查看完整版本: [-- شەيىخ ئالبانى رەھىمەھۇللەنىڭ قىسقىچە ۋەسىيتى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> شەيىخ ئالبانى رەھىمەھۇللەنىڭ قىسقىچە ۋەسىيتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھەمزە 2011-05-27 22:06
شەيىخ ئالبانى رەھىمەھۇللەنىڭ قىسقىچە ۋەسىيتى
ئاسماننىڭ ئاستىدا مۇھەممەد ناسىرۇددىينى ئالبانىيغا ئوخشاش ھەدىس ئىلمىغا ئالىم كىشىلەرنى كۆرمىدىم ـ(ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللە)
ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللەتىن رەسۇلۇللەنىڭ «ئاللاھ ھەر 100يىلدا مۇشۇ ئۇممەتكە دىنىنى يىڭىلايدىغان بىر كىشىنى ئەۋەتىدۇ» دىگەن ھەدىسنى ئوقۇپ ‹مۇشۇ ئەسىردە دىننىي يىڭىلايدىغان كىشى كىمدۇ؟› دەپ سۇرالغاندا ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللە: مەن ھەر 100 يىلدا دىننى يىڭىلايدىغان كىشىنىڭ مۇھەممەد ناسىرۇددىينى ئالبانىي دەپ ئويلايمەن. توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر. دەپ جاۋاپ بەرگەن.

پەقىھ ئەللامەھ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دەيدۇ.
«مەن مۇھەممەد ناسىرۇددىينى ئالبانىينى مىنىڭ ئىجتىمائىي سورۇنلاردىكى دوسلۇرۇمنىڭ قاتارىدىن دەپ بىلەتتىم. ئۇ مەيلى ئەقىدىدە بولسۇن ياكى ئەمەلدە بولسۇن سۈننەتكە ئەمەل قىلىشقا بەكلا ھىرىسمەن ئىدى. بىدئەتكە ئۇچۇق جەڭ ئىلان قىلاتتى...

مەن داڭلىق مۇھەددىس،ھەدىس ساھاسىدە پۇتۇن دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملىرىنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئىرىشكەن، نۇرغۇنلىغان ئىللەتلىك ھەدىسلەرنى تەكشۇرۇپ بىكىتىپ چىققان ئەللامە مۇھەممەد ناسىرۇددىينى ئالبانىي رەھىمەھۇللەنىڭ ۋاپات بۇلۇپ كىتىشتىن ئىلگىركى قىسقىغىنە ۋەسىيتىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن.

«1.مەن ئايالىمغا،بالىلىرىمغا،مىنى ياخشى كۆرىدىغان بارلىق دوسلۇرۇمغا شۇنى ۋەسىيەت قىلىمەنكى ئەگەر مىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىمنى ئاڭلىساڭلار ماڭا رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىڭلار. ۋاقىراپ يۇقرى ئاۋازدا يىغلاشماڭلار.
2.مىنىڭ يېقىن قوشنىلىرىمغا ۋە قېرىنداشلىرىمغا كىلىشكە قادىر بۇلالايدىغانلارغىلا خەۋەر قىلىپ مىنى دەفنە قىلىڭلار. مىنى يېقىن قوشنام ۋە يېقىن دوستۇم ئەبۇ ئابدۇللاھ غۇسلى قىلسۇن.
3.مىنى مەن ۋاپات بولغان جايغا يېقىن بىر ئۇرۇنغا دەفنە قىلىڭلار. مىنىڭ مىيتىمنى باشقىلارغا كۇتۇرتۇپ ئېغىرچىلىق سالماي ماشنا بىلەن قەبرىستانلىققا ئېلىپ كىتىڭلار. مىيىت نامىزى ئۈچۈن نامازغا كەلگەنلەرمۇ ھەم ماشنىدا بارسۇن. مىنىڭ مىيتىمنى كونا قەبرىستانلىققا قۇيۇڭلار.
مىنىڭ بالىلىرىمنىڭ ۋە باشقا دوسلۇرۇمنىڭ يۇرت ئىچىدە بولغانلىرىغىلا خەۋەر قىلىڭلار. شەھەر سىرتىدىكىلەرگە خەۋەر قىلماڭلار.ئۇلار مىنىڭ جىنازە نامىزىمنىڭ كىچىكتۇرلۇپ ئوقۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بۇپ قالمىسۇن.
مەن مىنىڭ يازمىلىرىمنىڭ ھەممىسىنى مەيلى سۈرەتلىك بولسۇن مەيلى خەتلىك بولسۇن مەيلى نەشىر قىلىنغان بولسۇن مەيلى نەشىر قىلىنمىغان بولسۇن ھەممىسى مەدىنە مۇنەۋۋەردىكى ئىسلام ئۇنۋېرستىتىغا مەنسۇپ بولسۇن.
شەيىخ 1999.يىلى ئۆكتەبىرنىڭ بىر شەنبە كۇنىسى ۋاپات بولدى. خۇپتەن نامىزىدىن كىيىن دەفنە قىلىندى.
دەفنە قىلىنشقا ئىككى ئىش سەۋەبلىك ئالدىردى.
1.شەيىخنىڭ ۋەسيىتىنى ئۇرۇنداش ئۈچۈن دەفنە قىىشقا ئالدىردى.
2. شەيىخ ۋاپات بۇلۇپ كەتكەن كۇنلەر ئىسسىق قاتتىق بۇلىدىغان كۇنلەرگە توغرا كەلگەچ  كىچىكتۇرسە مىيىتقا بەزى ئەزىيەتلەرنىڭ يىتىپ قېلىپ ئىنسانلارغا زەرەر يىتىشىدىن ئەنسىرەپ تىزلا دەفنە قىلىۋەتتى.
تەييارلىغۇچى: ھەمزە

samanyoli 2011-05-27 22:47
ئاللا رەھمەت قىلسۇن بۇ كىشىگە،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

uhibbu 2011-05-27 23:57
اللە شەيخ ئەلبانىغا رەھمەت قىلسۇن! ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن شەيىخ ئاببادقىمۇ قېرىلىق يەتتى. پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدن كەلگەن كىشىلەر شەيخ ئابباد ئاشۇمۇ دەپ سورىشىدۇ. شەي ئاببادنىڭ دەرسىنى ئاڭلاش ئۇچۈن پەيغەمبەر مەسجىدىدە مۇسۇلمانلىرىمىز نەچچە سائەت ئاۋۋال كىلىپ ساقلاپ تۇرىدۇ.

شەيخ ئابباد ساھابىلەرنى خۇددى ئۆزىنىڭ خوشنىسىدەك ياخشى سۈپەتلەپ،  سۆزلەپ بىرىدۇ. ئاڭلىغان كىشى ھەيران قالىدۇكى، خۇددى ئۆز بۇرادىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ!

شەيخ ئاببادقىمۇ اللە رەھمەت قىلسۇن، بىچارە بوۋاي ھازىر چاقلىق ئورۇندۇققا قالدى! ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇرراززاقمۇ كاتتا ئالىم بولۇپ يىتىشىپ چىقتى! بىر ئائىلىدىن ئىككى ئالىم چىقماق دىگەن ئالاھىدە كاتتا نېمەت!


شەيخ ئاببادنىڭ قىلىۋاتقان ساۋابلىق ئىشلىرىغا ھەتتا سەئۇدى ھۆكۈمىتىمۇ خىجىل بولىدۇ! اللە رەھمەت قىلسۇن!

saifulla 2011-05-27 23:59
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن..ناھايىتى يىغىنچاق قىلىپ يوللۇنۇپتۇ،    لىكىن بەزىبىر كىشىلەر بۇئالىمغىمۇ قالپاق كەيدۈرەمدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن قاراڭ.  

pigan 2011-05-28 02:20
(شەيىخ ئالبانى غا ئاللا رەھمەت قىلسۇن )مۇشۇتىمىنى يوللىغان قىرىندىشىم ھەمزىگىمۇ ئاللا رەھمەت قىلسۇن

ھەمزە 2011-05-28 10:13
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى uhibbu نىڭ 2011-05-27 23:57 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
اللە شەيخ ئەلبانىغا رەھمەت قىلسۇن! ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن شەيىخ ئاببادقىمۇ قېرىلىق يەتتى. پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدن كەلگەن كىشىلەر شەيخ ئابباد ئاشۇمۇ دەپ سورىشىدۇ. شەي ئاببادنىڭ دەرسىنى ئاڭلاش ئۇچۈن پەيغەمبەر مەسجىدىدە مۇسۇلمانلىرىمىز نەچچە سائەت ئاۋۋال كىلىپ ساقلاپ تۇرىدۇ.

شەيخ ئابباد ساھابىلەرنى خۇددى ئۆزىنىڭ خوشنىسىدەك ياخشى سۈپەتلەپ،  سۆزلەپ بىرىدۇ. ئاڭلىغان كىشى ھەيران قالىدۇكى، خۇددى ئۆز بۇرادىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ!

شەيخ ئاببادقىمۇ اللە رەھمەت قىلسۇن، بىچارە بوۋاي ھازىر چاقلىق ئورۇندۇققا قالدى! ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇرراززاقمۇ كاتتا ئالىم بولۇپ يىتىشىپ چىقتى! بىر ئائىلىدىن ئىككى ئالىم چىقماق دىگەن ئالاھىدە كاتتا نېمەت!
.......

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بولسا ئەللامەنىڭ ئوغلىغا ئائىت ماترىيال بولسا ئەۋەتىب بەرسىڭىز ،يەنە ئۇنىڭ شاگىرتى شەيىخ ئەببادنىڭكىنىمۇ ....

arzuyum 2011-05-28 11:22
ئەسسالامۇ  -  ئەلەيكۇم،  ئۇلۇغ  رەببىم    مەرھۇمنىڭ   ئىز  -  باسارلىرىنى  كۆپ  قىلغاي !

ئويلان 2011-05-28 13:51
ئەلبانىي رەھمەھۇللاھنىڭ ھەدىس ئىلمىگە سىڭدۇرگەن ئەجىر ئەمگىكى ھەقىقەتەن زور.ئىجتىھادلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىمىز تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان " مىشكاتۇل مەسابىھ" مۇ بەكلا ياخشى چىقىپتۇ. تورداشلارغا ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن!

newruz 2011-05-28 16:10
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ھەمزە قېرىندىشىم. {ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللەتىن رەسۇلۇللەنىڭ «ئاللاھ ھەر 100يىلدا مۇشۇ ئۇممەتكە دىنىنى يىڭىلايدىغان بىر كىشىنى ئەۋەتىدۇ» دىگەن ھەدىسنى ئوقۇپ }
دىننى يېڭىلاش بۇ گەپ خاتا تەرجىمە قىلىنىپ قالمىغاندۇ. ئاللاھنىڭ دىنى يېڭىلانمايدۇ، كونىرىمايدۇ....ئالەم بانا بولغاندىن تاكى قىيامەتكىچە بىرلا دىن ئىدىغۇ قانداق بولۇپ 100 يىلدا بىر يېڭىلىنىدۇ دەپ تەرجىمە قىلىنىپ قېلىنغاندۇ. توغرىسىنى بىلەۈچى ئاللاھ! ھەر ئۈممەتنىڭ شەرىئىتى ئوخشىمايدۇ. لېكىن ئىبراھىمنىڭ دىنىمۇ، موسانىڭ دىنىمۇ، پەرھەمبىرىمىزنىڭ دىنىمۇ بىرلا دىن ئىدى. بولسا تەكشۇرەپ كۆرسىڭىز تەرجىمىدىكى خاتالىقمۇ ياكى مۇشۇنداق سەھىھ ھەدىس بارمىدۇ. بىزمۇ باشقىلارغا دىن 100 يىلدا بىر يېڭىلىنىدۇ دەپ يۇرمەيلى يەنە. ئوبدان بىلىۋالىلى بۇ مەسىلىنىنى. توغرىسىنى بىلگۇچى ئاللاھدۇر.

saifulla 2011-05-28 21:41
بۇ گەپنى يۈزيىلدا بىر دىندىكى خاتا كوزقاراش،بىدئەد، دىگەنگەئوخشاش ،دىنغا يىىپىشقان مەينەتچىكىنى تازلىغۇچى چىقىدۇ دەپ چۈشەندىم مەن.

era13 2011-05-28 22:59
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى newruz نىڭ 2011-05-28 16:10 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ھەمزە قېرىندىشىم. {ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللەتىن رەسۇلۇللەنىڭ «ئاللاھ ھەر 100يىلدا مۇشۇ ئۇممەتكە دىنىنى يىڭىلايدىغان بىر كىشىنى ئەۋەتىدۇ» دىگەن ھەدىسنى ئوقۇپ }
دىننى يېڭىلاش بۇ گەپ خاتا تەرجىمە قىلىنىپ قالمىغاندۇ. ئاللاھنىڭ دىنى يېڭىلانمايدۇ، كونىرىمايدۇ....ئالەم بانا بولغاندىن تاكى قىيامەتكىچە بىرلا دىن ئىدىغۇ قانداق بولۇپ 100 يىلدا بىر يېڭىلىنىدۇ دەپ تەرجىمە قىلىنىپ قېلىنغاندۇ. توغرىسىنى بىلەۈچى ئاللاھ! ھەر ئۈممەتنىڭ شەرىئىتى ئوخشىمايدۇ. لېكىن ئىبراھىمنىڭ دىنىمۇ، موسانىڭ دىنىمۇ، پەرھەمبىرىمىزنىڭ دىنىمۇ بىرلا دىن ئىدى. بولسا تەكشۇرەپ كۆرسىڭىز تەرجىمىدىكى خاتالىقمۇ ياكى مۇشۇنداق سەھىھ ھەدىس بارمىدۇ. بىزمۇ باشقىلارغا دىن 100 يىلدا بىر يېڭىلىنىدۇ دەپ يۇرمەيلى يەنە. ئوبدان بىلىۋالىلى بۇ مەسىلىنىنى. توغرىسىنى بىلگۇچى ئاللاھدۇر.

مەنغۇ ھەر يۇز يىلدا ئاللاھ ئىسلامنى كۆچلەندۇرىدىغان بىرسىنى بارلىققا كەلتۇرىدۇ دەپ ئۇقۇغاندەك ئېسىمدە!

qutluq 2011-06-23 01:35
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى era13 نىڭ 2011-05-28 22:59 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

مەنغۇ ھەر يۇز يىلدا ئاللاھ ئىسلامنى كۆچلەندۇرىدىغان بىرسىنى بارلىققا كەلتۇرىدۇ دەپ ئۇقۇغاندەك ئېسىمدە!
 
«ئاللاھ ھەر 100يىلدا مۇشۇ ئۇممەتكە دىنىنى يىڭىلايدىغان بىر كىشىنى ئەۋەتىدۇ»،دېگەن بۇ ھەدىس  تەرجىمىسى توغرا. ئىزاھلاشتا: «ئاللاھ ھەر 100يىلدا مۇشۇ ئۇممەتكە دىنىنى (دىنغا قوشۇلۇپ قالغان شېرىك ئەقىدە ۋە بىدئەت - خۇراپاتلىقلاردىن تازىلاپ)يىڭىلايدىغان بىر كىشىنى ئەۋەتىدۇ»، دېيىلسە چۈشىنىشسىزلىك تۈگەيدۇ.

asanat 2011-06-24 19:24
ئەسسالامۇ  -  ئەلەيكۇم،شەيىخ ئالبانى غا ئاللا رەھمەت قىلسۇن .مۇشۇتىمىنى يوللىغان قىرىندىشىم ھەمزىگىمۇ ئاللا رەھمەت قىلسۇن


查看完整版本: [-- شەيىخ ئالبانى رەھىمەھۇللەنىڭ قىسقىچە ۋەسىيتى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.058144 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us