2011 – يىل _ ئۇيغۇر بلوگ يىلى
بلوگ ( Blog ) دىن ئىبارەت بۇ خۇسۇسىي تور نەشىر قۇرالى ئەڭ دەسلەپ 1997 – يىلى ئامېرىكىدا بارلىققا كېلىپ، 2002 – يىلى جۇڭگوغا كىرگەن، 2005 – يىلىغا كەلگەندە مودا بولۇشقا باشلىغان. بلوگ ئۇقۇمى ئۇيغۇرلاردىمۇ 2005 – يىلىدىلا بارلىققا كەلگەن. ئۇيغۇر بلوگچىلىقى 2008 – يىلىغا كەلگەندە رەسمىي باش كۆتۈرگەن بولۇپ، تازا تەرەققىي قىلىش پەيتىدە 2009 – يىلى 7 – ئايدا بارلىق بلوگگىر ( Blogger ) لار ‹‹
يىللىق دەم ئېلىش ›› قا قويۇپ بېرىلگەن. 2010 – يىلى 5 – ئايدا ھەممەيلەننىڭ دەم ئېلىشى توشۇپ ، كونا – يېڭى بلوگگىرلار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قايتىدىن بلوگچىلىققا كىرىشكەن.
ئەلقىسە ، دىيارىمىزنىڭ تور سىمى قايتىدىن خەلقئارالىق تورغا ئۇلانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىمۇ زىمىستان قىشتىن كېيىنكى باھاردەك ئويغىنىش، ياشناش، بەستە – بەستە گۈللەش مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى. يۈكسەل بلوگى تەشكىللىگەن ‹‹
2010 – يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 – چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ›› ناھايىتى ئۇتۇقلۇق تەشكىللەندى. 2011 – يىلى 3 – ئاي ‹‹ ئىككى يىغىن ›› پەيتىدە، شۇجى جاڭ چۈنشىيەننىڭ مىكروبلوگ ئېچىشى ۋە تورداشلار بىلەن بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرۇشى، تورداشلارنىڭ پىكىر – ئىنكاسلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ مەخسۇس يىغىن چاقىرىشى رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ دىققەتنى بىردىنلا بلوگچىلىققا قارىتىشىغا بىۋاسىتە ئىلھام بولدى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنى تەكلىپ قىلىپ مەخسۇس ‹‹
بلوگ ھەققىدە سۆھبەت ›› پروگراممىسىنى ئىشلىدى، پەن ۋە تۇرمۇش پروگراممىسىمۇ ئالىم مۇئەللىم،
بايراقدار بلوگگىر تەدبىركار ئەپەندىنى ۋە
شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى قىسمەت ئەپەندىنى تەكلىپ قىلىپ بلوگ ۋە ئۇنى ئىشلىتىش توغرىسىدا زىيارەت فىلىمى ئىشلىدى. شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسمۇ يەكشەنبىلىك سۆھبەت پروگىراممىسىدا ئالىم ئەھەت، قىسمەت ئەپەندى ۋە كەمىنە يۈكسەلنى تەكلىپ قىلىپ ‹‹
رادىئو دولقۇنلىرىدا بلوگ ھەققىدە سۆھبەت ›› ئاڭلاتتى. ئارقىدىنلا مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىمۇ پېقىر يۈكسەل ۋە تەدبىركار ئەپەندىنىڭ ئىشتراكلىقىدا بلوگ ھەققىدە زىيارەت سۆھبىتى ئۇيۇشتۇردى. گېزىت – ژۇرناللىرىمىزدا بلوگ ( Blog ) دېگەن بۇ ئاتالما كۆزگە چېلىقىشقا باشلىدى.
دۇنيا بلوگچىلىق تارىخىنى بىخلىنىش دەۋرى ( 90 – يىللار )، باشلانغۇچ تەرەققىيات دەۋرى ( 2000 - 2006 )، يۈكسىلىش دەۋرى ( 2006 – يىلىدىن ھازىرغىچە ) دېگەندەك 3 دەۋرگە ئايرىش مۇمكىن. ئۇيغۇر بلوگچىلىقى باشقىلار 10 يىللاپ سەرپ قىلىپ تاماملىغان ئاۋالقى 2 باسقۇچنى تېز سۈرئەتتە ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، شۇ تاپتا يۈكسىلىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. بۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە، نادىر ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ خاس ئۇلىنىش بېتى بولغان ‹‹
ئۇز بلوگ ئۇلىنىشلىرى ›› غا قوشۇلغان مەزمۇنى رەڭدار، ئۆزى جەلبكار ، بىر – بىرىدىن ئۇز بولغان يۈزدىن ئارتۇق بلوگنى كۆرسىتىمىز. بۇ بلوگلارنىڭ ئىچىدە تور دۇنياسىدا بەلگىلىك نوپۇز ۋە تەسىرگە ئىگە بلوگلار 20 ئەتراپىدا بولۇپ، مەزمۇنى ئىزچىل يېڭىلىنىۋاتقان ، سۈپىتى يۇقىرى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان بلوگلار 50 دىن ئاشىدۇ. ‹‹
ياخشى تورى ›› ستاتىستېكىلىغان ئۇيغۇرلاردىكى 100 چوڭ تور بېكەتنىڭ ئىچىدە
تورخۇمار، يۈكسەل ،
80 خالتا ،
ئىلقۇت قاتارلىق بلوگلار بار. كىشىنى تېخىمۇ سۈيۈندۈرگىنى شۇكى،
ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ۋە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىنىڭ تالانتلىق دىكتورى
ئابدۇرېشىت ئەپەندى قاتارلىقلار ئارقا – ئارقىدىن بلوگگىرلار سېپىمىزگە قوشۇلدى.
2011 – يىلى ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئاجايىپ تېز سۈرئەتتە يۈكسەلدى. بلوگلارنىڭ سانى ۋە سۈپىتى زور دەرىجىدە ئاشتى. بولۇپمۇ، مۇستەقىل تور نام ، مۇستەقىل بوشلۇقتا ، WordPress كە ئوخشاش دۇنياۋىي ئىلغار بلوگ نەشىر قىلىش سىستېمىسىدا بلوگ نەشىر قىلىدىغانلار تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى. بلوگلار بارغانسېرى كەسپلىشىشكە، سەرخىللىشىشىقا قاراپ يۈزلەندى. ھازىر ئۇيغۇر بلوگلىرى ئىچىدىن ئەدەبىي يېزىقچىلىق، مەدەنىيەت- مائارىپ، ئىقتىساد ، سەھىيە – ساقلىقنى ساقلاش، تور – تېخنىكا، تىل – تەرجىمە، كۆڭۈل ئېچىش، سوغۇرتا ، قانۇن، تەنتەربىيە … دېگەندەك تۈرلۈك ساھەلەرگە ئالاقىدار بلوگلارنى ئىزدەپ تېپىش مۇمكىن.
ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى ئۇيغۇر تور ساھەسىدىكى ئۆزگىچە بىر توپ بولۇپ، بۇلاردىكى ئۆز – ئارا ھەمكارلىشىش ، ئۆز – ئارا ئۆگىنىش، ئۆز – ئارا ياردەملىشىش ئېڭى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. بۇ خىل ئۇيغۇرغا خاس ئۇيۇشقاقلىق روھى ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ جۇش راۋاجلىنىشىدىكى يەنە بىر تۈپ سەۋەبلەردىن ئىكەنلىكى سۆزسىز! جۈملىدىن، 2011 – يىلى ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ،
قىسمەت، تەدبىركار، يۈكسەل ، ئىلقۇت،
شاھ ئۇيغۇر،
كۆك كەپتەر،
ئۆركەش ،
پرېستان ،
ئۇيغۇر بەگ،
ۋەتەن … قاتارلىق بلوگگىرلار ئوخشىمىغان جايلاردا بىر قانچە قېتىم باش قوشۇپ، ئۆز – ئارا تەجرىبە ئالماشتۇردى، ئۆگەندى. ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ھەققىدە قىزغىن پىكىرلەشتى. سۆھبەتلەردە كۆپرەك ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ 2011 – يىلىدىكى تەرەققىياتى تىلغا ئېلىندى ۋە مۇشۇ يىلغا ‹‹
ئۇيغۇر بلوگ يىلى ›› دەپ نام بېرىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەممە بىردەك بۇ پىكىرنى ياقىلاشتى.
دېمىسىمۇ، 2011 – يىلى ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئاجايىپ تېز تەرەققىي قىلدى. ئۇيغۇر بلوگ گۈلستانلىقىدا بىر – بىرىدىن ئۇز بلوگلار پورەكلەپ ئېچىلدى،بۇ گۈللەرنىڭ كۆڭۈللەرگە ھوزۇر بېغىشلىغۇچى خۇشپۇراق ھىدى جاھاننى بىر ئالدى، نامى ئەلگە يېيىلدى. خۇددىي ھەممە تىللار بلوگ دەپ سايراۋاتقاندەك، گويا بارچە تورداش بلوگ ئارىلاپ كېتەلمەيۋاتقاندەك!…
ئاڭلا جاھان، 2011 – يىلى ئۇيغۇر بلوگ يىلىدۇر ! مەنبە: يۈكسەل بلوگى