ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى،
كۆپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىز نۆۋەتتە جەمئىيىتىمىزدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. خېروئىن نۇرغۇن ياشلىرىمىزنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا. خېروئىننىڭ زىيانلىق تەرىپىنى كۆپ ئاڭلاپ كەتتۇق. لېكىن زەھەرلىك چېكىملىك پەقەت خېروئىنلا ئەمەس. خېروئىندىن باشقا، باش گىلدىڭلىتىش كومۇلىچى (摇头丸) ۋە ك پاراشۇك K粉، مۇزسىمان زەھەر (冰毒) قاتارلىق يېڭىدىن «مودا» بولۇۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىكلەردىنمۇ كۆپچىلىكنىڭ خەۋىرى بار دەپ ئويلايمەن. مەيلى ئۇنىڭ زەھەرلىك تەسىرى خېروئىندىن ئاستىراق ۋە ئاجىزراق بولسۇن، ئۇنۇتماڭكى، ئۇ يەنىلا زەھەرلىك چېكىملىك، سىزنى ھالاكەت دېڭىزىغا باشلايدىغان زەھەر! ئۇنىڭ ئاقىۋىتى خېروئىندىن ھېچ پەرقلەنمەيدۇ.
بۇ زەھەرلىك چېكىملىكلەردىن باشقا، ئەتراپىمىزدا يەنە نۇرغۇن مەست قىلىش ۋە ئاغرىق توختىتىش دورىلىرى يامراپ يۈرمەكتە. بۇ دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش بىزنىڭ ھاياتىمىزغا دەماللىققا تەھدىت سالمىغان بىلەن، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى خېروئىندىن ھېچ قېلىشمايدۇ. لېكىن بىزنىڭ بۇ دورىلارغا بولغان چۈشەنچىمىز تۆۋەن بولغاچقا، بىزنىڭ دىققەت ئېتىبارىمىزنى قوزغىيالمايۋاتىدۇ. قەدىرلىك تورداش، ئەگەر سىز ھاياتىڭىزنى سۆيسىڭىز، سىزدە جەمئىيىتىمىزگە نىسبەتەن ئازراق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولسا، بۇ تېمىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەشەببۇس قىلىمەن. بەلكىم ئەتراپىڭىزدا، بۇ دورىلارنى چۈشەنمىگەنلىكى سەۋەبىدىن قالايمىقان ئىشلىتىپ ئۆزىنى ھالاكەت يولىغا ئىتتىرىۋاتقان دوستلىرىڭىز بار بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇش جەمئىيىتىمىزدىكى ھەربىر ئەزانىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.
تىبابەتتە ئىشلىتىدىغان بىر قىسىم دورىلار خۇددى خېروئىن ياكى باشقا زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە ئوخشاش زەھەرلىك تەسىرگە ئىگە. شۇڭا بۇ دورىلارنى ئىشلىتىشتە چوڭ دوختۇرخانىدىكى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئادەتتىكى ئەھۋالدا بۇ دورىلار بىمارغا بېرىلمەيدۇ. شۇڭا ئۆزىڭىز خالىغانچە قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق بۇ دورىلارنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتمەڭ! ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش، زەھەر چېكىش بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلەنمەيدۇ.
1. مورفېن (吗啡):
مورفېن ئاغرىش توختىتىش، تېنچلاندۇرۇش ۋە ئۇيقۇ كەلتۈرۈش قاتارلىق تەسىرلەرگە ئىگە بولۇپ، بۇ دورىنى ئىشلەتكەندە روھىي جەھەتتىن ھۇزۇرلاندۇرىدۇ. لېكىن بۇ دورىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى شۇكى ناھايىتى تېزلا خۇمار قىلىدۇ.
[ئەكس تەسىرى] مەركىزى نېرۋا سېستىمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ؛ دىققەتنى يىغالماسلىق؛ ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى ۋە تەپەككۇرى تۆۋەنلەش؛ روھىي قالايمىقانلىشىش؛ بۇ دورىنىڭ يەنە نەپەسنى تىزگىنلەش رولى بولغاچقا، كۆپ مىقتاردا ئىشلەتكەندە، نەپەس توختىتىپ ئۆلۈم كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
[دورا تاشلىغاندا كۆرىلىدىغان ئالامەتلەر] بۇرنىدىن سۇ ئېقىش؛ تىترەش؛ قىزىش؛ قان بىسىمى ئۆرلەش؛ مۇسكۇللار ئاغىرىش ۋە تارتىشىش؛
مورفېننىڭ تېز خۇمار قىلىشى، ئۇنى ئىشلەتكۈچىلەرنى روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن بۇ دورىغا بولغان بېقىندىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خۇمار بولغۇچى توختىماي دورا مىقتارىنى كۆپەيتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
2. دۇلېڭدىڭ (杜冷丁):
تىنچلاندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش تەسىرىگە ئىگە. دورا ئىشلىتىپ 1-2 ھەپتىدە خۇمار قىلىدۇ.
[ئەكس تەسىرى] كۆڭلى ئېلىشىش؛ ياندۇرۇش؛ ئىچى قېتىش
[دورا تاشلىغاندا كۆرىلىدىغان ئالامەتلەر] روھى چۈشكۈنلىشىش؛ پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش؛ ياش ئېقىش؛ بۇرنىدىن سۇ ئېقىش؛ كۆڭلى ئېلىشىش؛ ياندۇرۇش؛ ئىچى سۈرۈش؛ ئۇيقۇسىزلىق؛ ئېغىر بولغاندا كوللاپس ھالىتى (قانسىراش، سۇسىزلىنىش، زەھەرلىنىش، يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ئاغرىش نەتىجىسىدە يۈرەك ۋە قان ئايلىنىشنىڭ ئۇشتۇمتۇت زەئىپلىشىشى) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇ دورىغا خۇمار بولغاندا، روھى جەھەتتىكى بېقىندىچىلىق ئاساسى ئورۇندا، فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىكى بېقىندىچىلىك كېيىنكى ئورۇندا تۇرىدۇ.
3. كوففىئىن (咖啡因):
باش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ؛ روھلاندۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
[ئەكس تەسىرى] نېرۋا سىزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىش؛ قان بېسىمى ئۆرلەش؛ قۇلاق غۇڭۇلداش؛ باش ئاغىرىش؛ تىت-تىت بولۇش؛ ئۇيقۇسىزلىق
[دورا تاشلىغاندا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر] باش ئاغىرىش؛ قاتتىق ئۇخلاش؛ روھسىزلىنىش؛ چۈشكۈرۈش؛ ئاسان خاپا بولۇش؛ كۆڭلى ئېلىشىش
4. ئانالگىن (安纳咖):
روھلاندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش تەسىرىگە ئىگە. ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە خۇمار قىلىدۇ.
بۇ تىپتىكى دورىلار پەقەت بۇلارلا ئەمەس. مەن پەقەت ئۆزەم بىلگەن ۋە كۆپرەك قالايمىقان ئىشلىتىۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلغان بىر نەچچە دورا ئۈستىدىلا ئۇچۇر بەردىم. مەيلى قانداق دورا ئىشلىتىڭ، ئامال بار دوختۇرنىڭ مەسلىھىتىنى ئېلىڭ. ئاغرىق توختىتىش، تېنچلاندۇرۇش ۋە روھلاندۇرۇش دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلەتمەڭ!
ئېسىڭىزدە بولسۇن، مەيلى سىز نېمىگە خۇمار بولغان بولۇڭ، سىزنىڭ شۇ نەرسىگە بولغان بېقىندىچىلىقىڭىزدا، روھى بېقىندىچىلىقمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا تاشلاشقا ئىرادە قىلسىڭىز چوقۇم تاشلىيالايسىز!
قەدىرلىك تورداش، ئەگەر سىز ياكى ئەتراپىڭىزدىكى بىرەر تونۇشىڭىز بۇ دورىلارنى ياكى مۇشۇ خىلدىكى باشقا دورىلارنى قالايمىقان، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىسىز ئىشلىتىۋاتقان بولسا، بۇ دورىنىڭ زەھەرلىك تەسىرىدىن ئۇنى خەۋەردار قىلىڭ. ئەگەر دورا تاشلاش جەريانىدا قىينچىلىققا ئۇچرىسىڭىز، چوڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ، دوختۇردىن مەسلىھەت سوراڭ. يول بويىدىكى كىچىك ئامبولاتورىيەلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلمىگەن ئاساستا، ئۇنىڭغا كىرىپ پۇلىڭىزنى، ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ!
ساغلام تەن، ساغلام ئەقىل ھەر ۋاقىت سىزگە يار بولسۇن !
مەنبە:ساقلانمىلىرىم