت ئوقۇيمىز.دەرستىن چۈشۈپلا يەنە ئاشخانىغا يۈگۈرىدىغان گەپ.بۇ يەردە سائەت بەك تېز ماڭامدىكىن دەيمەن،بىر دەمدىلا ۋاقىت توشۇپ كېتىدۇ،بەزىدە ھاجەتخانىغا بېرىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالىمىز.چۈشتىن كېيىن يەنە تۆت سائەت ئوقۇپ،كەچلىك تاماق يەيمىز.تاماقنى ئالدىراش يەپ بولۇپلا كەچلىك مۇزاكىرىگە كىرىپ كېتىمىز.ئۆز ئورۇنلىرىمىزدا جىم ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلىشىمىز كېرەك،ئەگەر بىلمىگەن يەرلەرنى ئالدى-كەينىمىزدىكى بالىلاردىن سورىماقچى بولۇپ گەپ قىلساق،<<مۇزاكىرە ۋاقتىدا گەپ قىلدى>>دەپ ئەخلاق نومۇرىمىز تارتىلىدۇ.شۇڭا ئۆگىنىش ۋاقتىدا ھېچكىمدىن ھېچنېمە سورىماي،بىلىشىمىزچە بىلىپ،جىم ئولتۇرىدىغان گەپ.سورىمىسا يا بىلمىگەن شۇ.كەچ سائەت توققۇزلار بىلەن كەچلىك مۇزاكىرىدىن چۈشۈپ،نۆۋەتچى بولۇپ قالساق تازىلىق قىلىپ ياتاققا كىرگۈچە سائەت ئون بولىدۇ.بىلمىگەن يەرلەرنى ياتاقتا ئۆزئارا سوراپ بىلىۋالارمىز دېسەك،چىراغ ئۆچىدىغانغا ئاز قالغان بولىدۇ.ئاڭغىچە يۈز-كۆزىمىزنى يۇيۇپ،ئورنىمىزنى سېلىۋالمىساق بولمايدۇ،شۇنىڭ بىلەن يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئىشلىرىمىزنى قىلىۋالىمىز.تاپشۇرۇق بەك كۆپ،ئىككى سائەتلىك مۇزاكىرە ۋاقتىدا ئىشلەپ بولۇش مۈمكىن ئەمەس،شۇڭا يانفونىمىز بارلار(ئوقۇغۇچىلار يانفونىنى مۇئەللىملەردىن يوشۇرۇنچە ئىشلىتىدۇ.ئاتا-ئانىلار بالىلىرىمىز بىلەن پات-پات ئالاقىلىشىپ تۇرۇشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئېلىپ بەرگەنىدۇق) يانفوننىڭ يورۇقىدا چالا قالغان تاپشۇرۇقنى ئىشلەيمىز.ئۇنىڭ ئۈستىگە قورساقنىڭ ئاچلىقى...ئانا،كەچلىك تاماقنى بەش-ئالتىلەر بىلەن يېگەندىن كېيىن مۇزاكىرىدىن چۈشۈپ ياتاققا كىرگۈچە قورساق ئېچىپ كېتىدىكەن،ياتاقتا يەيدىغان نەرسە بولمىغاندىكىن،بىرەرسىمىزنىڭ ئاغزى مىدىرلاپ بولغۇچە ھەممىمىز قاراپ بولىمىز.تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولۇپ،قانداق چاغدا ئۇخلاپ قالغىنىمىزنى بىلمەيمىز.ھە راست ئانا،خېلى كۈنلەر بولدى،سىزگە دېمىگەنىدىم.كۆزۈم قىزىرىپ،ئاغرىپ ئېچىشىۋاتىدۇ.بىر كۈن دەرسكە چىقالماي ياتتىم.تۇرمۇش مۇئەللىمىمىز دوختۇرخانىغا ئاچىقىپ كۆزگە تېمىتىدىغان دورا ئېلىپ بەرگەنىدى،شۇ دورىنى تېمىتىپ بېرىۋاتىمەن.بەزىدە ئۇنتۇپ قالىمەن،تېخىچە ساقايمىدى.دەپ بېقىڭە ئانا،بىكار ۋاقىت بارمىكەن؟ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قوشۇمچە پەنلەرنى پەقەتلا بىلمىدىم.ئەدەبىيات،تارىخ،ئىدىيە-ئەخلاق،بىئولوگىيە دېگەنگە ئوخشاش پەنلەرنى خەنزۇچە ئۆتكەندىكىن پەقەت بىلگىلى بولمايدىكەن.سىز بىلىسىز ئانا،مەن ئىلگىرى ئۇ پەنلەرنى تۈزۈك ئوقۇپ باقمىغان تۇرسام؟
قىزىمغا بىر-ئىككى ھەپتە ساقلاپ تۇرۇشنى،بۇ ئىشنى ئوبدانراق مەسلىھەتلىشىپ بىر تەرەپ قىلمىساق بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ خوشلاشتىم.لېكىن ئۇنىڭ كېيىنكى <<سىز بىلىسىز ئانا،مەن ئىلگىرى ئۇ پەنلەرنى تۈزۈك ئوقۇپ باقمىغان تۇرسام؟>>دېگەن سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەي مېنى بىئارام قىلىپ،چوڭقۇر ئويغا سالماقتا ئىدى...
راست،مائارىپىمىزدە نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىمىز،ئىچكى ئۆلكىلەردىكى تولۇق ئوتتۇرا ۋە رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭ سىنىپلىرىغا نۇقتىلىق تۈردىكى ھەقسىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى چىققاندىن بېرى ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت،شەھەر،ناھىيىلەردىكى مەكتەپلەرنىڭ نەتىجىسى ئاساسەن شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ماڭدۇرغان ئوقۇغۇچى سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەن ئۆلچىنىدىغان بولدى.ئوقۇغۇچىنى ئاز ماڭدۇرغان مەكتەپلەر ۋە ئۇلارنىڭ مۇدىرلىرى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ سۈرلۈك يىغىن زالىدا ھارغۇچە تەنقىدلىنىپ،كەسىپداشلىرى ئارىسىدا خىجىللىقتىن بېشىنى كۆتۈرەلمەي قېلىشتى.شۇنىڭ بىلەن بار ئامالنى قىلىپ شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى ماڭدۇرۇشنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلدى.جۈملىدىن يېزىمىزدىمۇ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ يوليورۇقى بويىچە <<قانداق تەدبىر قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر،شىنجاڭ سىنىپىغا ئوقۇغۇچى ماڭدۇرۇش>>پىلانى تۈزۈلۈپ،يېزىنى مەركەز قىلىپ بارلىق 5-يىللىق سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ئېلىندى.ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن 28سەرخىل ئوقۇغۇچى تەجرىبە سىنىپ قىلىپ تاللىۋېلىندى.بۇ ئوقۇغۈچىلار مەركىزىي مەكتەپتە ياتاقتا ياتقۇزۇلۇپ،ئىككى ۋاق ھەقسىز تاماق بىلەن تەمىنلەندى.بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچى،بىر خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى مەسئۇل قىلىپ بەلگىلەندى.ئۇلار مەكتەپنىڭ بارلىق مەشغۇلار ۋە پائالىيەتلىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلدى.مۇنداقچە ئېيتقاندا،بۇ ئىككى ئوقۇتقۇچىغا بۇ 28نەپەر ئوقۇغۇچى ھۆددە بېرىلدى.پىلانغا ئاساسەن ئۇلارغا <<ئاساسلىق پەن>>بولغان ماتېماتىكا بىلەن خەنزۇتىلى دەرسى پۈتۈن كۈن تولۇق ئۆتۈلىدىغان،<<قوشۇمچە پەن>>بولغان ئەدەبىيات،تارىخ،جەمئىيەت،تەبىئەت،ئۇيغۇرتىلى،تەنتەربىيە،رەسىم،مۇزىكا دەرسلىرى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن ۋاقتىنچە ئۆتۈلمەيدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.(چۈنكى رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى پەقەت خەنزۇتىلى ۋە ماتېماتىكا پېنىدىنلا ئېلىناتتى.)شۇنىڭدىن بېرى يېزا تەۋەسىدىكى بارلىق 5-يىللقتىن <<شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ،مېغىزىنى ئايرىۋېلىش>>ئۇسۇلى بويىچە تاللانغان بۇ 28نەپەر سەرخىل ئوقۇغۇچى كۈنبويى ماتېماتىكا،خەنزۇتىلى دەرسلىرىنى <<ئاساسلىق پەن،جانغا ئەسقاتىدىغان پەن>>دەپ تونۇپ،تەرەققىياتقا ماسلىشىش شامىلىدا<<مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى>>،<<يەككە پەنگە ئادەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى>> بويىچە تەجرىبە قىلىنىپ تەربىيىلىنىشكا باشلىدى.گەرچە بۇ خىل تەربىيىلەش ئۇسۇلىنىڭ تۈپتىن خاتا ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىپ تۇرساقمۇ،ھېچقايسىمىز ئېغىز ئېچىشقاپېتىنالمىدۇق.چۈنكى،كۆز-كۆز قىلىدىغان نەتىجە بولمىسا بولمايتتى...
بىز كۈتكەن دەندەبىلىك مىنۇتلار ئاخىر يېتىپ كېلىپ،بۇ 28سەرخىلنىڭ ئىچىدىن 14ئوقۇغۇچى يۇقۇرى نومۇر ئېلىپ ېايون ئىچىدىكى شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىندى.نوپۇسى 10مىڭغا ئاران يېتىدىغان ئالتە كەنتلىك بىر يېزىدىن 14 ئوقۇغۇچىنىڭ شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئۆتۈشى(يەنە كېلىپ ئەڭ يۇقۇرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىنىڭ يېزىمىزدىن چىقىشى)ناھىيەمىزدىكى رەھبەرلەرنى تاڭ قالدۇردى.شۇنىڭ بىلەن بۇ سىنىپنىڭ ئىككى مەسئۇلى ناھىيە،يېزا بويىچە ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن مۇكاپاتلىنىپ،ئوقۇتۇش ئۈلگىسى قىلىپ تىكلەندى.ئىش بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمەي،ناھىيەمىز تەۋەسىدىكى بارلىق باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى يىغىپ يېزىمىزدا <<تەجرىبە تونۇشتۇرۇش>>نەق مەيدان يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ،<<تەجرىبە>>تونۇشتۇرۇلدى.بۇ ئىككى نەپەر ئوقۇتقۇچى داڭلىق ئوقۇتقۇچى،بىلىملىك ئوقۇتقۇچى دەپ قارىلىپ،باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ گۈلتاجىغا ئايلاندى.
خوش،ئۇنداق بولسا ئۇلارنىڭ قولىدا تەربىيىلىنىپ ئۈرۈمچىنىڭ ھەر قايسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە تەسىس قىلىنغان شىنجاڭ سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان بۇ 14نەپەر سەرخىللارچۇ؟
ئۇلار يەنىلا ئۆزىنىڭ <<سەرخىل>>لىق،<<داڭلىق ئۇستازدىن يېتىلگەن ماھىر شاگىرت>>لىق ئورنىنى ساقلاپ <<نوچى>>بولۇپ مېڭىۋاتامدىغاندۇ؟ ناھىيە بويىچە ئەڭ يۇقۇرى نومۇر ئالغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇ يەردىكى ئۆگىنىش نەتىجىسىچۇ؟ تولىمۇ ئەپسۇس،ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئاساسەن قىزىم يۇقۇرىدا تېلېفوندا ئېيتقاندەك ئىدى.چۈنكى مېنىڭ قىزىم ئەنە شۇ 28سەرخىل ئىچىدىكى يۇقۇرى نومۇر بىلەن شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئۆتكەن 14سەرخىلنىڭ بىرى ئىدى...<<تارتىپ ئۆستۈرۈلگەن>>بۇ <<مايسا>>لارئۆستۈرۈلۈپ شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا بارغاندىن كېيىن ئومۇمىي پەن،قوشۇمچە پەن دەپ ئايرىمااي،ھەممە پەنلەرنى بىر-بىرىدىن مۇھىم دەپ ئۆتۈشتەك ئۆتكەلگە دۇچ كەلگەن.باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5-يىللىقىدىن تارتىپ يەككە پەنگە ئادەتلەندۈرۈلگەن بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئەدەبىيات،ئىدىيە-ئەخلاق،تارىخ،بىئولوگىيە،جۇغراپىيە،تەنتەربىيە،رەسىم قاتارلىق پەنلەرنىڭ بىراقلا خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلۈشى يېڭى تۇيۇلۇپ بېسىم ئېلىپ كەلگەن.راست ئەمەسمۇ؟ بۇ پەنلەردىكى كۆپ قىسىم ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچىسىنىمۇ بىلمەيدىغان بۇ ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئەلۋەتتە بېسىم ئېلىپ كېلىپ،ئۇلارنىڭ ھەقىقىي <<ماھىيىتى>>نى ئاشكارىلاپ قويىدۇدە! ئەگەر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇلارغا شۇ دەرسلىكلەر نورمال ئۆتۈلگەن بولسا ئىدى،ھېچبولمىسا سۇلالە،يەر قاتلىمى،ئىپادىلەش ئۇسۇلى،ئوبراز،سىدام سىزما...دېگەندەك ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى بىلىۋالغان،ئۇيغۇرچە مەنىسىگە ئاساسەن خەنزۇچە مەنىسىنىمۇ قىينالمايلا ئىگىلىۋالغان بولاتتى.ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە سولىشىپ،تارتىپ ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى چاندۇرمىغان،نوچىلىقىنى ساقلاپ ئوقۇشتىن رايى قايتمىغان بولاتتى...ئەمدى بۇنى كىمدىن كۆرىمىز؟ شۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىنمۇ؟ ھېلىقى ئىككى نەپەر ئوقۇتقۇچىدىنمۇ؟ ياكى مەكتەپ مۇدىرىدىنمۇ؟...شۇئان خىيالىمغا <<پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى>>دېگەن چۆچەكتىكى يوق كىيىمنى <<كىيىپ>>،يالىڭاچ ھالدا كوچىدا كېتىۋاتقان پادىشاھقا ۋەزىر-ۋۇزرالاردىن تارتىپ ئاددىي پۇقرالارغىچە: <<سەن ھازىر يالىڭاچ كېتىپ بارىسەن،ئۇچاڭدا كىيىم يوق،خەق سېنىڭ كىيىمىڭگە قارىمايۋاتىدۇ،بىر ئەلنىڭ ئاتىسى تۇرۇقلۇق چوڭ كوچىدا،شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا يالىڭاچ كېتىپ بارغىنىڭغا ئەجەبلىنىپ قاراۋاتىدۇ،سەن ئالداندىڭ>>دەيدىغان ئادەم چىقماي،ھەممىسى <<كىيىملىرى بەك يارىشىپتۇ،بەك چىرايلىق تىكىلىپتۇ،ئۇلار ھۈنەرگە ھەقىقەتەن ئۇستا ئىكەن>>دېيىشىۋاتقاندا،بىر كىچىك بالىنىڭ <<پادىشاھ ھېچنېمە كىيمەپتىغۇ؟>>دەپ ھەممىنى ئاشكارىلىۋەتكىنى كېلىپ قالدى.شۇ كىچىك بالا مېنىڭ قىزىممۇ نېمە؟ دەپ ئويلاپ قالدىم...
تەجرىبە سىنىپتىكى تەجرىبە قىلىنغان بۇ ئوقۇغۇچىلار يەككە پەن نەتىجىسىنىڭ يۇقۇرىلىقى بىلەن تەجرىبىدىن ئۆتتى-يۇ،ئۇنىۋېرسال ساپا،ئەتراپلىق يېتىلىش جەھەتتە تەجرىبىدىن ئۆتەلمىدى.بۇنداق مائارىپنىڭ نەتىجىسى قانداقمۇ كۆز-كۆز قىلىشقا ئەرزىسۇن؟ ئەزەلدىن مەكتەپنىڭ تۈزۈمى،ئۆگىنىش دېگەنلەرنى بېسىم ھېس قىلىپ باقمىغان،ئۆگىنىشتىن لەززەت ئېلىپ،ھەل قىلالمىغان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلغان ھامان شەكرەپ،خۇشال بولۇپ كېتىدىغان قىزىمنىڭ چوڭ ئادەملەردەك چوڭقۇر پىكىرلىك سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا،مۇشۇنداق كاللىسى سەگەك بىر پەرزەنتنى ئاتا قىلغان ئاللاغا كۆپلەپ ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ كېتەتتىم.لېكىن ئەمدىچۇ؟ ئەنە شۇنداق بىر بالىنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئارزۇ قىلغان مەكتەپكە بېرىپ پاسسىپ پىسخىكا بېسىمى تۈپەيلى ئوقۇشتىن رايى قايتىپ ئوقۇمايمەن،دەپ تۇرۇۋېلىشى مېنى ھەقىقەتەنمۇ باش قېتىنچىلىقىغا سېلىپ قويغانىدى.بالىسى شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇيدىغان تونۇشلار بىلەن ئەھۋاللاشتىم.ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ماڭا ئوخشاش دەردمەن ئىكەن.ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ تۈزۈمنىڭ چىڭلىقى،تاپشۇرۇقلىرىنىڭ كۆپلىكى،دەرسلىرىنىڭ بىر-بىرىدىن قىيىنلىقىدىن كۈندە دېگۈدەك قاقشايدىكەن.ھەتتا بىر تونۇشۇمنىڭ بالىسى گەرچە 9-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ،ھەر تەتىلدە كەلسە كەتكىلى ئۇنىماي،بىرسى ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كېلىۋېتىپتۇ.قارىغاندا،مېنىڭ دەردىم ئۇلارنىڭ دەردىگە ياماق بولالمىسا كېرەك.
كۆز ئالدىمىزدا رېئال مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان بۇ شىنجاڭ سىنىپلىرىغا بالا ماڭدۇرۇش ۋە شىنجاڭ سىنىپىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى،شۇنداقلا شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىق ساپاسى،پىسخىك ساپاسى ھەققىدىكى ئەندىشىلىك خىياللار مېنى بۇ ھەقتە مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشقا ئۈندىمەكتە ئىدى.مائارىپىمىزدىكى بۇ خىل <<مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش>>ئۇسۇلى زادى نورمال تەربىيەلەش ئۇسۇلىمۇ؟ بۇ خىل <<چىڭ تۇتۇپ تەربىيەلەش>>ئۇسۇلى بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىۋاتامدۇ ياكى ئۇلارنىڭ بالىلارچە خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتامدۇ؟ بىر-بىرىدىن قىيىن دەرسلىك،بىر-بىرىدىن كۆپ تاپشۇرۇقلار ئاستىغا بېسىلىپ قېلىۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ ھەييارلىق بىلەن قاراشلىرىنى غەم-ئەندىشە قاپلاپ،تايچاقتەك سەكرەشلىرىنىڭ ئورنىنى جىمىغۇرلۇق ئىگىلەپ،تۈمەنمىڭ غەم-قايغۇ ئىچىدە قالغان چوڭ ئادەملەردەك كۆرۈنۈشى نورمال پىسخىك ھالەتمۇ؟ 13-14-ياشلىق بالىنىڭ سەكرەپ ئوينايدىغان،ئاتا-ئانىسىغا،ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئەركىلەپ ئېسىلىدىغان،قىن-قىنىغا پاتماي قىيغىتىپ يۈرىدىغان مەزگىلىمۇ ياكى دۆۋە-دۆۋە تاپشۇرۇق ئاستىغا كۆمۈلۈپ،بېشىنى ئاران چىقىرىپ ئېغىر تىنىپ يۈرىدىغان مەزگىلىمۇ؟ مېنىڭچە،ھازىرقى نەتىجىنى دەپلا بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنى كۆرۈپ،يۈرەك پارىمىز بولغان بالىلىرىمىزنى بەك بالدۇر تۇرمۇش بېسىمى بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىقىمىز لازىم.ئىش نورمال بولغىنىدا مەسىلە چىقمايدۇ،چەكتىن سەل ئېشىپ كېتىدىكەن،ئەكس تەسىر بېرىپ،ئۇنداق ياكى مۇنداق مەسىلىلەر چىقىشى مۈمكىن.شۇڭا بالىلارنىڭ نورمال ساغلاملىق ساپاسى،پىسخىك ساپاسى ۋە ئەقلىي ساپاسىنى يېتىلدۈرۈشتە چوقۇم سەزگۈر بولۇشىمىز،ئۇلارغا ئوينايدىغان،ئارام ئالىدىغان بوش ۋاقىت بېرىشىمىز كېرەك.
دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا،ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلان پروگراممىسىدا (2010-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە):<<ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇق يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك.زىياە ئېغىر تاپشۇرۇق يۈكى بالىلار،ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە.ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكىنى يېنىكلىتىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى،ئۇنى ھۆكۈمەت،مەكتەپ،ئائىلە،جەمئىيەت ئورتاق تىرىشىپ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك.ئوقۇغۇچىلارنىڭ جانلىق،تېتىك ئۆگىنىشى ۋە ساغلام،خۇشال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇش،مەكتەپ سىرتى پائالىىيەت سورۇنلىرىنى قۇرۇش،باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيىتىنى بېيىتىش كېرەك.ئوقۇغۇچىلارغا جەمئىيەتنى چۈشىنىش،چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش،بەدەن چېنىقتۇرۇش،قول سېلىپ ئىشلەپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش،كۆڭۈل ئېچىشىغا ۋاقىت قالدۇرۇش،ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئىشتىياقى ۋە ھەۋىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك>>دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.دەرھەقىقەت،مائارىپ فاڭجېنىنى ئىجرا قىلىش ھەر بىر پۇقرانىڭ،جۈملىدىن ھەر بىر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ،ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدىغان ئەڭ ئاساسلىق مەجبۇرىيىتى.مائارىپ فاڭجېنىنىڭ ئومۇمىي نىشانىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ،ئەقلىي تەربىيەنى ئاساس قىلغان،ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇشنى مەركەز قىلغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى دۆلەتكە ۋە بارلىق خەلق ئاممىسىغا،كەلگۈسى ئەۋلادلارغا قىلىنغان ئاسىيلىق.
پىلان پىروگراممىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى تۈزگۈچىلەر ساۋ جۇڭيۈەن ئەپەندىنىڭ <<نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكمۇ ياكى ئەتراپلىق يېتىلىشكە>>دېگەن ماقالىسىدىكى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئەلىيۇلئەلا بولۇپ ئۆتكەن ئوقۇغۇچىنىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا گالۋاڭ سانىلىپ،قابىلىيەتسىزلىكى تۈپەيلى تېڭىرقاپ يۈرگەن كەچمىشلىرىنى ئاڭلاپ قالغان بولغىيمىدى؟دېگەن خىيالغا كېلىپ قالدىم.كۆز ئالدىمدا تارتىپ ئۆستۈرۈلگەنلىكى تۈپەيلى سولىشىپ قالغان قىزىم،ھېلىقى ئەلىيۇلئەلا ئوقۇغۇچى،پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىم كىيمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىۋەتكەن بالا،28سەرخىل ئوقۇغۇچىنى تاللىۋالغاندىن كېيىن شاللىنىپ قېلىپ،ئۈمچەيگىنىچە نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان نەچچە ئونلىغان ئوقۇغۇچى...قاتار تىزىلىپ،مەن قاتارلىق ئاتالمىش مائارىپچىلارغا مەسخىرە كۆزى بىلەن قاراپ مىيىقىدا كۈلۈۋاتقاندەك،<<جۈرئەتسىز ئالدامچىلار،سەنلەر ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلەر، نام -مەنپەئەت ئۈچۈن بالىلىرىڭنى ساتقۇچىلار،سەنلەر مائارىپچى ئەمەس،سېپى ئۆزىدىن مائاشچىلار>> دەۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ،پۈتۈن بەدىنىم شۈركىنىپ كەتتى.