باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2538 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: شەيىخ ئالبانى رەھىمەھۇللەنىڭ قىسقىچە ۋەسىيتى
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 29 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-27 22:06

شەيىخ ئالبانى رەھىمەھۇللەنىڭ قىسقىچە ۋەسىيتى

شەيىخ ئالبانى رەھىمەھۇللەنىڭ قىسقىچە ۋەسىيتى
ئاسماننىڭ ئاستىدا مۇھەممەد ناسىرۇددىينى ئالبانىيغا ئوخشاش ھەدىس ئىلمىغا ئالىم كىشىلەرنى كۆرمىدىم ـ(ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللە)
ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللەتىن رەسۇلۇللەنىڭ «ئاللاھ ھەر 100يىلدا مۇشۇ ئۇممەتكە دىنىنى يىڭىلايدىغان بىر كىشىنى ئەۋەتىدۇ» دىگەن ھەدىسنى ئوقۇپ ‹مۇشۇ ئەسىردە دىننىي يىڭىلايدىغان كىشى كىمدۇ؟› دەپ سۇرالغاندا ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللە: مەن ھەر 100 يىلدا دىننى يىڭىلايدىغان كىشىنىڭ مۇھەممەد ناسىرۇددىينى ئالبانىي دەپ ئويلايمەن. توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر. دەپ جاۋاپ بەرگەن.

پەقىھ ئەللامەھ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دەيدۇ.
«مەن مۇھەممەد ناسىرۇددىينى ئالبانىينى مىنىڭ ئىجتىمائىي سورۇنلاردىكى دوسلۇرۇمنىڭ قاتارىدىن دەپ بىلەتتىم. ئۇ مەيلى ئەقىدىدە بولسۇن ياكى ئەمەلدە بولسۇن سۈننەتكە ئەمەل قىلىشقا بەكلا ھىرىسمەن ئىدى. بىدئەتكە ئۇچۇق جەڭ ئىلان قىلاتتى...

مەن داڭلىق مۇھەددىس،ھەدىس ساھاسىدە پۇتۇن دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملىرىنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئىرىشكەن، نۇرغۇنلىغان ئىللەتلىك ھەدىسلەرنى تەكشۇرۇپ بىكىتىپ چىققان ئەللامە مۇھەممەد ناسىرۇددىينى ئالبانىي رەھىمەھۇللەنىڭ ۋاپات بۇلۇپ كىتىشتىن ئىلگىركى قىسقىغىنە ۋەسىيتىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن.

«1.مەن ئايالىمغا،بالىلىرىمغا،مىنى ياخشى كۆرىدىغان بارلىق دوسلۇرۇمغا شۇنى ۋەسىيەت قىلىمەنكى ئەگەر مىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىمنى ئاڭلىساڭلار ماڭا رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىڭلار. ۋاقىراپ يۇقرى ئاۋازدا يىغلاشماڭلار.
2.مىنىڭ يېقىن قوشنىلىرىمغا ۋە قېرىنداشلىرىمغا كىلىشكە قادىر بۇلالايدىغانلارغىلا خەۋەر قىلىپ مىنى دەفنە قىلىڭلار. مىنى يېقىن قوشنام ۋە يېقىن دوستۇم ئەبۇ ئابدۇللاھ غۇسلى قىلسۇن.
3.مىنى مەن ۋاپات بولغان جايغا يېقىن بىر ئۇرۇنغا دەفنە قىلىڭلار. مىنىڭ مىيتىمنى باشقىلارغا كۇتۇرتۇپ ئېغىرچىلىق سالماي ماشنا بىلەن قەبرىستانلىققا ئېلىپ كىتىڭلار. مىيىت نامىزى ئۈچۈن نامازغا كەلگەنلەرمۇ ھەم ماشنىدا بارسۇن. مىنىڭ مىيتىمنى كونا قەبرىستانلىققا قۇيۇڭلار.
مىنىڭ بالىلىرىمنىڭ ۋە باشقا دوسلۇرۇمنىڭ يۇرت ئىچىدە بولغانلىرىغىلا خەۋەر قىلىڭلار. شەھەر سىرتىدىكىلەرگە خەۋەر قىلماڭلار.ئۇلار مىنىڭ جىنازە نامىزىمنىڭ كىچىكتۇرلۇپ ئوقۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بۇپ قالمىسۇن.
مەن مىنىڭ يازمىلىرىمنىڭ ھەممىسىنى مەيلى سۈرەتلىك بولسۇن مەيلى خەتلىك بولسۇن مەيلى نەشىر قىلىنغان بولسۇن مەيلى نەشىر قىلىنمىغان بولسۇن ھەممىسى مەدىنە مۇنەۋۋەردىكى ئىسلام ئۇنۋېرستىتىغا مەنسۇپ بولسۇن.
شەيىخ 1999.يىلى ئۆكتەبىرنىڭ بىر شەنبە كۇنىسى ۋاپات بولدى. خۇپتەن نامىزىدىن كىيىن دەفنە قىلىندى.
دەفنە قىلىنشقا ئىككى ئىش سەۋەبلىك ئالدىردى.
1.شەيىخنىڭ ۋەسيىتىنى ئۇرۇنداش ئۈچۈن دەفنە قىىشقا ئالدىردى.
2. شەيىخ ۋاپات بۇلۇپ كەتكەن كۇنلەر ئىسسىق قاتتىق بۇلىدىغان كۇنلەرگە توغرا كەلگەچ  كىچىكتۇرسە مىيىتقا بەزى ئەزىيەتلەرنىڭ يىتىپ قېلىپ ئىنسانلارغا زەرەر يىتىشىدىن ئەنسىرەپ تىزلا دەفنە قىلىۋەتتى.
تەييارلىغۇچى: ھەمزە
ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى،بىغەملىك ھايۋاننىڭ&a ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7385
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 107
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە107دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 1275 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-14
ئاخىرقى: 2011-06-29
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-28 13:51

ئەلبانىي رەھمەھۇللاھنىڭ ھەدىس ئىلمىگە سىڭدۇرگەن ئەجىر ئەمگىكى ھەقىقەتەن زور.ئىجتىھادلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىمىز تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان " مىشكاتۇل مەسابىھ" مۇ بەكلا ياخشى چىقىپتۇ. تورداشلارغا ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن!
ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.
http://muttakiyn.blogbus.com/