ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ فىلىمنى كەڭساي تورىدىكى پائالىيەتكە ئاتاپ تەرجىمە قىلدىم، قوبۇل قىلغايسىزلەر.
ئەسەرگە قويۇلغان تەلەپ:
1.چوقۇم تەرجىمە ئەسەر بولۇشى كېرەك. (شۇنداق، مەن تەرجىمە قىلدىم)
2.مەزمۇنى ساغلام،ئەھمىيەتلىك،ئىلغار ئىدىيىلىك ۋە يېڭىلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك. (ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىك مەزمۇن)
3.ئۇيغۇر تىلىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ راۋان تەرجىمە قىلىنغان،ئىملانىڭ توغرا بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن،تىنىش بەلگىلەر جايىدا ئىشلىتىلگەن بولۇشى كېرەك. (بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلدىم)
4.پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر بىردەك << كەڭساي مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى>> سەھىپىسىگە يوللىنىشى كېرەك. (تۇنجى قېتىم كەڭسايغا يوللىدىم. پائالىيەت ئاخىرلاشقانغا قەدەر كەڭسايدىن يۆتكىمەيمەن)
5.تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى،ئەسەر مەنبەسى(كىتاب نامى،نەشىر قىلىنغان يىلى،بەت سانى ياكى توردىكى ئۇلانما ئادرېسى...) ئېنىق ئەسكەرتىلىشى كېرەك. (فىلىمنى توردىن چۈشۈرۈپ 6 مىنۇتلۇق قىسمىنى كەستىم. مەنبە تۈركچە تور بەت)
6.مۇنبەردىكىلەرگە مەنپەئەت ئىلىپ كىلەلەيدۇ دەپ قارىغان، ھەرقانداق تىلدىن تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر پائالىيىتىمىزگە قاتنىشىش پۇرسىتىدىن بەھرىمان بولالايدۇ. (بۆرىلەر ۋادىسى قىلتاق 121-قىسىمدىكى قارا جەمىيەت كۈچلىرىنىڭ بۇ قىسقا سۆھبىتى ئارقىلىق، تەپرىقچىلىق، ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ زىيىنىنى تونۇپ يېتەلەيمىز دەپ ئويلىدىم. ئىچكى ئۇرۇش، جېدەل-ماجرانىڭ مىللەتنى خارابلاشتۇرىدىغانلىقىنى، دۈشمەنلەرنىڭ بىزنىڭ ئاجىزلىشىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكە سېلىش يۈزىسىدىن بۇنى تۈركچىدىن تەرجىمە قىلدىم.)
ھۆرمەت بىلەن: كەڭسايدىن دىلارا