بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى uhibbu نىڭ 2011-05-27 23:57 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
اللە شەيخ ئەلبانىغا رەھمەت قىلسۇن! ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن شەيىخ ئاببادقىمۇ قېرىلىق يەتتى. پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدن كەلگەن كىشىلەر شەيخ ئابباد ئاشۇمۇ دەپ سورىشىدۇ. شەي ئاببادنىڭ دەرسىنى ئاڭلاش ئۇچۈن پەيغەمبەر مەسجىدىدە مۇسۇلمانلىرىمىز نەچچە سائەت ئاۋۋال كىلىپ ساقلاپ تۇرىدۇ.
شەيخ ئابباد ساھابىلەرنى خۇددى ئۆزىنىڭ خوشنىسىدەك ياخشى سۈپەتلەپ، سۆزلەپ بىرىدۇ. ئاڭلىغان كىشى ھەيران قالىدۇكى، خۇددى ئۆز بۇرادىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ!
شەيخ ئاببادقىمۇ اللە رەھمەت قىلسۇن، بىچارە بوۋاي ھازىر چاقلىق ئورۇندۇققا قالدى! ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇرراززاقمۇ كاتتا ئالىم بولۇپ يىتىشىپ چىقتى! بىر ئائىلىدىن ئىككى ئالىم چىقماق دىگەن ئالاھىدە كاتتا نېمەت!
.......
