باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 8913 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئالى مەكتەپ ھاياتىڭلارنى سېغىندىڭلارمۇ ؟(رەسىملىك)
ھېچكىم بىلمەس ھالىمنى ،كىمگە ئېيتاي زارىمنى ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 29
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 1417
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1417دانە
ئۆسۈش: 1700 %
مۇنبەر پۇلى: 12326 سوم
تۆھپىسى: 7 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-29
ئاخىرقى: 2012-03-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-07-16 12:32

ئالى مەكتەپ ھاياتىڭلارنى سېغىندىڭلارمۇ ؟(رەسىملىك)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-07-17)
تېخى تۈنۈگۈنلا ئالى مەكتەپ چاقىرىق قەغىزىنى قۇچاقلىغىنىمچە شىرىن ئۇيغۇدا
 ئۇخلاۋاتاتتىم ، ئويغىنىپ قارىسام بىردەمدە ئۇقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىغا
 ئايلىنىپ قاپتۇ .........ۋاقىت نەقەدەر تىز ئۆتكەن ھە ،،،،،،،،،،،،،،،
كېچە .....
بىر توپ ساۋاقداشلىرىم بىلەن كۈلكە چاقچاقلار ئىچىدە دەرىسخانىدا يۈرەتتىم  ،،،توساتتىن
 تېلفۇنۇم جىرىڭشىدى ،،،ئويغىنىپ قارىسام ئىشقا چىقىدىغان ۋاقتىم توشۇپ قاپتۇ ،،،،
........................................................................................
سىلەرمۇ شۇنداق چۈشلەرنى كۆرىدىغانسىلەر ھە ساۋاقداشلىرىم ،،،،،، 

شۇتاپ ھېلىھەم ئۆزۈمنى بىر ئۇقۇغۇچىدەك ،بىر كۈنى تەتىل بۇلۇپ ئۆيدە ئۇزۇن مەزگىل
 ئارام ئالىدىغاندەك ھېس تۇيغۇلاردە يۈرۈيمەن ....... 

مەن ياتقان ياتاق  

 


  

ئاشخانام  


مەكتىپىمىزدە بىر كىچىك  بازار بۇلىدىغان ،شۇنداق ئويلايمەنكى ئۈرۈمچىدىكى ئالى مەكتەپلەر ئىچىدە تامىقى بۇنىڭدەك ئوخشايدىغان ھەم ئەرزارن ئاشخانا يوقمىكىن ،ئاشخانا ئاچقانلارنىڭ ياخشىلىغى ،ھەممىمىز دەپتەرگە يازدۇرۇپ قۇيۇپ يەۋرېرەتتۇق ،ئاي ئاخىرىدا پۇلىنى ھېساپلاشقاندا خوجايىنلار 30-40كوينى كۆتىرىۋېتەتتى ،بۇ بىر  ئۇقۇغۇچىغا نىسپەتەن ئاز پۇل ئەمەستى ...ماۋۇ تاۋسەن مىفەنلەر ھازىرمۇ شۇنداق ئەرزانكەن ..... 


تويۇقسىز ساۋاقداشلىرىمنى ،ياق، مەكتەپداش تەڭتۇشلىرىمنى ياد ئېتىپ قالدىم ،بىر چاغلاردا بزمۇ شۇنداق غەمسىز ئىدۇق،ئۆز مەيلىمىزچە نە نەلەرگە بېرىپ ئوينايىتتۇق : 



ئاخشاملىرىنى تورخانىلاردا تۈنەپ كەچ قالساق مەكتەپنىڭ بۇ ئارقا ئىشىكىدىن ئارتىلىپ كىرەتتۇق ،لىكىن ھازىر ئۇ پاكار سىيرىلما ئىشىكنىڭ ئورنىغا بۇ ئىشىكىنى ئورنۇتۇپ قويۇپتۇ ،ھازىرقى بالىلارغا تەس بوپتۇ دە !


خوشلىشىدىغان چاغدا سىنىپتىكى يىگىتلەر مانا مۇشۇنداق  خوشلاشقان ئىدۇق .... 

 
 

مەن ياتقان ياتاق
 

 


ھەي داشۆسىڭلار ....
بىزنىڭمۇ سىلەردەك بەخىتلىك چاغلىرىمىز بولغان ،ئالى مەكتەپنى مەڭگۈلۈك دەپ ئويلاپ قالماڭلار ،كىىتىدۇ ،ھەممىسى كىتىدۇ ،سىلەردە پەقەت  شىرىن ،تولىمۇ شىرىن ،تاتىلىق ،تولىمۇ تاتلىق ئەسلىمىلەرلا قالىدۇ ،مەكتەپنى قانداق پۈتتۈرگەنلىكىڭلارنى سەزمەيلا قالىسىلەر ،ئالى مەكتەپتىن ئايرىلىپ جەمىيەتكە قەدەم قويغىنىڭلاردا سىلەرنى نۇرۇغۇن قايغۇ غەملەر كۈتۈپ تۇرىدۇ ،زىممەڭلارگە يۈكلەنگەن يۈكنى ئارتىپ تۇرمۇش ، تىرىكچىلىك ھەلەكچىلىكىدە تۇرمۇشتىن  ئىبارەت بۇ ئايىغى چىقماس يولنىڭ قايناملىرىدا ئۆمرۈڭلار ئىرىپ  تۈگەيدۇ...
ئەمدى ئاتا ئاناڭلاردىن پۇل سورىيالمايسىلەر ،داڭلىق شەخەسلەرنىڭ لىكسىيەلىرىنى ھەقسىز ئاڭلىيالمايسىلەر ،تورخانىلاردا كىچىلەپ تۈنەپ يۈرەلمەيسلەر،سۆڭىكى يوق پۇلنى خەجلەپ بىغەم يۈرەلمەيسىلەر . ....
ئەي ئۇكىلار  ،ئۇقۇڭلار ،ياخىشى ئۇقۇڭلار ،ئالى مەكتەپ ھاياتىڭلارنى قەدىرلەڭلار ......... 



 

خاتىمە :

سىېغىندىم مەن سېغىندىم ،
ئۈرۈمچىنى سېغىندىم ،
ئۇقۇسامكەن يەنا بىر ،
مەكتىپىمنى سېغىندىم ...



زېرىكتىم مەن زېرىكتىم ،
جەمىيەتتىن زېرىكىتم ،
ئەجەپ تەسكەن پۇل تاپماق ،
مەكتىپىمنى سېغىندىم
[ بۇ يازمىنىxahruh 2011-12-15 16:05قايتا تەھرىرلىدى ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+5(kangsay) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • دوستلىشىش
    قارگۇلى
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8196
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 321
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە321دانە
    ئۆسۈش: 90 %
    مۇنبەر پۇلى: 3351 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-07-18
    ئاخىرقى: 2012-03-30
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-07 16:42

    پاھ   ....... بۇ تېما تازا قىززىپتۇ!!!ماڭىمۇ 14يىل بوپتۇ......... لىكىن بىر ياتاقداشلار ھىچ بولمىغاندا ھېيىت -ئايەملەردە تېلپۇنلىشىپ تۇرىمىز... لىكىن كۆرۇشمىگىلى بەك ئۇزاق بولدى!!!!!  بىر قانچە قېتىم يىغىلىشنى ئۇيلاشقان بولساقمۇ يەنىلا ،نىسىپ بولماي كەلدى!!!!

    ھەي مۇنبەرداشلار،،،، ئۆزئارا كەڭ قوساق بولايلى،،،،  نىمىشقا بىر -بىرىڭلار بىلەن مۇنبەردىمۇ چىقىشمايسىلەر؟؟؟؟ئ بۇ ياخىشى ئەمەس!!!!!!!  ئۆزئارا چاخچاق قىلىشقىنىڭلارمۇ يا!!!   مۇنبەردە ئەدەپلىك -ئەخلاقلىق بولايلى!!!!!!بىر بىرىمىز بىلەن ئۆچ ئاداۋىتىمىز بولمىغاندىكىن، چىرايلىق كۆڭۇل خۇش بولىدىغان سۆزلەرنى قىلىشساق ياخىش ئەمەسمۇ!!!!!!  ياخشى سۆزمۇ سەدىقىدۇر!!!  بىر-بىرىمىزنى كۆرمەيمىز، تونۇمايمىز دەپ بىر بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتساق ، بولماس------     
    ئۇنۇتمايلىكى :  <<بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ...........بىز بولساق مىھماندۇرمىز!!!!!>>