مانا مىنىڭ ئوقوش پۈتتۈرگىنىمگە ھەش پەش دىگۈچە ئىككى يىل بوپتۇ،بىر يىل مەمۇرى خىزمەت قىپتىمەن،بىر يىلدىن بىرى ئۆز كەسپىمنى قىلىۋاتىمەن،ئىنشائاللا كۈنلىرىم كۈندىن-كۈنگە ياخشى.بۇ ئىككى يىل جەريانىدا مەكتەپ ھاياتىمدىن ئايرىلالمايۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن،ھەم بۇ خىل تۇيغۇدىن ئايرىلغۇم يوق.
مەكتەپ ھاياتىمدا ئاچ قالغان ۋاقىتلىرىم كۆپ ھەم ياخشىراق بىرەر قۇر كىيىم كىيەلمىگەن بولساممۇ مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خالىغان ۋاقىتتا خالىغانچە يەيمەن.نەچچە ئاي ئالدىدا 200نەچچە سومغا بىر ئاياغ ئالغان ئىدىم،مەن ئۆمرۈمدە بۇنداق ئىشلار ھاياتىمدا كۆرۈلمەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم،ئۇلا ئەمەس شۇ ئاياغنىڭ رەڭگىنىڭ ئازراق ئۆڭۈپ كەتكىنىنى ئويلاپ ئۇنى ئۆيگە تاشلاپ قويوپ نەچچە يۈز سومغا يەنە ئاياغ ئالدىم،مانا مۇشۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ بارا-بارا ئۆزگىرىۋاتقىنىمنى،ئۆزۈمدىن يىراقلاۋاتقاندەك ھىس قىلدىم.
ئۆزۈم چىقىم قىلىپ توي قىلدىم،ناھىيە ئىچىن ئۆيلۈك يەر ئالدىم.چوڭ ئىنىمنى ئوقوتوۋاتىمەن.ئەمما ئۆزۈمنىڭ شۇ ئوقوغان كۈنلىرىم كۆز ئالدىمدا غۇۋالاشقان ھامان ئۆزۈمنىڭ ئوبرازىنى ھەم ئۆزۈمنى خۈنۈكلەشتۈرۈپ چىرىكلەشتۈرۈپ قويىدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم.
ئوقوش پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا قانچىلىك ئادەمنىڭ شۇ ۋاقىتلارنى سىغىنىش ئىلكىدە ئەسلەيدىغانلىقىغا بىر نەرسە دىمەك تەس،ئەمما شۇنى كىسىپ ئىيتىش مومكىنكى ئەمەلىيەتتە شۇ ۋاقىتلارنى ئويلاش،ئەسلەش ئۆزىمىزنىڭ بۈگۈنكى قەدەملىرىمىزنى تەڭشەشتە ئىنتايىن موھىم.يەنى شۇ ۋاقىتلارنى سىغىنىدىغان ئادەملەر بىلەن شۇ ۋاقىتلارغا بىر ئۆتمۈش قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ پەرقىمۇ ئاز بولمايدۇ...