ئاخبارات ۋەقەسى
(كەڭساي مۇكاپاتلىق تەرجىمە ئەسەر پائالىيىتىگە يوللاندى)
(ھېكايە)
شۇي يۇيۇ
تاڭ چىڭ كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ كېتىۋېتىپ، پىڭجىن بازىرىغا كەلگەندە بۇ يەردىكى بىراك ئاپتۇمۇبىللارنى يىغىۋېلىش ئورنىدا بىرسىنىڭ بىراك ماشىنا سودىسى بىلەن شۈغۈللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ،دەرھال كەينىگە قايتىپ بۇ ئىشنى مەسئۇل تەھرىرگە دوكىلات قىلدى.
-سەن ئۇلارنى ياخشىراق كۈزەتكىن،-دەپ يوليورۇق بەردى مەسئۇل تەھرىر ئۇنىڭ دوكىلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن.باشلىقنىڭ يوليورۇقى بىلەن تاڭ چىڭ ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ مەخپى زىيارىتىنى باشلىۋەتتى. ئۇ بۇ قېتىم ھېلىقى ئادەمنىڭ بىراك ئاپتۇمۇبىللاردىن چۇۋۇپ ئېلىۋالغان زاپچاسلارنى يولدىن ئۆتكەن شوپۇرلارغا سېتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە ئۇلارنىڭ سودا جەريانىنى مەخپى سۈرەتكە تارتىۋالدى ۋە ئىدارىغا قايتىپ كېلىپ،بۇ سۈرەتلەرنى كىرىشتۇرۇپ بىر پارچە خەۋەر يازغاندىن كېيىن مەسئۇل تەھرىرنىڭ قول قويۇپ بېرىشىنى ئېيتتى. مەسئۇل تەھرىر ئۇنىڭ خەۋرىگە بىر قۇر كۆز يۇگۇرتكەندىن كېيىن ئۇنى ئۇستەلنىڭ بىر چېتىگە پاققىدە قىلىپ تاشلىدى-دە،ئۇنىڭغا:
-ئالدىرىما،يەنە ساقلايلى،سەن يەنىمۇ ياخشىراق كۈزەتكىن،مەن ئۇلارنىڭ يەنە قانداق نەيرەڭلىرى بارلىقىنى بىر كۆرۇپ باقاي،-دېدى.
بىر ئايدىن كېيىن تاڭ چىڭ ئۇ بازارنى يەنە بىر قېتىم مەخپى زىيارەت قىلىپ،ئۇ يەردە ئەسلىدە بار بولغان ھېلىقى بىراك ئاپتۇمۇبىللارنى يىغىۋېلىش ئورنىنىڭ ھازىر كۆپىيىپ ئون نەچچىگە يەتكەنلىكىنى،يولدىن ئوتىۋاتقان نۇرغۇن شوپۇرلارنىڭ بۇ يەردە توختاپ ئۇلاردىن ماشىنا زاپچاسلىرى سېتىۋالىدىغانلىقىنى بايقىدى ۋە بۇ ئىشلارنى مەخپى سۈرەتكە تارتىپ،خەۋەر قىلىپ ئىشلەپ مەسئۇل تەھرىرگە كۆرسەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا دېدى:
-ئەمدىغۇ ئاشكارلاش پەيتى كەلگەندۇ؟
-ساقلايلى،سەن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يەنە بېرىپ قاراپ باققىن،-دېدى مەسئۇل تەھرىر ئۇستەلدىن بېشىنى كۆتۇرمەي.
-مەسئۇل تەھرىر،ئۇ بازار ھازىر تەرەققى قىلىپ ئوننەچچىگە يېتىپتۇ،ئەگەر يەنە ئاشكارلىمىساق،كىچىكىپ قالىمىز،-تاڭ چىڭ جىددىيلەشكەن ھالدا تەھرىرگە تىكىلدى.
-بار دېگەندىن كېيىن بارمامسەن،نىمانداق جىق قۇرۇق گەپ بۇ،-مەسئۇل تەھرىر قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ تاڭ چىڭغا ۋاقىردى.
يەنە بىر ئايدىن كېيىن تاڭ چىڭ پىڭجىن بازىرىغا يەنە بېرىپ،ئۇ يەردىكى ماشىنا بازارلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆلەملىشىپ كەتكەنلىكىنى،بەزى بىراك ئاپتۇمۇبىل سايمانلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىپلا بەزى شوپۇرلارغا سېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
-سەن تېزلىكتە قاتناش ساقچى ئەترىتى ۋە دوختۇرخانىغا بېرىپ،يېقىندا قاتناش ۋەقەسىگە ئۈچرىغان ئاپتۇمۇبىللارنى سۈرۈشتۇرۇپ باق،شۇلار ئىچىدە بىز ھازىر تەكشۈرىۋاتقان ئورۇنلاردىن زاپچاس سېتىۋالغانلىرى بارمىكىن؟-دېدى مەسئۇل تەھرىر تاڭ چىڭنىڭ دوكىلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن.
تاڭ چىڭ قاتناش ساقچى ئەترىتى ۋە دوختۇرخانىغا بېرىپ سۈرۈشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلار ئىچىدە بۇ ئورۇنلاردىن زاپچاس سېتىۋالغان شوپۇرلارنىڭ يوقلىقىنى ئىنىقلاپ چىقتى.
-سەن يەنە داۋاملىق كۈزەتكىن،ئەستايدىلراق بول-ھە،-دېدى مۇھەررىر بۇ قېتىم يەنە ئاۋالقىدەكلا.
شۇندىن كېيىن تاڭ چىڭ بۇ ئىشقا بۇرۇنقىدەك ئەستايىدىل پوزىتسىيىدە بولمىدى.يېرىم يىلدىن كېيىن پىڭجىن بازىرىدا بىر قېتىملىق پەۋقۇلئاددە قاتناش ھادىسسى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى ۋە يارلاندى.ۋەقە چىققان كۈنى مەسئۇل تەھرىر تاڭ چىڭنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ،ئەتە ئۇنىڭ بۇرۇن ئاشۇ بىراك ئاپتۇمۇبىل سودىگەرلىرى ھەققىدە يازغان خەۋەر-ماقالىلىرىنى ئىلان قىلىشقا تەييارلىق قىلىشىنى،ھازىرلا ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۇ يەرگە باشلاپ بېرىشىنى ئېيتتى.تاڭ چىڭ شۇ چاغدىلا مۇھەررىرنىڭ مەقسىتىنى بىلدى.ئەسلىدە قاتناش ھادىسسىغا ئۈچرىغان ئۇ ئاپتۇمۇبىللار پىڭجىن بازىرىدىكى دەل ئاشۇ بىراك ئاپتۇمۇبىل سودىگەرلىرىدىن زاپچاس سېتىۋالغان ئىدى.ئۇلار ئۇ يەرگە بارغاندا ئۇلارنىڭ سودىسى تازا قىززىپ كەتكەن ئىدى.مۇھەررىر تاڭ چىڭنىڭ سۈرەتكە تارتىۋېلىشىنى ئېيتتى.
-بولدى،ئەمدى ئاشكارلايدىغان پەيت كەلدى،-تاڭ چىڭ مەسئۇل تەھرىرنىڭ چىرايىدا بىر خىل مەمنۇنىيەت ئىپادىسىنى كۆرگەندەك بولدى.
لېكىن ئەتىسى گېزىتتە بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىدى.چۈنكى قاتناش ساقچى ئەترىتىدىكىلەر گېزىتخانىغا تېلېغۇن بېرىپ،بۇ قېتىمقى قاتناش ھادىسسىنىڭ بىراك ئاپتۇمۇبىللارنى يىغىۋېلىش ئورنى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىقىنى ئوقتۇرغان ئىدى.
-يەنە ساقلايلى،مەن بۇ خەۋەرنىڭ ھامان بىر كۈنى جەمئىيەتكە ئاشكارلانمايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن،-دېدى مۇھەررىر تاڭچىڭنىڭ دولىسىغا يەڭگىل ئۇرۇپ.
تاڭ چىڭ دېرىزىدىن يىراقلارغا نەزەر تاشلىغىنىچە <<مەنمۇ تامامەن ئىشىنىمەن>>دەپ ئۆز-ئۆزىگە ئاستا پىچىرلىدى.
<<ئەدەبىي ئەسەرلەردىن تاللانما>>ژورنىلى 2007-يىللىق 7-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
杂文选刊》杂志2007年7期》