باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1943 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بۈگۈنىڭىزنى ئوغرىلىدىڭىزمۇ؟!(تەرجىمە ئەسەر)
دوستلىشىش
مۇنزىرە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7373
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-13
ئاخىرقى: 2011-05-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-13 19:07

بۈگۈنىڭىزنى ئوغرىلىدىڭىزمۇ؟!(تەرجىمە ئەسەر)

بۈگۈنىڭىزنى ئوغرىلىدىڭىزمۇ؟!

كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تۇيۇقسىز شۇنى ھىس قىلىپ يەتتىمكى:ئۆتكەن ھەر بىر كۈنىمىز ئىزى يوقالغان ‹بۈگۈن›، كىيىنكى ھەربىر كۈنىمىز بولسا كەلگۈسىدىكى ‹بۈگۈن›. ھەم شۇنداقلا كۈنلىرىمىز ئەسلىدىنلا ساناقسىز ‹بۈگۈن›لەردىن تۈزۈلگەن ئىكەن.
 
ئەمەلىيەتتە ھەربىر ئادەمنىڭ بۇ ئۆمرىدىكى ھەربىر كۈنى ‹بۈگۈن›گە تەۋە بولۇپ ‹بۈگۈن›نىڭ كۆۋرىكىدە ماڭىدۇكى ‹بۈگۈن›دىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتەلمەيدۇ ھەم بۈگۈنى بولماي قالمايدۇ. بىر يىل 365كۈن، مۇشۇ كۈنلەر ئىچىدىكى ھىچبىر قايسى بىر كۈن ‹بۈگۈن›دىن باشلانمىغان ئەمەس؟!  بۇ ئۆمرىدىكى نەچچە ئونمىڭلىغان كۈنلەرنىڭ ھەممىسى نۇرغۇنلىغان بۈگۈندىن تۈزىلىدۇ.
 
تۈنۈگۈن، ئۈلۈشكۈن، ئۈچ كۈن ئىلگىرى......لەرنىڭ ھەممىسى ئىلگىركى ‹بۈگۈن›دۇر. ئەتە، ئۆگۈن، ئۈچ كۈن كىيىن.......لارمۇ ناھايىتى تىزلا ‹بۈگۈن›گە ئايلىنىدۇ. بۈگۈن تۈنۈگۈنگە نىسبەتەن ئەتىدۇر. شۇنىڭدەك ئەتىگە نىسبەتەن تۈنۈگۈندۇر. بۈگۈننى چىڭ تۇتقانلىق ھىساپتا ئەتىنى چىڭ تۇتقانلىقتۇر.بۈگۈننى يوقاتقانلىق ئەتىنى يوقاتقانلىققا تەڭ بولۇپلا قالماستىن يەنە تۈنۈگۈننىمۇ يوقاتقانلىقتۇر.
 
بۈگۈن قانچىلىك گۈزەل، قانچىلىك قايغۇلۇق، قانچىلىك خۇشال، قانچىلىك ئازاپ بولسۇن باشقىلار سىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنەلمەيدۇ ياكى ئۈستىگە ئالالمايدۇ. چۈنكى بۇ پەقەت ئۆزىڭىزگىلا تەۋە ‹بۈگۈن›دۇر. ھەممە ئادەمنىڭ ‹بۈگۈن›ى بولىدۇ لىكىن ھەر بىر ئادەمنىڭ ‹بۈگۈن›ى ئوخشاش بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ بۈگۈنى سىزنىڭ بۈگۈنىڭىزنىڭ ئورنىنى ئالالمىغان بىلەن سىزنىڭ بۈگۈنىڭز باشقىلارنىڭ نۇرغۇنلىغان كۈنلىرىدىن غالىپتۇر.
 
بۈگۈن ناھايىتى جاھىل.پەقەت ئالدىغا مېڭىشنىلا بىلىدۇكى ھەرگىمزمۇ كەينىگە چىكىنمەيدۇ مەيلى سىز كىم بولىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ‹بۈگۈن› مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ. بۈگۈن قىممەتلىكتۇر. بەك ئاسان يوقاپ كىتىدۇ.ئۆتۈپ كەتكەن ‹بۈگۈن›نى كۆرۈپ سىز بەلكىم يەنە نۇرغۇنلىغان ‹بۈگۈن›لىرىم بار دىيەلەيسىز لىكىن ئاللاقاچان ئۆتۈپ كەتتى.باشقىسى ھەرگىزمۇ بۈگۈننىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.
 
‹بۈگۈن›نى قايتىلغىلى بولمايدۇ ھەم يەنە كۆپەيتكىلىمۇ بولمايدۇ چۈنكى ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن بىرلادۇر. بۈگۈن 2004-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى. بۇ كۈن ئۆتۈپ كەتتى......دۇنيادا يەنە بىر 2004-يىلى 10-ئاينىڭ20-كۈنىدىن ئىبارەت بۇ كۈننى تاپالارسىزمۇ؟! بۇ ھاياتىڭىزدا ۋە ياكى كەلگۈسى ئەۋلادلار زامانىدىمۇ مەڭگۈ ‹بۈگۈن›نى قايتا تاپالمايسىز.
 
بىر ئادەمنىڭ ‹بۈگۈن›ى ئۇنچە كۆپ بولمايدۇ. تەخمىنەن 80 ياش ياشىدى دىسەك شۇ قىسقىغىنە 80 يىل ئىچىدىكى ‹بۈگۈن› 30 مىڭغىمۇ بارمايدۇ. سىز بۈگۈننى ھاراق ئىستاكانىغا تاشلىدىڭىز، ئەتىنى يۇيۇنۇش ئىدىشىغا تاشلىدىڭىز، ئۆگۈننى بولسا ماشىنا چاقى ئاستىدا يانجىۋەتتىڭىز........تاكى سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ‹بۈگۈن›ڭىز تۇسالغۇسىز كەلگەندە سىز ئاندىن يىغلايسىز، ئۆكىنىسز بىراق ئاللاقاچان كىچىككەن بولىسىز. ئون نەچچە مىڭلىغان بۈگۈننى سىز ئالتۇنغا ئايلاندۇرالمىدىڭىز، ئەڭ ئاخىرقى ‹بۈگۈن›نى بولسا پەقەت ئۆزىڭىزنى كۆمىدىغان توپىغا ئايلاندۇرۋەتتىڭىز.
 
ئادەملەر ھەمىشە ئۆزىنىڭ بايلىقىنىڭ ھىساۋىنى قىلىدۇ ئەمما ناھايىتى ئاز سانلىق كىشلەر ‹بۈگۈن›نىڭ ھىساۋىنى قىلىدۇ. شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى بۈگۈن دەل شۇ بايلىقتۇر. بايلىققا ‹بۈگۈن›سېتىۋالغىلى بولمىغىنى بىلەن  بايلىقىڭىزنى يوقاتسىڭىز بەلكىم ئەتە تاپالايسىز ئەمما بۈگۈنىڭىزنى يوقاتسىڭىز مەڭگۈ ‹بۈگۈن›سز قالىسىز.
 
بۈگۈن ئەتىگە باشلايدۇ. ئەتە ئۆگۈنگە، ئۆگۈن......مانا مۇشۇنداق قىلىپ سىز نۇرغۇنلىغان گۈزەل ‹بۈگۈن›لەرنى قۇپقۇرۇق قىلىپ قويۇۋاتىسڭىز يەنە نىمىمۇ دىيەلەيسىزكى؟! ‹بۈگۈن› باشقىلار تەرىپىدىن ئوغۇرلانمايدۇ، باشقا نەرسىلەر تەرىپىدىنمۇ يوق قىلىنمايدۇ. ئۇنى ئوغۇرلىغان، يوقاتقان دەل ئۆزىڭىز، پۇشايمان ۋە ئۆكۈنۈش ئىچىدە بۈگۈنگە مۇئامىلە قىلسىڭىز ھىساپتا سىز يەنە بىر كۈننى يوقاتقان بولىسىز.
 
‹بۈگۈن›بولسا ئامانەت قويۇش كىنىشكىسى. سىز پۇل ساقلىمىسىڭىز ئەتە قانداقمۇ ئۆسۈمگە ئىرىشسىز؟! ‹بۈگۈن› بولسا ئۇرۇق، بۈگۈن ئۇنى يەرگە تىرۋەتمىسڭىز ئەتە قانداقمۇ گۈل ئېچىلىپ مىۋە بىرەلەيدۇ؟! ‹بۈگۈن›بولسا ئۇچرىشىش، بۈگۈن مۇھەببەت ئاتا قىلمىسڭىز ئەتە قانداقمۇ بەختكە ئىرىشكىلى بولىدۇ؟! ‹بۈگۈن› بولسا ئانا، بۈگۈن ھامىلدار بولمىسا ئەتە قانداقمۇ يېڭى بىر ھايات بۇ دۇنياغا كۆز ئاچسۇن؟!
 
گەرچە بۈگۈندىكى گۈزەل ئارزۇ-ئارمىنىڭىز ئەتە ئەمەلگە ئاشسىمۇ لىكىن ئۈمۈدنىڭ يۇمران بىغىنى تىكىۋىتىشىڭىز كىرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن ھەر قانچە گۈزەل ئارزۇ-ئارمان ۋە ئۈمىدىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ ئەتىسى ئىرىشىدىغىنىڭىز پەقەت ئۈمۈدسىزلىنىش بولۇپ قالىدۇ.
 
‹بۈگۈن› بەك ئاددى بولسىمۇ بىراق ئۇ بىر پارچە ئالتۇن قىش، ئۇ قىش ئارقىلىق سىز ئەتىڭىزنى بىنا قىلىپ چىقالايسىز. ‹بۈگۈن›گەرچە ئادەتتىكىچە بولسىمۇ خۇددى كىچىك-كىچىك ئېقىنلاردەك سىزنىڭ ئەتىڭىزنى تولدۇرىدۇ. بۈگۈن گەرچە كۆزگە ئىلىنمىغان بىلەن بىراق ئۇ بىر توپ ئوت. بۇ ئوت سىزنىڭ ئەتىڭىزنى يالقۇنغا ئايلاندۇرالايدۇ.
 
تۈنۈگۈن قانچىلىك گۈزەل بولغىنى بىلەن ئۇ ئۆتۈپ كەتتى شۇنىڭدەك ئەتە گەرچە پارلاق بولۇسىمۇ ئۇ تېخى كەلمىدى. بىر ‹بۈگۈن› ئۈچ تۈنۈگۈندىن غالىپتۇر. ئۈچ ئەتە بىر بۈگۈنگە يەتمەيدۇ. گۈزەل ئۆتكەن بۈگۈن نۇرغۇنلىغان گۈزەل تۈنۈگۈن ۋە ئەتىڭىزدىن مەڭگۈ غالىپ كىلىدۇ.
 
تۈنۈگۈن، بۈگۈن، ئەتىنى بىر تارازىغا قويسىڭىز بۈگۈن ھامان ئېغىر كىلىدۇ. مەن، سىز ۋە ئۇنىڭ ‹بۈگۈن›ى ئۆتكەن ۋە ياكى كىلىدىغان ‹بۈگۈن›دىن ئېغىر كىلىشى مۇمكىن. ‹بۈگۈن›دىن ئىبارەت بۇ ئىككى خەت تولىمۇ ئاددى بولغىنى بىلەن لىكىن سىزنىڭ بىر ئۆمۈر كىتاپ قىلىپ يېزىشىڭىزغا يىتەرلىك. ھاياتىڭىزدىكى ھەربىر كۈننى ‹بۈگۈن› دەپ ئويلىغان ئادەمگە ئىشەنسىڭىز بولىدۇكى ئۇ ئۆتكۈزگەن ھەربىر كۈنىنى ‹ئالتۇن›غا ئايلاندۇرالايدۇ.
  
مەنبە: مۇنزىرە  تەرجىمىسى. ‹جوڭگۇ ياشلىرى› ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 22-ھەپتىلىك سانىدىن(ئاپتورى:لۈيوۋ) تەرجىمە قىلىندى.
[ بۇ يازمىنىمۇنزىرە 2011-05-14 00:22قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2473
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-11

مۇنبىرمىزگە داۋاملىق تەرجىمە ئەسەرلەرنى سۇنىشىڭىزغا تىلەكداشمىز ....
    سان سىفىرنى ئازراق ئۆزگەرتىپسىز ، شۇنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز .
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
مۇنزىرە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7373
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-13
ئاخىرقى: 2011-05-19
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-14 00:28

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى تاھىر نىڭ 2011-05-13 21:39 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مۇنبىرمىزگە داۋاملىق تەرجىمە ئەسەرلەرنى سۇنىشىڭىزغا تىلەكداشمىز ....
    سان سىفىرنى ئازراق ئۆزگەرتىپسىز ، شۇنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز .

ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
ئەسكەرتىش بەرگىنىڭىزدىن خۇرسەنمەن. سان-سىفىردىن پەقەت شۇ 2004-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى دىگەننى بۈگۈنكى ۋاقىتقا ئۆزگەرتىپ قويۇپتىكەنمەن. (بۈگۈن تەرجىمە قىلغاچقا بۈگۈنكى ۋاقىتنى ئىشلىتەي دىگەن بولسام كىرەك؟!) ھازىر قايتىدىن تەھرىرلەپ ئەسلىدىكى ماقالىدە كۆرسىتىلگەن ۋاقىتنى يېزىپ قويدۇم. شۇنداق قىلسام ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەن بولمىسا باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتكەنلار قاتارىغىمۇ كىرىپ قالغۇدەكمەن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5184
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 26
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 360 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2012-03-29
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-14 02:42

تەرجىمە پائالىيتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلار بىلەن ئالاقىلاشسام بولاتتى،
مەن ئەرەپچىدىن بىر ماقالە تەرجىمە قىلاي دېگەن،
سىلەرنىڭ مەسلىھەتىڭلارغا قاراپ قالدىم.
ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى،بىغەملىك ھايۋاننىڭ&a ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7385
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 111
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە111دانە
ئۆسۈش: 270 %
مۇنبەر پۇلى: 1325 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-14
ئاخىرقى: 2012-02-03
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-14 14:25

«گۇمپىچى مۈشۈكئېيىق» فىلىمىدە چىقىدىغان بىر ئېسىل جۈملە ناھايىتىمۇ توغرا ئېيتىلغان:
Yesterday is history, tomorrow is mystery, and today is a gift!
(يەنى: تۈنۈگۈن تارىخ،ئەتە سىر،بۈگۈن بولسا كاتتا بىر نېئمەت)
ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.
http://muttakiyn.blogbus.com/
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1404
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1404دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 15338 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-05-08
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-15 00:14

تۈنۈگۈن تارىخ،ئەتە سىر،بۈگۈن بولسا كاتتا بىر نېئمەت           ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان سۆز
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ