باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2209 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇسۇلمان بولسىڭىز باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن قول يېغىڭ
دوستلىشىش
天山的野花
بىلمەسلىكتىن قورقىما،تىرىشماسلىقتىن قورق!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6963
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 255
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە255دانە
ئۆسۈش: 1000 %
مۇنبەر پۇلى: 3565 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-08
ئاخىرقى: 2012-05-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-23 10:32

مۇسۇلمان بولسىڭىز باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن قول يېغىڭ


 
2009-يىلى 04- ئاينىڭ 24- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىسى
 
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالاملار يوللىغاندىن كېيىن، جۈمە نامىزىغا توپلاشقان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە «باشقىلارغا ئازار يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئىسلامدىكى ياخشى خىسلەتلەرنىڭ بىرى» دېگەن مەزمۇندا  تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
مۆمىننىڭ خاراكتېرى مۇلايىم، ئالاقىسى غەرەزسىز، مۇئامىلىسى ياخشى، ھەممە تەرىپى يېقىملىق، ھېسداشلىقى يۇقىرى بولۇپ، باشقىلارغا ئازار يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىدۇ، ئازار يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش بولسا ئىسلامدىكى ئېسىل خىسلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «يا رەسۇلۇللاھ! ئىسلامدا قايسى ئىشنى قىلىش ئەۋزەل؟ دەپ سورىساق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مۇسۇلمانلارغا قولى ۋە تېلى بىلەن ئازار يەتكۈزۈشتىن ساقلانغانلىق» ياخشى دەپ جاۋاب بەردى. ئىمام بەغەۋىي مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ ھەققىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلغان، ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنى ساقلىغان كىشىدۇر".
شەرىئەت پرىنسىپى سۆزى ۋە ئىش-ھەرىكىتىدىن ئىبارەت ھەرقانداق يول بىلەن مۇسۇلمانلارغا ھەقسىز ئازار يەتكۈزۈشنىڭ ھاراملىقىنى تەكىتلەپ، ئۇلاردىن ئازار كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋېتىشنى ۋاجىپ قىلىپ بېكىتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىنلەر ۋە مۆمىنلەرگە قارا چاپلاپ قىلمىغان ئىشلارنى قىلدى دەپ  ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار، شۇ بۆھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ». ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى كىشى يەنە بىر كىشىنى ئايرىپ قويۇپ پىچىرلاشمىسۇن، بۇ ئۇ كىشىگە ئازار بولىدۇ، ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرگە ئازار قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ».
مۇسۇلمانغا ئازار يەتكۈزۈش، ھىيلە ئىشلىتىش، يامانلىققا دۇچار قىلىش، ئورۇنسىز تۆھمەت قىلىش، يالغاندىن بوھتان قىلىش، كەمسىتىش، كۆزگە ئىلماسلىق، ئەيىبلەش، يۈزىنى چۈشۈرۈش، غەيۋىتىنى قىلىش، تىللاش، دەشنام قىلىش، تەنە قىلىش، لەنەت قىلىش، قورقۇتۇش، چۆچۈتۈش، بىئارام قىلىش، ئەيبىنى كوچىلاش، خاتالىقىنى، مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، ئابرۇيىنى چۈشۈرۈشنى، رەسۋا قىلىشنى مەقسەت قىلىش، كاپىر، بىدئەتچى، پاسىق دېيىش، ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش، قورال تەڭلەش، بۇلاپ-تالاش، نەرسىسىنى ئوغۇرلاش، ئالداش، ساختىپەزلىك قىلىش، ھەققىنى بەرمەستىن كېچىكتۈرۈش، قايسى تەرەپتىن بولمىسۇن ئازار يەتكۈزۈش ياكى زۇلۇم قىلىش قاتارلىق ئىشلار چوڭ جىنايەت ۋە دۈشمەنلىكتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق ئىشلارنى پەقەت مۇتتەھەم، پەسكەش، رەزىل، ئىپلاس، نومۇسسىز، شەرمەندە، ئىچى ئۆچ-ئاداۋەتكە، كۆكسى باشقىلارنى ياقتۇرماسلىق ۋە دۈشمەن تۇتۇش زەھەرگە توشقان، جېدەلخور، ئۇرۇشقاق، باشقىلارنى بوزەك قىلىشنى ئادەت قىلىۋالغان، قېرىندىشىنى بىئارام قىلىدىغان، ئازار يەتكۈزۈدىغان، باشقىلارنى ھالاكەتكە ئىتتىرىش ۋە ئېگىزدىن غۇلۇتۇشتىن ئىبارەت ئىشلارنى مەقسەت قىلىدىغان كىشىلەرلا قىلىدۇ، بۇ ئىشلارنىڭ گۇناھى ئۇ كىشىلەرگە يىتەرلىكتۇر.
ناپىئ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  بىر كۈنى مۇنبەرگە چىقىپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: «ئى تىلىدا مۇسۇلمان بولۇپ ئىمان قەلبىدىن ئورۇن ئالمىغان جامائەت! مۇسۇلمانلارغا ئازار يەتكۈزمەڭلار، ئۇلارنى ئەيىبلىمەڭلار، ئەيىبنى كولىماڭلار، كىمىكى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ئەيبىنى ئىچىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ئەيبىنى ئاچىدۇ، ئاللاھ ئەيبىنى ئاچقان كىشى ئۆزىنىڭ ئىچكىرى ئۆيىدە بولسىمۇ رەسۋا بولىدۇ». ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، يا رەسۇلۇللاھ! بىر ئايال بار  كۆپ ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ، سەدىقە قىلىدۇ لېكىن قوشنىلىرىغا تىلى بىلەن ئازار قىلىدۇ دېگەنتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئۇ ئايال دوزاختا بولىدۇ دېدى، ئۇ كىشى: يەنە بىر ئايال بار بەلگىلەنگەن نامازنى ئوقۇيدۇ، روزىنى تۇتىدۇ، ئاشقان نەرسىلىرىنى سەدىقە قىلىدۇ،  تىلى بىلەن قوشنىلىرىغا ئازار يەتكۈزمەيدۇ دېگەنتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايال جەننەتتە بولىدۇ دېدى».
ئىسلام دىنى، كىشىلەرگە ئازار يەتكۈزۈدىغان، ئەيىبلەش بىلەن تاجاۋۇز قىلىدىغان، باشقىلارنى غەيۋىتىنى قىلىشنى، قارا چاپلاشنى، قۇسۇر تېپىشنى، باشقىلارنى چۈشۈرۈشنى، كۆز ئالايتىشنى، جاسۇسلۇق قىلىشنى، يالاقچىلىق قىلىشنى ۋە باشقىلارغا نەشتەر ئۇرۇشنى ئادەت قىلىۋالغان كىشىلەرنى مۇسۇلمانلارغا ئازار يەتكۈزۈشتىن قول يىغىشقا، باشقىلارنىڭ ئەيبىنى كولىماستىن ئۆزىنىڭ ئەيبىنى يېپىشقا چاقىرىپ، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ھېساب بېرىدىغان بىر كۈننى ئۇلارنىڭ ئېسىگە سالىدۇ. ئەزىيەتسىز جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش بولسا ئۆز-ئارا بىرلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش، ئۇيۇشۇش، ھەمكارلىىشىش، دۇنيا -ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدا بىر-بىرىگە ياردەمچى بولۇشتەك ئىنسانىيلىقتىكى يېتۈك ئەخلاقنىڭ بارلىققا كىلىشىنىڭ كاپالىتىدۇر.
يەھيا ئىبنى مۇئاز مۇنداق دەيدۇ: "سەندىن مۇسۇلمانلارغا ئۈچ تۈرلۈك مەنپەئەت يەتسۇن: سەن باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزەلمىسەڭمۇ ئۇلارغا زىيان يەتكۈزمە، ئۇلارنى خۇرسەن قىلالمىساڭمۇ غەمكىن قىلما، باشقىلارنى ماختىيالمىساڭمۇ ئۇلارنى سۆكمە".
جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن زىننەتلەندۇرسۇن.
مەنبە؛نۇرلۇق ئىسلام
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7538
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 94
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە94دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 895 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-23
ئاخىرقى: 2011-09-05

ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت!
دوستلىشىش
نەزىرە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7503
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 248
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە248دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 2759 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-21
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-25 22:02

ياخشى تىما يوللاپسىز . ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم !!!
ھايا ئىمان جۈملىسىدىندۇر
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5446
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 139
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە139دانە
ئۆسۈش: 1910 %
مۇنبەر پۇلى: 3018 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2012-05-04
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-26 11:26

      ياخشى تېما يوللاپسىز، ئاللاھ ئەجرىنى بەرسۇن.ھەقىقىي مۆمىن دېگەن ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلارغا خاس گۈزەل ئەخلاقى-پەزىلىتى بىلەن باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ،ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىنى ،ئەقىدىسىنى مەجبۇرى تاڭمايدۇ،ھە دېسىلا سەن ئاقچى،كۆكچى،دۇمباقچى دېمەيدۇ.ئى ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنى مۇسۇلمانلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقىدا بەرقارار قىلغايسەن،ئامىن!
دوستلىشىش
maniwer2010
................
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2196
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 723
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە723دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 7714 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-22
ئاخىرقى: 2012-05-09
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-28 01:27

خىرىستىيانلاردا مۇنداق گەپ بارىكەن ؛ -«بىراۋ سېنى بىھۇدە ئوڭ كاچىتىڭغا بىرنى ئۇرسا ،رەنجىمەستىن ،
ئىككىلەنمەي سولكاچىتىڭنى تۇتۇپ بەر ،،،،مانا بۇ قۇتقازغۇچى ئەيسانىڭ تەلىماتى »،،،،
خوش ، بۇنىڭغا ئىتاھەت قىلغان بىرەر خىرىستىيان چىقتىما ،،،غەرىپلىكلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدىكى جىدەللىرىنى
قويۇپتۇرۇپ پارلامېت ئەزالىرىنىڭ سايلام مەزگىلدىكى ئۇرۇشلىرىغا قاراڭلار ،،،،،
ئەمما مۇسۇلمانلىرىمىزنى باشقىلارغىلا ئەمەس مۇسۇلمان قېرىنداشلىلىغا قىلىۋاتقان ئازارلىرى دۇنيا نى ھەيران
قالدۇرىۋاتىدۇ ،،،،مەسچىتلەردە قان تۆكۈلىۋاتىدۇ ،،ھەتتا مەككە- مۇكەررەمدىمۇ ،،،،،

                             تېما يوللىغۇچىغا رەھمەت ،،،،،،
ئۆتمۈشى ئادىللىق نۇرىدا يورۇتۇلمىغان مىللەتنىڭ ،كەلگۈسىمۇ
غۇۋا (گۇڭگا) بولىدۇ ....