باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2301 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: سىرتتىن ئۈرۈمچىگە داۋالىنىشقا كېلىدىغانلار ئۈچۈن .....
دوستلىشىش
كۇرۇنمەس
ئاتالمغان ئەردىن ئاتالغان يەر ياخشې
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7489
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 125
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە125دانە
ئۆسۈش: 1740 %
مۇنبەر پۇلى: 2574 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-20
ئاخىرقى: 2011-07-12
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-29 22:34

سىرتتىن ئۈرۈمچىگە داۋالىنىشقا كېلىدىغانلار ئۈچۈن .....

رەسىم:
ئۈرۈمچى بىر مەركىزى شەھەر، ئۈرۈمچىنىڭ ياز پەسلى بەكمۇ چىرايلىق، ھەممە ياق ياپ يېشىل دەرەخ ۋە گۈللەرگە پۈركىنىدۇ،دۆڭكۆۋرۈك، خەلقئارا چوڭ بازار، ئۈرۈمچىنىڭ ئەتراپىدىكى بوغدا كۆلى، جەنۇبى تاغ مەنزىرىلىك جايلىرى، كىرىشى ھەقسىز بولغان باغچىلار، موزىيخانا، ھەقسىز باغچىلىرى ئۈرۈمچى ئاھالىلىرى ۋە سىرتتىن ئۈرۈمچىگە كەلگەنلەرنىڭ ئارام ئالىدىغان، كۈرۈپ كېلىشىگە ئەرزيىدىغان جايلىرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ئۈرۈمچىنىڭ بۇندىن باشقا يەنە بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى---بىر نەچچە دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش ئىشلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى باشقا شەھەر، ناھىيىلەرگە قارىغاندا ئىلغار ۋە سىستېمىلىق بولغانلىقىدا.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، سۇنىڭ بۇلغىنىشى، ئىستىمالنىڭ ئىلمى بولماسلىقى ۋە باشقا بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، شىنجاڭ ئىچىدە ھەر خىل كىسەللەرنىڭ، بۇلۇپمۇ ئۆسمە، راكقا ئوخشاش كىسەللەرنىڭ كۈرۈلىشى بارغانسىرى كەڭ ۋە كۆلىمى چوڭ بولماقتا...ئۇندىن باشقا باشقا ناھىيە ۋە شەھەرلەردىكى داۋالاش سىستېمىلىرىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، داۋالاش خادىملىرىنىڭ كەمچىل بۇلۇشى، دىئاگنوزنىڭ خاتا بۇلۇشىمۇ ئۈرۈمچىدىكى بىر نەچچە دوختۇرخانىلاردا كىسەللەرنىڭ كۆپ بۇلۇشىغا سەۋەب بولماقتا. چوڭ يەرنىڭ چوڭلىقى بار دىگەندەك نۇرغۇن كىسەللەر بۇ جايدا شىپا تاپماقتا، كىسەللەردىن خالى بۇلۇپ ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلماقتا...مەسىلەن: بىر دوستۇمنىڭ ئاپىسى جەنۇپتىكى بىر چوڭ شەھەردە كىسەل كۆرسەتكەندە ئۆپكە راكى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان، كېيىن، ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆپكە راكى ئەمەس، ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكى ئېىنقلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىمارنىڭ ئۆيدىكىلىرىنىڭ كۆڭلىمۇ جايىغا چۈشۈپ، ئۇھ دىيىشكەن؛ قۇتۇلۇش يولى دىگەن كىتاپتىكى سۇنۇق دىگەن ماقالىدا بىر نارەسىدە قىزنىڭ كاڭدىن يىقىلىپ كەتكەن بانا بىلەن پۇتىنىڭ سۇنۇپ كەتكەنلىكى، شۇ جەنۇپتىكى مەلۇم دوختۇرخانىدا كىسەلنى ناۋات بىلەن داۋالاپ، ئاخىرى قىزنىڭ پۇتىنىڭ ناكا بۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىدەك ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ؛ دوختۇرخانىنىڭ شۇ نارەسىدە قىزنىڭ سۇنۇق پۇتىنى ناۋات تېڭىپ، ناۋات بىلەن سۇنۇق داۋالىشى چىڭ سۇلالىسىمۇ ياكى مىڭ سۇلالىسىدىكى داۋالاشنى تەدبىقلاشمىش. مۇشۇ مەزمۇنلارنى ئوقۇغاندا ئادەمنىڭ قەلبى لەرزىگە كېلىدۇ، ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن شۇ مەسئۇليەتسىز دوختۇرخانا ۋە دوختۇرغا نەپرىتى قوزغىلىدۇ؛ بۇنداق ۋەقەلىك بەلكىم ئاز بولماسلىقى مۇمكىن، بۇ يەردە ھەممىنى تەكرارلاپ سۆزلەپ ئولتۇرمايمىز، ئەلۋەتتە، بۇ جەنۇپتىكى بارلىق دوختۇرخانا ۋە خادىملارنى شۇنداق دىگەنلىك ئەمەس، پەقەت بىز ئاز ساندىكى ۋىجدانىنى يوقاتقان، پۇل دىسە ئۆزىنىڭ ئانىسىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدىغان، سېتىۋېتىدىغان، ئۆزىنىڭ ئادىمىلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان، باشقىلارنىڭ ھاياتى بىلەن ئوينىشىدىغان، كەسپى ئەخلاقنى چۆرۈپ تاشلاپ، باشقا ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزىدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنى دىمەكچىمىز، مەن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مۇنداق بىر گەپ ئاڭلىغان ئىدىم،جەنۇپتىكى مەلۇم بىر ناھىيىدە شۇنداق ئىشلارمۇ بار ئىكەنكى، ھامىلدار ئاياللار قۇساقتىكى بالىنى ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇپ ئالغاندا، بەزى مەسئۇليەتسىز دوختۇرلار بىمارنىڭ ئوپىراتسىيەدىن كېيىنكى بالىياتقۇنى تىككەن ۋاقتىدا، ئېلىۋەتمىسىمۇ بولىدىغان يىپ ئىشلەتمەستىن ،چۇقۇم ئېلىۋىتىشكە تىگىشلىك يىپنى ئىشلەتكەن، بۇنىڭ بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشىگە ئەگىشىپ، تىككەن يىپ بالىياتقۇدا سېسىپ بىمارنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن، لېكىن، بۇلارنى سۈرۈشتۈرىدىغان ياكى شۇ بىمار دېھقان ئاياللارنىڭ گىپىنى ئاڭلايدىغانلار چىقمىغان، بۇنداق ئىنساپ قېلىپىدىن چىققان مەسئۇليەتسىز دوختۇرلار بەلكىم كېيىن ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر ۋىجدان ئازابىدا ئۆتىدىغانلىقىنى ئويلىمىسا كېرەك......
بىر سىمىز كىشى بار ئىدى، شۇ كىشى : '' ئەگەر مەن ئۈرۈمچىدە بولمىغان بولسام، ئاللىقاچان گۆرگە كىرىپ بولغان بولاتتىم''- دىگەن ئىدى، دىمەكچى بولغىنى ئۇ كىشىدە نۇرغۇن كىسەل بار بۇلۇپ، كىسەللىرىنىڭ كونتىرول قىلىنىشى ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانا ۋە داۋالاش خادىملىرىنىڭ تۆھپىسى ئىدى؛ ئاپام دىئابىت كىسىل بولغاچقا، 3 يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە داۋالىتىشقا توغرا كەلدى، ئاپامنىڭ بۇرۇن چىش ئاغرىقى بار ئىدى، چىش ئاغرىقى سەۋەبلىك نەچچە چىشىنى ئالدۇرۇپ، چىش سالدۇرغان ئىدى، ئۈرۈمچىدە دوختۇرخانىدا ياتقان چاغدا، دىئابىت كىسلىنى داۋالىتىشتىن باشقا چىشىنى داۋالاتتۇق، شۇ چاغدا يىشۆيەندىكى چىش دوختۇرى ئاپامغا سالغان يالغان چىشنى كۈرۈپ،« چىش داۋالاشتا بىز بۇنداق چىش داۋالاشنى كۆرمىگەن، بۇ قانداق چىش داۋالاش بولسۇن؟ » دەپ ئۆزىنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى ئىشداشلىرىنىڭ بۇ خىل داۋالىشىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلانغان ۋە ئېچىنغان ئىدى، شۇنداقلا ئىلمى ۋە تېخنىكىلىك ئۇسۇل بىلەن، ھەقىقى چىش دوختۇرىغا خاس سالاھىيەت ۋە كەسپى ئەخلاقى بىلەن ئاپامنىڭ كىسىلىنى شۇنداق ياخشى داۋالاپ قويغان ئىدى، شۇندىن بىرى بۇرۇنقى خاتا بولغان چىش داۋالاش سەۋەبلىك چىش بوشلۇقى پاكىز بولالمىغان ئاپامنىڭ چىش كىسىلى شۇنىڭ بىلەن شىپا تاپقان ئىدى، مەن بۇ يەردە شۇ چىش دوختۇرىغا ۋە بارلىق ياخشى نىيەتلىك، مەسئۇليەتچان دوختۇرلارغا ئالى ئېھتىرام ۋە سەمىمى سالام يوللايمەن.
ئەمدىكى مەخسەتكە كەلسەك،ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلەر داۋالاش سۇغۇرتسىغا قاتناشتۇرۇلغان، ئۇلار ئۆز نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جايدا يەنى داۋالاش سۇغۇرتىسى بىجىرىلگەن جايدا دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىشقا بولىدۇ. بەزى كىشىلەر، بىمارلار، بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدا ئەمەس، ئۈرۈمچىدە داۋالىنىشقا ياكى كىسىلىنى تەكشۈرۈتۈشكە كېلىدۇ.ھەممە ئادەمنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇققانلىرى ۋە دوستلىرىنىڭ بۇلۇشى ناتايىن، شۇنداق ۋاقىتتا ئادەم ئۆزىگە تايانماي بولمايدۇ.شۇڭا، سىرتتىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ كىسەل داۋالىتىدىغانلارغا پايدىسى بوپ قالار دىگەن نىيەتتە بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن، شۇلارغا زەررىچىلىك ياردىمىم تەگسە، ئەلۋەتتە بۇ مەن ئۈچۈن چوڭ خۇشاللىق ۋە ساۋاب تېپىشتۇر.
1. ھەرگىزمۇ دۈشەنبە كۈنىنى چۇقۇم ياخشى دوختۇر بولىدۇ، شۇ كۈنى كۈرۈنسەم چۇقۇم ياخشى مۇتەخەسسىكە كۈرۈنەلەيمەن دەپ ئويلاپ قالماڭ. چۈنكى، نۇرغۇن چوڭ دوختۇرخانىلار ئاممىغا قولايلىق كەلتۈرۈش ئۈچۈن، شەنبە كۈنىمۇ مەخسۇس مۇتەخەسىسلەرنى كىسەل قۇبۇل قىلىشقا ئۇرۇنلاشتۇرغان، دىمەك، سىز جۈمە كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ،شەنبە كۈنى ئەتىگەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، شەنبە ئەتىگەن سەھەردە ئۈرۈمچىگە چۈشۈپ، ئاچ قوساق دوختۇرخانىغا بېرىپ ، نۇمۇر ئېلىپ، مۇتەخەسىس بىلەن كۈرۈشۈپ، كىسىلىڭىزنى كۆرسىتەلەيسىز.( يەكشەنبە كۈنى مۇتەخەسىس بارمۇ يوقمۇ بۇنى بىلمەيدىكەنمەن.لېكىن،شەنبە كۈنى مۇتەخەسىس بار) .مەسىلەن، بۇ قېتىم بىر تۇنۇشىمىزنىڭ بىر تۇنۇشى يۇرتتىن كەپتۇ، كەلگەن ۋاقتى دەل دۈشەنبە ئىكەن، خەنزۇچىنى تازا ياخشى بىلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، شۇ تۇنۇشىمىزغا تېلفۇن قىلىپ، 2-دوختۇرخانىغا بىرگە بېرىشىنى ئىلتىماس قىپتۇ، لېكىن بۇ كۈنى دۈشەنبە كۈنى ھەم تۇنۇشىمىز ئۈرۈمچىگە 200 كىلومىتىر كېلىدىغان جايدا ئىدى، (شەنبە يەكشەنبە ئۈرۈمچىدە بىز بىلەن بىرگە ئىدى،)شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز بىزگە تېلفۇن قىلدى، بىراق، شەنبە يەكشەنبە دەم ئېلىپ،دۈشەنبە كۈنى يەنە رۇخسەت سورىسا، قايسى باشلىق خۇشال بولىدۇ دەيسىز. ئامالسىز قالدۇق،ئۆزى يالغۇز بېرىشقا مەجبۇر بولدى. ئەگەر شۇ كىشى شەنبە كۈنى كەلگەن بولسا، دەم ئېلىش كۈنى بولغاندىكىن دوختۇرخانىغا بېرىپ، ھاجىتىنى راۋان قىلار ئىدۇق، بىراق، ئىش كۈنى رۇخسەت ئېلىش، بۇلۇپمۇ،شەنبە يەكشەنبە دەم ئېلىپ، دۈشەنبە يەنە رۇخسەت ئېلىش، باشلىقنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، خىزمەت تېپىش تەس بۇلۇۋاتقان، خىزمەت بېسىمى ئېغىر بولىۋاتقان بۇنداق چاغدا، ھەممە ئادەم چۇقۇم خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشى، ئىش ۋاقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى،بۈگۈن سىز تىرىشىپ خىزمەت قىلمىسىڭىز، ئەتە سىز خىزمەت تېپىش ئۈچۈن پالاقلايسىز،دىگەن گەپ بار. ھەممە ئادەم قولىدىكى بەختنى قەدىرلىشى كېرەك.ناننى باشقىلارغا تارتتۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك. ..
2. ئۈرۈمچىكى يىشۈيەن،ئىككىنچى دوختۇرخانا، خۇاڭخې يولىدىكى جوڭيى دوختۇرخانىسى، مىللى تىبابەت دوختۇرخانىسى قاتارلىقلارغا كىسەل كۆرسەتكىلى كېلىدىغانلار ئاز ئەمەس،پەقەت ئۈرۈمچىدىنلا ئەمەس،سىرتتىن داۋالىنىشقا، تەكشۈرتۈشكە كەلگەنلەر ئاز بولمىغاچقا، ھەر بىر كۆزنەكتە بىر مۇنچە ۋاقىت ئوچىرەت تۇرۇپ قېلىش- بۇ تەبىئى ئەھۋال. بۇنداق ئەھۋالدا ھەرگىز تېرىكمەڭ، چۈنكى، ئوچىرەت تۇرۇپ،سەۋرچانلىق بىلەن باشقىلارنىڭ نۆۋىتىنى ئېلىۋالماستىن، ساقلاشمۇ بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىسى.ئىشىنىڭكى سىزگە چۇقۇم نۆۋەت كىلىدۇ، پۇرسەت كىلىدۇ، داۋالىنىش، تەكشۈرتۈش نۆۋىتى چۇقۇم كېلىدۇ.شۇنىڭغا بەك تىت تىت بۇلۇپ كەتمەڭ، جىددىلەشمەڭ، ئاچچىقلانماڭ.
3. نۇرغۇن دوختۇرخانىلاردا ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ئۈسكىنىسى ئورنىتىلغان بولغاچقا، سىز يېنىڭىزدا نەق پۇل ئېلىپ يۈرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، نۇرغۇن پۇل ئېلىش كۆزنەكلىرىدە بانكا كارتىسى بىلەن پۇل تاپشۇرغىلى بولىدۇ. نۇمۇر ئالغاندا ئىككى يۈئەندىن 10 يۈئەنگىچە ھەق تۆلىنىدۇ، بۇنچىلىك نەق پۇل ئىشىنىمەنكى سىزنىڭ ھەميانىڭىزدا بار، ئىشقىلىپ، ئۈرۈمچىدە 100 يۈئەندىن ئارتۇق نەق پۇل ئېلىپ يۈرمەڭ، ئېشىپ كەتسە 300 يۈئەن ياندا ئېلىپ يۈرۈڭ،بولمىسا، ئۇندىن ئارتۇق نەق پۇلنى ھەميانغا سېلىۋالماڭ، ئۈرۈمچىدە نۇرغۇن سودا ساراي، تاللا بازارلىرىدا،دورا دۇكانلىرىدا ئوخشاشلا بانكا كارتىسىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ، پەقەت سىز شۇ كارتىنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى بىلسىڭىزلا،نەق پۇل يوق شارائىتتىمۇ بىر نەرسە سېتىۋالالايىسز، شۇنداقلا، بۇنداق ئىستىمال قىلسىڭىز، سىزدىن رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ،( پەقەت ، نەق پۇل ئالغاندىلا 100 كويغا بىر كوي رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدۇ ،) نەگىلا بارسىڭىز سىز ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ئۈسكىنسىنى بايقايسىز. نەچچە مىڭ يۈئەننى يانچۇققا سېلىپ، مەيدىنى تومپايتىپ، يانچۇقچى -ئوغرىنىڭ نەپسىنى تاقىلداتقىچە، پۇلنى يۈتتۈرۈپ، ئاھ-ۋاھ دەپ يۈرگۈچە، بانكا كارتىدا ساقلىسىڭىز بۇ سىز ئۈچۈن بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك. ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ئۈسكىنىسدە سىز 100 يۈئەنگە بىر يۈئەن رەسمىيەت ھەققى تۆلىگىنىڭىز بىلەن كۆڭلىڭىز توق تۇرىدۇ، ئوغرى يالغانچىدىن ھەزەر ئەيلەڭ. ھەرگىزمۇ بۇ مۇنداق ھەرەم دوللىرى دىگەندەك يالغان ياۋىداق گەپلەرگە ئىشىنىپ، ئۇلارنى سېتىۋېلىپ يۈرمەڭ، ھۇشيار بۇلۇڭ،چۈنكى،سىز جوڭگودا، جوڭگو زىمىنىدا، جوڭگو زىمىنىدا سىزگە ئەسقاتىدىغىنى سىز ئىشلىتەلەيدىغان پۇل ---خەلق پۇلى، ماۋزېدوڭنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن پۇل. قالغان بارلىق ھەر خىل رەڭدىكى پۇل سىزگە لازىم بولمايدۇ.
4. ھەرگىزمۇ قالايمىقان دورا سېتىۋالماڭ. دوختۇر يېزىپ بەرگەن دورىنى سېتىۋېلىڭ، ھەرگىزمۇ دورىخانىدىن مۇنداق كىسىلىم بار ئىدى، ماڭا دورا تۇنۇشتۇرغان بولسىڭىز دەپ، دورىخانىدىكى خادىملاردىن قالايمىغان دورا سېتىۋالماڭ، بولمىسا، بىر مۇنچە پۇلغا قۇيۇلىشىڭىز مۇمكىن، قالايمىغان دورا يىيىش سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ، بەدەن سىزنىڭكى، بەدەننى ئاسراش سىزنىڭ ھۇقۇقىڭىز. بەدەننى ئاسراشتا سىزنىڭ بۇرچىڭىز بار.
5. ئىسىڭىزدە بولسۇن، 118114 ، بۇ بەكمۇ قولايلىق نومۇر، سىز بۇ نومۇر ئارقىلىق ھەر قانداق دوختۇرخانا، مېھمانخانا، مەكتەپ، ئىدارە ئورگان قاتارلىقلارنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى بىلەلەيسىز.ئايرۇپىلان بىلىتى زاكاس قىلالايسىز،ئەگەر جەنۇپتىن كەلگەن بولسىڭىز، جەنۇبى شەھەر ئەتراپى يۇلۇچىلار بېكىتىنىڭ تېلفۇن نۇمۇرنى سۈرۈشتۈرۈپ(0991-2866635)، مەلۇم شەھەر ياكى ناھىيىگە بارىدىغان ماشىنا بار-يوقلىغىنى، قاچان سائەت نەچچىدە ماڭىدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، بىلەلەيسىز، بۇ ئەلۋەتتە ئاتايىتەن شۇ جايغا بېرىپ، سۈرۈشتۈرگەندىن كۆپ قولايلىق ۋە ۋاقىت تېجەيدۇ. تېلفۇن ھەققى قىممەت ئەمەس، مىنۇتى ئىككى موچەن. ئالدىنقى قېتىم مۇشۇ نۇمۇر ئارقىلىق دوستۇمنىڭ ئانىسى يۇرتتىن كسەل كۆرسەتكىلى كەلگەندە ، بىز باشقا دوختۇرخانىلارنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى سۈرۈشتۈرۈپ، مەلۇم بىر بۈلۈمدە كارۋاتنىڭ بار-يوقلىغىنى سۈرۈشتۈرگەن ئىدۇق، دىمەك، تېلفۇندىن ئىبارەت بۇ ئالاقىلىشىش قورالىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ، كاللا ئىشلىتىڭ، بىزدە «كاللا ئىشلمىسە ، پۇت-قولغا ئارام يوق» دەپ بىكار ئېيتمىغان.
6. قىسقىسى ئۈزىڭىزگە ئىشىنىڭ، كۆپرەك كاللا ئىشلىتىڭ، ھۇشيار بۇلۇڭ، بىرەر جاينى بىلمىسڭىز، 10-20 يۈئەننىڭ مەرىدىن كېچىپ، تاكسىغا چىقىشنى ھەم بىلىڭ، بۇنداق قىلسىڭىز، ھەم ۋاقىتتىن ئۇتالايسىز، ۋاقىتنى تېجەپ، ئىشلىرىڭىزنى تىز بېجىرىشىڭىزگە قولايلىق...

7. پۇل ئېلىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىدا پۇل ئېلىۋاتقاندا، ماشىنىدىن چۈشكىچە ياكى چىققۇچە ھەرگىزمۇ تېلفۇن بىلەن سۆزلەشمەڭ. تېلفۇن كەلسىمۇ، سەل تۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن بەش مىنۇتتىن كېيىن ئۇراي دەڭ، سەۋەبى، سىز شۇ تېلفۇننى ئالىمەن دەپ، پۇلنى ئېلىپ كارتىنى ئۇنتۇپ قېلىشىڭىز ، ماشىنىغا چىقىمەن دەپ، پورتمالنى ياكى باشقا نەرسىنى ئۇنتۇپ قېلىشىڭىز ياكى ئوغرىغا بېرىپ قويۇشىڭىز مۇمكىن، ئىشقىلىپ، ئادەم ئۆزىگە پىششىق بولغانغا يەتمەيدۇ.
ھەممىمىزگە سالامەتلىك، خاتىرجەملىك يار بولسۇن.

مەنبە: ئۆزەم
يوللىغۇچى: بارماقلىرىم..

ئەسكەرتىش: مەن دوختۇرمۇ ئەمەس، دوختۇرخانىلارنى تەشۋىق قىلىش ئويۇممۇ يوق،بۇ ئېلانمۇ ئەمەس،
پەقەت سىرتتىن ئۈرۈمچىگە داۋالىنىشقا كېلىدىغانلارغا قولايلىق بۇلۇشى ئۈچۈنلا يوللىغان تېما، پەقەت ئويلىغانلىرىمنىلا يازدىم، شۇڭا ئارتۇقچە ئويلىنىپ كەتمەڭ، شۇ كىسەل داۋالاتقىلى كېلىدىغانلارغا ئازراق پايدىسى تەگسىلا ،مەن ئۈچۈن شۇ كۇپايە..



باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+3(general) ئەھمىيەتلىك
  • توشقاندەك يۇز كۇن ياشغچە ،يولۋستەك بىر كۇن ياشا.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7628
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 50
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە50دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 500 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-05-28
    ئاخىرقى: 2011-07-09

    بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ.بىر بىرىدىن ئورۇنلۇق گەپلەر.چوقۇم نۇرغۇن دوسلىرىمىزغا پايدىسى بار.
    ئاللاغا مىڭ شۈكرى!
    بەزىدە سۈكۈتنىڭ ئۆزىمۇ ئالتۇن
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7155
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 12
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 120 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-04-17
    ئاخىرقى: 2011-07-17
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-30 01:23

    راس ئۇرۇمچىدە يىنىڭىزغا ھەرگىزمۇ 300يۇەن دىن ئارتۇق پۇلنى يىنىڭىزغا سالماڭ،ھەممە يەردە كارتا سۇركەش ماشىنىسى بار ،بەكمۇ قولاللىق،ئوتكەن ئاي مەن ئازراق مۇلازىمەت ھەققىدىن قىچىپ يىنىمغا كوپرەك  نەخ پۇل ئىلىۋاپتىمەن ،چۇشۇپ ئەتىسلا پورتمالىمدىن ئايرىلدىم،تۇگمىنى دەپ توگىدىن قۇرۇق قالدىم!!!!!!     
    رىئاللىق كىنوئەمەس،ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ.
    bilig
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1126
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 491
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە491دانە
    ئۆسۈش: 1170 %
    مۇنبەر پۇلى: 5764 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-23
    ئاخىرقى: 2011-07-15
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-30 03:34

    خاتىرجەم بۇلۇڭلار ئۇرۇمچىدە ئوغرى يوق
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7656
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 2
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-05-29
    ئاخىرقى: 2011-05-30
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-30 12:20

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى bilig نىڭ 2011-05-30 03:34 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    خاتىرجەم بۇلۇڭلار ئۇرۇمچىدە ئوغرى يوق

    راست دەيسىز.شۇڭا ھىلى قويغان ،ھىلى يوق.
    ئامانشاھ
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 932
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە932دانە
    ئۆسۈش: 1050 %
    مۇنبەر پۇلى: 10125 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-15
    ئاخىرقى: 2011-07-16
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-31 15:01

    4-قەۋەت (ئاھۇ0999) نىڭ يازمىسىغا

    قىزىقدە سىلەر  ھى ھى ھى...
    پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
    ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
    mp3
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1676
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 66
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە66دانە
    ئۆسۈش: 30 %
    مۇنبەر پۇلى: 680 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-08
    ئاخىرقى: 2011-05-31
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-31 22:20

    ئۈرۈمچىدە .ئوغرى يوق،ھازىر قويغان  ھازىر يوق
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1197
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 155
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە155دانە
    ئۆسۈش: 30 %
    مۇنبەر پۇلى: 1610 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-26
    ئاخىرقى: 2011-07-16
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-01 22:19

    ئەتراپلىق  ئىنچىكە ئويلايسز ! ئەجىرىڭىزگە رەھمەت.
    xahadat
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 108
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 2
    ئومۇمىي يازما: 120
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە120دانە
    ئۆسۈش: 1190 %
    مۇنبەر پۇلى: 1675 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-02
    ئاخىرقى: 2011-07-15
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-03 09:21

     بۇرۇنراق   كۆرگەن بولسامچۇ ،بۇ تىمىنى كېچىكىپ كۆرۇپتىمەن،بىلمىگەنلەرگە راسلا تەسكەن.4 كۇندە ئاران تەكشۇرتۇپ نەتىجىنى
    ئاپتىمەن.ئوچىرەتتىن . بەكلا 
    دوستلىشىش
    dulbarqin310
    ئاللاھ خالىسا كۈلۈپ ياشايمەن.
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 377
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە377دانە
    ئۆسۈش: 330 %
    مۇنبەر پۇلى: 4006 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-31
    ئاخىرقى: 2011-07-16
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-04 20:49

    بۇ تېمىغۇ بەك ياخشىكەن ، لېكىن بۇ ئىنكاسلارمۇ بوش ئەمەسكەن ھە، ھى ھى ھى....
    دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
    ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.