باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3493 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: غەرب دۇنياسىدىكى تۇنجى ئۇيغۇرتىلى دەرسلىكى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 312
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 37
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە37دانە
ئۆسۈش: 599 %
مۇنبەر پۇلى: 687 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-15
ئاخىرقى: 2011-06-13
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-27 12:02

غەرب دۇنياسىدىكى تۇنجى ئۇيغۇرتىلى دەرسلىكى

                            

      غەرب دۇنياسىدىكى تۇنجى دەرسلىك –نەبىجان تۇرسۇننىڭ “ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەرب دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى ئۈستىدىكى مەخسۇس ئوقۇ-ئوقۇتۇش ھەم تەتقىقات پائالىيەتلىرى قانات يايماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنە شۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك مەسىلىلىرىنى ئىلمىي ۋە ئەتراپلىق تەتقىق قىلىش ئۈچۈن شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمۇ قوزغالماقتا. بۇ جەھەتتە ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئەڭ ئالدىدا بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ خارۋارد، ئىندىئانا، كانساس، ستانفورد قاتارلىق بىر قىسىم ئاتاقلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى پروگراممىلىرى تەسىس قىلىنغان. مەزكۇر بىلىم دەرگاھلىرىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ماگىستىر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇر تىلىغا ھەم ئۇيغۇرلارغا قىزىقىدىغان ، ئەسلىدە خەنزۇ ۋە ياكى تۈرك، ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىي تىللارنى ئۆگەنگەنلەرمۇ ھەر خىل سەۋىيىدىكى كۇرسلار بويىچە ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنمەكتە.
ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم غەرب ھۆكۈمەتلىرىمۇ ئۇيغۇر تىلىنى خەتەر ئاستىدا قالغان شۇنىڭدەك ئىستراتېگىيىلىك تىللار قاتارىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان. نۆۋەتتە، يەنە ياپونىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم مەملىكەتلەردىمۇ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش يولغا قويۇلماقتا.
لېكىن، غەرب دۇنياسىدا تاكى ھازىرغىچە ھەممە ئېتىراپ قىلغان، سىستېمىلىق بىرەر ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى تۈزۈلۈپ نەشىر قىلىنىپ باقمىغان بولۇپ، پەقەت بىر قانچە سۆزلىشىش خاراكتېرلىق دەرسلىكلەر ھەم بىر قانچە لۇغەت ئېلان قىلىنغاندىن باشقا بۇ ساھەدە كۆرۈنەرلىك ئەمگەك يورۇققا چىقمىغان ئىدى.
يېقىندا بۇ بوشلۇق دوكتور نەبىجان تۇرسۇن تەرىپىدىن تولدۇرۇلدى. ئۇنىڭ بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ يېزىپ چىققان ئىنگلىزچە Uyghur Reader ( ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى) دەپ ئاتالغان كىتابى ئامېرىكىنىڭ ماريلاند شتاتىدىكى دونۋوئودى نەشرىياتى تەرىپىدىن رەسمىي نەشىر قىلىنىپ سېتىلىشقا باشلىدى. ئىنگىلىز تىلىدا تارقىتىلىدىغان خەلقئارالىق شىنجاڭ تەتقىقات ئۇچۇر-ئالاقە تورىدا ئامېرىكىدىكى جورجىتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىنجاڭ تارىخى پروفېسسورى جەمىس مىللىۋاردنىڭ بۇ كىتاب ھەققىدىكى قىسقىچە ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ بۇ كىتابى 45 تاللانمىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، مۇتلەق كۆپچىلىك تاللانمىلار ئاپتور تەرىپىدىن بىۋاسىتە يېزىلىپ، تەييارلانغان ياكى ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلى يازغان ئەسەرلىرىدىن ئېلىنغان، بىر قىسىم تاللانمىلار بولسا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى قازاقىستان قاتارلىق مەملىكەتلەرد نەشىر قىلىنغان كىتابلار ۋە مەتبۇئاتلاردىن قىسقارتىپ ئېلىنغان. كىتاب قاتتىق مۇقاۋىلىق بولۇپ، جەمئىي 253 بەت. كىتابنىڭ باش قىسىمى ئىنگىلىز تىلىدىكى كىرىش سۆز، ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات، ئۇيغۇر تىلى گرامماتكىسى ھەققىدە قىسقارتىلما بايان ، ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە گرامماتىكا ئاتالغۇلىرى، پايدىلانغان ئەسەرلەر تىزىملىكى ۋە كىتابقا ئىشلىتىلگەن گرامماتىكىلىق ئاتالغۇلارنىڭ قىسقارتىلمىسىغا ئىزاھات قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنگىلىز تىلىدا تەييارلانغان. كىتابنىڭ باش قىسىملىرىدا يەنە نەبىجان تۇرسۇننىڭ قىسقىچە ئىلمىي تەرجىمھالىمۇ تونۇشتۇرۇلغان ، ئىككىنچى قىسىمى تاللانمىلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، ئېتنوگرافىيىسى، مەدەنىيىتى، تارىخى، ئېغىز ۋە يازما ئەدەبىياتى، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئەھۋالى، تىبابەتچىلىك، ھاۋا رايى ھەم جۇغراپىيىلىك مۇھىت قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. تېكىستلار ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە يۈزلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ھەر بىر تېكىستنىڭ ئاستىغا مۇھىم خام سۆزلەر شۇنىڭدەك تېكىستتا ئۇچرايدىغان گرامماتىكىلىق كاتېگورىيە ۋە لوگىكىلىق مەسىلىلەرگە شۇنىڭدەك تارىخ، مەدەنىيەت، جۇغراپىيە ۋە باشقا مەسىلىلەرگە ئائىت سۆزلەر ۋە ئاتالغۇلارغا مەخسۇس ئىنگىلىز تىلىدا ئىزاھات بېرىلگەن. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ تىل سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.
كىتابنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈكى بارلىق 45 تېكىستنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىدىن ئىبارەتتۇر. كىتاب ئاخىرىغا بولسا، يەنە مەزكۇر كىتابدا ئۇچرايدىغان بارلىق سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە-ئىنگىلىزچە لۇغىتى بېرىلگەن.
يەنە بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئوقۇشى ۋە ئاپتورلۇقىدا 45 تېكىست ۋە ئۇنىڭ سۆزلۈكلىرىنىڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدىكى ئاۋازلىق كد پىلاستىنكىسىمۇ نەشىر قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ( ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى) تېكىست ۋە ئاۋازدىن ئىبارەت بىر يۈرۈش ئۆگىنىش ماتېرىيالى بولۇپ، بۇ جەھەتتىمۇ غەرب دۇنياسىدىكى تۇنجى ئەمگەك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەزكۇر كىتابنى ئوقۇغان ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرشۇناسلار بۇ ئەسەرنىڭ ئىلمىي قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، غەرب جۈملىدىن ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىدىكى دەرسلىك ماتېرىيالىلىرىنى تۈزۈش ھەم ئوقۇتۇش ئۆلچەملىرىگە لايىق سەۋىيىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ، ئۇيغۇر تىلىنى ئوتتۇرا سەۋىيىدىن يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكۈزۈشنى مۇددىئا قىلغان تىل ئۆگىتىش ئورۇنلىرىدا مۇھىم دەرسلىك قىلىپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتىشماقتا.
نۆۋەتتە، يەنە كۆپلىگەن چەتئەللىكلەر بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەردىمۇ ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنمەكتە. ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغانلارنىڭ سانىمۇ يىلدىن يىلغا ئاشماقتا. ھەتتا، چەتئەللەردىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە تەتقىقاتچىلارمۇ بۇ ساھەدە ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىش تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەلۋەتتە، ئون مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ئادەملەر سۆزلەيدىغان ، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ۋە باي مەدەنىي مىراسلارنى قالدۇرغان تىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ پارلاق بولۇشى ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشى يەنىلا ئالدى بىلەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىمىزگە باغلىق. چۈنكى، بۇ تىلنىڭ ئىگىسى بىز، ئۇنى بىز سۆزلەيمىز. چەتئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش باشقا بارلىق تۈركىي تىللارنى ئۆگىنىشنىڭ شۇنىڭدەك ئاسىيا-ياۋروپا جۇغراپىيىلىك بوشلۇقىغا ھېچ تەمتىرىمەي كىرىشنىڭ ئاچقۇچى ! چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىنى بىلىش ، ئۆزبېك تىلى، تۈرك تىلى، ئەزەر تىلى، قازاق ۋە قىرغىز تىللىرىنى ناھايىتى ئاسانلا ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ تۇنجى قەدىمىدۇر. ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلگەن ئاتاقلىق يازغۇچ ۋاڭمىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇ تىلنى بىلىشىنىڭ ئۆزىنىڭ كېيىن جۇڭگوغا داڭلىق يازغۇچى بولۇشىدىكى مۇھىم ئاچقۇچ بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. نەبىجان تۇرسۇننىڭ بىر قاتار ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ مەزكۇر يېڭى كىتابى ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن.


مەنبە :ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى
mutallip
مەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 467
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 232
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە232دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 2522 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-05-02

نەبىجان  ئاكىمىزغا  مىڭ رەھمەت.  ئانا تىلىمنى  سۆيىمەن ھەم قەدىرلەيمەن.   ئانا  تىلىمنىڭ  ئارىسىغا  يات  تىلنى  قىستۇرۇۋالىدىغانلارغا نەپرەتلىنىمەن.
توشقاندەك مىڭ يىل ياشىغۇچە، يولۋاستەك بىر يىل ياشا...!
    ـــــــــــ  ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرىدىن تاللانما
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7538
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 94
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە94دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 895 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-23
ئاخىرقى: 2011-09-05
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-27 17:52

ياشاپ كەت، قېرىندىشىم داۋاملىق ئالغا، مەن ئانا تىلىمنى ياخشى كۆرۈمەن، مەڭگۈ ئاسىرايمەن. ئاللا ئۇ قېرىندىشىمىزنىڭ تېنىنى سالامەت ئىشلىرىنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن.
ھەقىقەت ئىككى كىشىگە مۇھتاج،بىرى سۆزلىگۈچى،يەن& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1207
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 250
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە250دانە
ئۆسۈش: 390 %
مۇنبەر پۇلى: 3018 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2012-05-10
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-27 20:25

بۇ ئاۇ بۇ كۈنلەردە ئانا تىلغا يات تىل ئالماشتۇرماسىلق  مۇمكىن بولمىغۇدەك!!!!!!چۈنكى تىلشۇناسلار  شەيئىلەر تەرەققىياتى بىلەن تەڭ ماڭالمايۋاتىدۇ!!!!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3301
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 334
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە334دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1750 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-05-10
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-27 23:04

يا ئاللا  مۇنچىلىك  بولغان بولسا  ياىشى بوپتۇ  كۆپ رەخمەت
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6586
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-20
ئاخىرقى: 2011-05-28
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-28 00:59

مانا ئەمدى( قوش تىل)ئەمدى ھەقىقى قوش تىل قىلىشتىن ئېغىز ئېچىشنىڭ پۇرسىتى كەپتۇ ! ئامرىكىدەك دولەتلەردە ئۇگەنسە بولىدىكەن ..............
كىلىڭلار دوسلار
دوستلىشىش
مۇناجات
Uyturk
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9392
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 291
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە291دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 2930 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-25
ئاخىرقى: 2012-03-17
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-08 00:20

مېنىڭ ئىسمىممۇ  نەبىجان ...    ئىسىمداشكەنمىز  ئۇ تاغام بىلەن ...              اللە ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇقلۇق ۋە بەركەت بەرگەي...  مەنمۇ ئۇنى ئۈلگە قىپ ،  مىللەت ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ بىرىشنى  ئويلايمەن ....  
اللە'نىڭ مېنى بىر ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادى قىلىپ ياراتقانلىقىغا  يۈزمىڭ شۈكرى ....