باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 757 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاكاڭنىڭ «توزىقى»
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 95
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ئۆسۈش: 1 %
مۇنبەر پۇلى: 6 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-01
ئاخىرقى: 2010-06-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-01 16:10

ئاكاڭنىڭ «توزىقى»

ئاكاڭنىڭ «توزىقى»[/
size]


كۆپىنچە ھاللاردا ئاچچىقلىنىشقا تېگشلىك ئىشلارغا كۈلۈپ قويۇپلا مۇئامىلە قىلاتتىڭ، بۇ قېتىم سەۋر قاچاڭ توشۇپ قالدىمۇ ئەيتاۋۇر، ئاچچىقتا ساراڭ بولايلا دەپسەن. كۆزلىرىڭدىن ئەزەلدىن يېلىنجاپ باقمىغان غەزەپ، نەپرەت ئۇچقۇنلىرى ۋىجدانىڭغا تۇتۇشۇپ كۆيۈپتۇ. ھوجۇراڭغا يالغۇز بېكىنىۋېلىپ ئۇيان- بۇيانغا مېڭىپ سېنى ئاچچىقلىنىشقا، نەپرەتلىنىشكە مەجبۇر قىلغان ھېلىقى ئەبلەخنىڭ ئەدىبىنى قانداق بېرىشنىڭ چارىسىنى ئويلاۋاتىسەن ... ئەمەلىيەتتە، ئاچچىقلىنىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى يوقلىقىنى بىلىمەيسەن ئەمەس بىلىسەن، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بىلىپ تۇرۇپ  شۇنچە ئاچچىقلىنىسەن قاپىڭىدىن قار ياغدۇرۇپ؟ بۇنچە ئاچچىقلىنىپ، باشقىلارغا ئۆچمەنلىك ساقلاشنىڭ بىرەر سەۋەبى بارغۇ ...
گەرچە سەن قىز بالا بولغىنىڭ بىلەن خىزمەتتىن سىرت سودا ئىشلىرى بىلەن ئاز- تولا شۇغۇللىنىپ قويىدىغان ئادىتىڭ بار، تەلىيڭمۇ خېلى ئوڭدىن كېلىپ ئىشلىرىڭ يۈرۈشۈپ كېتىۋاتاتتى. شۇنداق كۈنلەردە چوڭ سودىدىن بىرى چىقىپ قالدى، گەرچە قولۇڭدىن بىۋاستە كەلمىسىمۇ تونۇشلىرىڭ ئارقىلىق بۇ ئىشلارنى ھەل قىلماقچى بولدۇڭ. كىمدىن ياردەم سوراش كېرەك؟ كىمنى ئىزدىسەم بولار دېگەنلەرنى ئويلاپ خىيال ئېكرانىڭدا ئۆزۈڭ ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان بىر قانچە كىشىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تاللاپ چىقتىڭ. چىكىت بىلال ئاكاڭغا قويۇلدى. ئۇنىڭغا ئىشنەتتىڭ، ئۇنى چوقۇم ياردەم قىلالايدۇ دەپ قارىدىڭ. سېنىڭدەك ئېھتىياتچان قىز ئۈچۈن شۇنچىلىك ئىشەنچ تۇرغۇزغان زادى قانداق ئادەمدۇ ئۇ؟
بىر قېتىملىق تاساددىي ھادىسىدە بىلال ئاكا سەن بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ سېنىڭ خېلى كۆپ ياردىمىڭگە ئېرىشتى، شۇ پۇرسەتتە سېنىڭ چەت ئەل تىلى ئىقتىدارىڭ، كەسپچانلىقىڭ ئۇنىڭ قايىللىقىنى قوزغاپ ئىشەنچ پەيدا قىلدى. سەن بىلەن يولۇققان ئىشلىرى توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپ پات- پات ئالاقىلىشىپ تۇردى. ئۆزىنىڭ تىل ئۆگىنىشكە بولغان ئىشتىياقىنى سۆزلەپ سېنىڭ ئۇستاز بولۇشۇڭنى ئۆتۈندى. بۇ ئۇنىڭ سېنى چېكىپ سىناپ باققان بىرىنچى تاھتىكىسى ئىدى، لېكىن سەن سەزمىدىڭ. ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي بولغان سەن بوش ۋاقتىڭ بولسىلا بىلال ئاكاڭغا ئېنگىلىس تىلى ئۆگىتىپ قويۇشقا قوشۇلدۇڭ. شۇ پۇرسەتتە ئۇ سېنى دائىم دېگۈدەك تاماققا، چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلىدىغان بولىۋالدى. سەن شەرتسىز قوبۇل قىلىۋەردىڭ. ئۇنىڭ بىلەن كۆپ تەرەپلەردىن پاراڭلاشتىڭ، ھەتتا ئەستايىدىللىق بىلەن بىلال ئاكاڭ ئۈچۈن تېز ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا تىل ئۆگىنىشنىڭ پىلانلىرىنى تۈزۈپ تەييارلىق قىلىپ ئۇنىڭغا ئۆگەتمەكچى بولدۇڭ. بىراق، ئۇنىڭ كاللسىدا ئەسلىدىلا باشقا ئوي بولغاچقا ئۆگەتكەنلىرىڭگە پەرۋا قىلماي سېنى خىيالىغا تېز سىزما قىلىپ سىزىپ ئولتۇراتتى. گەپلىرى تاتلىق، ئاۋازى يېقىملىق، قاشلىرى قاپقارا ئەگىم، كىرپىكلىرى تال- تال ئوقيادەك، ھەر بىر قېتىم گەپ قىلسا ئويناقشىپ تۇرىدىغان چوڭ- چوڭ خۇمار سېھىر كۆزلەر، زىلۋا بويلار «ئالىيجاناپ» بىلال ئاكاڭنىڭ يۈرەكلىرىگە شەھۋەت كىشەنلىرىنى سېلىپ بولغان ئىدى. ئۇدۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ ساڭا تىكىلىپ قاراشلىرىدىن، «گەپلىرىمگە دېققىتى بىلەن زەن سېلىۋاتىدۇ، ئۆگەتكەنلىرىمنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگىنىۋاتىدۇ» دەپ قارىدىڭ. لېكىن سەن ئۇنىڭ نېمىگە دېققەت قىلىپ، نېمە ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى بىلمەيسەندە؟!  
بىلال ئاكاڭ ئۆزى ياش، گەرچە ئالىي بىلىم يۇرتىدا تەربىيە ئالالمىغان بولسىمۇ، ئۆز ئارزۇسى بويىچە تىرىكچىلىك قىلىش يولىغا قەدەم ئالغان جاسارەتلىك يىگىت ئىدى، تالاي ئىسسىق- سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاخىرى كۆزگە كۆرۈنگەن كارخانىچىغا ئايلاندى. ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا قارىماي، كەيىپكە بېرىلمەيدىغان، ئائىلىسىگە كۆيۈمچان، ئايالى ۋە بالىلىرىغا سادىق مەسئۇلىيەتچان بىر ئەر، بۇ ئۇنىڭ سېنىڭ قەلبىڭدە قالدۇرغان ئەڭ ياخشى ئوبرازى. شۇنىڭ ئۈچۈنلا ئۇنىڭغا ئىشنىسەن، ئۇنى ھۆرمەت قىلىسەن. مول تەجرىبىگە ئىگە بىلال ئاڭاڭ بولسا تۈرلۈك- تۈمەن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ سېنىڭدە شۇ ئىشەنچ ئالىيجاناپلىقنى تۇرغۇزدى، ھۆرمىتىڭگەئېرىشتى. سىرتقا قاراپ قالىدىغان ئەرلەرگە شۇنداق ئۆچ سېنى ئۆز ئارزۇسى بويىچە ھەممە ئەرلەرنىڭ ئۇنداق بولمايدىغانلىقىغا ئىشەندۈردى. ۋاقىت ئۆتىۋەردى سەن تىرىشچانلىق بىلەن ئۇنىڭ چالغان دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ يۈرىۋەردىڭ، ئۇنىڭ تىل ئۆگىنىش سۈرئىتى بەكلا ئاستا بولغاچقا سەۋەبنى ئۆزۈڭدىن كۆردۈڭ. ھەي ئەخمەق قىز، ئۇنىڭ پىكىر- خىيالى سېنىڭ تارتقان جاپالىرىڭدا بولسا ئىدى كاشكى. ...
بىلال ئاكاڭ ئادەتتىكىدەك دەم ئالغان بىر كۈنۈڭ چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلدى، تېلىفۇندا ساڭا تىل ئۆگىتىش ئۈچۈن قىلغان تەييارلىقلىرىڭنى ئېلىپ چىقماي ئۆزۈڭنىڭلا چىقىشىنى دېدى. سەن گەرچە سەل گاڭگىرىغان بولساڭمۇ لېكىن، ئۆزۈڭچە: «بىلال ئاكامغا تىل ئۆگىتىش ئۇسۇلۇم يارىمىغان ئوخشايدۇ، ئەجەپمۇ يۈزۈم چۈشتى» دەپ ئويلاپ، بىر دەسسەپ- ئىككى دەسسەپ ئاينۇرى تاماقخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلدىڭ. بىلال ئاكاڭ سىرتتا ماشىنىسدا سېنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىدى. ئۇ سېنىڭ كەلگىنىڭنى كۆرۈپلا ئەدەپ بىلەن ماشىنىدىن چۈشتى-دە، سەن بىلەن سالاملاشتى. «نېمىدىگەن قائىدە- يوسۇنلۇق»، سەنمۇ ئۇنىڭغا ھۆرمەت نەزىرىڭ بىلەن سالام قايتۇردۇڭ. ئۇنىڭ يول باشلىشى بىلەن مىللىي پۇراق ئۆزگىچە گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان ھەشەمەتلىك تاماقخانىنىڭ ئايرىمخانىسىدىن ئورۇن ئالدىڭلار، تاماقلارمۇ بۇيرىتىپ بولۇندى. سەن گەپكە ئاۋۋال ئېغىز ئاچتىڭ.

-كەچۈرۈڭ، ئۆزۈم ئويلىغاندەك ئۆگىتەلمەي قالدىم، بۇنى ئۆزۈمنىڭ تەجرىبىسىزلىكىدىن كۆرىمەن.

-ياق، ياق ئۇنداق دېمەڭ سىڭلىم، سىز تەجرىبىسز ئەمەس بەلكى ئىنتايىن ئىقتىدارلىق. مەسىلە ئۆزۈمدە، شۇنچە زېھىن قويۇپ ئاڭلىساممۇ، مەشق قىلساممۇ پەقەتلا ئۆگىنەلمەيۋاتىمەن، تىللىرىم پەقەتلا قولاشمايۋاتىدۇ. ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىممۇ تۆۋەنلەپ كېتىپتۇ، قارىغاندا قېرىغان ئوخشايمەن.

-قانداقسىگە قېرى ھېسابلىنىسىز، سىز تېخى ياش. كۈندىلىك ئىشلىرىڭىز بەكلا ئالدىراش ھەم جىددىي بولغاچقا زىيادە چارچاپ شۇنداق بولۇپ قالغانسىز...- نېمىدىگەن نادان قىزدۇرسەن. سېنىڭ «سىز تېخى ياش» دېگەن بىر ئېغىز سۆزۈڭنىڭ بىلال ئاكاڭغا مايدەك يېقىپ كەتكىنىنى بىلمەيسەندە؟!

-ياقەي، ئۇنداق دېمەڭ. مەن راستىنلا قېرىپ قالغان ئوخشايمەن، ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۆگىنەلمىگۈدەكمەن. سىزنىمۇ ئاۋارە قىلماي، خىزمەتتىن چارچاپ تۇرغاندا ماڭا تىل ئۆگىتىپ قويىسىز دەپ سىزگە بېسىم قىلىپ قويغىنىمدىن بەكلا خىجىل بولدۇم.

-ماڭا قانداقمۇ بېسىم بولغۇدەك، شۇ پۇرسەتتە مەنمۇ پىششىقلىنىۋالىمەن-دە، ئەگەر راستىنلا ئۆگىنىشنى خالىمىسىڭىز، ئۇنىڭغىمۇ مەيلى.

-ئۆگىنىشنى خالىمىغىنىم ئەمەس، سىزنى جاپادا قويۇشنى خالىمىدىم،...- ئۆزىنى ئالىيجاناپ، ئاقكۆڭۈل، كۆيۈمچان كۆرسىتىنىڭ تەدبىرى سەن ئۈچۈن ئۈنىمىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

سەن ئۇنىڭ ئاپىرىپ قوياي دېگىنىگە ئۇنىماي شەھەر كوچىسىدا ئۆزۈڭ يالغۇز ئۆيگە قاراپ ماڭدىڭ. ئۇنىڭغا قېيدىغىنىڭ ياكى خىجىل بولغىنىڭنى ئۆزۈڭمۇ بىلمەيتىڭ، ئەتراپتا ھېچ كىشى يوقتەك ھېس قىلىپ، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىگە سىڭىشىپ كەتتىڭ، شېرىن خىياللار ئۆز قوينىغا سېنى يېتىلەپ ئېلىپ بارماقتا ئىدى. «بىلال ئاكام نېمىدىگەن ياخشى، تىرىشچان، يېڭىلىققا ئىنتىلىشچان، مەسئۇلىيەتچان، سەمىمىي- سادىق، ئەخلاقلىق.... ئەگەر كەلگۈسىدە مەنمۇ شۇنداق ئەرگە ياتلىق بولالىسام نېمىدىگەن ياخشى...» سەن ئۆزۈڭنى بەخت بۆشىكىدە ئەللەيلەپ كېتىۋاتقىنىڭدا تېلىفۇنۇڭ ئەنسىز سايرىدى.

-نېمە، قەيەردە؟ مانا ھازىرلا باراي... يەنە شۇ تۈگىمەس خىزمەت ئالداشلىقى، كىرا ماشىنىسىدىن بىرىگە ئولتۇرۇپلا ئاۋۋال ئۆيگە باردىڭ-دە، كيىملىرىڭنى مىنۇت ئىچىدە ئالماشتۇرۇپ ئىدارىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىڭ. شېرىن خىياللىرىڭ داۋامى قەيەرلەرگىدۇر غايىپ بولدى...

بىلال ئاكاڭغا تىل ئۆگىتىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولدۇڭ،  ئۇنىڭ بىلەن خېلى كۈنلەر ئالاقىلاشمىدىڭ، ئۇمۇ ساڭا تېلىفۇن قىلمىدى، لېكىن سەن ئۆزۈڭمۇ ئويلاپ باقمىغان ھالدا قەلبىڭدە ئۇنى ئىزدەش ئىستىكى قوزغالدى. ئۆزۈڭگە ئىشەنمىدىڭ، ئويلىرىڭدىن ئۆزۈڭنى قاچۇردۇڭ. قەلبىڭدىكى رىئاللىققا تەن بەرگۈك كەلمىدى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بىلال ئاكاڭنى سېغىنغان ئىدىڭ، ئۇنىڭ بارلىق ياخشى تەرەپلىرىنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرۈپ باشقا ئەرلەرگە سېلىشتۇراتتىڭ. دەل مۇشۇ كۈنلەردە سەن چەت ئەل سودىگەرلىرى بىلەن قىلىدىغان چوڭ بىر سودىغا يولۇپ قالدىڭ، بۇ سودا بىخەتەر ھەم پايدىسى كۆپ ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن قولدىن چىقارغۇڭ كەلمەي چەت ئەللىك سودىگەرلەرگە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە مال تېپىپ بېرىشكە كېلىشىپ، تونۇشلار ئىچىدىن نامزاتلىققا چېكىپ تۇرۇپ تاللىغان بىلال ئاكاڭنى بۇ پۇرسەتتە ئىزدەپ كۆرۈشمەكچى بولدۇڭ.
-ئەسسىلام بىلال ئاكا، ياخشى تۇردىڭىزمۇ! قولۇمغا چوڭ بىر سودا كىرىپ قالدى پەقەت سىزلا ماڭا ياردەم قىلىپ مال تېپىپ بېرەلەيسىز، ئەگەر ئاز بولغان بولسا ئۆزۈممۇ تاپار ئىدىم، لېكىن مىقدارى كۆپ بولغاچقا بىر قانچە زاۋۇتلاردىن بىراقلا مال سېتىۋالىدىغان ئىش ئىكەن سىزنىڭ تونۇشلىرىڭىز كۆپ ھەم يولىڭىز بار، ماڭا بىر ياردەم قىلسىڭىز، ئۆتىنەي.
-بولىدۇ، ئۇنداقتا كۆرۈشۈپ كونكرىت ئىشلار ئۈستىدە سۆزلىشەيلى، قولۇمدىن كەلسىلا سىزگە ياردەم قىلىمەن.
خوشال بولغىنىڭدىن ئېغىزىڭ قۇلىقىڭغا يەتتى، يۈرەكلىرىڭ تىپچەكلەپ ئۆز ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتكەن ئىدى. بىلال ئاكاڭنىڭ پىلانى ئەمەلگە ئاشتى، سېنىڭ ئۆزىنى بىرەر باھانە تېپىپ بولسىمۇ ئىزدەيدىغىنىڭنى بىلەتتى، شۇڭا بۈگۈنكى كۈننى ئۇ سەۋرچانلىق بىلەن كۈتكەن.
سەن بۈگۈن باشقىچە خوشال، بىلال ئاكاڭغا بازار ئايلىنىپ چىرايلىق گالىستۇكتىن بىرنى سېتىۋالدىڭ،  ئۆيگە قايتىپ كېلىپ چىرايلىق ياساندىڭ- دە، ئەينەك ئالدىغا كېلىپ بىر ھازا تۇردۇڭ، ئۆز- ئۆزۈڭگە: «زەبىھە، ئۆزۈڭگە ئىشەن، ئىشلىرىڭ چوقۇم ئۇتۇقلۇق بولىدۇ، بىلال ئاكاڭ چوقۇم ياردەم قىلالايدۇ» دەپ ئۇتۇق تىلەپ بىلال ئاكاڭنىڭ يېنىغا قاراپ يول ئالدىڭ، ئۇ بالدۇرلا كېلىپ سېنى قەھۋەخانىدا كۈتۈپ ئولتۇرغان ئىدى. قەھۋەخانا بۈگۈن ساڭا تولىمۇ رومانتىك، يېقىشلىق تۇيۇلۇپ كېتىۋاتاتتى، بىلال ئاكاڭغا ئالغان سوۋغاتنى ئۇنىڭغا خىجىل بولۇپراق بەردىڭ. بىلال ئاكاڭ بولسا خوشاللىقىدىن ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدى، بىراق سېنىڭ ئالدىڭدا قىلچە چاندۇرماستىن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ سوۋغىتىڭنى قوبۇل قىلدى. سەن ئىشلارنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردىڭ، ئۇ ئامال قىلىپ زاۋۇتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ مال تېپىپ بېرىدىغان بولدى.
كۈنلەر ئۆتىۋەردى چەت ئەللىك سودىگەرلەر بىلەن پۈتۈشكەن ۋاقىتمۇ توشۇپ قالاي دېدى، لېكىن بىلال ئاكاڭدىن تېخىچە خەۋەر يوق، ئۇنىڭغا ئاخىرى بولماي يەنە تېلىفۇن قىلدىڭ.
-ئەسسىلام بىلال ئاكا، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ مۇنداق ئىش ئىدى، بەلگىلەنگەن مۆھلەت توشاي دەپ قالدى، مال ئۇقۇشۇپ باقتىڭىزمۇ؟ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە مالنى تېپىپ بېرەلمىسەم ئورۇنسىزلا زىيان تارتىپ قالىمەن، ماڭا ياردەم قىلسىڭىز.
-زەبىھە سىڭلىم مەن بىر قانچە زاۋۇتلارغا قاتراپ يۈرۈپ بىر ئاز مال ئالاقىلاشتىم، تونۇشلارغىمۇ تاپىلاپ قويدۇم. بىراق شۇ باھاسى بىر ئاز يۇقىرى ئىكەن. باھادا كېلىشەلمەي قېلىۋاتىمىز، ئاۋۋال ئىككىمىز كۆرىشەيلى، باشقا گەپلەرنى شۇ ۋاقىتتا دېيىشسەك. دېمەك، بىلال ئاكاڭ سېنى توزاققا دەسسىتىش پىلانىنى تۈزۈپ بولدى. زەبىھە ئۇيقۇڭنى ئاچ، قاچانغىچە بۇنداق بىخۇد ھالەتتە يۈرىۋېرىسەن؟ سەن شۇنچە سەزگۈر، ئەقىللىق قىز ئىدىڭغۇ؟!...
-بولىدۇ، بىلال ئاكا چوقۇم ماڭا ياردەم قىلىڭ. سىزگىمۇ پايدىسىدىن ئۈلەشتۈرۈپ بېرىمەن تېخى. بىلال ئاكاڭغا سېنىڭ ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدىغان پۇلۇڭ ئەمەس ئۆزۈڭ كېرەك، ئەخمەق قىز...

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 95
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ئۆسۈش: 1 %
مۇنبەر پۇلى: 6 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-01
ئاخىرقى: 2010-06-29

بۈگۈن كەچ ئىشتىن چۈشۈپلا ئالدىراپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىڭ، كىيىملىرىڭنى ئالماشتۇرۇپ قىزىل ئەتتىرگۈل قەھۋەخانىسىغا قاراپ ماڭدىڭ. بىراق، بۈگۈن سەن بالدۇر كەلدىڭ، بىلال ئاكاڭنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. بىرەر سائەتتەك ساقلاپ ئولتۇرغاندىن كېيىن تونۇش چىراي كۆز ئالدىڭدا زاھىر بولدى. يەنىلا ئىلگىرىكىدەك رەتلىك، پاكىز كېيىنگەن، چاچلىرىنى ئۆزىگە يارىشىملىق تارىۋالغان. ئۇنىڭ بۇنداق روھلۇق، جۇشقۇن قىياپىتى سېنىڭ ئالدىڭدا تېخىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى، ئۇ يېنىڭغا كېلىپ سەن بىلەن ناھايتى ئەدەپ بىلەن سالاملىشىپ ئولتۇردى. سىلەر خېلى بىر ئۇزۇن بىر- بىرىڭلارغا ئۈندىمەي ئولتۇردۇڭلار، ئارىدىكى جىمجىتلىقنى كۈتكۈچى قىزچاقنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بۇزدى. ئىككى ئىستاكان قەھۋە بۇيرۇتۇلدى، سەن بۈگۈن بىر ئاز ئوڭايسىزلاندىڭ، ئىلگىرىكىدەك ئەركىن بولالماي قالدىڭ. ئەقىللىق بىلال ئاكاڭ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ كېچىكىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى سەن ئۈچۈن مال ئىزدەشكە باھانە قىلدى. سەن يەنىلا ئىشەندىڭ، خىجىل بولدۇڭ، ئۇنىڭدىن تولىمۇ سۆيۈندۈڭ، ساڭا قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ كۆڭۈل بۆلىۋاتقان بىلال ئاكاڭ ئۈچۈن قەلبىڭدە دۇئا قىلدىڭ. ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىدىڭ... قەھۋەخانىدىن چىقىپ بىلال ئاكاڭ سېنى ماشىنىسىدا ئاپىرىپ قويغاچ دەيدىغان گېپى بارلىقىنى ئېيتتى. سەن خوشال بولغىنىڭچە ئۇنىڭ ئېسىل، راھەت ماشىنىسىغا چىقىپ بەخىرامان ئولتۇردۇڭ. شەھەر كوچىلىرىدىكى رەڭگارەڭ چىراغلار، دەل- دەرەخلەر، كوچىدا تىنىمسىز يۈرىۋاتقان ھەر خىل ماشىنىلار، ئادەملەر... ساڭا شۇنچىلىك ئىللىق تۇيۇلدى. تەبىئەتنىڭ بارچە گۈزەللىكلىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندىڭ، چىرايىڭدا خوشاللىقنىڭ تەبەسسۇملىرى بىلىنەر- بىلىنمەس ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. بۇ ۋاقىتتا  بىر جۈپ يوشۇرۇن ئەشەددىي كۆزنىڭ ساڭا ئاچكۆزلەرچە تەلمۈرىۋاتقىنىنى سەزمىدىڭ، بۇ كۆز پات- پاتلا ساڭا تىكىلەتتى، سېنىڭدىن ھوزۇر ئالاتتى. ماشىنا شەھەر يوللىرىدىن چىقىپ خىلۋەت بىر يولغا كىردى، پەقەت مۇشۇ ۋاقىتتىلا سېنىڭدە زەررىچە تەشۋىشلىنىش پەيدا بولدى-دە، دەرھاللا بىلال ئاكاڭدىن قەيەرگە ماڭغانلىقىنى سورىدىڭ. بىلال ئاكاڭ يەنىلا شۇنداق تەمكىن قىياپەتتە ساڭا: «ئازلا قالدۇق، قورقماڭ، مېنىڭدىن ئارتۇقچە گۇمانسىراشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۆزۈمچە جىمجىتلىقنى خالاپ سىز بىلەن پاراڭلاشقۇم كەلدى، كۆڭلۈم شۇنداق بىئارام تۇرىدۇ» دېدى. سەن ئىچىڭگە يىنىككىدە بىرنى تىنىپ، خاتىرجەم ھالدا ئولتۇردۇڭ. ماشىنا كىچىك- كىچىك ئېقىنلارنى ھاسىل قىلغان دەريا بويىغا كېلىپ توختىدى. بىلال ئاكاڭ ماشىنىدىن چۈشۈپ دەريا لىۋىگە باردى، بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن يەنە قايتىپ كېلىپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. سەن ئامالسىز ماشىنىدىن چۈشتۈڭ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە دەريا لىۋىگە كېلىپ تۇردۇڭ. سۈتتەك ئايدىڭ كېچە، يۇلتۇزلار ۋە ئاي تۈن قوينىغا چۈمكىنىپ ئېسىلىپ تۇراتتى. ئاينىڭ سول تەرىپىگە يېقىن جايلاشقان بىر قانچە يۇلتۇز باشقا يۇلتۇزلاردىن پەرقلىنىپ چوڭ ھەم يورۇق تۇراتتى... بىلال ئاكاڭ سېنىڭ كۆككە تەلمۈرۈپ يۇلتۇز ۋە ئاينى تاماشا قىلىۋاتقىنىڭنى كۆرۈپ ساڭا ئاچكۆزلەرچە قادالدى، كۆز ئالدىدىكى يېقىنلا يەردە تۇرغان تولۇن ئاينى ئۈزۈپلا قوينىغا سېلىۋالغۇسى كەلدى-دە، قولىنى سېنىڭ مۈرەڭگە ئۇزارتتى. سەن دېققەتسىز تۇرغان بولغاچقا بەكلا چۆچۈپ كەتتىڭ، تېنىڭ شۈركىنىپ بېشىڭدىن بىر چېلەك سوغۇق سۇ قۇيغاندەك بولۇپ دەرھال ئۆزۈڭنى قاچۇردۇڭ. لېكىن قوللىرى كۈچتۈڭگۈر بىلال ئاكاڭ قوللىرىدىن ئۆزى تارتقان سېنىڭ قولۇڭغا ئېسىلدى. «زەبىھە، سىزنى ياخشى كۆرىمەن، چىن دىلىمدىن سۆيىمەن، مېنى رەت قىلماڭ. ئىشىق ئوتى بۇنداقمۇ يامان بولىدىكەن، مەن سىزگە ئاشىق، مەجنۇنلارچە ئاشىق، ئەگەر سىز مېنى قوبۇل قىلسىڭىزلا سودا ئىشىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا شەرتسىز ياردەم قىلىمەن، سىزنى ئويلىمايدىغان كۈنۈم، چۈشلىرىمدە كۆرمەيدىغان تۈنۈم يوق...» كۈتۈلمىگەن بۇ تاساددىبىيلىقتىن ھوشۇڭنى يۇقاتقىلى تاسلا قالدىڭ، ئالدىڭدا تۇرغان بۇ ئادەم سېنىڭ بىلال ئاكاڭ ئەمەس بەلكى ياۋۇز ئادىمىي مەخلۇقنىڭ ئۆزى ئىدى. ئەمما سەن چۆچىگەن، ھەيران بولغان، قورققان ھالىتىڭنى ئۇنىڭغا چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ تەمكىنلىك بىلەن: «بىلال ئاكا سىڭلىڭىزغا چاقچاق قىلىشقا ئەجەپ ئۇستا ئىكەنسىز، چاقچاق قىلسىڭىزمۇ مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلامسىز؟...» ساددىلارچە باتناپ قويۇش چارىسىنى ئىشلىتىپ قولۇڭنى ئۇنىڭ قولىدىن بوشاتتىڭ. بىراق بىلال ئاكاڭ ساڭا چاقچاق قىلمىدى، ئۇنىڭ دېگەنلىرى راست، راستىنلا ساڭا كۆڭلى چۈشۈپ قالغان تەقدىردىمۇ ئاخىرقى جۈملە سۆزنى دېمەسلىكى كېرەك ئىدى. بۇنىڭدىنلا ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىپلا تۇرۇپتۇ.  سەزگۈر بىلال ئاكاڭ سىېنىڭ ئاچچىقلانغىنىڭنى تېزلا سېزىۋالدى، لېكىن ئۇنىڭ ياۋۇز نىيىتى ھەممە ئۈستىدىن غالىپ كېلىش ئالدىدا تۇراتتى: «زەبىھە، مەن سىزگە چاقچاق قىلمىدىم، دېگەنلىرىم راست. بىلىمەن مەن ئائىلىسى بار ئادەم، بىراق مەن سىزنى راستىنلا ياخشى كۆرىمەن، سىز بىلەن تونۇشۇپ ھېسياتىمنى كونتورول قىلالمىدىم، سىزدە مەن ئىرەن قىلمايچۇ دېگۈدەك بىرەر ئىۋەن يوق. ئارتۇقچىلىقلىرىڭىز كۆپ، ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي، ئەقىللىق... شۇڭا مەن... بۈگۈن كۆڭلۈمدىكىنى دېيىش ئۈچۈن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىم. مېنى رەت قىلماڭ، مۇھەببىتىمنى قوبۇل قىلىڭ، سىزدىن ئۆتىنەي... مېنى بۇ پىراقتىن قۇتقۇزۇڭ، مېنى قوبۇل قىلمىسىڭىز دەردىڭىزدە ئۆلۈپ كېتىمەن...» دېگىنىچە قوللۇرۇڭدىن تارتىپ سېنى ئۆز باغرىغا باسماقچى بولدى. سېنىڭ قۇلىقىڭغا بۇ گەپلەر خۇددى مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلاندى، بىلال ئاكاڭدىن سەسكىنىپ كەتتىڭ. مۇشتلىرىڭ ئاچچىقتىن تۈگۈلۈپ كەتتى، بىراق چېچەنلىكىڭ، ئەقلىڭ، قىزلىق غورۇرۇڭ نادانلىق بىلەن ئىش تۇتۇشتىن ساقلاپ قالماقچى بولدى. ھېلىمۇ ياخشى سېنىڭ ئەينى ۋاقىتلاردىكى مەشققە جاپالىق بولسىمۇ كۆڭۈل قويغىنىڭ، بار كۈچۈڭ بىلەن ئۇنى ئىتتىرىپ قوللىرىدىن يۇلقىنىپ چىقتىڭ :«ياخشى كۆرۈش؟ بىلال ئاكا، كەچۈرۈڭ مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىڭىزنى ھەرگىز خاتا دەپ قارىمايمەن، بىراق مەن مۇھەببىتىڭىزنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىزمەن. بۇ دۇنيادا بىزگە بىرگە ياشاش نىسىپ بولمىغان ئوخشايدۇ، ئويلاپ باقتىڭىزمۇ سىزنىڭ بۇ ياخشى كۆرۈش ھېسياتىڭىز زادى قانداق ھېسيات؟ سىزدىكى كۆڭۈل زادى قانداق كۆڭۈل؟ سىزدىكى ئەرلىك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى دەپنە قىلىۋەتمىگەنسىز؟ مېنىڭ قەلبىمگە باشقا بىر يىگىتىنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك ئورناپ كەتكەن، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، سۆيىمەن. بارلىق مۇھەببىتىمنى ئۇنىڭغا ئاتىغانمەن. ئەگەر ئۇ مېنىڭ قەلبىمگە بىرەر تال قارا چىكىتنىڭ چېكىلگىنىنى سېزىپلا قالسا ھېچ نەرسە بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ، ئەگەر خالىسىىڭىز مەڭگۈ سىزنىڭ ياخشى سىڭلىڭىز بولۇشنى خالايمەن، بەختلىك ئائىلىڭىزنى قەدىرلەڭ، ئايالىڭىز ۋە بالىڭىزغا بارلىق مېھىر- مۇھەببىتىڭىزنى بېغىشلاڭ. شۇنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز ياخشى كۆرىمەن دەپلا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ كېتەلمەيسىز، سىز دېگەن ياخشى كۆرۈش پەقەت ھەۋەس قىلىشتىنلا ئىبارەت. سىز ھەۋەسنىڭ قۇربانى بولۇشنى ئۈمۈد قىلمايسىز ھەقىچان، ئۇيقۇڭىزنى ئېچىڭ بىلال ئاكا، سىزگە مىھرىبان، ۋاپادار ئايالىڭىزدىن باشقا ھەر قانداق ئايال زاتى مۇھەببىتىنى، بارلىقىنى ئاتىيالمايدۇ، سىڭلىم دەپ تۇرۇپ مېنى ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغان ئاشنىدارچىلىق دۇنيارىڭىزغا تارتماڭ. يەنە مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلسىڭىز ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ھاياتى تامام...» سېنىڭچە بۇ مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش پەلسەپەلىرىڭ بىلاڭ ئاكاڭغا تەسىر قىلارمۇ؟... سېنىڭ ئۇنى ئەمدى مەڭگۈ كۆرەرگە كۆزۈڭ يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئەپتىگە قاراپ كۆڭلۈڭ ئاينىيتى... بىلال ئاكاڭ بولسا ئۆز ئورنىدا قاققان قوزۇقتەك تۇرغان جايىدا تۇرۇپلا قالدى، سەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭدىن يىراقلاشتىڭ، بار كۈچۈڭ بىلەن يۈگۈردۈڭ... ئارقىڭغىمۇ قارىماستىن پۈتۈن كۈچۈڭنى يىغىپ يۈگۈردۈڭ، مەلۇم ئارىلىققا كەلگەندە ئارقىڭدىن كۆرۈنگەن ماشىنا چىرىغىدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرۇپ، ۋەشھىي يالماۋۇزنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يول بويىدىكى بىر قورو دەرۋازىسىنىڭ دالدىسىغا كېلىپ تۇردۇڭ. بىلال ئاكاڭ سېنى خېلى ئىزدەپ تاپالماي كېتىپ قالدى... سەنمۇ ساق- سالامەت شەھەر ئىچىگە كىرىۋالدىڭ، بەدەنلىرىڭنى تىترەك بېسىپ ئاققان سوغۇق، قارا تەر كىيىملىرىڭنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى، تېخى بايىلا شۇنچە گۈزەل كۆرۈنگەن شەھەر ئەمدىلىكتە ساڭا رەزىللىك بىلەن ئورالغان قارا پەردە ھالىتىدە كۆرۈندى... ئۆيۈڭگە قايتىپ كېلىپلا يۇيۇندۇڭ، قەلبىڭنى خورلىنىش ئازابى قاماللاپ كۆزلىرىڭدىن ئازاپ ياشلىرى كەلكۈنىنى تۆككۈزدى. بىلەكلىرىڭنى قايتا- قايتا يۇدۇڭ، خۇددى بىلال ئاكاڭنىڭ قولىدىن قانداقتۇر بىرەر يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىپ ساڭا يۇقۇپ قالغاندەك. يۇيۇنۇپ بولۇپلا ئۆزۈڭنى خېلى يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلدىڭ، ھەر قېتىم كۆڭلۈڭ يېرىم بولغاندا، ئاچچىقلانغاندا يۇيۇنۇپ ھەممىنى ئۇنتۇشقا تىرىشىدىغان ئادىتىڭ بۈگۈن يەنە قايتىلاندى. بىراق بۇ قېتىم ئوخشىمايدىغىنى قەلبىڭدىكى نەپرەت يۇيۇلۇپ كېتىدىغاندەك ئەمەس. ھوجۇرا دەرىزىسىنى ئېچىۋېتىپ كارىۋىتىڭغا ئۆزۈڭنى تاشلىدىڭ، كۆزلىرىڭنى چىڭ يۇمۇپ بۈگۈنكى ئىشلارنى چۈشۈڭ بولۇپ قېلىشىغا مەجبۇرلىدىڭ، بىراق بۇ رىئاللىق. ھۆرمەتكە سازاۋەر، ئالىيجاناپ بىلال ئاكاڭنىڭ ھەقىقىي ئەبتىبەشىرىسى بۈگۈن كۆز ئالدىڭدا ئاشكارىلاندى. بىلال ئاكام ئەمەس باشقا بىرى بولۇپ قالسچۇ دېگەنلەرنى ئويلىدىڭ... كۆزلىرىڭگە ئۇيقا يامىشىدىغاندەك ئەمەس،  ئورنۇڭدىن نەچچە رەت تۇرۇپ بىلال ئاكاڭدىن ئۆچ ئېلىش چارىسىنى ئويلاشتىڭ، كۆڭلۈڭگە بىر جىن چۈشتى-دە، بىر ئاز خاتىرجەم بولغان ھالدا ئۆز ئورنۇڭغا قايتىدىن كېلىپ ياتتىڭ...
-زەبىھە، تېلىفۇننى قويىۋەتمەي تۇرۇڭ، سىزدىن ئۆتۈنەي سىزگە دەيدىغان گېپىم بار...
-ماڭا يەنە نېمە دېمەكچى، ئايالىمدىن ئاجرىشاي، ماڭا ياتلىق بولۇڭ دېمەكچىمۇ؟ ئۇخلاپ چۈشۈڭ، ئەمدى ماڭا تېلىفۇن قىلغۇچى بولما، مېنىڭ نېمە خىزمەت قىلىدىغىنىمنى ئوبدان بىلىسەن...
-ياق، ياق ئۇنداق ئەمەس... ۋەي، ۋەي....
سەن ئۇنىڭ يەنە ئاللىقانداق باھانىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆزىنى ئاقلىشى ئۈچۈن پۇرسەت بەرمىدىڭ، پۇرسەت بېرىشنى خالىمىدىڭ، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشتىن شۇنچىلىك بىزار بولدۇڭ. كىمدىن كۆرۈش كېرەك؟ بىلال ئاكاڭ سېنى نېمە ئۈچۈن ياخشى كۆرۈپ قالغاندۇ؟ سەن ئۇنىڭغا بەكلا ئىشنەتتىڭغۇ؟ ئۆزۈڭنىڭ ئاقكۆڭۈل، سەمىمىيلىكىڭ، ئەقىللىق، ئەستايىدىل، چېچەنلىكىكدىن كۆرۈش كېرەكمۇ؟ ئەلۋەتتە، بىلال ئاكاڭ ئۆزىمۇ شۇنداق دېگەن تۇرسا. كىم سېنى بالىلارچە سەبىيلىك بىلەن ئائىلسى بار ئادەمگە يېقىنلاشسۇن، ياخشى مۇئامىلىدە بولسۇن دەپتىكەن. ئۆزۈڭدىن كۆر.
بىر قانچە كۈنگىچە چىۋىن يەۋالغاندەك خارامۇش يۈردۈڭ،  ھەممىدىن بەك ئاچچىقىڭ كەلگىنى ئۇنىڭ: « ئەگەر سىز مېنى قوبۇل قىلسىڭىزلا سودا ئىشىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا شەرتسىز ياردەم قىلىمەن» دېگەن ئاخىرقى سۆزى ئىدى. ۋىجدانىڭ خارلانغاندەك ھېس قىلدىڭ، ئۆزۈڭنىڭ ئاجىز بىر قىز بولۇپ قالغىنىڭدىن ئۆكۈندۈڭ. چىقىش يولۇڭغا  شەھۋەت قاينىمىدا قايناپ كەتكەن بۇنداق ئادەمنىڭ توسالغۇ بولىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىڭ. چەتئەللىك سودىگەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارغا مال تاپالمىغانلىقىڭنى دەپ ئەپۇ سورىدىڭ، ھېلىمۇ ياخشى ئۇلار بىلەن دەسلەپتىلا «بەلگىلىك ۋاقتى ئىچىدە مال تاپالماي قالساڭ باشقا ۋاكالەتچى تېپىشىنى، قوشۇلمىسا بۇ سودىغا قولۇڭنى تىقمايدىغىنىڭنى» دەپتىكەنسەن، بولمىسا يەنە بىر مۇنچە زىيان تارتقان بولاتتىڭ. ئارتۇقچە ئازابلىنىپ، ياش تۆكمە قىزچاق، بۇ قېتىملىق ئىش سەن ئۈچۈن بىر تەجىربە، گەپ سېنىڭ بۇ تەجىربىنى قايسى نۇقتىدا تۇرۇپ يەكۈنلىشىڭگە باغلىق.
يەنە ناتونۇش نومۇردىن تېلىفۇن كەلگىلى تۇردى، بىر قانچىسىنى ئالمىدىڭ، بۇنداق قىلغىنىڭ توغرا ئەمەس. ئويلاپ باقتىڭمۇ سېنى ئىزدەيدىغان ئىش بېجىرىدىغانلار بولۇپ قالسىچۇ؟ دېگەنكىدەك ئەنسىرەپ ئالغىنىڭ ھاجەتمەن بىر كىشىنىڭ تېلىفۇنى بولۇپ چىقتى. بىراق سەن تېلىفۇننى ئالماسلىق بىلەنلا بىلال ئاكاڭدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرالمايسەندە؟!... بىلال ئاكاڭ ئىشخانىدا يالغۇز قالغان ۋاقتىڭنى مۆلچەرلەپ بىر كۈنى سېنى ئىزدەپ كەلدى، ئىشخانا ئىشىكى ئىككى قېتىم چېكىلدى، سېنىڭ «كىرىڭ» دەپ بەرگەن ئىجازىتىڭ بىلەن ئۇ كىرىپ كەلدى. سەن ئىش ئۈستىلى ئالدىدا كومپىيوتىرغا قاراپ ئىجتىھات بىلەن ماتىرىيال تەرجىمە قىلىۋاتقان ئىدىڭ، بېشىڭنىمۇ بۇراپ قارىماستىن: «ياخشىمۇسىز! نېمە ئىش بىلەن كەلگەن ئىدىڭىز، ئاۋۋال ئولتۇرۇڭ» دېدىڭ.
-زەبىھە، سىزنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدىم، قايسى كۈندىكى ئىشلارنى سىزگە چۈشەندۈرۈپ قوياي دەپ ئويلىغان لېكىن سىز پۇرست بەرمىدىڭىز، مەن ئامالسىز قالدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن ئىشخانىڭىزغىلا ئۈسۈپ كىرگىنىمنى كەچۈرۈڭ،... -تونۇش ئاۋاز دېققىتىڭنى ئۆزىگە بۇرىدى. ئالدىڭغا بىلال ئاكاڭ بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە ئەپۇ سوراپ تۇراتتى.
-كىم سىزنى بۇ يەرگە كەلسۇن دېدى، گەپ تۈگىدى، سىزمۇ دەيدىغىنىڭىزنى دېدىڭىز مەنمۇ دەيدىغىنىمنى دەپ بولدۇم. ئەمدى تولا كۆزۈمگە كىرىۋالماڭ، بولمىسا ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلىمەن. ئاچچىقىڭدا ئېغىزىڭدىن بۇ گەپلەرنىڭ قانداق چىقىپ كەتكىنىنى سەزمەيلا قالدىڭ.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 95
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ئۆسۈش: 1 %
مۇنبەر پۇلى: 6 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-01
ئاخىرقى: 2010-06-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-01 16:11

-زەبىھە، بۇ يەردە تالاش- تارتىش قىلىپ يۈرسەك سەت تۇرىدۇ، ئاتايىن سىزنى ئىزدەپ كېلىشىم مۇۋاپىق بىر جاينى تاللاپ چاي ئىچكەن چۈشەندۈرۈش ئىدى، ماڭا چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىنىمۇ بەرمەمسىز؟ ئەمەلىيەتتە ئىشلار سىز ئويلىغاندەك ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس. مەن قىزىق قانلىق بىلەن ئۆزۈمنى كونتورۇل قىلالماي بەزى بولمىغۇر گەپلەرنى دەپ سالدىم، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ۋىجدانى ئازاپ چېكىمەن. سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي ماڭا چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بەرسىىڭىز، ۋىجدانىمنى پاكلاش پۇرسىتى بەرسىڭىز، سىزنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ يېرىمدا قىزىل ئەتتىرگۈل قەھۋەخانىسىدا ساقلايمەن،- دەپلا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتى. سەن يەنە ئېرىپ كەتتىڭ، ئىشلارنىڭ تېگى- تەكتىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۆزۈڭگىمۇ ۋە بىلال ئاكاڭغىمۇ پۇرسەت بەرمەكچى بولدۇڭ. چۈشتىن كېيىن يېرىم سائەت كېچىپ قىزىل ئەتتىرگۈل قەھۋەخانىسىغا باردىڭ، چىرايىڭ تولىمۇ سۇلغۇن، چىرايىڭدا نەپرەت يېغىپ تۇراتتى... بىلال ئاكاڭ سېنى سىرتتا كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن، سېنى كۆرۈپ بەكلا خوشال بولۇپ كەتتىمۇ، ئالدىڭغا كېلىپ قىزغىنلىق بىلەن سالاملاشتى. بۈگۈن ئايرىمخانىدا ئەمەس سىرتتىلا بىر ئۈستەلنى تاللاپ ئولتۇردۇڭلار. كۈتكۈچى قىز مۇلايىملىق بىلەن ئىچىملىك تىزىملىكىنى سېنىڭ قولۇڭغا تۇتقۇزدى.
-خانقىز، بىر ئىستاكان قەھۋە، قەۋھەگە قەنتتىن ئىككىنى ئارتۇق سېلىڭ،- دېدىڭ سەن ئىچىڭدىكى ئاچچىقنى پەسەيتىش ئۈچۈن. بىلال ئاكاڭمۇ ئارقىدىنلا ئۇلاپ «ئىككى ئىستاكان بولسۇن» دېدى.
ئارىدا يەنە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى، سەن ئۆزۈڭنى ئالدىراش ئىشى بار قىياپەتتە كۆرسىتىپ گېلىڭنى قىرىپ، ئورنۇڭدىن قىمىرلاپ قويدۇڭ. بىلال ئاكاڭ ئۇنچە دۆت ئەمەس، سېنىڭ ئۆزىدىن قانچىلىك بىزار بولۇپ كەتكىنىڭنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ.
-زەبىھە، گەپنى كۆپ قىلماي، ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ مېنىڭ قىسقىغىنە بىر ھېكايەمگە قۇلاق سالسىڭىز مەن شۇنىڭغا رازى.- سەن بېشىڭنى لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈردۈڭ.
-مېنىڭ توي قىلغىنىمغا تۆت يىل بولدى، چوڭلار تونۇشتۇرۇپ بىر ھەپتە ئىچىدىلا بولغان توي. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا مەجبۇرىي توي دېسەممۇ بولىدۇ، سىز بەلكىم پەقەت قىزلارنىڭلا ئاتا- ئانىسىنىڭ  مەجبۇرلىشى بىلەن توي قىلىغىنىنى ئاڭلىغانسىز. توي قىلىشتىن ئاۋۋال مەن باشقا بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەن، ئىسمى ئاينۇر، ئۇنىڭ دادىسى كىچىك ۋاقتىدىلا كېسەل سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتكەن، يالغۇز ئانىسى ئىككى بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشتى. بىز باشلانغۇچتىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرىغىچە بىللە ئوقىدۇق، مەن ئارزۇيۇم بويىچە سودا قىلىمەن دەپ داۋاملىق ئوقۇشنى خالىماي ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بارمىدىم، ئۇمۇ مېنى دەپ ئوقۇشتىن ۋاز كەچتى. بىز تولۇق ئوتتۇرانىڭ ئىككىنچى يىللىقىدىن تارتىپ مۇھەببەتلەشكەن، گەرچە ئۇ ۋاقىتلاردا ھەقىقىي مۇھەببەتنى ئانچە چۈشەنمىسەكمۇ بىر- بىرىمىزگە تولىمۇ ئامراق ئىدۇق، بىر- بىرىمىزدىن بىردەم ئايرىلساق چىدىماي قالاتتۇق، بۇ خىل ھېسياتنى مۇھەببەت دەپ چۈشىنىپ ئۇلۇغلايتۇق. لېكىن چوڭلارغا، دوست- بۇرادەرلەرگە پەقەتلا بىلدۈرمىگەن ئىدۇق. بىز مۇھەببەتلىشىپ بەشىنچى يىلى سەزگۈر چوڭ ئاكام ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى سېزىپ قېلىپ دادامغا دەپتۇ.  دادام  ئاڭلاپ بالا چوڭ بولۇپ قاپتۇ، بېشىنى ئوڭشاپ قويساقمۇ قويايلى دەپ ئانام ۋە ئاكاملار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىر كۈنى مېنى ئالدىغا  چاقىرتتى. دادام يەر بۇ يەردىن ئەگىتىپ گەپ سوراپ ئېغىزىمنى ئاچقۇزماقچى بولدى. مەن دادامدىن بەكلا خىجىل بولىدىغان بولغاچقا مەقسىدىمنى ئوچۇق دېيەلمىدىم. بىراق دادام مېنى بەكلا چۈشىنەتتى. ئۇ ئېغىزىمدىن ئاينۇرنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئالالماي ئۆزى ئۇنىڭ كىمنىڭ قىزى، قەيەرلىك، قانداق قىز بالا ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئاخىرى بىلىپتۇ. دادامنىڭ ئەھۋالنى بىلىشى بىلەن تەڭ ئىككىمىزنىڭ بەختىگە قارا سايە تاشلاندى. ئاينۇرنى «قەلەندەرنىڭ قىزى، قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، ئانىسىنى كۆرۈپ قىز ئال دەيدىغان گەپ بار، ئانىسىنىڭ ھالى شۇ تۇرسا، ئۇنداق تۇلخۇتۇن تەربىيىلىگەن قىزبالا قانچىلىك بولاتتى...» دەپ ئۇنىڭغا ھاقارەت كەلتۈردى. مەن پەقەتلا چىدىمىدىم، ئاينۇرنى دادامنىڭ ھاقارەتلىشىگە يول قويالمىدىم، تۇنجى قېتىم دادامغا گەپ ياندۇردۇم، شۇ يېشىمغىچە قول تەگكۈزۈپ باقمىغان دادام مېنى بىر تەستەك ئۇردى... ئۆيدىكىلەر مەن بىلەنلا بولدى قىلماي ئاينۇرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا ۋە ئانىسىغا: «ساڭا شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي ئايىمخان، تەربىيە كۆرمىگەن بۇ قانجۇق ئوغلۇمغا ئەمدى تولا يېپىشىۋالمىسۇن، يەنە يېقىن يولايدىغان بولسا مېنىڭدىن ياخشىلىق كۆرمەيدۇ، سەندەك پەس قەلەندەرنىڭ قىزىنى ئوغلۇمغا ئېلىپ بېرىدىغانغا بېشىم ئىشىپ قالمىدى...» دەپ ھاقارەت قىلىپتۇ. بىچارە ئاينۇر مەھەللىدىكىلەر ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ ئاھانىتى، پىتنە- پاساتلىرىغا چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى. مېنىڭ شۇ ۋاقىتتا قانچىلىك تۈگىشىپ كەتكىنىمنى بىلمەيسىز، دادامدىن، بارلىق ئۇرۇغ- تۇغقانلاردىن ئەل- مەھەللىدىكىلەردىن ئاغرىندىم، ئۇلارغا ئۆچ بولدۇم. پاك مۇھەببىتىمىزنى دەپ ئۆزىنى قۇربان قىلغان ئاينۇر ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ يارىماس، ۋىجدانسىز بىر ئەر بولۇپ قالغىنىمغا ئېچىندىم، ئۆلۈۋېلىشنى ئويلىدىم. بىراق، مېھرىبان ئانامنىڭ يوللۇق نەسىھەتلىرى بىلەن قايتا ھاياتلىق يولىغا قەدەم ئالدىم. ئۆيدىن ئايرىلىپ سىرتلاردا يۈرۈپ سودا ئىشىلىرىغا چوڭقۇرلاپ چۆكتۈم، ئاينۇرنىڭ روھى قورۇلمىسۇن دەپ بار تىرىشچانلىقىم بىلەن تىرىشتىم، ئۆز- ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىپ ياشىدىم. كۈنلەر، ئايلار، يىللار ئۆتۈپ كەتتى، مەنمۇ جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك ئورنۇمنى تىكلىدىم. دادام ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى ئۈچۈن ئازاپ چېكىپ ئاقىۋەت ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. بىر كۈنى ئانامدىن كەلگەن تېلىفۇننى ئالدىم ئۇ مېنىڭ ئۆيگە بېرىشىمنى مۇھىم ئىش بارلىقىنى دېدى. مەن ئەتىسى چۈشتىن كېيىن ئۆيگە يېتىپ باردىم، دادامنىڭ كېسىلى خېلىلا ئېغىرلىشىپ قالغان ئىكەن. ئۇ كۆزلىرىنى تەسلىكتە خىرە ئېچىپ مەندىن ئەھۋال سورىدى. خىجىل بولغىنىدىن لەۋلىرى تىترەپ گەپلىرى ئارانلا چىقاتتى. كەچتە ئۆيدە ئۈچەيلەن قالدۇق. دادام مېنىڭ توي قىلىشىمنى، بۇنداق يۈرىۋەرمەسلىكىمنى، ئۆزىنىڭ قىلغان خاتالىقلىرى ئۈچۈن ۋىجدانى ئازاپ چەككەنلىكىنى، جازاغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتىپ كۆز ياش قىلدى.  بىر تەرەپتىن ئاينۇرنىڭ شۇنچە خورلۇق، ئاھانەت ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكىنىنى ئويلىسام ئىچىم زەھەر يۇتقاندەك ئاچچىق بولىدۇ، بىر تەرەپتىن قارىسام دادامغىمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇمۇ دەرتنى يەتكۈچە تارتتى... مەن ئامالسىز كۆز يۇمۇش ئالدىدا تۇرغان دادامنىڭ نەسىھىتىگە قارشى چىقماسلىق ئۈچۈن ماقۇللۇق بىلدۈردۈم. ئانام ۋە تۇغقانلار سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ھازىرقى ئايالىم بىلەن مەجبۇرىي ھالدا قوشۇپ قويدى. ئەمدى نېمە ئۈچۈن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى، سىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تۇتۇپ قالالمىغىنىمنىڭ سەۋەبىنى دەپ بېرەي. مېنىڭ سۆيگۈنۈم، مەن ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلغان مەڭگۈلۈك سۆيگۈنۈم ئاينۇر سىزگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدۇ. مىجەز- خاراكتىرىڭىز، ئەقىللىق، چېچەنلىكىڭىز، ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي، كۆيۈمچانلىقىڭىز، بولۇپمۇ چىراي- تۇرقىڭىز بەكلا ئوخشايدۇ. سىزنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندىلا شۇنچىلىك ئازابلانغان، خۇددى ئۆلۈپ كەتكەن ئاينۇر كۆز ئالدىمدا، ئوڭۇمدا، رىئاللىقتا كۈلۈمسىرەپ تۇرغاندەك كۆرۈنگەن ئىدىڭىز، شۇنىڭدىن بېرى مەن ھەر ئاماللار بىلەن سىزگە يېقىنلاشتىم. ئاخىرى ئۆزۈمنى بىلىپ- بىلمەي سىزگە مۇھەببەت ئىزھار قىلدىم. شۇ كۈنى سىزنىڭ تەمكىن ھالدا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇپ دېگەن سۆزلىرىڭىز ئارقىلىقلا مەن ھوشۇمنى تاپتىم. سىزنىڭ ئاينۇر ئەمەس بەلكى ھەقىقىي زەبىھە ئىكەنلىكىزگە چىن پۈتتۈم، ئۆزۈمنىڭ تەلۋىلەرچە رىئاللىقتىن چەتنەپ چۈشلىرىمدىكى ئاينۇر ئۈچۈن سەۋدا بولۇپ يۈرگىنىمنى بىلدىم. شۇنداقلا يەنە ئۆزۈمنىڭ ھازىر مەسئۇلىيەتچان ۋاپادار  بىر دادا،  بىر ئەر ئىكەنلىكىمنى تونۇدۇم. ئايالىم بارلىق مۇھەببىتىنى ماڭا ۋە ئائىلىگە بېغىشلاپ مېنى ياخشى كۈتۈپ كەلدى، گەرچە ئۇ قەلبىمدە ئاينۇرنىڭ ئورنىنى مەڭگۈ باسالمىسىمۇ لېكىن ئۇ يەنىلا ياخشى ئايال. مېنى كەچۈرۈڭ، ئەينى ۋاقىتتا دېگەن ھەر بىر گەپلىرىم ئۈچۈن ئالدىڭىزدا نومۇستا ئۆلگۈدەك بولۇپ كېتىۋاتىمەن. غۇبارسىز بىر قىزنىڭ قەلبىدىكى بىر تۇغقان ئاكىسىدەك كۆرىدىغان مېنىڭ ئوبرازىمغا ئۆزۈم داغ تەگكۈزۈپ قويغىنىمدىم قاتتىق ئۆكۈنىمەن. سىز ئەقلىمنى قولۇمغا تۇتقازدىڭىز. سىزدىن پەخىرلىنىمەن، سىزدىكى سەمىمىي سادىقلىق، دادىللىق، ھەقىقىي قەلبى پاك، مۇھەببەت- نەپرىتى ئېنىق قىزلىرىمىزغا خاس ئوبرازىڭىز ئارقىلىق ئۇيقۇمنى ئېچىپ ھەقىقىي بىلالنى تونۇش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەردىڭىز، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا پەسكەشلىك بىلەن دېگەن گەپلىرىم ئۈچۈن مېنى قانداق جازالىسىڭىز مەن شۇنىڭغا رازى. بىراق، سىزنىڭ ئىلگىرىكىدەك مېنى ئۆز ئاكىڭىز ئورنىدا كۆرىشىڭىزنى بەكلا ئۈمۈد قىلاتتىم، سىزگە ئۆز سىڭلىم ئورنىدا قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزۈپ يار- يۇلەك بولسام دەيمەن. ئەگەر مېنى كەچۈرسىڭىز يەڭگىڭىزنىڭ تېلىفۇن نومۇرىنى قالدۇرۇپ قوياي، ئەتە كەچ يىگىتىڭىزنى بىرگە ئېلىپ ئۆيگە تاماققا بېرىڭلار. بىزنىڭ ئۆيدە جەم بولۇپ قېرىنداشلىق يولىنى ئاچساق. بۇ ئىشلاردىن يەڭگىڭىزمۇ خەۋەردار، سىزنى رەنجىتكىنىم ئۈچۈن مېنى قاتتىق ئەيىپلىدى. مېنى سىزدىن كەچۈرۈم سوراش ئۈچۈن تەشەببۇسكار بولۇشۇمنى، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىشىمنى، سىزنىڭ چوقۇم توغرا چۈشىنىپ كەچۈرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىدىغىنىنى دېگەن ئىدى...- دېدى بىلال ئاكاڭ ھەممە ئىشلارنى بىراقلا دەپ ئۆزىنى يىنىكلەپ قالغاندەك ئېغىر تىنىپ قويۇپ. سەن راستىنلا بەك ئاقكۆڭۈل، كۆزلىرىڭدىن تامچىلىغان ياشلار كۆينىكىڭنىڭ ئىتەكلىرىنى ھۆل قىلىپ بولدى. بىلال ئاكاڭغا ئىچ ئاغرىتتىڭ، ئۆلۈپ كەتكەن ئاينۇرغا ھېسداشلىق قىلدىڭ، ئۇلارنىڭ چىن مۇھەببىتىدىن قاتتىق تەسىرلەندىڭ. بىلال ئاكاڭنىڭ ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى ئىشلىرىدىن تولۇق خەۋىرى بار ئايالىدىن مەمنۇن بولدۇڭ، ئاقكۆڭۈل، ئەپۇچان، ئىستىداتلىق ھەقىقىي بىر ئايال ئىكەنلىكىگە ھۆرمىتىڭ ئاشتى. بىلال ئاكاڭدىن ئۆچ ئېلىش نىيىتىڭ ئاللىقاياقلارغا غايىپ بولدى ھەم ئورنىمۇ قالمىغان ئىدى.
ئۆزۈڭ يالغۇز تونۇش يوللاردا كېتىۋاتىسەن، كوچا چىراغلىرى بۈگۈن باشقىچە نۇرلۇق، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دەل- دەرەخ، گۈل- گىياھلار سېنىڭ خىياللىرىڭغا ھەمراھ، ساپ ھاۋا دىماقلىرىڭدا توختىماي ئەركىلەيتى، يىنىك قەدەملىرىڭ ئاستىغا سۆيۈپ ئارقىڭدا قېلىۋاتقان يوللارغا چوڭقۇر ئەسلىمىلەر، ئۇزۇن- ئۇزۇن بىر چۈش سىڭىپ كەتتى. ئۆزۈڭنى خۇددى بىراقلا نەچچە ياش چوڭ بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىڭ. سەن يەنىلا خوشال، ئۆز ئەقلىڭ بىلەن شەھۋەت ئۇيقىسىغا غەرق بولغان ئاكاڭنى ئويغىتىپ، تاڭنىڭ ئۇپىقىنى چىن ئىشقى بىلەن سۆيۈشكە ئۈندىيەلىگىنىڭدىن خۇرسەن...
2010-يىل 10- فېۋرال تۇمارىس ئەخمەت ئاگىنى
بۇ ئۆزۈمنىڭ ئىجادىيىتى، رۇخسىتىمسىز باشقا تورلاردا ئېلان قىلماڭ، ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
[ tumarisتەرىپىدىن2010-06-01 19:05قايتا تەھرىرلەندى ]