ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللا
ئۆتكەندە تۈرك تىلى ئۈگۈنۈش 1_دەرىس يەنى تۈرك تىلى ئىلپەسىنى يوللىغان ئىدىم . بۈگۈن تۈرك تىلى ئۈگۈنۈش 1_دەرىس يەنى بوغۇم مەشىغىنى يوللدىم .
1_دەرىسكە
بۇيەرنى بېسىپ كىرىڭ
تۈركچە: 2-دەرس (بوغۇم مەشىقى) سۈرەتلىك فىلىمنى
بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ
م پ 3 شەكلىنى
بۇ يەرنى بېسپ چۈشۈرۈڭ
يەنە بىر ياخشى كىتاپمۇ بار تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن، باشلانغۇچ مەكتەپ 1- سىنىپ تۈركچە دەرسلىك ئېلكىتابى
بۇ كىتاپنى چۈشۈرۋىلىپ چوقۇم بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىڭ ،كۆرمىسىڭىز بولمايدۇ ، چوقۇم كۆرۈڭ . بۇيەرنى بېسىپ چۈشۈرۋىلىڭ
بۇ كىتاپنىڭ بەزى تىكىسىتلىرى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى .
بىر كۈنلۈكۈم بولسا،
بەك چوڭ، بەك چوڭ بولسا؛
دۇنيانىڭ ئۈستىگە تۇتسام،
يامانلىقلارنى توسسا.
بىر ئۇچىدىغان شارىم بولسا،
بەك چوڭ، بەك چوڭ بولسا؛
پۈتۈن يامانلىقلارنى ئىچىگە قويسام،
دۇنيادىن ئۇزاققا ئاتسام.
- قوزام، ھىچ غەم قىلما، قۇياش يەنە كېلىدۇ. چۈنكى قۇياش ئەتىگەنلىرى چىقىدۇ. دۇنيانى ھەم يورۇتىدۇ، ھەم ئىسسىتىدۇ. كەچ بولغاندا ئۇزاقتىكى باشقا بالىلارنى يورۇتۇشقا ۋە ئىسسىتىشقا كېتىدۇ.ئەمما بالا ئانىسىنىڭ دىگەنلىرىنى يېتەرلىك ھىس قىلمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ كۆپ نەرسىلەرنى بىلگۈسى بار ئىدى.ئۇ كەچقۇرۇن ئاياقلىرىنى كىيدى. قۇياشنىڭ پېشىگە چۈشتى. قۇياش تۆپىلىكنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. بالا تۆپىلىكنىڭ كەينىگە قاراپ ماڭدى، ماڭدى. ئۇ تۆپىلىككە چىققاندا بىرئاز قاراڭغۇلۇق باسقانىدى. قۇياشنى تۈزلەڭلىكنىڭ باشقا بىر تەرىپىدە يەنە كۆردى. قۇياش تېخىچە كېتىۋاتاتتى. قىپقىزىل قۇياشقا قاراپ يۈگۈردى، يۈگۈردى. ئەمما يېتىشەلمىدى. ھاۋا توختىماستىن قارىيىۋاتاتتى.ھېرىپ كېتىپ ئوتلارنىڭ ئارىسىدا ئوڭدىسىغا ياتتى. بىردەمدىن كىيىن توڭلىغىنىنى ھىس قىلدى ۋە ئورنىدىن تۇردى.ئاسماندا چوڭ بىر توپتەك تۇرغان ئاينى كۆردى. ئەتراپ كۈندۈزدەكلا يورۇق ئىدى. ئاي بىردىنلا گەپ قىلدى:- قۇياش سېنى ساقلىيالمىغىنى ئۈچۈن بەك كۆڭلى يېرىم بولدى. «ئۇنىڭغا مېنىڭ نەگە كەتكەنلىكىمنى دەپ بەرگىن. بەك بىلگىسى كەلسە، تېخىمۇ كۆپ كىتاپ ئوقۇسۇن. ئۇنىڭدا ھەممە نەرسە يېزىقلىق.» دىدى.بالا ھەيران – ھەيران ئەتراپىغا قارىدى. ئاپىسى بىلەن دادىسىنىڭ «خېلىل، خېلىل!» دەپ ۋارقىرىغانلىقىنى ئاڭلىدى.كارۋىتىدىن قوپتى. ئاپىسى بىلەن دادىسىغا ئېسىلدى. كۆرگەنلىرىنىڭ بىر چۈش ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. دېرىزىدىن سىرتقا قارىدى، قۇياشنى كۆردى. قۇياش خۇددى چۈشىدە كۆرگەندەكلا ئىدى. ئەتراپنى يورۇتۇۋاتاتتى ۋە ئىسسىتىۋاتاتتى. «دىمەك چۈشلەرمۇ راستقا ئايلىنىشى مۇمكىن.» دەپ ئويلىدى خېلىل. ئەجىبا چۈشىدىكىدەك ئاي بىلەن سۆزلىشەلەمتى؟ ئەمما بۇنىڭ جاۋابىنى تېپىشى ئۈچۈن ئاخشامنى ساقلىشى كېرەك ئىدى…
ھەسەن_ھۈسەن
يەتتە رەڭلىكتۇر ھەسەن ھۈسەن،
پار-پۇر، جىمىر- جىمىر.
سېرىق، قىزغۇچ سېرىق، قىزىل،
كۆك، قارا كۆك، سۆسۈن، يېشىل …
ھەممىسى ياخشى كۆرگىنىم رەڭلەردىن،
چىرايلىق رەڭلىك ھەسەن – ھۈسىنىم.
ئۇچالىسام كاشكى،
چىقسام كۆكلەرگە،
سېيرىلسام ھەسەن-ھۈسەننىڭ ئۈستىدىن،
پار-پۇر، جىمىر-جىمىر رەڭلەردىن.
يەتتە رەڭلىك ھەسەن – ھۈسىنىم.
ئايلانىڭ بۇلۇت ئويۇنى ئاسماندا بۇلۇتلار ئۇچۇۋاتاتتى. قۇياش ئاپئاق بۇلۇتلار ئارىسىدا سۈزۈلۈپ تۇراتتى. ئايلا خانىسىدىن چىقىپ بالكونغا قاراپ يۈگۈردى. بۇلۇتلارنى كۆرۈۋاتقاندا ئۆز- ئۆزىگە گەپ قىلىشقا باشلىدى: -ئاۋۇ بۇلۇت سېرىق تۆگىگە ئوخشايدىكەن. يېنىدىكىسى بەش قاناتلىق بىر قۇش… مانا بىر قوزا توپى… كەينىدە چوڭ بىر قار بالا… بۇلۇتلار ئۇچۇۋاتقاندا كۆزىنى بۇلۇتلاردىن ئايرىشنى خالىمايتتى. يېنىغا كەلگەن ئاچىسىغا: -ئاۋۇ بۇلۇتنى ئۆتكۈزۈۋەتمە، – دېدى. كۆزۈڭنى ئوبدان ئاچ، پەرى قىزغا ئوخشايدىكەن… تاز ئوغۇلنىڭ قېشىدا قېرى ئانىسى… چوڭ بولغىنى بىر ساراي… ئاچىسى : -سەن خىيال سۈرۈۋاتىسەن، – دىدى. ئايلا: -ھىچ ئۇنداق ئەمەس… چوڭلار بەك دىققەتسىز بولىدىكەن،- دىدى. بىر دەمدىن كىيىن ئەتراپنى تۇمان قاپلىدى. سىم- سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. ئەمدى ئايلانىڭ بۇلۇت ئويۇنى ئاخىرلاشقان ئىدى. ئايلانىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولدى. ئاچىسى ئۇنى قۇچىقىغا ئالدى. چىڭ يۆگىدى. يۈزىگە سۆيدى. ئۇنىڭدىن كېيىن خانىسىغا كۆتۈرۈپ كەلدى. چاچلىرىنى سىلىدى. ئاچىسى چۆچەك ئېيتىۋاتقاندا ئايلا ئۇخلاپ قالدى. ئۇيقۇسىدا گۈزەل چۈشلەرنى كۆردى.
كىتاپنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى پات ئارىدا ئىلىكىتاپ شەكىلدە يوللىنىدۇ .
مەنبە :ماھىنۇر ئۇيغۇر باللار باغچىسى
بىزگە بۇ دەرىسلىكلەرنى ئىشلەپ سۇنغان سىڭلىمىز ماھىنۇر ئۇيغۇرغا چوك تەشەككۈر .
[ بۇ يازمىنىتاھىر 2011-05-17 17:02قايتا تەھرىرلىدى ]