ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار(9)
15. سۇنىڭ قېشىدا، ئوتنىڭ تېشىدا
ئۇيغۇرلار ئاجايىپ مىللەتبىز، ئۆلۈمگىمۇ چاخچاق ئالغاچ بارىدىغان، يىغلىسىمۇ ئاھاڭغا سېلىپ، قوشاق قاتىدىغان. قېرىنداش تۈركىيە تۈركلىرى ئۇيغۇردىكى بۇ سەنئەت تالانتىنى ھازىرقى سىياسىي تۇرمۇشقا تەدبىقلاپ، نامايىشنى قۇشاقتەك رېتىملىق، ئاھاڭدار شۇئارلىرى بىلەن ئەۋجىگە چىقىرىشىدۇ.. مەنچە قانچە قېتىملىق تارىخىي قىرغىنچىلىق، پىشكەللىك ۋە مەھرۇملۇقلاردىن ئامان قالغان مىللەتنىڭ خاراكتىرىدە بۇنچىلىك ئۆزگىچىلىكنىڭ بولۇشى تاساددىپىلىق ئەمەس، ئەلۋەتتە. مەن بىلىدىغان تىللاردا ئوت ھەققىدىكى سۆزلەر ئۇيغۇرچىدىكىدىن ھەم ھەم ئاز ھەم رەڭسىز. ھاياتنى ئوتتەك قىزغىنلىقتا سۆيگەن بۇ مىللەت ئاشىقلىق، قەتئىيلىك، جاسارەت، پىداكارلىق، مەردانىلىك، ھالاللىق قاتارلىق خىسلەتلەرنى ئوتقا ئوخشۇتۇپ نۇرلاندۇرۇپ ئۆگەنگەن. ئوت ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىسا لاۋۇلداپ تۇرىدىغان مۇھەببەت ئىچىدە ئۆتۈشنى ئارمان قىلىدىغان، ئۆلسە يۈرەكنى لەختە قىلىدىغان ئازاپتا جان تەسلىم قىلىشقا تەشنا مىللي خاراكتىرىنى يورۇتىدىيغان كۆڭۈلدىكىدەك تەمسىل بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئوت ئۇيغۇر ئەجداتلىرى تەرىپىدىن ئۇلۇقلىنىپ كەلگەن بولۇشى ئىھتىمال. ئۇيغۇرلار يۈرەكلەردىكى مۇھەببەت ئوتلىرى تېخىمۇ ئۇلغايسۇن دەپ تويلاردا گۈلخان ياقىدۇ. ئوت كۆيگەن ئوچاقنى ھاياتلىق مەنبەسى دەپ تونۇغاچقا بىرسىنىڭ يامانلىقىنى ”ئوچۇقىنى ئۆرىمەك “ دېگەن ئىبارە بىلەن بايان قىلىدۇ. بوۋىلار ياققان ئوت ئۆچمىسۇن دەپ مىيىت چىققان ئۆيدە قىرىق كۈن چىراق ياقىدۇ. بىر قىسىم ئاغرىقلارنى ھەسەت ئوتلىرىدىن بولىدۇ دەپ قاراپ « ئوت كۆچۈرىدۇ»، ئوتنىڭ داۋامى بولغان كۈلگە تۈكۈرۈشنى، تەرەت قىلىشنى يامان كۆرىدۇ. ر بالىلىرىغا ئوتىنى ئۆچۈرگەن مەختۇمسۇلانىڭ پاجىيەسىنى ئەۋلاتمۇ ئەۋلات سۆزلەپ ماڭىدۇ. ئەڭ مەينەت نەرسىنى چوغ چايقاپ يۇيىدۇ. خەقلەرنىڭ نەزىرىدىكى قەدىرسىز پەرۋانە ئوتقا ئۆزىنى ئۇرغىنى ئۈچۈن ئۇيغۇرنىڭ قەلب تۆرىگە ئورناشتى. ئوت ئىچىدە ياشايدىغان سەمەندەر نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئىلھام ئاسمىنىغا يۇلتۇز چاچتى. ئوتتا بەش يۈز يىل كۆيۈپ پاكلانغان قەقنۇستەك ياشاش ئۇيغۇرنىڭ يارقىن ساداسى، يۈرەك نىداسى بولۇپ ياڭرىماقتا. ئاڭلاڭ « قېقنۇستەك تۆرەلسەمتىم» دەپ مۇڭ تۆكىدۇ گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ناخشىچى گۈلقىز مۇخپۇل.
ئۇيغۇر دۇنياسىنى يىغا-زارە قاپلىغان شۇ كۈنلەردە بوۋىلارنىڭ «ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيگەندىن تېشىدا كۆيگەن يامان» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى تولۇق ھىس قىلدىم ۋە بوۋىلاردىن قالغان تۈمەن خىل مەنە ۋە شەكىلدىكى ئوتلارنىڭ تېشىدا قىلدەك تولغاندىم. ئەسلى تىلىمىزدىكى بىچارە سۆزى ئەسلى پەقەت چارەسىز مەنىسىدە بولۇپ ھازىر بۇ سۆز بىر ئادەمنىڭ ھەممە جەھەتتىن زىيادە ئاجىز ھالىتىگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ. قارىغاندا ئىنساننىڭ چارىسىز قالغاندا ئەڭ ئاجىز مەخلۇققا ئايلىنىدىغانلىقىنى ھىس قىلغان ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ زامان نەيرەڭلىرى ۋە نەيرەڭۋازلىرى ئالدىدىكى بىقوۋۇل، ناتۇۋان ھالىتىنى تەسۋىرلەشكە بۇنىڭدىن ئارتۇق بىر كەلىمە تاپالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر تىلىمىزدا مەنىسى تەكىتلىنىپ كېلىدىغان سۆزلەردە تاۋۇش تەكرارلىنىدۇ، مەسىلەن، ئاچچىق، قاتتىق، قىممەت، ئۇششۇق، دەششەت… مۇشۇ قاتاردا بىچارى سۆزىمۇ بىچچارە دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ، بولۇپمۇ بىچچارىلىقنىڭ تەمىنى ئىزچىل تېتىپ كېلىۋاتقان جەنۇپ ئۇيغۇرلىرىدا شۇنداق. ئەمدىلا ئىككى يېرىم ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىچارە قىزىم ئۈرۈمچىدە يىپ يېڭى بىر جۈملە، « ۋاي، قاچايلى!» نى ئۆگىنىۋاپتۇ. ئۇنىڭ سەبىي دىلىغا پۈتكۈل جانلىقنى ۋە جانسىزنى بىزگە مەنپەئەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بىز بىلەن تەڭ مەۋجۇد بولغانلىقى، ئۆلۈمىمىز ۋە ھاياتىمىزغا ھەمراھ بولغانلىقى ئۈچۈنلا سۆيىدىغان روھنى سىڭدۈرۈشكە نىيەت قىلغانىدىم. قورقۇنچتىن يۈرىگى زىدىلەنگەن بۇ مەسۈمگە ئارمانلىرىم ئۇلىشالارمۇ؟ پىسخولوگىيە نوقتىسىدىن قارىغاندا قورقۇنچ ئەقىلنى تورمۇزلايدۇ، ھىسسىياتنى بىنورماللاشتۇرىدۇ، قاشاڭلاشتۇرىدۇ. ئەنگىلىيىلىك پەيلەسوپ، ماتېماتىك بروتانت راسسىل قورقۇنچ ئىچىدىكى ئىنساننىڭ ئىنسانچە تەپەككۇر قىلىدىغانلىقىغىمۇ ئىشەنمەيدىكەن. بوۋىلىرىمىز كېسەلنى بەرگەن ئاللاھ شىپاسىنى قوشۇپ بېرىدۇ، دەپ ۋەسىيەت قىلىشقانىكەن. ئۈمىتسىز شەيتان. ياشاش ئۈمىدى، مەۋجۇدلۇق ئىھتىياجىدىن باشقا پىلانلارغا چارەسىز قالغان مەندەك ئىنسانغا تۇپرىقىمىزدا ئوتتەك قۇياشنىڭ ئىجازەتسىز، تەستىقسىز چىقىۋاتقىنى ئەڭ چوڭ تەسەللى. لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتا پىشقان ناننى چوغلۇق لىگەندەك قۇياشقا ئوخشۇتۇپ يۇمىلاق ياققان بوۋىلىرىمىز ئوت- قۇياشتىن ئۈمىت ئۈزمىگەنىكەن. خەيرىيەت! ئاسماندىكى ۋە داستىخاندىكى تەۋەرۈك قۇياشلىرىمىز ئامانلا بولسا، يارىلىشتىن بېرى قۇياشنى قوغلىشىپ كېلىۋاتقان بۇ قەۋمنىڭ مەندەك بىچارە پۇشتى يەنە قۇياشلىق كۈنلەرنى باغاشلار.
مەكتەپكە يېڭى كەلگەن ئىيۇننىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە ئۇيغۇرنى بىلىدىغانلىقى بىلەن ماڭا سۆيۈملۈك تۇيۇلغان بىر شوپۇر، بىر دىھقان، ۋە بىر ئوقۇتقۇچى ھازىرغىچە مەن بىلەن سالاملىشىپ قويىدۇ، لېكىن چىرايىدىكى دەسلەپكى ئالقىش تەبەسسۇمىنىڭ ئورنىغا تەڭقىسلىق ۋە ئىنسانلىقىمنى ئىنكار قىلىدىغان ئىچ ئاغرىتىش ئالماشقان. مەن مۇسۇبەتلىك كۈنلىرىمدە تۈمەن ھەسسىلەپ كۆپەيگەن ئىچ ئاغرىتىش ئىپادىلىرى ۋە ئىبارىلىرىگە شۇ قەدەر ئۆچ بولدۇمكى ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقىپلا بىرىنچى تىلىكىم باشقىلارنىڭ ماڭا ئىچ ئاغرىتماسلىقىنى تىلەش بولدى. مەن نېمىشكە بۇنچىلىك ئىنسانلىق ھىسسىياتىتىنمۇ بىزار بولىمەن؟ چۈنكى ھىسىداشلىق ۋە ئىچ ئاغرىتىش مېنىڭ بىچارىلىقىمنى تېخىمۇ ئاشكارلىلايدۇ، مېنىڭ تېخىمۇ ئاجىز، قىممەسىز، زەبۇن ھالىتىمنى ماڭا ئىتىراپ قىلغۇزماقچى بولىدۇ، ھاياتتىكى ئەڭ ئاخىرقى قورغىنىم بولغان مەۋجۇدلۇقۇمنىڭ ئەھمىيىتىنى بەرباتلىققا سۆرەيدۇ. ئوتقا، ئىسسىققا ئاشىق بىر ئۇيغۇرغا بىىچارىلىقنى ئىتىراپ قىلغۇزۇشنىڭ ۋەھىمىسىنى بۇ سۇغا، سالقىنغا خۇشتار ئامېرىكىلىقلار بەلكى مەڭگۈ ھىس قىلالمايدۇ.
ئۇيغۇرنىڭ ئوتقا، ئىسسىققا بولغان مۇھەببىتى تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدىن تەپچىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر بىر بىرىگە مەيلى بارلارنى « ئىسسىق ئۆتۈشۈپتۇ» دەپ ئىپادىلەيدۇ، بىر ئۆيگە كىرىپ بىللە ياشىيالمىغانلارنى «ئۆيى ئىسسىمىدى» دەيدۇ، مۇھەببىتى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنلەرنى « ئارىغا سوغۇقچىلىق چۈشتى» دەپ ئىپادىلەيدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتىدە بەدەننى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلىك ئاجىزلىقنىڭ بىشارىتى. ئۇيغۇرلار سوغۇقلۇق ۋە سۇنى بەدەننىڭ كۈچىنى خورىتىدىغان كۈشەندە دەپ قارايدۇ. شۇڭا يازلىرى تېمپىراتۇرا قىرىق گرادۇستىن چۈشمەيدىغان تۇرپاندىمۇ ئۇيغۇر ئۇسسۇلۇقىنى قىززىق چاي بىلەن قاندۇرىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ بەدەنلىرىنى شۇنچە ئىسسىق كىلىماتلىق تۇپراقتا نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى ئوچۇق قويماي ئوراپ يۈرىشى، يالىڭاچلىقتىن پىنھان قالغاندىمۇ ئۇيىلىشى، ئىسسىقلىق__ بەدەندىكى قۇۋۋەت بىلەن مۇھەببەت__ روھتىكى قۇۋۋەتنى مۇھاپىزەت قىلىش سەۋەبىدىن بولغان. ئۇيغۇر كۆرۈنمەس ياراتقۇچىنىڭ قۇدرىتىنى « پاختىغا ئوراپ چوغ ساقلايدۇ» دەپ سۈرەتلەيدۇ. بۇ يەردىكى چوغ، مۇھەببەت بولۇپ ئۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى؛ بۇ يەردىكى چوغ ھاياتلىق بولۇپ تەڭرىنىڭ مەرھىمىتىدۇر. ئۇيغۇر مۇقەددەس بىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئۇلۇغلۇق ۋە مېھىر لىباسقا ئورالغىنى ئۈچۈن جەلىپكاردۇر، مۇقەددەستۇر، دەخلىسىزدۇر. ئۇيغۇرنىڭ نەزىرىدىكى گۈزەللىك ئاشكارە – ئوچۇقلۇقتا بەربات بولىدىغان ۋە تارمار قىلىنىدىغانلىقى بىلەن ئۆزگىچىدۇر، سۆيۈملۈكتۇر. بىزنىڭ ئوتقا باغلانغان چۈشەنچىمىز ۋە ئادەتلىرىمىز ئامېرىكىلىقلارنىڭ سۇغا، سالقىنغا بولغان چۈشەنچىسى بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ تىلىدا «سالقىن» دېگەن سۆز پەيزى، قالتىس، لىۋەن، گۈزەل، ئاجايىپ دېگەندەك مەنىلەردە مودا قىلىپ قوللۇنىلىدۇ.بىر ئۇيغۇرنىڭ قەلىمىدە لاۋۇلداپ تۇرغان “ ئوت“تەك كۆرۈنگەن لىۋەن قىزنىڭ كۆزلىرى ئامېرىكىلىقنىڭ تىلىدا « سالقىن» دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. مەن بۇ يازدا ئىككى ئاي سىنىپتىكى ھاۋاتەڭشەكنىڭ زىيادە سوغۇق چىقارغىنىدىن ئاغرىنىپ چىققان بولسام بىزنىڭ مۇئەللىم ھاۋانىڭ تولىمۇ ئىسسىپ كەتكىنىدىن ۋايساپ چىقتى. مەن يامغۇر ياغقان كۈنلىرى دەرىزەمنى يېپىپ قويمىسام يوتقانغا تۈگۈلۈپ كېتىدىغان ھاۋادا بىزنىڭ لاۋرىنسىلىق تونۇشلار ھاۋا تەڭشەكسىز ئوخلىيالمايدىكەن. ئۇلار ھازىرغىچە مېنى ھاۋاتەڭشەك ئالدۇرۇپ بولالماي، ئىسسىقتا قانداق ياشاۋاتقىنىمدىن ۋايىم يەپ ئاۋارە. ئامېرىكىلىقلارنىڭ كولا، ۋىنۇ ۋە ھەتتا مۇزدەك سوغۇق سۇغىمۇ يەنە مۇز سېلىپ ئىچىدىغان بۇ ئادىتىنى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى سالقىنلىققا، ئوچۇقلۇققا تەشنا مىجەزىنى بەلگىلىگەن بولۇشى مۇمكىن. ياۋرۇپانىڭ چەكسىز ئورمانلىرى ۋە پايانسىز دېڭىز ساھىلىنى ھايات سەھنىسى قىلغان ياۋرۇپالىقلارنىڭ مەدەنىيەت ۋارىسى ھىساپلىنىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ كىيىنىش، ھىسسىيات ئىپادىلەش ۋە كۆزقاراشلاردىكى ئوچۇق ئاشكالىرىقى بىزدەك تۇتقىلى بولماس ئوتنى يۈرەكلىرىگىچە ئورنىتىۋالغان مىللەتنىڭكىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. بىز بەكرەك يېقىنلاشساق كۆيدۈرىدىغان ئوتقا-ئىسسىققا مەپتۇن بولۇپ، ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ مۇقەددەس تۇيغۇ ۋە مەۋجۇداتقا تەمسىل قىلىپ ياشىساق ئامېرىكىلىقلار ئۈزسە راھەتلەنگىلى، تۇتسا ھوزۇر ئالغىلى بولىدىغان سۇغا-سالقىنغا خۇشتار بولۇپ ياشايدۇ. شۇڭا ئامېرىكىلىقلار لاۋرىنىستەك دېڭىزدىن يىراق شەھەرگىمۇ باش ئايىقىغا ئاران كۆز يېتىدىغان سۈنئى كۆللەرنى پەيدا قىلىشقان. بۇ يەردىكى ئەڭ مەشھۇر كېلىنتون كۆلى ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزگىلەرنىڭ يالىڭاچلىقىدىن، ئاشكارىلىقدىن زوق ئالىدىغان ئامېرىكىلقلار بىلەن تولغان. بىزدىكى تۇتقىلى بولماس ئوتقا بولغان مەپتۇنلۇق بىزنى غايىۋى مەنزىل ۋە غايىپ ھاياتقا مايىل مىجەزگە ئىگە قىلىپ، شەيئىلەرنىڭ ئۆزىدىكى قىممەتتىن باشقا ئۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ھىكمەت ۋە سىھىرنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئۈندىگەن. ئامېرىكىلىقلاردىكى سۇغا ۋە سالقىنلىققا تەشنالىق ئۇلاردا ھەممە نەرسىنىڭ تۇتقىلى، بىلگىلى بولىدىغان قىسمىغا ئىتىبار بىلەن قارايدىغان، ھوزۇرلىنىدىغان، كۆرۈپ سىناپ بېقىپ ھۆكۈم قىلىدىغان مىجەزىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان. بىزنىڭ خاراكتىرىمىزدىكى ئوتتەك قىزغىنلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ مىجەزىدىكى سۇدەك دولقۇنلۇق ۋە سالماقلىققا رۇشەن سېلىشتۇرما. بىزنىڭ پىكرىمىزدىكى يالقۇن كەبى سەكرەتمىلىك ئامېرىكىلىقلارنىڭ سۇغۇققان تەھلىلىدىن خېلىلا ئۆزگىچە. ماتەملىك كۈنلەردىكى بىر ئوقۇتقۇچۇم بىلەن ئارىمىزدىكى ئۇقۇشماسلىق بەلكىم يۇقارقى بايانلىرىمغا مىسال بولۇشى مۇمكىن.
بېشىمىزغا ھادىسە كەلگەندىن بېرى چىرايىم ئېچىلمىدى، كاللامنى قەتئى يىغالمىدىم، تاپشۇرۇقلىرىممۇ ۋاقتىدا تاپشۇرۇلماي قالدى. بۇنى سەزگەن بىر مۇئەللىم ماڭا بېشىغا مېنىڭكىدەك دەرت كەلگەنلەر بارىدىغان بىر يەرنىڭ بارلىقىنى، شۇيەرگە بېرىپ ئوقۇبەتلىرىمنى تۆكسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن بۇ يەرنى خەلقئارالىق بىرەر كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ تارمىقى بولسا كېرەك دەپ گۇمان قىلدىم ۋە دەرھال ئۇنداق يەرلەرگە بارسام ماڭا ۋە ئائىلەمنىڭ بىخەتەرلىكىگە ياخشى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدىم. مۇئەللىمنىڭ گېپنى بىرسى ئاڭلاپ قالغان بولمىغىيىدى دەپ بەك ئەندىشەلەندىم. كېيىكى قېتىملىق دەرستە مۇئەللىم تىۋىشسىزلا ئالدىمغا بىر ۋاراق قەغەزنى قويۇپ قويىۋىدى ئەتراپىمدىكى خەنسۇ ساۋاقداشلىرىمدىن ئەنسىرەپ تولىمۇ جىددىيلىشىپ كەتتىم. چۈنكى مەلۇم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بۇلتۇر جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرماقچى بولغان شىنجاڭدىكى ئەۋزەل مىللي سىياسەتنى تەشۋىق قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۇيۇشمىدىن قوغلانغانىكەن. مېنىڭمۇ ئۇنداق كۈنگە قالغۇم يوق، يوشۇرۇن بىر يەرلەرگە بارغۇم تېخمۇ يوق ئېدى. زادى نېمە بولغىيتتى، دەپ دەككە دۈككىدە ئۆيگە كېلىپ ھېلىقى قەغەزنى ئاچتىم. توۋا، بۇ مەكتەپ پىسخىك داۋالاش مەركىزىنىڭ ئادرىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىكەن. مۇئەللىم ماڭا تولىمۇ دوستانىلىك بىلەن ئەگەر خالىسام مەن بىلەن دوختۇرخانىغا بىللە بېرىشنى تولىمۇ خاھلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىككىلىك خەت يېزىپ قويۇپتۇ. بىچارىلىقمغا كۈلگۈم كەلدى، بەلكى ھېلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ ئىشقا كۈلگىسى ئەمەس مېنىڭ بىنورماللقىمغا ھىسىداشلىقى كەلگەندۇ. ماڭا بىر بۇرادىرىمىز مالايسىيەدە مەلۇم تىل مەكتىپىدىكى بىر ئۇيغۇرئوقۇغۇچىنىڭ نىڭ مۇخپىرنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشا ئوقۇپ بېرىش تەلىبىگە جۇڭگونىڭ دۆلەت مارشىنى، ئۇيغۇرچە سۆزلەپ بېرىش تەكلىبىگە « شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئەزەلدىن ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن شۇئارنى تەقدىم قىلغىنىنى ھىكايە قىلغىنىدا مەسخىرە قىلىپ تازا كۈلگەنتىم، مانا ئەمدى ئۆزەمنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشنىمۇ، يىغلاشنىمۇ بىلمەي قىينالماقتىمەن.
يۇقارقى مىسالدىن مەن ئامېرىكىلقلار بىلەن ئارىمىزدىكى تەپەككۇر پەرقىنى ھىس قىدىم. تۈرك بۇرادەرلەر «شاتلىق سوزلەنگەنچە كۆپىيىدۇ، ئازاپ سۆزلەنگەنچە ئازىيىدۇ» دەپ ئۆيلىرىدە مىھمان قىلغانتى. ئەگەر ئۇيغۇرلار بولسىمۇ دەل شۇنداق قىلاتتى. ئۈرۈمچىدە بولغان بولساق ئاغىنە بالىلار بىلەن بىر چاس سورۇن تۈزۈپ ئۇلارنىڭ ھاراقتىن كېين توسالغۇسىز چىقىۋاتقان مىھىرلىك سۆزلىرىگە چۈمۈلگەن بولاتتىم. تۈرك ئاغىنىلەرنىڭ پەرقى مەست بولماي تۇرۇپمۇ ساڭا ئەڭ مۇھەببەتلىك شۇ سۆزلەرنى ھەدىيە قىلالايدۇ، بىزنىڭ ئۇيغۇر ئاغىنىلەر مەست بولماي تۇرۇپ بىربىرمىزگە ”كۆڭۈل چۈشەندۈرەلمەيمىز“. ھالبۇكى مەيلى تۈرك بولسۇن ياكى ئۇيغۇربولسۇن ھىچقايسى ساڭا ئامېرىكىلىق ئاغىنەڭدەك ”پىسخىك داۋالاش مەركىزىگە ئېلىپ بار“ دېمەيدۇ. قىزىق بىز ئوتتا__ ئازاپتا كۆيىۋاتقان دوستىمىزنىڭ ئەقلىنى ئوتتەك كۆيدۈرىدىغان ھاراقتا داغلاپ، يۈرەك ۋە نېرىپلىرىنى ئوتتەك قىزىتىپ، زەھەرنى زەھەر بىلەن داۋالايدىكەنمىز. ئامېرىكىلىقلار سۇدەك تەمكىن مىجەزى بىلەن ئوتنىڭ سىرتىدا قىلدەك تولغىنىۋاتقان دوستىنى دوختۇرخانىغا تەكلىپ قېلىپ مەسىلىنىڭ مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسىنى كۆرسىتىدىكەن. لېكىن ماڭا ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ ئىلمىيلىكى پەقەت تېتىمىدى. ئوتنىڭ تېشىدا قىلدەك تولغانغان بۇ كۈنلەردە ئاچچىق ئازاپنى ئاچچىق ھاراقتا داغلىغان، غەزەپلەر ئوتتەك چاراسلىغاندا ئىككى ئۈچ مەرتتە ئېتىشىپ، ئەتىسى ھىچ ئىش بولمىغاندەك بىربىمىزنىڭكىدە مىھمان بولۇشقان دوستلىرىمنى قەۋەتلا سېغىندىم. لاۋۇلداپ يانغان گۈلخانغا ئۆزىنى ئېتىپ قەلبىدىكى مۇقەددەسلىككە ئۇلاشقان ئۇيغۇر بالىلىرىنى، ئاشۇ بالىلىرى ئۈچۈن تونۇردىكى يالقۇنغا باشچىلاپ كىرگەن ئۇيغۇر ئانىلىرىنى كۆزۈمگە سۈرگىدەك بولدۇم.
16. ھەقىقەتنىڭ دۆلىتى ۋە مىللىتى
شەرق مىللەتلىرىدە شەخسنى ئومۇمنىڭ كۆزى بىلەن باھالاش، كىشىلىك قىممەتنى ئاۋامنىڭ ئىتىراپىغا باغلاش بىر قەدەر ئومۇمىيۈزلۈك ھادىسە. مۇشۇ سەۋەبتىنمىكىن ئۇلاردا يۈز ئابروي قارىشى ناھايىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. بولۇپمۇ مەدەنىيەتتە سىرىتنىڭ تەسىرىنى ئىزچىل يىمىرىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاسمىلاتسىيە قىلىپ كەلگەن خەنسۇلاردا بۇنداق قاراش بەك كۈچلۈك. خاسلىقنى، ئۆزگىچىلىكنى سىڭدۈرېتىشكە ماھىر خەنسۇ مەدەنىيىتى دۇنيانىڭ نەرىگە بارسا كىملىكىنى يۇقاتمايدىغان يەھۇدىلارنىمۇ مىللىي ئاشقازىنىدا يەم قىلىۋەتكەن. بىر قېتىم دەرسىدىن كېيىن خەنسۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە بىر قانچە ئامېرىكىلىق پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئامېرىكىلىقلارنىڭ جۇڭگۇ ھەققدىكى سۇئاللىرىغان پۈتۈنلەي دېگۈدەك خەنسۇ بالىلار جاۋاپ بەردى، مەن بۇنداق سورۇنلاردا كەمسۆز بولۇشقا تىرىشىدىغان بولغاچ سۈكۈتنى ساقلىدىم. ئارىدا بىر ئامېرىكىلىق « جۇڭگۇدا سىتۇدېنتلار مەكتەپتە ئىشلىمەكچى بولسا ئادەتتە نېمە ئىش قىلىدۇ؟» دەپ سوراپ قالدى. مەن بۇرۇن ئالى مەكتەپلەردە ئىشلىگەن تەجرىبەمگە ئىشىنىپ مۇشۇ بىخەتەر سۇئالغا بولسىمۇ جاۋاپ بېرىپ باقاي دەپ « ئادەتتە تازىلىق قىلىدۇ، بىنالاردا نۆۋەتچىلىك قىلىدۇ. بىزنىڭ ئۈرۈمچىدە قار كۆپ ياغىدۇ شۇڭا قىشتا قار تازىلايدۇ..» دەپ تېخى گېپىمنى ئەمدى تۈگىتىپ تۇرۇشۇمغا ئۈچ- تۆرت خەنسۇ ساۋاقداش گېپىمگە تۇشمۇ تۇشتىن قارشى چىقتى. ئۇلارچە جوڭگۇدا ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئامېرىكىدىكىدەك مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانا، تەنتەربىيە سارىيى، تەجرىبەخانا ۋە مۇزىي قاتارلىق ئورۇنلىرىدا ئىشلىيەلەيدىكەن. ئۇلارچە ئۇنداق ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تازىلىق قاتارلىق ئەرزىمەس ئىشلارغا سالىدىغان ئەھۋاللارپەقەت شىنجاڭدەك تەرەققى قىلمىغان رايۇنلاردىلا قالغانمىش. مەن ئۆزەمنىڭ ئىچكىرىدىكى بىر ئالى مەكتەپتە ئىشلىگىنىمنى ۋە بېيجىڭدىكى ئالى مەكتەبتە ئوقۇغانلىقىمنى ۋە شىمالى جوڭگۇدىكى چوڭ شەھەرلەرگە ئاساسەن بارغانلىقىمنى دەپمۇ ئۇلارنى ئىشەندۈرەلمىدىم. مەن خۇددى سەۋەبسىز يالغان سۆزلەپ تۇتۇلۇپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ ئۇلارغا خەنسۇچە يەنە چۈشەندۈردۈم. ئۇلار « بىزمۇ بىلىمىز، لېكىن شۇنداق بولسۇنمۇ دەيلى، سەن نېمىشكە يۈزىمىزنى چۈشۈرۈپ بۇ گەپلەرنى چەتئەللىكنىڭ ئالدىدا دەيسەن. جوڭگۇدا يات بىلەن ئۆزنى ئېنىق ئايرىيىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن. بولۇپمۇ سەن شىنجاڭلىق بولغاندىكىن بۇنداق گەپنى دېمەسلىكىڭ كېرەك. بۇنداق دېسەڭ ئامېرىكىلىقلار شىنجاڭنى تېخىمۇ خاتا چۈشەنمەمدۇ؟ بولۇپمۇ مۇشۇنداق ۋەزىيەت كەسكىن چاغدا گەپ سۆزۈڭگە دىققەت قىلغىنىڭ تۈزۈك…» دېگەنلەرنى تەكىتلىۋىدى ھەيران قالدىم. قايتىپ كېلىپ بۇ گەپنى گۈيجۇلۇق ساۋاقداشقا دەپ بېرىۋېدىم ئۇمۇ « ياتلارنىڭ ئالدىدا ئۇنداق دەپ نېمە قىلاتتىڭ» دېۋىدى، توۋا، دەپ ئولتۇرۇپلا قالدىم. دېمەك، ئەمدى پاكىتنىڭمۇ جوڭگۇلۇق ئۈچۈن دېيىلىدىغان پاكىت ۋە ياتلار ئۈچۈن دېيىلىدىغان پاكىت دەپ ئايرىلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىشىمگە توغرا كەلدى. ئىچى ئاداپ كەتسىمۇ تېشىغا پۇرىقىنى چىقارماسلىقتىن ئىبارەت بۇ تارىيخى ئەنئەنە يات ئەللەرەدە تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدىكەندە!. شۇندىن كېيىن جۇڭگۇ توغرىدسىدىكى پاراڭغا خەنسۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئەگىشىپ قويىدىغان بولدۇم. بىر كۈنى يۈكسەك بىرلىك يەنە بۇزۇلۇپ كېتىپ قالدى. مۇشۇ ئاغزىمنى زە… دەرستىن كېيىنكى ئارامدا مۇئەللىم «جۇڭگۇدا قانداق ئېلان جىق ؟» دېۋىدى مەن يەنە ئاقساقاللىق قىلىپ « ھاراق بىلەن دوختۇرخانا-دورىنىڭ ئېلانى دېگەن ساماندەك» دەپ تاشلاپتىمەن. « نېمىشكە؟» دەپ سورىشىغا « ھاراق ئىچمىسەڭ مۇناسىۋەت قۇرالمايسەن، مۇناسىۋىتىڭ بولمىسا ئىشىڭ ئاقمايدۇ. ھاراقلارنى تەكشۈرىدىغانلارمۇ ھاراق ئىچىپ تەكشۈرىدىغان بولغاچ ساختا ھاراقلار ئادەمنىڭ روھىنى ۋە تېنىنى كېسەل قىلىدۇ، بۇنىڭ بەزىلىرىنى دورا، يەنە بەزىلىرىنى ھاراق داۋالايدۇ» دەپ تاشلاپتىمەن. مۇئەللىم قاتتىق كۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئامېرىكىدا ھاراققا ئوخشاش ئادەمنى خۇمار ياكى مەست قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئېلانى تېلۋىزوردا بېرىلمەديكەن. ئەتراپىمغا ئالاق جالاق قارىۋەتتىم، خۇداغا شۈكىر خەنسۇ سەپداشلار بەك ئېرەن قىلمىغاندەك.
شۇندىن كېيىن پات-پات خيالىمغا مۇشۇ ئىشلار كېلىۋالىدىغان بولدى. نېمە ئۈچۈن پاكىتمۇ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېرىشىپ قالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىچىمىزدىكىنى تېشىمىزغا چىقارماق باشقىلارنىڭ نازارىتىگە مەھكۇم بولىدۇ؟ ئەجەبا ماۋزىدوڭنىڭ ئاممىۋىي پىرىنسىپتا مېڭىش، دېڭشاۋپىڭنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش تەشەببۇسلىرى ئىككى مىڭ يىللىق يالغانچىلىق، تۆۋەننى قەتلى قىلىپ يۇقۇرىغا خىزمەت كۆرسەتكەن بولۇۋېلىش، ئۆز قەۋمىدىن بولمىغاننى مەڭگۈ گۇمانلىق دەپ قاراش دېگەندەك كىسەللەرگە مەلھەم بولالمىدىمۇ؟ بۇلارنى ئويلىساملا لۇشۇننىڭ نەقەدەر ئۇلۇق زاتلىقى يادىمغا كېلىدۇ. ئۇ جوڭگۇ جەمئىيىتىنى ئادەم يەيدىغان جەمئىيەت دېگەنىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەقىقەتنى مەنپەئەتكە بويۇن ئەگدۈرىدىغان ئاكىيۇلار چوقۇم ئىسلاھ قىلىنىشى، ئىنسان بىلەن ئىنساننىڭ باراۋەرلىكىنى مەڭگۈ ئىتىراپ قىلماي تىزلاندۇرۇش ياكى تىزلىنىشقىلا مايىل مىللىي پىسخىكا دېمۇكراتىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىلىشى كېرەك ئېدى. ئەپسۇس! لۇشۇن تەشەببۇس قىلغان ئىسلاھات يىگىلەپ قالدى. ماركىسىزىمدىن كېيىنكى ئىدولوگىيە بوشلۇقىغا بەدەل قىلىنغان مىللەتچىلىك ئالدىدا لۇشۇننىڭ مىللەتنى كەسكىن تەنقىدلەيدىغان روھي بويۇن قىستى. پۈتۈن ئىنسانغا ئورتاق بولغان ھاياتنىڭ دەخلىسىزلكى، قانۇنننىڭ مۇقەددەسلىكى، ئاخباراتنىڭ تەرەپسىزلىكى، ئىددىيىنىڭ گۇناھسىزلىقى قاتالىق پىرىنسىپلار مىللەتچىلىككە بويۇن ئەگدى. ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى پاكىتتىن، ھەقىقەتتىن ئۈستۈن قويىدىغان مىللەتچىلەر ئىنساننىڭ ياشاش ئىھتىياجى، قوغۇدۇنۇش ئىھتىياجى، ئىززەتلىنىش ئىھتىياجى، قاتارلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان كىشىلىك تەلەپلەرىنىمۇ ھۆكۈمران مىللي مەنپەئەت رەت قىلاتتى. مىللەتچىلىكتە مىللي مەنپەئەت بارلىق قىممەتلەرنىڭ تارازىسى. نېمىنى دېيىش ۋە قىلىش ھەقىقەتنىڭ قانداق بولغانلىقىدىن ئەمەس مىللىي ئابرۇيغا، مىللي مەنپەئەتكە قانچىلىك تەسىرى بولغانلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنەتتى.
يۇقارقى مىللەت مەنپەئەتىنى ھەممدىن ئۈستۈن قويىدىغان ھادىسە بىزدە بەك ئاشكارە يامرىيالمىغان بولسىمۇ، بار. شۈبھىسىزكى بۇ مۇھەببەتتىن مۇھەببەت تۇغۇلسا، نەپرەتتتىن نەپرەت ئۈنگەندەكلا ئىش. مىسالەن، ئالدىنقى بىر مەزگىلدە ئەۋج ئالغان « بىكخام موھىممۇ ئىشەكمۇ» دېگەن ماقالىنىڭ خاھىشىنى مەملىكەتلىك مىللەتچىلىك تۇغقان يەرلىك مىللەتچىلىك دېيىش مۇمكىن. يەرلىك مىللەتچىلىلەرنىڭ قارىشىدا ئۇيغۇرغا مەنپەئەتسىز بولغان ھەممە پاكىت ۋە ھەقىقەت قۇرۇق گەپ. بۇندىن باشقا قۇددۇس ھاپىزنى ئىككىنچى مەھمۇد كاشغەرى دېيىش، ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد ئمىننى ئىككىنچى پارابى دېيىش، قۇربانجاننى ئەۋلىيا دېيىش، ئالىمجاننى ھاۋادىن يېقىلغۇ ياسىدى دېيىشلەرنىڭ ھەممىسى دەل شۇ؛ يەنى ئۇيغۇرلار بولسا، ئۇيغۇر ئۈچۈنلا بولسا پاكىت نېمە بولسا بولسۇن، پىرىنسىپ قانداق بولسا بولسۇن ھەق دەپ تۇرىۋېلىش يۇقارقىدەك مەجبۇرىي ئۈندۈرمىدۇر. تۈركىيەدە مۇنداق بىر ئىش بولغانىدىى ھەر ئويلىسام ئاچچىق كۈلۈپ كېتىمەن.
2006-يىلىنىڭ باھار ئايلىرىدا تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرىگە مەلۇم ئۇيغۇرنىڭ ساختا دېپلۇم ۋە ساختا ئاجرىشىش خېتى ياساپ تۇتۇلۇپ قالغىنى خەۋەر قىلىندى. بۇ خەۋەر تېلۋىزوردىمۇ بېرىلگەندە بىز بەك بىئارام بولدۇق. تېلۋىزوردا بۇ خەۋەرنىڭ كېچە سائەت ئىككىدە تەپسىلى بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. بىز بىر قانچە قېرىنداش بۇ خەۋەرنى يېرىم كېچىگىچە ساقلاپ ئوخلىمۇدۇق. خەۋەر ئەمدىلا بېرىلىشكە باشلىۋىدى مەزكۇر ئۆيدە دوستلىرىمىز بىلەن بىللە تۇرىدىغان بىر تۈرك بالا ئىشىكنى چەكتى، بىز ھەرقانچە دېسىمۇ ئىشىكنى ئاچقىلى ئۇنىمىدۇق. ئۇ بالا بىر مۇنچە رەنجىپ كىرەلمەي بولدى قىلدى. ئۇ چاغدا مەن قىلغىنىمىزنى تامامەن يوللۇق دەپ ئويلىغانىكەنمەن. كېيىن ئويلاپ قالدىم، بىز شۇ قېتىم ئۇنىڭدىن پاكىتنى يوشۇرۇشنىڭ ئورنىغا پاكىتنى ئاڭلىتىپ، سەۋەبىنى تەشتەببۇسكارلىق بىلەن چۈشەندۈرگەن بولساق، ئۇنىڭ مۇشۇ خىلدىكى مەسىلىنى ئۆزى بىلگەنچە ئىزاھلىشىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ خالىغانچە چۈشەندۈرۈشلىرىگە ئەگىشىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەنمىز. ئەجەبا، بىز ئۆيدىكى بىر تېلۋىزوردىن ئۇ خەۋەرنى كۆرگۈزمىگەنگە ئۇ كۆرەلمەي قالارمۇ؟ مۇمكىن ئەمەس. يەنە بىرى بىزنىڭ شۇ بىر تۈرك (بىزنىڭ شۇ چاغدىكى ئىپادىمىز بويىچە يات) بالىدىن يوشۇرغىنىمىز بىلەن بىز بىلمىگەن نۇرغۇن كىشىدىن يوشۇرۇپ قالايتتۇقمۇ؟ پاكىتنى ئىتىراپ قىلىپ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش ئاقىللىقمۇ ياكى پاكىتنى يوشۇرۇپ خاتا چۈشىنىشكە پۇرسەت يارىتىش ئاقىللىقمۇ؟
مەنچە پاكىتنىڭ، ھەقىقەتنىڭ، پىرىنسىپنىڭ، نەزەرىيەنىڭ مىللىيلىكى ۋە دۆلەتلىكى بولمايدۇ ھەم بولماسلىقى كېرەك. ھەممە نەرسىگە ماركىسىزىملىق ، ياكى …چە ئالاھىدىلىككە ئىگە دېگەن ئىبارىنى قۇشۇپلاۋالسا چېقىلغىلى بولماس مازارغا ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ. دۇنيادا ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نۇرغۇن ئورتاق مىزان ۋە قىممەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىمىز پاكىت. بۇ پاكىتلاردىن سۈزۈپ چىقىلغان ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدىلىشى كېرەك. ئازچىللىقلارنىڭ خاسلىقىنى دائىم كۆپچىللىكلەرنىڭ ئومۇميلىقىغا مەجبۇرى سىڭدۈرىۋەتمەسلىك كېرەك. بولمىسا ئىرغاينىڭ ئېگىلەر سۇنماسلىقى ھەقىقەتنىڭ تەسۋىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. ھەقىقەت مىللەت ياكى دۆلەت مەنپەتىگە قاراپ ئېگىلمەيدۇ، ئەگەر ئېگىلسە ئۇ ھەقىقەت بولالمايدۇ.
17. رازىيەدىن ئۇيغۇرلار رازى بولارمۇ؟
ئىيۇلدىن باشلاپ تۈرلۈك كۈتۈلمىگەن ئازاپلاردىن تاشقىرى، كۈتۈلمىگەن تەسەللىلەرمۇ مېنى يالغۇز قويمىدى. قاچانلاردىدۇر توردا تونۇشۇپ قالغان تۈركلەر، ئەزەربەيجانلار، تاتارلار، ھىندونۇزىيىلىكلەر تېلىفون قىلىپ ئەھۋال سورىدى، بۇغداي ناندەك سۆزلىرى بىلەن كۆڭۈل يارامغا مەلھەم بەردى. مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بىر ئامېرىكىلىقنىڭ ھاياجانلىق ھىكايىسىنى پەقەت يازماي تۇرالمايمەن.
2003- يىللىرىغۇ دەيمەن توردىن مۇنداق بىر ھەيران قالارلىق خەۋەرنى كۆرگەن ئېدىم. خەۋەردە بىر ئامېرىكىلىق ئەر-ئايالنىڭ قازاقىستاندىن يېڭىلا بېقىۋالغان ئىككى ياشلىق قىزى رازىيەگە ئۇيغۇرچىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۆگىتىش ئۈچۈن يارىدەم سورايدىغانلىقى يېزىلغان ئېدى. مەن دەرھال خەت يېزىپ يارىدەمگە تەييار ئىكەنلىكىمنى بىلدۈردۈم. بۇ ئىككەيلەن خېتىمدىن شۇنداق خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، مىڭ ئەپسۇس، ئۇلار ئامېرىكىدا ئىكەن. ئۇلارغا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان، ئۇلارغا يېقىن شىتاتتا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يارىدىمى كېرەككەن.
ئارىدا بىر ئىككى خېتىگە جاۋاپ يازدىم ۋەتەندىكى بىر قانچە ئۇيغۇرچە تورنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەردىم، لېكىن ھىچ قايسىسىدا توردىن ئۇيغۇرچە ئۆگىتىش سەھىپىسى يوق ئېدى. بولغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرچە بىلمىگەن ئاتا -ئانا ئۈچۈن ياردەمچى بولالمايتتى. كۈنلەر ئۆتۈپ ئۇلار ھەققىدىكى خاتىرىلەرنى تامامەن ئۇنتۇپتىمەن. ئۈرۈمچىدە ۋەقە بولۇپ كۈنلەر كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدا ھازا بىلەن ئۆتىۋاتقان كۈنلەردە، سكايىپ سايراپ قالدى.
-سالام، ئەنجۈمەن!
-سالام، كىم بولىسىز؟
-مەن ئەكىس، سىز ئەنجۈمەن، ھېلىقى ئالى مەكتەپتە ئىشلەيسىزغۇ دەيمەن؟
-بۇرۇن شۇنداقتى، ھازىر مەن ئامېرىكىدا.
-مۇباردەك بولسۇن! ئوقۇشقا كەلدىڭىزمۇ؟
-شۇنداق، رەھمەت. مەن ھازىر كانساستا، تىلشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇۋاتىمەن.
-سىز مېنى ئەسلىيەلىدىڭىزمۇ؟ مەن رازىيەنىڭ دادىسى، سىز قىزىمغا ئۇيغۇرچە ئۆگەتمەكچى بولغانتىڭىز؟ ئىككىمىز 2003-يىلى ئالاقىلاشقان. سىز شۇ چاغدىمۇ ئامېرىكىدا ئوقۇغىڭىز بارلىقىنى دېگەنتىڭىز. ئاخىرى كەپسىزدە!
– شۇنداق، مەن 15 يىل تەييارلىق قىلىپ ئاخىرى كەلدىم. ئېسىمگە كەلدى، سىز قازاقىستاندىن بىر ئۇيغۇر قىزىنى بېقىۋالغان. قىزىڭىزغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتەلىدىڭىزمۇ؟
-ئۆگەتتىم ، بۇ تولىمۇ ھاياجانلىق ھىكايە. سىز بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىن خەت تاپشۇرىۋالدىم. ئۇيغۇرلار مېنى بەك قوللىدى، رىغبەتلەندۈردى. ئۇلارنىڭ يارىدىمى بىلەن قۇشنا شىتاتتا ئوقۇيدىغان بىر ئۇيغۇر بالىنى تاپتىم. ئۇ يىگىت قىزىمغا ئىككى يىل ئۇيغۇرچە ئۆگەتتى. ئۇ بالا تولىمۇ تەدبىرلىك بالىكەن. ھەپتىدە ئۈچ سائەت ئۆگەتتى، ئەمما ھەر كۈنى قىزىم ئۈچ سائەت ئاڭلىغۇدەك قىزىقارلىق لەتىپىلەرنى ئاۋازغا ئېلىپ ماڭا تاپشۇردى، مەن ئاۋال رازىيەگە ئاڭلىتىپ بولۇپ، ئۇنى ئىگىلىزچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئاڭلىدىم.
-ۋاي بۇ ئاجايىپ تەسىرلىك ئىش بولۇپتۇ، شاتلىنالماي يۈرگەن كۈنلەردە، ھە ئاندىن قانداق بولدى؟
-ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇ يىگىت باشقا شىتاتتىن خىزمەت تېپىپ كېتىپ قالدى، ئاندىن قىزىمغا ئۇيغۇرچىنى ئۆزەم ئۆگەتتىم.
-قانداقسىگە؟
-ئۈرۈمچىدىن دىسنى شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان قورچاق فىلىملىرىنى ئەكەلدۈردۈم. ئىنگىلىزچىسىنى ئۆزەم ئالدىن كۆرۈۋېلىپ، قىزىمغا ئۇيغۇرچە فىلىمنى ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلغۇزدۇپ ئاڭلىدىم، شۇنداق قىلىپ قىزىم شۇنداق كىرىشىپ كەتتىكى، ھەر كۈنى ماڭا بىرەر كىنۇ تەرجىمە قىلىپ بەرمىسە كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەيدىغان ھالغا يەتتى. ھازىر قىزىمنىڭ ئۇيغۇرچىسى ياخشى. مەن توردىن چۈشۈرۈپ بەرگەن ئۇيغۇرچە كىنۇ ۋە كۈلدۈرگىلەرنى كۆرۈپ ھارمايدۇ. يېقىندىن بېرى كۈلدۈرگە، ئىتۇت دەيدىغان قىزىقچىلىقلارغا ئاشىق بولدى. ھەراست، ئۇيغۇرچە چاۋسۇ، جوتۇڭ، دىبا،ۋاڭبا، داباۋ، پەيچىسو، فاڭدۇڭ، ماجاڭ، چاۋشى، جوڭبا، مەنباۋ، دابازا دېگەن گەپلەرنىڭ مەنىسى نېمە؟ قىزىم ئابدۇكىرىم ئابلىز دېگەن قىزىقچىڭلارنىڭ ۋىدىيوسىدىن كۆرگەنىكەن، بىلەلمەي قاپتۇ.
-تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇ سۆزلەر ئۇيغۇرچە ئەمەس، قىزىقچىلىق قىلىمەن دەپ، قوشۇپ قويغان سۆزلەر ئوخشايدۇ.
-ياق، ئۇنداق ئەمەستەك، كىشىلەر ئۇ سۆزلەرنى ئاڭلىسىلا كۈلدى، ئۇيغۇرچە بولمىسا خەق چۈشىنىپ كۈلەمتى؟
-ھازىر بىر قىسىم چوڭ شەھەرلەردە ئۇيغۇرچىغا خەنسۇچە قوشۇۋالىدىغان ئىش بار، راست گەپنى دېسەم، شەھەرلەردە كۆپ ئادەم بۇنداق بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بىلمەيدۇ.
-ئەمىسە مەن قىزىمغا قايسى ئۇيغۇرچىنى ئۆگىتىمەن؟ چوڭ شەھەرنىڭكىنىمۇ، ياكى سەھرانىڭكىنىمۇ؟
-بۇ ئىشلار ۋاقتىنچە، بۇ مودا سۆزلەرنى كىشىلەر قانداق ئاسان ئۆگىنىۋالغان بولسا شۇنداق ئاسان ئۇنۇتۇپ كېتىدۇ. ئەندىشە قىلماڭ.
-سىكايىپنىڭ كۆرۈنىشىنى ئېچىڭە، بىر بىرىمىزنى كۆرەيلى! قىزىمنىڭمۇ سىز بىلەن مۇڭداشقۇسى بار.
-سىكايىپ نامى بىلەن ئاتىلىدىغان توردىكى ھەقسىز سۆزلىشىش دىتالىنىڭ ئىكرانىنى ئاچتىم.
-ئاق سېرىق، 9-10 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىزنىڭ ساغۇچ چاچلىق بېشى كۆرۈندى. ئەنە، ئۇيغۇرنىڭ كۆزلىرى!
ماڭا قاراڭ رازىيە، مەن سىزنىڭ ئۇيغۇر ئاكىڭىز ئەنجۈمەن.
-كۆرۈشكەنلىكىمىزگە خۇشالمەن، ئاكا، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئاكا سىزنىڭ بالىڭىز يوقمۇ؟
-بالام بار، ئەمما بۇ يەردە، ئامېرىكىدا ئەمەس. سىز تولىمۇ بەختلىك ئىكەنسىز، ئاتا- ئانىڭىز يېنىڭىزدا ئىكەن. قانچىنچى سىنىپتا ئوقۇيسىز؟
-بۇ يىل 3-دەرىجىگە كۆچىمەن.
_ ھە، ئۈچىنچى سىنىپقا دەڭ! سىز نېمىگە ئامراق؟
_ مەن ئاتقا بەك ئامراق، چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ئېتى بەك قالتىسكەن، ئاكا سىزنىڭ ئېتىڭىز بارمۇ؟ دادم مېنى ئۇيغۇرلارنىڭ قېشىغا ئاپىرىمەن دەپ دايىم ۋەدە بېرىدۇ، ئەممە ۋاقىت چىقىرالمايدۇ. بىزنىڭ تېخى ئۆيىمىز (ھويلىلىق ئۆينى دېمەكچى) يوق، ئۆتنە ئالغان (ئىجارە ئالغان دېمەكچى) بىنادا ئولتۇرىمىز. ئۆيۈم بولغاندا ئات باقسامكەن دەيمەن. سىزنىڭ ئېتىڭىز چوڭمۇ؟
– مېنىڭ ئېتىم يوق، مەن ئاتقا مىنەلمەيمەنغۇ دەيمەن. ھازىر ۋەتەندە ئات ئاز، مىنىدىغان ئادەم تېخىمۇ ئاز.
– ئۇيغۇرلار ھازىر چىن تۆمۈر باتۇردەك ئات مىنمەمدۇ؟
– – ياق، ھەممە يەر سىمۇنت، ھەممە يەر قاتتىق، ئات ماڭالمايدۇ.
– – ئاكا سىز پىرىزدېنت بولاي دەمسىز؟
– – ياق، مەن ئويلاپمۇ باقمىدىم، مەن بولالمايمەن!
– – نىمىشقا، مەنچە سىناپ بېقىڭ، مەن مەكتەپتە پىرىزدېنت بولدۇم، ( ئامېرىكىدا مەكتەپلەردە شۇنداق تەقلىدى سايلام باركەن ) دادام سىز تۇنجى ئۇيغۇر پىرىزدېنت دەيدۇ، بۇ راستمۇ؟ ئۇيغۇرلاردا بۇرۇن پىرىزدېنت يوقمىدى؟
– – ئويۇنچۇقىڭىز كۆپمۇ؟
– _ مەن كىچىك بالا بولمىسام، پىرىزدېنت دېگەنمۇ ئويۇنچۇق ئوينامدۇ؟ سىز مېنىڭ گېپىمگە ئىشەنمەيۋاتسىز؟ مەن راستىنلا پىرىزدېنت، شۇنداققۇ دادا!
– _ قىزىڭىز بىلەن مۇشۇنداق كۆرۈشەلەمسىز؟ قىزىڭىزنىڭ مەلىكە بولغۇسى بارمۇ ياكى پىرىزدېنتمۇ؟ نىمىشقا يىغلايسىز؟ تېلۋىزوردىمۇ كۈندە يىغلىغان كۆرۈنىشنى بېرىدۇ، نىمىشقا بۇنداق ھەممىڭلار يىغلاڭغۇ بولۇپ قالدىڭلار؟
– پەقەت بەرداشلىق بېرەلمىدىم، سىكايىپنى ئۆچۈرۈپ، ئۈنۈمنى قويۇۋېتىپ راسا يىغلاپتىمەن. بىر دەمدىن كېيىن ئەكستىن خەت كەلدى. خەتتە مۇشۇمداق پات پات مۇڭدۇشۇپ تۇرۇش ئارزۇسى تىلغا ئېلىنغان ئېدى.
– بۈگۈن ئەكىستىن يەنە خەت تاپشۇرىۋالدىم. قىزىنى تۈركلەر ئاچقان مەكتەپكە يۆتكەپتۇ. خېتىدە قىزىنى باققاندىن بېرى ھالال گۆش يەۋاتقىنىنى، قىزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىتىقاد قىلىۋاتقان دىنغا ئىتىقاد قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنى تۈرك مەكتىپىگە يۆتكىگەنلىكىنى، رامازاندا تۈركلەرنىڭ قىزىغا قۇرئان ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ رازىيەنى ھەقىقىي بىر ئۇيغۇر قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى يېزىپتۇ. ئۇ خېتىنىڭ ئاخىرىدا « مەن رازىيەنى ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزى قىلىپ تەربىيەلىيەرمەنمۇ؟ ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە رازىيەدىن رازى بولارمۇ؟» دەپ يېزىپ قويۇپتۇ.
– ئامېرىكىدىكى مىھىرلىك رامازان كۈنلىرى
– ئامېرىكىدا رامازان بىر كۈندە باشلانمىدى، تۈرك قارداشلىرىمىز جۈمە كۈنى باشلىدى، ئەرەب بۇرادەرلەر شەنبە كۈنى زوھۇرلۇق يەپتۇ. بىز شەنبە كۈنى كانزاس شىتاتلىق ئۇنۋېرىستىتقا كەلگەن ئىككى ئۇيغۇرۇمىزنى مىھمانغا تەكلىپ قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن تۇنجى كۈنى تۇتالماي قالدۇق. مىھمانلارغا گەپ ئارىلىقىدا بۇنى تىلغا ئېلىۋىدۇق، ئۇلار كۈلۈپ كەتتى. ئەسلىدە ئۇلارمۇ شەنبە ئەتىگەن مىھماندارلىققا بارىمىز دەپ روزا تۇتالماپتۇ. يېڭى كەلگەن ئېنىمىزنىڭ ئامېرىكىلىق ياتاقدېشى ئەرەبچە ئۆگەنگەنىكەن، ئۆزىنىڭمۇ بىللە روزى تۇتقىسى بارلىقىنى، روزىنىڭ خاسىيىتىنى ھىس قىلىپ باققۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. شۇ كۈنى ئىككى ئۇيغۇر مۇساپىرنى بىر يېرىم سائەت ماشىنا ھەيدەپ يېنىمىزغا ئېلىپ كەلگەن بۇ ئامېرىكىق بالىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇق. ئەتىسىدىن باشلاپ روزامىزنى باشلىۋالدۇق، ئەلھەمدۇلىللاھ .
– ئامېرىكىدا مەن ئۈچۈن مۇسۇلمانلىقنىڭ ئەڭ راھەتلىك، ھوزۇرلۇق كۈنلىرى رامازان، ئادىمىيلىكنىڭ تولۇق چاقنىغان دەملىرى رامازان بولدى. مەكتەپتىكى مەسچىتتە بىرلىكتە يىيىلىدىغان ئىپتار، مۇھەببەتلىك سۆھبەت، مۇڭلۇق قىرائەتكە تولغان تاراۋى نامىزى. بىر بىرىنى مىھمان قىلىۋېلىشقا، بىر بىرىگە يۆلەك بولۇۋېلىشقا تەشنا بۇرادەرلەر توپى. دۇنيانىڭ تۆت بۇرجىكىدىن ئامېرىكىغا بىلىم، ئىستىقبال ئىزدەپ كېلىپ ئۆز ئىتىقادىنىڭ مەمنۇنىيىتى ئىلكىدە ياشاۋاتقان بەختلىك مۇسۇلمانلار، ئامەتلىك ئۈممەتلەر. ئۇلار رامازاننى مەخپىي تۇتۇشنىڭ ئازابىنى، سوغۇق سۇدا، چىراقسىز ياتاقتا تىۋىشسىز زوھۇرلۇق يىيىشنىڭ مۇشكۈلاتىنى بىلمەيدۇ، خەۋەر تاپقانلىرىمۇ باردۇ، ئەمما ھىس قىالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئۇنداق كۈنلەرنى يېقىن يولاتمىغاي. قادىر ئاللاھ ئۆزىگە بەندىلىك قىلىشتىن باشقا غايىسى، تىرىكلىكتىن باشقا نىشانى بولمىغان شور پىشانە ئىخلاسمەنلىرىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغاي، شىھىتلەرگە جەننەت، تىرىكلەرگە ئىسەنلىك ئىلتىپات قىلغاي.
– رامازان كۈنلىرى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتتى، كانزاس شەھرىدىكى تۇرك جامائىتىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىگە بىر قانچە قېتىم ئىپتارغا باردۇق. بىر قېتىملىق ئىپتارنى بىر ئەزەربەيجانلىق ئاكىمىز ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ « ئۇيغۇر دېگەن سۆزنى ھەر ئاڭلىسام يۈرۈگۈم ئاغرىيدۇ» دەپ كۆزىگە ياش ئالغىنىنى ھەر قېتىم كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم ئۆپكەم ئۆرۈلىدۇ. تەلىيىمگە بىر ئەرەب كىشى بىلەن خوشنا بولۇپ قاپتىمەن، مەسچىتكە ئىپتارغا بارالمىغان كۈنلەردە بىرلىكتە ئىپتارقىلدۇق. قىزىق يېرى رامازان جەريانىدا بۇ كىشىنىڭ ئىنگىلىزچىنى سۇدەك سۆزلەديغان بالىلرى ماڭا پەقەت ئەرەبچىلا گەپ قىلدى. ئۇلار تولىمۇ خۇشال، ماڭا سۆزلەپ ھارمايدۇ، مەنمۇ بىلگەندەك كۈلۈپ قويىمەن. بۇنداق چاغلاردا ھېيتتا بالىرىغا خەنسۇچە گەپ قىلدۇرماي، ئۆزىمۇ گەپلىرىگە قەتئىي خەنزۇ ئارىلاشتۇرماسلىققا تىرىشىدىغان خەنچە ئوقۇغان نەۋرە ئاچام ئېسىمگە كېلىدۇ، بەلكىم بۇلارنىڭ ئاتا ئانىسىمۇ شۇنى تەلەپ قىلغاندۇ. ئەرەب ئۈچۈن ئانا تىل ئاللاھنىڭ ھىكمەتلىك ئايلىرىدا ئەزىزدۇر. تېشىدا ھېيىت ئوينىغان ئۇيغۇر ئۈچۈنمۇ ئانا تىل ھىيىتلىق نىمەتتۇر، مەرھەمەتتۇر، مۇقەددەس ئاللاھقا باغلايدىغان رىشتەدۇر، ئىماندۇر.
– مەسجىدىمىز رامازان كۈنلىرى تۈرلۈك خوش خەۋەرلەر بىلەن جانلىنىپ تۇردى، ئىمان ئېيتقان ئامېرىكىلىق قىزلار، يىگىتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەسىرلىك ھىكايىلىرى بىلەن قەلبىمىزنى ياراتقۇچىنىڭ مېھرىگە تېخىمۇ ئۇلۇق قىلىپ ئاچتى. مەسجىدىمىزنىڭ قىلغان يەنە بىر ساۋابلىق ئىشى، مۇسۇلمان ئەمەس ئوقۇغۇچىلارغا چىقارغان رامازان چاقىرىقى بولدى. بۇ چاقىرىققا 500دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئاۋاز قوشتى، رامازان تۇتقان ئوقۇغۇچىلار ئىپتارلىق تاماق ۋە مىۋىلەر بىلەن مىھمان قىلىندى. ئۇلارنىڭ رامازان تۇتقانلىقى بىلەن تىجەپ قالغان پۇلى شەھەردىكى خەيرى-ئىھسان جەمئىيەتلىرىگە ئىئانە قىلىندى. تېخىمۇ تەسىرلىك يېرى، ئىپتاردىن كېيىن بۇ روزا تۇتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ناماز ئوقۇشى بولدى، ئۇلار بۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ رامازانلىق پائالىيەتلىرىنى تولۇق تاماملاش، مۇسۇلمانلىقنىڭ تۇيغۇسىنى مۇكەممەل ھىس قىلىش ئۈچۈن ئىختىيار قىلىشقانلىقىنى بايان قىلىشتى.
رامازاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى مەسچىتتە بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغا بىر مۇسۇلمان دىققىتىمنى تارتتى. گەپلىرى ۋە ئىنگىلىزچە تەلەپپۇزىدىن قارىغاندا ئامېرىكىدا تۇغۇلغان ئامېرىكىلىقتەك قىلاتتى. (ئامېرىكىدا دۇنيادىكى ھەممە مىللەت دېگۈدەك تېپىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئامېرىكىدا چوڭ بولغان ئامېرىكىلق ۋە كېيىن كەلگەن ئامېرىكلىق دەپ ئايرىش مۇمكىن) قىزىقىپ سورۇدۇم.
_ سىز ئامېرىكىلىقمۇ؟
_ ھەئە، بەختىمگە قارشى مەن ئامېرىكىلىق.
_ نېمىشقا مۇنداق دەيسىز؟
_ مېنىڭ مۇسۇلمانلار كۆپرەك دۆلەتتە ياشىغۇم بار ئېدى.
_ نېمىشقا؟
_ پەرزەنتلىرىمدىن ئەنسىرەيمەن.
_ قانداقسىگە؟
_ مەن ئۇلارنى مۇسۇلمانلىقتا ياشاپ بولالماي قالامدىكىن دەيمەن. چۈنكى بىزنىڭ بۇ شەھەردە مۇسۇلمانالار بەك ئاز، ئۆيدە ھەرقانچە تەربىيە قىلغىنىم بىلەن ئەتراپتا، جەمىيەتتە پەرزەنتلىرىمنى باشقا ئېقىملارغا ئەگەشتۈرىدىغان ئامىللار كۆپ.
_ مەنچە ئۇنداق بولۇپمۇ كەتمەس، مۇسۇلمانلار كۆپ جەمىيەتتىكى مۇسۇلمانلارمۇ پۈتۈنلەي ئۆز مەدەنىيىتىدىن بەھىر ئېلىپ ياشاپ كېتەلمەيدۇ.
_ سىز قاچان ئىسلامغا كىرگەن؟
_ مەن ئىسلامغا قايتقىلى 20 يىلدىن ئاشتى.
_ سىز تولىمۇ توغرا كەلىمە ئىشلەتتىڭىز. ئەسلى مەنمۇ توغرا سورىيالماي قاپتىمەن.
ھىچقىسى يوق، بىز مۇسۇلمانلار ھەر بىر ئېغىز سۆزىمىزگىمۇ ئىگە بولۇشىمىز كېرەك، غەيرى مۇسۇلمان زىيالىلىرى ئاغزىمىزغا نېمە سېلىپ بەرسە شۇنى دورىساق بولمايدۇ. مانچە ئادەم مۇسۇلمان بولدى دېگەن خاتا ئىبارە. توغرىسى ئىسلامغا قايتتى بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ ھەممىمىزنى مۇسۇلمان يارىتىدۇ. ئاتا ئانىمىز ۋە موھىت قايسى دىندا، قايسى ئىددىيىدە بولسا بىزمۇ شۇنداق چوڭ بولىمىز. ئەقلىمىزنى تاپقاندا بەزىمىز ھەققە قايتىمىز، ئەمما كۆپىنچىمىز كۆنگەن خۇيىمىزنى داۋام ئېتىمىز. سۆھبەتكە قېتىلغان ئىرانلىق ئەزەرى دوستۇم، «ماشائاللاھ! مانا بۇ مەن ئاڭلىغان يېڭى گەپ، بىلىدىغان، ئەمما تەدبىق قىلىشنى ئۇنۇتقان موھىم بىلىم بولدى. بىز ھەمىشە بىلگىنىمىز بىلەن قىلغىنىمىزنى بىرلەشتۈرەلمەي قالىدىكەنمىز. ئىمانىمىزقەلبىمىزدىلا قالىدىكەن، قىلىقىمىزدا زاماندا ئاققاننى، خەققە ياققاننى داۋام قىلىدىكەنمىز. مەن ھېلىمۇ ئۆزەمنى توپا توزۇتۇپ ماڭغان ماشىنا كەينىدىن يۈگۈرىۋاتقان بالىدەكلا ھېس قىلىمەن. ماشىنىنى كۆرگۈم بار، چۈنكى ئېڭىمدا ئۇ مەن كۆرۈپ باقمىغان يېڭىلىق، تولۇقراق كۆرۈشكە قادىر بولالمايۋاتقان تەرەققىيات. ماشىنىنىڭ رولچىسى مېنى تونۇمايدۇ، تونۇشىنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق. ئۇ پەقەت مېنىڭ جان جەھلىم بىلەن قوغلاشلىرىمدىن ھوزۇر ئالىدۇ، خوشى تۇتسا يەپ ئاشقان كەمپىتنىڭ قەغەزلىرىنى تاشلاپ بېرىدۇ. مەن دوستلۇرۇم بىلەن ئۇنى پۇل قىلىپ ئوينايمەن. ماشنا يەنە كېلىدۇ، يەنە قوغلايمەن، كەينىمگە قارىسام كۆز يەتكۈسزى بىر توپ ماڭا ئەگىشىپ قوغلاۋاتقان. ئالدىمدا ماشىنا يوق، ئەمما توختاپ قالغۇم كەلمەيدۇ. چۈنكى مەن دېگەن ئەڭ ئالدىدا ئۈزۈپ ماڭغۇچى، ئۇلار ماڭا ھەۋەس قىلىدۇ، مەندىن پەخىرلىنىدۇ، مېنى ئەڭ بۇرۇن ماشىنىغا چىقىدىغان كىشى دەپ تونۇيدۇ، مېنىڭ ماشىنى كۆرۈپ قوغلاۋاتقىنىمغا ئىشىنىدۇ. مەن ئامالسىز قوغلاشنى داۋام قىلىمەن…» سوۋېت ئىمپىرىيىسى بىلەن برتانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ تەقسىم قىلىشى بىلەن تۈركچە سۆزلىشىدىغان ئەزەرىلەر ئىككى دۆلەتكە تەۋە بولۇپ قالغان ئىكەن. سوۋېت پارچىلانغاندىن كېيىن روسلارغا تەۋە ئەزەربەيجان مۇستەقىل بولۇپتۇ. ئەينى چاغدا برىتانىيەنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى ئىرانغا تەۋە بولغان ئەزەرىلەر ھازىرغىچە مۇستەملىكە بولۇپ تۇرۇۋېتىپتۇ. دوستۇمنىڭ بۇ سۆزلىرى تولىمۇ چىن، بەكمۇ تونۇشلۇق ئېدى. ئۇنىڭدىن «ئىسمىڭ پارىسچىمۇ ؟» دېسەم چىرايىنى سەل ئۆزگەرتىپ « ئىراندا قۇشلارمۇ پارىسچە سايرىشى كېرەكمىدى؟ بىزمۇ ئادەم، بىزنىڭمۇ تىلىمىز بار، مېنىڭ ئىسمىم سەننۇر!» دېگەنلىرىنى ئۇنۇتالمايمەن.
رامازان جەريانىدا بىر بىلىۋالغىنىم، بىز ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىدىكى مۇسۇلمانلىرىغا ئەمەس تۈركىيە تۈركلىرىگە ئوخشاش ھەنەپىي مەزھىبىگە مەنسۇپكەنمىز. چۈنكى بىز ئۇلاردەك تاراۋىنى يىگىرمە رەكەت ئوقۇيدىكەنمىز، پاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن ئۈنلۈك «ئامىين» دېمەيدىكەنمىز، ئىمامغا سوڭدىشىپلا سالام بېرىدىكەنمىز. بۇ يەردىكى سەئۇدىلىك ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەتتىكى شەكىللىرى بىزدىن سەل پەرق قىلىدىكەن. مۇشۇنچىلىك پەرقنى توغرا ھەل قىلماي توقسىنىنچى يىللاردا بىر «ئامىن» نى تېشىدا ياكى ئىچىدە دېيىشنى تالىشىپ پىرقىلەرگە بۆلۈنگەن ساددا قېرىداشلىرىمغا ئاللاھتىن تەپەككۇر، ئىجتاھات تىلىدىم. شۇ تالاش تارتىشلار بولغان زاماندا مەن «ئامىن» نى تېشىدا دېيىشكە مايىل ئىدىم. چۈنكى ياش-بوغۇن بولغاچقا ئىسلاھات-يېڭىلىققا ئىنتىلگەن بولۇشىمىز تەبىئى، ئەمما ئسلاھاتنىڭ شەكىلدىن ئەمەس، مەنىسىدىن باشلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلىشىمىز لازىم ئېدى. قايسى ئىسلاھاتنى چوقۇم، قايسى يېڭىلاشنى ئىمكانىمىزغا، شارائىتىمىزغا بېقىپ قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىزگە شۇ چاغلاردا ئۆگىتىلىشى لازىم ئېدى.
رامازاندا ماشىنىلىق ئۈچ سائەتلىك يەردىن كېلىپ، مەسچىتىمىزگە نەزىر بەرگەن ئۇيغۇر ھەمشىرىمىزدىن ئالەمچە رازى بولدۇق، مۇسۇلمان بۇرادەرلەر ئىپتاردا ئۇيغۇر پولوسى بىلەن ئۇيغۇر قوردىقىنى تالىشىپ يەپ كېتىشكەندە، مۇشۇ تائاملارنىڭ ئىجادچىسى بولغان مۆئمىن ئۇيغۇرۇمغا، ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئەرزىيەتلىرىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقان تىرىكلىك تۇتقۇنلىرىغان ۋە ئۆلۈم شاھادەتمەنلىرىگە ئاللاھتىن رەھمەت، ئامانلىق تىلىدىم. ھېيىت نامىزىنى تۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۇيغۇر بالىلىرىدەك ھېيىتلىق كىيىملىرىنى كېيىشىپ،دادىلىرىغا ئەگىشىپ كەلگەن تۈرك بالىلىرى بىلەن بىر سەپتە ئوقۇدۇم. قاراڭ، بۇ ئىسلامدىكى ئادىللىقىنى، ئاللاھ ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر، ئاللاھنىڭ ئۆيى بولغان مەسچىتتە كىچىكمۇ، چوڭمۇ، بايمۇ، گادايمۇ ھەممىمىز بىر سەپتە. تۈرك قېرىداشلارنىڭ دۇئادىكى بىرىنجى جۈملىدە «ئى ئاللاھ! ئەزىز ۋەتىنىمىزنى، جانىجان ھۆرلۈكىمىزنى قوغدۇغايسەن…» دەپ خىتاب قىلغاندا كۆزلىرىمدىن ياشلار قۇيۇلدى.دادامنىڭ مېنى كىچىكىمدە ھېيىت نامىزىغا مۇشۇنداق ئېلىپ بارغانلىقى، جامائەتنىڭ نامازدىن بۇرۇنقى سېھىرلىك تەكبىرلىرىدىن غايىپ ياراتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ھىس قىلغانلىرىم، چوڭلار بىلەن بىر سەپەت تۇرۇپ ئۆزەمنى چوپچوڭ يىگىتتەك چاغلاپ غۇرۇرلانغىنىم ئېسىمگە كەچتى. بىزنىڭ نەۋرىلەر بۇنداق بەخىتتىن، بۇنداق سېھىرلىك تۇيغۇدىن، دادا بىلەن بىر سەپتە تۇرغاندا ئويغۇنىدىغان ئەركەكلىك مەسئۇلىيەت ۋە غۇرۇردىن مۇستەسنا چوڭ بولماقتا ئېدى. تۈركلەردىمۇ كىچىكلەرگە ھېيىتلىق بېرىدىغان ئادەت باركەن. مەن تەييارلىقسىز كەلگەنىكەنمەن، ھەممە ئادەم كىچىلەرنى چاقىرىپ، يانچۇقلىرىدىن بىر دوللارلىق پۇللارنى بەرگىلى تۇرغاندا بەكمۇ خىجالەت بولدۇم. تەلىيمگە بىر تۈرك بۇرادەر جىقلا پارچە پۇل ئېلىۋاپتىكەن. شۇنىڭدىن پارچىلىتىپ مەنمۇ ھېيىتلىق بەردىم، ئۇيغۇر بالىلىرىدەكلا ئوماق بۇ بالىلار ھېيتلىقنى ئېلىپ رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، قولۇمغا سۆيۈپ قويۇشتى، باشقىلار ئەسكەرتمىسە قولۇمنى ئۇزاتماي تۇراركەنمەن تېخى .(تۈركىيە تۈركلىرىدە كىچىكلەر چولڭلارنىڭ قولىغا سۆيۈپ كۆرىشىدۇ).
18. چىگرىنىڭ چېكى ۋە مەدەنىيەتنىڭ پايانى
ئامېرىكىغا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي تۈركچىنى شۇنداق ياخشى سۆزلەيدىغان بىر پروفېسسۇر بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. تۈرك دوستۇم مېنى مېھمانغا چاقىرغاندا ئۇنىمۇ بىللە چاقىرغانىكەن. ئۇ ئايال ئىسلام تەسەۋۋۇفى، كامىروندىكى بەربەر قەبىلىسىنىڭ تىلى قاتارلىق تېمىلارنى تەتقىق قىلىدىكەن. يولدىشىمۇ كامىرونلۇق بەربەركەن. ئادەتتە ئامېرىكىدا تەتقىقاتچىلار قايسى مىللەت ھەققىدە ئىزدەنمەكچى بولسا ئاۋال شۇ مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنىدىكەن. تەتقىقات جەريانىدا تىل ئۆگنىشنىڭ تەقەززاسىدا مەدەنىيەت ئۆگىنىپ ئاخىرىدا مەزكۇر مەدەنىيەتنىڭ ھەقدارلىرى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ قالىدىغان ئىشلار ئامېرىكىدا ھەيرانلىق قوزغىمايدىكەن.
بىز سۆھبەت جەريانىدا ئارىمىزدا نۇرغۇن تېمىلارغا ئورتاق قىزىقىش بارلىقىنى ھېس قىلىشتۇق. گەپ تەسەۋۋۇفنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك مىللەتلىرىگە تارقىلىشى، پارىس تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مىللەتلىرىگە تەسىرى ھەققىدە بولۇنغاندا قۇرۇلۇش ئىنجىنىرلىقىدا ئوقۇيدىغان ساھىپخان تۈرك دوستۇم بىراز بىئارام بولدى، ھەمدە سەل گۇمان قىلغاندەك بولۇپ قالدى. چۈنكى، مەن پارىس مەدەنىيتىنىڭ تۈرك مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە تەسىرى مىسالىدا بىزدىكى مۇقام ناملىرىنىڭ ئىچىدە «سىگاھ،، چاھارگاھ،، پەنجىگاھ» لارنىڭ پارىسچە ئىكەنلىكى، ھازىرقى تۈركچىدىكى «بەياز(ئاق)، قىرمىزى(قىزىل)،سىياھ(قارا)…» قاتارلىق كەلىمەلەرنىڭمۇ پارىسچە ئىكەنلىكنى دەپ ئۆتتۈم. تۈركىيەدە ئاتا تۈركنىڭ تۈركچىنى ساپلاشتۇرغانلىقىنى ئىپتىخار ئىلكىدە ئۆگۈنۈپ چوڭ بولغان بىر تۈرككە مىساللىرىم تولىمۇ غەلىتە تۇيۇلاتتى، قوبۇل قىلىش ئاسانغا توختىمايتتى. تۈرك دوستلىرىمىز مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەرلىكىگە، ھەرقانداق ئىشتا ئىلغارلىقىغا ئىشىنەتتى. ماڭا بىر ئامېرىكىلىق تۈركلەرنى «بۇنى تۈركلەر قىلالمايسىلەر!» دېسەڭ بەك غەزەپلىنىدۇ دېگەن ئېدى. دېمىسىمۇ شۇ، تۈركىيە مەيلى ئوسمان ئىمپىريىسى زامانىدا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ پاناھى بولغان تارىخى بىلەن بولسۇن، ياكى ھازىرقى دۇنيا ئىقتىسادىدا دۇنيا بويىچە يىگىرمە كۈچلۈك دۆلەتنىڭ يىغىنىغا بىر مۇسۇلمان دۆلىتى سۈپىتىدە قاتنىشالاۋاتقانلىقى بىلەن بولسۇن ھەر بىر تۈركنىڭ پەخىرلىنىشگە ئەرزىيدۇ. ئەمما باشقىلار بىلەن ئورتاقلىقتا ياشىغىنىمىز، باشقىلاردىن مەدەنىيەت قوبۇل قىلغانلىقىمىز ئېيتىلسا نىمىشكە بىئارام بولىمىز؟ مەدەنىيىتىمىزدىكى تەسىرلەر بىزنىڭ تىرىشچالىقىمىز، قوبۇلچانلىقىمىز، ئىجاتچانلىقىمىزنىڭ دەلىلى. باشقىلاردىن قوبۇل قىلىش، ئۆگىنىشنى بىلىش بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى مەنتىقىدە ئىزچىل تەرەقىيپەرۋەرلىك سانىلىدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە بىر مىللەتنىڭ كىمدىن نېمە قوبۇل قىلغانلىقى موھىم ئەمەس، بەلكى قوبۇل قىلغانلىرىنى قانچىلىك ھەزىم قىلالىغانلىقى ۋە شۇ ئاساستا ئۇنى قانچىلىك يېڭىلىيالىغانلىقى موھىم. مەسىلەن، يۇقارقى ئۇيغۇر مۇقاملىرىمىزنىڭ ئىسمى پارىسچە، مەشرەپلىرىمىزنىڭ ئىسمى ئەرەبچە ئەمما بۇ مۇقام پارىسنىڭ، مەشرەپ ئەرەپنىڭ ئەمەسقۇ!. تەھقىقكى، ئۇيغۇرنىڭ مۇقاملىرى ۋە مەشرەپلىرى ب د ت غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىردى، دېمەك دۇنيانىڭ نەزىرىدىمۇ، ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدىمۇ مۇقام، مەشرەپ ئۇيغۇرنىڭ. ئۇنداقتا بۇ يەردە بىر سۇئال تۇغۇلىدۇ. نېمىشقا ئۇيغۇر جاھاننى قايىل قىلغان مۇقامىغا پارىسچە، مەشرىپىگە ئەرەبچە ئات قويىدۇ؟
يازمىنىڭ ماۋزۇسىنى «چىگرىنىڭ چېكى ۋە مەدەنىيەتنىڭ پايانى» قويدۇق. يۇقارقى سۇئالنىڭ جاۋابى شۇ مازۇدىن باشلاپ يېشىلىدۇ.
كاللامدا بۇرۇن شۇنداق سۇئاللار قاينايتتى، ئۇيغۇرلار نىمىشقا « تايىنى يوق» ھىندىستاننىڭ كىنوسىنى ھوزۇرلىنىپ كۆرىدۇ؟ ھىندىستان كىنو چولپانلىرىنىڭ رەسىمى نىمىشقا شۇجى تاڭغاندەكلا ھەر بىر ئۇيغۇر قىشلاقلىرىغىچە چاپلىنىدۇ؟ نىمىشقا دېڭىز بويىدىكى ئۆلكىلەردە ئىشلەنگەن ماللار ئەرەبچە خەت يېزىپ قويۇلسىلا ئۇيغۇردا بازارلىق بولىدۇ؟ نىمىشقا ئاسانلىقچە پىرىزدېنتلارنىڭ قەدىمى يەتمەيدىغان قەشقەرگە ئىران پرىزدېنلىرى ۋە تۈرك رەھبەرلىرى پات -پات قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرىدۇ؟ ئۇيغۇرلار ئاچقان ئۈن-سىن دۇكانلىرى ۋە دىسكۇخانىلاردا نىمىشقا روسچە ناخشا ئەۋج ئالىدۇ؟ نىمىشقا كىشىلەر بالىلىرىغا سادامنىڭ ئىسمىنى قويىدۇ؟ نىمىشقا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئەرەبىستان، تۈركىيە ۋە پاكىستانلاردا كۆپ؟ ئۇيغۇرلار نىمىشقا كۆك كۆز سېرىق ئادەمنى ”ئورۇس“، «سېرىقتىن ۋاپا كەلمەيدۇ» دەيدۇ؟.
ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرنى كەمسىتىش، سۆكۈش، قارغاش ئەيدىز كەبى ئەۋج ئالغان زامانلاردا مەنمۇ بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى خەلقىمىزنىڭ « نادان»لىقىغا جورۇپ چۈشىنىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ كەلگەن ئېدىم. مۇساپىر بولۇپ، رىيازەت چەككەن دەملەردە، ئاللاھ نىسىپ قىلىپ ئامېرىكىدەك كۆچمەنلەر ۋەتىنىدە دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولغان چاغلاردا بۇرۇنقى كاللامدىكى چىگىك ۋە توقۇناق پېتى قالغان مەسىلىلەر ھەققىدە يىراقتا تۇرۇپ قايتا ئويلاندىم. شۇنچە مۇشەققەت چېكىپ ئىزدەپ ئوتتۇرا شەرقلىقلەر ئاچقان دۇكان ۋە ئاشخانىنى كۆرگىنىمدە ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا يېقىن پۇراقنى سېزىپ قەشقەر ياكى كۇچادىكى مەلۇم ئاشخانىدا غىزالانغاندەك ھوزۇرلاندىم. تۇيۇقسىز قايسىدۇر ماشىنىدىن ئاڭلىنىپ قالغان ھىندىچە ناخشا مېنى ۋەتەننىڭ گۈلدەك قۇملىقىغا ئاپىرىپ تاشلىدى. ئىنىمىزگە، ئاكىمىزغا، سىڭلىمىزغا ياكى ئاچىلىرىمىزغا ئوخشاپ كېتىدىغان تۈركلەر، پارىسلارغا قاراپ بوۋىمىز مەھمۇدنىڭ مىڭ يىل مۇقەددەم « پارىسسىز تۈرك(ئۇيغۇر) بولماس » دېگەنلىكىنى ئەسكە ئالدىم.
ئاۋام ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سىياسىي چىگرا ھېلىغىچە تولىمۇ ناتونۇش بىر ئۇقۇم. ئۇلار ھېلىمۇ خەلقارا خەۋەرلەرنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت تەۋەلىكى بويىچە مۇخبىردىن ۋە دىكتوردىن باشقىچە چۈشىنىدۇ. كىمنى يېقىن ياكى يىراق كۆرۈشنى، نېمىنى سۆيۈش، نېمىنى ھىمايە قىلىش ھەققىدە رىياللىقتىكى چىگرا-توساقلاردىن ھالقىپ تۇرۇپ ئۈنسىز قارار چىقىرىدۇ. تارىختىن بېرى موڭغۇل ئىگىزلىكىدىن تاكى قارا دېڭىزنىڭ ئۇ قاتلىرىغىچە ئەركىن ياشاپ كەلگەن بۇ خەلق 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە مۇنداق مۇئەييەن بىر سىياسى دائىرىگە قاۋىلىپ باقمىغان. ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە پەقەت مەدەنىيەت پەرقىلا ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەقىقى چىگرىدۇر. مەن تۈركىيەدە مۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغان. ئېيتىلىشىچە 1960-يىللاردىكى قاچ-قاچتا بىر قسىسم ئاپغان پاسپورتى بار ئۇيغۇرلار ئافغانىستانغا قاچقانىكەن. ئەينى چاغدا بۇلارنى ب د ت نىڭ مۇساپىرلار مەھكىمىسى كۈتىۋېلىپ نەگە يەرلىشىشىنى خاھلىسا شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىكەن. ئۇيغۇر مۇساپىرلار تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننى تاللاپتىمىش. ماڭا دەپ بەرگەنلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئەگەر ئۇلار ئامېرىكا ياكى ياۋرۇپانى تاللىغان بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى ئۈچۈن كۆپ مەنپەئەتلىك بولىمىشكەن. ئەينى چاغدا مەنمۇ بۇ گەپكە قوشۇلغان. ۋاھالەنكى بېشىمدىكى مۇساپىرلىق سەۋداسى يەنە قوزغۇلۇپ ئۆزەمنى ئامېرىكىدا كۆرگىنىمدە ئەشۇ سەرگەدان ئاتىلىرىمىزنىڭ قىلغىنىنى پۈتۈنلەي توغرىكەن دېمىگەن بولساممۇ توغرا چۈشەندىم. ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ياكى ياۋرۇپانى تاللىماي ئۆزىنىڭ مەدەنىيەتتىكى تۇغقان ۋە يېقىنلىرى بولغان سەئۇدى ۋە تۈركىيەنى تاللىشى قانداقتۇر ئۇلارنىڭ نادانلىقى ياكى قالاقلىقى ئەمەسكەن. ھەر قانداق ئىنسان تەبىئىكى، ئۆزىگە دىن، ئۆرپ ئادەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردىن يېقىن كېلىدىغان كىشىلەر بىلەن ئاسانراق چىقىشىپ ئۆتەلەيدىكەن، خۇشھاللىقىدىن تەڭ ھوزۇرلىنىپ قايغۇسىنى تەڭ كۆتۈرىشەلەيدىكەن. بىر ئۇيغۇر بىر تۈركىيەلىك تۈرك بىلەن بىرىنچى ئېغىز سۆز بىلەنلا ئوخشاشلىقنى سېزىدۇ. بىر ئۇيغۇر بىر مۇسۇلماننىڭ بىرەر قىلىقىدىنلا ئورتاقلىقنى ھىس قىلىدۇ. بۇ خىل ھىس تۇيغۇلار ئىنسانلارنى بىر بىرىگە تەبىئى يېقىنلاشتۇرىدۇ. مەسىلەن، بىر كۈنى بىزنىڭ بىر مۇئەللىم گەپ ئارىلىقىدا دۇنيادىكى داڭلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنى ساناپ كېلىپ سىنىپتىكى ئەرەب بالا بىلەن ماڭا قاراپ« سىلەر ئەلجەزىرە تېلۋىزىيەسىنى ھازىرمۇ كۆرەلەۋاتامسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئوقۇتقۇچىمىز مېنىڭ جوڭگۇدىن كەلگەنلىكىمنى بىلىدۇ، نىمىشقا سىنىپتىكى باشقا خەنسۇ بالىلاردىن سورىماي مېنى ئەرەب بالا بىلەن بىر قاتارغا قويۇپ سۇئال سورايدۇ؟ مەن بۇنى مۇئەللىمدىن سورۇدۇم. ئۇ ئەلجەزىرە تېلۋېزىيىسىنىڭ گېپى چىققاندا ئەرەب بالا بىلەن ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرىمىزدىن قىزىقىش ئىپادىلرىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. سىنىپتا باشقا ئەللەردىن كەلگەن بەزى ساۋاقداشلارنىڭ قىلىقلىرى ياقمىسا ئەرەب بالا بىلەن ئىككىلىمىز تەبىئىلا بىر بىرىمىزگە قارىشىپ قالىمىز. ھەتتا ئىككىمىزنىڭ ئىڭگىلىزچە تەلەپپۇزىمىزمۇ يېقىنلىشىپ قالىدىكەن. خوشنا شىتاتقا ئوقۇشقا كەلگەن ئۇيغۇرچە ئوقۇغان بىر ئۇكىمىز كېلىپلا مەكتەپتىكى مەسجىدكە بېرىپ تۈرك بالىلار بىلەن تونۇشۇپ، تۈرك ئاشخانىلرىدىن تاماق يەپ غېرىپلىقتىن ئۇزاق ياشاپتۇ. مەزكۇر مەكتەپكە كەلگەن يەنە بىر خەنچە ئوقۇغان قىز خەنسۇلار ھېلىقى ئۇيغۇر بالىنى تېپىپ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمىگىچە ئۇنى ئىزدىمەپتۇ. ئۇيغۇر ئېنىمىز ئۇ قىزنى ئىككى ھەپتە ياتىقىدا تۇرغۇزۇپ باشقا بىر شەھەردىكى تۇغقىنىنىڭ قېشىغا يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. مېنىڭ ئىككى بېنگال خوشنام بار، بىرى مۇسۇلمان يەنە بىرى ئەمەس. مۇسۇلمان بېنگال خوشنام ئۆزىنى ئۆز مىللىتىدىن بولغان تام خوشنىسىدىن مېنى ياخشى كۆرىدۇ. جىددىي يارىدەم لازىم بولسا بېنگال مىللەتدېشىغا دېمەي ماڭا دەيدۇ.
رامازاندا بىر لىۋىيەلىك مۇسۇلماننىڭ ئۆيىگە ئىپتارغا تەكلىپ قىلىندىم. ھەيرانلىقتا شۇنى بايقىدىمكى، ھەممە ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە بۇرۇن بار ۋە ھازىرمۇ قىسمەن بار بولغان ئىۋرىق، پالاز، تەكىي دېگەنلەر شىمالى ئافرىقىدىن كەلگەن بىر ئامېرىكىلىق ئەرەبنىڭ ئۆيىدىمۇ باركەن. تاماق تارتىلغاندا بىزنىڭ سامبۇسىغا ئوپمۇ ئوخشاش بىر يىمەكلىك دىققىتىمنى تارتتى، ئىسمى سامۇسا ئىكەن. بىزنىڭ سامبۇسىنىڭ دەل ئۆزى.
ئەمدى مۇقاملىرىمىزنىڭ ئىسمىدا نىمىشقا ئەرەب- پارىسچە كۆپ؟ ئۇيغۇر تېبابىتىدە نىمىشقا ئەرەب پارىسچە كۆپ؟ لېۋىيەلىك ساھىپخان بىلەن ئەرەب مۇقاملىرىدىن ھوزۇر ئالدۇق. ئەرەبلەرنىڭ مۇقامى بىزنىڭكىدەك تولۇق ئەمەسكەن ھەم سانىمۇ بىزنىڭكىدىن كۆپ ئازكەن. بىزدىكى بىر قىسىم تېبابەتكە دائىر پەرھىزلەر ئۇلاردىمۇ باكەن. بىزدىكى شىئېلارنىڭ ئاھاڭى بىلەن ئۇلارنىڭ شىئېر ئوقۇغاندىكى ئاھاڭى يېقىنلىشىپ قالىدىكەن. تېخىمۇ قىزىق يېرى بىزدىكى كارىز شىمالى ئافرىقىدىكى مۇسۇلمانلاردىمۇ بارئىكەن. داستخاندىكى پولۇ، شورپا، سامبۇسا، قۇيماقتىن تارتىپ سۇپىدىكى مۇشۇككىچە نۇرغۇن نەرسىلەردىكى يېقىنلىق ئارىمىزدىكى جۇغراپىيىلىك يېراقلىقنى دەقىقە ئىچىدە يوق قىلىۋېتىدىكەن. دېمەك مىڭ ئىككى يۈز نەچچە يىللىق مۇسۇلمان ئۇيغۇرغا تەكلىماكاندىن سەھرايى كەبىرگىچە ياپيات نەرسە يوقكەن، ھەممە نەرسە يېقىنكەن، يېقىنلىشىدىكەن. پەيغەمبىرىمىزنىڭ « ئۆزىنى بىلگەن رەببىنى بىلىدۇ» دېگەن ھەدىسىنى بۇلارمۇ بىزدەك چۈشىندىكەن.
دېمەك بىزدىكى تېبابەت، ئەدەبىيات، مۇقام قاتارلىق خەزىنىلەر ئورتاق ئىسلام مەدەنىيىتىگە باغلانغان بولغاچقا، مەزكۇر ساھەلەردە ئورتاق ئاتالغۇلارنىڭ كۆپلىكى قىلچىمۇ ھەيران قالىدىغان ھادىسە ئەمەسكەن. بۇ خۇددى ياۋرۇپا تىللىرىدا پەن، ئەدەبىيات، تېبابەت ۋە مۇسىكا ئاتالغۇلىرىنىڭ لاتىنچە بولغىنىدەك بىر ئىشكەن. ھازىرقى ياۋرۇپا تىللىرىدىمۇ لاتىنچە سۆزلەر بەك كۆپ. ھازىرغىچە تۈركىيەدە بىز ئۇيغۇر تېبابىتى دەۋاتقان تېبابەتنى ئىسلام تېبابىتى دەيدىكەن. ئەلۋەتتە ئورتاق ئەدەبىيات، ئورتاق پەن ۋە تېبابەتتىن بەھىر ئېلىپ ئورتاق دىندا ياشىغىنىمىز بىزنىڭ ئەرەب ياكى پارىس بولۇپ كەتكەنلىكىمىزنى چۈشەندۈرمەيدۇ ئەلۋەتتە. مەسىلەن، مۇقامنىڭ نامى پارىس-ئەرەبچە بولغان بىلەن ھەر قانداق ئادەم بىرلا ئاڭلاپ ئۇيغۇرنىڭ مۇقامىنىڭ ئەرەبنىڭكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. تېبابېتىمىز ئوخشىغان بىلەن شۇ تېبابەتنى ئۆز شارائىتىغا ماس تەرەققىي قىلدۇرغان ھەم ھازىرغىچە ساقلاپ كېلەلىگەن مۇسۇلمان مىللەتتنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئوردۇ ئىكەنلىگىنىمۇ مۇسۇلمان دۇنياسى بىلىدىكەن، ھەم بىلىۋېتىپتۇ.
مەدەنىيەتنىڭ پايانى بويىچە ئېيتقاندا ئۇيغۇرغا شىمالى ئافرىقىدىن بالقانغىچە، قارا دېڭىز بويلىرىدىن سەددىچىنگىچە، ئالتاي تاغلىرىدىن مۇمباي مەھەلىلىرىگىچە ( بۇرۇن ئۇيغۇرلار مۇمباي دەپ يازغانىكەن، ھازىرمۇ ھىندىستانلىقلار مۇستەملىكچىلەرنىڭ تامغىسى بېسىلغان بومباي سۆزىنى يامان كۆرىدۇ) بولغان توپراقلارنىڭ ھىچ بىرسى يات سانالمايتتى. ئۇيغۇرلار ئۆزىنى بىپايان مەدەنىيەتنىڭ ساھىبى سانىغاچ بىپايان قەلبىگە ئىنسانىيەتنىڭ قېرىنداشلىقى، باراۋەرلىكى ۋە ھەمدەملىكىدىن ئىبارەت قىممەتلىك روھنى تېڭىپ بۈگۈنگە ئۇلاشقان. دىيارىمىزغا كۆچمەن بولغان خەنسۇ تىللىق مۇسۇلمانغىمۇ، موڭغۇل تىللىق لاماغىمۇ، ئەپكەش كۆتىرىپ كەلگەن مۇھتاجغىمۇ تەڭ قۇچاق ئاچقان. ئۇيغۇر نىمىشقا كۆك كۆز، سېرىق چاچنى يامان كۆردى؟ چۈنكى ئۇيغۇرنىڭ ئورتا ئاسىيادىكى قىرغىز، قازاق، تاتار، ئۆزبېك قېرىنداشلىرى شۇ كۆز كۆز سېرىق چاچلىق روسلارنىڭ زۇلمىدىن قېچەپ ئۇيغۇر توپراقلىرىغا سغىندى. ئۇيغۇر ئۇلاردىن ئۆزى ئەڭ مۇقەددەس بىلىدىغان ئىتىقادىنىڭ قانچىلىك دەپسەندە بولغىنىنى ئاڭلىدى. ئاڭلىمىغانلىرى 30-يىللاردا رۇس ئايرۇپىلانلىرىنىڭ تارىم ئاسمىنىدا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى قانچە قېتىم قانداق ئوۋلىغانلىقىنى كۆردى، ئاپتۇماتلىرىغا يەم بولدى. ياقۇپ بەگ دەۋردىدىن باشلانغان 80 نەچچە يىللىق توزاق، قىرغىنچىلىق، بۇلاڭچىلىق، سىياسىي نەيرەڭۋازلىق رۇسلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە يات قىلدى. مەدەنىيەتتىكى پاياننىڭ قسىلىشى ئۇيغۇرنىڭ روھىنى سىقتى، قەلبىدىكى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاقلىقى ھەققىدىكى بۇيۈك تۇيغىلىرىنى زىدىلىدى، ئىنسان نەسلىگە تەپچىپ تۇرىدىغان ئوتلۇق يۈرىكىنى مۇزلاتتى. چىگرىدىكى چەكلەر، چەتكە قېقىلىشلار، يېتىم قالدۇرۇشلار ئۇيغۇرنى ئۆزلۈكىگە تېخىمۇ چىڭ يېپىشتۇردى، ئۇلار ھەممە بارلىقىدا پەقەت ئۆز ئاۋازىنىلا ئاڭلاشنى ئارزۇلايتتى، پۈتۈن تەئەللۇقاتىدا پەقەت بوۋىلىرنىڭلا ھىدى بولۇشىنى تىلەيتتى. شۇڭا بۈگۈن بىز تىلىمىزدىكى ئەرەب- پارىسچە سۆزدىن بىئارام بولىمىز، پاكىستان، ياكى ھىندىستانلىقلارغا ئوخشىغان تەرىپىمىز كۆزىمىزەە سىغمايدۇ. شۇ خەقلەردەك تونۇرغا نان ياقىدىغان، سامسا يەيدىغان، بازارنى بازار، مازارنى مازار دەيدىغانلىقىمىزنى بىلسەك نېمە بولۇپ كېتەرمىز؟ بۇ چىگرىنىڭ رەھىمسىز سۇۋغىسىمۇ؟ مەجبۇرىي ھەدىيە پەقەت شۇلىمۇ؟ ياق، يەنە نەپرەت، گۇمان، قېيداش، جاھىللىق ۋە ئەسەبىيلىك. مەنچە بۇ رىياللىقنىڭ پەقەت بىر تەرىپى، قىسمەن يۈزى. نەچچە مىڭ يىللىق بىپايان قەلب ۋەچىگرىسىز تەپەككۇرغا كۆنگەن بۇ قەۋم يەنە مۇتلەق مەنىدە چەكسىز تەپەككۇر ھۆرلۈكى ۋە قەلب كەڭلىكى خىيالىدا ئۈنسىز ياشىماقتا.
بىز ئۇيغۇر ئۈچۈن مەدەنىيىتىمىزدە مەۋجۇد بولغان باشقا مىللەتلەر بىلەن ئورتاقلىقلار بىزنىڭ بايلىقىمىز ۋە بارلىقىمىزدۇر. ئەمما خوشنا تىلداش ۋە دىنداش خەلقلەر بىلەن ئارىمىزدىكى مەنىۋىي يېقىنلىق ۋە ئورتاقلىق ئۇيغۇرغا خاس مىللي پاسىلنى ئىنكار قىلماسلىقى كېرەك، ھەم ئىنكار قىلالمايدۇ. مېدىيەلەردە «جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» دېگەنلىك دەل دۇنيانىڭ ئۇيغۇرنىڭ خاسلىقىدىن، توغرىسى ئۇيغۇرغىلا خاس مىللي پاسىلدىن بىخەۋەر قېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ناتوغرا خەۋەردار بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ بىزگە ئارتۇقچە «ياغلىق قاپاقلار» نى يۈكلەيدۇ. ئاتا بوۋىمىز ياشاپ كەلگەن مەدەنىيەت پايانىدا ياشاش قىسمىتىمىزگە مەنسۇپ بولسا مىللي پاسىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش ھازىر ئىرادىمىزگە باغلىق بولۇپ قالدى. بىر مىللەتنىڭ مەلۇم مەدەنىيەتتىكى كەڭلىكتە مەۋجۇدلىقى تارىيخى ۋە رىيال ھادىسە، مەزكۇر مىللەتنىڭ يۇقارقى مەدەنىيەت كىملىكىنى ئۆزى ياشاۋاتقان سىياسىي چىگراغا توقۇنۇشتۇماي تەكىتلىشىمۇ تامامەن ھەقلىق ۋە مۇمكىندۇر.
19. تەشۋىقاتتىكى كۆلەڭگىلەر
بىر ياۋرۇپالىقنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كىتابىدا مۇنداق گەپنى كۆرگەندەك قىلغان.« ئۇيغۇرلار ياۋرۇپادا ئۆز ئىچىدە بىر بىرىگە ئۆز يۇرتى بىلەن تونۇشتۇرۇلىدۇ، ياۋرۇپالىقلارغا ئۆزىنى ئۇيغۇر تۈرك دەپ تونۇشتۇرىدۇ، لېكىن ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئېسىدە كۆپىنچە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىلا ساقلىنىپ قالىدۇ، ئۇيغۇرلۇقىنى بىلىدىغانلار ساناقلىقلا (ئەلۋەتتە بۇ كىتاب 90 -يىللارنىڭ بېشىدا چىققان، ھازىر بۇگەپلەرنىڭ ئاخىرقى جۈملىسى چاك باسمايدۇ)». ئەۋەتتە، بۇ يەردە كىمنىڭ ئۆزىنى قانداق تونۇشتۇرۇش مەسىلىسى موھىم ئەمەس، موھىمى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تونۇشنىڭ پەلەمپەيسىمانلىقى ۋە مۇجىمەللىكى. ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن جوڭگۇ ۋە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرنىڭ نامى مىسلىسىز تىلغا ئېلىندى.خەلقئارا مېدىيەلەر ئۇيغۇرنى مەدەنىيەت تەۋەلىكى بويىچە يۇقارقى پەلەمپەيسىمان تونۇش بىلەن تەسۋىرلىدى. بەزى سەل تەپسىلى خەۋەرلەردە « مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار…. ئۇلار تۈركچە سۆزلەيدىغان جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» دېگەندەك بايانلار ئاساسى سالماقنى ئېگىلىدى. دېمەك دۇنيانىڭ نەزىرىدە بىز ئاۋال مۇسۇلمان دەپ تونۇلدۇق، ئاندىن تۈركچە سۆزلەيدىغانلىقىمىز تىلغا ئېلىندى، ئۇيغۇرلىقىمىز بولسا ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلدى. يەنى بۈگۈنكى دۇنيادا ئىنسانلار بىر بىرىگە باھا بەرگەندە ئاۋال ئۇنىڭ چوڭ جەھەتتىكى مەدەنىيەت تەۋەلىكىنى بىرىنچى بولۇپ تىلغا ئالىدىكەن، ئاندىن دائىرىنى سەل تارايتىپ ئىككىنچى قەدەمدىكى مەدەنىيەت تەۋەلىكىنى تەسۋىرلەيدىكەن، شۇ مىللەتنىڭ ئەڭ نىگىزلىك مەۋجۇد خاسلىقى ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلىدىكەن. ئەلۋەتتە بۇ يەردە دۇنيانىڭ بىزنى ياخشى بىلمەسلىكىمۇ يۇقارقى پەلەمپەيسىمان تونۇشقا سەۋەپ بولماقتا، ئەلۋەتتە.
ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇماتسىز قالغان دۇنيا جامائىتى 2009-يىلى ئىيولدىن باشلاپ خەۋەردار بولۇشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئېنگىلىزچە، ياپۇنچە، فرانسوزچە، گېرمانچە، ئىتالىيانچە كىتابلارنىڭ بازىرى ئىنتايىن ئىتتىك بولدى. ئۇيغۇرغا ئالاقىدار يېزىلىپ نەشىر قىلىنالماي قالغان ياپۇنچە، ئىنگىلىزچە ۋە تۈركچە كىتابلار كەينى كەينىدىن نەشر قىلىندى. ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن بىرقىسىملارنىڭ ئەسەرلىرى دۇنيادېكى چوڭ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى. بىر قىسىملىرى خەلقئارالىق مۇكاپاتلاغا ئېرشتى. لېكىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ بىلىملەرنىڭ توغرا -خاتىرى ئايرىلىپ، كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا ئورناپ ئۈلگۈرمىگەچكە جوڭگۇ ۋە دۇنياۋاۋىي مېدىيەلەردە ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇدلىقى ۋە ئۆتمۈشى چالا، قالايمىقان ۋە غۇۋا يوسۇندا ھەر خىل ئىزاھلاندى، ھەتتا ئىسمىمۇ تولا خاتا تەلەپپۇز قىلىندى،مەسىلەن، بەزىدە «يۇغۇر»،«يۇغۇرت»،«ۋىيغىر»،«ئۇيگۇر» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالدى. ئاتا مىراس زىمىنىمىزنىڭ ئاتلىرىمۇ ھەرخىل تەلەپپۇز قىلىندى. ئۈرۈمچى شەھرىمىز گەرچە ئۇغۇز بوۋىمىزنىڭ مۇبارەك قىسسەسىدىن ئورۇن ئالغان، قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىرىنىڭ يازلىق ئارامگاھلىرىدىن بىرى بولغان مۇبارەك توپراق بولسىمۇ، دۇنيا ئۇنىڭ ئىسمىنى بەزىدە «يۇرۇمچى»،«ئۇرۇمكى»،«ۋۇلۇمۇچى» دېگەندەك ئېيتىپ كەلدى. . ئەلۋەتتە، بەزى مىللەتلەرنىڭ نامىمىزغا تىلى كەلمەيدىغانلىقى ئەمەلىيەت، لېكىن ئەڭ موھىمى دۇنيانىڭ ئۇزاق ئەسىردىن بېرى بىزدىن بىخەۋەر قالغانلىقى ۋە خاتا مالۇماتلىق بولغانلىقى ئاساسلىق سەۋەپ. دۇنيانىڭ ئۇيغۇر ھەققىدە خاتا مەلۇماتلاندۇرۇلغانلىقىنى ئەڭ ئاددىيىسى يۇرت ناملىرىمىزنىڭ بەزى خەلقارالىق ئۆلچەمگە مۇخالىپ يېزىلغانلىقىدىنلا كۆرىۋېلىش مۇمكىن.، مەسىلەن، («كۇچا» Kuqaۋە «ئۈرۈمچى»)Urumqi ) بۇ يەردېكى پىنيىنچە «Q »نى دۇنيا «ق» ياكى «ك» ئوقۇيدۇ ). بىز بەزىدە غەرپ ئاخباراتىدا ئۇرۇمكى، كۇكا، ۋېنسۇ(ئونسۇ)، جىياشى(پەيزاۋات) دېگەندەك ناملارنى كۆرسەك ۋەئاڭلىساق ئېچىنىمىز، چۈنكى غەرپتە بىرسىنىڭ ئىسمىنى ئېسىدە ساقلىۋېلىش، توغرا تەلەپپۇز قىلىشنىڭ شۇ كىشىگە كۆرسەتكەن ئىتىراپ ۋە ھۆرمەتنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكى ئادەتكە ئايلانغان. بىزنىڭ يەر ناملىرىمىز خەنزۇچە پىنيىنغا تارتىپ يېزىلغاچقا ۋە جوڭگۇنىڭ ئىنگىلىزتىلىدىكى ئاخباراتلىرىدا خەنزۇچە بويىچە تەلەپپۇز قىلىنغاچقا دۇنياۋىي مېدىيەلەرنىڭ خاتا قوللۇنىشى كېلىپ چىققان. جوڭگۇدا نەشىر قىلىنغان ئىنگىلىزچە لۇغەت، خەرىتە قاتارلىقلارغا ئۇيغۇر يەر ناملىرى، كىشى ئىسىملىرى پۈتۈنلەي خەنسۇچە تەلەپپۇزى بويىچە يېزىلغان، نەتىجىدە بىر ئۈرۈمچىنىڭ يۇقارقىدەك بىر قانچە ئىسمى پەيدا بولغان. بىر مىسالنى قىستۇرما قىلغۇم كەلدى. بىر دوستۇمنىڭ خەنزۇچىدا ئوقۇيدىغان جىيەن قىزى توردا ھەدىسى بىلەن پاراڭلىشىپتۇ. گەپ قىزچاقنىڭ مەكتەپتە ئىنگىلىزچە ئۆگىنىۋاتقانلىقىغا كەلگەندە دوستىمىز ئىنگىلىزچە قىزنىڭ ئىسمىنى سوراپتۇ. قىز ئىسمىنى خەنسۇچىلاپ دەپ بېرىپتۇ. دوستىمىز تۈزۈتۈپ بەرسىمۇ ئاڭلىماپتۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە خەنزۇچە ئىسمى ئۇنىڭ بىردىنبىر ئىنگىلىزچە ئىسمىكەن. بۇ يەردە ئىسىم قويغۇچى مۇئەللىم قىز ئۈچۈن نوپۇزنىڭ سىموۋۇلى، سىنىپتا ئۇنىڭ دېگىنى دېگەن، پايدا زىياننى ئويلاشقاندا قىزچاقنىڭ قوبۇل قىلىدىغىنى ئەلۋەتتە سىنىپتىكى ئوقۇتقۇچىسى قويغان ئىسىم، ھەرگىزمۇ ئون نەچچە مىڭ كىلومېتىر نېرىدىكى ھاممىسى تۈزەتكەن ئىسىم ئەمەس. بىز جەمئىيىتىمىزنى بىر دەرسخانا دېسەك نوپۇزنىڭ قۇدرىتى تېخىمۇ كونكىرىتلىشىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ « جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» دەپلا ئاتىلىشىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى باغرىدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرغانلىقى سەۋەپ بولغان. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرشۇناسلار ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇنداق ئاتىشىغا تۈپتىن قارشى ئىكەن. ئۇلارچە بۇ ئاتالما خەلقئارادا خاتا تەسىر پەيدا قىلغاندىن باشقا، مىللەتچى تورلاردا ئەۋج ئالغان ئۇيغۇر= ئىسلام+ئەلقائىدە+تۈرك+ قانخور دېگەن پورمۇلانى ئومۇملاشتۇرۇپ قويىدىكەن. ئىلمىيلىك بويىچە ئېيتقاندا بۇ ئۇيغۇر بىلەن باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدىكەن. مېنىڭ ئەرەب تىللىق تونۇشلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار ئۇيغۇرنى بىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارچە «جوڭگۇلۇق مۇسۇلمان» دېگەن ئاتالما خەنسۇ تىللىق مۇسۇلمان خۇيزۇلارنى كۆرسىتىدىكەن. كوڭفۇزى ھەزرەت « نام ئورۇنلۇق بولسا گەپ يوللۇق بولۇر » دەيدۇ. تارىخ كىتابلار تۈزۈلمەكتە، ئىتتىپاقلىق دەرسلىكلىرى تەسىس قىلىنماقتا، كېلىشىمنامە، مەسئۇلىيەتنامىلەر يازدۇرۇلماقتا، مەنچە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە يۇرتىنىڭ نامىنى توغرا ئاتاشنى ئۆگەنگەندە ئاندىن باشقا گەپلەر يوللۇق بولۇشى مۇمكىن، بولمىسا بۇنداق ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ خاتالاشتۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولماي قالىدۇ.
بىر كۈنى ماڭا بۇ يەردە ئاخباراتتا ئوقۇيدىغان بىر گۈيجۇلۇق تونۇشۇم « قۇربان تۇلۇم مەككىگە ھەجگە بېرىشنىڭ ئورنىغا ماۋزىدوڭنى كۆرگىلى بارغانىكەن، سەن بۇنىڭغا قانداق قارايسەن؟» دەپ سۇئال قويغاندا ھەيران قالغانتىم. ئۇنىڭغا باشقا گەپ قىلمىدىم، پەقەت ئۇيغۇرنىڭ مەڭگۈ ئىنسانغا، شەخسكە چوقۇنۇشتىن، تىزلىنىشتىن خالىلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويدۇم. لېكىن ئۇ «ئۇيغۇرلار ھازىر ئۆيلىرىگە ماۋزېدوڭ، دېڭشىياۋپىڭ قاتارلىق داھىلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن گىلەملەرنى ئاسىدىكەن» دېگەنىدى، «ئۇنداقتا ئۇ ئۆي پۇقرانىڭ ئەمەس كەنت سېكىرتارىنىڭ مەخسۇس كوممۇنىستىك مېھمانخانىسىكەن» دېدىم. ئۇ جوڭگۇ خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئىنگىلىزچە پروگراممىسىدىن ئاڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ چاغان ئۆتكۇزىدىغانلىقى، چاغاندا پەيزاۋاتتىكى ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ «بەخت» دېگەن خەنسۇچە خەت يېزىلغان كەشتىلەرنى تىكىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى دەپ بەردى. مەن ئىچىمدە «تەشۋىقات» دېدىم. ئەمما ئۇ يەنە شۇ پەيزاۋاتلىق بىر دېھقاننىڭ 2009- يىللىق دۆلەت بايرىمىغا ئاتاپ ئەجدەرھا قولۋاق ياسىغانلىقىنى ئېيتىۋىدى گەپنى بۇرىۋەتتىم. كاللامغا ئۇيغۇر چۆچەكلىرىدىكى قورقۇنچلۇق ئەجدەرھا ھەققىدىكى ھىكايىلەرنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەقدىرى كېلىۋالدى. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ ئەجدەرھالىشىش قەدىمى تېزلەشمەكتە ئېدى. ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئوپالدىكى مەھمۇد كاشغەرىي مەقبەرىسىدىكى ئەجدەرھا غارىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتكۈزىۋەتكەنلىكى( ئۇ غارنىڭ نامى، مەھمۇد كاشغەرنىڭ ياراملىق بىر شاگىرىتىنىڭ ئەجدەرھانى ئۆلتۈرۈپ خەلقنى قۇتقازغانلىقى بىلەن باغلىنىدۇ)، كورلا رەھبەرلىرىنىڭ سارىخان تاغلىرىنىڭ نامىنى ئەجدەرھا تېغى دەپ ئالماشتۇرىۋەتكەنلىكى، خوتەندىكى «كۆتەككۆل» گە ئەجدەرھا كۆلى دەپ نام بېرىلگەنلىكى، شەھەرلەردىكى ئەجدەرھا چۈشۈرۈلگەن راۋاقلار، قەشقەردەكۆپۈيىۋاتقان ئەجدەرھا شەكىللىك بىنالار ئاڭلارغا سىغدالماقتا ئېدى. مەزكۇر تونۇشۇم يەنە شۇ ئەجدەرھا قولۋاق بىلەن قالدى. ئۇ دېھقان ھەتتا مۇخبىرغا «بىز جوڭگۇلۇقلار ئەجدەرھا ئەۋلاتلىرى» دېگەنمىش. مەن ئۇ خەنسۇ تونۇشۇمغا «ئەجدەرھا ئەۋلاتلىرى» دېگەن بۇ سۆزنى پەيزاۋاتلىق دېھقاننىڭ چۈشىنىشگە ئىشەنمەيدىغانلىقىمنى، بۇ سۆزنى بېيجىڭغا كېلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆگەنگەنلىكىمنى دەپلا خوشلاشتىم. چۈنكى مەن بۇنداق سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىپ ھارغان، قايتا دۇچ كەلگۈم يوق ئېدى. مەن بۇلارنى راست دېسەم ئەقلىمگە خائىنلىق قىلغان بولىمەن. يالغان دېسەم ئاشۇنداق تەشۋىقاتلارنى رادىئولارنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان بۇ خىلدىكى كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈش ئاسان ئەمەس. يىگىرمە نەچچە يىللىق تەربىيەنى بىر كىشىنىڭ بىر نەچچە ئېغىز گېپى ئۆزگەرتەلەييتىمۇ؟. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىمۇ توغرا چۈشەندىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاخباراتتىن كۆرىدىغىنى يۇقارقىدەك «خەۋەرلەر»، سەھنىلەردە خوشال خورام ئۇسسۇل ئويناۋاتقان، چەكسىز ئىتىباردىن سۆيۈنگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر. تارىخ دەرسلىك كىتابلىرىدىن ئوقۇيدىغىنى ئۇيغۇر شائىرى كەكمەنىرنىڭ خەنزۇچە « خەنزۇلار ئەزەلدىن بولمىش ئۇستازىم» دەپ يازغان «مەشھۇر» نەزمىلىرى.( بۇنىڭ يالغانلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان) مەنچە ئۇيغۇر ياشاۋاتقان توپراقنى، ئۇيغۇر ياراتقان مەدەنىيەتنى ۋە ئۇنىڭ ھەقدارلىرىنى ئۆزىدىن تانغان، ئەجدەرھاغا مايىل قىلىپ تەشۋىق قىلىش تولىمۇ خەتەرلىك. بۇ چىگرانىڭ ئىچى ۋە تېشىدىكى جوڭگۇ پۇقرالىرى بولۇپمۇ ئاۋام خەلققە خاتا ئۇچۇر، دۇنياغا خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويىدۇ.