مەشھۇر شائىر يۇنۇس ئەمرە ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات...
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:
يۇنۇس ئەمرەنىڭ ھاياتىغا دائىر مەلۇماتلار ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئۇنىڭ 1240- يىللىرى دۇنياغا كېلىپ، 1320- يىللىرى ۋاپات بولغان بولۇشى تەخمىن قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتىغا دائىر ئۇچۇرلار ئەپسانە ۋە رىۋايەت تۈرىگە كېرىدۇ. مەيلى بۇ مەلۇماتلار ياكى شېئىرلىرىغا تايىنىپ تۇرۇپ بولسۇن، يۇنۇس ئەمرەنىڭ ئەسكىشەھىرگە قاراشلىق سارىكۆيدە دۇنياغا كەلگەنلىكى، مەدرەسە تەربىيىسى كۆرگەنلىكى، تەسەۋۋۇپ يولىغا كىرىپ بىر تەرىقەت شەيخىگە مۇرت بولغانلىقى، كۆپلىگەن جايلارنى كەزگەنلىكى، مەۋلانا بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكى، ئۇنىڭغا بىر ئەۋلىيا نەزىرى بىلەن قارىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئۇ، كىشىلەرنى ئىسلام ۋە ئۇنىڭ تەسەۋۋۇپىنىڭ نۇرى ئاستىدا سۆيگۈگە، بىرلىك ئورنىتىشقا چاقىرغان ۋە ئانادولۇدا تەسەۋۋۇپ خەلق ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە شېئىرلىرى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلغان بىر بۈيۈك سۇپى شائىردۇر.
يۇنۇس ئەمرە، ئەھمەد يەسەۋىي تۈركىستاندا باشلىغان ھەرىكەتنى شېئىرلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق ھالدا ئانادولۇدا داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ، ئانادولۇ تۈركلۈكىنىڭ ئەڭ بۈيۈك روھى مىمارلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئۇ، ئانادولۇ ئەۋلىيالىرىنىڭ ئەڭ چوڭى بولۇپ، ئانادولۇنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا مازىرىنىڭ بولۇشىمۇ، خەلقنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنىڭ نەقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
يۇنۇس ئەمرە ھەر خىل تەبىقە، ئوخشاش بولمىغان دىن ۋە ئىرققا مەنسۇپ كىشىلەرنى چەكسىز شەكىلدىكى كەڭ قورساقلىق، بىپايان سۆيگۈ ۋە مېھرى - مۇھەببەت بىلەن باغرىغا باسىدۇ. ئىشقى –مۇھەببەت تېمىسىنى ئىنسان قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا تەسىر قىلىدىغان شەكىلدە خەلق شېئىرىمىزغا ئېلىپ كېرىدۇ ۋە ئىنسان سۆيگۈسى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشۋىق قىلىدۇ. ئىنسانلار ئارىسىدىكى مەۋجۇت كىن –ئاداۋەت، جىدەل –ماجىراغا قارشى ئۇرۇش ئاچىدۇ. ئۇرۇشنىڭ قارشىسىغا سۆيگۈنى چىقىرىدۇ، سۆيگۈنىڭ ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. يۇنۇس ئەمرەنىڭ بۇ تىنچلىق، سۆيگۈ قارىشى ئەڭ بۈيۈك تۈرك ـئاتاتۈركتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئاتاتۈرك: «ۋەتەندە سۇلھى، دۇنيادا سۇلھى» دەيدۇ.
يۇنۇس ئەمرە مۇنداق يازىدۇ:
خەلقنى ھەقىقىي سۆيگەنلەرگە،
جۈملە ئالەم قېرىنداش كېلۇر.
كېلىڭلار تونىشايلى،
ئىشنى قولاي قىلايلى،
سۆيەيلى، سۆيىلەيلى،
دۇنيا ھېچكىمگە قالماس.
....
يەتمىش ئىككى مىللەتكە بىر كۆز بىلەن باقماڭلار،
شەرنىڭ ئەۋلىياسى ھەقىقەتتە ئاسىيدۇر.
............
ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا كائىناتنىڭ چەكسىزلىكى ۋە ئىنسان قەلبىنىڭ نۇرلۇق ھارارىتىنى ھېس قىلغاندەك بولىمىز.
ئەرەبچە ۋە پارىسچە ئىلىم، ئەدەبىيات ۋە دۆلەت تىلى سۈپىتىدە ئىستىمال قىلىنىدىغان بىر دەۋردە، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى خەلقنىڭ تىلى بولغان تۈركچە بىلەن يېزىشى، تۈرك تىلى تارىخى ئۈچۈن مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، پەقەت ئۆز دەۋرىنىڭ خەلق ئېغىر تىلى تۈركچىسىنى ئىشلىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بۇ تىلنى ھېس –تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئىنتايىن ئەركىن شەكىلدە ئىپادىلەيدىغان مۇزىكىغىمۇ ئېرىشتۈرىدۇ. بىز، يۇنۇس ئەمرەنىڭ تىلىدا ئۇچرىتىدىغان ئەرەبچە ۋە پارسچە سۆزلەر ئىمانى ۋە ئىرپانىنىڭ تەبىئىي ئىپادىسى شەكلىدە ئورۇن ئالغان، گويا سۆيگۈ بىلەن پەتھى قىلىنغان سۆزلەر بولۇپ، چەت ئەل تىلى ئىكەنلىكى ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ قويغان. بۇ نۇقتىدا تۇرۇپ شۇنى ئېيتىش مۇمكىنكى، يۇنۇس ئەمرە زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن بەدىئىي تۈركچەنىڭ ئاساسىنى ياراتقان بىر شائىردۇر.
ئاي بولدۇم، كېچىگە تۇغۇلدۇم.
بولۇت بولدۇم، كۆكگە ئاغدىم.
يامغۇر بولۇپ يەرگە ياغدىم،
نۇر بولۇپ قۇياشقا توغۇلدۇم...
.......................................................................................
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇنۇس ئەمرە تۈرك تىلىنى ئانادولۇدا خەلقنىڭ شىۋىسىگە ئەڭ يېقىن، ئەڭ تەسىرلىك ۋە ماھىرلىق بىلەن ئىشلىتىشكە مۇۋەپپەق بولغان، ئاللاھقا، ئىنسان ئەۋلادىغا بولغان سەمىمىي سۆيگۈ ۋە ئەپۇچانلىقنى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ جانلىق، ئەڭ ھېسسىياتلىق بىر خىل ئۇسلۇبتا ياڭراتقان بۈيۈك شائىردۇر. ئۇ سەنئەتتىكى كۈچىنى ئىنسانغا بولغان مۇھەببىتىدىن، پەزىلەت تۇيغۇسىدىن، كەڭ دىنىي چۈشەنچىسىدىن، سۆيگۈ ۋە تىنچلىق ئىچىدە ياشاشقا بولغان سېغىنىشىدىن ئالغان. شۈبھىسىزكى، يۇنۇس ئەمرەنىڭ سەنئىتىدە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى چىقىش قىلغان.
يۇنۇس ئەمرەنىڭ تۈركچىنى ئىشلىتىشتىكى ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى، ياسالمىلىقتىن يىراق، روشەن، ئاددى ۋە يالىڭاچ بىر خىل ئىپادىلەش شەكىلىگە چوڭقۇر ۋە مول مەزمۇنلارنى سىغدۇرۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا گۈزەللىك ۋە راستچىللىق قۇرۇق تىل بىلەن ئەمەس، ئاساس چۈشەنگىلى بولىدىغان، لېرىكىلىق، مەزمۇنىدا دىن ۋە تەسەۋۋۇپ كۈلتۈرىنىڭ بارلىق بىرىكمىلىرى مۇجەسسەملەشكەن، ھېسسىياتلىق، مول مەزمۇنلۇق بىر خىل ئىپادىلەش شەكلى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، تېمىسىغا تولىمۇ ماس ئاھاڭداشلىق بار.
يۇنۇس ئەمرەنىڭ شېئىرلىرى تەبىئىي بىر خىل سەمىمىيەت ۋە جۇشقۇن كەيپىياتنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئىلاھى ئىلھام، چوڭقۇر ئىشىقنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يۇنۇس ئەمرەنىڭ شېئىرلىرىنىڭ مەنبەسى ئەقىل ئەمەس؛ كۆڭۈلدۇر، روھتۇر. يۇنۇس ئەمرە باشتا ئىنسان بولۇپ، بارلىق جانلىق ۋە جانسىز مەۋجۇداتلاردا ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى كۈچىنىڭ گۈزەل ئىزلىرىنى ئىزدەيدىغان ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد قارىشى ئىچىدە ياراتقۇچىسى يۈزىسىدىن يارالمىشلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئاشىق شائىرىدۇر.
ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
يارىتىلغاننى سۆيىمىز،
ياراتقۇچىسى يۈزىسىدىن.
بىر قېتىم كۆڭۈل رەنجىدە قىلغان بولساڭ،
بۇ قىلغىنىڭ ناماز ئەمەس.
دېسە، يەنە بىر پارچە شېئىرىدا:
ئاشىقتۇر بۇ دەردنىڭ دەرمانى،
ئاشىق يولىدا پىدادۇر جېنى،
يۇنۇس ئەمرە ئەيلە بۇنى،
بىردەم ئاشىقسىز قالماي مەن.
يۇنۇس ئەمرە، ئۆز دەۋرىنىڭ مەدەنىيەت مەنبەلىرىنى، خەلقىمىز ئەسىرلەر بويىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن تۇيغۇ ئېقىنلىرىنى ئانادولۇ تۈرك ئىنسانىنىڭ ئۆلۈمسىز تىلى بىلەن مىسرالارغا تىزىپ چىققان بولۇپ، ئۇ، توغرا ئىشلارنى يازغان، كاجلىقنى ئەيىبلىگەن، تەڭرىگە بولغان ئېتىقادى، ئىنسان سۆيگۈسى چەكسىز بىر زاتتۇر. ئۆلۈمسىزلىكنى، سۆيگۈنى ئىنسانغا، خەلقىمىزگە ئۆز تىلىنىڭ رەڭدارلىقى، جانلىقلىقى بىلەن چوڭقۇر تەسىر قىلىدىغان شەكىلدە بايان قىلىشى، تۈرك شېئىر تىلىنىڭ ئالتۇن تۇمۇرىنى تېپىپ چىقىشىدىن ئاپىرىدە بولغان. قازاقىستانلىق مەشھۇر شائىر ئۇلۇغبەك ئەسدەۋلەت يۇنۇس ئەمرەنىڭ «دىۋان» شېئىرلىرىنى قازاقچىغا تەرجىمە قىلىش ئەسناسىدىكى پىكىرلىرىنى «تۆت ئايدا تۈركىيە تۈركچىسىنى ئۆگەنگەن بولۇشۇمغا قارىماي، ھازىرقى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشىنىشتە قىينىلىمەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەرەبچە، پارىسچە ۋە باشقا چەت تىللارغا ئائىت سۆزلەردىن باشقا سۈنئىي سۆزلەرمۇ كۆپلەپ ئۇچرايدۇ. ئەمما يۇنۇس ئەمرەنىڭ شېئىرلىرىنى ناھايىتى ئاسانلا چۈشىنەلىدىم. مېنىڭچە يۇنۇس ئەمرە ئانا تىلىنى، يەنى ساپ تۈركچىنى ياخشى كۆرگەن، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرگەن، بويۇن ئەگكەن، بۇ ئاساستا مەنە ۋە بەدىئىيلىك خەزىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچىغا ئېرىشكەن كىشىدۇر» دەپ يازىدۇ.
.......................................................................................
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇنۇس ئەمرە، تۈرك ئەدەبىياتنىڭ ئىنتايىن ياخشى كۆرۈلگەن، ئەسەرلىرى سۆيۈپ ئوقۇلىدىغان ساناقلىق شائىرىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ، ئىلاھىلىرى ئەڭ كۆپ نوتىلاشتۇرۇلغان ۋە ئالقىشقا ئېرىشكەن، بولۇپمۇ كونيا خەلقىنىڭ كۈچلۈك سۆيگۈسىگە مۇيەسسەر بولغان سەنئەتكاردۇر. ئانادولۇ تۈرك تەككە ئەدەبىياتى ۋە تۈركىيە تۈركچىسىنىڭ ئەڭ يارقىن ئۈلگىلىرىنى ئۇنىڭ ئىلاھىلىرىدىن تېپىش مۇمكىن. ئىلاھىلىرى تۈرك خەلقىنىڭ ھاياتى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلاھىلىرىدىن تەشكىل تاپقان «دىۋان» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن باشقا، «رىسالەتۇن نۇسخىيە» ناملىق دىنى، تەسەۋۋۇپ، ۋەز –نەسىھەت ۋە ئىزاھاتلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن بىر مەسنەۋىسىمۇ بار. مەشھۇر تىلشۇناس، تۈركىلوگ لوئس بازىن يۇنۇس ئەمرەنىڭ دىۋانى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «يۇنۇس ئەمرە پەقەت ئۆز دەۋرىدە، يەنى 13 ۋە 14- ئەسىرلەر تۈركىيەسىدىكى تەپەككۇر سىستېمىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بىر يازغۇچىلا ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتا ئەتراپىدىكى ئانادولۇ ئىنسانلىرىنىڭ كۈچلۈك كۈزەتكۈچىسى، دىننىڭ بېسىمىدىن، مەنچىلىكتىن، جاھىللىقتىن، تەسەۋۋۇپتىن يىراق بىر كىشى؛ ھىيۇمانىزم ئىدىيىسى پەقەتلا ئومۇملاشمىغان بىر دەۋردە ياشىغان بۈيۈك بىر ئىنسانپەرۋەر ۋە ھەتتا پۈتۈن دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ھىيۇمانىستلىرىنىڭ بىرىدۇر. يۇنۇس ئەمرە، ئۆز دەۋرىدە ئىشلىتىلىدىغان تۈركچىنىڭ بارلىق مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق بەدىئىي قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بىر خىل ئەدەبىي تىلنى مەيدانغا كەلتۈرگەن...»
يۇنۇس ئەمرەنىڭ گەۋدىلىك ئۇتۇقلىرىنىڭ بىرى، شېئىرلىرىغا جانلىقلىق بېغىشلاش ئۈچۈن، ئىستىمال قىلىنىۋاتقان تۈركچەنىڭ كۈچى ۋە ئۇسلۇب خەزىنىسىدىن پايدىلىنىشىدۇر. تىلشۇناسلىق ئىلمى ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنىڭ بىرىنچىسى خەلقنىڭ ئوخشاش بولمىغان سىنىپلىرىغا مەنسۇپ دەۋرداشلىرى ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ ساندا تەرەپدار توپلىشى، ئارقىدىن دىۋانىنىڭ ئېغىزاكى ۋە يازما شەكىلدە ئەسىردىن ئەسىردىن ئۆتۈپ داۋاملىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. يۇنۇس ئەمرەنىڭ دىۋانىغا بولغان قىزىقىش خەلق بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ساراي ئەدەبىياتىنىڭ سۇنئى ۋە چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ھاۋالىرىدىن تويۇپ كەتكەن زىيالىيلار ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك قىزىقىش قوزغايدۇ. شۇنداق قىلىپ، مىڭ يىللىق مەدەنىيەتنىڭ راۋاجلىنىش دەۋرىدىن كېيىنمۇ يۇنۇس ئەمرەنىڭ تىلى ئوقۇمۇشلۇق تۈركلەرنىڭ ھەممىسى تەرىپىدىن چۈشىنىلىدۇ. ۋاپات بولغىنىغا ئەسىرلەر بولغان بولۇشىغا قارىماي، يۇنۇس ئەمرەنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقى ۋە تەسىر كۈچىنى يوقىتىپ قويماسلىقى ئەڭ ئۇيغۇن ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشى ۋە تولۇق مەنىدە خەلقنىڭ تىلىدا ئەسەر يازغان بولۇشىغا قەرزداردۇر. ھەمدە بۇ ئىش بىزگە ئۆزلىكىدىنلا شەكىللەنگەندەك تۇيغۇ بېرىدىغان بىر خىل شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندۇر.»