بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى karluk نىڭ 2011-05-21 09:08 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
فىدىراتسىيە تۈزۈمى دىگىنىمىز ، ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق سىياسى گەۋدىنىڭ ( جومھۇرىيەت ، شىتات ياكى ئوبلاسىت ، ئاپتۇنۇمىيە رايۇن ) بىرلىشىشىدىن شەكىللەنگەن بىر خىل دۆلەت قۇرۇلما شەكلى ھىساپلىندۇ . فىدىراتسىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەت ھەرقايسى فىدىراتسىيە ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ ، ھەمدە ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار ئالدى بىلەن فىدىراتسىيىلىك دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ . فىدىراتسىيىگە ئەزا دۆلەتلەر فىدىراتسىيىلىك دۆلەت قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ، مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقتىن بەھىرلىندىغان سىياسىي گەۋدە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . ئۇلار فىدىراتسىيىگە كىرگەندىن كىيىن ، گەرچە پۈتۈنلەي مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقى بولمىسىمۇ ، لىكىن فىدىراتسىيە ئاساسىي قانۇن-پىرىنسىپلىرى دائىرىسى ئىچىدە ، فىدىراتسىيە ئەزالىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى يەنىلا ئاساسىي قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا فىدىراتسىيە ئەزالىرىنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرى بولىدۇ . فىدىراتسىيىلىك دۆلەتنىڭ '' ھۆكۈمەت شەكلى بولسا بىر خىل كىلىشىمدىن ئىبارەت . بۇ خىل كىلىشىمگە ئاساسەن ، بىر قانچە كىچىك فىدىراتسىيىلەر بىرلىشىپ ، بىر چوڭ دۆلەتنى قۇرۇپ چىقىدۇ . ھەم ئۇلار مۇشۇ چوڭ دۆلەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشقا قوشۇلىدۇ . ھازىر دۇنيادا فىدىراتسىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەردىن ، ئامىرىكا ، كانادا ، ئاۋىستىرالىيە ، گىرمانىيە ، ھىندىستان ، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى ، بىرازىلىيە ، ئەنگىلىيە ، مىكسىكا ....... قاتارلىقلار بار .