شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بەيما چىلىن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى19-ماي ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ھازىر شىزاڭ نوپۇسىنىڭ 90.2%ى زاڭزۇ ،شىزاڭ قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن شىزاڭ خەلقى ئورتاق بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ. 
    بەيما چىلىن يەنە مۇنداق دېدى: 6-قېتىملىق نوپۇسنى ئومومىيۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايانكى شىزاڭنىڭ ئومومىي نوپۇسى تەخمىنەن 3مىليونغا يەتتى ،بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى 8%نى ،باشقا مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 1%نى ئىگىلەيدۇ. 
    
  مەنبە: <ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى>8785-سان،2011-يىل21-ماي سانى