باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3005 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار(7)
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5446
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 139
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە139دانە
ئۆسۈش: 1910 %
مۇنبەر پۇلى: 3018 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2012-05-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 16:49

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار(7)

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار(7)

11.ئۇنۋېرىستىتىكى جۈمە نامىزى
مەكتەپكە كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا مەسجىدنىڭ نەدىلىكىنى بىلىۋالغان بولساممۇ ئىككى جۈمەنى قازا قىلىۋەتتىم. بۇ يەردىكى ئىش بېجىرىدىغانلارغا ئۆزەمنىڭ جۈمە نامىزى ئوقۇيدىغان مۇسۇلمانلىقىمنى ئېيتماي جۈمە كۆرۈشەيلى دېسە ماقۇل دەلىۋېرىپتىمەن. كېيىن بۇ ئىشلارنى ماڭا يارىدەملىشىپ چېپىشىپ بېرىۋاتقان جەرى خانىمغا ئېيتقانىمدا ئۇ تولىمۇ ئەپسۇسلاندى ۋە مەندىن كەچۈرۈم سورىدى. جۈمەگە بارىدىغانلىقىمنى ئوچۇق چۈشەندۈرمىگىنىم ئۇنى تەئەججۈپلەندۈردى. مەن ئوچۇق ئېيتالمايتتىم، چۈنكى جۈمەگە بارىدىغانلىقىمنى بىر باشقۇرغۇچى مەمۇرىي خادىمدىن ئەمەس خىزمەتدېشىمدىنمۇ يوشۇرۇپ ئىككى يىلغا يېقىن يۇرتىمىزدىكى بىر ئالى مەكتەپتە ئىشلىگەن تۇرسام، قانداقمۇ تۇيۇقسىز بۇ جۈرئەتكە كېلەلەيتتىم؟ ئېىنسان ھەر قانداق موھىتقا كۆنۈپ كېتىدىكەن، مەن ئۆزىنىڭ ئىددىيىسىنى، ھەقىيقىي ئويلىغانلىرىنى، تەكلىپ- تەۋسىيەلىرىنى ئۈن-تىسىز ئۇنتۇپ كېتىۋاتقان ۋە ئۇنتۇشقا كۆندۈرۈلىۋاتقان بىر تۈركۈمنىڭ ئەزاسى تۇرسام، قانداق قىلىپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقمدىن ئىبارەت قورقۇنچلۇق رىياللىقىمنى ئامېرىكىغا كېلىپ ئەمدى ئىككى ھەپتە بولغاندا دېيىشكە كۆنەلەيمەن؟… شۇنداق ئېسىمدە تۇرۇرپتۇ، 1990-يىلى ئۈچ كىتاب ( ئۇيغۇرلار، ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى) تەنقىد قىلىنغاندا بىزنىڭ بىر قانچە ئوقۇتقۇچىمىزدىن  مەلۇم مەكتەپ مۇدىرى « تەنقىد ماقالىسى يازدىڭلارمۇ؟» دەپ سورىغانىدى. ئوقۇتقۇچىلار « ئاخشاملىققا ئۈچلا كىتابنى ئالدىمىزغا قويۇپ قايتا بىر ئوقۇپ ئاندىن يازايلى دەۋاتىمىز» دەپ جاۋاپ بېرىشكەنىدى. بۇنىڭغا رەھبەرمۇ كۈلۈپلا قويغاندەك ئېسىمدە. ئون يىلدىن كېيىن ھىچ كىم باشلىقىغا ھېلىقى ئۈچ كىتاب ھەققىدە ئەمەس يۇقارقى گەپكە ئوخشايدىغان ھەرقانداق سۆزنى دېيىشكە ئەمەس ئويلاشتىنمۇ يۈرىكى ئاغىدىغان بولۇپتۇ. يەنە شۇ ناھىيىمىزدە بىر ئۇقۇتقۇچى «جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» غا مۇشتىرى بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى تەكشۈرۈپتۇ. ھەتتا مېنىڭ تولۇقسىزدا بىللە ئوقۇغان، ھازىر ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان بىر ساۋاقدىشىم  موللا دادىسىدىن « چەك چىگرا » ئاجرىتىپتۇ. مەن مۇشۇ «تەرەققىيات»لارنىڭ شاھىدى تۇرسام، يەنە قانداق قىلىپ ئامېرىكىدا تۇيۇقسىز قاپ يۈرەكلىك قىلالايمەن؟، مەن ھەتتا لەنجۇدا تۇرۇپمۇ بالامنىڭ نوپۇسىدىكى دىنى ئىتىقادى دېگەن ئورۇننىڭ  ئۆزەمنىڭكىگە ئوخشاشلا ئاق قالدۇرۇلىشىغا قاراپ تۇرغان تۇرسام قايسى جۈرئەت بىلەن ئامېرىكىدا ئۆزەمنى تەرەپباللا مۇسۇلمان دەپ جاكارلىيالايمەن؟ مەندەك ئادەمگە ئەركىنلىك مەڭگۈ نىسىپ بولمىسا كېرەك، چۈنكى مېنىڭ بۇ يەردىكى ئەكىنلىككە كۆنۈشۈم، ئەركىنلىكتىن بەھىرلىنىپ ياشىشىم، ھەتتا تېخىمۇ يۈكسەك ئەركىنلىككە ئىنتىلىشىم، كېيىنكى ھاياتىمنى پىشكەللىكلەر بىلەن تولدۇرىدۇ. چۈنكى تەھدىتكە، قورقۇنچتا ۋە سۈكۈتكە مەھكۇم بولغان بىر ئادەم قانداقمۇ ئەركىنلىككە كۆنەلىسۇن؟ برۇتانت راسسىل ”ئەگەر بىر ئادەم، بىر توپ ياكى بىر مىللەت غايەت زور قورقۇنچتا ياشىسا، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيىلىقنى چىقىش قىلىپ ھەركەت قىلغان ياكى ئويلىغانلىقىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ“ دېگەنىكەن. شۇڭا جەرى خانىمنىڭ  ھەيرانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. مەن جەرى خانىمغا ئىتىقادىمنى يوشۇرۇشۇمنىڭ سەۋەبىنى تەپسىلى  چۈشەندۈرمىدىم، ۋە گەپنى ئەڭ بىخەتەر تېما بالامغا يۆتكىدىم.
مەكتىپىمىزدىكى مەسجىد 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا تەسىس قىلىنغانىكەن. ئەسلى ئۇ بىر كاتولىك چىركاۋى بولۇپ ئىتىقادچىلىرى ئۈزۈلگەنلىك سەۋەبىدىن مەسجىدكە ئايلاندۇرۇلۇپتۇ. سىرتىدىن قارىسا ئادەتتە ياۋرۇپاچە ئۇسلۇپتا سېلىنغان چوڭراق بىنادىن قىلچىلىك پەرقلەنمەيدىغان بۇ بىنا كانزاس ئۇنۋېرىستىتىدىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىنى پائالىيەت مەكىزى ئىكەن. مەسجىدكە كىرىشىمگە تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ پۇرىغان خۇشبۇي تونۇش ئەترە پۇرىقى قەلبىمنى ئىللىتتى، مەسجىدتە ئوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى چىراي بالا قۇرئان ۋە باشقا كىتابلارنى ئوقۇپ ئولتۇرىشتاتتى. مەندىن كېيىن كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئولتۇرغانلارغا سالام بەردى، قارىغاندا سالامغا كۆنمىگەن مەنلا ئوخشايمەن. مەسچىتكە خۇتبە باشلانغىچە قاراپ تۇرسام ئىككى يۈزدىن ئارتۇق مۇسۇلمان كەلدى. ھازىر يازلىق دەرس ۋاقتى بولغاچقا ئادەتتە ئادەم ئازراق بولىدىكەن، مۇشۇ بويىچە بولغاندا ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولىدىغان كۈزلۈك، ئەتىيازلىق مەۋسۇملاردا نامازخانلار تېخىمۇ جىق بولسا كېرەك. نامازخانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەرەب ۋە  جەنۇبىي ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىدەك قىلاتتى. ئارىدا سېرىق چاچ، تىپىك ياۋرۇپالىققا ئوخشايدىغان كىشىلەرمۇ كۆزگە چېلىقاتتى. خۇتبە باشلاندى، ئىمام ئىنگىلىز تىلىدا راۋان خۇتبە قىلاتتى، مەزمۇنى ئىنساننىڭ قەدرى، ھوقۇقى ۋە بىباھالىقى ھەققىدە كېتىۋاتاتتى. ئارىدا پەيغەمبەرىمىزنىڭ بىر يەھۇدىغا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەنلىكى، سەۋەبى سورالغاندا ئىنسالىقنىڭ دەخلىسىز ئۇلۇقلىقى تەكىتلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى. مەنمۇ شۇنداق بىر ھەدىسنى ئاڭلىغان پەيغەمبىرمىز ھەتتا مەسجىدكە سىيىپ قويغان بىر كاپىرغىمۇ مېرىۋانلىق قىلىپ چىرايلىق سۆھبەت بىلەن قايىل قىلغانىكەن. ئىچىمدە ئويلۇدۇم، توغرا بىز شۇنداق مېھرىۋان، ئادىل، سەمىيمىي بولۇشىمىز كېرەك، ئەمما نىمىشكە بولالمايۋاتىمىز؟ مەنچە جەمئىيەتتە سەمىمىيلىك مەلۇم خىل ۋاستە بىلەن كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى تىزگىنلىمىسە، كىشىلەر سەمىمي بولالمايدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىدا مېنى ئەكىلىپ قويغان موڭغۇل ئوقۇغۇچى يالغان سۆزلەشتىن تولىمۇ ھەزەر ئەيلىدى، چۈنكى بۇ يەردە بىر قېتىم ساختىلىق قىلسىڭىز خاتىرلىنىپ قالىدىكەن. مەسىلەن سىز بانكىدىن قەرز ئېلىپ قايتتۇرماي يوقاپ كەتسىڭىز سىز ئامېرىكىدىكى ھىچ بىر بانكىدىن ئىككىنچى قېتىم قەرز ئالالمايدىكەنسىز، سىز بىر خىزمەت ئورنىدا ساختىلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالسىڭىز سىز مەڭگۈ شۇ ساختىلىقىڭىزنىڭ كۆلەڭگىىسەدە ياشاپ بىر ئۆمۈر بەدەل تۆلەيدىكەنسىز، ناۋادا سىز بىر نۆۋەت ئىرىقچىلىق قىلسىڭىز سىز مەڭگۈ شۇ قىلمىشىڭىشنىڭ زىيىنىدىن قۇتۇلالمايدىكەنسىز. ئامېرىكىدا خىزمەت ئىزدىسىڭىز بۇرۇنقى خىزمەت ئورنىڭىزدىن ئايرىلىش سەۋەبىنى سورايدىكەن، سەۋەب ئالدامچىلىقتىن بولسا چۈشەندۈرۈشلىرىڭىزنىمۇ ئاڭلىماي رەت قىلىدىكەن. دېمەك بىر جەمئىيەت كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى تىزگىنلەيدىغان مىخانىزىمنى تۇرغۇزماي تۇرۇپ يالغۇز ۋەز ، نەسىھەت بىلەن كىشىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى قېلىپقا چۈشىرىمەن دېسە ئامال يوقنىڭ ئورنىدا ئوخشايدۇ. ئىنساننى پەزىلەتلىك ئىنسان قىلىدىغىنى ئۈلگىلىك ئىنساننىڭ كۆرسەتمىسى ياكى مەلۇم گورۇھنىڭ قوزغىغان ئاممىۋىي ھەركىتى ئەمەس، شۇ ئىنساننىڭ پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىپ، قېلىپلاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئىجتىمائى قۇرۇلما. ئامېرىكا ۋە باشقا غەرپ دۆلەرلىرى دەل مۇشۇ خىل قۇرۇلمىنى بەرپا قىلاللىغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ جەمئىيىتىدە مەلۇم ئىلاھىي دەستۇرلار تەرغىپ قىلىنمىغان، مەلۇم پەيغەمبەرنىڭ تەۋسىيەلىرى تەبلىغ قىلىنمىغان ھالدىمۇ كىشىلەر سەمىميلىك، ھۆرمەت، باراۋەرلىك، ھۆرلۈك، ۋە مىھرىۋانلىق قاتارلىق پۈتكۈل ئىنسان تۈركۈملىرىگە ئورتاق قىممەتلەرگە مۇشەررەپ بولۇپ كەلمەكتە. مەن ئاڭلاۋاتقان تەبلىغ دائىم تەكىتلىنىدىغان پاكىستاندا 2000-يىللاردا بىر ئادەمنىڭ جېنى 300 دوللار بەدىلىگە سېتىلغانىكەن.
ئىمام تەبلىغنى ئىنساننىڭ خەلىپە قىلىپ يارىتىلغانلىقى،بىلىش ئىقتىدارىغا ساھىپ بولغان ئۇلۇغلۇقى ئۈچۈن پەرشتىلەرنىڭ سەجدىسىگە مۇشەررەپ بولغانلىقى بىلەن باشلاپ، مۇسۇلمان مىللەتلىرىدە ئىنسانلارنىڭ بايلىق ۋە مەرتىبە پەرقلىرى بويىچە تەبىقىلىشىۋاتقانلىقىنى، نەتىجىدە ئىنساننىڭ نىگىزلىك ھەقلىرىنىڭ قۇغۇداقسىز، ئىتىبارسىز قالدۇرىلىۋاتقانلىقى بىلەن كونكىرىتلاشتۇردى، ئاخرىدا ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىكنى، زۇلۇمنى ۋە زوراۋانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقرىۋاتقان ئامىلنىڭ دەل بىر بۆلۈك ئىنسان تۈركۈمىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بايلىق ۋە ئەۋزەللىك تەمەسى بىلەن باشقا بىر بۆلۈك ئىنساننى ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قويۇشقا ئۇرۇنۇشى سەۋەبىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن خۇتبىنى خۇلاسىلىدى. ئىمامنىڭ خۇتبە جەريانىدا ئىنساندىكى مەغۇرۇرلۇقنىڭ ئىنساننى بىخەستىلىككە گۇناھقا باشلايدىغانلىقىنى،  مۇئامىلىدە كېبىر كۆرسىتىپ ئازار بەرمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
خۇتبىدىن كېيىن خۇددى ۋەتەندىكىدەك بەزىلەر كېتىشكە ئالدىرىدى، يەنە بەزىلرىمىز پىشىنغا تۇردۇق. پىشىننى ئوقۇپ بولاي دەپ تۇرۇشۇمغا مەسجىدنىڭ ئىچى پاراڭ بىلەن قايناپ كەتتى. قۇلۇقۇمغا مەن بىلىدىغان، بىلمەيدىغان نۇرغۇن تىللار ئاڭلىنىپ پىششننى ئاران ئوقۇپ تۈگەتتىم. قارىغاندا ئادەتتە ئالدىراشلىقتىن ئۇچرىشالمايدىغان مۇسۇلمان بالىلار جۈمەگە كەلگەن پۇرسەتتە ئۇچرۇشۇپ، ئانا تىللىرىدا مۇڭدۇشۇپ مۇساپىرلىق ئازابىغا مەلھەم ئىزدەشسە كېرەك. بىراق مەنچۇ؟ بايا خۇتبە جەريانىدا ئىمامنىڭ چىرايىغا قاراپ  تۈركمىكىن دەپ گۇمان قىلغانىدىم. ئۇنىڭ مۇھەممەد دېگەن بىرسىنىڭ ئىسمىنى مىسال ئېلىپ « مەمەت» تەلەپپۇز قىلغاندا گۇمانىم تېخىمۇ كۈچەيگەنىدى. ئىمام پىشىننى ئوقوپ بولۇشىغا ساقلاپ تۇردۇم، لېكىن ئىمامنى ساقلاپ تۇرغان كىشىلەر ئۆچۈرەتتە ئېدى. ئۆز-ئارا يول قويۇش، ئۆچۈرەت ئادەتكە ئايلانغان  ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بۇ يوسۇنغىمۇ كۆنگەن بولسا كېرەك. ئاخىرى مېنىڭ نۆۋىتىممۇ كەلدى، ئىمامغا « ئەسسالامۇ ئەكەيكۇم،» دەپ سالام بەرگەندىن كېيىن، « تۈركمۇ سىنىز؟» دەپ سورۇدۇم ئۇتتۇرلا ئۇيغۇرچە تۈزلۈك بىلەن. ئىمام بىردىنلا كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ « سىزدە تۈركمۇ سىنىز؟ » دەپ قايتتۇرۇپ سورىدى، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق، دەماللىققا خۇشاللىقتىن ئاغزىم گەپكە كەلمەي تۇرۇپلا قالدىم، ئىمام سۇئال سورايتتى، مەن بولسام ھاياجاندىن ئانا تىلىمدەكلا راۋان بىلىدىغان باغىردىشىمنىڭ تىلىدا تۈزۈك ئەپلەپ سۆزلىيەلمەي قىينىلاتتىم.
ئىمامنىڭ ئىسمى ئابدۇلباقى ئىكەن، مەن بۇ ئىسىمنى تۈركىيەدە خېلى كۆپ ئاڭلىغان. تۈرك قېرىنداشلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىسمى بىزنىڭىكىگە خىېلى ئوخشايدۇ، ئەمما  يەنە بەزىلىرنىڭ ئىسمى بىزدە يوق ساپ تۈركچە ياكى بىزدە كۆپ قوللۇنۇلمايدىغان ئەرەبچە ئىسىملاردىن تەشكىل تاپىدۇ. مەسىلەن ئۇلاردىمۇ « مەمەت » دېگەن ئىسىم جىق، ئۇلار بەزىدە بۇ ئىسىمنى « مەھمەت» مۇ تەلەپپۇز قىلىدۇ، ئۇلاردا « مەھمەتجىك» دېگەن ئىسىم ئادەتتە ئەسكەرلەرنىڭ يەنە بىرخىل ئاتىلىشى. تۈركلەردىكى « ئايشىگۈل» دېگەن ئىسىم بىزنىڭكىگە شۇنداق ئوخشايدۇ. قىزىقارلىق يېرى ئۇلار بىزدىكى « ئاي» «گۈل» دېگەنلەرنى پامىلە ئورنىدا قوللۇنىدۇ. مەسىلەن، ھازىرقى تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرىنىڭ ئىسمى ئابدۇللاھ  پەمىلىسى گۈل، تۈركىيەدىكى بىر ئۇيغۇرزىيالىنىڭ  ئوغلىنىڭ ئىسمى ئايقۇت.
ئىمام مۇشۇ مەكتەپنىڭ خېمىيە ئىنجىنىرلىقى كەسپىنىڭ پروفىسورى ئىكەن. تۈركىيەدە دوكتۇر ئىماملارنى كۆرگەن، مانا كۆز ئالدىمدا پروفسسور ئىمام، بېشىدا سەللىسى يوق، پەقەت بىز بۇرۇن كېيىدىغان بىر شاپاق دوپپا، ئۇچىسىدا ئاق يەكتەك. بۇ كىشى ماڭا مەكتەپتىكى تۈرك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزى شەنبە كۈنلىرى يىمەكتە بىللە بولىدىغانلىقىنى، خالىسام كېلشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىمام بىلەن خوشلۇشۇپ مەن بىلەن بىر بىنادا (مېنڭ بۇ يەردە بىنا دېگىنىم بىز ۋەتەندە كۆرگەن بىنا ئەمەس، ھەممىمىز بىر ئىشىكتىن، ياكى بىر قانچىمىز بىر ئىشىكتىن كىرمەيمىز. بىنايىمىز ئۇزۇنىغا سېلىنغان، پېشايۋانلىق ئىمارەت، ھەممىزنىڭ ئىكى بىۋاستە تالاغاقارايدۇ)  تۇرىدىغان، لېكىن ئىنگىلىزچە سالاملىشىپلا قويىدىغان خوشنامغا ئۇچراپ قالدىم. ئۇ مېنى كۆرۈپ ھەيرانلىقىنى يوشۇرالمىدى
-سېنى  جۇڭگۇلۇق دەۋاتاتتى مۇسۇلمانكەنسەنغۇ؟
ھەئە، مەن ئۇيغۇر، بىزنىڭ شىنجاڭ دېگەن يەردە ئون مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمان ياشايدۇ.
-شىنجاڭ دېگەن قەيەر؟
-تىبەتنىڭ خوشنىسى. ( چۈنكى دۇنيادا تىبەتنى بىلىدىغان ئادەم جىق، مۇشۇنداق دېمىسەڭ ئۇلار جوڭگۇنىڭ غەرىبىي شىمال تەرىپىنىڭ قەيەرگە توغرا كېلىدىغاننلىقىنى چۈشەندۈرمەك تەس).
ماشائاللاھ! بۇنچە جىق ئادەم يېڭىدىن مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ؟
ياق بىز 1250 يىللار بۇرۇن مۇسۇلمان بولۇشقا باشلىغان، يۇرتىمىزدا مىڭ يىل بۇرۇن ئىسلام ھاكىمىيىتى تىكلەنگەن. بىز دۇنيادا ئەرەب ۋە پارىسلاردىن قالسا ئىسلامنى ئۈچىنچى بولۇپ دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن مىللەت. دۇنيادا مۇبارەك قۇرئانى كەرىم پارىس تىلدىن كېيىنلا ئانا تىلىمىز ئۇيغۇرچىغا تەرىجىمە قىلىنغان. ئۇيغۇرلار ئىسلامنىڭ يىراق شەرققە تارقىلىشىدا موھىم رول ئوينىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن مۇسۇلمان بولغان تىبەت، خەنسۇ ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر ھازىر مۇسۇلمان موڭغۇل، مۇسۇلمان تىبەت، خۇيزۇ(مۇسۇلمان مىللەت). باۋئەن، دوڭشىياڭ قاتارلىق ناملار بىلەن ئىچكىرى جوڭگۇ ئۆلكىلىرىدە ياشايدۇ.  ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئەربابلار ئىسلام قۇرۇلتىيى، بەيتۇل ھەرەم جامەسى قاتارلىق ئىسلام ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلغان ۋە قىلىۋاتىدۇ.
-ئېيتقانلىرىڭ ماڭا بەكمۇ يېڭىلىق تۇيۇلدى، مەن مەككىلىك ئەمما بەيتۇل ھەرەمدە مۇدەررىسلىك قىلغان ئۇيغۇردىن بىخەۋەركەنمەن. ئەمما مەن تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلاردىن شۇنداق ئالىملارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان.
شۇ تۈركىستان دېگەن بىزنىڭ يۇرتنىڭ چەتئەلدىكى نامى، مەملىكىتىمىزدە بۇ ئىسىم چەكلىنىدۇ، سىياسىي مەنىسى كۈچلۈك، شۇڭا مەنمۇ قوللانمايمەن. جۇڭگۇدا يۇرتىمىزنىڭ خەنسۇچە ئېتى شىنجاڭ، يېڭى چىگرا مەنىسىدە.
-ئۇيغۇرچە ئېتىچۇ؟
-ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى.
-ئۇنداقتا سىلەرنىڭمۇ ئامېرىكىدىكى شىتاتلاردەك بايرىقىڭلار، يەرلىك قانۇنىڭلار، ئۆز ئۆزۈڭلارنى ئىدارەلەش، مەركەزدىن ئايرىلىش ھوقۇقۇڭلار باركەندە؟
ياق، مەن بۇنداق سىياسى تۈزۈم دېگەن نەرسىلەر ھەققىدە پاراڭلىشىنى خالىمايمەن. مەن تىلشۇناسلىقتا ئوقۇيمەن ئەگەر خالىساڭ ساڭا ئۇيغۇرچە خەت يېزىپ كۆرسىتىپ قوياي.
شۇنداق پاراڭلىشىپ ئۆيىمىز بار كوچىغىمۇ كېلىپ قاپتۇق، مەن ئۇنى ئۆيۈمگە باشلاپ بەرقى تورىنى كۆرسىتىپ قويدۇم. ئۇ بەرقى دېگەن سۆزنىڭ ئەرەبچە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ خوش بولۇپ كەتتى.
12. سەئۇدىلىق ئۇيغۇر ئىمام
مەن تۈرك خاتىپتىن مۇشۇ مەكتەپتىكى مەسجىدتە بۇرۇن ئىماملىق قىلغان سەئۇدىلىق بىر ئۇيغۇر دوكتۇر ھەققىدە سورۇماقچى ئېدىم، قارىسام مېنىڭ كەينىمدە ئۆچۈرەت كۈتۈپ تۇرغانلار ساقلاپ كەتكىدەك شۇڭا تونۇشقانلىقىمدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ خوشلاشتىم.
ئاڭلىشىمچە بۇ مەكتەپتە تۇرسۇنجان ئىسىملىك سەئۇدىلىق بىر ئۇيغۇر ئىمام بولغانىكەن. ئۇ مەزكۇر مەكتەپنىڭ مائارىپ فاكۇلتىتىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىكەندۇق. بۇ كىشىنىڭ ئاتىسى 1940-يىللىرىنىڭ ئاخرىدا خوتەندىن سەئۇدىغا چىقىپ كەتكەن بولۇپ بۇ كىشى شۇ يەردە تۇغۇلغانىكەن. ماڭا گېپىنى قىلىپ بەرگۈچى ھازىرقى كادىر ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىشىدە يۈرگەچكە تۇرسۇنجانغا ئانچە ياقمىغانمىش. تۇرسۇنجان ئائىلىسىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ ئوغلىنى مۇشۇ يەرگە مەكتەپكە بېرىپتۇ، قىزىنى « بۇ يەر قىزلارنىڭ ئوقۇشىغا ماس كەلمەيدىكەن » دەپ سەئۇدىغا تۇغقانلىرى قېشىغا قايتتۇرىۋتىپتۇ. سۆھبەتدىشىم ئۇنى نادانلىقتا ئەيپلىدى، مەن ئىپادە بىلدۈرمىدىم، لېكىن ئۇيغۇر قىزلىرىغا تولىمۇ ئوخشايدىغان سەئۇدىلىق قىزلارنىڭ كانزاس ئۇنۋېرىستىتىدا خېلى بارلىقى خىيالىمدىن كەچتى. ئەجەبا تۇرسۇنجان ئۇلارنى كۆرمىگەنمىدۇ؟ ئۆزى مائارىپشۇناسلىقتا ئوقۇسۇنۇ قىزىنى ئۆزىدەك مائارىپشۇناستىن ئايرىپ سەئۇدىدىكى تۇققانلىرىغا تاپشۇرسۇن…سۆھبەتدىشىمنىڭ ئېيتىشىچە تۇرسۇنجان ئۇيغۇرچىنى يامان ئەمەس سۆزلەيدىكەن ئەمما ئۇقۇپ يېزىشقا ئاجىزمىش. ئۇ ئۆزىدە دادىسى ۋەتەندىن ئېلىپ چىققان كونا ئىملادىكى كىتابلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇيغۇرچىنى ئوبدان بىلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئوقۇيالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئاپتۇ. مەن بۇنىڭغا بەكمۇ قىزىقتىم، چۈنكى بۇ مېنىڭ كەسپىم، بەلكىم بىز يۇقاپ كەتتى دەپ قاراۋاتقان بىر قىسىم موھىم قوليازمىلار چەتئەللەردىكى ئاشۇنداق مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا ساقلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. تۇرسۇنجاننىڭ مېنى قىزىقتۇرغان يەنە بىرئىشى ئۇ ئۇيغۇرلارنى ئەرەبلەر بىلەن مەنبەداش دەپ قارىغانلىقى بولدى. ئۇ بىر قېتىملىق مۇھاكىمە سورۇنىدا ئىختىيارى پىكىر بايان قىلىپ ئۆزىنىڭ خوتەنلىك ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن ئەرەبلەرنى قېرىنداش خەلق دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ قولىدا يازما مەنبە بارمىش. نېمىلا بولمىسۇن شۇنچە چوڭ سورۇندا مەن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۇيغۇر دېگىنىدىن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنبەسى ھەققىدە بىر نەرسە ئويلاشقا تىرىشقىنىدىن مەمنۇن بولدۇم. ئامېرىكىلىق مەلۇم ئۇيغۇرشۇناس خانىم ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا « قىزىقارلىق پىكىركەن » دەپ قويۇپتۇ. تىل دېگەن ئاجايىپ نەرسە، مەن ئامېرىكىغا كەلمەستە ئىنگىلىزچىدىكى « قىزىقارلىق ئىكەن» دېگەن ئىبارىنىڭ ئانچە قىزىقى يوق گەپلەرگىمۇ دېيىلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ ھەيران قالغانتىم، مەزكۇر خانىمنىڭ بۇ سۆزىدىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ ئىبارىسىگە مەسخىرىنىڭ يوشۇرۇنغالىقىنى بايقىدىم. ئەمدى ئامېرىكىلىقلارنىڭ قىزىقارلىقكەن دېيىشلىرىگە ئالدىنىپ ئۇلارغا تولىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلغان قاراشلىرىمنى ئەزۋەيلىمەيمەن. ئېكىسجانمۇ بەلكىم بۇ سۆزنىڭ ۋەزنىنى ھىس قىلغاندۇ، ئەگەر پاكىتى بولغان بولسا رەددىيە بەرگەن بولاتتى.
تۇرسۇنجان بىلەن بىر مەۋسۇمدىن كېيىن ئۇچراشتىم. ماڭا دەپ بېرىشىچە ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەرەبلەرنى ياقتۇرمايدىكەن. بۇنىڭغا مۇشۇ كۈنگىچە نەچچە ئەۋلاد پاسپورتى يوق ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرى ۋە كىچىكىدە بىرقىسىم ئەرەب خوشنىلىرىنىڭ ”كەلگۈندى“ دەپ كەمسىتكەنلىكى سەۋەب بولۇپتۇ. زوردۇن سابىر ئەپەندىم 89-يىلدىكى بىر زىيارەت خاتىرىسىدە ئەرەبىستاندا 59 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بارلىقىنى يازغانىكەن. تۇرسۇنجاندىن بۇ ھەقتە سورۇدۇم. ئۇ ئەرەبىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ جىقلىقىنى ئەمما ئەرەبلەرنىڭ كەمسىتىشىدىن، بوزەك قىلىشىدىن قورقۇپ بىر مەھەللە بولۇپ ياشىيالمىغىنىنى سۆزلەپ بەردى. شۇ سەۋەپتىن ئەرەبىستاندىكى 60-يىللارنىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كېينكى ئەۋلادلىرى ئىچىدە ئانا تىلنى بىلىدىغانلار ئاز ئىكەن. مەن ئۇنىڭ ”ئۇيغۇرلار ئەرەبلەر بىلەن قانداشدېگەنلىرىنى يۈزىگە سالمىدىم. مۇستەبىت تۈزۈمدە ياشاۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ دائىم شۇنداق دېيىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىق ماڭا سىر ئەمەس ئېدى.  مەن ئۆزەممۇ دائىم تۇرسۇنجان دېگەن گەپلەرگە مەنىداش سۆزلەرنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ۋە ئاڭلاپ سۈكۈتتە تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئادەم بولغاچقا ئۇنى تەڭقىسلىقتا قويۇشنى خالىمىدىم. شۇ قېتىمقى ئىلمىي لېكسىيەدە ئەرەب تەتقىقاتچى ۋە سەئۇدىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكى تۇرسۇنجاننىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ تۇراتتى. بروتانت راسسىلنىڭ گېپى بويىچە ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئىنسانىيلىقنى چىقىش قىلىپ سۆزلىگەن دېگىلى بولمايتتى، چۈنكى ئۇ بۇ سۆزلەرنى نەچچە مىڭ كېلومېتىر يىراقتىكى مۇستەبىتتىن ۋە شۇ مۇستەبىت تۈزۈمدىن نەپلەنىۋاتقان كىشىلەردىن قورقۇپ سۆزلىگەن ئېدى.  تۇرسۇنجاننىڭ  بارلىق غېمى چەتئەلدە ئوقۇشقا ھەممە جەھەتتىن قۇربى يېتىدىغان تۇرۇپ پاسپورتى بولمىغانلىق سەۋەپتىن چىقالمايۋاتقان ئېنىلىرىدە قالغاندەك تۇرىدۇ. ئارىدا بىر قېتىم بىللە كىيىم ئالغىلى باردۇق. بىر قانچە پوپايكا تاللىسام  مېنى سەل چوڭراق  نومۇرلۇقنى ئېلىشقا دەۋەت قىلدى. سەۋەبى كىچىكلىرى قىسقاراپ كەتسە ئۇزاق كىيەلمەيدىكەنمەن. بىر تۇرۇپ ئۇنىڭ مەسئۇلىيەچانلىقىدىن سۆيۈندۈم، يەنە بىر تۇرۇپ ۋەتەنسىز ئۇيغۇرنىڭ باشتىن كەچۈرگەن قىينچىلىقلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ كۆڭلۈم بۇزۇلدى. چۈنكى مۇنداق سۆزنى ئۇزاق يوقسۇللۇقنى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەرلا تىلغا ئالاتتى. كېيىن جۈمەلەردە تولا ئۇچراشتۇق، ھەر كۆرسەم ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن سوغۇق غېرىپلىقنى كۆرەتتىم. ئۇنىڭ كېتىدىغاندا تېلىپۇنمۇ قىلماي كېتىپ قالغىنىغا مەيۈسلەندىم.
<بوزقىر مۇنبىرى>دىن يۆتكەپ كېلىندى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5446
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 139
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە139دانە
ئۆسۈش: 1910 %
مۇنبەر پۇلى: 3018 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2012-05-04

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار(8)

13. ئامېرىكىلىقلار باشقىلارغا باھا بەرگەننى يامان كۆرەمدۇ؟
ئەسلى مەن بۇ ھەقتە « ئامېرىكىلىقلاردىن پەرقىمىز نەدە؟» دېگەن تېمىدا ھىكايەتلىك كەچۈرمىشلىرىمنى يازماقچىدىم. بىر ئوقۇرمەن بۇ ھەقتە سورىغانلىقى ئۈچۈن ھازىر يازماي ۋە تەھلىلىرىمنى قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كەتمەي بولمىدى. ئامېرىكىقلار باشىقىلارغا باھا بەرگەننى مەنچە يامان كۆرمەيدۇ، بەلكى ئۇلاردا پاكىتسىز، لوگىكىسىز باھا بېرىدىغانلارنىڭ سانى بىزدىكىدىن سەل ئاز. ( غەيۋەت، مەسخىرە، باتناش دېگەنلەر ئىنسانلارغا ئورتاق، ئەلۋەتتە) . ئۇلارنىڭ ھاياتتىكى پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى سەمىمىيلىك. كىشىلەرنىڭ ئىزگۈ نىيەت ۋەئەھمىيەتلىك  پائالىيەتلىرىنى ئاڭلىغاندا، كۆرگەندە زوقلىنىش ۋە زوقلانغانلىقىنى ئاجايىپ نەپىس تىللار بىلەن بايان قىلىش ئۇلاردا ئومۇمىي ئادەت، بۇ ئىش بىزدە ئانچە ئومۇملاشمىغان. شۇنىڭغا ئوخشاش يامان ئىشلارنى، ياكى ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىمىغان ئىشلارنى ئۇچراتقاندا مۇناسىپ باھا بېرىش ئۇلارنىڭ سەمىميلىك پىرىنسىپىنىڭ گەۋدىلىنىشى. ئۇلار ھىچ قاچان ئۆز تۇيغۇلىرىنى يوشۇرۇپ ساختا توغرا چۈشەنگەن قىياپەتكە كىرىۋالمايدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر كەچمىشىم بار. بۇلتۇر كۈزدە مەن دەل مەكتەپكە ئىلتىماس سۇنۇش بىلەن بەنت ئېدىم. ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەر پروفېسسورلارنىڭ تەۋسىيە خېتىنى كېرەك قىلىدىغان بولغاچ مەن ئوقۇغان ۋە مېنى ئوبدان بىلىدىغان پروفېسسورلارغا ئىلتىماس قىلدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇستاز راھىلە داۋۇتتىن باشقا ھەممىسى « ئۆزەڭ يېزىپ كەل، مەن ئىمزايىمنى قويۇپ بېرەي» دەپ تۇرىۋالدى. مەن بۇنداق قىلىشنىڭ خاتالىقىنى، يالغان سۆزلىسەم ئوقۇش پۇرسىتىمنىڭ قولدىن كېتىدىغانلىقىنى ھەرقانچە چۈشەندۈرسەممۇ بولمىدى. ھەتتا بىر ئۇستازىم « كاللاڭلار بەك قىزىپ كېتىپتۇ، مەن بىر قانچە  ئوقۇغۇچىغا تەۋسىيەنامە يېزىپ بەردىم، ئۇلار چەتئەلدىكى ئوقۇشقا مېڭىپمۇ بولدى.» دەپ ئەستايىدىللىقىمدىن رەنجىدى. مەن ئۆزەم يازغان، مەزكۇر ئۇستاز قول قويغان بىر پارچە تەۋسىيەنامىنى يېزىگىلىك ئۇنۋېرىستىتىدا دەرس ئۆتىۋاتقان بىر ئامېرىكىلىق دوستۇمغا كۆرسەتسەم، چىرايىنى غەلىتە پۈرۈشتۈرۈپ «بۇلشىت!» دېدى. بىللە تۇرغان يەنە بىر ئامېرىكىلىق بالىمۇ « مۇشۇنداقمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بولامدۇ؟» دەپ قايناپ كەتتى. بىر قېتىم مەلۇم پروپېسسورنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگىنىمدە مېنى قارىتىپ قويۇپ باشقا نەچچە پروپېسسورنىڭ غەۋىتىنى يېرىم سائەت قىلدى. ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى ”ئۇ بىزدىن دائىم مېنىڭ دىنىمغا ھۆرمەت قىلمايسىلەر، مېنىڭ دىنىي بايرام كۈنۈمدە يىغىن ئاچىسىلەر دەپ قاقشايدۇ. مەنمۇ ئاتەشپەرەسلىك دىنىغا كىرىپ، ئىشقا بارغۇم كەلمىگەن كۈننى دىنىي بايرام دەپ تۇرۇۋالسام بولارمىكەن تاڭ“ دېگىنى بولدى. ھەممە ئادەم مەسىلىگە دىنداشلىقنى، قانداشلىقنى، مەنپەئەتداشلىقنى ئۆلچەم قىلسا ئورتاق پىرىنسىپ نەدە قالىدۇ. مەن يەنە ئۆزەم ئۇچراتقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ بەزى مەدەنىيەت پەرقىگە ياتىدىغان مەسىلىلەرگە ئالدىراپ توغرا خاتا دېمەيدىغانلىقىنى، پەقەت « بىزدە بۇ خۇش كۆرۈلمەيدۇ» دەپ قويىدىغانلىقىنى بايقىدىم. لېكىن ئۇلار سىزدىن «سەنچە شۇنداق قىلسا ئادىللىقمۇ؟ مۇۋاپىقمۇ؟» دەپ سورايدۇ. توغرا، دۇنيادىكى نۇرغۇن مەسىلىگە بولۇپمۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكىگە ياتىدىغان مەسىلىلەرگە ھىچكىم ئالدىراپ توغرا خاتا دېمەيدۇ. بۇ ھەقتە مېنى قاتارغا قوشقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىمۇ « ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە» « ئەمانىڭ شەھرىگە بارساڭ كۆزۈڭنى قىسىۋال» دەيدىغان ئۇدۇم چۈشەنچە بار. بىزنىڭ مىللەتمۇ يۇقارقى پىرىنسىپقا نەچچە مىڭ يىل ئەمەل قىلىپ نەزەرگە نائىل، تۆرگە مۇشەررەپ بولغانكى، خەقنىڭ ئىشىغا قالايمىقان باھا بېرىپ نەزەردىن چۈشۈپ كەلگەن مىللەت ئەمەس. شۇ نەرسە ئايانكى، دۇنيادىكى ھەممە نەرسە مىللىيلىك پىرىنسىپى بويىچە بولمايدۇ. دۇنيادا مۇۋاپىقلىق، ئادىللىق، ئەقلىيلىق دېگەن ئورتاق پىرىنسىپلارمۇ بار. بىر خەلق توغرا تونۇغان ئىش، ياكى بىر بۆلۈك كىشى توغرا بىلگەن ئىش باھاسىز، ھۆكۈمسىز رەۋىشتە توغرا چۈشىنىلىۋەرمەيدۇ. مەسىلەن خەنسۇلار ئادەم بار يوق دېمەي يەل قويىۋېتىدۇ. بۇ خەنسۇلارنىڭ ئادىتى، بۇنى ھەتتا ئىچكىرىدكى بىر پروفېسسور ماڭا تەبىئى ھادىسە دەپ ئاقلىغان. ئەمما خەنسۇلارنىڭ بۇ مىللي ئادىتى مۇۋاپىق بولمىغاچ ئىنكار قىلىنىدۇ. مەن بۇ يەرگە كەلگەندە مېنىڭ گۇيجۇلۇق فورددېشىممۇ ماڭا، تۈكۈرۈش، يەل قويىۋېتىشنىڭ ئامېرىكىدا ئېغىر ئېلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئېنىقكى ئۇ مېنى 96% جوڭگۇلۇق سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلغان. بۇندىن باشقا ھەممە ئادەم بىر تەخسىگە چوكا تىقىش، بۇمۇ سەھىيە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغاچقا توغرا دەپ قارالمايدۇ. ئامېرىكىلىقلار بۇنىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ دەپ قارايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش  ئەقلىيلىك ئەمەس، يەنى سەھىيە ئىلىمگە خىلاپ. ئەمدى يۇقارقى تۇرسۇنجان ئەپەندىنىڭ ئوغلىنى ئامېرىكىدىكى مەكتەپكە بېرىپ، قىزىنى  ئەرەبىستانغا ئەۋەتىۋېتىشى( ئەسلى قىزىمنى ئوقۇتمايمەن دەپتىكەن، مەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئوبرازى بولسىمۇ سەل ئىجابىي بولسۇن دەپ تىلغا ئالمىغانتىم)، ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە ئادىللىق ئەمەس. مەن مۇشۇ خىلدىكى گەپلەرنى ئاڭلىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ « بۇ ئادالەتسىزلىك، نېمىشكە ئوغلىنى ئوقۇتۇپ قىزىنى ئوقۇتمايدۇ، ئەجەبا ئوغلىغا ماس كەلگەن موھىت قىزىغا ماس كەلمەمدىكەن؟» دەيىدىغانلىقى ئېنىق. ئەگەر ئاياللار باراۋەرلىك تەرەپتارلىرى ئاڭلىسا گەپلەر ئۇنچە مۆتىدىل دېيىلمەيدۇ. شۇڭا بەزى دوستلىرىمىزنىڭ توغرا چۈشىنىش ئۆلچىمىنى ھەممە يەردە پىرىنسىپسىز تەكىتىلىشى مېنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
توغرا ھازىر دۇنيادا مەدەنيەتلەر دىيالوگى تەكىتلىنىۋاتىدۇ. ھەممە نەرسىگە ئۆز بىلىمى ياكى مەدەنىيىتى نوقتىسىدىن چىقىپ باھا بېرىش ئانچە ئالقىشلانمايدىغان بولدى. مەملىكىتىمىزدىمۇ « مەدەنىيەتلەر دىيالوگى» ھەققىدە قەرەللىك مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇ يىغىنلارغا تۇڭگان ئالىملىرى ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ ۋە تەشكىللەپ ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن كۆڭزىچىلىق مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدكى چۈشىنىشنى كۈچەتىش ھەققىدە ئەھمىيەتلىك ئىزدىنىشلەردە بولىۋاتىدۇ. گەرچە بۇ مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا ئېچىلمايۋاتقان بولسىمۇ، بىر قىسىملارنىڭ ھەدىسىلا ئۆزى چۈشەنمەيىغان، يات  مەدەنىيەتلەرگە فىئودالىزىمنىڭ، قالاقلىقنىڭ، قانۇنسىزلىقنىڭ، ۋە ئىلمىيسىزلىكنىڭ قالپىقىنى كەيدۈرۈشنىڭ پەيدىنپەي ئازىيىشىغا بولغان ئۈمىدىمىزنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئەمما شۇ نەرسە رۇشەنكى ھەر قانداق ھادىسىنى كۆپتۈرۈش ئىلمىيي پىرىنسىپنى زەخمىلەندۈرىدۇ. مەدەنىيەتلەر ئارا چۈشىنىش، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنىڭ تەكىتلىنىشى ئىنسانلارنىڭ ھەممىنى ئۆز مەدەنىيىتىگە ئاساسەن  باھالاش، ھۆكۈم قىلىشتىن ئىبارەت مەدەنىيەت مۇستەبىتىلىكىگە خاتىمە بېرىش بىلەن بىللە يەنە نۇرغۇن نامۇۋاپىق خاھىشلارنىڭ باش كۆتۈرىشىگىمۇ سەۋەپ بولدى. مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكنى تەكىتلەش « ھەممە نەرسىگە ئورتاق پىرىنسىپتا باھا بەرگىلى بولمايدۇ، ھىچ نەرسە قائىدىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن توغرا ئەمەس بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز توغرا دەپ قارىغاچقا توغرا» دەيىدىغان مەدەنىيەت شەخسىيەتچىكى ۋە مەدەنىيەت قورۇقچىلىقى  باش كۆتۈردى. مەسىلەن، بېيجىڭ ئۇنۋېرىستىتى پروفېسورى ماروڭ ئەپەندى « بېيجىڭ ئۇنۋېرىستىتى ئىلمىي ژورنىلى» نىڭ 2005-يىللىق مەلۇم سانىدا ماقالە ئېلان قىلىپ « جوڭگۇدىكى مىللەتلەرگە ئاپتونۇمىيە بېرىش كوڭزىچىلىق مەدەنىيىتىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلىش ئەئەنىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس. كۆڭزىچىلىق مەدەنىيىتىدە مىللەت مەدەنىيەت ئۇقۇمى، سىياسىي ئۇقۇم ئەمەس. ئەگەر مىللەت ياۋرۇپا ئەنئەنىسى بويىچە سىياسىي ئۇقۇم دەپ قارالسا ئۇنىڭغا نۇرغۇن سىياسىي ھوقۇقلار بېرىلىشى كېرەك. جوڭگۇ كومپارتىيىسى جوڭگۇدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا غەرپ ئەنئەنىسىدىكى مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش دېگەنگە ئوخشاش پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ سەھۋەنلىك ئۆتكۈزدى، مىللىي ئېڭى يوق مىللەتلەرگە مىللي ئاڭنى يېتىلدۈرىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەردى. جوڭگۇدىكى مىللي مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مىللەتنى سىياسىي ئۇقۇم دەپ قارايدىغان ياۋرۇپاچە ئەندىزىدىن مىللەتنى ئۆرۈپ ئادىتى پەرقلىق كىشىلەر توپى دەپ قارايدىغان كوڭزىچىلىق ئەنئەنىسىگە قايتىپ كېلىشىمىز كېرەك» دەپ يازدى. ھەتتا يەنە بەزىلەر دېمۇكراتىيە، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مېھرىبانلىق دېگەن ئۇقۇملارنىمۇ ياۋرۇپا مەدەنىيىتىگە خاس نەرسە دەپ، ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان دىني زۇلۇم، سىياسىي بېسىم، ۋە كىشىلىك تاجاۋۇزلارنى مىللي ئەنئەنىمىز دەپ يوپۇرىۋاتىدۇ. مەنچە ئىنسانلارنىڭ بىر بىرىگە ئۆزى بىلگەنچە باھا بېرىشى، ھۆكۈم قىلىشى نامۇۋاپىق، ئەمما ھەممە نەرسىگە توغرا چۈشەنگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ چىن ھىسسىياتىنى يوشۇرۇشى ياكى قۇلاق يوپۇرۇپ بىلمىگەنگە سېلىۋېلىشى خەتەرلىكتۇر. مەنچە يۈكسەك ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىدىغان تەجرىبىچىلىك ئەنئەنىسىگە ساھىپ، ھەر ئىشتا پىرىنسىپنى ئاساس قىلىدىغان ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا ۋە سەمىميلىككە مۇيەسسەر ئامېرىكلىقلار ھەممە نەرسىنى توغرا چۈشىنىپ باش لىڭىشتمايدۇ. ھەقنى ھەق، ناھەقنى ناھەق دەپ باھا بېرىش ئامېرىكىلققىلا ئەمەس  ھەر قانداق مىللەت ئۈچۈن ئورتاق.
14. ئامېرىكىدا نېمە بار، نېمە يوق؟
كىشى باشقا بىر دۆلەتكە بارغاندا دائىم ئۆزىدە بار بىلەن خەقتە يوقنى سېلىشتۇرۇپ قالىدۇ. ماڭا ئالدى بىلەن يوق بىلىنگىنى موزدۇز. ئامېرىكىدا موزدۇزنىڭ يوقلىقىنى ئايىقىمنىڭ پاشنىسى ئۇپىراپ كەتكەندە بىلدىم. بەلكىم ئامېرىكىلىقلار ماشىنا بىلەن يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن بولغاچ پاشنىسى ئۇپرىمىسا كېرەك. مەن ”چېنىقىشقا ۋاقتىم چىقمىدى“ دەپ چېنىقىمەن دېگەن  باھانە بىلەن بىر يىلغا يېقىن دەرسكە مېڭىپ باردىم. بۇ يەردە مەندەك چېنىقىمەن دەپ رەسمىيي كىيىنىپ مېڭىپ يۈرۈيدىغان ئادەم يوقكەن. چېنىقماقچى بولغانلار مەخسۇس تەنھەركەت كىيىملىرىنى كېيىپ چىقىدىكەن. نېمىلا دەپ باققىنىم بىلەن موزدۇزسىز بۇ شەھەر مېنى مايماق پاشنىلىق ئاياقتا ئىككى يىل ماڭغۇزدى. مەن نەگە بارسام موزدۇز ياكى مايلامچىلار بىلەن پاراڭلىشتاتتىم، بۇ يەردە ئۇنداق پۇرسەتنىڭ بولمىغىنىدىن ئەپسۇسۇلاندىم. جوڭگۇنىڭ خېلى جىق شەھەرلىرىدىكى ئاۋامنىڭ ئويلىرىنى، تۇرمۇشىنى شۇلار ئارقىلىق كۆزىتەتتىم. بىلىشىمچە ئۇيغۇردا ئايال مايلامچى يوق، خەنسۇلاردا ئەر ۋە بالا مايلامچى يوق ئېدى. ئايىقىنى مايلىتىدىغانلارنى كۆزەتكىنىمدە، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئاساسەن كوچىدا ئاياق مايلاتمايتتى. بۇ يەردە ئۈنسىز بىر ھۆرمەتنىڭ قەدىرلىنىۋاتقانلىقى مېنى سۆيۈندۈرەتتى. ئۇيغۇر ئەرلەرنىڭ ئاياق مايلاپ بولسىمۇ ھالاللىق بىلەن ئاياللىرىنى بېقىشى، پۇل ئۈچۈن ئاياللىرىنى خەققە تەلمۈرتمەسلىكى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭمۇ ھەرقانچە باي بولسىمۇ قېرىنداشلىرىنىڭ غۇرۇرىنى سۇندۇرماسلىق ئۈچۈن ئۇلارغا پۇت سۇنۇپ غادايماسلىقى مىللتىمىزدىكى ئېسىللىقنىڭ پاكىتى ئېدى. لەنجۇدا كۆرگەن بىر ئىش قەتئى ئېسىمدىن چىقمايدۇ. يامغۇر قاتتىق ياغقان بىر كۈنى كوچىدا بىر ئەر-خوتۇن ئازراق گەپ تالاشقاندىن كېيىن خوتۇنى ”مەن يامغۇر توختاشنى ساقلىمايمەن، ھاپاش بول، مېڭىۋېرەيلى“ دەپلا ئېرىنى ھاپاچ قىلغانىدى.  مەنچە ئۇيغۇر ئەرلىرى كوچىدا ئەمەس، يالغۇز قالغاندىمۇ خوتۇنىغا ھاپاچ بولمايدۇ. خەنسۇلاردا ئايال مايلامچى ۋە موزدۇزلارنىڭ بولۇشى بىزدە بولماسلىقى  ئىككى مىللەتنىڭ ئەر –ئاياللار ھەققىدىكى تونۇشنىڭ ئوخشىماسلىقىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. يۇقارقى ئەھۋالدا ئامېرىكىلىقلار قانداق قىلار بولغىيتى؟ ئەگەر ئۇلاردىمۇ موزدۇز، مايلامچى بولغان بولسا سېلىشتۇرۇپ كۆرگەن بولاتتىم.
ئامېرىكىدا كەچلىك بازار يوق. ئېنگىلىز تىلىدىمۇ بۇنداق ئاتالغۇمۇ يوق. بىر مىللەتتە مەلۇم ھادىسىنىڭ بار يوقلىقىنى شۇ مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلىش مۇمكىن. ئۇيغۇر تىلىدىكى بازار دېگەن سۆز ئەزەلدىن كۈندۈزنى كۆرسەتكەن بولۇپقاراڭغۇ بازار“ دېگەن سۆز ئۇيغۇرچىدا  ھارام  پايدا ئالىدىغان بازارنى كۆرسىتىدۇ. كەچلىك بازار دېگەن سۆز خەنسۇچىدىن كەلگەن بولغاچقا مەتبۇئاتتا كەچلىك بازار دېگەندىن باشقا ھىچ بىر ئۇيغۇر كەچلىك بازار دېيىشكە كۆنمەي خەنسۇچىسى بويىچەيېشى“ دەيدۇ. بىزدىكى كەچلىك بازار دېگەن گەپ 90-يىللاردا پەيدا بولدى.  ئەسلى ئۇيغۇرلار خەققە قارىتىپ كوچىدا يىمەك يىيىشنى ئېغىر ئالاتتى. ئادەتتە كاۋاپ، نان، سامسا قاتارلىق سۇسىز تاماقلاردىن باشقىلىرى كوچىدا تىزىپ سېتىلمايدۇ. ساتقىلى بولىدىغان شۇ قۇرۇق يىمەكلىرىمىزنىمۇ ھىچ كىم كوچىدا خەققە قارىتىپ تۇرۇپ مالاچلاپ يىمەيدۇ. كوچىدا سېتىلىدىغان سۇيۇق يىمەكلىك لەڭپۇ، لېكىن بۇ بىزنىڭ ئەمەس تۇڭگاننىڭ. دېمەك كوچىدا، ئوچۇقچۇلۇقتا تاماق يىمىگەن ئەجداتلىرىمىز تاماقنى چىرايلىق يەردە، تۈزۈك قاچىدا، شەكلەنمەي ئولتۇرۇپ يىيىشنىڭ ساغلاملىق ۋە مەدەنىييلىكنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان بىلىپ ئادەتكە ئايلاندۇرغان. بۇ بىزنىڭ مەدەنىيىتمىز ئېدى. مانا ئەمدى خەق ئۆگەتكەن ”يېشى“ دا، كوچىدا تاماق يىيىشكە ئادەتلىنىپ كەتتۇق. 97-يىلى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن تۇققانلىرىمىز ”بۇ يەردەيېشى(كەچلىك بازار)’ يوقكەن “ دەپ نارازى بولغاندا يۇرتۇمنى قالاقتەك كۆرۈپ تەڭ ئاغرىنغانىكەنمەن. 2008-يىلى بىر دوستۇمنى قەشقەرگە ئېلىپ بېرىپ توپا-تۇمان لەيلەپ تۇرغان كوچىدا سېتىلىۋاتقان قويۇق سۇيۇق تاماقلارنى كۆرۈپ  ئون يىللىق تەرەققىياتتىن تاڭ قالدىم. سۆيۈنگەن يېرىم ئۇيغۇرلارنىڭ تاماقلارنى ئاپئاق داكا بىلەن ئوراپ قويۇشى ئىچكىرىدىكى ”يېشى“ لاردىن پەرقلىق  كۆرۈنەتتى.
ئامېرىكىدا ھەممە دۇككاندا ھاراق يوق. ئامېرىكىدا ھاراق ساتىدىغان دۇككانلار مەخسۇس ئىجازەتنامە ئالغان بولىدۇ. خالىغان كىشىنىڭ ئۆزى خالىغان يەردە ھاراق سېتىشى چەكلەنگەن. ھاراق سېتىۋالماقچى بولغانلارمۇ چوقۇم رەسىملىك كىملىك كۆرستىشى كېرەك. قانداق كىشىلەرنىڭ ھاراق سېتىۋالسا بولىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق قانۇن بار. ھاراق سېتىلىدىغان كۇلۇپلارغىمۇ كىملەرنىڭ كىرىشى، قانچە گرادوستىكى ھاراقلارنىڭ سېتىلىشى ھەققىدە قانۇن بار. بىزنىڭ مەكتەپتە ئۇچ تاللا بازىرى بار، لېكىن ئىچىدە ھاراق ئەمەس تاماكىمۇ يوق. مەكتەپنىڭ ئەتراپىدا كېچىلىك كۇلۇپ يوق، ئويۇنچۇقخانا، قىمارخانا، تورخانا يوق. (ئامېرىكىدا تورخانا يوق) جوڭگۇدىكى مەن ئىشلىگەن ئالى مەكتەبلەرنىڭ ئەتراپىدا مۇشۇنداق يەرلەر بارئېدى، بەزىلىرى ئاشكارە بەزىلىرى يوشۇرۇن . بىزدە بۇنداق قانۇن يوق. قانۇن بولغان تەقدىردىمۇ ئىجراسىنىڭ تايىنى يوق.
ئامېرىكىدا جوڭگۇنىڭ مېلىنى ساتمايدىغان چوڭ تاللا بازىرى يوق. جوڭگۇنىڭ ئەرزان ماللىرىنى بىلمەيدىغان ئامېرىكىلىق يوق. جوڭگۇلۇق يوق ئالى مەكتەپ يوق، لېكىن جوڭگۇدا ئالغان نەتىجىسىنى ئامېرىكىدا ئالالايدىغانلىرى بەك ئاز. مەكتەپلەر ئۇلارنىڭ ئىلگىركى ئېنگىلىزچە نەتىجىسى ھەرقانچە يۇقۇرى بولسىمۇ بىۋاستە دەرسكە كىرگۈزمەيدۇ، قايتا ئىمتىھان ئالىدۇ، نەتىجىدە جوڭگۇدا ئالغان نەتىجىنى ئالالماي ئېنگىلىزچە ئۆگىنىدۇ. مەن ئامېرىكىدىكى جوڭگۇ ماللىرىنىڭ كۆپلۈكىگە قاراپ ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن جوڭگۇ بىلەن قىلىۋاتقان تىجارەتنىڭ يېرىمىنى قىلىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىمەن. جوڭگۇدا  ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن كىيىم كىيىپ باققان ئۇيغۇر يوق. (ئامېرىكىدا ئۆزىدە ئىشلەنگەن كىيىمنى تېپىش ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. قارىغاندا ئامېرىكىلىقلار قول ئىشى تەلەپ قىلىدىغان بۇنداق ئەمگەكلەرنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئۆتۈنىۋەتكەن ئوخشايدۇ). بىزدە چەتتىن كىرگەن مال قىممەت، ئامېرىكىدا چەتتىن كىرگەن مال ئەرزان بولۇپمۇ تېخنىكا تەلىپى يۇقىرى بولمىغان تاۋارلارنىڭ شۇنداق.  بۇ سېلىشتۇرمىغا ئاخىرىدا بىرلا نەرسىنى قوشساق مەسىلە ئايدىڭ بولىدۇ. جوڭگۇدا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تېخنىكىسىز داۋام قىلالايدىغان يۇقۇرى تېخنىكا شىركىتى يوق. جوڭگۇدا ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ۋىندوس، مەكىنتاش يۇمشاق دىتالىنى ئىشلەتمەي كومپىيوتىر ئىشلىتەلەيدىغان ئادەم يوق. جوڭگۇدىن توننىلاپ كىرىۋاتقان مالدىن كىرگەن پايدا، ئامېرىكىدىن چىققان بىر سەر كەلمەيدىغان تېخنىكىلىق ئۈسكۈنە ياكى بىر يۇمشاق دىتالنىڭ ئالدىدا ھىچ نېمە ئەمەس. ئامېرىكىلىق ئىنجىنىر بىر سائەتتە لايىھەلىگەن بىر سىخىمىنىڭ پايدىسى مىڭ جوڭگۇلۇق ئىشىچى بىر يىل تىككەن كىيىمدىن ئېشىپ چۈشىشى چوقۇم. شۇڭا بىلىم كۈچ، بىلىم پۇل دېگەن گەپ مۇشۇ يەردە ئىسپاتلىنىدۇ.

دوستلىشىش
kroran2010
QQ:1536349737
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4290
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 213
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە213دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 1343 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-05
ئاخىرقى: 2012-05-09
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 18:32

ئامىركىدا ئشسىزلارنىڭ ھۆكۇمەتتىن ئىلۋتقان ياردەم پۇلى ئشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى  بۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ مائاشى بىلەن پەرىقلەنمەيدۇ،  ئامىركىغا ئادىل باھا بىرىشىمىزدە بۇ ماقالە بىزگە ئۇلگە بۇلالايدۇ،ئامىركا مەدىيلەنمىگەن بۇ  ماقالە   ئامىركىغا بولغان خاتا چۇشەنچىمىزنى توغۇرلايدۇ،  بىز دائىم تەشۋىقات تۇپەيلى ئامىركىنىڭ پەقەت كەمچىلىكىنى بىلىمىز ، ئالاھىدىلىكىنى بىلمەيمىز .
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1542
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1542دانە
ئۆسۈش: 2420 %
مۇنبەر پۇلى: 10690 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-05-09
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 19:36

ئۇ ئەرەبىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ جىقلىقىنى ئەمما ئەرەبلەرنىڭ كەمسىتىشىدىن، بوزەك قىلىشىدىن قورقۇپ بىر مەھەللە بولۇپ ياشىيالمىغىنىنى سۆزلەپ بەردى. شۇ سەۋەپتىن ئەرەبىستاندىكى 60-يىللارنىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كېينكى ئەۋلادلىرى ئىچىدە ئانا تىلنى بىلىدىغانلار ئاز ئىكەن.
_________________________________________________
ماگەپنى ئەستە ئوبدان ساقلىۋېلىش كېرەك.
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 2740
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2740دانە
ئۆسۈش: 5110 %
مۇنبەر پۇلى: 19136 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-04-01
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 19:48

[quote]بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى kroran2010 نىڭ 2011-05-22 18:32 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
مەدىيلەنمىگەن بۇ  ماقالە   ئامىركىغا بولغان خاتا چۇشەنچىمىزنى توغۇرلايدۇ،  بىز دائىم تەشۋىقات تۇپەيلى ئامىركىنىڭ پەقەت كەمچىلىكىنى بىلىمىز ، ئالاھىدىلىكىنى بىلمەيمىز .
----تۇغرا ئامرىكىنىڭ ئىلغار پەن تىخنىكىسى،،،ۋە مۇكەممەل قانۇن-تۇزۇم قۇرلىشىدىن ئۇگۇنۇشىمزىگە ئەرزىيدۇ،،،،!!!!!!!!!!!
دوستلىشىش
天山的野花
بىلمەسلىكتىن قورقىما،تىرىشماسلىقتىن قورق!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6963
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 255
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە255دانە
ئۆسۈش: 1000 %
مۇنبەر پۇلى: 3565 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-08
ئاخىرقى: 2012-05-08
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-23 08:49

ئاخىرنى ئۇقۇش بۈگۈن ئاران نىسىپ بۇلۇپتۇ،داۋامى بارمىدۇ يا تۈگىگەنمىدۇ ؟
مەسجىد ئەقسا,ئۇمۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنچى قىبلىسى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1240
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1240دانە
ئۆسۈش: 2750 %
مۇنبەر پۇلى: 14579 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-05-08
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-23 22:20

داۋامىغا تەشنامەن      
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7538
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 94
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە94دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 895 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-23
ئاخىرقى: 2011-09-05
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-24 00:31

جاپا تارتىپسىز، ھارمىغايسىز!
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1468
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1468دانە
ئۆسۈش: 1760 %
مۇنبەر پۇلى: 16624 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-05-09
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-24 08:57

ھەممىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم...
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
تۇپراقتەك كەمتەر بول ....--
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3034
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1797
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1797دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 9326 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-05-04
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-25 05:16

داۋامى بارمۇ يا  ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  
ئەللەر  ياخشى بىز  يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان ...