داۋامى
يۇنۇس ناشتا قىلىۋېتىپ ئاپىسىغا:
— ئاپا، مەنچە ئەلچىلىككە بارغان ۋاقتىمىزدا مومامنىمۇ ئېلىۋالساق ياخشى بولاتتى، - دېدى ۋە قوشۇپ قويدى:
— شۇڭا مەن بۈگۈن بېرىپ مومامنى ئېلىپ كېلەيمىكىن دەيمەن؟
مەريەمنىڭ ئاچچىقى كەلدى:
— سەنمۇ ھەددىڭدىن ئېشىشقا باشلىدىڭ. ئۇنى ئېلىپ كەلسەڭ، دەردىنى سەن تارتمايسەن، مەن تارتىمەن.
— ئاپا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەنمۇ قېرىيسەن، سېنىڭ كېلىنىڭمۇ ساڭا شۇنداق مۇئامىلە قىلسا، سەن قانداق قىلىسەن؟
— ئۇ قانداق گەپ؟ مەن كېلىنىمنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمايمەن، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى بار. خالىسا، ئۇمۇ مېنى باقمىسۇن. سەن تېخى ھېلىتىن مېنى باقمايمەن دەۋاتامسەن؟ بىز سېنى نېمە جاپالاردا چوڭ قىلدۇق؟
— موماممۇ ئىككى ئوغلىنى شۇنداق جاپادا بېقىپتىكەن، ئەمدىلىكتە يالغۇز قالدى.
— نەدىمۇ يالغۇز بولسۇن؟ ئەتراپىدا ئۇنىڭغا ئوخشاشلار جىققۇ؟
— سەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولمىغاچقا، ئۇنى چۈشىنىشىڭ مۇمكىن ئەمەس. نېمە بولسا بولسۇن، مومامنىڭ ئۇ يەردە تۇرۇشى كاللامدىن پەقەتلا ئۆتمەيدۇ.
— بۇ گەپلەرنى داداڭنىڭ قېشىدا دېگۈچى بولما. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەلچىلىككە ئۇنى ئاپىرىپ نېمە قىلىمىز؟ يا زىياپەت ياكى مۇراسىم بولمىسا، تويۇڭ بولغاندا ئېلىپ كېلەرسەن.
يۇنۇس ناشتىسىنى چالا - پۇچۇق قىلىپلا ئورنىدىن تۇردى. چاپىنىنى ئېلىپ، ئۆمەر فارۇقنىڭ يېنىغا بارماقچى بولۇپ، ئۆيدىن چىقتى. ئۆمەرنىڭ سەمىمى ۋە ئاقكۆڭۈللۈكى ئۇنى تەسىرلەندۈرگەنىدى.
يېرىم سائەتتىن كېيىن، ئۇ بولكىخانىغا يېتىپ كەلدى. ئۆمەر يۇنۇسنى كۆرۈپ، ئاخشامقى ئىش ئېسىگە كەلدى - دە، بىر ئاز خىجىل بولدى ۋە:
— ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، خۇش كەلدىڭ يۇنۇس، مەن بۇ يەردە! - دېدى.
يۇنۇس كۈلۈمسىرەپ:
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ساڭا يولۇقۇپ ئۆتەي دېگەنىدىم. ياخشى تۇرۇۋاتامسەن؟ ئاخشام سېنى قىيىن ئەھۋالدا قويغانلىقىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن.
— ياقەي، ئەسلىدە مەن كەچۈرۈم سورىشىم كېرەك. قارا، بۈگۈن مۇنداق قىلايلى. ۋاقتىڭ بولسا، بېرىپ چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىپ كېلەيلى. مېنىڭ ئون مىنۇت دەم ئېلىشىم بار.
— سېنى ئاۋارە قىلماي. مەن ئىش ئىزدەۋاتاتتىم.
— ئاۋارە قىلىش دېگەن قانداق گەپ؟ مېنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىم تۇرسا؟
— مەيلى ئەمىسە.
ئۇلار تۈنۈگۈنكى چايخانىغا كېلىپ، بىر بوش ئۈستەل تېپىپ ئولتۇردى. ئۆمەر فارۇق:
— شۇنداق قىلىپ، ئىش ئىزدەۋاتىمەن دېگىن؟
— ھەئە، ئىشلىمىسەم بولمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، توي قىلىدىغان بولىۋاتىمەن، ئالىي مەكتەپكىمۇ ئۆتەلمىدىم.
— ئاللاھ ئاقىۋىتىنى خەيرلىك قىلسۇن!
— ئەلۋەتتە، خەيرلىك. بۇنىڭدىنمۇ خەيرلىك ئىش بولامدۇ؟ بۇنداق بەخت ھەممە ئادەمگە نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ. بىز بىر - بىرىمىزنى سەۋدايىلارچە ياخشى كۆرىمىز. ئاللاھ سېنىمۇ سۆيگىنىڭ بىلەن مۇرادىڭغا يەتكۈزسۇن!
— ئامىن! ئەمما يەنىلا ئالدىراپ ھۆكۈم چىقىرىۋەتمە. بىر ئىشنىڭ خەيرلىك ياكى ئەمەسلىكىنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ.
— ھەممە ئىش شۇنداق ئوچۇق تۇرمامدۇ؟ ئالدىمىزدا بەختسىزلىككە سەۋەب بولغۇدەك ھېچبىر ئامىل يوق. ھەم بىر - بىرىمىزنى شۇنداق ياخشى كۆرۈشىمىز ھەم ھەر ئىككى ئائىلە توي ئىشىمىزغا قوشۇلدى. ھال - ئوقىتىمىزمۇ خېلى ياخشى، خەققە موھتاج بولۇپ قالمايمىز.
ئۆمەر فارۇقنىڭ يۈزىدە ئاچچىق بىر كۈلۈمسىرەش ئەكس ئەتتى. يۇنۇس بۇنى كۆرۈپ سورىدى:
— خاتا گەپ قىلدىممۇ؟
ئۆمەر فارۇق بىردەم نېمە دەپ جاۋاب بەرسەم بولار دەپ ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سوئالىغا سوئال بىلەن جاۋاب بەردى:
— سەنچە توغرىمۇ؟ بەختلىك بولۇش ئۈچۈن سەۋدايىلارچە ئاشىق ۋە پۇل بولسىلا بولامدۇ؟ مەنچە ھەقىقەتكە ئاشىق بولمىغانلارنىڭ سۆيگۈسى خۇددى سوپۇن كۆپۈكىگە ئوخشايدۇ. بەخت دېگەن نېمە؟ ئۆتكۈنچى ھەۋەسلەرنى قاندۇرۇشمۇ؟ پەقەت بۇ دۇنياغىلا خاس بولغان بەخت ئىنساننى ئىككى دۇنيالىق بەختلىك قىلىشقا يېتەمدۇ؟
— ۋاي - ۋۇي، سوئال دېگەننى ياغدۇرۇۋەتتىڭغۇ؟ چۈشىنىشلىكرەك گەپ قىلساڭچۇ؟
— ئەمىسە مۇنداق دەي: مەسىلەن، ئالدىڭدا بىر كۆۋرۈك بار دەيلى. بۇ كۆۋۈكتىن چوقۇم ئۆتۈشۈڭ كېرەك. كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىنلا، كۆۋرۈك غايىب بولۇپ كېتىپ، سەن كەينىڭگە قايتالمايسەن. سەن كۆۋرۈكنىڭ ئۇ بېشىدا مەڭگۈ قېلىشقا مەجبۇرسەن. سېنىڭ ھازىرقى ھالىڭ خۇددى كۆۋرۈكتىن تېخى ئۆتمىگەن ۋاقتىڭغا ئوخشايدۇ. كۆۋرۈكنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئېسىل نەرسىلەر بار. ساڭا: «ئەگەر بۇ تەرەپتىكىلەرگە بېرىلىپ كەتسەڭ، يەنە بىر تەرەپتىكىلەردىن مەھرۇم قالىسەن» دېيىلسە، سەن مەڭگۈلۈك بەخت بار يەرنى تاللىماي، ئۆتكۈنچى نەرسىلەرگە بېرىلەمسەن؟ بۇنى ھەقىقىي بەخت دېگىلى بولامدۇ؟
— توختا، توختا. ئۆيلىنىش، بەختلىك بولۇش گۇناھمۇ؟
— ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. دەل ئەكسىچە، ئۇ دېگەنلىرىڭ سېنىڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشۈڭگە تۈرتكە بولىدىغان ئامىللاردۇر.
— قانداق؟
— كۆۋرۈك ئىگىسى بەلگىلىگەن قائىدە - تۈزۈملەر بار. سەن كۆۋرۈك ئىگىسىنىڭ تەلىپىگە كۆنسەڭ، ئۇ چاغدا ھەر ئىش - ھەرىكىتىڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشۈڭنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. توي قىلىش ئەنە شۇ ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.
— ئۇنداقتا، كۆۋرۈك دېگىنىڭ بۇ دۇنيامۇ؟
— كۆۋرۈك ساڭا بېرىلگەن ھايات، ۋاقىت ۋە مۆھلەت. كۆۋرۈكنىڭ بۇ بېشىدا دۇنيا، ئۇ بېشىدا ئاخىرەت بار.
— ئاجايىپ گەپقۇ بۇ، توي قىلىش بىلەن ئۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشنىڭ نېمە ئالاقىسى بار؟
— ماڭا قارا يۇنۇس، بۇ تېمىنى ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ. ئەمما ساڭا شۇنى ئېيتىپ قوياي، ھەممىدىن ئاۋۋال بىز كۆۋرۈك ئىگىسىنى ياخشى تونۇشىمىز كېرەك.
— لېكىن بىز ئۇنى تونۇيدىغان تۇرساق؟
— ئۇنداق ئەمەستۇ؟
— ئۇ نېمە دېگىنىڭ؟ ئاللاھ بار، مەن ئۇنىڭ بار ۋە بىرلىكىگە ئىمان كەلتۈرىمەن.
— بىر شەيئىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى بىلىش باشقا، ئۇنى تونۇش باشقا. مەسىلەن، ئىستانبۇل دېگەن شەھەرنىڭ بارلىقىنى بىلىسەن، ئەمما بۇ ئىستانبۇلنى چۈشىنىدىغانلىقىڭدىن دېرەك بەرمەيدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
— شۇنداق.
— ئەقىلسىز ۋە ماڭقۇرتلاردىن باشقىسى ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. لېكىن مەسىلە ئۇنى ھەقىقىي تۈردە، يەنى ئاللاھنى ئىسىم - سۈپەتلىرى بىلەن تولۇق تونۇش - تونۇماسلىقتا. ئۆزىمىز چۈشەنمىگەن نەرسىنى ھەقىقىي سۆيەلمەيمىز.
— مەن بۇ گېپىڭگە ئانچە قوشۇلمايمەن. بىز ئاللاھنى تونۇيمىز ھەم چىن دىلىمىزدىن سۆيىمىز.
— ئېيتقىنە قېنى، ئاللاھنى قانداق سۆيىسەن؟
— ئاللاھ باردۇر، ئۇنىڭ ئوخشىشى ۋە تەڭدىشى يوقتۇر. كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى ئۇ ياراتقان.
— ئاللاھ بۇنچىۋالا نەرسىنى نېمە ئۈچۈن ياراتقان؟
— ھە، بىزنى توپىدىن...
ئۆمەر ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى:
— مەن ئۇنى دېمىدىم. يارىتىش سەۋەبىنى سوراۋاتىمەن.
— سەۋەبى؟
— ھەئە، سەۋەبى.
— ئۇنى بىز بىلەلمەيمىز.
— نېمىشقا بىلەلمىگۈدەكمىز؟ ئەمەلىيەتتە، ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە كائىناتتىكى نەرسىلەرنى نېمە ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئاللاھ ياراتقانىكەن، ھەممە نەرسە ئۇنىڭ ئىلكىدە بولۇشى كېرەك، شۇنداققۇ؟
— ئەلۋەتتە.
— شۇنداق بولغانىكەن، كائىناتنى باشقۇرۇش ھوقۇقىمۇ ئۇنىڭ ئىلكىدە. ئەمما بىز ئۇنىڭ «ھاكىملىق» سۈپىتىنى چۈشەنمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنۇشنى، يەنى شەرىئەت قانۇنىغا بويسۇنۇشنى خالىمايمىز.
— ھەقىقەتەن ئۆزگىچە.
— نېمە ئۆزگىچە؟
— مەن بۇرۇن بۇنى پەقەت ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.
ئۆمەر فارۇق سائىتىگە قارىدى، ۋاقىت توشۇپ قالغانىدى. ئۇ يۇنۇسقا قاراپ:
— مەن كەتمىسەم بولمايدۇ. كۆۋرۈك ئىگىسى: «ئامانەتكە خىيانەت قىلماڭلار» دەپ بۇيرۇغان. خوجايىننىڭ ھەققىگە قارا سانىسام بولمايدۇ. بىز باشقا كۈنى پاراڭلىشايلى، بولامدۇ؟
— ئەلۋەتتە. پاراڭلىشىپ كاللامدىكى چىگىشلىشىپ كەتكەن پىكىرلەرنى يېشىشىم كېرەك.
ئۇلار ئايرىلغاندىن كېيىن، يۇنۇس دادىسىنىڭ يېنىغا باردى. دادىسى يۇنۇسقا بىر شەخسىي شىركەتنىڭ بوغالتىرلىق بۆلۈمىدىن ئىش تېپىپ قويغانىدى.
يۇنۇس شىركەتكە بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىردى. كەچ ئىشتىن چۈشۈشكە يېقىن ئۆمەر فارۇق بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدى ۋە دادىسىغا تېلېفون قىلىپ بۈگۈن كەچرەك كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ ئۆمەرنىڭ ئىش يېرىگە كەلگىنىدە، ئۆمەر ئىشتىن چۈشەي دەپ تۇرغانىدى. يۇنۇس قورۇنغان ھالدا:
— ئەگەر مالال كۆرمىسەڭ، بىر ئاز ئايلىنىپ كەلسەك بوپتىكەن، - دېدى. ئۆمەر:
— ئەلۋەتتە بولىدۇ، — دەپ خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى.
ئۇلار دۇكاندىن چىققاندا، يۇنۇس:
— ئەتىگەنكى پاراڭلاردىن كېيىن، مېنىڭ كاللامدىكى ئوي - پىكىرلەر قالايمىقانلىشىپ كەتتى. شۇڭا سېنى ئاۋارە قىلىپ تۇرۇپتىمەن.
— ئاۋارە قىلدىم دېگەن نېمە گەپ، سېنىڭ بىلەن پاراڭلاشسام مېنىڭمۇ كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالىدۇ.
— رەھمەت، ئەمىسە ئېيتايمۇ؟
— بولىدۇ، قۇلىقىم سەندە.
— شۇ كۆۋرۈك مەسىلىسىدە، سەن نىكاھنىڭ كۆۋرۈكتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىمىزگە ياردىمى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدىڭ. شۇ ئىشنى بىر ئاز تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەن بولساڭ.
— بۇنى چۈشەنمەك ئۈچۈن ئاۋۋال قۇللۇق ئېڭى بولۇشى كېرەك.
— بىز ئۇنىڭسىزمۇ قۇل تۇرساق؟
— ئەمما بىز قۇللۇق قىلىۋاتامدۇق؟
— قانداق دەيسەن؟
— ئەسلى مەسىلە بىزنىڭ قۇللۇقنى بىجا كەلتۈرگەن - كەلتۈرمىگەنلىكىمىزدە. قۇللۇق بىز بىلىدىغان ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەجدىنلا ئىبارەت ئەمەس. قۇللۇق يىغىپ ئېيتقاندا، شەرتسىز ئىتائەت ۋە ساداقەتتۇر.
يۇنۇس چۈشەندىم دېگەندەك بېشىنى لىڭشىتتى. ئۆمەر فارۇق سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
— بىز ئەتىگەنكى سۆھبىتىمىزدە «ئاللاھنى تونۇش كېرەك» دېگەنىدۇق.
يۇنۇس ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى:
— ئۇنىڭدىن ئاۋۋال ماڭا شۇ نىكاھ ئىشىنى بىر ئىزاھلاپ بەرسەڭ.
— بولىدۇ. ئۇنىمۇ چۈشەندۈرىمەن. ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ ھۆكۈمرانىدۇر. شۇنداقلا، ئەڭ ئادالەتلىكتۇر. دېمەك، ئاللاھ ھۆكۈم قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى مۇتلەق ئادىل بولىدۇ. مەن بايا: «قۇللۇق مۇتلەق ساداقەت دېمەكتۇر» دېگەنىدىم. ئەمدى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنى ئېلىپ ئېيتساق، بىر ئىنسان ئەگەر: «ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ ئىلاھىمسەن» دېسە ۋە شۇنىڭغا ئىشەنسە، كەلىمە شاھادەت ئېيتقان بولىدۇ. كەلىمە شاھادەتنىڭ مەنىسى: «ئى ئاللاھ! سەندىن باشقا ھۆكۈمران يوقتۇر. مەن سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭدىن ھەرگىز يۈز ئۆرۈمەيمەن. مېنىڭ ھاياتىمنى سەن بەلگىلەيسەن، ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭگە مەڭگۈ قارشى چىقمايمەن» دېگەنلىك بولىدۇ.
— ئەمما دۇنيادا قانچە ئادەم بۇنىڭ مەنىسىنى بىلىدۇ ھەم بۇنداق دەيدۇ؟
— توغرا دەيسەن، لېكىن بىز بۇنى چوقۇم بىلىشىمىز كېرەك. بۇنى مۇشۇ بويىچە بىلگەن ۋە ئىشەنگەن كىشىنىڭ ئېيتقان شاھادىتى ئاندىن ھەقىقىي مەنىگە ئىگە بولىدۇ.
— شۇلارنىڭلا قۇللۇقى قوبۇل قىلىنامدۇ؟
— ھەئە، پەقەت شۇلارنىڭلا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەمدى نىكاھ ئىشىغا كېلەيلى!
— ھە، شۇنداق قىلايلى.
— بىز: «ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن باشقا قانۇن تونىمايمىز» دېگەن ئىكەنمىز، ئاللاھنىڭ نىكاھ ھەققىدە بەلگىلىگەن قانۇنلىرىغا نەزەر سېلىشىمىز كېرەك. يەنى نېمىلەرگە دىققەت قىلىش ۋە قانداق رىئايە قىلىش... قاتارلىقلار.
— بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنمۇ بارمۇ؟
— ئەلۋەتتە، پەقەت بۇنىڭغىلا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، يەنە ئاجرىشىش، مىراس بۆلۈشۈش، سىياسەت، ئەخلاق مەسىلىلىرى... قىسقىسى، ئىنسان ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر قانداق تۈرنىڭ ئۆزىگە خاس دەلىل ۋە قائىدىلىرى بار.
— «ئەخلاقىي پرىنسىپلار» دېگەن نېمە؟
— ئۆزىنى مۇسۇلمان دېگەن ھەر بىر كىشى ئەخلاقىي مەسىلىلەردە ئاللاھنىڭ قانۇن - قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشى كېرەك. ئەمما بەزى ئىككى يۈزلىمىچى كىشىلەر ئىبادەتتە مۇسۇلمان، لېكىن ئەخلاقتا ئەبجەش كېلىدۇ.
— ئەخلاقتا ئەبجەش دېگىنىڭ نېمىسى؟
— ئىجتىمائىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتساق، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە ئەڭ كەڭ تارقالغان كۆز قاراش قايسى؟
— دىننىڭ دۆلەتكە، دۆلەتنىڭ دىنغا ئارىلاشماسلىقى.
— توغرا. دىننىڭ پرىنسىپلىرىغا يات بولغان ئەخلاق ياكى دىندىن ئايرىۋېتىلگەن ئەخلاق (تەبىئىيكى، بۇنىڭغا ئەخلاق دېيىشكىمۇ بولمايدۇ) ئەبجەش ئەخلاق بولماي نېمە؟
— باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، دىنسىز ئەخلاق دېگىنە! ئەمىسە، ئىشىمىز چاتاقكەن جۇمۇ. دىندىن ئايرىۋېتىلگەن ھەرقانداق نەرسىدىن دىنسىزلىق كېلىپ چىقىدىكەن. بۇنى پەقەتلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.
— ئەگەر بىز ئۆزىمىز بىلگەنچە ياشاپ، ئاندىن: «ئاللاھ كەچۈرىدۇ» دەپ ئۆزىمىزگە تەسەللىي بەرمىسەك، ھەقىقەتەن ئىشىمىز چاتاق ئىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن گۇناھلارنى ئەپۇ قىلغۇچى، كەچۈرگۈچىدۇر، ئۇ گۇناھكارلارنى جازالاشقا ئالدىرىمايدۇ.
— ھە، بۇ سۆزلىرىڭدىن سەل يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدۇم.
— ئەڭ ئاۋۋال تەۋبىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بىلىش كېرەك.
— ئۇنىمۇ سۆزلەپ بەرگىن ئەمىسە.
— باياتىن بېرى، ئۇ يەردىن - بۇ يەردىن سۆزلەپ ئۆتتۇق. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تەۋبىنىڭ مەنىسى ئەسلىگە قايتىش دېمەكتۇر. يەنى گۇناھىغا ھەقىقىي مەنىدە پۇشايمان قىلىپ، قايتا سادىر قىلماسلىققا قەسەم ئىچىشتۇر.
— ھە، ئەسلى مۇنداقكەندە؟
— شۇنداق. بۇ ياقتىن گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۇ ياقتىن: «ئاللاھ مېنى كەچۈر!» دېيىش تەۋبە قىلىش ھېسابلانمايدۇ. ئاللاھ نىسا سۈرىسىنىڭ بىر ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي (يەنى ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن) تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ، بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا ئەمدى تەۋبە قىلدىم دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى (يەنى ئۆلۈم ئالدىدا ئىمان ئېيتتىم دېگۈچىلەرنىڭ ئىمانى) قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق»[2].
— نېمىدېگەن ئوچۇق ئىپادىلەنگەن - ھە!
— ئەسلىدە قۇرئاننىڭ بارلىق مەزمۇنى مانا شۇنداق ئېنىق. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تېگىگە يېتىش ئۈچۈن ئوچۇق زېھىن ۋە ئۆتكۈر كاللا بولۇش كېرەك.
— ئاغىنە، مېڭەم ئېتىلىپ كېتەي دەپ قالدى. قەلبىمدە ئاجايىپ ھېسلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
— شۇ نىكاھ مەسىلىسىنى تولۇق يېشىپ بولالمىدۇق تېخى.
— نېمە دېمەكچى بولغانلىقىڭنى چۈشەندىم. ئۇنداقتا، ماڭا نىكاھنىڭ قائىدىلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىڭنى ئېيتىپ بېرەمسەن؟ ۋاقتىڭنى ئېلىپ قويىدىغان بولدۇم.
— ۋاقتىمىز ئاللاھقا پىدا بولسۇن. ۋاقىت بەندىگە ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئەڭ چوڭ دەسمايە، بەندە بولسا سودىگەردۇر. دىتسىز سودىگەر دەسمايىسىنى جايىدا ئىشلىتەلمەي ئاخىرىدا ۋەيران بولىدۇ. ئاللاھ تائالا سۈرە ئەسىردە بۇ ئەھۋالنى مۇنداق ئىپادىلەپ بەرمەكتە: «زامان بىلەن قەسەمكى، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر - بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر - بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر»[3]. ئاللاھ بىزنى ۋاقىتنى قەدىرلەيدىغانلاردىن بولۇشقا نېسىپ قىلغاي!
— ئامىن!
— نىكاھ مەسىلىسىگە كەلسەك، ئاللاھ قۇرئاندا: «مۇئمىن ئاياللار مۇئمىن ئەرلەر ئۈچۈندۇر» دېگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەدىسلىرىمىزدىمۇ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىمىزنى تاللاشتا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ دىندار ياكى ئەمەسلىكىگە قاراشنىڭ بىزگە ئىككىلا ئالەمدە بەخت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. تاللاپ بولغاندىن كېيىن، ئۆتەشكە تېگىشلىك رەسمىيەتلەرنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىش، زىممىمىزگە يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئاللاھ رازى بولىدىغان شەكىلدە ئۆتەش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
— ھەقىقەتەن بىلمەيدىغىنىڭ يوقكەن جۇمۇ!
— بەك ئاشۇرۇۋەتتىڭ، بىرنەچچە كىتاپ كۆردۈم شۇ، باشقا ئىلمىمنىڭ تايىنى يوق ھەم كىتاب ئوقۇش بىلەنلا ئىش تۈگىمەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمىلىيەتكە تەدبىقلىماق، ئوقۇغانلىرىنىڭ تېگىگە يەتمەكتۇر.
— ھە راست، ساڭا دېيىشنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن، دادام ماڭا بىر ئىش تېپىپتۇ. ئىش ھەققىدە بايانلار بارمۇ؟
— بولمامدىغان. ئىش ئەخلاقى، زامانىمىزدا بىزنىڭ ئەڭ كۆپ ئېھتىياجىمىز بولغان ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتىدۇر. ئەگەر بىز ئاللاھ بۇيرۇغان «ئىش ئەخلاقى»غا رىئايە قىلمىساق، ئۇ ھالدا جەمئىيىتىمىزدە نامراتلىق، جىنايەت، ئوغرىلىق، قويمىچىلىق قاتارلىق يامان ئىللەتلەر ئەۋج ئېلىپ كېتىدۇ.
دەل شۇ چاغدا، ئۆمەرنىڭ يېزنىسى قولىدا بىر كونۋېرتنى كۆتۈرگەن ھالدا ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇنىڭ چىرايلىرى تۇتۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، بىر ئىشقا ئاچچىقلىنىۋاتقانلىقى چىقىپلا تۇراتتى. يېزنىسى كونۋېرتنى ئۆمەرنىڭ ئالدىغا ئاتتى ۋە تېرىككەن ھالدا:
— ماۋۇنى ئالە! ئەتىدىن - كەچكىچە سېنىڭ كەينىڭدىلا يۈرەمدىم، ئەسكەرلىك ئۇقتۇرۇشۇڭ كەپتۇ!
— ئاۋارە بولمىسىڭىزمۇ بوپتىكەن، كەچتە ئۆيگە بارغاندا كۆرسەممۇ بولاتتى ئەمەسمۇ، — دېدى ئۆمەر.
— مەن سېنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىڭنى نەدىن بىلەي، كىم بىلىدۇ قايسى ھىزبۇللاھچى بىلەن كۆرۈشۈپ يۈرگىنىڭنى! مېنىڭ ئائىلەمنى پاراكەندە قىلىۋاتقان بۇ ھىزبۇللاھچىلارنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلمىسام بولمىدى.
— بۇ گەپلەرنى ئۆيدە قىلىشساق قانداق؟
— سەن بېشىڭ قايغان، پۇتۇڭ تايغان يەرلەردە يۈرۈپ، ئۆيگىمۇ ۋاقتىدا كەلمەيۋاتساڭ، سېنى تاپقىلى بولاتتىمۇ؟ — دېدى يېزنىسى ۋە كەينىگىمۇ قارىماي كېتىپ قالدى.
ئۆمەر فارۇق يېزنىسى كەتكەندىن كېيىن، لام - جىم دېمەي ئولتۇرۇپ قالدى. يۇنۇس كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا:
— كەچۈرگىن، ھەممىسى مېنىڭ كاساپىتىم، — دېدى.
— كەچۈرۈم سورىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. دېدىمغۇ، بىزنىڭ دۇنيا قاراشلىرىمىز ئايرىلغاندىن كېيىن، ئوتتۇرىدا زىددىيەت تۇغۇلدى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇۋېلىپ بىزار قىلماسلىقىم كېرەك ئىدى. مەن ھازىر مۇشۇ ئىشقا چارە ئىزدەۋاتىمەن.
— ئەسكەرلىك ئۇقتۇرۇشۇڭ كەپتۇ، مۇبارەك بولسۇن، — دېدى يۇنۇس.
ئۆمەر فارۇق جاۋاپ بەرمىدى. بۇ مەسىلىنى ئۇنىڭغا دېسىمۇ ئۇ بەرىبىر چۈشەنمەيتتى، بەزى ئىشلارنى يەنىلا توغرا كىشىگە، مۇۋاپىق زاماندا دېيىش ئەڭ ئاقىلانە چارە ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆمەر سۈكۈت قىلىشنى لايىق كۆردى. ئۇ كونۋېرتنى ئېچىپمۇ كۆرمىدى، چۈنكى ئەسكەرلىككە بارماي ئامالى بولمىغاندىن كېيىن، ئەسكەرلىكنى نەدە قىلىش ئۇنىڭغا بەرىبىر ئىدى.
ئۆمەر ئاخىرى ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ:
— ھە راست، ئىش تاپتىم دەۋاتاتتىڭ، مۇبارەك بولسۇن! نېمە ئىشكەن؟ - دەپ سورىدى. ئۆمەر جاۋاب بەردى:
— بىر خۇسۇسىي شىركەتتە بوغالتىرلىق قىلغۇدەكمەن.
— يېڭى ئىشىڭ ياراشقاي.
— رەھمەت. سەندىن بىر ئىشنى سورىسام بولامدۇ؟
— سورىغىن.
— سېنىڭ شەخسىي ئىشىڭنى سورىماقچىدىم. سېنىڭ سۆيگىنىڭمۇ سەن بىلەن ئوخشاش كۆز قاراشتىمۇ؟
— سۆيگىنىم؟
— ھېلىقى كۈنى بېكەتتە دېيىشكەن ئىدۇققۇ...
— ھە، ئۇ ئىشنى دەمسەن، شۇنداق، مەن ئۇنى سۆيىمەن. ئۇنىڭغا ھەقىقىي سۆيگۈمنى بېرىپ، ئوتىدا كۆيۈشنى خالايمەن، ھەتتا بۇ يولدا جېنىمنى بېرىشكىمۇ تەييارمەن. ئەمما ئۇنىڭ بۇنى قوبۇل قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.
— ئۇنداق بولسا، سۆيگۈڭنى ئۇنىڭغا ئېيتىپلا قۇتۇلغىن. شۇ چاغدا ئۇنىڭمۇ سېنى سۆيىدىغان ياكى سۆيمەيدىغانلىقىنى بىلەلەيسەن. بولمىسا ساڭىمۇ ئۇۋال ساڭىمۇ نېمە جاپا؟!
— ھەي، جېنىم ئاغىنە! مەن دېمىسەممۇ ئۇ مېنىڭ ھېس - تۇيغۇلىرىمنى مەندىنمۇ ياخشى بىلىدۇ، ھەتتا مېنىڭ سۆيگۈمنىڭ راست ياكى ساختا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن جېنىمدىن كېچىپ كېچەلمەيدىغانلىقىمدىن تارتىپ بىلىدۇ.
— ئۇنداقتا ئۇ نېمە دەيدۇ؟
— مەن ئۇنىڭ قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
— بىرەرسىنى ئارىغا قويۇپ باقساڭ بولمامدۇ؟ ساڭا ھەقىقەتەن ئىچىم ئاغرىپ قالدى.
— ئاللاھ بىلەن قۇلنىڭ ئارىسىدا ئەلچىلىك قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
يۇنۇس شۇ چاغدىلا ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك بولۇپ:
— قارا سېنى! سەن «سۆيگىنىم» دېسەڭ مەن تېخى باشقىچە ئويلاپ يۈرۈپتىمەن، — دېدى.
— بىز ھەممە نەرسىگە ماددا نۇقتىسىدىن قاراشقا كۆنۈپ كەتتۇق.
— ئېيتقىنىڭ ئورۇنلۇق. ئەمىسە بىزنىڭ ھاياتىمىزدا ئايال كىشى بولماسلىقى كېرەكمۇ؟
— ئەلۋەتتە بولۇشى كېرەك. لېكىن مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك، قائىدە - پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلغان ئاساستا بولسا بولىدۇ. مەسىلەن، مۇھەببەتلىشىشنى ئېلپ ئېيتايلى، ئىسلامىي نۇقتىدىن باقمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ. يەنى بىرسى بىلەن مۇھەببەتلىشىسەن، چىقىشالمىساڭ ئايرىلىپ كېتىسەن ۋە باشقىسىنى تاپىسەن. ئاخىرىدا شۇ كىرلەنگەن ئۆتمۈشۈڭ بىلەن يەنە باشقىسىغا ئۆيلىنىسەن. بىر مۇسۇلمان تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا بۇلغانغان بىر ئۆتمۈش بىلەن بېرىش توغرىمۇ سەنچە؟
— سەن پەقەت مۇھەببەتلىشىپ باقمىغانمۇ؟
— مەن ھىدايەت تېپىشتىن بۇرۇن مۇھەببەتلەشكەنىدىم. ھىدايەت تاپقاندىن كېيىن، مەن يۈرگەن قىزغا: «مەن بىلەن بۇ يولغا كىرگىن. مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، سېنى تاشلاشقا كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ. ئەگەر ماقۇل كۆرسەڭ، بىز بۇ ئالەمدىلا ئەمەس، ئۇ دۇنيادىمۇ بىرگە بولالايمىز» دېدىم.
— ئۇ نېمە دېدى؟
— ھاياتىنى ئۆزى بىلگەنچە ياشاشنى خالايدىغانلىقىنى، مېنىڭ ئىسلام يولىنى تۇتقىنىم ئۈچۈن مېنى ئەمدى ياخشى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ... ۋەھاكازالارنى دېدى. ئويلاپ باققىنە، ھەقىقىي سۆيگۈ مۇشۇنداق بولامدۇ؟ ھازىرقى ياشلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرى، نەپسى ۋە ئىستەكلىرىنى قاندۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
— ۋاي ئىسىت!
— نېمىگە ئۇنداق دەيسەن؟
— سىلەر ئايرىلىپ كەتتىڭلارمۇ؟
ئۆمەر جاۋابەن:
— ئاللاھ قۇرئاندا، ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھسىز مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە مۇسۇلمانلارغا ھاياتىنى بۇنىڭغا ئەمەل قىلغان ئاساستا ئورۇنلاشتۇرۇپ، «تاپتىن چىقماسلىق» قا چاقىرغان. نەپس ۋە شەيتاندىن ئىبارەت ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەنلەردىن ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىمنىڭ سۆيۈشكە ئەڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن، — دېدى ۋە تۆۋەندىكى ئايەتنى ئوقۇدى:
ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭلار (ھەمدە ئۇلاردىن باشقىلار)، تاپقان پۇل - ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرۈدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا (يەنى شۇلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرمىسەڭلار)، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى ئاللاھنىڭ ئەمر (يەنى مەككىنى پەتھى قىلىش ئىزنى) كەلگۈچە كۈتۈڭلار، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ چەك - چېگرىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى) ھىدايەت قىلمايدۇ.»[4]
— بۇ ھەقىقەتەن تەس ئىشكەن، سەن قانداق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانسەن؟
— تەس دېسەڭ تەس، قولاي دېسەڭ قولاي. چۈنكى ئاللاھ بىزگە نەپس ۋە شەيتاندىن ئىبارەت دۈشمەنلەرنى يېڭىشكە لازىم بولغان ئەڭ مۇھىم قورالنى، يەنى ئەقىل، ئىمان ھەم ئىرادىنى بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىش قىلغاندا ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ، كېيىنكى پۇشايماندىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.
— بۈگۈن خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم، رەھمەت ساڭا. لېكىن دەيدىغان گەپلىرىم تېخى تۈگىمىدى. مەسىلەن، مېنىڭ موماممۇ دائىم ساڭا ئوخشاشلا سۆزلەيتتى، ئەمما بىزنىڭ ئۆيدە ھېچكىم ئۇنىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمايتتى.
— موماڭ ھازىر نەدە؟ ئالەمدىن ئۆتتىمۇ؟
بۇ سوئالدىن يۇنۇسنىڭ يۈرىكى ئۆرتەندى:
— ياق، لېكىن..... بولدىلا، بۇ ئىشلارنى كېيىن پاراڭلىشايلى. مەن نۇرتەن بىلەن كۆرۈشمەكچىدىم، كەچ قالماي، — دېدى ۋە بىرئاز تۇرۇۋېلىپ:
— مېنىڭمۇ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىم ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويارسەن، — دېدى.
ئىككىسى قول ئېلىشىپ خوشلاشتى.
داۋامى بار...