بىر ئادەمنىڭ ئاسمىنى.
ئابدۇرىشىت ئېلى
بىر ئادەمنىڭ ئاسمىنى مەۋجۇد-
ئىككمىزنىڭ ئوتتۇرسىدا.
بىر تال يۇلتۇز ياكى ئاي نۇرى،
ئىككمىزنى يورۇتار غۇۋا.
نەدۇر بۇنچە ئېغىر سۈكۈنات،
كۆز يېشىڭنى كۆتۈرمەس دېڭىز.
ساڭا قاراپ ئۆلىمەن مىڭ رەت،
شائىر بولماس ئىدىممەن سەنسىز.
سۆزلەر چىقىپ كەتتى مەنىدىن،
جۇلدۇر-كېپەن ناخشىلار توۋلاپ.
بىر يۇتۇم سۇ ئىدىڭسەن ئاخىر،
ئولتۇرىدۇ چۆچەكلەر ئۇسساپ.
قانات كېرىپ ئۇچتى ئاسمىنىم،
ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى،
بىرلا ئاسمان ۋە بىرلا قۇياش ،
ئىككىمىزنىڭ خېتىدۇر بەلكى.
يېزىلغاچقا خەتتۇر جۇدالىق،
يىرتىلغاچقا مۇھەببەتتۇر ھەم.
ئاسمىنىمدىن ئۇچۇپ كېلسەن،
ئەي ئاسمىنىم ،ئەي يوچۇن ۋەتەن!
مەنبە:ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى . 2011-يىلى 2-سان.
باشقا تور بەتلىرىگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ.