باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1103 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تۇزلۇق قەھۋە (ھېكايە)
باتۇر بىر قېتىم ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق كۈندە ئۆلىدۇ.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6689
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 758
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە758دانە
ئۆسۈش: 6940 %
مۇنبەر پۇلى: 12657 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-24
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-30 23:45

تۇزلۇق قەھۋە (ھېكايە)


                                            كەڭساي مۇنازىرە مۇنبىرى
                                مۇكاپاتلىق تەرجىمە ئەسەر پائالىيىتى ئۈچۈن

                                                      تۇزلۇق قەھۋە
                                                        (ھېكايە)
 
    ئۇ قىز يىگىت بىلەن بىر ئولتۇرۇشتا تۇنۇشۇپ قالغان ئىدى، يىگىت قارىماققا ياخشى يىگىتتەك قىلاتتى. ئۇ كۈنى قىز ناھايىتى كۆپ يىگىتلەرنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى سەزدى. ئولتۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يىگىت قىزنى قەھۋە ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى.
    قىز ئولتۇرۇش جەريانىدا پەقەتلا دىققەت قىلمىغان بىرسىنىڭ تەكلىپىگە ھەيران قالدى لېكىن ئەدەپ يۈزىدىن يىگىتنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى ۋە دوخمۇشتىكى شىرىن قەھۋەخانىسىغا كېلىپ ئولتۇرۇشتى. يىگىت ئۇقەدەر ھاياجانلانغان ئىدىكى، يۈرۈگىنىڭ دۈپۈلدەپ سۇقۇشىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك نېمە دىيىشىنى بىلىلمەي ئولتۇرۇپ قالدى. يىگىتنىڭ بۇ ھالى قىزنىڭ كەيپىنى ئۇچۇردى ۋە ئەمدى كىتەي دەپ تۇرۇشىغا يىگىت كۈتكۈچىنى چاقىردى ۋە "ماڭا بىر ئاز تۇز بەرگەن بولسىڭىز" دېدى... "قەھۋەرىمگە قۇيماق ئۈچۈن".
    ھەتتا ياندىكىلەرمۇ ئەجەپلىنىش ئىچىدە يىگىتكە قارىدى ...قەھۋەگە تۇز.
    ياش يىگىت نومۇستىن قىزىرىپ كەتتى، تۇزنى قەھۋەسىگە تۆكتى ۋە ئارلاشتۇرۇپ ئىچىشكە باشلىدى. قىز ھەيرانلىق ئىچىدە "سىزنىڭ غەلىتە بىر ئادىتىڭىز بار ئىكەن" دېدى. ياش يىگىت ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، مەن كىچىك ۋاقتىمىزدا ئۆيىمىز دېڭىز ياقىسىدا ئىدى. ھەر كۈنى دېڭىز ياقىسىدا ئوينايتىم، دېڭىزنىڭ تۇزلۇق سۈيىنىڭ تەمى ھىچ بىر زامان ئاغزىمدىن كەتمىدى. مەن ئەنە شۇنداق چوڭ بولدۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن قەھۋەرىمگىمۇ تۇز قۇيۇپ ئىچىمەن. ھەر قېتىم بۇ تۇزلۇق تەمنى تېتىسام بالىلىق چاغلىرىمنى، دېڭىز ياقىسىدىكى ئۆيۈمىزنى ۋە بەخىتلىك ئائىلەمنى ئەسلەيمەن. دادام بىلەن ئاپام ھازىرمۇ ئۇ دېڭىز ياقىسىدا ياشايدۇ. مەن بەزەن ئۇلارنى بەكمۇ سېغىنىپ قالىمەن.
    يىگىتنىڭ بۇلارنى سۆزلەۋېتىپ كۆڭلى بوزۇلدى. قىز يىگىتنىڭ سۆزلىرىدىن بەكمۇ تەسىرلەنگەن ئىدى. كۆڭلىدىكىنى يۇشۇرماستىن سەمىمىيىتى بىلەن ئېيتىپ بەرگەن، ئائىلىسىنى سېغىنغان بىر كىشى ئائىلىسىنى ياخشى كۆرۈدىغان، ھۈرمەتلەيدىغان بىر كىشى ئىدى.
    قىزمۇ سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭمۇ ئائىلىسى يىراقتا ئىدى. بالىلىق دەۋرىنى، ئائىلىسىنى سۆزلەپ بەردى. يىگىت بىلەن قىزنىڭ سۆھبىتى بەكمۇ ياخشى، بەكمۇ شىرىن ئىدى... ئىككى ياشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزۈلمەس بىر رىشتە باغلاندى، توي قىلدى ۋە ھاياتلىرىنىڭ ئاخىرغىچە بەكمۇ بەخىتلىك ياشىدى. قىز قاچان قەھۋە دەملىسە يىگىتنىڭ قەھۋەسىگە بىر قۇشۇق تۇز قۇيۇپ بىرەتتى. ھاياتى بۇيىنچە شۇنداق قىلدى. چۈنكى يىگىت قەھۋەسىگە تۇز قۇيۇپ ئىچىشنى ياخشى كۆرەتتى. 40 يىلدىن كېيىن ئۇ كىشى دۇنيادىن ئايرىلدى. ئۆلۈمىدىن بۇرۇن ئايالىغا بىر پارچە خەت قالدۇردى ۋە ئۇ خەتنى ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇقۇشىنى ھاۋالە قىلدى.
    خەت شۇنداق يېزىلغان ئىدى:
    سۆيۈملۈكۈم، بىر تال گۈلۈم: ئۆتۈنۈپ قالاي مېنى ئەپۇ قىلغىن. پۈتۈن ھاياتىمىزنى بىر يالغاننىڭ ئۈستىگە قۇرغانلىغىمىز ئۈچۈن مېنى ئەپۇ قىل. مەن ساڭا ھاياتىمدا بىرلا قېتىم يالغان سۆزلۈدۈم، تۇزلۇق قەھۋەدە... تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان ۋاقتىمىزنى ئەسلىيەلەمسەن؟  مەن ئۇ ۋاقىتتا شۇنچىلىك ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدىمكى، شېكەر دىسەم ئاغزىمدىن تۇز چىقتى... سەن ۋە ھەممە ئادەم ماڭا قارىغان ئىدىڭلار. سۆزۈمنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان بولساممۇ ئىزا تارتقىنىمدىن ئۆزگەرتەلمەي سۆزۈمنى يالغان بويىچە داۋاملاشتۇردۇم. ھاياتىمىزنىڭ بۇ يالغاننىڭ ئۈستىگە قۇرۇلۇپ قېلىشىنى پەقەتلا ئويلىمىغان ئىدىم. مەن ساڭا ھاياتىمدا ئونلارچە قېتىم ھەقىقى ئەھۋالنى ئيتماقچى بولغان بولساممۇ سېنىڭ خاتا چۈشۈنۈپ قېلىشىڭدىن قورقۇپ ئېيتالمىدىم.
    ئەمدى ئۆلۈپ كىتىۋاتىمەن. قورقۇشۇمغا ھىچ بىر سەۋەپ يوق. ھەقىقى ئەھۋال مۇنداق- مەن تۇزلۇق قەھۋەنى ياخشى كۆرمەيمەن. ئۇ غەلىتە ۋە بەكمۇ يىرگىنىشلىك بىر خىل تەم. ئەمما سېنى تۇنۇغان ۋاقىتتىن ئىتىبارەن بۇ رەزىل قەھۋەنى ئىچتىم. لېكىن زەررە قەدەر پۇشايمان قىلمىدىم. سېنىڭ بىلەن بىرگە ياشاش ھاياتىمنىڭ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ خوشال ۋاقىتلىرى ئېدى. مەن بۇ خوشاللىقىم ئۈچۈن ئۆزەمنى تۇزلۇق قەھۋەگە قەرىزداردەك ھېس قىلىمەن. ئەگەر مەن دۇنياغا يېنە بىر قېتىم كەلسەم، ھاياتىمنى يېڭىدىن باشلىسام، سېنىڭ بىلەن يېڭىدىن تۇنۇشۇپ پۈتۈن ھاياتىمنى سېنىڭ بىلەن ئۆتكۈزەتتىم. ئىككىنچى بىر ھاياتىم بۇيىچە يەنە تۇزلۇق قەھۋە ئىچىشكە مەجبۇر بولساممۇ يېنىلا سېنى ياخشى كۆرىمەن.
    ياشىنىپ قالغان ئايالنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياش قولىدىكى خەتنى يۆل قىلىۋەتكەن ئېدى.
    ئارىدىن ئايلار ئۆتتى. بىر كۈنى ئايال خوشنىسى  بىلەن ئەھۋاللىشىپ قالدى. خوشنىسى تۇرۇپلا "تۇزلۇق قەھۋەنىڭ تەمى قانداق" دەپ سوراپ قالدى. قېرى ئايالنىڭ كۆزلىرى نەملەندى... "بەك تاتلىق" دېدى.
   
مەنبەسى: __http://www.yazilar.net/y/297/tuzlu_kahve

ھەقىقى دوستۇ سادىق گەر زەھەر سۇنسا شېكەر دەپ بىل،
مەگەر دۈشمەن ساڭا ئەپلەپ شەكەر سۇنسا زەھەر دەپ بىل.
زىيان يەتكۈزسە دوستۇڭ پايدا دەپ بىل كۆڭلى تۈز بولغاچ،
شۇنىڭدەك دۈشمىنىڭ گەر پايدا يەتكۈزسە زەھەر دەپ بىل.
...
بەزىدە سۈكۈتنىڭ ئۆزىمۇ ئالتۇن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7155
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 120 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-17
ئاخىرقى: 2012-05-06

ناھايتى ياخشى ھكايە ئىكەن!
رىئاللىق كىنوئەمەس،ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ.
ay pahlan
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3354
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 70
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە70دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 461 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2011-06-08
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-31 02:55

بۇ ھىكايە ھەم يۇمۇرلۇق ھەم تەسىرلىككەن. غەش بولغان كۆڭلۇمگە كۇلكە ئاتا قىلدى ....رەخمەت تىما ئىگىسىگە.