تۈنۈگۈن بۇ يازمىنىڭ ماۋزۇسىغا قاراپلا ئوقۇمىغان ئىكەنمەن. ياخشى يازمىكەنغۇ ئەسلى.يوللىغۇچىغا رەھمەت.
بۇرۇن سىياسەت،تارىخ دەرسلىرى ئارقىلىق سىتالىن بىلەن تونۇشقاندا ئۇنى راستىنلا بىر ئۇلۇغ داھى ئىكەن دەپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قىزغىن مۇھەببەت بىلەن باقاتتىم.ئامېرىكىدا نېگىرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي كەمسىتىش ۋە زۇلۇملارنى سىياسەت دەرسى ئارقىلىق بىلىپ،ئامېرىكىغا بولغان ئۆچمەنلىكىم نەقەدەر كۈچىيىپ كەتكەنىدى.
كېيىن تارىم ژورنىلىدىن ئوقۇدۇمغۇ دەيمەن،<<بېرىيانىڭ ھالاكىتى>>نى ئوقۇغاندىن كېيىن سىتالىننىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى بىلدىم.<<كاتىرىيىن ئورمانلىقىدىكى پاجىئە>> دېگەن كىنونى كۆرگەندىن كېيىن شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تارىخ ھەققىدە ئىزدەندىم ۋە ئاخىرى يۈزە بولسىمۇ تارىخ ھەققىدىكى تۇنجى تەتقىقاتىم(بۇ مېنىڭ تۇنجى ئىلمىي ئەمگىكىم بولغاچقا شۇنداق دەۋالدىم) <<پولشا ئۇرۇشىدىكى مەخپىي تارىخ>>نى يېزىپ چىقتىم.رۇس كوممۇنىستلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىم.
ئەمدى بۇ تېمىنى ئوقۇپ <<دۇنيانى قۇتقۇزغان رۇسلار>>يېرىدە <<پادىشاھنىڭ كىيىمىنى كىيىپ>> ياشاۋاتقانلار بارلىقىنى بىلدىم.بىزنىڭ بەزى مۇخبىرلىرىمىزنىڭمۇ شۇلار بىلەن ئوخشاشلىقلىرى باركەن.<<قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىنمۇ بىلىنەر>> دەيدىغان گەپ بارغۇ دەيمەن؟!