ئادىگىياجومھۇرىيىتى روسىيىدىكى 21 مىللىي جومھۇرىيەتنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بولۇپ ، بۇ جومھۇرىيەت كۇبان دەرياسى بىلەن لاب دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ ، جەنۇبىي قىسمى كاۋكاز تاغ تىزمىسىغا تۇتىشىدۇ . يەر مەيدانى 7600 كۋادرات كىلۇمىتر ، پايتەختى مايكوپ شەھىرى . 2003 -يىلىدىكى جومھۇرىيەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 4 يۈز 40 مىڭ بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ، ئادىگىيا مىللىتىنىڭ نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 24 پىرسەنتىنى ئىگەللىگەن ، ئۇنىڭدىن باشقا ، روسلار (68 پىرسەنىت) ئوكرائىنلار ، ئەرمەنلەر ، تاتارلار ، گىرمانلار ، گرىكلارمۇ بار . ئادىگىيا مىللىتى بولسا شىمالىي كاۋكاز رايۇنىدىكى تۈركلەرنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ ، ئۇلار ئىسلام دىنىنىڭ سۈنىي مەزھىپىگە ئىتىقات قىلىدۇ .
12 - ئەسىردىن 16 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا- ئاخىرلىرىغىچە ئالتۇن ئوردا خانلىقى ، ئوسمان ئىمپىريىسى ، قىرىم خانلىقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان ، 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى چاررۇسىيە تەرىپىدىن بىسىۋىلىنغان چاغدا ، كۆپلىگەن ئادىگىيالىقلار تۈركىيە ۋە ئىئوردانىيە قاتارلىق جايلارغا قىچىپ كەتكەن . 1917 - روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كىيىن ئادىگىيا مىللىي ئاپتۇنۇم ئوبلاستى قۇرۇلغان ، 1991 - يىلى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق جومھۇرىيەت سۈپىتىگە كۆتۈرۈلگەن .
ھازىر دۇنيادا 300 مىڭ ئادىگىيالىقلار بار بولۇپ ، بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى تۈركىيەگە ماكانلاشقان .
[ بۇ يازمىنىkarluk 2011-05-24 13:03قايتا تەھرىرلىدى ]