ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى
ئاۋلىكىم باقى
ئۇيغۇر تىلى_ ئالتاي تىل سېستىمىسى تۈرك تىل ئائىلىسى غەربى ھۇن تىل تارمىقى ئۇيغۇر- قارلۇق تىل گوروپپىسىغا مەنسۇپ بولۇپ، يۇرتىمىزدىكى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بۈگۈن قوللىنىۋاتقان تىلىدۇر. مىلادى 5- ئەسىرلەردە خاتىرلىنىشكە باشلىغان ئۇيغۇر تىلى ھۇن ئىمپىرىيىسى دەۋرىدىن باشلاپلا كۆك تۈرك، ئۇرخۇن، قاراخانىلار، ئېدىقۇت، كەڭسۇ دۆلەتلىرىدە دۆلەت تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلغان. قاراخانىلار دەۋرىدە خاقانىيە تىلى، سەئىدىيە دەۋرىدە چىغاتاي تىلى دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، پۈتۈن تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىنىڭ مۇكەممەل فۇنتىكا، گىرامماتىكا ۋە لىكسىكىلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئاساسەن ئەينەن ساقلاپ قالغان بولۇپ بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىلىنى شەكىللەندۈرگەن.
بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىلى قەشقەر، ئاقسۇ، قۇمۇل، تۇرپان، ئىلى ۋە ئۈرۈمچى شىۋىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركىزى دىئالېكىت ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى تەلەپپۇزى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ يىتەكچى تەلەپپۇزى ھىساپلىنىدۇ. ھازىر بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان "ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى" ، "ئۇيغۇر تىلى ئىزاھ لۇغىتى" نەشىر قىلىندى.
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا، ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا يەنە سانسىكرىت، توخرى، سوغدى، ئىفتالىت، ھىندى، مۇڭغۇل، ئەرەپ، پارىس قاتارلىق 17 خىل تىلنى ئىھتىياجىغا قاراپ ئىشلەتكەنلىكى تارىخى خاتىرلەردە قەيىت قىلىنغان. ئەمما ھىچ بىر دەۋىردە ئۆز تىلىنى ئۈزۈپ قويمىغان.
ئۇيغۇر يېزىقى_ ئارخىئولوگىيىلىك يازما ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا مىلادى 5- ئەسىردە ئىشلىتىلگەنلىكى خاتىرلەنگەن. ئەمما بەزى رىۋايەتلەرگە كۈرە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بۇرۇن ئىجات قىلىنغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. چۈنكى مىلادىدىن بۇرۇنقى 49- يىلى ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن دۇنيادا تۇنجى قېتىم (سەيلۇن بىگىم قەغىزىدىن 150 يىل بۇرۇن) ئىشلەنگەن لوپنۇر چىگە تالالىق ياپراق قەغەز ئەلۋەتتە يېزىقىمىزنى خاتىرلەش ئىھتىياجىدىن ئىشلەنگىنىنى ھۈكۈم قىلىش مۇمكىن.
ئۇيغۇرلار تارىختا كۆپ خىل تىل قوللانغىنىغا ئوخشاش، ئەرەم يېزىقى سېستىمىسى، بىراھمى يېزىقى سېستىمىسى ۋە خۇۋاشىيا يېزىقى سېستىمىسىغا مەنسۇپ بولغان 26 خىل يېزىق قوللانغان. بۇلار قوچۇ يېزىقى، خەن يېزىقى، غەربى شىيا يېزىقى، چوڭ يېزىق، كارۇشتى يېزىقى، ئەرەپ يېزىقى، فارىس يېزىقى، قاراخانىلار يېزىقى، چىغاتاي يېزىقى، سۈرىيە يېزىقى، مانى يېزىقى، سوغدى يېزىقى، ئورخۇن يېزىقى، قىتان يېزىقى، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى، مۇڭغۇل يېزىقى، مانجۇ يېزىقى، شىبە يېزىقى، بىراھمى يېزىقى، سانسىگرىت يېزىقى، توخرى يېزىقى (ئا)، توخرى يېزىقى(ب)، ساك يېزىقى، بىراھمىچە تۈرك يېزىقى، توبۇت يېزىقى، باسبا يېزىقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
1960- يىلدىن 1980- يىللارغىچە لاتىن ئالفابەسى قوللانغان ئۇيغۇرلار ئۇنىڭدىن بۇرۇن ۋە كېيىن ھازىرغىچە ئەرەپ ئالفابەسى شەكىلدىكى مۇكەممەل ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللانماقتا.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
"بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز" قۇربان ۋېلى، 1986- يىل ئۈرۈمچى نەشرى
"شىنجاندىكى مىللەتلەر تارىخى" ئەنىۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق.
1991- يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى