
جاپپار ياۋاسار بازار بايىېف
ئېلىمىزدەجۇملىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدا تاجىكلارنىڭ بىر ئاپتونۇم ناھىيە ۋە تۆت مىللىي يىزىسى بولۇپ ،بۇ جايلاردىكى تاجىكلارنىڭ تارقىلىش ئەھىۋالى تۆۋەندىكىچە:
1.تاشقۇرغان تاجىك ئاپتونۇم ناھىيىسى 1954-يىل 9-ئاينىڭ 17-كۈنى قۇرۇلغان.ئومۇمى يەر مەيدانى 67مىڭ كۋادىرات كىلومىتىر (دۆلتىمىزنىڭ ئەمەلى ئىدارە قىلۋاتقان يەر كۆلىمى 25مىڭ كۋادىرات كىلومىتىر ) ،ئومۇمى نوپۇسى 26553نەپەر ،بۇنىڭ ئىچىدە تاجىكلار نوپۇسى 25653نەپەر بولۇپ ،ئاھالىنىڭ %87نى تەشكىل قىلىدۇ.ھاۋاسى شالاڭ ،كىلماتى سوغۇق ،ھۆل يىغىن ئاز،ئوتتورىچە ئېگىزلىكى 4000مىتىردىن يۇقىرى ،ناھىيە مەركىزىدىن قەشقەر شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىقى 290 كىلومىتىر.ناھىيىلىك خەلق ھۆكىمىتى تۇرۇشلۇق جاي—تاشقۇرغان بازىرى (ئەنئەنىۋى نامى ۋەرشىدى)
2.ئاقتۇ ناھىيسىگە قاراشلىق تار تاجىك مىللى يىزىسى –ئاقتۇ ناھىيە بازىرىدىن 380كىلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ ،تارىختىن بىرى تاشقۇرغانغا قاراپ كەلگەن. 1954-يىلى قىىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى قۇرۇلۇپ ،ئاقتۇ ناھىيىسى تەسىسىس قىلنغاندا جۇغراپىيىلىك ئورۇنلىشىش بويىچە ئاقتۇ ناھىيىسىگە تەۋە قىلىنىپ ،چارلۇڭ يىزىسىغا قارايدىغان بولغان،1984-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى مىللى يىزا بولۇپ قۇرۇلغان. ئومۇمى يەر مەيدانى2800 كۋادىرات كىلومېىتىردىن ئارتۇق، ئومۇمى نوپۇسى 4037بولۇپ تاجىكلار %100نى ئېگەللەيدۇ.يىزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي--------باغ
3.پوسكام ناھىيىسىگە قاراشلىق بۇيلۇق تاجىك مىللى يېزىسى 1984-يىل 3-ئاينىڭ-12كۈنى
مېللي يىزا بولۇپ قۇرۇلغان ، ئومۇمى يەر مەيدانى2401 كۋادىرات كىلومىتىر ، ئومۇمى نوپۇسى2362نەپەر،بۇنىڭ ئېچىدە تاجىكلارنىڭ نوپۇسى 1418نەپەربولۇپ%44.2نى ئىگىلەيدۇ. يىزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي-------بۇيلۇق،پوسكام ناھىيە بازىرىدىن 23كىلومىتىر كىلىدۇ.
4.يەكەن ناھىيىسىگە قاراشلىق زەرەپشان تاجىك مىللى يىزىسى –يەكەن ناھىيە بازىرىدىن 34كىلومىتىر يىراقلىقتا بولۇپ ،ئازادلىقتىن ئېلگىرى چارەك يىزىلىق مەھكىمىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان.1954-يىلى تاجىك مىللى يىزا بولۇپ قۇرۇلغان.1959-يىلى خەلق كوممىنىسى قۇرۇلۇپ چارەكنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان.1984-يىلى 3-ئاينىڭ -12كۈنى چارەك يىزىسدىن ئايرىلىپ مىللى يىزا بولۇپ قۇرۇلغان. ئومۇمى يەر مەيدانى425 كۋادىرات كىلومىتىر ، ئومۇمى نوپۇسى6500نەپەر بۇنىڭ ئىچىدە تاجكلارنىڭ نوپۇسى %23.7نى ئىگەللەيدۇ. يىزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي----قوزىمال
5.گۇما ناھىيىسىگە قاراشلىق نەۋئاباد مىللى يىزسى ناھىيە بازىرىدىن 86كىلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان. 1984-يىلى9-ئاينىڭ 15-كۈنى مىللى يىزا بولۇپ قۇرۇلغان. ئومۇمى نوپۇسى926نەپەر،
بۇنىڭ ئېچىدە تاجىكلارنىڭ نوپۇسى 861نەپەربولۇپ%93نى ئىگىلەيدۇ. يىزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي--------كېۋەز.
يۇقىرىدىكى تاجىكلارنىڭ مىللى ئاپتونۇم جايلىرىدا تاجىكلار ئۆزىگە خاس مىللىي مەدىنيەت تارىخنى ياراتقان .تاجىكلارنىڭ ئەسلىي ئانا ماكانى پامىر ئېگىزلىكى ۋە ھىندىقۇش تاغ تىزمىلىرى ئەتراپىدىكى تاشقۇرغان،ۋاخان،شوغىنان قاتارلىق جايلاردا بولۇپ ،ئۇزاق قەدىمقى زامانلاردىن تارتىپلا ۋەتىنىمزنىڭ غەربى چىگرىسىنى ئىچىش ،ۋەتەن چىگرىسىنى قوغداپ ،چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا زەربە بىرىشتە ھەم ھەرقايسى دۆلەت خەلىقلىرى بىلەن دوستانە بىرىش –كىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،شەرىق بىلەن غەرىب مەدىنيىتىنىىڭ ئالمىشىشى ۋە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشدە پائال رول ئويناپ ،ئۆزىنىڭ قەھىرمانلىق جاسارىتى بىلەن ئاجايىپ تۆھىپىلەرنى قوشقان.ئۇلار ھەرقايسى تارىخىيى دەۋىرلەردىكى ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ،ھاكىمىيەت تالىشىش كۆرەشلىرى ،مەدىنىي مەزھەپلەر ئوتتورىسىدىكى كۈرەشلەر ،فئوداللىق زۇلۇم ۋە ئېكىسپالاتسىيە قاتارلىق تارىخىي ،ۋە ئىجتىمائىيى سەۋەپلەر بىلەن قوغدىنىشقا ئەپلىك تاغ جىلغىلىرىغا كۆچۆپ كىلىپ ،تەدرىجى كۆپىيىپ ،ئەتراپتىكى قىرىنداش مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھازىرقى بۇ جايلاردا ياشاپ كەلگەن ۋە ياشاپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ تارىخي ئومۇمى تاجىك تارىخنىڭ ئايرىلماس بىر تەركىبىي قىسمى ھىسابلىنىدۇ.
تار تاجىك مىللىي يىزىسى تارىخىي ماتىرياللىرىدىن كۆچۆرۈلۈپ ئىلندى.