باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3269 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئوقۇتقۇچىنى كىم قوغدايدۇ؟  (گېنېرال)
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1655
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1655دانە
ئۆسۈش: 2690 %
مۇنبەر پۇلى: 12035 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-09-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-13 11:24

ئوقۇتقۇچىنى كىم قوغدايدۇ؟  (گېنېرال)

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ <ناماقۇل بولۇش ۋەقەسى> ھەققىدە قايتا ئويلىنىش

سىچۇەن ئۆلكىسى پەنجىخۇا شەھىرى شىنخۇا ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ 28ياشلىق ئايال ئوقۇتقۇچىسى خۇڭ روڭيىن مەلۇم ئوقۇغۇچى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغانلىقتىن،ئىككى نەپەر مەكتەپ رەھبىرى ئۇنى شۇ ئوقۇغۇچى ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئالدىدا تىزلاندۇرۇپ ئەپۇ سوراتقۇزغان.شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئوقۇتقۇچى ئېلىشىپ قېلىپ،نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا كىرىپ قالغان.ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي،سىچۈەن ئۆلكىسى لۇڭچاڭ ناھىيىسىدىكى بىر ئايال ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىسىنى جازالىغان دەپ قارىلىپ،ئائىلە باشلىقلىرىدىن كەچۈرۈم سوراتقۇزۇلغاندىن كېيىن،ياتىقىدا زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالغان.
  ئىككى قېتىملىق <ناماقۇل بولۇش ۋەقەسى>دە،بىر ئوقۇتقۇچى نېرۋىسىدىن ئادىشىپ قالغان،يەنە بىر ئوقۇتقۇچى ئۆلۈۋېلىشقا مەجبۇر بولغان.بۇنداق تراگېدىيىلەر ھەقىقەتەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رايىنى قايتۇرغان.ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن <ناماقۇل بولۇش ۋەقەسى>گە قارىتا بىز قانداق ئويلىنىشىمىز كېرەك؟
بىرىنچى،نېمە ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەن جازاسى چەمبىرىكىدىن قۇتۇلۇشى شۇنچە تەس؟
يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى تراگېدىيە ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بەرگەنلىكتىن كېلىپ چىققان،<تەن جازاسى>،<شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى> بېرىشنى چەكلەش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئوقۇتقۇچىلار ياخشى بىلىدۇ،ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بەرگەندىن كېيىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتنى ۋە ئۈستىگە ئالىدىغان قانۇنىي مەسئۇلىيىتىنىمۇ ئېنىق بىلىدۇ.بىراق كونكرېت ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە،يەنە نېمە ئۈچۈن <تەن جازاسى>،<شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى> بېرىشنىڭ چەمبىرىكىدىن قۇتۇلالمايدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ تەن جازاسى بېرىشتەك خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغۇسى يوق،لېكىن ئامال قانچە؟بەزى ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش ھەقىقەتەن تەس،بىراق باشقۇرمىسا بولمايدۇ،باشقۇرۇش تەس بولسىمۇ باشقۇرۇش كېرەكتە.مېنىڭچە،ئوقۇتقۇچىلارنى تەن جازاسىنىڭ چەمبىرىكىدىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى چارە،ئوقۇتقۇچىلارغا ئېنىق جازالاش ھوقۇقى بېرىش ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئەرز قىلىش ھوقۇقى بېرىشتىن ئىبارەت.بۇنداق قىلغاندا،جازالاش نىزامىنى جانلىق تەدبىقلىغىلى،خاھىشچانلىق ۋە زىددىيەت توقۇنۇشلىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ<ئۇستازلىق قەدىر-قىممەت>ىنى كىم قوغدايدۇ؟
<ناماقۇل بولۇش ۋەقەسى> دىكى تراگېدىيىلىك شەخسلەر ئىچىدە،بىرى تىزلىنىپ تۇرۇپ ئەپۇ سورىغانلىقتىن نېرۋىسىدىن ئاداشقان،يەنە بىرى ئۆلسىمۇ ناماقۇل بولغىلى ئۇنىمىغان.بۇ ھەرگىزمۇ بۇ ئىككى ئوقۇتقۇچىنىڭ خاراكتېرىنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولماستىن،بەلكى بەزىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ <ئۇستازلىق قەدىر-قىممەت>ىنى دەپسەندە قىلغانلىقىدىن بولغان.گەرچە <پالاق تەربىيىسى>(پالاق ___ كونا زامان مەكتەپلىرىدىكى جازا قورالى)،<ئادىمىيلىك تەربىيىسى> گە ئالمىشىش دەۋرىدە،ئائىلە تەربىيىسىدىكى <ئۇستازلىق قەدىر-قىممەت> مۇنبەردىن چۈشۈرىۋېتىلگەن بولسىمۇ،بىراق،بۇ ھەرگىزمۇ ئوقۇتقۇچىلارغا <ئۇستازلىق قەدىر-قىممەت>كېرەك ئەمەس،دېگەنلىك ئەمەس.ئەگەر ئوقۇتقۇچى تەن جازاسى بەرگەنلىك سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىنى يارىلاندۇرغان بولسا،ئۇنداقتا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا ناماقۇل بولۇشى كېرەك،بۇ خىل ناماقۇللۇق <ئۇستازلىق قەدىر-قىممەت> نى زىيانغا ئۇچراتمايدۇ،ئەكسىچە،ئوقۇتقۇچىنى ئوقۇغۇچىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ.بىراق،ئاتا-ئانىلار ۋە مەكتەپ چېكىدىن ئاشقان ئۇسۇل بىلەن ئوقۇتقۇچىنى ناماقۇل بولۇشقا مەجبۇرلىسا،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئابرۇيىغا تەسىر يېتىپلا قالماي،يەنە <ئۇستازلىق قەدىر-قىممەت>مۇ دەپسەندە بولىدۇ.شۇڭا،بىزنىڭ <ئۇستازلىق قەدىر-قىممەت>كە يېڭى مەنە بېرىشىمىزگە ھەمدە يېڭى مەنىدىكى <ئۇستازلىق قەدىر-قىممەت>نى كىمنىڭ قوغدىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئوبدانراق ئويلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
ئۈچىنچى،ئوقۇتقۇچى<تەربىيىلەشتىكى خەۋپ-خەتەر>نى قانداق ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟
 ھەر قانداق كەسىپنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق خەۋپ-خەتىرى بولىدۇ،تەربىيىلەشتىمۇ خەۋپ-خەتەردىن ساقلانماق تەس.ئەمەلىي تەلىم-تەربىيە داۋامىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتالىقتىن ساقلىنىشى تەس،شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىنىڭمۇ تەربىيە داۋامىدا خاتالىقتىن ساقلىنىشى تەس.بىراق نۆۋەتتىكى مائارىپتا ئىلمىي بولغان خەۋپ-خەتەر مېخانىزمى ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى كەمچىل بولغانلىقتىن،بەزى ئاتا-ئانىلار ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا بولغاندا،چېكىدىن ئاشقان ئۇسۇللار بىلەن ئوقۇتقۇچىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۆچ ئالىدۇ،ئوقۇتقۇچىنىڭ نورمال ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە كاشىلا تۇغدۇرىدۇ،ھەتتا ئوقۇتقۇچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدۇ.شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قانۇن ئارقىلىق يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.بۇنداق بولغاندا،ئوقۇتقۇچى <مائارىپتىكى خەۋپ-خەتەر>گە ئۇچرىغاندا،ئاتا-ئانىلارنىڭ دېگىنى ھېساب بولمايدۇ،مەكتەپ مۇدىرىنىڭ دېگىنىمۇ ھېساب بولمايدۇ،بەلكى قانۇننىڭ دېگىنى ھېساب بولىدۇ.مانا بۇ ئوقۇغۇچىلارنى قوغدىغانلىق،شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلارنى قوغدىغانلىقتۇر.

مەنبە: شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى

ئامېرىكىدائوقۇتقۇچىنى ھاقارەتلىگەن ئوقۇغۇچى قانداق بەدەل تۆلەيدۇ؟
 ئا ق ش تېكساس شىتاتىدىكى مالېنىس ئىسىملىك 17ياشلىق قىزئوقۇغۇچى دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىسىنى قوپال گەپلەر بىلەن ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن 637دوللار«بەدەل»تۆلىگەن.
تەپسىلاتى:2010-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى مالېنىس دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىسى لېناغا قوپاللىق قىلغان ۋە بولمىغۇرسۆزلەربىلەن ھاقارەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسىغاچاقىرتىلغان. مەكتەپ تەرەپ ئۇنىڭ قىلمىشىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭغا 340دوللارجەرىمانە قويغان. لېكىن مالېنىس بۇنىڭغا قايىل بولمىغانلىقتىن ئۆزىنى گۇناھسىزدەپ جاكارلاپ، 11-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى سوتنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشمىغان.بۇ سەۋەبلىك سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا 100دوللار جەرىمانە قويغان ۋە بۇيىل 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.
بۇنداق بولغاندا ئۇ يەنە قائىدە بويىچە رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن 50دوللار، ھاۋالە ھەققى ئۈچۈن 147دوللار ھەق تاپشۇرۇشى كېرەك بولۇپ،ئۇنىڭ جەمئى تۆلەيدىغان جەرىمانىسى 637دوللاربولغان.
637دوللارجەرىمانىغا نېسبەتەن«قىلمىشكار» مالېنىس قانداق پوزىتسىيىدە؟
مالېنىس بۇھەقتە زىيارەت قۇبۇل قىلغاندا:«راستىنلاقانداق قېلىشىمنى بىلمىدىم، مەندە ئۇنچىلىك كۆپ پۇل يوق»-دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ھازىر ساقچى ئىدارىسىدە قارائىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ جەرىمانە قايتۇرۇش ئۈچۈن پۇل توپلاۋىتىپتۇ..
مەنبە:ۋەتەن تور خاتىرسى

گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
نەدىن-نەدە-نەگە؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7096
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 860 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-15
ئاخىرقى: 2012-06-03

ئوقۇتقۇچىنى ئوقۇتقۇچى ئۆزى قوغدايدۇ ئەمدى ،بايا بىر ساۋاقدىشىمىز  ،«ئوتتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە ئىمتىھان بېرىپ بولۇپ توپلىشىپ ئوقۇتقۇچىنى ئۇرىدىغان ئەھۋاللار ئېغىركەن»دېۋىدى،مەن چۆچۈپ كېتىپ ،بىرىپ تەيچۈەن گۇمپىسى ئۆگەنگەچ تۇراي دەۋەتتىم،تاياق يەپ بوپ  قانۇن قوغدايدۇ مېنى دەپ تۇرمايمە مەن ،بىرگە بىر مۇش-پەشۋا.
بۇرۇنغۇ تاۋاردىن ئەتىۋار باللا،لېكىن باشقۇرغىلى بولاتتى،ھازىر گۆھەردىن ئەتىۋار باللا ،باشقۇرماق تەس.
نېمە؟نەدە؟قاچان؟
مۈشكۈلۈمنى ئاسان ئەيلە رەببىم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7258
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 25
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 360 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-05
ئاخىرقى: 2011-11-16
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-13 13:19

بىزنىڭ مەكتەپتە بىر مالىم بار ئۆزى ئەركىشى بولسەمۇ يۈزى تۈۋەن شۇنداق ئەخلاقلىق،دەرسلەنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سۆزلەپ بېرىدۇ ئۇ مالىمنى مەكتەپتىكى ھەممە بالا ھۈرمەت قىلىدۇ.لىكىن مەكتەپتىكى باشقا مالىملارنى ھىچكىم كۆزگە ئىلمايدۇ تىغى بىر نەچچىسىنى توپلىشىپ ئۇرغىننىمۇ ئاڭلىغانتىم،ئايال مالىملارمۇ شۇنداق قىلىن پەس كوچا ئاپتۇۋۇزىدا بڭللە بۇپ قالمىز بەزىدە ئادەم ئازلا بولسا بولدى بىزنى شوركا كۆرۈپ قالامدىكىن چاي ئوينىغىننىڭ،ئەر مالىملارنىڭ چاقچاق قىلىپ بىر يەرلېرىنى چىمدىغىننىڭ ،كىمنىڭ-كىم بىلەن غەيرى مۇناسىۋەتتىلىكىنىڭ ئىشقىلىپ بەك پەس جۇمۇ، مۇشۇ كۇنلەدە مالىم دېگەن گەپنى ئاڭلىسام خۇددى جەمىيەتتىكى ناچار بىر توپنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغاندەك بۇلمەن.
دۈشمەن بىلەن دوست بۇلۇشقان،باشقىلاردىن ئاغىرنىشنى ئادەت قىلۋالغانلاردىن مىنى يىراق تۇتقىن.
atimiz qukum bugundin guzal bulidu !mana bu umid!!!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 130
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 684
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە684دانە
ئۆسۈش: 460 %
مۇنبەر پۇلى: 7191 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-03
ئاخىرقى: 2012-09-07
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-13 15:53

4-قەۋەت (گۈدەك) نىڭ يازمىسىغا

     ھەي گۆدەك  !!!  چىمەنلەرنىڭ ئىچىدە نازۇك چىمەن بار ! ئادەمنىڭ ئىچىدىمۇ ئادەم بار !!!

    مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىسام دەستلەپ ئۇقۇتقۇچى بولغان ۋاقىتلىرىم ،ئارمانلىرىم ئىسىمگە كىلىدۇ . ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغان چاغلىرىمدىكى ئۇچرىغان تۈرلۈك بېسىملار ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ، تۈرلۈك كىشلەر ،تۈرلۈك بالىلار ..................................  !
    
راستچىللىق ----------- ئادىمىلىكنىڭ بىرىنچى قەدىمى !!!
دوستلىشىش
天山的野花
بىلمەسلىكتىن قورقىما،تىرىشماسلىقتىن قورق!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6963
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 254
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە254دانە
ئۆسۈش: 1000 %
مۇنبەر پۇلى: 3585 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-08
ئاخىرقى: 2012-08-19
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-13 19:14

مىنىڭ مۇ شۇنداق ئۇقۇتقۇچى بولغۇم بار ئىدى ،ئەپسۇس ئىش ئادەمنىڭ ئويلىغىندەك بولمايدىكەن،ئاللاھ خالىسا ئۇ ئارزۇيۇمدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن.يىزامدىكى ئۇكۇلىرىم يەنىلا كۈيۈمچان ،مەسئۇليەتچان ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇھتاج !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!1!!
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 2909
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2909دانە
ئۆسۈش: 5620 %
مۇنبەر پۇلى: 21266 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-09-05
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-13 20:54

ئۇقۇتقۇچىنى جۇملىدىن ئۇستازىنى  ھۇرمەت قىلمىغان ئىنسان ئەڭ ساپاسىز ئىنسان،،،،،،
ھازىر بىزنىڭ مىللەت ئىچىدىمۇ بالىسىنىڭ ئارسىغا كىرىپ ئۇستازنى ھاقارەت قىلدىغان ،،ئۇرىدىغان ،،،ئاتا-ئانىلار بار ،،بۇ ئاتا ئانىلار پەرزەنتىنىڭ بىر يىللىق ئۇقۇش پولى 200يۇەننى تۇلەشكە قۇسىقى ئاغرىپ ئۇقۇش پولنى ئىت -يىلدىن ئىشەك يىلغا سۇرەيدىغان ،،ئەمىلىيەتتە ئۇيۇن تاماشا ئۇچۇن ،،پول دىگەننى ئايىماي خەجلەيدىغان ئەھۋاللار بار،،بۇ يەنىلا كىشىلەرنىڭ ساپاسىغا باغلىق ،،،،،،
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1411
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1411دانە
ئۆسۈش: 1220 %
مۇنبەر پۇلى: 15488 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-08-28
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-14 23:14

ھەي !  بۇرۇن بىزلەرمۇ سىنىپتا بەك ئەسكىتۇق خانىم مۇئەللىملەرمۇ قورقۇپ بىزگە گەپ قىلالمايتتى دەرس ۋاقتىدىمۇ بىز سىنىپتا ئوقۇتقۇچى يوقتەك ئۇياق بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتۇق  ئەمدى ھازىر ئويلىسام بەك خىجىل بولىمەن
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7299
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 33
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە33دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 340 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-08
ئاخىرقى: 2011-08-09
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-16 13:19

شۇنداق دوسلار بىز ئوقوتقۇچىلار  گۈنا ئۆتكۈزگەن ئوقوغۇچىلارنى ئاچچققا پايلىماي شاخسادىلەرنى ئۇرۇپ قويۇپ ،كەينىدىن مەكتەپ تەرپىدىن تېزلىنىپ قۇل بولدۇق.
دەرىسلەرنى ئۇلارغا ئىزىپ ئشكۈزەلمەي ، ھەممىنى تولۇق بىلدۇرەلمەي ئاتا-ئانىللىرنىڭ ،جەمىيئەتتەنىڭ ئالدىدا مىجىما دۆت بولدۇق.
كىتاپ پۇلى ۋە كىيىم پۇلىنى يىغالماي بوغالتىر  مائاشىمىزدىن تاتقاندا گەپ قىلالماي تىك تۇردۇق.
ئەمگەك دىسە باللار كەلمەي بىرىپ ئالدىغا يال ئۇردۇق . تاپقان پۇلغا مەكتەپ ئىگە .بىخەتەرلىككە بىز ئىگە .
تەنتەربىيە دەرستە يارلانسا مۇئەللىم تۆلەيدۇ.تەنەپۇسدا يارلانسا باۋشەن تۆلەيدۇ .
ئۆزى ئوقوتقان ئوقوغۇچىللىرغا ھاجەتمەن بولۇپ ئالدىغا بىرىپ مات بولدۇق . يازغۇچى-شائىر نىڭ قەغەز يۇزىدە ئۇز بولدۇق.
شۇنداق دەپ كىلىپ سەبى دىللارنى كۆرگەندە ،ئۇلارنىڭ كۆزلىرگە تىكىلگەندە ھەممىنى ئۇنۇتدۇق قىرنداشلار .ئوقوتقۇچىلارغا كۆڭۈل بولگەن تېما ئىگىسىگە رەخمەت.
دوستلىشىش
ياۋاگۈل
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7374
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 49
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە49دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 490 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-13
ئاخىرقى: 2012-02-23
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-16 13:34

ئۇقۇتقۇچى ئۆزنى ئۆزى قوغدايدۇ،بەزى ئۇقۇتقۇچىلار  پەقەت ئۆزنىڭ ئىززەت ھۆرمىتنى ساقلمايدۇ، كىچىككنە ئىشقا كىچىك بالىلارغا مۇش كۇتۇردۇ. ئاۋال ئۇقۇغۇچىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلسەھەر قانچە ئەسكى ئۇقۇغۇچى بولسمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلسا ئۆلارنى ياخشى ئىش ھەركەت بىلەن قايىل قىلسا ئۇ ئەسكى ئۇقۇغۇچىمۇ چۇقۇم ئۆزگىرەيدۇ. مەن ئۇقۇغۇچىلرىمغا ھەرگىز قۇپاللىق قىلمايمەن . ياخشى سۆز تاشنى ئىرتىدۇ،
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7299
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 33
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە33دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 340 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-08
ئاخىرقى: 2011-08-09
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-16 23:08

8-قەۋتتكى قىزچاق ئۆزىڭىزنى بەك ماختىۋەتىڭزمۇ قانداق