باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4085 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: ئازغۇن ھېسلار (رومان)
سەدىچىن سىپىلىنى سوققانلار، ھون بوۋامدىن قورۇقق ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7175
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 26
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
ئۆسۈش: 500 %
مۇنبەر پۇلى: 640 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-18
ئاخىرقى: 2011-05-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-18 14:35

ئازغۇن ھېسلار (رومان)

سەبىھە ئاتەش ئالپات
 
 
 
ئازغۇن ھېسلار
رومان
 
  
 
تەرجىمە قىلغۇچى: دىلدار
 
  
Avrasya Araştırma Eğitim ve Sosyal Hizmet Vakfı
Nuri paşa Mh 10. Sok No: 11 /1
Zeytinburnu/İstanbul-Türkiye
Tel: )0090212 (6642639
 
Mayıs 2009
 
Baskı-Cilt
Bayrak Matbaası
Davutpaşa cad. No:14/2
Topkapi-İstanbul
Tel:0(212)-493 11 06
Fax:0(212)-4931107
 
 
 
مۇئەللىپتىن
ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا چىن قەلبىمدىن ئاللاھنىڭ سالامى بىلەن سالام يوللايمەن:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!


سىلەرگە سالام يوللاش پۇرسىتى بەرگەن ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئېيتىش بىلەن بىرگە، بۇنىڭغا ۋەسىلە بولغان، كىتابنى تەرجىمە قىلغان ۋە نەشر قىلدۇرۇشقا ئەجىر سىڭدۈرگەن كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن.


قىممەتلىك ئوقۇرمەنلەر!


«ئوقۇ» ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا نازىل قىلغان تۇنجى پەرمانىدۇر. ئوقۇماق ــ بىر ئەسەرنى شۇنداقلا ئوقۇپ قويۇش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە ئەمەلىيەتكەتبىقلاش دېمەكتۇر. ھاياتنى توغرا تونۇشنىڭ بىردىنبىر يولى قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشتىن ئىبارەتتۇر. سىز ئوقۇغان ھەرقانداق بىر كىتاب ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىشىڭىزگە ۋەسىلە بولۇشى كېرەك. قولىڭىزدىكى كىتابىمنىڭ بۇ ھەقتە سىزگە پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە، ئاللاھتىن سىلەرگە سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن.


ھۆرمەت بىلەن: سەبىھە  
 
 

 


غەزەپتىن قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرۇپ كەتكەن ئارىف ئەپەندى ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇياقتىن - بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى، تاماكا تۇتقان قوللىرى ئاچچىقتىن تىترەيتتى. ئۇ دەردىنى ئايالى مەريەم خانىمدىن ئالماقچى بولغاندەك تۇيۇقسىزلا ۋارقىرىدى:
— ماڭا بىر چىنە سۇ بەر!


مەريەم خانىم دەرھال ئاشخانىغا ماڭدى. ئاشخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا قىزى ئايشەن شۈمشىيىپ ئولتۇراتتى. ئۇ قىزىغا دوق قىلىپ:


— داداڭ بىلىپ قالسا ئىشىڭ چاتاق دېسەم پەرۋا قىلمىغان ئىدىڭ، مانا دېگىنىمدەك بولدىمۇ؟


— نېمە بوپتۇ...


ئانا قىزىنىڭ سۆزىنى بۆلدى:


— بولدى، بولدى، داداڭ ئۈنۈڭنى ئاڭلىمىسۇن!


مەريەم سۇنى ئېرىگە سۇنۇۋېتىپ: 


— ئال بېگىم، ئۆتۈنۈپ قالاي، ئاچچىقىڭنى بېسىۋال، — دېدى.


— قىزىڭنىڭ قىلغان ئىشىنى كۆردۈڭمۇ، قانداقمۇ ئاچچىقلانماي تۇرالايمەن؟!


— قىزىمىز تېخى ياش، نادان، بەلكىم ياشلىق قىلغاندۇ، ئەمما ئۇ خەقنىڭ قىزلىرىدەك...


ئارىف ۋارقىرىدى:


— ئاغزىڭنى يۇم! ئۇنى ئاقلايمەن دېمە، قىزىڭغا دە، ئۇنداق ئادەملەرگە بېرىدىغان قىزىم يوق. مەن كۆيدۈم - پىشتىم دېگەنلەرنى بىلمەيمەن، ئۇقتۇڭمۇ؟ مەن تېخى خەقنىڭ قىزلىرىنى ئەيىبلەپ يۈرسەم، قىزىمنىڭ مەندىن يوشۇرۇنچە مۇھەببەتلىشىپ يۈرگىنىنى قارا!


— گۆدەكلىك قىلغاندۇ بېگىم.


— گۆدەكلىك؟ مەن ئۇنى نېمە ئۈمىدلەر بىلەن ئوقۇتتۇم، ھە؟ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئىشەنگەن ئىدىم، ئىسىت!قوشنىمىز نۇرىددىن ئەپەندى ماڭا: «قوشنام، قىزىڭغا ئىشەنسەڭمۇ ئەمما ئەتراپ يامان، قىزىڭ بۆرىلەرگە يەم بولۇپ كەتمىسۇن يەنە» دېسە پەرۋا قىلماپتىمەن، — دەپ ئۆزىنى ئەيىبلەشكە باشلىدى.


ئەسلىدە ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق ئىدى: بىر ئىش ئۈچۈن رايونلۇق ھۆكۈمەتكە ماڭغان ئارىف ئەپەندى باغچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قىزىنىڭ بىر يىگىت بىلەن قول تۇتۇشۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ بېشىدىن بىر چېلەك سۇ قۇيۇۋەتكەندەك شۈركىنىپ كەتتى. ئېنىقكى، قىزى مەكتەپكە بارمىغانىدى. دادىسىنىڭ خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا يېنىدا پەيدا بولغانلىقىنى كۆرگەن ئايشەن ھودۇققىنىدىن نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالدى. ئارىف ئەپەندى شۇ يەردىلا قىزىنى بىر كاچات سالدى ۋە ئۇدۇل ئۆيگە ياندۇرۇپ كەلدى.


بۇ ۋەقە مەريەم خانىمنى تولىمۇ ئەندىشىگە سالدى، چۈنكى ئېرى بۇ سەۋەپتىن ئايشەننى مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئۇ قىزىنىڭ ئوقۇپ بىلىملىك ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ھەممىدىن مۇھىمى قىزى چوقۇم مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، دىپلومىنى ئېلىشى كېرەك ئىدى.


بۇ چاغدا ئاچچىقى خېلىلا يېنىپ قالغان ئارىف، ئايالىغا:


— توغرا، بىز بىر يەردە خاتالىشىپتىمىز، ئەمما قەيەردە؟ ھەممە گۇناھ مەندە. شۇڭا بۇ ئىشنى ھەل قىلىش يەنە ماڭا قالغان ئوخشايدۇ، مېنىڭچە قىزىمىز ئالدى بىلەن ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈۋالسۇن، ئوقۇغان ئادەم يەردە قالمايدۇ. مەن ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئېرىنىڭ قولىغا قاراپ قېلىشىنى خالىمايمەن.


باياتىن بېرى بىر بۇلۇڭدا ئۈن - تىنسىز تەسۋى سېرىپ ئولتۇرغان ئارىفنىڭ ئانىسى جەمىلە موماي گەپكە ئارىلاشتى:


— ئوغلۇم، مەن ساڭا شۇنچە دېدىم بولمىسا. قارىغىنە، مۇشۇ كۈنلەردە خوتۇنلار كوچا - كويلاردا ئەركىن - ئازادە يۈرۈشكە باشلىۋېدى، ۋاقتىنى قەھۋەخانىلاردا ئۆتكۈزىدىغان ئەرلەر تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتتى. ئىشلەيمەن دەپ خەقنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ يۈرگەن خوتۇن - قىزلار، ئۆزىنىڭ ئەرلىرىنى، دادىلىرىنى كۈتۈشتىن باش تارتىدىغان بولۇۋالدى، بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ئەنە شۇ.    


ئوغلى قوپاللىق بىلەن:


— كوتۇلدىمىغىنە ئاپا، — دەپ ئانىسىنى جىمىلىدى.


— مەنمۇ سىلەرنى يامان بولسۇن دەمدىم؟ كۆيۈنگەنلىكىمدىن بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتىمەن، - دەپ جاۋاپ بەردى ئانىسى.


— بىلىمەن ئاپا، بىلىمەن، كەچۈرگىن، شۇ تاپتا كەيپىياتىم پەقەت ياخشى ئەمەس، — دېدى ئارىف.


— ئوغلۇم، مەنغۇ تازا بىلىپ كەتمەيمەن، شۇنداقتىمۇ مەنچە...


ئۇ تېخى گېپىنى تۈگەتمەي تۇرۇپلا، مەريەم خانىم قېينىئانىسىنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى:


— مەنچە نېمە؟ ئاپا، سىزمۇ پۇرسەت تاپسىڭىزلا ئارىغا كىرىدىكەنسىز.


موماي جىمىپ قالدى. بۇنى كۆرگەن ئارىف خوتۇنىغا:


— ئاۋۋال گېپىنى بىر ئاڭلاپ باقمامسەن، — دېدى ۋە ئانىسىغا قاراپ:


— قېنى سۆزلە ئاپا، قۇلىقىم سەندە، - دېۋىدى، جەمىلە موماي باشقىدىن جانلىنىپ:


— ئوغلۇم، بايىقى نىيىتىڭدىن يانغىن، ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىۋېتەيلى، — دېدى.


ئاشخانىدا مومىسىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇرغان ئايشەن ئۆز - ئۆزىگە:


— گرانىت كاللا. يەنە ئالجىغىلى تۇردى، - دەپ غودۇڭشىدى.


دەل شۇ چاغدا يەنە مەريەمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇ سىپايىلىق بىلەن:


— ئۇنداق دېمە ئاپا. قىزىم ئوقۇپ ئۆز جېنىنى جان ئېتەلەيدىغان بولسۇن، كېيىنچە خەققە موھتاج بولۇپ قالمىسۇن، — دېدى.


— ئوقۇشنىغۇ ئوقۇسۇن، ئەمما بۇنىڭ بىلەنلا ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىغا بىر نېمە دېمەك تەس. بۇرۇن مەدرىسلەردە ھەم ئىلىم ھەم ئەخلاق ئۆگىتەتتى. لېكىن ھازىرقى بالىلار مەكتەپتە ئوقۇغانسېرى بۇزۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ.قارا، ئاۋۇ ئوغلۇڭ يۇنۇسنىڭ ئەھۋالىمۇ ئايشەندىن قېلىشمايدۇ. بۇ بالىلار ئوقۇپ دىپلوم ئالسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئادەم بولماق، - دېدى جەمىلە موماي.


مەريەم قايىل بولماي:


— ئادەم بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى سىز نەدىن بىلىسىز؟ - دەپ سورىدى.


— نەدىن بىلىسەن دېگەن قانداق گەپ؟ ئوپئوچۇق تۇرمامدۇ، بالىلارنىڭ قەلبىگە ئاللاھ سۆيگۈسىنى سىڭدۈرمىگەن بۇنداق مائارىپ قانداق ئادەم يېتىشتۈرمەكچىدى؟ دىپلومىنى كۆتۈرۈۋېلىپ خەلقنى قاقتى - سوقتى قىلىپ يۈرگەن ئادەملەر ئازمۇ؟ - دېدى.


— ئانام توغرا دەيدۇ، - دېدى ئارىف.


ئايشەن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغانسېرى ئەندىشىگە چۈشتى، بۇندىن كېيىن مەكتەپكە بارالماسلىق قورقۇنچى قەلبىنى چىرمىۋالدى.  


مەريەم خانىم:


— سەن ئاپامنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالما بېگىم، ئۇنداقمۇ بولۇپ كەتمەس. تەربىيە بېرىپ، بۇندىن كېيىن قاتتىق تۇتىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ قويايلى.


جەمىلە موماي بۇلارنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى پەقەت چۈشىنەلمىدى. سۆزلىرىنىڭ قىلچە تەسىر قىلمىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنە ئاخىرقى قېتىم نەسىھەت قىلىپ باقماقچى بولدى:


— ئاھ ، قىزىم، ئاھ! بىزگە زادى نېمە بولدى؟ بىلمىدىم، ھېچ بىلمىدىم. ھەممە نەرسىمىزنى يوقاتتۇق، قېنى بىزدىكى ئېتىقاد؟ قېنى بىزدىكى ئىپپەت، ئار - نومۇس تۇيغۇسى؟ بۇرۇنلاردا بۇنداق ئەدەپسىزلىكلەر ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا بىرەرسى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان خوتۇن ياكى قىزىمىزغا قىيا بېقىپ قويسىمۇ، بۇنى ئىپپىتىمىزگە قىلىنغان ھاقارەت دەپ بىلەتتۇق. ئەمدىچۇ؟ بىزنىڭ ئەقلىمىز نەگە كەتتى؟


ئاڭلاۋېرىشكە تاقىتى قالمىغان مەريەم خانىم زەردە بىلەن:


— ھە، ئەمدى بىز نومۇسسىز بولۇپ قالدۇقمۇ؟! — دېدى.


ئايشەن بولسا ئاشخانىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىچە مومىسىنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىۋاتاتتى:


— ئالجىغان قېرى، ئۆزۈڭنى كىم چاغلاپ قالدىڭ؟ بۇ سۆزلىرىڭ بىلەن دادامنى قايمۇقتۇرۇپ باق قېنى، كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىمەن!


شۇ ئەسنادا يەنە مومىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:


— توۋا دە قىزىم، سىلەرنى نومۇسسىز دېسەم ئۆزۈمنى ھاقارەتلىگەن بولمامدىم؟ مەن سىلەردىن ئەمەس، بۇلغانغان ئېتىقادتىن ئاغرىنىۋاتىمەن. بىز بولساقمۇ بۇ پاتقاققا چۈشمەيلى دەۋاتىمەن. رەھمەتلىك قېينىئاتاڭ ھەردائىم: «خانىم، بۇ ئىشلار ھەرگىز ياخشىلىقتىن بىشارەت بەرمەيدۇ. قارىغىنە، چەكلەنمىگەن نەرسە قالمىدى، بۇنداق كېتىۋەرسە بارا - بارا بۇ مىللەتنىڭ سەزگۈلىرى ئۆلۈپ، بىخۇتلىشىپ كېتەرمىكىن دەپ قورقىمەن»، دەيتتى، مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى كېلىۋاتىدۇ، — ئۇ بىردەم توختىۋېلىپ سۆزىنى داۋام قىلدى:


— نېمىلا قىلسا ئۈنىمىزنى چىقارمىدۇق، ھەمىشە بېشىمىزنى ئىچىگە تىقىپ، قورقۇپلا يۈردۇق. مەردانىلىك بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چۈشىدىغان بىرسى چىقمىدى.


ئارىف ئانىسىنىڭ سۆزىنى بۆلدى:


— ئاپا، سەن مۇشۇ تۈزۈملەر بىلەن چىقىشالمايلا ئۆتۈپ كەتتىڭ. نېمە بوپتۇ؟ ئەنە، مەسجىدمۇ، چېركاۋمۇ تۇرۇپتۇغۇ، خەق خالىسا مەسجىدكە كىرىدۇ، خالىسا چېركاۋغا. سەن بولساڭ ئەتىدىن كەچكىچە دۆلەتتىن ئاغرىنىپلا يۈرىسەن.


— ئاھ ، ئوغلۇم! راست دەيسەن، راستىنلا ھېچ ئىش بولغىنى يوق، ھەممە ئىش ئۆز يولىدا، گۈلدەك كېتىپ بارىدۇ. قىمارخانىلار، پاھىشىخانىلار ئېچىلمايۋاتىدۇ، قىزلىرىمىز، ئوغۇللىرىمىز ئازمايۋاتىدۇ، شۇنداقمۇ؟ ئۆز ۋەتىنىمىزدە ھېچبىر قىزىمىز ياغلىق چىگكەن گۇناھى ئۈچۈن ئوقۇشتىن  قالمايۋاتىدۇ، چەتكە قېقىلمايۋاتىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىگە شەرتسىز ئەمەل قىلىنىۋاتىدۇ، شۇنداقمۇ؟ — دېدى موماي.


مەريەم تاقەت قىلالماي، ئۇنىڭ سۆزىنىڭ بېلىگە تەپتى:


— ھەم قىزلار ئوقۇمىسۇن دەيسىز ھەم مەكتەپكە كىرەلمىگەن قىزلارنى ئاقلايسىز. سىزنىڭ قەستىڭىز مېنىڭ قىزىمدىمۇ؟


موماي:


— ياق بالام. مېنى نېمانداق چۈشەنمەيدىغانسەن، مەن قىزلار ئوقۇمىسۇن دېدىممۇ؟ ياخشى شارائىتى بولسا نېمىشقا ئوقۇمىسۇن؟ بىر ئىنساننىڭ، ئەڭ مۇھىمى بىر مۇسۇلماننىڭ مەقسىتى، ھەر ئىشتا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەش ئەمەسمۇ؟ ئەمما سىلەر پۈتۈنلەي باشقا نىيەتتە، «قىزىم ئوقۇپ دىپلوم ئېلىۋالسىلا بولدى» دەۋاتىسىلەر، — دەپ جاۋاپ بەردى.


ئارىف ئەپەندى تېرىكىپ:


— بولدى بەس، - دېدى ۋە داۋام قىلدى:


— بۇلارنى قويۇپ تۇرۇپ، ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەكلىكىگە كېلەيلى. قىزىمىزنىڭ ئىستىقبالى بىلەن ئويناشمايلى، بۇ دەۋردە ئوقۇمىسا بولمايدۇ، — ئارقىدىنلا ئايالىغا:


— خانىم، ئاۋۇ قىزىڭغا ئېيتىپ قوي! بۇندىن كېيىن پېيىگە چۈشكىنىم چۈشكەن. كىچىككىنە بىر خاتالىقىنى تۇتۇۋالسام، ئۇنى بوش قويۇۋەتمەيمەن.


ئاشخانىدا قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ، دادىسىنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاپ ئولتۇرغان ئايشەن توۋلىۋەتكىلى تاس قالدى.ئەمدى تېخىمۇ ئېھتىيات قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئەمدى ئۇ سۆيگىنى بىلەن قانداق كۆرۈشەر؟ ھەرقانچە پىنھان جايدا ئۇچراشقان بىلەنمۇ يەنىلا دادىسىنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.ئايشەن كۆڭلىدە دادىسىدىن ئاغرىندى، چۈنكى ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا ئاكىسى بولغان بولسا، دادىسى جەزمەن: «ئوغۇل بالا بولغاندىن كېيىن بوپتۇ، ھېچقىسى يوق» دېگەن بولاتتى. ئايشەن بۇ تەڭسىزلىككە غەزەپلىنەتتى.


جەمىلە موماي يەنە دەردىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولدى. بالىلىرىنىڭ ئاللاھتىن بۇ قەدەر يىراقلىشىپ كېتىشى ئۇنى تولىمۇ ئازاپلايتتى، كېچە - كۈندۈز بالىلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب تىلەپ دۇئا قىلاتتى ۋە دۇئالىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئىجابەت بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.


بۇ ۋەقە بولۇپ ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتتى. بىر كۈنى ئارىف ئەپەندى كەچتە ئۆيگە كېلىپ ئوغلى يۇنۇسنىڭ تېخى قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى كۆردى. كەچلىك تاماقتىن كېيىن چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ ئايالىغا:


— خانىم، بۈگۈن بىزنىڭ ئوغۇلنى بىر قىز بىلەن كۆردۈم. قارىسام بىر - بىرسىگە تازا ماس كەپتۇ جۇمۇ! — دېدى زوق بىلەن.


— نېمە دېگىنىڭ ئۇ بېگىم، خۇدا ساقلىسۇن ئۇنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش بىرىنى تېپىشىدىن، — دېدى مەريەم.


— ھېچقىسى يوق، ئۇ دېگەن ئەر كىشى، - پەرۋاسىز جاۋاپ بەردى ئارىف.


— ئۇنداق دېمە، بەختسىزلىكنىڭ ئەركەك - چىشىسى بولمايدۇ، - دېدى مەريەم.


جەمىلە موماي:


— ئوغلۇم، ئەركەكنىڭ ئىپپىتى يوقمۇ؟ ئىپپەت دېگەن سۆز يالغۇز ئاياللارغىلا قارىتىلغانمۇ؟ ئايشەننى توسىسىلەر، يۇنۇسقا كەلگەندە ئاپىرىن دەيسىلەر. بۇ قانداق گەپ بولۇپ كەتتى ئەمدى؟


ئايشەن ئاشخانىدىن تىۋىشسىز چىقىپ كەلدى ۋە ئاستاغىنە ئىشىكنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ گەپ تىڭشاشقا باشلىدى. ئىچىدە بولسا تۇنجى قېتىم مومىسىغا: «يارايسەن موما، داۋام قىل» دەۋاتاتتى.


— نېمە بولاتتى، — دېگەچ داۋام قىلدى ئارىف:


— ئەركىشى دېگەن شۇ، يارىمىسا تاشلايدۇ.


جەمىلە موماينىڭ ئاچچىقى كەلدى:


— ئىسىت ساڭا ئارىف ئىسمىنى قويغىنىم، پەقەت ئىسمىڭغا لايىق ئاقىللارچە پىكىر قىلمايدىكەنسەن. سەن تېخى نېمە بولىدىغىنىنى بىلمەمسەن؟ نېمە بولاتتى، ئاللاھتىن يىراقلىشىدۇ، پەيغەمبەردىن يىراقلىشىدۇ! بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئاقىۋەت بولامدۇ؟ 


— شۇنى ئۇنتۇپ قالما ئانا، بۇلار تېخى ياش. كېيىنچە ئىبادىتىنىمۇ، توۋىسىنىمۇ قىلىۋالىدۇ.


— پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى ئەلىنى: «دىققەت قىل! نامەھرەمگە ئىككىنچى قېتىم باقساڭ، جاۋابكارلىققا تارتىلىسەن»دەپ ئاگاھلاندۇرغان ۋاقتىدا، ئەلى تېخى ياش ئىدى. ياشلىق ئاللاھ تەرىپىدىن بىزگە ئاتا قىلىنغان بىر نېمەتتۇر، ئۇنى خالىغانچە ئىسراپ قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. سەن دەپ باققىنە، سەن بىر ئۆينىڭ تۈۋرۈكى بولۇش سالاھىيىتىڭ بىلەن بالا - چاقاڭغا قاچان ئىگە بولىسەن؟


— چېچىلما ئانا، ئۇلارغا ھېچنېمە بولمايدۇ.


— ئوغلۇم، بۇ بىغەملىكىڭگە ھەقىقەتەن ھەيران قېلىۋاتىمەن.


ئارىف ئانىسىنىڭ مۈرىسىگە قولىنى قويدى ۋە:


— ئۇنچىۋالا قىلىپ كەتمە ئانا، ھازىر دەۋر ئۆزگەردى، زامانغا ماسلاشماي بولمايدۇ، — دېدى.


بۇ گەپنى پۇرسەت بىلگەن مەريەم دەرھال ئېرىگە:


— بېگىم، يېڭى يىل كېلىپ قالدى، ئۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان كېچىلىككە ئايشەننىڭ ھەممە دوستلىرى بارماقچىكەن. شۇڭا ئۇنىڭغىمۇ ياخشىراق بىر قۇر كىيىم ئالايلىمىكىن دېۋىدىم، تەڭتۇشلىرىنىڭ ئالدىدا بوينىنى قىسىپ قالمىسۇن دەيمىنا، - دېدى.


— نەدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن؟ — دەپ سورىدى ئارىف.


— رايوننىڭ توي سالونىدا، — جاۋاپ بەردى مەريەم.


— كىيىمنى ئەلۋەتتە ئالىمىز، ئەمما بىر شەرتىم بار، سەن ئۇ كۈنى قىزىڭ بىلەن بىللە بارىسەن.


— بولماسمىكىن بېگىم، ھېچكىمنىڭ ئاتا - ئانىسى بارمايدۇ ئۇ يەرگە، - دەرھال قارشى چىقتى مەريەم.


— ئۇنداق بولسا ئاكىسى بىلەن بارسۇن، — دېدى ئارىف.


— بولىدۇ. ئەمىسە سەن پۇل قويۇپ قويغىن، ئەتە كىيىم ئالغىلى چىقىمىز.


جەمىلە موماي يەنە سەبىر قىلالمىدى، ئىچىدە: «باياتىن بېرى شۇنچە گەپ قىلىۋەتسەممۇ يەنە ئۆزلىرىنىڭ بىلگىنىنى قىلىۋاتىدۇ. ئاللاھنىڭ: ‹ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بار، ئەمما ئۇلار گاستۇر؛ كۆزلىرى بار، لېكىن ئۇلار ئەمادۇر» دېگىنى بەلكىم مۇشۇ بولسا كېرەك» دەپ ئويلىدى ۋە ئوغلىنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ سورىدى:


— توۋا قىلدىم، بىر مۇشۇ قالغان ئىدى. بۇ قىلىۋاتقانلىرىڭلار سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارغا توغرا كېلەمدۇ زادى؟


ئارىف جاۋاپ بەرمەي چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ پەندى - نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىغۇسى كەلمىگەنىدى.


مەريەم قېينىئانىسىنى سىلكىدى:


ـ سەن ئولتۇرۇشۇڭنى بىلگىنە، نېمە دەپ ھەممە ئىشىمىزغا چات كېرىۋالىسەن؟


— بالام، قىلىۋاتقان ئىشىڭلار خاتا. بالىلىرىڭلارنى قاراپ تۇرۇپ ئوتقا ئىتتىرىۋاتىسىلەر، — دېدى جەمىلە ئانا.


— نېمىنى خاتا قىپتۇق؟ دۇنياغا ئىككى قېتىم كېلەمتى؟ — دېدى مەريەم.


— دۇرۇست، ئەگەر دۇنياغا يەنە بىر قېتىم كېلىش پۇرسىتى بولغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ ئاللاھنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايتتى.


— ھېچنېمە بولمايدۇ، ئاللاھ كەچۈرۈۋېتىدۇ. سەنچە بولغاندا كېچىلىككە بارماي دوستلىرىنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالسۇنمۇ؟


— ئاللاھ كەچۈرۈۋېتىدۇ دەيدىغانغا نېمە ئاساسىڭ بار؟ ئەگەر كەچۈرمىسىچۇ؟ ئۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالسا مەيلىمۇ؟


مەريەم جەمىلە ئانىنىڭ سۆزىنى قېتىغىمۇ ئېلىپ قويماي، يەنە ئۆز گېپىنى يورغىلاتقىلى تۇردى:


— ئاپا، سەنمۇ ھە دېسىلا ئارىفنىڭ قۇلاق مېڭىسىنى يېمە، مېنىڭ ئاچچىقىم كېلىدۇ.


— قىزىم، ئۇلار مېنىڭ نەۋرىلىرىم. ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتقانلىقىمدىن سۆزلەيمەن شۇ، — دەپ ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇندى جەمىلە ئانا.


— سەن ئالدى بىلەن ئۆزەڭگە ئىچ ئاغرىتىۋال، — مەريەم شۇنداق دەپلا موماينىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويدى.


جەمىلە ئانا ئاغزىنى يۇمۇشقا مەجبۇر بولدى، بۇرۇن ھېچكىم ئۆزىدىن چوڭلارغا بۇنداق تەلەپپۇزدا گەپ قىلمايتتى، ھەر دائىم ئەدەپلىك، ھايالىق بولۇشقا تىرىشاتتى. شۇ كىشىلەرنىڭمۇ ھېچقايسىسى ئۇنىۋېرستىتنى پۈتتۈرمىگەن. ھازىرقىلار بولسا ئوقۇغانسېرى بەتتەرلىشىپ كېتىپ بارىدۇ، ئەسلىدە ئوقۇغان كىشى دېگەن تېخىمۇ مەدەنىيەتلىك بولسا توغرا بولاتتى. بۇلار مەكتەپتە نېمە ئۆگىنىۋاتىدىكىن - تاڭ؟! ئۇ شۇ خىياللارنى قىلغاچ، ئاستا قوپۇپ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. جەمىلە ئانا دەردىنى، ئىستەكلىرىنى يەنىلا ھەممىگە قادىر ئىگىسىگە ئېيتاتتى.


ئۇ ھەممىدىن مېھرىبان ئىدى؛ ھىدايەت قىلغۇچى، توۋا قىلغۇچىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگۈچى ئىدى؛ ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ يېگانە ئىلاھى ئىدى.



*  *  *  *  *
داۋامى بار...........
سەن ئەتتىگەندە كەچنىڭ، كەچتە ئەتىنىڭ غىمىنى يىمە!
ئەتە نىمە بولىشىڭنى بىلمەيسەن.
سەن ئۆتكەن كۈننىڭ غىمىنى يە!
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 820
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە820دانە
ئۆسۈش: 1923 %
مۇنبەر پۇلى: 9561 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-05-01

بۇ تېما يوللانغىلى ئالتە سائەت بوپتۇ.  تېخىچە بىرمۇ ئادەم ئىنكاس يازماپتۇغۇ!
مەن بۇ روماننى تولۇق ئوقۇپ چىققان.  ئىنتايىن ئېسىل رومان بۇ.  بەزىدە بۇنى  بەك قىزىقىپ ئوقۇپ كېتىپ ناماز ۋاقتىنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قالغان.  بۇنى ئوقۇمىغانلار چوقۇم ئوقۇپ قويۇڭلار!
باشقۇرغۇچىلار: بۇ تېمىنى نادىرلاپ قويساڭلار، ھىچبولمىسا تەۋسىيەلەپ قويساڭلار بوپتىكەن.
تەپەككۇر _ ئېسىل نېئمەتتۇر!
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1369
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1369دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 15530 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-18 23:13

ئىسلام غىرىپ بوپ باشلانغان غىرىپلىققا قايتىدۇ ، غىرىپلارغا خۇش مۇبارەك بولسۇن ، دىگەن مەزمۇندىكى ھەدىسنى چىن مەنىسى بىلەن چۇشەنگۇدەك كىشى بۇ روماننى ئوقىسا ،، بۇ روماندىكى جەمىلە موماي ئەنە شۇ باللىرى نەۋرىلىرى ئالدىدا غىرىپتۇر ،، چۇنكى ئۇ موماي بالىلىرىنىڭ يىقىن قىيامەت مەيدانىدا ھىساب بىرەلمەستىن دوزاخقا ئوتون بوپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ ئاخىرەت ھەققىدە گەپ قىلىدۇ ،، ئەمما ئۇنىڭ شۇنچە بۇ پەرزەنتلىرىم دوزاخقا ئوتون بوپ كەتمىسۇن دەپ كۇيۇنىشلىرى بالىلىرى ئالدىدا ئالجىغانلىق جۇيلىگەنلىك بوپ ھىسابلىنىدۇ ،،، مانا شۇ موماي شۇلار ئالدىدا غىرىپ ،،،
ئاخىرىغا تەشنامەن ،،
سەدىچىن سىپىلىنى سوققانلار، ھون بوۋامدىن قورۇقق ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7175
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 26
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
ئۆسۈش: 500 %
مۇنبەر پۇلى: 640 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-18
ئاخىرقى: 2011-05-27
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-19 07:58

داۋامى...

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن...
مەريەم خانىم ۋە قىزى ئايشەن دۇكانمۇ دۇكان باش تىقىپ يېڭى يىللىق كىيىم تاللاۋاتاتتى. ئايشەننىڭ  تاللىغىنى ئاپىسىغا يارىمايتتى، ئاپىسى ياقتۇرغاننى بولسا ئايشەن ياراتمايتتى. ئايشەن، «دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا كۈلكىگە قالىمەن» دەپ ئاپىسى تاللاپ بەرگەن ھەممە يېرىنى چۈمكەيدىغان كىيىملەرنى ئېلىشنى خالىمىغانسېرى، مەريەم خانىمنىڭ جاھىللىق بىلەن ئايشەن ياخشى كۆرىدىغان ئوچۇق، مودا كىيىملەرگە قارشى چىقىشى ئۇنى تېرىكتۈرۈپ، ئۆلتۈرەي دەۋاتاتتى.
ئۇلار شۇنداق تالاش - تارتىش قىلىپ يۈرۈپ، يەنە بىر دۇكانغا كىردى. دۇكاننىڭ ئاياللار كىيىملىرىنى ساتىدىغان تەرىپىدە خېرىدارلار تولۇپ كەتكەنىدى، ھېرىپ ھالى قالمىغان مەريەم خانىم بىر بوش يەر تېپىپ ئولتۇرۇۋېلىشقا ئالدىرىدى. بۇ چاغدا دۇكاننىڭ مال ساتقۇچىسى يېتىپ كېلىپ :
— سىلەرگە قانداق ياردىمىم كېرەك؟ — دەپ سورىدى.
— يېڭى يىل كېچىلىكىدە كىيىدىغان كىيىم لازىم ئىدى، — دەپ جاۋاپ بەردى ئايشەن.
مال ساتقۇچى: «بولىدۇ» دېدى - دە، بىر نەچچە قۇر كىيىمنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، قىسقا يوپكىلارنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى...
بۇنى كۆرگەن مەريەم خانىم دەرھال:
— بولمايدۇ، بۇلار بەك قىسقىكەن. داداڭ كۆرسە ئاچچىقى كېلىدۇ، — دېدى.
مال ساتقۇچى ئۇنىڭ گېپىگە قارشى چىقتى:
— بۇنىڭ نەرى قىسقا؟ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خىلىدىن ئېلىۋاتىدۇ. كىيگەن چاغدا دادىسىغا كۆرسەتمىسىلا بولدىغۇ!
بۇ سۆزلەر بىر چەتتە كىيىم تاللاۋاتقان ياش قىزنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە يېنىدىكى دوستى ئەسلەمگە:
— ئەسلەم، سەن تاللىغاچ تۇر، مەن ئاۋۇ تەرەپكە بېرىپ كېلەي، — دېدى - دە، ئايشەنلەر تۇرغان تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئەسلەم بولسا ئۆز ئۆزىگە:
— ھەلىمە يەنە ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىدى، - دەپ پىچىرلاپ قويدى.
ھەلىمە مال ساتقۇچىنىڭ قولىدىكى ئۇزۇنلۇقى 40 سانتىمېتىرمۇ كەلمەيدىغان يوپكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
— مۇشۇنى قىسقا ئەمەس دەۋاتامسىز؟ — دەپ سورىدى.
مال ساتقۇچى:
— نېمە، ئۇزۇنمىكەن؟ — دېدى ھەيرانلىق بىلەن.
ھەلىمە جاۋاپ بەرمەي، مەريەم خانىمغا بۇرۇلدى ۋە:
— كەچۈرۈڭ ھەدە، مەنچە سىز قىزىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ ئوتقا ئىتتىرىۋاتىسىز، — دېدى.
ئايشەن بۇ گەپكە چىداپ تۇرالماي دەرھال جاۋاپ بەردى:
— ھەركىم ئۆزىنى بىلىۋالسۇن، ھەركىمنىڭ ئۆز گۇناھى ئۆزىگە.
— ئۇغۇ شۇنداق سىڭلىم، لېكىن بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا دېگەن گەپ بار، — دېدى ھەلىمە.
ئايشەن ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ :
— كارىڭىز نېمە؟ — دېدى.
— مۇسۇلمان ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگەچكە بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتىمەن. مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماننى ئاگاھلاندۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار، — دېدى ھەلىمە.
مال ساتقۇچى قىز ئارىغا كىردى:
— بۇ يەر سىزنىڭ ئەكسىيەتچى كۆز قاراشلىرىڭىزنى تەرغىپ قىلىدىغان يېرىڭىز ئەمەس.
— بۇ نېمە دېگنىڭىز؟ — دەپ سورىدى ھەلىمە.
— نېمە بولاتتى، شۇ تاپتا قالاقلىقنى تەشۋىق قىلىۋاتىسىز، — دەپ جاۋاپ بەردى مال ساتقۇچى.
— قالاقلىقتىن خۇدايىم ساقلىسۇن، مۇسۇلمان قالاق بولمايدۇ، شۇڭا بۇ گېپىڭىزنى ئۆزۈمگە ئالمايمەن. مەن پەقەت ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتىم خالاس، — دېدى ھەلىمە.
ئايشەن:
— كارىڭىز بولمىسۇن دېدۇققۇ، — دېدى.
— قېرىندىشىم، جېنىم سىڭلىم! مېنىڭ قانداقمۇ كارىم بولمىسۇن؟ كىممۇ سەندەك بىر گۈزەل قىزنىڭ ئاللاھ رازىلىقىغا ئېرىشەلمەسلىكىگە قاراپ تۇرالايدۇ؟
— خۇددى مېنى تونۇيدىغاندەكلا گەپ قىلىسىزغۇ؟ — زاڭلىق قىلغاندەك سورىدى ئايشەن.
— سىزنى تونۇش تونۇماسلىقىمنىڭ كارى چاغلىق، ئەمما بىز دىنىي قېرىنداش، — دېدى ھەلىمە.
— ئەمىسە سىز ئاللاھنىڭ مەندىن رازى بولمايدىغانلىقىنى نەدىن بىلىسىز؟ — دەپ سورىدى ئايشەن.
— ئۆزىڭىز دەپ بېقىڭە قېنى، سىزچە رازى بولارمۇ؟
ئايشەن گەپ قىلالماي قالدى، «بەلكىم دېگەنلىرى توغرىدۇر» دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى. تاقەت قىلالمىغان مال ساتقۇچى:
— دۇنياغا ئىككى قېتىم كېلەمتى، سىزچۇ، تولا مېنىڭ ئىشىمغا ئارىلاشماڭ، — دېدى ئاچچىق بىلەن.
— توغرا ئېيتىسىز. پەقەت بۇ دۇنياغا يەنە بىر قېتىم تۆرىلىش ئىمكانىيىتى يوق بولغاچقىلا، تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇش، ئۆمرىنى قەدىرلەش كېرەك، — دېدى ھەلىمە ۋە مەريەم خانىمغا :
— قوزىڭىزنى ئۆز قولىڭىز بىلەن بۆرىلەرگە تاشلاپ بەرمەڭ. «كېيىنكى پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن» دېگەن گەپ بار، — دېدى.
مەريەمنىڭ ئەمدى ھەقىقەتەن ئاچچىقى كەلگەنىدى، شۇڭا يۈز - خاتىرە قىلىپ تۇرمايلا ۋارقىرىدى:
— ماڭە نېرى، ئىشىڭنى قىلە! ھەممىمىز مۇسۇلمان، ھەركىم ئۆزىنى بىلىۋالسۇن.
— بۇ ئىشلارغا ئۆزۈڭ شاھىد بول، ئى ئاللاھ! — دەپ نىدا قىلدى ھەلىمە ۋە دوستى ئەسلەمنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. ئەسلەم دوستىغا كايىدى:
— دائىم شۇنداق ئۆزۈڭگە ئىش تېپىپلا يۈرىسەن، نېمە قىلسا قىلمامدۇ، سېنىڭ نېمە كارىڭ؟
— بۇ گەپ سېنىڭ ئاغزىڭدىن قانداق چىقتى؟ كارىم بولماي تۇرالامدىم؟ پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇرۇنقىلار ھەققىدە: «ئۇلار يامانلىقلارنى توسمىغانلىقى ئۈچۈن، يامانلىق قىلغۇچىلار بىلەن بىللە ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى»دېگەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ — دېدى ھەلىمە.
— ئەمما بىر نۇقتىنى ئۇنتۇپ قالدىڭ، — دېدى ئەسلەم.
— قايسى نۇقتا؟ — دەپ سورىدى ھەلىمە.
— يامانلىقنى شۇنداق قارىسىغىلا توسقىلى بولاتتىمۇ؟ تەبلىغنىڭ، نەسىھەتنىڭ، دەۋەتنىڭ ھېچ رولى يوقمۇ؟ ھەقىقەتنى ياقلاش بىزنىڭ ھوقۇقىمىز، لېكىن ئۇيغۇن بولمىغان ۋاقىتتا، خاتا ئۇسۇلنى قوللىنىش ئەكسىچە نەتىجە بېرىدۇ. سەنچە دېگەنلىرىم توغرىمۇ؟ — دېدى ئەسلەم.
— گېپىڭ ئورۇنلۇقتەك تۇرىدۇ، خاتا قىلغان بولسام. ئاللاھتىن گۇناھىمنى تىلەيمەن. ئەمما مېنىڭ مەقسىتىم، ئازراق بولسىمۇ ياخشىلىقنىڭ ئۇرۇقلىرىنى چېچىش ئىدى، ئەپسۇس، شور تۇپراقتا گىيا ئۈنمەيدىكەن، — دېدى ھەلىمە خورسىنىپ.
— نېمىگە خورسىنىسەن؟ — دېدى ئەسلەم، — ھەر چاقىرىققا دەماللىققا ھەممە ئادەم ئەگىشىپ بولالامدۇ؟
— مەن ئۇنى دېمىدىم، — دېدى ھەلىمە.
— ئەمىسە نېمە؟
— ئەجەبا بىزدەك مىللەتتىن دۇنيادا يەنە بىرى بارمىدۇ؟ — دېدى ھەلىمە.
ئەسلەم چۈشەنمەي :
— ئۇ نېمە دېگىنىڭ ئەمدى؟ — دەپ سورىدى.
— ئېتىقادتا ئاينىغان، ئۇ تەڭدىشى يوق ئىسلام دىنىغا ئەمەس، بەلكى ئۆز كاللىسىدا شەكىللەندۈرۈۋالغان ئاتالمىش «ئىسلام» غا ئېتىقاد قىلىۋاتقان؛ ئىسمى مۇسۇلمان، قىلىقى كاپىر؛ دىنى ئىسلام، تۇتقان يولى غەربچە.مۇشۇنداق مىللەت بارمىدۇ؟ ئاھ خۇدا، نېمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقاندىمىز!
ئەسلەم:
— بولدى قايتايلى ئەمدى، قارا، يەنە ئۈمچەيگىلى تۇردۇڭ، — دېدى.
ئۇلار دۇكاندىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا، ھەلىمە مال ساتقۇچىنىڭ ئۆزىگە قاراپ ئالايغانلىقىنى كۆرگەن بولسىمۇ، يەنىلا تەبەسسۇم بىلەن:
— ئىشىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن، — دېدى ۋە قوشۇپ قويدى:
— مېنىڭ ئىشىڭىزغا ئارىلىشىۋېلىش نىيىتىم يوق ئىدى. قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بارغىنىمىزدا، بۈگۈنكى ئىش ئېسىڭىزگە كەلگەندە، مېنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىز، ئەمما ئۇ چاغدا تولىمۇ كېچىككەن بولىسىز. ئاللاھنىڭ سالىمى ھىدايەت تاپقانلارغا بولسۇن!
ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئايشەن ئۆز - ئۆزىگە سۆزلىدى:
— ماۋۇ ئىشنى قارىمامدىغان. مومامغۇ قېرى، چۈشەنمەيدۇ دېسەم، ئەسلىدە ياشلارنىڭ ئىچىدىمۇ مومامدەك قالاقلار باركەن ئەمەسمۇ؟
نىھايەت، ئايشەن ئۆزى ياقتۇرغان كىيىمدىن بىرنى ئالدى. ئەمما بۇ كىيىمنى دادىسىغا كۆرسەتمەسلىكنى پىلانلىدى، چۈنكى دادىسى ئۇنىڭ بۇنچىۋالا قىسقا كىيىم كىيگىنىنى كۆرسە چوقۇم ئاچچىقلايتتى. بوپتۇ، دادىسىدىنغۇ يوشۇرار، ئەمما ئىككى مۈرىسىدىكى پەرىشتىلەردىن يوشۇرۇپ قالالارمۇ؟ پەرىشتىلەردىنمۇ يوشۇردى دەيلى، ئاللاھتىنچۇ؟ ئاللاھتىن يوشۇرالمايدىغانلىقى ئېنىق. ئۇ ھالدا بۇلارنى يەنە ئويلاپ ئولتۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتى، بىر كۈن بولسىمۇ دۇنيادا ياشىغىنى ئەۋزەل...  
يېڭى يىل يېتىپ كەلدى. ئايشەننىڭ تەييارلىقلىرىمۇ پۈتۈپ قالغان ئىدى، ھەتتا جابدۇنىدىغان ساتىراشخانا بىلەنمۇ كېلىشىپ قويدى. دادىسىنى قايىل قىلىش بىر ئاز تەسكە چۈشكەن بولسىمۇ، ئاپىسى يەنە ئۇنىڭ ياردىمىگە يېتىشتى. ياشلىقىنىڭ پەيزىنى سۈرەلمىگەن ئاپىسى ئايشەننىڭ دېگىنىنى قىلىپ بېرىشكە تەييار ئىدى.
يېڭى يىل ئاخشىمى ئايشەن ئاكىسى يۇنۇس بىلەن بىللە ئۆيدىن چىقتى. تالاغا چىقىشىغا يۇنۇس سىڭلىسىدىن:
— ئۆزۈڭ يالغۇز بېرىشنى خالامسەن؟ — دەپ سورىدى.
ئايشەن قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي قالدى، «ئاكام مېنى چېكىپ بېقىۋاتقان بولمىسۇن يەنە» دېگەن ئوي كاللىسىدىن يالت قىلىپ كەچتى ۋە نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمىدى. يۇنۇس ئۇنىڭ تېڭىرقاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ تەكرار سورىدى:
— خالامسەن دەۋاتىمەن؟ مەنمۇ نۇرتەن بىلەن كۆرۈشمەكچىدىم. سەن ۋاقىت بەلگىلە، مەن شۇ چاغدا كېلىپ سېنى ئېلىپ كېتىمەن.
ئايشەن خۇشاللىقتىن سەكرىۋېتىشكە تاس قالغان بولسىمۇ، چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ:
— مەيلى، — دەپلا جاۋاپ بەردى ۋە ئاكا - سىڭىل كېلىشىپ ئايرىلىشتى. مەريەم خانىم بىلەن ئارىف ئەپەندى بولسا، قىزىنى ئاكىسىغا تاپشۇرغىنىدىن خاتىرجەم ھالدا ئۆيدە ئولتۇراتتى.


داۋامى بار........
سەن ئەتتىگەندە كەچنىڭ، كەچتە ئەتىنىڭ غىمىنى يىمە!
ئەتە نىمە بولىشىڭنى بىلمەيسەن.
سەن ئۆتكەن كۈننىڭ غىمىنى يە!
دوستلىشىش
天山的野花
بىلمەسلىكتىن قورقىما،تىرىشماسلىقتىن قورق!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6963
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 255
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە255دانە
ئۆسۈش: 1000 %
مۇنبەر پۇلى: 3565 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-08
ئاخىرقى: 2012-05-08
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-19 10:41

يەنە بىر ئۇقۇش نېسىپ بۇپتۇ بۇ ئەسەرنى.ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئەسەر بۇ.ئۇلۇغ ئاللاھ ئامانلىق ئاتا قىلغاي قېرىندىشىم
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1018
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1018دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-05-08
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-20 00:09

بۇ ئەسەرنى مۇنبەرداشلارنىڭ ساقلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.!!!!!!!!!!!!!!
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
سەدىچىن سىپىلىنى سوققانلار، ھون بوۋامدىن قورۇقق ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7175
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 26
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
ئۆسۈش: 500 %
مۇنبەر پۇلى: 640 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-18
ئاخىرقى: 2011-05-27
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-20 08:48

داۋامى

ئايشەن ساۋاقدىشى سەھەر بىلەن كۆرۈشۈپ يېڭى يىل كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدىغان زالغا قاراپ مېڭىشتى.
دەل شۇ چاغدا يۇنۇسمۇ نۇرتەن بىلەن كۆرۈشۈشكە تەقەززا بولۇۋاتاتتى،  دېيىشىپ قويغان يېرىگە يېتىپ كەلگىنىدە نۇرتەن تېخى كەلمىگەنىدى. ئۇ بىر يەرنى تېپىپ ئولتۇرۇپ سۆيگىنىنى ساقلىغاچ ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتتى، نېرىدا شالاڭ ساقال قويۇۋالغان بىر يىگىت كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇراتتى. يۇنۇس ئۇنىڭدىن سائەتنى سورىماقچى بولدى، لېكىن يىگىتنىڭ دىققىتىنى بۆلۈشنى خالىمىدى. بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرۇپ، ئاخىرى ئېغىز ئاچتى:
— كەچۈرۈڭ...
يىگىت بېشىنى كۆتۈرۈپ:
— ماڭا دەۋاتامسىز؟ — دەپ سورىدى.
— ھەئە، سائىتىڭىز قانچە بولدى؟
يىگىت سائىتىگە قاراپ قويۇپ جاۋاپ بەردى:
— ئالتە يېرىم بولدى.
— رەھمەت، — دېدى يۇنۇس.
دېمەك، نۇرتەننىڭ كېلىشىگە يەنە يېرىم سائەت بار ئىدى، يۇنۇسنىڭ ئىچى سىقىلىپ چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتتى.بۇنى كۆرگەن يىگىت:
— تىت - تىت بولۇۋاتقان ئوخشىمامسىز؟ — دەپ سورىدى.
— شۇنداق، يەنە يېرىم سائەت بار ئىكەن، مەن ساقلاشقا بەك ئۆچ، — دېدى ۋە ئارقىدىنلا:
— دوستۇمنى ساقلاۋاتاتتىم، — دەپ قوشۇپ قويدى.
— شۇنداقمۇ؟ مەنمۇ ساقلاشقا ئۆچ. ئەمما ئىنسان ئۆمرى ساقلاش بىلەن ئۆتىدۇ، ئەگەر ساقلاۋاتقىنىڭىز سۆيگەن كىشىلىرىڭىز بولۇپ قالسا، ۋاقىتنىڭ ئۆتمىكى تېخىمۇ تەس، — دېدى يىگىت.
يۇنۇس تېڭىرقاپ قالدى، ئىچىدە «بۇ يىگىت مېنىڭ سۆيگىنىمنى ساقلاۋاتقىنىمنى بىلىپ قالغان ئوخشىمامدۇ»دەپ ئويلىدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەكچى بولدى.
يۇنۇس:
— سىزمۇ سۆيگىنىڭىزنى ساقلاۋاتامسىز؟ — دەپ سورىدى.
— شۇنداق. لېكىن مېنىڭ سۆيگىنىم كەلمەيدۇ، مەن ئۇنىڭ يېنىغا بارىمەن، — دەپ جاۋاپ بەردى يىگىت.
— ھە، دېمەك سۆيگىنىڭىز يىراقتا ئىكەندە؟
— ھەم شۇنداق ھەم ئەمەس.
— چۈشىنەلمىدىم، — دېدى يۇنۇس گاڭگىراپ.
يىگىت گەپنى يۆتكىۋەتتى:
— سۆيگىنىمنى ساقلاۋاتىمەن دەڭ.
— ھەئە. سىز قانداق بىلدىڭىز؟
يىگىت دەماللىققا جاۋاپ بەرمىدى، سەل تۇرۇۋېلىپ يەنە سۆز تېمىسىنى يۆتكىمەكچى بولۇپ سورىدى:
— سىزچە سۆيگۈ دېگەن نېمە؟
يۇنۇس بۇ كۈتۈلمىگەن سوئالغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمەي يىگىتكە قارىدى، يىگىتنىڭ چىرايىدا ئاجايىپ بىر خىل ئۆزىگە ئىشىنىش ئىپادىسى بار ئىدى.
— سۆيگۈ بىرخىل گۈزەل ھېستىن ئىبارەت، — دەپ جاۋاپ بەردى يۇنۇس.
— سىزچە سۆيگۈ بىلەن ھەۋەسنىڭ، ئارزۇنىڭ، ئۆتكۈنچى ھېس - تۇيغۇلارنىڭ پەرقى نېمە؟ — دەپ سورىدى يىگىت.
— كاللام ئېلىشىپ كەتتى، سىز پىسخولوگمۇ؟
— ياق، - دېدى يىگىت.
— بۇ دېگەنلىرىڭىزنى پەقەت ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، - دەپ جاۋاپ بەردى يۇنۇس.
— دېمىسىمۇ بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدە پىكىر ۋە تەپەككۇر گادايلىقى ئېغىرلىشىپ كەتتى. ئەمما ئىنساننى ئىنسان قىلىدىغان ئۇنىڭ تەپەككۇرىدۇر، - دېدى يىگىت.
— ئەمىسە سىزنىڭ بايا دېگەنلىرىڭىزنى قانداق پەرق ئېتىمىز؟ - دەپ سورىدى يۇنۇس.
— مەنچە ئەڭ مۇھىمى، ئىنساننىڭ ئۆز - ئۆزىنى تونۇشىدۇر. ئىنسان  ھېسلىرى بىلەن ئۆتكۈنچى ھەۋەسلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىقى، ئۆز پىكىر ۋە تۇيغۇلىرىنى ئېنىق بىلىشى لازىم، - دەپ جاۋاپ بەردى يىگىت.
— دوستۇم، سۆزلىرىڭىزنى شۇنچە قىلىپمۇ چۈشىنەلمىدىم. تېپىشماقتەكلا گەپ قىلىدىكەنسىز، - دېدى يۇنۇس.
يىگىت كۈلۈمسىرىدى. يۇنۇسنىڭ بۇ سەمىمىيلىكىنى ياقتۇرۇپ قالغانىدى ۋە جاۋابەن قولىنى سۇندى:
— تونۇشۇپ قالايلى، مېنىڭ ئىسمىم ئۆمەر فارۇق. كەچلىك كۇرستا ئوقۇۋاتىمەن، كۈندۈزلىرى ئالەمدار كوچىسىدىكى بولكىخانىدا ئىشلەيمەن.
— مېنىڭ ئىسمىم يۇنۇس، بوغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇۋاتىمەن.
— تونۇشقىنىمىزغا خۇشالمەن.
ئۇ ئىككىسى ئەمدىلا قول ئېلىشىپ تۇرۇشىغا، نۇرتەن كېلىپ قالدى ۋە يۇنۇسقا:
— تېچلىقمۇ قەدىرلىكىم، ساقلىتىپ قويدۇممۇ؟ — دېدى.
— ياقەي، - دېدى يۇنۇس ۋە ئورنىدىن تۇرۇۋېتىپ، ئۆمەر فارۇققا قاراپ:
— خەيرـ خوش ئاغىنە، سەل تۇرۇپ بەلكىم سېنىڭكىمۇ كېلىپ قالار، - دېدى.
— خەير، ئامان بولغىن. دېدىمغۇ مېنىڭ سۆيگىنىم كەلمەيدۇ، مەن بارىمەن، - دېدى ئۆمەر.
— ئۇنداق بولسا ئۇنى بەك ساقلىتىۋەتمە، - دېدى يۇنۇس.
— ئەمما بارىدىغان كۈنۈمنىمۇ ئۇ بەلگىلەيدۇ.
— خوش ئەمىسە، بىز كەتتۇق، — دېدى يۇنۇس ۋە قىز دوستىنى ئېلىپ ماڭدى.
ئۆمەر فارۇق يۇنۇسنىڭ ئارقىسىدىن ۋارقىرىدى:
— ئۇنتۇپ قالما، ئالەمدار كوچىسىدىكى يۇلتۇز بولكىخانىسى. ساقلايمەن جۇمۇ!
ئۇ جايىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، يەنە كىتابىنى ئاچتى. «كىتابسىز مىللەت تىرىك مۇردا» دېگەن سۆزگە چوڭقۇر ئىشىنىدىغان ئۆمەر يېنىدىن كىتاب ئايرىمايتتى. ئۇ كىتابنى ۋاراقلاۋېتىپ ئۆز ئۆزىگە پىچىرلىدى:
— ئەھلى كىتاب بىر خەلق، قانداقسىگە بۈگۈنكىدەك ھالغا چۈشۈپ قالدۇق؟


داۋامى  بار....
سەن ئەتتىگەندە كەچنىڭ، كەچتە ئەتىنىڭ غىمىنى يىمە!
ئەتە نىمە بولىشىڭنى بىلمەيسەن.
سەن ئۆتكەن كۈننىڭ غىمىنى يە!
سەدىچىن سىپىلىنى سوققانلار، ھون بوۋامدىن قورۇقق ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7175
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 26
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
ئۆسۈش: 500 %
مۇنبەر پۇلى: 640 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-18
ئاخىرقى: 2011-05-27
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-20 08:56

داۋامى


ۋاقىتنىڭ يېرىم كېچە بولۇپ قېلىشىغا قارىماي، ئاكىسىنىڭ تېخىچە قارىسىنىڭمۇ كۆرۈنمەيۋاتقانلىقى ئايشەننى جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى. يۇنۇس بولسا ئىچكەن پىۋىسىنىڭ كەيپىدە ئايشەننى ۋە ۋاقىتنىڭ كەچ بولۇپ كەتكىنىنى پۈتۈنلەي ئېسىدىن چىقىرىپ قويغان ئىدى.
ئايشەن ئاخىرى سۆيگىنى ۋۇرالغا:
— قەدىرلىكىم، مەن كەتمىسەم بولمايدۇ، دادام بەرگەن مۆھلەت توشتى، ئاكام بولسا تېخىچە يوق، - دېدى.
— نېمە دەيدىغانسەن؟ سەن كىچىك بالىمىتىڭ؟ ئەتە - ئۆگۈن سىتۇدېنت بولىدىغان تۇرۇقلۇق، تېخىچە ئۆيدىكىلىرىڭنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقالماي يۈرەمسەن؟ — دېدى ۋۇرال.
— توغرا دەيسەن، لېكىن ئۇلار بىلەن ياشاۋاتقاندىن كېيىن ئامال قانچە، - دېدى ئايشەن.
— بۇرۇنمۇ مەن ساڭا: «بىللە تۇرايلى» دېگەن. ياخشىسى بۇنى يەنە ئويلىنىپ باققىن.
دەل شۇ چاغدا  زالدا يۇنۇس پەيدا بولدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئادەملەر توپى ئىچىدىن سىڭلىسىنى ئىزدەيتتى. زالنىڭ ئىچى تولىمۇ قالايمىقان بولۇپ، ھاۋادا لەيلەپ يۈرگەن تاماكا ئىسى، ھاراق بۇسى قوشۇلۇپ كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاينىتاتتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈستىلىدە  بولسا ئىچىشۋازلىق قىزىپ كەتكەنىدى. ۋەتەننىڭ كېلەچىكى بولغان بۇ ياشلار ھېچ ئۇيالماي خەقنىڭ كۆزىچىلا ھاياسىز قىلىقلارنى قىلاتتى.
يۇنۇس بۇلارنى كۆرۈپ يىرگىنىپ كەتتى. «مەن جېنىمدا خەقتىن يوشۇرۇن قىلىمەن» دەپ ئويلىدى ئىچىدە. ئۇ ئاخىرى سىڭلىسىنى تاپتى. تاپتى - يۇ، ئۇنىڭ بىر يىگىت بىلەن تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئەرۋايى قىرىق گەز ئۆرلىدى.ئۇچقاندەك بېرىپ سىڭلىسىنىڭ قولىدىن تارتتى. چۆچۈپ كەتكەن ئايشەن دۇدۇقلاپ:
— مەن، مەن.... - دېيەلىدى ئارانلا.
يۇنۇس ئۇنى تارتقۇشلىغىنىچە:
— ماڭە! — دېدى ۋە زالدىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئۇلار يول بويى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدى. ئۆيگە كەلگىنىدە ئارىف ئەپەندى تېخى قايتىپ كەلمىگەنىدى. مەريەم بولسا بالىلار دادىسىدىن بۇرۇن قايتىپ كەلسىدى دەپ ئەنسىرەپ ئولتۇراتتى.
يۇنۇس ئۆيگە كىرە - كىرمەيلا سىڭلىسىنى بىر كاچات سالدى. ئايشەن يەرگە يىقىلدى، ئۇ تېخى ئورنىدىن تۇرۇشقا ئۈلگۈرمەيلا ئىككىنچى كاچاتنى يېدى. ۋاراڭ - چۇرۇڭنى ئاڭلىغان مەريەم يۈگۈرۈپ كەلدى:
— نېمە بولدى؟ نېمىشقا ئۇرىسەن سىڭلىڭنى؟ - دەپ سورىدى يۇنۇستىن.
ئايشەن يەرگە يىقىلغىنىدا قىسقا يوپكىسىدىن ئۇياتلىق يەرلىرى كۆرۈنۈپ قالدى. بۇنى كۆرگەن جەمىلە موماي خىجىللىقتىن قىزىرىپ كەتتى. كۆز ياشلىرى قورۇق باسقان يۈزىنى بويلاپ چۈشمەكتە ئىدى:
— ئاھ ، خۇدا ! بۇ بىر ئاپەت! بۇلار ئەمدى ئۇياتلىق يەرلىرىنى ئېچىشتىنمۇ خىجىل بولمايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ، - دەيتتى ئۆز - ئۆزىگە.
يۇنۇس ۋارقىرىدى:
— بۇ قىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۆيدىن تالاغا چىقىشىغا رۇخسەت يوق.
مەريەم:
— زادى نېمە ئىش بولدى؟ گەپ قىلساڭچۇ؟
— نېمە بولغىنىنى ئۆزىدىن سورا، - دېدى يۇنۇس.
ئايشەن يېگەن تايىقىنىڭ ئاچچىقىدا ۋارقىرىدى:
— دەپ باقە قېنى، ئۆزۈڭ نەدە ئىدىڭ؟ سېنىڭ قىلىپ يۈرگەنلىرىڭ توغرا، مېنىڭكى خاتامۇ؟
— ئاغزىڭنى يۇم! ئائىلىمىزنىڭ ئابرويىنى بىر تىيىن قىلىۋاتىسەن، بىلەمسەن شۇنى؟ ئەدەپسىز! - دېدى يۇنۇس.
ئايشەنمۇ بوش كەلمىدى:
— ماڭا تولا ئابروي توغرۇلۇق گەپ ساتما، ئالدى بىلەن سەن ئۆزۈڭنى باشقۇرىۋال!
يۇنۇس:
— ئاغزىڭنى يۇم دەۋاتىمەن ساڭا، تولا گەپ قىلما! — دېگىنىچە قىزغا دېۋەيلىدى. مەريەم دەرھال ئارىغا كىرىپ ئۇلارنى ئاجراتتى:
— ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال، تولا سىڭلىڭنى دۈشكەلىمە.
— سېنىڭ قىزىڭ خەقنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىللە يۈرىدۇ، - دېدى يۇنۇس.
ئايشەن دەرھال:
— سېنىڭ ئوغلۇڭمۇ خەقنىڭ قىزلىرى بىلەن.... — دېيىشىگە، مەريەم ئۇنىڭ سۆزىنىڭ بېلىگە تەپتى:
— بولدى قىل! ئۇ دېگەن ئوغۇل بالا. بىز سېنىڭ دېگىنىڭنى قىلىپ بېرىۋاتساق، يەنە بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈشتىن نومۇس قىلمامسەن؟ مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئۇنىۋېرستېتتا ئوقۇيمەن دەپ خام خىيال قىلما.
— سېنىڭ نېمە كارىڭ؟ - دەپ ۋارقىرىدى ئايشەن.
— نېمە دېدىڭ؟!
— مېنىڭ ھاياتىمغا ئارىلىشىش ھوقۇقۇڭ يوق، ئۇقتۇڭمۇ؟ - دەپ قارشىلاشتى ئايشەن.
يۇنۇس بۇ گەپنى ئاڭلاپ يەنە سىڭلىسىنى ئۇرماقچى بولۇپ يۈگۈرۈپ كېلىۋېدى، ئاپىسى ئۇنى تۇتۇۋالدى.
ئايشەن ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. چۈنكى دادىسى كېلىشتىن بۇرۇن كىيىملىرىنى يۆتكىۋېلىشى كېرەك ئىدى.ئاپىسى قىزىنىڭ كەينىدىن كىرىپ كەتتى، يۇنۇس كارىۋاتقا كېلىپ ئولتۇردى ۋە يېنىدا ئولتۇرغان مومىسىنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئەگىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.
— نېمىشقا يىغلايسەن؟ - دەپ سورىدى مومىسىدىن.
جەمىلە موماي نەۋرىسىنىڭ ئاغزىدىن كېلىۋاتقان ھاراق پۇرىقىدىن سەسكىنىپ كەتتى، ئۇنىڭ يىغىسى تېخىمۇ كۈچەيدى:
— ئوغلۇم، سەن يېقىنلىرىڭنىڭ ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭ، يىغلىماي تۇرالامسەن؟
— يىغلايمەن، ئەمما ئاۋۋال قۇتقۇزۇشقا تىرىشىمەن.
— شۇنداق بالام، مەنمۇ دەل ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقان يېقىنلىرىمنى قۇتقۇزالمىغىنىم ئۈچۈن يىغلاۋاتىمەن.
يۇنۇس چۈشىنەلمەي:
— كىم ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋېتىپتۇ؟ - دەپ سورىدى.
— ئاھ ، جېنىم بالام، كۆز ئالدىمدا سىلەرنىڭ بىر - بىرلەپ ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقىنىڭلارنى كۆرۈپ، يۈرىكىم پارە - پارە بولۇپ كېتىپ بارىدۇ.
— كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما موما، ئىككى كاچات ئۇرۇپ قويغانغا ھېچنېمە بولمايدۇ.
— مەن تاياقنى دېمەيۋاتىمەن. قارىغىنە، سېنىڭ ئاغزىڭ ھاراق پۇراپ تۇرىدۇ، سىڭلىڭ بولسا  يېرىم يالىڭاچ، ھەتتا قىپيالىڭاچ دېسىمۇ بولىدۇ.
— يېرىم يالىڭاچ؟ ھەم يېرىم، ھەم يالىڭاچ، بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟ مەنمۇ پەقەت ئىككى رومكىلا پىۋا ئىچىپ قويدۇم شۇ، - دېدى يۇنۇس.
— شۇنداق. بۈگۈن پىۋا، ئەتە ئاق ھاراق. سىڭلىڭ بولسا ئۇچىسىدا كىيىم تۇرۇقلۇق، ئۇ يەر بۇ يېرى ئوچۇق. بۇ يېرىم يالىڭاچ بولماي نېمە؟
يۇنۇس جاۋاپ بەرمىدى. جەمىلە موماي داۋام قىلدى:
— بالام، مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن؟ ياپياش تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ سۆزىگە، ئەمرلىرىگە قۇلاق سالمايسىلەر.سىڭلىڭنى ئۇرىسەن، ئەمما سەنمۇ سىڭلىڭدىن قېلىشمايسەن.
— ئەسلىدە سەنمۇ ئايشەن تەرەپتە تۇرىدىكەنسەن - دە؟
— ئۇنداق ئەمەس، مەن پەقەت ئىككىڭلارنىڭ خاتالىقلىرىنى كۆرسىتىپ بەرمەكچى.
— مەن سىڭلىمنىڭ ئائىلىمىزنىڭ ئابرويىغا داغ چۈشۈرۈشىگە يول قويمايمەن.
— بالام، سەن يۈرۈۋاتقان قىزنىڭمۇ ئاكىسى باردۇ؟ ئەر كىشىمۇ ئۆز ئىپپەت - نومۇسىنى قوغدىشى كېرەك. ئاللاھ قۇرئاندا: «زىنا قىلغان ئەرلەر ۋە زىنا قىلغان ئاياللار» دېيىش ئارقىلىق، بېرىلىدىغان جازانىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ.
— توۋا دېگىنە موما، مەن ھېچقاچان زىنا قىلمىدىم، — دېدى يۇنۇس ئالدىراپ.
— زىنا پەقەت جىنسىي مۇناسىۋەتنىلا كۆرسەتمەيدۇ. ئاللاھ دىنىمىزدا ھارامنى چەكلەپلا قالماي، بەلكى ھارامغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنىمۇ چەكلىگەن. ئاللاھ قۇرئاندا: «(ئى مۇھەممەد!) مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (ئۇلار) ھارامغا كۆز تىكمىسۇن ۋە ئۆزىنىڭ مەھرەملىرىنى قوغدىسۇن. چۈنكى (بۇنداق قىلىش) ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى ئوبدان بىلىدۇ. مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىنكى، ئۇلار كۆزلىرىنى نامەھرەم ئەرلەرگە تىكمىسۇن، ئىززەت - نومۇسىنى ساقلىسۇن. زىننەتلىك يەرلىرىنى نامەھرەملەرگە كۆرسەتمىسۇن، كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان يەرلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا.»
— بولدى قىل موما، ھازىر دەۋىر ئۆزگەردى.
— ئاھ ، يۇنۇس! سەن تۇغۇلغاندا رەھمەتلىك بوۋاڭ قۇلىقىڭغا ئەزان توۋلاپ، ئىسمىڭنى قويغانىدى. ئۇ سېنىڭ ئۇلۇغ بىر ئالىم بولۇپ چىقىشىڭنى ئۈمىد قىلاتتى.
— شۇڭا ئوقۇۋاتىمەنغۇ...
— ئاھ ، جېنىم بالام! سەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپلەر ئالىم ئەمەس، زالىم يېتىشتۈرۈۋاتىدۇ. خاتالاشمىسام مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم، ئەدەپ - ئەخلاق ئۆگىتىدىغان يەرغۇ دەيمەن؟ سەن دەپ باققىنە قېنى، مەكتەپتە سىلەرگە نېمىلەرنى ئۆگىتىۋاتىدۇ؟
ـ ۋاي جېنىم موما، سەنمۇ يوقىلاڭ ئىشلاردىن ئەندىشە قىلىپ يۈرىدىكەنسەن!
— بەلكىم بىركۈنلەردە مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ تېگىگە يېتىپ قالارسەن بالام.
شۇ ئەسنادا ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى. دېمەك ئارىف ئەپەندى قايتىپ كەلگەنىدى. مەريەم خانىم دەرھال ئۇلار ئولتۇرغان ئۆيگە كىرىپ:
— بايا بولغان ئىشلارنى داداڭ بىلمىسۇن، - دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ قويدى.
ئايشەن بولسا ئاللىقاچان يۈزلىرىنى يۇيۇپ، كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ بولغان بولۇپ، ئاشخانىدا ئاپىسىغا قارىشىۋاتاتتى.
ئارىف ئەپەندى قولىنى يۇيۇپ چىقىپ ئاپىسىدىن ئەھۋال سورىدى:
— ياخشى تۇردۇڭمۇ ئانا؟
موماينىڭ جاۋاپ بېرىشكە ھېچ تاۋى يوق ئىدى، شۇڭا ياخشى دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەندى. بۇ چاغدا  قولىدا تەخسە كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلگەن ئايشەننى كۆرگەن ئارىف ئەپەندى:
— ئوھۇ! مېنىڭ قىزىم قايتىپ كەپتىغۇ، كەچ قالماپسەن قىزىم، يارايسەن! - دېدى ۋە بىر ئىش ئېسىگە كەلگەندەك ئايالىغا قاراپ:
— ھە راست خانىم، مەن ئايشەنگە ئەڭ ياخشى كۇرستىن بىرنى ئۇقۇشۇپ قويدۇم. ئوقۇش بەدىلى بىرئاز قىممەتكەن، لېكىن قىزىم ئۈچۈن قانچە پۇل خەجلىسەكمۇ ئەرزىيدۇ، - دېدى. ئايشەن خوشاللىقىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ دادىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلدى.
— مېنىڭ قىزىم كەلگۈسىدە دوكتۇر بولىدۇ، دادىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ، - دېدى ئارىف ئەپەندى.
جەمىلە موماي يەنە سۆزگە ئارىلاشتى:
— ئوغلۇم، ئوقۇپ دوكتۇر بولۇشقۇ ياخشى ئىش. لېكىن ھازىر جەمئىيەت بەك بۇزۇلۇپ كەتتى، قىزلار ئايرىم ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولغان بولسا ياخشى بولاتتى.
ئايشەن مومىسىغا نەپرەت بىلەن قارىدى. ئارىف ئەپەندى:
— سەن غەم قىلما ئانا. نېمىلا بولمىسۇن ئوقۇپ دىپلومىنى ئېلىۋالمىسا بولمايدۇ، - دېدى.
— ئوغلۇم، ئاخىرەتتىمۇ بىزگە بىر دىپلوم بېرىلىدۇ. ئەگەر ئۇنى ئالالمىساڭ قانداق قىلىسەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە دىپلومنى ئېلىۋالسىلا ھەممە ئىش ھەل بولۇپ كەتمەيدىغۇ، قاراپ باققىنە ئەتراپىڭغا، ساپلا كۆزى ئوچۇق قارىغۇلار بىلەن تولغان.
— ئانا، يەنە كوتۇلدىغىلى تۇردۇڭ، نېمە ئۇ كۆزى ئوچۇق قارىغۇ دېگەن؟
— شۇنىمۇ بىلمىدىڭمۇ؟ ئوقۇغان ئادەم دېگەن ئۆزىنى سوراپ يۈرىدىغان، قارا...
موماي يەنە نېمىلەرنىدۇ دېمەكچىدى، ئەمما ئوغلى ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى:
— بولدىلا، يەنە دېسەك يەنە شۇ. مېنىڭ قورسىقىم ئېچىپ كەتتى، تاماق يەيلى.
تاماق يېيىلىۋاتقاندا، مەريەم خانىم تۇيۇقسىز:
— تاس قاپتىمىز ئۇنۇتقىلى، بۈگۈن بىز كۆرۈۋاتقان تېلۋىزىيە تىياتىرى بار ئەمەسمۇ؟ - دېدى ۋە دەرھال تېلۋىزورنى ئاچماقچى بولۇپ، تىزگىنەكنى قولىغا ئالدى.
جەمىلە موماي، تېلېۋىزورنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. ئەپسۇسكى، ھازىر كىشىلەر تېلېۋىزورغا خۇددى ئەپيۇنغا خۇمار بولغاندەك خۇمار بولۇشۇپ، ئۇنىڭسىز كۈن كەچۈرەلمەس ھالغا كەلگەنىدى.
— قىزىم، تامىقىمىزنى بىسمىللا دەپ يەيلى. قويمىغىنە شۇ شەيتاننىڭ نەرسىسىنى، - دېدى موماي.
— ئانا، ھەممە ئىشقا ئارىلىشىۋېلىپ، بىزنى ئەركىن نەپەس ئالالماس ھالغا چۈشۈرۈپ قويىۋاتىسىز. بىزنىڭ تېلۋىزور كۆرۈشتىن باشقا يەنە نېمە كۆڭۈل خۇشىمىز بار ئىدى؟ - دېدى مەريەم.
ئارىف ئەپەندىمۇ ئايالىغا بولۇشۇپ:
— ئانا، بۇنداق قىلىۋەرسەڭ بالىلارنى  زېرىكتۈرىۋېتىسەن، — دېۋىدى، موماي جىمىپ قالدى.
جەمىلە موماي بەزىدە ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ قالاتتى. ئۆلۈم تىلەشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا ھېچبىر كۆڭۈل خۇشلۇقى قالمىغان بۇ دۇنيادىن بالدۇرراق كېتىشنى تىلەپ ئاللاھقا يالۋۇراتتى.
ئۇ ئوغلىنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن غىققىدە بولۇپ قالدى، قارىماققا بېشىنى كۆتۈرمەي تاماق يەۋەتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، يېگەن لوقمىلىرى زەھەر - زوقۇم بولۇپ گېلىنى كۆيدۈرەتتى. باشقىلار بولسا غېمىدە يوق تېلۋىزور كۆرۈۋاتاتتى. جەمىلە موماي بىر چاغدا ئىختىيارسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ، كۆزلىرى تېلۋىزورغا چۈشۈشى بىلەن، ئىختىيارسىز توك سوقۇۋەتكەندەك تىترەپ كەتتى. ئۇنىڭ ئەمدى بۇ يەردە ئولتۇرۇۋېرىشكە تاقىتى قالمىغانىدى، قوپۇپ ھۇجرىسىغا ماڭدى.
— ئانا، نەگە؟ - دەپ سورىدى ئارىف.
— ھۇجرامغا، - دەپ جاۋاپ بەردى ئانىسى.
— نېمە بولدى؟ تامىقىڭنى يېمەيلا تۇرۇپ كېتىپسەنغۇ؟
— يەنە نېمە بولماقچىدى؟ دادا، بالا، ئانا، قىز ئولتۇرۇپ غېمىڭلاردا يوق كارىۋاتتىكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ ئولتۇرىسىلەر. ئاللاھتىن قورقمىساڭلارمۇ، بەندىدىن ئۇيالساڭلار بولمامدۇ؟
مەريەم خانىم تاقەت قىلالمىدى:
— سەن ئارىلاشمىغان بىر مۇشۇ قالغان ئىدى. ناھايىتى بىر كىنوغۇ شۇ، سېنىڭ دەستىڭدىن خاتىرجەم ئولتۇرۇپ بىر نەرسە كۆرەلمەمدۇ كىشى؟ بۇ بەك ئېشىپ كەتتىغۇ دەيمەن، مېنىڭ ئۆيۈمدە تۇرۇۋاتقانلىقىڭ ئېسىڭدىن چىقىپ قالمىسۇن.
جەمىلە موماي غەزەپ بىلەن:
— نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىسەن؟ قۇرۇپ كەتسۇن سېنىڭ ئۇنداق كىنويۇڭ! - دېدى ۋە ئارقىدىنلا ئوغلىدىن سورىدى:
— سەندىن سوراپ باقاي، شۇ تاپتا بىر جۈپ ئەر - خوتۇن ئىشىكىڭنى قېقىپ، سەندىن: «ئۆيىڭىزدە زىنا قىلساق بولامدۇ؟» دەپ سورىسا، نېمە دەيسەن؟
— نېمە دەيدىغانسەن ئانا، مەن يۇمشاقباشمىتىم ھەئە دەيدىغانغا؟
— ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ بىرى ئىشىكتىن كىرىپ قىلسۇن، بىرى تېلېۋىزورنىڭ ئەينىكىنىڭ ئارقىسىدا. نېمە پەرقى؟ زىنا دېگەن زىنا. يەنە تېخى خىجىل بولماي، بالا - چاقاڭ بىلەن ئولتۇرۇپ كۆرىۋاتىسەن. بېشىمىزغا تاش ياغمىسۇن يەنە!
ئارىف گەپ قىلالمىدى. ئايشەن ۋە مەريەم خانىم بولسا مومايغا نەپرەت بىلەن قاراپ تۇراتتى. بۇنى كۆرگەن يۇنۇس مومىسىغا تەسەللى بەرمەكچى بولۇپ، ئورنىدىن تۇردى ۋە مومىسىنىڭ مۈرىسىگە قولىنى ئارتىپ تۇرۇپ:
— بولدى قىل موما، يۈرە، مەن سېنى ھۇجراڭغا ئەكىرىپ قوياي، - دېدى. ئۇلار چىقىپ كېتىشىگە مەريەم پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ كۆڭلىدىكىنى ئاشكارىلىدى:
— دائىم مۇشۇنداق قىلىدۇ، دەردىنى مەنلا تارتامدىمەن؟ ھېلىمۇ ئاغزى - بۇرنۇمغىچە تويۇپ كەتتىم. يا خاتىرجەم بىر ئىش قىلالمىغان ئادەم. ئەمدى بەس، ماڭىمۇ جان كېرەك. يەنە بىر ئوغلىمۇ دەردىنى تارتىپ باقسۇن. سەن تېلېفون قىل، كېلىپ ئېلىپ كەتسۇن.
ئارىف يەنە تەڭقىسلىقتا قالغانىدى:
— ئۇلارنىڭ باقالمايدىغانلىقىنى سەنمۇ بىلىسەنغۇ؟  ئىنىم بولسا سوتچى، ئۇلار بىزدىنمۇ مەدەنىي ياشايدۇ. ئانام ئۇلارنىڭ ئۆيىگە تېخىمۇ كۆنەلمەيدۇ.
— ئەمىسە بولغۇلۇق ماڭىلا بولىدىكەندە؟! ئىشقىلىپ ئىنىڭ بىلەن سۆزلەشمىسەڭ بولمايدۇ. ئەگەر خالىمىساڭ ئۆزۈم دەيمەن ئۇ سوتچى جاناپلىرىغا.
مەريەم موماي ھۇجرىسىدا يىغلاپ ئولتۇراتتى، يۇنۇس بولسا تەسەللى بېرىشكە تىرىشىۋاتاتتى:
— ئۆتۈنۈپ قالاي موما، بولدى يىغلىما، بىر كىنوغىمۇ شۇنچىۋالا قىلىپ كېتەمسەن؟
— جېنىم بالام، مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنگەن بولساڭ، بۇنداق سوئالنى سورىمىغان بولاتتىڭ. سېنىڭ مۇشۇ: «نېمە بولاتتى، ھېچقىسى يوق» دېگەن سۆزلىرىڭلا يۈرىكىمنى پۇچىلايدۇ.
— نېمىشقا؟
— چۈنكى ساڭا ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىۋاتىمەن.
يۇنۇس مومسىنىڭ سۆزلىرىنى چۈشىنەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنى يەنە ئازاپلىماسلىق ئۈچۈن ئۈندىمىدى.
ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتتى. مەريەم قېينىئانىسىغا گەپ قىلماي يۈرەتتى، بۇ جەمىلە موماينى تېخىمۇ ئازاپلايتتى. بۈگۈن ئۆيگە مېھمان كەلمەكچى ئىدى. مەريەم ئەتىگەندە ئارىف ئەپەندىنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆيلەرنى تازىلاشقا تۇتۇندى، ئۇنىڭ بۈگۈن كەيپىياتى بۆلەكچىلا ناچار ئىدى، سەۋەبى ھەر قېتىم  مېھمان كەلگەندە، موماي يەنە بۇرۇنقى ئادىتى بويىچە ئۇلارنىڭ گەپ - سۆزلىرىدىن قۇسۇر تېپىپلا تۇراتتى:
— ئوبدان بالىلىرىم، دىققەت قىلىڭلار، خەقنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس، - دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئۇلارنىڭ كەيپىنى ئۇچۇراتتى.
جەمىلە موماي بۈگۈن نېمىلا بولمىسۇن، كېلىنى بىلەن پاراڭلىشىپ ئارىدىكى توڭلارنى ئېرىتىش نىيىتىگە كەلگەنىدى ۋە ئاخىرى غەيرىتىنى يىغىپ ئېغىز ئاچتى:
— قىزىم مەريەم، ئاللاھ سېنى مەريەم ئانىمىزنىڭ يېنىدا قىلغاي. بۇ ئاداۋىتىمىز قاچانغىچە داۋاملىشار؟
— مەن ئاداۋەت ساقلىمىدىم، لېكىن سىز بىلەن قىلىشقۇدەك بىر گېپىممۇ يوق.
— نېمىشقا قىزىم؟ مەنمۇ شۇ سىلەرگە ياخشى بولسۇن دەيمەن.
— تولا سۆزلىمە! مەن سېنى ئۆيۈمدە تۇرغۇزۇۋاتقان بولغاندىن كېيىن، تولا ھەممە ئىشىمغا چات كېرىۋالما. سەن ماڭا بەخشەندە ئەمەس!
موماي گەپ قىلغىنىغا مىڭ پۇشايمان قىلدى، كېلىنىنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭ بېشىغا گويا بىر بولقا بولۇپ تەگكەنىدى.
مەريەم سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
— نېمىلا قىلساق گۇناھ بولدىغۇ بۇ ئۆيدە!
— قىزىم، مەن يامان گەپ قىپتىمەنمۇ؟ كارىۋات ئۈستىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى خىجىل بولماستىن، بالا - چاقا ئولتۇرۇپ كۆرىۋاتىسىلەر، بۇنى ئەلۋەتتە بالىلارمۇ ئۆرنەك ئالىدۇ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان ئايشەن ئاخىرى چىدىماي ۋارقىرىدى:
— بولدى قىل ھەي قېرى! سەن ئاشۇ ئۆتۈپ كەتكەن گرانىت كاللاڭ بىلەن تولا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئارىلىشىمەن دېمە، ئاڭلىدىڭمۇ؟
جەمىلە موماي داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى. كاللىسىدىن «مەن راست بەك ئاشۇرىۋەتتىممۇ نېمە؟» دېگەن خىيال كەچتى. گەپ قىلماقچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەللىدى - يۇ، لېكىن بوغۇزىغا بىر نەرسە كەپلىشىۋالغاندەك ئاۋازىنى چىقىرالمىدى. ئامالسىز ئۈن - تىنسىز ھۇجرىسىغا كىرىپ، دۇئاغا قوللىرىنى كۆتۈردى، غېرىبلەرنىڭ ساھىبى بولمىش ئۇلۇغ ئاللاھقا يالۋۇردى: «ئەي ئاللاھ ، مېنى بۇلارنىڭ ئالدىدا خار قىلما.»
مەريەمنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەنىدى. قانداق قىلىپ بۇ قېرىدىن بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇنراق قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەۋاتاتتى، ئاخىرى قېينىئىنىسىغا ئۆزى تېلېفون قىلىش قارارىغا كەلدى. ئۇ تېلېفۇننىڭ ئۇلىنىشىنى كۈتكەچ ئۆزىچە غۇدۇراپ قويدى: ماڭىلا قالدىغۇ بۇ قېرى، ھەجەپ تويدۇم.
قېينىئىنىسىنىڭ ئايالى تېلېفوندا مەريەمنىڭ مەقسىتىنى ئۇقققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۇنداق قېرى گرانىت كاللا بىلەن بىر ئۆيدە تۇرالمايدىغانلىقىنى، ئەقلى بولسا مەريەم خانىمنىڭمۇ موماينى باقماي، بىر قېرىلار ساناتورىيىسىگە ئاپىرىۋېتىشىنى تەۋسىيە قىلدى. تۈركان خانىمنىڭ سۆزلىرى مەريەمنى تېخىمۇ تېرىكتۈردى.
مەريەم ئۇيان ئويلاپ، بۇيان  ئويلاپ ئاخىرى يولدىشى بىلەن ياخشىراق سۆزلىشىپ نەدىن بولمىسۇن بۇ ئىشنى ھەل قىلىش قارارىغا كەلدى. بولمىسا بۇ موماي ئۇلارغا خاتىرجەملىك بەرمەيتتى.
ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ، ئارىف ئەپەندى ئايالىنىڭ بېسىملىرىغا چىدىيالمىدى - دە، ئىنىسى بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن تېلېفوننى قولىغا ئالدى.
— ئوھوي، ئاكا! سەنمىدىڭ؟ ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى، قانداقراق تۇرىۋاتىسەن؟ - دېدى ئىنىسى تېلېفوندا.
ئارىف ئەپەندى ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا، ھال - ئەھۋال سوراپ بولغاندىن كېيىن، مەقسەتكە كۆچتى:
— ئاكىف، ساڭا بىزنىڭ بىر ئورتاق مەسىلىمىزنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېلېفون قىلىۋاتىمەن.
— قايسى ئورتاق مەسىلىنى دەيسەن؟
— نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مەن تارتىپ كېلىۋاتقان دەرتنى دەيمەن.
— ھە، ئاپامنى دەۋاتامسەن؟
— ھەئە.
— ئاپامغا نېمە بولدى؟ ئاغرىپ قالدىمۇ؟
— ئاغرىپقۇ قالمىدى، ئەمما مەنچە ئۇنىڭ مۇھىت ئالماشتۇرغۇسى كەلدى. شۇڭا سېنىڭ ئۆيۈڭدە بىر مەزگىل تۇرسا بولارمىكىن، بۇ جەرياندا بىزنىڭ بالىلارمۇ ئازادىلىككە چىقىپ قالاتتى.
ـ ھە، مۇنداق دە. پۇل لازىممۇ؟ قانچىلىك لازىم بولسا مەن ئەۋەتىپ بېرەي.
ـ ئۇكام، مېنىڭ پۇلغا ئېھتىياجىم يوق، مەن ساڭا ئاپامنى ئېلىپ كەتسەڭ دەۋاتىمەن، مېنىڭ بالىلىرىم بىلەن چىقىشالمايۋاتىدۇ.
— ئاكا، ئۇنىڭغا مېنىڭ ئامالىم يوق، بىز مەدەنىي ياشايدىغان بىر ئائىلە. ئاپام بىزنىڭ ئۆيگە تېخىمۇ كۆنەلمەيدۇ.
— مۇنداق دە، ئەمىسە سېنىڭ ئائىلەڭ ئېسىل، مېنىڭ ئائىلەم نېمە بولسا كۆتۈرۈۋېرىدىغان كالا قوتىنىكەن - دە؟
— ئاچچىقلانما ئاكا، ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيۈڭگە باراي، شۇ چاغدا ئوبدانراق مەسلىھەتلىشەيلى. پەقەت بولمىسا ئىككىلىمىزنىڭ ئۆيىگە يېقىن، ياخشىراق بىر ساناتورىيە تېپىپ، ئاپامنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرارمىز، قانداق دېدىم؟
— ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە دەمسەن؟!
— ھەئە، بۇنىڭدىن باشقا چارە بارمۇ؟
تېلېفوننى قويغاندىن كېيىن ئارىف ئەپەندى ئۈن - تىنسىز ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇ  تېخى ئىنىسىچىلىك مەدەنىيلىشىپ بولالمىغان بولغاچقا، ساناتورىيەگە ئاپىرىۋېتىش دېگەن بۇ پىكىر ئۇنىڭغا پەقەت ياقمىغانىدى.ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ بىرلىك مانا مۇشۇنداق ئاستا - ئاستا پارچىلىنىشقا يۈز تۇتۇۋاتاتتى. ئارىف ئەپەندىنىڭ بېشى راسا قاتتى، بىر ياقتا خوتۇنىنىڭ تاپا - تەنىلىرى، بىر ياقتا ئانىسى. ئۇنىڭ كاللىسىدا زىددىيەتلىك ئوي - خىياللار ھۆكۈم سۈرەتتى، نەپسى، ئىمان ۋە شەيتاننىڭ ئارىسىدىكى تالاش - تارتىشتا بېرىپ كېلەتتى. ئارىف ئەپەندى ئاخىرى بىر قارارغا كەلدى: «شۇنچە كەڭ جاھاندا ياشانغانلار ساناتورىيىسىدە تۇرۇۋاتقانلار ئازمىدى، ئانىسىنى ئاپىرىپ بەرسە نېمە بوپتۇ؟ ھەم ئۇ يەردە ھەمراھلىرى بار، زېرىكمەيدۇ. بىزمۇ ھەر ھەپتە بېرىپ يوقلاپ تۇرىمىز. لېكىن بۇنى ئانىسىغا قانداق دېيىش كېرەك؟ ھە راست، ئىنىسى ئاكىف ھەپتە ئاخىرىدا كېلىمەن دېدىغۇ، بۇ قارارنى شۇ دېسۇن.» ئارىف ئەپەندى يېنىك بىر تىندى.
ھەپتە ئاخىرى، موماينىڭ كەنجى ئوغلى سوتچى ئاكىف، ئايالى تۈركان خانىم ۋە قىزى ئۆزگە ئارىف ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. جەمىلە موماي كېلىنى ۋە قىزىنىڭ كىيىۋالغان كىيىملىرىنى كۆرۈپ، ئازاپتىن يۈرىكى پۇچۇلاندى.چۈنكى نەۋرىسى ئاسما مايكا ۋە تار ئىشتان كىيىۋالغان، كېلىنى بولسا قىسقا يوپكا كىيگەننى ئاز دەپ تىرناقلىرىنى بولۇشىغا ئۆستۈرۈۋالغانىدى. ئۆزگە مومىسىنى كۆرۈپلا، ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيدى ۋە:
— ياخشى تۇردۇڭمۇ، مومىشىم؟ — دەپ ئەھۋال سورىدى.
ئارىف ئەپەندى مومايغا ئېيتىشتا قىينالغان قارارنى ئىنىسىگە تاپشۇرغانىدى. ئىنىسى: «قىزىم بۇ ئىشنى بىردەمدىلا ھەل قىلىدۇ» دېۋىدى، ئۆزگەمۇ دەرھاللا: «چاتاق يوق، كەچلىك تاماقتىن كېيىن، مومام بىلەن ئۆزۈم سۆزلىشىمەن» دەپ ئىپادە بىلدۈردى.
جەمىلە موماينىڭ كۆڭلى بىر ئىشلارنى تۇيۇشقا باشلىدى، ئەمما زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ دەپ بېرەلمەيتتى. بولۇۋاتقان ئىشلارغا يالغۇز يۇنۇسلا قارشى چىقتى.
كەچلىك تاماقتا ھېچكىم بىر - بىرى بىلەن گەپ قىلىشمىدى، ھەممەيلەن خۇددى كېلىشىۋالغاندەكلا بېشىنى كۆتۈرمەي تاماق يېيىش بىلەن مەشغۇل ئىدى. بۇ جىمجىتلىققا چىدىمىغان موماي ئاخىرى ئېغىز ئاچتى:
— نېمە بولدى سىلەرگە؟ مەندىن بىر ئىشنى يوشۇرۇۋاتامسىلەر نېمە؟
— ئۇنداقمۇ ئەمەس، يول ھاردۇقى يېتىپ قالغان ئوخشايدۇ، - دەپ جاۋاپ بەردى ئاكىف.
— شۇنداق بولغاي ئىلاھىم، — دېدى موماي ۋە تامىقىنى يېيىشنى داۋاملاشتۇردى.
كەچلىك تاماقتىن كېيىن موماي ئادىتى بويىچە ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ئۆزگە مومىسىنىڭ يېنىغا كىردى، مومىسى نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، تەسۋىي سېرىپ ئولتۇراتتى. ئۆزگە ئاستا مومىسىغا يېقىنلاشتى ۋە ئۇنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى بايقاپ چۆچۈپ كەتتى، ئەجەبا مومىسى ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى بىلىپ بولغانمىدۇ؟ بىردىنلا بۇ ئەركە - نايناق قىزنىڭ يۈرىكى مۇجۇلدى، قەلبىدە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان ئاجايىپ تۇيغۇلار جۇش ئۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ مومىسىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، چاندۇرماي سورىدى:
— ۋىيەي موما، يىغلاپسەنغۇ؟ نېمە بولدى؟
جەمىلە موماي كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ، مېھرىبانلىق بىلەن نەۋرىسىگە باقتى ۋە:
— دەپ بەرسەم گېپىمنى چۈشىنەرسەنمۇ بالام؟
— نېمىلەرنى دەيدىغانسەن موما؟ تۈركچە سۆزلەيدىغانسەن؟
— ئەمىسە مەن ساڭا سۆزلەپ بېرەي، — دېدى موماي كۈلۈمسىرەپ ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
— مېنىڭ يىغلىشىمنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئالالمىغانلىقىم، بالىلىرىمنىڭ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈشى تۈپەيلىدىن ئىدى.
— جېنىم موما، بۇنىڭغىمۇ مۇشۇنچىۋالا ئازاپلىنامسەن؟ ئۇ كىم، شاش قېرىدىن بىرسىمۇ يا؟ بىزگە تونۇشتۇرۇپ قويمامسەن؟
— توۋۋا قىل قىزىم، مەن بىزنى ياراتقان ئۇلۇغ ئاللاھنى دەۋاتىمەن.
— سەنمۇ قىزىقكەنسەن موما، خۇددى بىز ئاللاھنى تونىمايدىغاندەك، دەپ يۈرگەن گەپلىرىڭنى...
—  تونۇمسەن؟ ئاللاھنى راستىنلا تونۇمسەن؟ ئەمىسە ماڭا بىر چۈشەندۈرۈپ باققىنە قېنى.
— ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ياراتقان....
— يەنىچۇ؟
— يەنە...
— باشقا يەنە نېمە بار؟ ئۇ بىزنى ياراتتى، بىزمۇ ئۇنى سۆيىمىز.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان موماي ئىختىيارسىز ئاھ ئۇردى.
— جېنىم قوزام، ئاللاھنى راست سۆيەمسەن؟ — دەپ سورىدى نەۋرىسىدىن.
— ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا شەك يوق، — دەپ جاۋاپ بەردى ئۆزگە.
— خوش، ئەمىسە قانداق سۆيىسەن؟
— ئۇ نېمە دېگىنىڭ؟
— ئاللاھ ئىنساندىن قانداق سۆيگۈنى تەلەپ قىلىدۇ؟
— بۇنى پەقەت ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.
— ئۇنداقتا، ئاللاھنىڭ بىزنى نېمىشقا ياراتقىنىنى، بىزدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىدىغىنىنى ۋە بىزنىڭ ئۈستىمىزگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىلەر ھەققىدە ئويلىنىپ باقتىڭمۇ؟
— بىزگە تېخى ۋەزىپىمۇ بەرگەنمۇ؟
ـ شۇنداق بولمايچۇ، بىزنى يوقتىن بارلىققا كەلتۈرۈشى، بىزگە مۇشۇنچىۋالا ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىشى ئەلۋەتتە سەۋەبسىز ئەمەس.
— قانداق ۋەزىپە ئۇ؟
— قۇللۇق ۋەزىپىسى. شۇنداق، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە تاپشۇرغان ۋەزىپىسى ئۇنىڭغا قۇللۇق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا بىز ۋەزىپىمىزنى تونۇشىمىز ۋە ئۇنى ئورۇنلاشتىن ھەرگىزمۇ باش تارتماسلىقىمىز كېرەك.
— ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇشقا ئوخشاشمۇ؟ ئەمما مەن، «ناماز ئىنساننىڭ قەرزى، بۇ دۇنيادا ئوقۇيالمىسا، ئۇ دۇنياغا بارغاندا تولۇقلىسا بولىدۇ» دەپ ئاڭلىغانىدىم...
— كىم شۇنداق دەيدۇ؟ ئۇ دۇنيادا ناماز ئوقۇلمايدۇ. ئىبادەت پەقەت بۇ دۇنياغىلا خاستۇر. «بۇ دۇنيادا قىلالمىساڭ، ئۇ دۇنيادا تولۇقلايسەن» دەيدىغان گەپ يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىبادەت پەقەت ناماز ئوقۇش ۋە روزا تۇتۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئاللاھقا قۇللۇق قىلىش ئىنسان ھاياتىنىڭ پۈتۈن قىسمىغا، يەنى بالا تەربىيىلەشتىن سودا - سېتىققىچە، قوشنىدارچىلىقتىن دۆلەت ئىشلىرىغىچە سىڭىپ كىرگەن بولىدۇ.
ئۆزگە مومىسىنىڭ سۆزىنى بۆلدى:
— ئەمىسە سەن ناماز ئوقۇيسەن، ئاللاھقا قۇللۇق قىلىسەن، ئۇنداقتا يەنە نېمىگە ئازاپلىنىسەن؟
جەمىلە موماي نەررىسىنىڭ بېشىنى سىلىغاچ جاۋاب بەردى:
— جېنىم قىزىم ، مەن سېنىڭ ئۈچۈن، ئاتا - ئاناڭ ئۈچۈن ئازاپلىنىۋاتىمەن.
ئۆزگەنىڭ ئەمدىلىكتە ئىشى تەسلىشىشكە باشلىغانىدى. ئۇ بىردىنلا مومىسىغا ئىچ ئاغرىتىپ قالدى.
— موما، مېنىڭ ئۈچۈن ئازاپلىنىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق، خۇداغا شۈكرى، ھېچنەرسەم كەم ئەمەس.ئۇنۋېرستىتقىمۇ ئۆتتۈم، دادام ئاغزىمدىن چىققىنىنى قىلىپ بېرىدۇ.
— ۋاي بالام! كاشكى ھەممە نەرسە سېنىڭ ئېيتقانلىرىڭ بىلەنلا تۈگىگەن بولسا. بۇنىڭ بىلەنلا ئەبەدىي خۇشاللىققا ئېرىشەلەمسەن؟ دۇنيا ھاياتىنىڭ قانچە كۈنلۈك ئىكەنلىكىنى كىم بىلىدۇ؟ بۇ ئۆتكۈنچى بەخت ھەقىقىي بەخت بولالامدۇ؟ بۇنىڭ كىچىك بالىنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇقتىن نېمە پەرقى بار؟
— ۋاي - ۋۇي موما! بىزگىمۇ ئىچىڭ ئاغرىسۇن. تۆت كۈنلۈك ئالەمگە نېمانچىلا قىلىپ كېتىمىز؟
— بۇ ئالەم تۆت كۈنلۈك بولغاچقىلا ھاياتىمىزنى تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزىشىمىز كېرەك. شۇنداق ئەمەسمۇ؟
ئۆزگە ئويلىنىپ قالدى: «مەنىلىك ياشاش دېگەن نېمىدۇر؟ مومام غەلىتىلا گەپلەرنى قىلىدىغۇ؟!» ئۇ بۇ كەمگىچە مومىسى بىلەن بۇنچىلىك ئۇزۇن پاراڭلىشىپ باقمىغانىدى. ئۇ بىردىنلا بۇ يەرگە كىرىشتىكى مەقسىتىنى ئېسىگە ئالدى - دە، بۇ ئىشنىڭ ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، مومىسىغا:
— ئاللاھ ئوقۇغان نامىزىڭنى قوبۇل قىلسۇن، مەن چىقاي موما، مېنىڭ بەختىمگە دۇئا قىلىپ قويغىن، بولامدۇ؟!ـ دېدى.
— ئەلۋەتتە بالام، ھەردائىم قىلىۋاتىمەن.
ئۇ مومىسىنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقىشىغا ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭغا ئۈمىد بىلەن باقتى. ئۆزگە:
— مەن قىلالمىغۇدەكمەن. توغرىسىنى ئېيتقاندا، بۇ ئىشنى مومامغا ئېيتىشتىن ۋاز كەچتىم. ئەڭ ياخشىسى ئۆز ئىشىڭلارنى ئۆزەڭلار بىر تەرەپ قىلىڭلار، - دېدى ۋە بىر چەتكە ئۆتۈپ ئولتۇردى.
مەريەمنىڭ كەيپى ئۇچتى. ئارىف ئەپەندى:
— مېنىڭ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا تۇرىدۇ. ئەڭ ياخشىسى باشقا بىر ئامال تاپساقمىكىن، - دېدى. ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، مەريەم:
— مەن تويدۇم. يا تەڭ باقىمىز ياكى بولمىسا مەن بۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىمەن، - دېدى.
ئايشەن بولسا، سوتچى تاغىسىنىڭ ئىلغار پىكىرلىرىگە ئىشەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى:
— تاغا! مومام ئۇ قالاق ئىدىيىسىدىن پەقەت ۋاز كەچمەيۋاتىدۇ.
تۈركان خانىم ئۇنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمەي:
— قانداق دەيسەن؟ - دەپ سورىدى.
— بۇ ئۆيدە مومام بىزنى تېلېۋىزور كۆرگىلى، گىرىم قىلىپ ياسانغىلى قويمايدۇ. ھەتتا بۇرۇلكا كىيىشىمىزگىمۇ قارشى تۇرىدۇ.
— قېرى جاھىلنىڭ ئۆزى دېگىنە! ھېلىمۇ ياخشى ئۆيىمىز يېقىن بولۇپ قالماپتۇ، - دېدى تۈركان خانىم ۋە ئېرىگە قاراپ:
— قەدىرلىكىم! شۇنچە كۆپ دىنچىنىڭ دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتىسەن. قارا، ئاناڭمۇ سېپى ئۆزىدىن دىنچى ئىكەن. ياشانغانلار ساناتورىيىسى ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە تەسىر قىلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس، - دېدى. ئارقىدىنلا ئولتۇرغانلارغا:
— بۇ ئىشنى زادى ھەل قىلمىساق بولماپتۇ، - دېدى.
باياتىن بېرى خىيالچان ئولتۇرغان يۇنۇس ئېغىز ئاچتى:
— دېمەك، ئانىلارنى كوچىغا تاشلىۋېتىش، ئۇنى كۆرەر كۆزى قالماسلىق، بىللە ياشاشنى خالىماسلىق مەدەنىيلىكنىڭ ئىپادىسى ئىكەندە؟ توۋۋا!...
ئايشەن ئۇنىڭ گېپىگە قارشى چىقتى:
— بۇ گەپ سېنىڭ ئاغزىڭدىن چىقىۋاتامدۇ؟
ئارىف ئۇلارنى جىمىلىدى:
— بولدى، تالاشماڭلار!
سوتچى ئەپەندى گەپكە ئارىلاشتى:
— ئەمىسە، بىر مەزگىل ساناتورىيەگە ئاپىرىپ سىناپ باقايلى. ئەگەر كۆنەلمىسە، شۇ چاغدا بىر گەپ بولار. ئەڭ ياخشىسى ئۇنى چاقىرىپ، قارارىمىزنى بىرلىكتە ئېيتايلى!
ئارىدىن يېرىم سائەتچە ۋاقىت ئۆتتى. ئۆزگە مومىسىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ:
— موما! سېنى چاي ئىچسۇن دەيدۇ، - دېدى.
— شۇنداقمۇ؟ ئىچمىسەممۇ بولاتتى ئەمەسمۇ؟
— ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ، بىزمۇ ئەتىلا كېتىمىز.
— ھە، مەيلى ئەمىسە.
ئۆزگە بىردەم ئويلىنىپ قېلىپ، مومىسىدىن پەس ئاۋازدا سورىدى:
— موما، نېمىشقا يەڭگەم بىلەن چىقىشالمايسىلەر؟
— كىم شۇنداق دەيدۇ؟
— ھېچكىمغۇ ئۇنداق دېمىدى، ئەمما مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇرمامدۇ؟
جەمىلە مومايمۇ پەس ئاۋازدا جاۋاب بەردى:
— بالام، قېرىغاندا خەقكە يۈك بولۇپ قالىدىغان گەپكەن. زامان ئۆزگىرىۋاتىدۇ، زامانغا ئەگىشىپ ئىمان - ئېتىقادىمىزمۇ ئاينىپ كېتىپ بارىدۇ. مەن بەزى ئىشلارغا چىداپ تۇرالماي، ئارتۇق گەپ قىلىپ قويىدىكەنمەن.شۇنىڭ بىلەنلا سۈركىلىش باشلىنىدۇ. ئەمدى چۈشەنگەنسەن؟
— موما، غەلىتىلا گەپلەرنى قىلىدىكەنسەن، تەرەققىيات دېمەك، ئىمانسىزلىقتىن ئىبارەتمۇ؟ بىز زامانغا ماسلاشماي قانداق قىلىمىز؟
— بالام، تەرەققىيات دېگەن، ئىسلامغا، قۇرئانغا، ئىمانغا زىت بولمىسىلا، ھېچكىممۇ تەرەققىياتنى ئىمانسىزلىق بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويالمايدۇ. ئەمما تەرەققىيات ئەقىدىلىرىمىزنى دەپسەندە قىلسا، تەرەققىيات بىزنى ئاللاھتىن بارغانسېرى يىراقلاشتۇرۇۋەتسە، ئاللاھنىڭ ئەمر - ھۆكۈملىرىنى ئۇنتۇشقا مەجبۇرلىسا، ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ؟
— چۈشەندىم، ئەمما بىز تېخى ياش. ئاللاھ كەچۈرۈۋېتىدۇ، شۇنداققۇ؟
— جېنىم قىزىم، قارىغاندا، سەن بۇ تېمىلارغا قىزىقىدىغاندەك تۇرىسەن. ئايشەن بولسا، مېنىڭ گەپلىرىمنى قېتىغىمۇ ئېلىپ قويمايدۇ.
— مەن بۇرۇن بۇ ھەقتە ھېچ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.
— سوئالىڭغا جاۋاب بېرىۋېتەي، داداڭلار ساقلاپ كەتتى. سەن ئاللاھنىڭ كەچۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى نەدىن بىلىسەن؟ ئاللاھ خالىسا كەچۈرىدۇ، ئەمما كەچۈرۈشنىڭمۇ شەرتلىرى بولىدۇ. ئاللاھنىڭ كەچۈرۈشى ئۈچۈن، بەندە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.
— قانداق تىرىشچانلىق؟
— ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي (يەنى ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن) تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر؛ ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ، بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ئەمدى تەۋبە قىلدىم دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسىنى ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسىنى (يەنى ئۆلۈم ئالدىدا ئىمان ئېيتتىم دېگۈچىلەرنىڭ ئىمانى) قوبۇل قىلىنمايدۇ.ئەنە شۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق»[1].
موماينىڭ سۆزلىرى قىزغا ھەقىقەتەن تەسىر قىلغانىدى. بۇنى سەزگەن موماي سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
— بىز تېخى ياش دەيسەن. ساڭا ياشلىقنى ئاتا قىلغان كىم؟ نېمىشقا ئاتا قىلدى؟ ساڭا بۇنى ئۆزەڭ بىلگەنچە ياشا دەپ بەردىمۇ؟ ياشلارنىڭ ئاللاھقا ئېھتىياجى يوقمۇ؟ ھەيھات!... ياش ۋاقتىدا قىلىنغان ئىبادەت ئاخىرەتتە قۇياشتەك چاقنايدۇ. قېرىغىچە ياشىشىڭغا كاپالىتىڭ بارمۇ؟ بولسىمۇ، ئۇ چاغدا، ئاللاھقا قۇللۇق قىلىشقا ماغدۇرۇڭ يەتمەسلىكى مۇمكىن. بىر رىۋايەتتە پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن...
— پەيغەمبىرىمىز؟
— شۇنداق، ئۇ، ئاللاھنىڭ بىزگە ئەۋەتكەن ئەلچىسى بولۇپ، ئۇ: «بەش تۈرلۈك ئىش بېشىڭلارغا كېلىشتىن بۇرۇن، بەش تۈرلۈك نەرسىنىڭ قەدرىگە يېتىڭلار!» دېگەنىدى.
— قايسى بەش نەرسە ئۇ؟
— كېسەل بولۇشتىن بۇرۇن سالامەتلىكنىڭ؛ قېرىلىق يېتىشتىن بۇرۇن ياشلىقنىڭ؛ يوقسۇللۇقتىن بۇرۇن بايلىقنىڭ؛ ئالدىراشچىلىقتىن بۇرۇن بىكار ۋاقىتنىڭ؛ ئۆلۈمدىن بۇرۇن ھاياتنىڭ قەدرىنى بىلمەكتۇر.
— ئاجايىپ ھېكمەتلىك سۆز ئىكەن. ھاياتنىڭ پۈتۈن ھېكمەتلىرى بۇ سۆزلەرگە يىغىنچاقلىنىپتۇ. موما ئەمدى چىقايلىمۇ؟ دادام دىنچى دېسە، قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرىدۇ. بۇ گەپلىرىڭنى ئاڭلاپ مەنمۇ دىنچى بولۇپ كەتسەم، دادام مېنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، خۇدايىم ساقلىسۇن!
ئۇلار مېھمانخانىغا چىقىشتى. تېلېۋىزورنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن جەمىلە موماي تولىمۇ ئەجەبلەندى.ئۇلار بىردەم ئۇ يەر - بۇ يەردىن پاراڭ سېلىشقاندىن كېيىن، كېلىنى تۈركان خانىم تېمىنى ئەسلى مەقسەتكە يۆتكىدى، يۆتكىمەيمۇ بولمايتتى. ئۇنداق قىلمىغاندا، قېينانىسىنى ئېلىپ كېتىپ بېقىشقا مەجبۇر بولاتتى. مەريەم خانىم بولسا، بۇ قېتىم موماينى كەتكۈزۈۋېتىشتە قەتئىي قارارغا كەلگەندەك كۆرۈنەتتى.
— ئانا، بۇ ئۆيدە پاراڭلاشقۇدەك ئادىمىڭمۇ يوق، زېرىكىپ قالغانسەن؟
جەمىلە موماي گاڭگىرىغان ھالدا:
— گېپىڭنى چۈشىنەلمىدىم قىزىم، - دېدى.
— دوستلىرىڭمۇ يوق دېمەكچىمەن. شۇڭا بىز سېنى دوست تاپقۇدەك بىرەر يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز.
— قانداق يەر ئۇ؟
— مېنىڭ بىر دوستۇم ئاپىسىنى ئاپىرىپ قويۇپتىكەن، ئاپىسى ئۇ يەرنى شۇنداق ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ.
موماينىڭ تۇيغۇن كۆڭلى بىر ئىشنى سەزدى ۋە پۈتۈن بەدىنىنى مۇزدەك تەر باسقاندەك بولدى. بىردىنلا خىيال قۇشلىرى ئۇنى ئۆتمۈشكە ئېلىپ كەتتى، ئىككى ئوغلىنى بېقىپ چوڭ قىلغۇچە تارتقان جاپالىرى، كۆرگەن خورلۇقلىرى كۆز ئالدىدىن بىرمۇ - بىر ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۇ چاغلاردا جەمىلە بىنالارنىڭ پەلەمپەيلىرىنى تازىلاپ تاپقان ئازغىنە پۇلى بىلەن تۇرمۇشىنى ئاران قامدايتتى. ئۇ تازىلايدىغان بىنادا ئولتۇرىدىغان بىر قېرى موماي بىر كۈنى ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەنىدى:
— ھەي... جەمىلە، بىر ئانا ئون بالىنى باقىدۇ، بىراق ئون بالا بىر ئانىنى باقالمايدۇ. سەن قېرىپ كۈچۈڭدىن قالغاندا، ئۇ بالىلىرىڭ ساڭا قارارمۇ؟
جەمىلە موماي شۇ گەپنى ئەسلەپ قالدى. بىردىنلا بوغۇزىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ، كۆزلىرى ياشقا تولدى. ئۆي سۈكۈتكە چۆمگەنىدى. ئۇ ئولتۇرغانلارغا بىرمۇ بىر قاراپ چىقتى. يۇنۇسنىڭ كۆزلىرى نەملەنگەنىدى. موماي پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ:
— مەن نېمە دېمەكچى بولغانلىقىڭلارنى چۈشەندىم. مەن شۇ تاپتا سىلەردىن ئەمەس، سىلەرگە بۇ ئاڭنى سىڭدۈرۈۋەتكەنلەردىن نەپرەتلىنىۋاتىمەن. سىلەر دۈشمەننى كۈلدۈرۈپ، دوستنى يىغلىتىۋاتىسىلەر. ئەمما نېمە قىلىۋاتقىنىڭلارنى ئۆزەڭلارمۇ بىلمەيسىلەر ھەم بىلىشنىمۇ خالىمايسىلەر.
جەمىلە موماي ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرەپ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. سوتچى ئاكىفتىن باشقىلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھېچنېمىنى ئاڭقىرالمىغانىدى. بىرىنچى بولۇپ، ئۆزگە سورىدى:
— مومامنىڭ گېپىنى قايسىڭلار چۈشەندىڭلار؟
دادىسى جاۋاب بەردى:
— موماڭنىڭ بۇ گەپلىرىگە نۇرغۇن مەنىلەر يوشۇرۇنغان.
نىھايەت، مەريەم خانىم مۇرادىغا يەتكەن بولدى. ئايشەنمۇ ئۆزىنىڭ ئەركىن - ئازادە ياشىشىغا توسالغۇ بولغان مومىسىدىن قۇتۇلغىنىغا خۇش ئىدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، موماينى ساناتورىيەگە ئاپىرىپ قويۇشتى. ئۇنىڭغا ئۆيدىن ئايرىلىش تولىمۇ ئېغىر كەلگەن بولسىمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ساناتورىيەدە ياشاشقا مەھكۇم ئىدى.

داۋامى  بار...
سەن ئەتتىگەندە كەچنىڭ، كەچتە ئەتىنىڭ غىمىنى يىمە!
ئەتە نىمە بولىشىڭنى بىلمەيسەن.
سەن ئۆتكەن كۈننىڭ غىمىنى يە!
سەدىچىن سىپىلىنى سوققانلار، ھون بوۋامدىن قورۇقق ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7175
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 26
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
ئۆسۈش: 500 %
مۇنبەر پۇلى: 640 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-18
ئاخىرقى: 2011-05-27
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-21 05:34

داۋامى

ئۆزگە ئۆيدە چامادانلىرىنى يىغىشتۇرغاچ ئاپىسىدىن:
— ئاپا، تەنتەربىيە ئىشتانلىرىم نەدە؟ - دەپ سورىدى.
— ئىشكاپقا قويۇپ قويدۇم. قىزىم، ھەممە نەرسەڭنى تولۇق يىغىشتۇر. قىشلىق كىيىملىرىڭنى قويماي ئېلىۋالغىن.سەن ئوقۇيدىغان يەردە قىش بەك قاتتىق بولىدۇ دەپ ئاڭلىدىم.
— ماقۇل ئاپا.
— مەكتىپىڭنىڭ ئەرزۇرۇمدىن چىققىنىنى قارىمامدىغان. سېنى سېغىنىپ كېتىدىغان بولدۇم - دە. ھەي، ئامال قانچە؟
شۇ ئەسنادا، تېلېفون جىرىڭلىدى. تۈركان خانىم تېلېفوننى ئېلىپ قىزىنى چاقىردى:
— قىزىم، سەلچۇق تېلېفون قىلىپتۇ.
ئۆزگەنىڭ ئىچى سىقىلدى. خۇشياقمىغاندەك بېرىپ، تېلېفوننى ئالدى ۋە سۆزلىشەر - سۆزلەشمەيلا قويۇۋېتىپ، ئۆزىچە كوتۇلدىدى:
— ئەجەب قۇتۇلالمىدىم بۇنىڭدىن.
— نېمىشقا ئۇنداق دەيسەن قىزىم؟
— بۇدۇشقاقتەكلا بىر نېمە. شۇنچە ئارىلىشىپمۇ، ئۇنىڭغا ھېچ كۆڭلۈم چۈشمىدى. ئۆزىگىمۇ دېدىم بولمىسا. يەنە شۇنداق يېپىشقىنى يېپىشقان.
— بوپتۇ، بەك جىق ئويلاپ كەتمە. بەرىبىر كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، ئۇ يەردىن باشقا بىرىنى تاپارسەن.
ئۆزگە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئەرزۇرۇمغا ئوقۇشقا ماڭغانىدى. نەرسە - كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرغاچ، كاللىسىدا: «ئەجىبا ئۇ يەرنىڭ ھاۋاسىغا، مۇھىتىغا كۆنەلەرمەنمۇ؟ ھەممە نەرسە مەن ئۈچۈن شۇنداق يات» دېگەن خىيال كېزەتتى. ئۇنىڭ مېڭىشتىن بۇرۇن قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشى ساناتورىيەگە بېرىپ، مومىسىنى يوقلاش ئىدى. ئۇ ئەتىسى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، مومىسىنىڭ قېشىغا باردى. مومىسى روھسىز كۆرۈنەتتى. كۈنبويى ئۆزىگە ئايرىپ بېرىلگەن كىچىك ھۇجرىسىدىن چىقمايتتى. ئۇ يەردىكى بەزى ياشانغانلارنىڭ جېدەل - ماجىرالىرى بالىلىرىنىڭ غەۋغالىرىدىنمۇ بەتتەر قۇلاق - مېڭىسىنى يەيتتى. پائالىيەت ئۆيىدە ئەرلەر ئولتۇرۇۋالغاچقا، موماي ئۇ يەرگىمۇ چىقالمايتتى.
ئۆزگە بىر ھازاغىچە لام - جىم دېمەي تۇرۇپ قالدى ھەم دېگۈدەك گەپمۇ تاپالمايۋاتاتتى. مومىسىنىڭ چىرايىغا سەپسالغان كىشى ئۇنىڭ روھى ھالىتىنىڭ قانداقلىقىنى دەرھال ئۇقۇۋالاتتى. موماي بۇ مەزگىل ئىچىدە تېخىمۇ قېرىپ كەتكەنىدى.
ئۆزگە چىۋىن يەۋالغاندەك غەشلىك ئىچىدە ساناتورىيەدىن ئايرىلدى. مومىسى بولسا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئىنسابىغا دۇئا قىلىپ قالدى.

داۋامى  بار..
سەن ئەتتىگەندە كەچنىڭ، كەچتە ئەتىنىڭ غىمىنى يىمە!
ئەتە نىمە بولىشىڭنى بىلمەيسەن.
سەن ئۆتكەن كۈننىڭ غىمىنى يە!
سەدىچىن سىپىلىنى سوققانلار، ھون بوۋامدىن قورۇقق ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7175
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 26
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
ئۆسۈش: 500 %
مۇنبەر پۇلى: 640 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-18
ئاخىرقى: 2011-05-27
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-21 05:38

داۋامى

ئايشەن قولىدىكى ئىمتىھان نەتىجىسى يېزىلغان قەغەزنى پۇلاڭلاتقىنىچە، ئۆيگە ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كىردى ۋە:
— ئاپا، ئاپا، سەن قەيەردە؟ مەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپتىمەن! ئاھ خۇدا، راستىنلا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ! - دەپ ۋارقىرىدى.
ئالدىراش چىقىپ كەلگەن مەريەم خانىم:
— ئۆزۈڭنى بېسىۋال قىزىم، قايسى ئىمتىھاندىن ئۆتۈپسەن؟ - دەپ سورىدى.
ئايشەن خوشاللىقىدىن ۋارقىرايتتى، سەكرەيتتى. ئاپىسىغا ھاياجان بىلەن جاۋاپ بەردى:
— پوچتىخانا ئىمتىھانىدىن ئۆتتۈم!
مەريەم خانىم سۆيۈنگەن ھالدا قوللىرىنى دۇئاغا كۆتۈردى:
— ساڭا مىڭ مەرتىۋە شۈكۈر ئاللاھىم! قىزىم ئاخىرى مۇرادىغا يەتتى. ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلدىڭ ئاللاھىم!
ئاكىف ئەپەندىمۇ بۇ خەۋەردىن بېشى كۆككە يەتكەندەك بولدى. ئايشەن ئەمدى تەقسىماتقىلا قاراپ قالغانىدى، تېخى تۇنجى مائاشىنى ئېلىپ قۇربانلىق قىلماقچىمۇ بولدى. ئۇ بۇ خۇش خەۋەرنى سۆيگىنى ۋۇرالغا يەتكۈزۈشكە ئالدىرىدى.
بۇ ئەسنادا ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى، يۇنۇس قايتىپ كەلگەنىدى. مومىسى ساناتورىيىگە ئاپىرىۋېتىلگەندىن بېرى ئۇنىڭ قاپىقى ئېچىلمايۋاتاتتى. ئۆيدە ھېچكىمگە گەپ قىلمايتتى. ئايشەن ئاكىسىدىن:
— تېپىپ باقە، بۈگۈن نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى.
— بۇنچىۋالا خۇش بولۇپ كەتكىنىڭگە قارىغاندا، جەننەتتىن خۇشخەۋەر كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟
— مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتتۈم!
— ھە، شۇنداقمۇ؟ سېنى كۆرگەن كىشى جەننەتتىن خەۋەر ئالغان ئوخشايدۇ دەپ قالغۇدەك.
— مېنى قىزغىنىۋاتىسەن - ھە؟
— نېمىشقا قىزغانغۇدەكمەن؟
— چۈنكى سەن ئۆتەلمىدىڭ.
— كىمنىڭ مەمۇر بولغۇسى كەپتۇ؟ مەن ئۇنىۋېرسىتېت ئىمتىھانىغا قايتا كىرمەكچى ھەم ... بولدىلا، دېمەيلا قوياي.
— نېمە دېمەكچىدىڭ؟
— مەن سېنىڭ ئورنىڭدا بولغان بولسام، يىغلىغان بولاتتىم.
— نېمىشقا؟
— نېمىشقا بولاتتى؟ چۈنكى مومامنى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىشكە سەن سەۋەبچى بولدۇڭ، - دېدى ۋە ئۇنىڭ جاۋاب بېرىشىنى كۈتمەيلا ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ كارىۋىتىغا ئۆزىنى تاشلاپ، كۆزلىرىنى تورۇسقا تىككىنىچە خىيالغا كەتتى.
ئوغلىنىڭ سۆزلىرىدىن بىر قىسما بولۇپ قالغان مەريەم خانىم يۇنۇسنىڭ كەينىدىن كىرىپ، كارىۋاتنىڭ قىرىغا ئاستاغىنە ئولتۇردى. ئوغلىغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن:
— بالام، نېمە بولدۇڭ؟ نېمە دەردىڭ بار؟ - دەپ سورىدى.
يۇنۇس ئۈنچىقمىدى. ئاپىسى يەنە سورىدى:
— زادى نېمە ئىش بولدى؟ ئەگەر نۇرتەننىڭ ئىشى توغرۇلۇق ئويلىشىۋاتقان بولساڭ، مەن داداڭ بىلەن مەسلىھەتلەشتىم، پات يېقىندا ئەلچى ئەۋەتەيلى. ئەگەر ئىش تېپىپ قالساڭ، بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، ئۆيۈڭنى بېقىپ كېتەلەيسەن.
يۇنۇس ئاپىسىغا قاراپ قويۇپ، كۆزلىرىنى يەنە تورۇسقا تىكتى ۋە:
— بىلمەيمەن، بىلەلمەيۋاتىمەن، - دېدى.
— نېمىنى بىلەلمەيۋاتىسەن؟
— كۆڭلۈم بەكمۇ پاراكەندە. مومامنى ئويلاۋاتىمەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆلۈپ كېتىپ قالسىمۇ، بىز يېنىدا بولالمايمىز. كاللامدىن پەقەتلا ئۆتمەيۋاتىدۇ. دادام سودىگەر، تاغام سوتچى تۇرۇپ، ئانىسىنى ساناتورىيەگە، ئىگە - چاقىسىزلارنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويدى.
يۇنۇسنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولغانىدى. ئاپىسى:
— ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقان يالغۇز سېنىڭلا موماڭمىدى؟ شۇنچە جىق ئادەم بارغۇ؟
— شۇنداق، ئۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بالىلىرى بىزگە ئوخشاش ۋاپاسىز، ۋىجدانسىز. بىچارە مومام ئىككى بالىسىنى خەقنىڭ ئۆيلىرىنى تازىلاپ يۈرۈپ چوڭ قىپتىكەن. ئەمدىلىكتە بۇ ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئاپا، ئۇ سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى تەۋسىيە قىلىشتىن باشقا نېمە گۇناھ قىلدى، دەپ باققىنە؟!
مەريەم خانىم تاقەتسىزلىنىپ، گەپنى باشقا ياققا يۆتكىدى:
— ماڭا قارا بالام، سەن نۇرتەنگە خەۋەر بەرگىن. بۇ ھەپتە ئاخىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە بارايلى. سەنچە قانداق؟ بەلكى كەيپىياتىڭ ياخشىلىنىپ قالار.
— ھە مەيلى ئاپا. ئۆزىمۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سۈيلەۋاتاتتى. ئۇنىڭغا باشقا يەرلەردىنمۇ ئەلچى كەلگەن ئوخشايدۇ.
— ھە، ئەسلىدە ئېچىلالماي يۈرگىنىڭنىڭ سەۋەبى مۇشۇكەندە؟
— شۇنى ئۇنتۇپ قالمىغىن ئاپا، سەنمۇ قېينىئانا بولىسەن.
— ئەمىسە مەن چىقاي، قىزغا خەۋەر بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمىغىن.
ئاپىسى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، يۇنۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، نۇرتەننىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئىزدەش ئۈچۈن تارتمىنى ئاختۇرۇۋىدى، قولىغا بىر پارچە قەغەز چىقتى. ئۈستىدە «ئۆمەر فارۇق» ئىسىملىك بىرسىنىڭ تېلېفون نومۇرى تۇراتتى. يۇنۇس ئۇنىڭ كىملىكىنى دەماللىققا ئېسىگە ئالالمىدى. ئۇ بىردەم ئويلىنىپ، ئاخىرى بۇ نومۇرنىڭ ھېلىقى كۈنى بېكەتتە تونۇشقان يىگىتنىڭ نومۇرى ئىكەنلىكى يادىغا كەلدى. يۇنۇس ئالدى بىلەن نۇرتەنگە تېلېفون قىلىپ، يەكشەنبە كۈنى ئەلچىلىككە بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى، ئارقىدىنلا ئۆمەر فارۇق بىلەنمۇ كۆرۈشۈش ئۈچۈن كېلىشىپ قويدى.
ئۇ ھۇجرىسىدىن چىقىپ، ئاپىسىغا: «ئاپا، نۇرتەنگە دەپ قويدۇم، يەكشەنبە كۈنى بىزنى ساقلايدىغان بولدى.مەن ھازىر سىرتقا چىقىمەن، بىر دوستۇم بىلەن كۆرۈشمەكچىدىم» دېدى - دە، ئۆيدىن چىقتى.
يۇنۇس يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ئۆمەر فارۇق ئىشلەيدىغان «يۇلتۇز بولكىخانىسى» غا يېتىپ كەلدى. پۇل ئېلىش ئورنىدا ئولتۇرغان كىشىدىن ئۆمەرنى سورىۋېدى، ئۇكىشى ئۇنىڭ بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى، سەل تۇرۇپ قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن يۇنۇس بىر چەتتە ئولتۇرۇپ ساقلاشقا باشلىدى. ئارىدىن ئون مىنۇتچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆمەر فارۇق قايتىپ كەلدى، يۇنۇسنى كۆرۈپ، خۇشچىراي بىلەن:
— خۇش كەپسەن! - دېدى.
— رەھمەت، قانداق ئەھۋالىڭ؟ - دېدى يۇنۇس.
— ياخشى، مەن تېخى سېنى ئەمدى كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن.
— تېلېفون نومۇرۇڭنى تارتمىغا سېلىپ قويۇپ شۇ پېتى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. بۈگۈن توساتتىن تېپىۋېلىپ، شۇ ھامانلا تېلېفون قىلغانىدىم.
— ئەمىسە بىزگە بۈگۈن كۆرۈشۈش نېسىپ بولغان ئوخشايدۇ. بىردەم ساقلاپ تۇرغىن، مەن خوجايىندىن رۇخسەت ئالاي، ئىككىمىز چىقىپ چاي ئىچكەچ پاراڭلىشايلى.
ئۇلار  بولكىخانىنىڭ يېنىغىلا جايلاشقان بىر چايخانىغا كىرىپ ئولتۇردى. ئالدى بىلەن ئۆمەر فارۇق ئېغىز ئاچتى:
— ئىسمىمنى بىلىسەنغۇ دەيمەن، ئۆمەر فارۇق. بۇ يىل 20 ياشقا كىردىم، كەچلىك كۇرستا ئوقۇۋاتىمەن. ھەدەم بىلەن بىللە تۇرىمەن.
—  مېنىڭ ئىسمىم يۇنۇس. بۇ يىل 19 ياشقا كىردىم، دادام «چاقماق ئوغۇللىرى سودا مەركىزى» نىڭ خوجايىنى.بۇ يىل ئۇنىۋېرستېت ئىمتىھانىغا كىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغاچ، بىر تەرەپتىن ئىش ئىزدەۋاتىمەن.
— ئۆزەڭ ياخشى تۇرغانسەن؟ سېنىڭ كېلىشىڭنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.
— ياخشى. سەنمۇ ياخشى تۇرۇۋاتقاندەك قىلىسەن. ھە راست، سۆيگىنىڭ بىلەن قانداقراق ئۆتۈۋاتىسەن؟
ئۆمەر فارۇق بۇ كۈتۈلمىگەن سوئالغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدى. يۇنۇس سۆزىنى داۋام قىلدى:
— قايسى كۈنى بېكەتتە سۆيگىنىڭ بارلىقىنى دېگەن ئىدىڭغۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتامسەن؟
ئۆمەر فارۇق بىردىنلا يۇنۇسنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەندى ۋە:
— ھە، ئەمدى ئېسىمگە كەلدى. مەن سۆيگىنىم بىلەن ياخشى ئۆتۈۋاتىمەن دەپ قارايمەن، ئەمما ئۇنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقى ماڭا قاراڭغۇ.
— دېمەك، سېنىڭكىسى يوشۇرۇن سۆيگۈ ئىكەندە.
— بىلمەيمەن. سەن سۆيگىنىڭ بىلەن قانداقراق ئۆتۈۋاتىسەن؟
— بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە بارىدىغان بولۇۋاتىدۇ.
— شۇنداقمۇ؟ ئاللاھ ئاقىۋىتىنى خەيرلىك قىلسۇن!
— ئامىن. سەنمۇ مۇرادىڭغا يەتكەيسەن!
— ئامىن.
— بىز بۇندىن كېيىن داۋاملىق كۆرۈشۈپ تۇرايلى، بولامدۇ؟
— ئەلۋەتتە بولىدۇ، خۇشاللىق بىلەن.
ئۇ ئىككىسى يەنە بىرئاز پاراڭلاشقاندىن كېيىن قايتماقچى بولۇپ قوزغالدى. شۇ ئەسنادا ئۆمەرنىڭ يېزنىسى كېلىپ قالدى ۋە ئۆمەرگە:
— بۈگۈن كەچلىك تاماقنى ھەدەڭ بىلەن سىرتتا يەيمىز، ساڭا ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى قويۇپ قويغىلى كەلدىم، — دېدى ۋە ئاچقۇچنى قويۇپ قويۇپ كېتىپ قالدى.
ئۆمەر يېزنىسىنىڭ ئاچقۇچ قويۇپ قويغىلى كەلدىم دېگىنىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر باھانە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. يېقىندىن بېرى يېزنىسى ئۇنى - بۇنى باھانە قىلغان بولۇپ، ئۆمەرنىڭ ئىشلەۋاتقان يېرىگە كېلىپ ئۇنى كۈزىتىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۆمەر بۇنىڭغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيتتى، لېكىن ئۇ ئىشلەپ تاپقان پۇلنى ھەدىسى ۋە يېزنىسىنىڭ گۇناھ ئىشلارغا سەرپ قىلىشى ئۇنى تولىمۇ ئازابلايتتى. يېزنىسى كەتكەندىن كېيىن، ئۆمەر يۇنۇسقا قاراپ:
— بۈگۈن كەچتە بىزنىڭ ئۆيگە بارايلى، ئۆيدە ھېچكىم يوق، پاراڭلىشىپ ئولتۇرىمىز، - دېدى.
ئۆيدىن زېرىكىپ تۇرغان يۇنۇس ھېچ ئويلانمايلا ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئۆمەر ئىشتىن چۈشكەندە قايتا كۆرۈشمەكچى بولۇپ ئايرىلىشتى.
يۇنۇس بىلەن ئىككىسى ئۆمەرنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئۆمەر چاي دەملەش ئۈچۈن ئوچاققا ئوت ياقتى. چاي قاينىغىچە مېھمانخانىدا بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشتى. يۇنۇس ئۆيگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن:
— ئۆيۈڭلارنى كاتتا بېزىۋاپسىلەر، - دېدى.
— ھەدەم (ئاللاھ ئۇنىڭغا ھىدايەت ئاتا قىلسۇن) بۇنداق ئىشلارغا بەكمۇ قىزىقىدۇ. ئۆزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى. يېزنەم مالىيە ئىدارىسىدا ئىشلەيدۇ.
— بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆيىنىڭ بۇنچىۋالا كاتتا بولۇشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. كەچۈرگىن، تەنقىد قىلغىنىم ئەمەس، پەقەتلا ھېس قىلغانلىرىمنى ئېيتتىم.
— مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن. لېكىن ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە لايىق قىزىقىشى بولىدۇ.
— مەنچە سىلەر ئائىلە بويىچە مۇتەئەسسىپ ئىكەنسىلەر.
— ياق، مەن مۇتەئەسسىپ ئەمەس. مۇتەئەسسىپلەر بىر ئىشقا قارىغۇلارچە ئىشىنىدۇ، قارىغۇلۇق جاھالەتتۇر.ھەقىقەتنى قوغدايدىغانلار مۇتەئەسسىپ بولمايدۇ. ئائىلەمنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇرۇن ھەممىمىز ئوخشاش ئىدىيە ئېقىمىغا تەۋە ئىدۇق. ئائىلىمىزدىن ھازىر ئىككى قېرىنداشلا قالدۇق. ئاتا - ئانام مەن يەتتە ياش چېغىمدا ۋاپات بولغان. ھەدەم توي قىلغۇچە، بىزگە ھاممام قارىدى. ئون يىلدىن بېرى، ھەدەم بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىمەن.
— كەچۈرگىن، شۇ ئىدىيە ئېقىمى مەسىلىسىنى چۈشىنەلمىدىم.
— دېمەكچى بولغىنىم، ھەدەم بىلەن يېزنەم ئىككىسىنىڭ دۇنيا قاراشلىرى ئوخشاش. مەن ئىسلام بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، يوللىرىمىزنى ئايرىدۇق.
— ئىسلام بىلەن تونۇشماق؟ بۇرۇن باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلامتىڭ؟
— ياق، جىسمىم مۇسۇلمان بولغان بىلەن، روھىم ئىسلامدىن ئۇزاق ئىدى، ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەنمەيتتىم، ئۆزەم بىلگەنچە ياشايتتىم.
— كېيىن قانداق بولدى؟
— بۇرۇن سېپى ئۆزىدىن لۈكچەك ئىدىم. قىز دوستتىن بىر نەچچىنى تەڭ تۇتۇۋالاتتىم. ھازىرقى كۆپىنچە ياشلىرىمىزمۇ ئەنە شۇنداق. ھەتتا خىروئىنغا ئۆگىنىپ قالغىلى تاس قالغانىدىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ مېھرىبان، ئۇلۇغ ئاللاھ ماڭا مۆمىن ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچراشتۇردى.
يۇنۇس ئۇنىڭ گەپلىرىگە قىزىقىپ قېلىۋاتاتتى. شۇڭا ھاياجان بىلەن سورىدى:
— قانداق ئۇچراشتىڭلار؟
— بىر كۈنى يولدا كېتىۋېتىپ، بىر ھەميان تېپىۋالدىم. ھەمياننىڭ ئىچىدە كىملىك ۋە نۇرغۇن پۇل بار ئىدى.ھەدەم بىلەن يېزنەم مېنى پۇلنى ئېلىۋېلىشقا قىزىقتۇردى. ئەمما مەن كىملىكتىكى ئادرىس ۋە ئىسىم بويىچە ھەميان ئىگىسىنىڭ ئۆيىگە باردىم. ئىشىكنى ساقاللىق، نۇر يۈزلۈك بىر كىشى ئاچتى. بۇ دەل مەن تېپىۋالغان ھەمياننىڭ ئىگىسى ئىدى. ئامانەتنى ئىگىسىگە قايتۇرغاندىن كېيىن، كەتمەكچى بولدۇم. لېكىن ئۇ كىشى مېنى كەتكۈزمەي، ئۆيىگە باشلاپ كىردى. ئۇ كۈنى، دوستلىرى بىلەن دىنىي سۆھبەت ئۆتكۈزىۋاتقانىكەن. «سەندەك سەمىمىي يىگىتتىن يامانلىق كەلمەيدۇ، بۈگۈن مېنىڭ مېھمىنىم بولغىن!» دېدى. تۇنجى ئۇچقۇن مانا شۇنداق تۇتاشتى.
— «ھۇ» تارتىۋېتىپتىمىكەن؟
— ياق، ئىلمىي سۆھبەت يىغىلىشى ئىكەن. ھەزرىتى ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ تەۋھىد مۇجادىلىسى، تەۋھىدنىڭ مەنىسى ھەققىدە سۆز بولۇۋېتىپتىكەن.
— ھازىرمۇ قاتنىشىپ تۇرامسەن؟
ئۆمەر فارۇق: «شۇنداق» دېمەكچى بولدى - يۇ، ئارقىدىنلا ۋاز كەچتى. چۈنكى بۇ كۈنلەردە ھەممە ئادەمگە ئىشىنىۋېرىشكە بولمايتتى. بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەر تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈشكە ئاران تۇراتتى. شۇڭا:
— ياق، - دېدى ۋە:
— چۈنكى ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمەن. ئۆيدە ئوقاي دېسەم، شارائىت يار بەرمەيۋاتىدۇ، - دەپ قوشۇپ قويدى.
— ئۆيدىكىلەر قارشى تۇرامدۇ؟
— شۇنداق، جان - جەھلى بىلەن قارشى تۇرىدۇ.
— ئەمىسە، سېنىڭ ئىشىڭ تەسكەن.
— توغرا دەيسەن. ئەمما بۇ ئاخىرەتتىكى ئازابقا سېلىشتۇرغاندا ھېچ گەپ ئەمەس. يېزنەمنىڭ مېنى كۆرەر كۆزى يوق بولسىمۇ، مائاشىم بىلەن ئۆيگە ئانچە - مۇنچە قارىشىۋاتقانلىقىم ئۈچۈن گەپ قىلمايۋاتىدۇ. ئەمما مەندىن گۇمانلىنىپلا يۈرىدۇ.
— قانداق گۇمان؟
— بولدىلا، دېمەيلا قوياي.
— كەچۈرگىن، شەخسىي ئىشلىرىڭنى سورىماسلىقىم كېرەك ئىدى.
— ئۇنداق ئەمەس، دېگۈدەك ئىشمۇ يوق.
— ئەمىسە ماڭا تەۋھىدنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويالامسەن؟ ھەزرىتى ئىبراھىم پەيغەمبەر ئەمەسمىدى؟ بۇ سۆھبەت ساڭا ھاياتىڭدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغۇدەك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپتۇ. مەن پەيغەمبىرىمىزدىن باشقىسىنى بىلمەيمەن، شۇڭا قىزىقىپ قالدىم.
— ھەزرىتى ئىبراھىمنى بىلىش ھەقىقەتەن مۇھىم. ئۇنىڭ ھاياتى تولىمۇ ئىبرەتلىك ھېكايىلەر بىلەن تولغان.تەۋھىدكە كەلسەك، بۇنى بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ. تەۋھىد ئىلىمنىڭ بىر تارمىقى.
— يەنى فىزىكا، خىمىيەگە ئوخشاشمۇ؟
— شۇنداقراق. تەۋھىد دېگەن نېمە؟ نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ تەۋھىدنى بۇزىدىغان سەۋەبلەر ۋە ئامىللار قايسىلار؟ تەۋھىد ئېيتىش دېگەن نېمە؟ تەۋھىد پەقەت تىلدىلا ئېيتىپ قويۇشمۇ ياكى تەۋھىد ئېيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى بىجا كەلتۈرۈشمۇ؟ ... تەۋھىد — مانا مۇشۇنداق كەڭ دائىرىدىكى بىر ئىلىمدۇر.
— قىزىققان ئۆگىنىدۇ، دېگىنە؟!
— ياق، قىزىققانلا ئەمەس، ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دەپ يۈرگەن ھەممە كىشى ئۆگىنىشى كېرەك.
— ئۆگىنىش شەرتمۇ؟
— سەنچە شەرت ئەمەسمۇ؟ «مەن پالانى» دەپ يۈرگەن كىشى ئەڭ بولمىغاندا، ئۆزى ھەققىدە بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كېرەكقۇ؟
— قىزىق ئىش. قەتئىي ئۆگىنىش كېرەككەن - دە؟!
— قانداق دەيسەن؟
— سوراپ قويدۇم. مەسىلەن، ئۇنى بىلمىگەن مۇسۇلمان ھېسابلانمامدۇ؟
— سەن ئەگەر بىر نەرسىگە ئىگە بولساڭ، ئۇنى چوقۇم جان تىكىپ قوغدىشىڭ كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇنى قوغداش يوللىرىنى پىششىق بىلىشىڭ كېرەك. ئەگەر بۇ يولنى بىلمىسەڭ، مۇقەررەر ھالدا ئىلكىڭدىكى نەرسىنى يوقىتىپ قويىسەن.
— دېمەكچى بولغىنىڭ، دىننى قوغداش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنى چۈشىنىش كېرەك، شۇنداقمۇ؟
— ئەلۋەتتە. ئويلاپ باققىنە، بىر نەرسىنى ئىلكىمدە دەپ ئويلاش باشقا، ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئىگە بولۇش باشقا.دىننىڭ ئىگىسى ئاللاھتۇر. ئۇ ھەم دىننى قوغداشنىڭ يوللىرىنى، شەرتلىرىنى بىلگۈچىدۇر. شۇڭا بىز ئۆزىمىز بىلگەنچە: «بۇ مۇنداق بولىدۇ» دېيەلمەيمىز. دېسەكمۇ، قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئاخىرەتتە ئاللاھ بىزنىڭ كۆز قاراشلىرىمىزغا ئەمەس، بەلكى ئۆزى بەلگىلەپ بەرگەن دائىرىگە ئاساسەن ھېساب سورايدۇ.
— شۇنداق، ئېيتقانلىرىڭ توغرا. ئەمىسە نېمىشقا ھەزرىتى ئىبراھىم ھەققىدىلا ئۆگىنىمىز. بارلىق پەيغەمبەرلەر باراۋەر ئەمەسمۇ؟
— ياق، ھەزرىتى ئىبراھىمنىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىنى بىلىشىمىز كېرەك. ئەمما ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى ئالاھىدىرەك.
— قانداق ئالاھىدە؟
— چۈنكى ئۇنىڭ ئورنىنىڭ ئالاھىدە بولۇشىدا بىر مۇھىم سەۋەب بار. ئۇ بولسىمۇ، كىشىلەر ياشلىقىدا مەلۇم شەخسلەرگە ھەۋەس قىلىپ، ئۇلاردەك بولۇشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر بۇ چاغدا ھەقىقىي قەھرىمان، ھەقىقىي داھىيلارنى پەرق ئېتەلمىسەك، ساختا قەھرىمان، ساختا داھىيلار مەلۇم مۇددىئادىكى كىشىلەر تەرىپىدىن ياساپ چىقىلىدۇ.نەتىجىدە، ياشلار بۇلارغا ئەگىشىپ كېتىپ، ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ھازىرقى ياشلار ئارىسىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ. تارىختا بۇ ساختا قەھرىمانلارنى ئىلاھلاشتۇرۇپ ئۇنىڭغا چوقۇنغانلار، ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن جان بەرگەنلەرمۇ بولغان. لېكىن بىز سوغۇققانلىق بىلەن تارىخنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك، بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنىمۇ دەل شۇ.
— ئۆمرۈمدە ئاڭلاپمۇ باقمىغان نەرسىلەرنى سېنىڭ ئاغزىڭدىن ئاڭلاۋاتىمەن.
— مەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا بۇلارنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا خۇددى يىگىرمە يىللىق ئۇيقۇمدىن ئويغانغاندەك بولغان ئىدىم. ئاللاھقا مىڭ شۈكۈر، مېنى غەپلەتتىن ئويغاتتى. ئەگەر شۇ پېتى ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالغان بولسام نەقەدەر ئېچىنىشلىق ئىش بولاتتى!
— قەيەرگە؟
— ئۇ دۇنياغا بولمامدۇ!
— ھە، مۇنداق دېگىنە، مەن تېخى...
— ئاللاھ ساڭىمۇ ھىدايەت ئاتا قىلغاي. بىزنىڭ ئاللاھ بىلەن تونۇشۇشىمىزغا توسالغۇ بولۇۋاتقان ئۇ قەدەر كۆپ ئامىل باركى، خۇددى ھەممە نەرسە قەستەن بىزنىڭ كۆزىمىزنى ئېتىپ، ھەقىقەتنى بۇرمىلاش ئۈچۈن يالغاندىن ياساپ چىقىلغاندەكلا. مەسىلەن: پۇتبولنى ئېلىپ ئېيتايلى، ئەگەر ھەممە ياشلار ئاللاھنى پۇتبۇلنى ياخشى كۆرگەنچىلىك ياخشى كۆرسە ئىدى، ئۇ چاغدا بىزنىڭ دۆلىتىمىز قانچىلىك گۈللەنگەن بولاتتى...
— پۇتبول ئويناشمۇ گۇناھمۇ؟
— ياق. يولىدا بولسىلا گۇناھ بولمايدۇ. لېكىن ھەممە نەرسە ئەسلى تەبىئىتىنى يوقاتقان چاغدىلا زىيانلىق تەرەپكە يۈز تۇتىدۇ.
—  توغرا دەيسەن.
— ھازىرقى ياشلارغا قارىساملا يۈرىكىم پۇچىلىنىدۇ. نېمىشقا دېسەڭ، ياشلىقىنى قاراپ تۇرۇپ ئىسراپ قىلىدۇ، ياشىدۇق دېگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە ياشلىقىنى ئۆز قوللىرى بىلەن ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ.
ۋاقىت خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغانىدى. ئۇلار ئۇزاق پاراڭلاشتى. سائەت 11 يېرىم بولغاندا، ئىشىك قوڭغۇرىقى چېلىندى. ئۆمەرنىڭ ھەدىسى ۋە يېزنىسى قايتىپ كەلگەنىدى. ئۇلار ئۆيدە يات بىر كىشىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپلا چىرايى تۇتۇلدى. ھەتتا تىلىنىڭ ئۇچىدا بولسىمۇ مېھماندىن ئەھۋال سوراپ قويمىدى. يۇنۇس بۇ مۇئامىلىنى كۆرۈپ، دەرھال قايتماقچى بولۇپ ئورنىدىن تۇردى. ئۆمەر يۇنۇسنى ئۇزىتىپ قويغاچ، ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىدى. يۇنۇس كەتكەندىن كېيىن يېزنىسى:
— سەن نېمىشقا بىزدىن رۇخسەتسىز ئۆيگە يات ئادەم باشلاپ كەلدىڭ؟ — دېدى.
— كەچۈرۈڭلار، مەن دىققەت قىلماپتىمەن، ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن، — دېدى ئۆمەر.
ھەدىسى ئاچچىقلاندى:
— سەن قىلمىغان بىر مۇشۇ ئىش قالغان ئىدى. گەپ قىلمىساق ئەتە - ئۆگۈن موللىلىرىڭنى يىغىدىغان ئوخشايسەن بۇ ئۆيگە. مېنىڭ ئۆيۈمگە تەپ تارتماي، يات بىر ئەر كىشىنى باشلاپ كەلگىنىنى قارا!
ئۆمەر فارۇق بىچارىلەرچە:
— كەچۈرگىن ھەدە. ئەمدى قىلمايمەن، — دەپ كەچۈرۈم سورىدى.
— ئۆيۈمنىڭ ھوزۇرىنى بۇزىدىغانغا ھېچقانداق ھەققىڭ يوق، بۇندىن كېيىن قەدىمىڭنى تېخىمۇ ئويلاپ باس، — دېدى ھەدىسى.
— ھەدە، بۇرۇنمۇ بۇ ئۆيگە دوستلىرىم كېلىپ تۇراتتىغۇ؟ ئۇلارغا ئەجەپ بىر نەرسە دېمىگەنتىڭلار. كېپىللىك قىلىمەنكى، بۇ دوستۇمدىنمۇ سىلەرگە ھېچ يامانلىق كەلمەيدۇ.
يېزنىسى:
— سەن تېخى بىز بىلەن  تەڭ تۇرۇۋاتامسەن؟ بۇ ئۆينىڭ ئىگىسى مەن، بىلىپ قوي! — دېدى.
ئۆمەر گەپ - سۆز قىلماي، ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى ۋە خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ يېتىپ قالدى. ئەمما خېلىغىچە ئۇيقۇسى كەلمىدى، بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايتتى. ئۇ كۆڭلىدە بىر چىقىش يولى ئىزدەيتتى: «مۆمىن ئاكىغا ئېيتسام بولارمۇ؟» دەپ ئويلىدى - يۇ، يەنە ۋاز كەچتى. «ياق، شەخسى ئىشلىرىم بىلەن، ئۇلارنى پاراكەندە قىلسام بولمايدۇ.»
ئۆمەر كېچىسى بىر ۋاق نەپلە ناماز ئوقۇشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلسىمۇ، ئەمما تۇرالمايۋاتاتتى. چۈنكى بۇرۇن بىر كېچىسى نامازغا تۇرغىنىدا، يېزنىسى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى ئاغزىغا ئالغۇسىز تىللار بىلەن ھاقارەتلىگەنىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۆمەر كېچىسى نامازغا تۇرۇشتىن ئېھتىيات قىلاتتى.


داۋامى  بار...
سەن ئەتتىگەندە كەچنىڭ، كەچتە ئەتىنىڭ غىمىنى يىمە!
ئەتە نىمە بولىشىڭنى بىلمەيسەن.
سەن ئۆتكەن كۈننىڭ غىمىنى يە!