ئاللاھقا قەلىبدىن باغلىنىش ۋە گۇناھتىن ئېھتىيات بولۇش-زىناغا چاقىرغان ئايالدىن قۇتۇلغان يىگىت
بۇرۇنقى زاماندا يىڭنە،يىپ ساتقۇچى ناھايىتى پېقىر بىر زات ئىستىقامەت قىلار ئىدى. ئاللاھ بۇ پېقىر ۋە ناھايەتتە ئېتىقادلىق سەمىمى ۋە سادىق قۇلىنى ئېغىر بىر ئىمتاھاندىن ئۆتكۈزمەكچى بولدى. بۇ ئىمتاھاننى مالائىكىلەر ئۆتكەزدى.
يڭنە-يىپ ساتقۇچى پېقىر ئادەم، ھەر كۈنىدىكىدەك يىڭنە-يىپلىرىنى ئېلىپ، بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ ئۆيدىن چىقتى. ئۈچكۈندىن بېرى ئۆيگە بىرەر يىمەكلىك ئېلىپ كېلەلمىگەن ئۇ ئادەم: " يا راببى، بىر قىسمەت بەرگىنكى ھازىر ئۆيۈمدىن يىراققا كەتمەي، جېنىم بالىلىرىمغا بىر يېمەكلىك ئالاي" دەپ كوچىدا ئايلىنىپ يۈرگىنىدە بىر خوتۇننىڭ "يىڭنىچى" دەپ توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى. ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە قاراپ ئۈچۈنجى قەۋەتتە بىر خوتۇننى كۆردى.
ئۇ ئايال،-يىڭنە ساتقۇچى، بۇ ياققا كەل، بىر نەرسە ئالىمەن،-دېدى.
يىگىت سۆيۈنۈپ- سۆيۈنۈپ ئۆينىڭ ئۈچۈنجى قەۋىتىگە چىقتى. ئايال ئىشىكنى ئاچتى. ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ساتقۇچى ئولتۇرۇپ ھاردۇغىنى ئالا-ئالماستىن، ياغاچ قۇتىسىدىكى ماللارنى بىر-بىرلەپ ئېچىپ كۆرسەتتى. قۇتىسىدىن نەرسىلەر ئېلىپ كۆرسىتىپ، بۇ ئۈچ كۈندىن بېرى ئۆيگە يېگىدەك نەرسە ئېلىپ بارالمىغانلىقىنى، بالىلارنىڭ ئاچلىقىنى چۈشەندۈردى. ئەمدى ئۇلارغا يېمەكلىك ئېلىپ بارايلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ سۆيۈندى.
-خانىم، ماللىرىم بەك ياخشى، خالىغان نەرسىنى ئال، ئەرزان ساتىمەن،- دېدى.
ئۇ خوتۇننىڭ ھايا پەردىسى يىرتىلىپ بىھايالىق بىلەن:
-مەن سەندىن يىڭنە-يىپ سوراۋاتقىنىم يوق، مېنىڭ يىگىتىم بولىسەن،- دېدى.
-خانىم، يالۋۇرۇپ سورايمەن، بالىلىرىم ئۈچكۈندىن بېرى ئاچ، سەن ماڭا نېمىلەرنى دەپ يۈرىسەن؟ بىر لوقما تاماق گېلىدىن ئۆتمىدى، مەن ساڭا نېمىلەرنى دەۋاتىمەن؟ سەن ماڭا نېمىلەرنى دەپ يۈرىسەن؟
-مەن ساڭا خالىغىنىڭچە پۇل بېرىمەن،- دېدى ئايال،-مەن ساڭا بېرىدىغان پۇل، بىر ئاي ھەتتا ئالتە ئاي مېلىڭ بىلەن قىلغان سوداڭدىن كۆپ بولىدۇ. ساڭا ھازىر قولاي پۇرسەت كەلدى. بۇنىڭ قەدرىگە يەت،- دېدى خوتۇن.
-خانىم ئىلتىجا قىلىمەن، ماڭا رۇخسەت بەر، سەن ئېيتقان ئىشنى قىلىشنى خالىمايمەن،-دېدى يىگىت.
نەفىسنىڭ ئەسىرى، شەيتاننىڭ ئويۇنچىقى ۋە بارچە يامانلىقلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان بەدبەخت خوتۇن:
-بولمايدۇ. سېنى قويۇپ بەرمەيمەن، يا ئېيتقىنىمنى قىلىسەن، يا سېىنى جاھانغا رەسۋا قىلىمەن. دېرىزىدىن ۋارقىراپ، پۈتۈن مەھەللىنى بېشىمغا كېيىپ، ئادەملەرنى يىغىمەن ۋە سېنى پارە-پارە قىلدۇرىمەن. ئېيتقىنىمنى قىلساڭ ساڭا خالىغىنىڭچە پۇل، ھەتتا مال-مۈلك بېرىمەن. سەن بۇ يوقسۇللۇقتىن قۇتۇلىسەن، بالا-چاقىلىرىڭ بولسا ئاچلىقتىن ۋە ئاجىزلىقتىن قۇتۇلىدۇ. بولمىسا ھەممىڭلار پېقىرلىق ۋە ئاجىزلىقتىن قۇتۇلالمايسىلەر. ئەگەر بالىلىرىڭنى ياخشى كۆرسەڭ ئېيتقىنىمنى قىلىسەن،- دېدى.
بۇنداق ئەقىلگە سىغمايدىغان رەزىللىك توزىقىغا ئىلىنگەن يىگىت نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالدى. بۇ خۇنۇك ئىشنى، ئىپلاسلىقنى قىلسا بۈيۈك گۇناھ بولىدۇ. ئەگەر قىلمىسا ھەممىنىڭ ئالدىدا رەسۋاسىنى چىقىرىدۇ. بۇ ھاياسىز خوتۇننىڭ قولىدىن قۇتۇلۇش ئىمكانسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندى ۋە ئايالغا دېدى:
-خانىم، سەن سىرتقا چىقىپ تۇر، مەن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇۋالاي، كېيىن قانداق قارارغا كەلگەنلىكىمنى ساڭا ئېيتىمەن.
ئايال سىرتقا چىقتى. تاھارەتسىز بىر قەدەم قويمايدىغان، ئۆيىدىن چىققاندا تاھارەت ئېلىۋېلىپ ئىشقا بارىدىغان بۇ ھەقىقى مۇسۇلمان، ھەقىقى مۆئمىن، ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ، قوللىرىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ مۇنداق دېدى:
-يا راببى، مېنىڭ ھالىمنى مەندىن يۈز ھەسسە ياخشى بىلىسەن، مېنى بۇ مۇسىبەتتىن قۇتقاز. يا رەببى، پەقەت ئۈچ كۈنلۈك ئاچلىققا ئەمەس، پۈتۈن ھاياتىمدا ئاچ قېلىشىمنى بىلسەم ھەم، ھايۋانلار كەبى ئوت يەپ ياشىسام ھەم، بۇ ئىپلاس ئىشنى، زىنا قىلىشنى ئەسلا ئىستىمەيمەن. ئىمانىمغا، مۇسۇلمانلىقىمغا شەك كەلتۈرمەيمەن. ئۇ خوتۇننىڭ ماڭا بەرمەكچى بولغان پۇلى، مال دۇنياسىنىڭ مەن ئۈچۈن ھېچقانداق قىممىتى يوق. بۇنىڭدىن كۆرە مەن ئۈچۈن ئاچ يۈرۈش ئەڭ خەيىرلىك ئىشتۇر. سەن مېنىڭ خالىقىمسەن، رەببىم ئاللاھىمسەن. مېنىڭ بارچە ئىشلىرىم ساڭا مەلۇم. سەن ئۈچۈن سىرۇ ئەسرارىم يوق، بولمايدۇ ھەم،-دەپ ئاللاھقا يالۋۇردى. شۇ پەيت، ئۇنىڭ كاللىسىغا ئۆزىنى دەرىزىدىن تاشلاش پىكىرى كەلدى. ئايەتۇل كۇرسىنى ئوقۇشقا باشلىدى. پەرىشتىلەر ئاللاھ تائالاغا " يا رەببى، قۇلۇڭنىڭ ھالى ساڭا مەلۇم، ئۇ ئۆزىنى ئۈچۈنجى قەۋەتتىن ئاتقاندا، ئۇنى ساقلىغىن، بولمىسا ئۇ پارچە-پارچە بولۇپ كېتىدۇ" دەپ ئىلتىجا قىلدى. ۋە بۇ سەمىمى مۇسۇلماننىڭ سۆزلىرىنى بىر ئىبرەت سۈپىتىدە ئېتتى. يىگىت ئايەتۇل كۇرسىنى تۈگىتىپ، "يا ئاللاھ!" دەپ ئۆزىنى دېرىزىدىن تاشلىدى. دەل شۇ پەيت ئاللاھ تائالا جىبرىئىلگە بۇيرىدى. "قۇلۇم يەرگە چۈشمەستىن تېز يېتىپ بار، ۋە ئۇنى يەرگە ھېچ بىر زىيان يەتكۈزمەستىن يەرگە قوندۇر."
جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام چاقماق تېزلىكىدە ئۇ يىگىتكە يېتىشىپ، قۇچاقلاپ يەرگە چۈشۈردى. ئۇنىڭ ھېچ بىر يېرى زەخمىلەنمەي، ئالدىراپ ئۆز ئۆيىگە كەتتى. ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيىگە كىرىپ بالىلىرىنىڭ ئاچلىقتىن پەرياد قىلىۋاتقان ئازاپلىرىغا غەرىق بولدى. ۋە ئۆيىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا بېرىپ بېشىنى بۈركەپ يېتىۋالدى. بالىلىرى تاماق دەپ يەنە پەرياد كۆتۈرىشىتى. خوتۇنى "داداڭلار چارچاپ كەلدى، سىلەرگە تاماق تېپىپ كېلىمەن دەپ ئۇنىڭ يۈرەكلىرى ئېزىلىپ كەتتى" دەپ تەسەللى بېرىپ بالىلىرىنى جىم قىلدى. بالىلىرى دادىسىنى كۆرۈپ "دادام بىزگە تاماق ئېلىپ كەلدى" دەپ بوينىغا ئېسىلدى. دادىسى ئۇلارغا كۆز يېشىدىن باشقا نەرسە بېرەلمىدى.
شۇ پەيتتە ئىشىك ئېچىلدى ۋە قوشنىسى كېلىپ:
-جېنىم قوشنام، سىلەردىن ئازراق تاماق سوراپ كەلدىم، بالىلىرىم ئۈچۈن كۈندىن بېرى ئاچ. ئازغىنە تاماق بەرسىڭىز سىلەردىن مىننەتدار بولاتتىم،-دېدى.
-جېنىم قوشنام، بىزنىڭ بالىلار ھەم ئۈچ كۈندىن بېرى ئاچ، كۆرۈپ تۇرۇپسىزكى ئۇلار يىغلاپ ياتىدۇ، قازىنىمىز قورۇق، ئوچىقىمىزدا ئوت يوق،- دېدى بالىلارنىڭ ئاپىسى. ئەمما قوشنا خوتۇن بۇ گەپلەرگە ئىشەنمىدى ۋە:
-ئەيىپ سىلەرگە، مەھەللىمىزنىڭ ئەڭ توغرا، ئەڭ ئىنساپلىق، ئەڭ سەمىمى ئادەملىرى دەپ بىلەتتۇق سىلەرنى. دېمەك خاتالىشىپتىمىز،- دېدى. يىگىت ۋە خوتۇنى:
-ئەي قوشنام، كەچۈرۈڭ، بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ھەم سىلەرنىڭكىدەك،- دەپ چۈشەندۈردى.
قوشنا خوتۇن قايتىپ كېلىپ سۇپىنىڭ چېتىدىكى ئوچاقنى كۆرسىتىپ، "بۇ قازاندىكى تاماق ئەمەسمۇ؟" دېدى. قارىسا قازاندا ھەقىقەتەن تاماق پىشىپ تۇرۇپتۇ.پېقىر يىگىت ھەم بېرىپ قارىسا راستىنلا شۇنداق. قوشنا خوتۇنغا دەرھال تاماق بېرىشتى. بالىلار ھورى چىقىپ تۇرغان تاماق ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرۇشتى. ئۇلار " ياشىسۇن دادىمىز!" دەپ چىرقىرىشىپ دادىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلىشتى. كەمبەغەل يىگىت بولسا، ئىمتاھاندىن ئۆتكىنى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانالار ئېيتىپ، شۈكرانىلەر قىلدى.
ئىزاھات ۋە نەسىھەت: ئاللاھ ئۈچۈن گۇناھتىن قاچقان قۇلىغا ئاللاھ تائالا لۇتىف ئېتىدۇ ئەلۋەتتە. ئەگەر قۇل ئاللاھ تەرەپكە بىر غېرىچ يۈرسە، ئالللاھ قۇلى تەرەپكە بىر گەز يېقىنلايدۇ. يەنى قۇل ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قازانماق ئۈچۈن بىر قەدەم يېقىن كەلسە، ئۇ ئۆز قۇلىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئىستەكلىرىنى ئاشۇ ۋاقىتتا بېرىدۇ. ھەققانىيەت ۋە ھەقىقەت بۇ يولدا تەجەللى ئېتىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۆزەڭنى ئاللاھقا بېغىشلا !
ئەي مۇسۇلمان قېرىندىشىم، بۇ يازغانلىرىمىز، ئوقۇغانلىرىمىز، ئىمان ۋە ئېرپان پايدىسى ۋە ھەقىقەتنىڭ مېۋىسىدۇر. بۇلار پەقەت ۋە پەقەت شۇنداق ياشاش ئارقىلىقلا مۇمكىن بولىدۇ. بۇلارنىڭ لەززىتى، مەزىسى، تاتلىقى، زوقى ۋە ھوزۇرى شۇنداق پاك ياشاش بىلەن قولغا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزگە لۇتىف ئەيلىسۇن. ئامىن!