باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 8877 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئالى مەكتەپ ھاياتىڭلارنى سېغىندىڭلارمۇ ؟(رەسىملىك)
ھېچكىم بىلمەس ھالىمنى ،كىمگە ئېيتاي زارىمنى ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 29
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 1410
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1410دانە
ئۆسۈش: 1700 %
مۇنبەر پۇلى: 12256 سوم
تۆھپىسى: 7 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-29
ئاخىرقى: 2012-03-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-07-16 12:32

ئالى مەكتەپ ھاياتىڭلارنى سېغىندىڭلارمۇ ؟(رەسىملىك)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-07-17)
تېخى تۈنۈگۈنلا ئالى مەكتەپ چاقىرىق قەغىزىنى قۇچاقلىغىنىمچە شىرىن ئۇيغۇدا
 ئۇخلاۋاتاتتىم ، ئويغىنىپ قارىسام بىردەمدە ئۇقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىغا
 ئايلىنىپ قاپتۇ .........ۋاقىت نەقەدەر تىز ئۆتكەن ھە ،،،،،،،،،،،،،،،
كېچە .....
بىر توپ ساۋاقداشلىرىم بىلەن كۈلكە چاقچاقلار ئىچىدە دەرىسخانىدا يۈرەتتىم  ،،،توساتتىن
 تېلفۇنۇم جىرىڭشىدى ،،،ئويغىنىپ قارىسام ئىشقا چىقىدىغان ۋاقتىم توشۇپ قاپتۇ ،،،،
........................................................................................
سىلەرمۇ شۇنداق چۈشلەرنى كۆرىدىغانسىلەر ھە ساۋاقداشلىرىم ،،،،،، 

شۇتاپ ھېلىھەم ئۆزۈمنى بىر ئۇقۇغۇچىدەك ،بىر كۈنى تەتىل بۇلۇپ ئۆيدە ئۇزۇن مەزگىل
 ئارام ئالىدىغاندەك ھېس تۇيغۇلاردە يۈرۈيمەن ....... 

مەن ياتقان ياتاق  

 


  

ئاشخانام  


مەكتىپىمىزدە بىر كىچىك  بازار بۇلىدىغان ،شۇنداق ئويلايمەنكى ئۈرۈمچىدىكى ئالى مەكتەپلەر ئىچىدە تامىقى بۇنىڭدەك ئوخشايدىغان ھەم ئەرزارن ئاشخانا يوقمىكىن ،ئاشخانا ئاچقانلارنىڭ ياخشىلىغى ،ھەممىمىز دەپتەرگە يازدۇرۇپ قۇيۇپ يەۋرېرەتتۇق ،ئاي ئاخىرىدا پۇلىنى ھېساپلاشقاندا خوجايىنلار 30-40كوينى كۆتىرىۋېتەتتى ،بۇ بىر  ئۇقۇغۇچىغا نىسپەتەن ئاز پۇل ئەمەستى ...ماۋۇ تاۋسەن مىفەنلەر ھازىرمۇ شۇنداق ئەرزانكەن ..... 


تويۇقسىز ساۋاقداشلىرىمنى ،ياق، مەكتەپداش تەڭتۇشلىرىمنى ياد ئېتىپ قالدىم ،بىر چاغلاردا بزمۇ شۇنداق غەمسىز ئىدۇق،ئۆز مەيلىمىزچە نە نەلەرگە بېرىپ ئوينايىتتۇق : 



ئاخشاملىرىنى تورخانىلاردا تۈنەپ كەچ قالساق مەكتەپنىڭ بۇ ئارقا ئىشىكىدىن ئارتىلىپ كىرەتتۇق ،لىكىن ھازىر ئۇ پاكار سىيرىلما ئىشىكنىڭ ئورنىغا بۇ ئىشىكىنى ئورنۇتۇپ قويۇپتۇ ،ھازىرقى بالىلارغا تەس بوپتۇ دە !


خوشلىشىدىغان چاغدا سىنىپتىكى يىگىتلەر مانا مۇشۇنداق  خوشلاشقان ئىدۇق .... 

 
 

مەن ياتقان ياتاق
 

 


ھەي داشۆسىڭلار ....
بىزنىڭمۇ سىلەردەك بەخىتلىك چاغلىرىمىز بولغان ،ئالى مەكتەپنى مەڭگۈلۈك دەپ ئويلاپ قالماڭلار ،كىىتىدۇ ،ھەممىسى كىتىدۇ ،سىلەردە پەقەت  شىرىن ،تولىمۇ شىرىن ،تاتىلىق ،تولىمۇ تاتلىق ئەسلىمىلەرلا قالىدۇ ،مەكتەپنى قانداق پۈتتۈرگەنلىكىڭلارنى سەزمەيلا قالىسىلەر ،ئالى مەكتەپتىن ئايرىلىپ جەمىيەتكە قەدەم قويغىنىڭلاردا سىلەرنى نۇرۇغۇن قايغۇ غەملەر كۈتۈپ تۇرىدۇ ،زىممەڭلارگە يۈكلەنگەن يۈكنى ئارتىپ تۇرمۇش ، تىرىكچىلىك ھەلەكچىلىكىدە تۇرمۇشتىن  ئىبارەت بۇ ئايىغى چىقماس يولنىڭ قايناملىرىدا ئۆمرۈڭلار ئىرىپ  تۈگەيدۇ...
ئەمدى ئاتا ئاناڭلاردىن پۇل سورىيالمايسىلەر ،داڭلىق شەخەسلەرنىڭ لىكسىيەلىرىنى ھەقسىز ئاڭلىيالمايسىلەر ،تورخانىلاردا كىچىلەپ تۈنەپ يۈرەلمەيسلەر،سۆڭىكى يوق پۇلنى خەجلەپ بىغەم يۈرەلمەيسىلەر . ....
ئەي ئۇكىلار  ،ئۇقۇڭلار ،ياخىشى ئۇقۇڭلار ،ئالى مەكتەپ ھاياتىڭلارنى قەدىرلەڭلار ......... 



 

خاتىمە :

سىېغىندىم مەن سېغىندىم ،
ئۈرۈمچىنى سېغىندىم ،
ئۇقۇسامكەن يەنا بىر ،
مەكتىپىمنى سېغىندىم ...



زېرىكتىم مەن زېرىكتىم ،
جەمىيەتتىن زېرىكىتم ،
ئەجەپ تەسكەن پۇل تاپماق ،
مەكتىپىمنى سېغىندىم
[ بۇ يازمىنىxahruh 2011-12-15 16:05قايتا تەھرىرلىدى ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+5(kangsay) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • دوستلىشىش
    ياشايمەن
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9941
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 3
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 35 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-12-07
    ئاخىرقى: 2011-12-09
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-07 09:55

    سېغىنمايغان كىم بار دەيسىز ....دەسلەپتە ئۇرۇشۇپ پېتىشمىغان ،،،
    كىيىن بىر بىرىگە  چىدالماي يىغلىشىپ ئايرىلغان .....
    دوستلىشىش
    ياشايمەن
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9941
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 3
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 35 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-12-07
    ئاخىرقى: 2011-12-09
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-08 16:58

    18 ياش ،،،،،،ئالتۇندەك ياشلىق ،،،،گۈزەل ئۈرۈمچى .........
    ياشلىق مەزگىلىىنىڭ بۇسۇغىسدىن ئالى مەكتەپتە ئاتلايدىكەنمىز ،،،،شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى \
    جايلىرىدىن كەلگەن ،،مىجەز خۇلقى زور پەرىقلىق بولغان، كۆڭلىگە ئاجايىپ ئارزۇ ئىستەكلەرنى
     پۈككەن  بىر توپ قىز يىگىتلەر بىر سىنىپقا يىغىلىدىكەنمىز ،،،،خۇشاللىقىمىزمۇ ،،قايغۇمىزمۇ ئورتاق ،،،،
    ئاتا ئانىمىز ئەۋەتىپ بەرگەن سۆڭىكى يوق پۇلنى خەجلەپ ،ئۈۈمچىنىڭ رەڭگارەڭ تۇرمۇشىغا
    مەسىت بۇلۇپ يۈرگىنىمىزدە ،بىزگە غايەت زور ئۇزۇن بىلنگەن 5 يىل بىردەمدە ،شۇنداق تىز
    تۇشۇپ قالىدىكەن ،،،،،،ئاقىۋەت دەسلىۋىدە مۇشلىشىپ، سۇقۇشۇپ تونۇشقان
    تەغدىرداشلىرىمىز بىلەن يىغلىشىپ تۇرۇپ كۆزلىرىمىز قىيمىغان ھالدا خوشلىشىدىكەنمىز ،،،،
    ئالى مەكتەپتىن ئايرىلىپ جەمىيەتكە قەدەم باسقىنىمىزدا بىزنى تۇرمۇشنىڭ غايەت زور
    ئېغىر يۈكى  كۈتۈپ تۇرىدىكەن ،كەينىمىزگە قاراشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ،ئۆي، بالا، خىزمەت
    دەپ ھاياتىمىزنىڭ شامى ئېرىپ تۈگەيدىكەن ،،،،
    ھاياتلىق ئالبۇمۇمنى ۋاراقلىغىنمدا خىيالىم ئەشۇ ئالى  مەكتەپتىكى گۈزەل چاغىلىرىم
     بار كارتىنىدا ئۇزۇندىن ئۇزۇن توختاپ كېتىدۇ  ،،،،،ئاجايىپ بىرخىل شىرىن ئەسلىمىلەر
    قوينىدىن ئۆزەمنى تارتالماي قالىمەن .........
    تۇرمۇشنىڭ ئېغىر قايناملىرىدا نەلەردە تىنەپ يۈرۈيدىغانسىلەر ھە ساۋاقداشلىرىم .
    سىلەرنى سېغىندىم ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
    [ بۇ يازمىنىياشايمەن 2011-12-08 17:03قايتا تەھرىرلىد ]