باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1840 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دىيارىمىزدىكى تۇنجى قاتناش
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6014
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 52
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە52دانە
ئۆسۈش: 870 %
مۇنبەر پۇلى: 1217 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-10
ئاخىرقى: 2012-03-03
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-12 22:48

دىيارىمىزدىكى تۇنجى قاتناش


دىيارىمىزدىكى ئاپتۇموبىل ۋە ئايرۇپىلان قاتنىشى
 ئىلىدا ئاپتۇموبىل قاتنىشى 1911-يىلى باشلانغان.بۇ شىنجاڭ بويىنچە تۇنجى قېتىملىق ئاپتوموبىل قاتنىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.1911-يىلى ئىلى جاڭجۇن مەھكىمىسى تەسىس قىلغان قوي يۇڭى شىركىتى پولشىدىن ئىككى ئىككى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى سېتىۋىلىپ،كۇرە بىلەن غۇلجا شەھىرى ئارىلىقىدا قىسقا مۇساپىلىك يولۇچىلارنى توشۇش كەسپىنى يولغا قويغان.ئىلى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كىيىن ئىلى شىنخەي ئىنقىلابى 1912-يىلى1-ئايدا پارتىلغان قوي يۇڭى شىركىتى تاقالغان. ئاپتوموبىللار ئوغىرىلىنىپ روسىيەلىك سودىگەرلەرگە سېتىۋىتىلگەن.1928-يىلى ئۈرۈمچىدىن چۆچەككە ئاپتوموبىل قاتناشقا باشلىغان.ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ دائىرلىرى تىيەنجىن ئارقىلىق چەت ئەلدىن 30 يولۇچىلار ئاپتوموبىلى،30يۈك ئاپتوموبىلى سېتىۋالغان،بۇ ئاپتوموبىللار سىبىرىيە تومۇر يولى ئارقىلىق شىنجاڭغا توشۇپ كېلىنگەن.ئۈرۈمچى بىلەن چۆچەك ئارىلىقىدا قاتنىغان ئاپتوموبىللار ئەنە شۇ ئاپتوموبىللار ئىدى.غۇلجا بىلەن ئۇرۇمچى ئارىلىقىدىكى ئاپتوموبىل قاتنىشى 1935-يىلىدىن تارتىپ رەسمى باشلانغان.1949-يىلغىچە ئىلىدا تىرانسپورت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپتوموبىللار ئونغىمۇ يەتمەيتى.ئۇنىڭ ئۇستىگە ھەممىسى ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن كونا يۇڭ ئاپتوموبىللىرى ئىدى.
1933 -يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ ئاۋىئاتسىيە باش ئىدارىسىنى بىرلىكتە قۇرغان قۇمۇل-ئالمائاتا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قۇمۇلدىن ئۇرۇمچى،غۇلجا،ئالمائاتىغا بارىدىغان ھاۋا لىنىيىسى ئاچقان.ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە سوۋىت ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگۇغا ياردەم قىلغان ماددى ئەشيالىرى مۇشۇ ھاۋا لىنىيىسى ئارقىلىق توشۇپ كېلىنگەن.لېكىن بۇ ھاۋا لىنىيىسىنىڭ يولۇچى توشۇش تىرانسىپورتى يۈرۈشمىگەن.1949-يىلىغا كەلگەندە،يىللىق توشۇش مىقدارى ئاران 2000مىڭدىن كۆپرەك بولغان.1949-يىلدىن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا ۋە چۆچەككە كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان قاتنايدىغان بولسىمۇ،بىراق ئۈسكۈنلىرى ئاددى بولغاچقا،ئاساسى جەھەتتىن يېرىم توختاپ قىلىش ھالىتىدە تۇرغان
مەنبەسى:گۈلشەن ۋادىدىكى ئىزلار.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6350
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 609
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە609دانە
ئۆسۈش: 410 %
مۇنبەر پۇلى: 6671 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-03
ئاخىرقى: 2012-03-31

                                 قاتناش دىگەن گەپنىڭ مەنىسى نىمىكىنە ........    بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەك ھارۋا ، خادىك ، چانا قارارلىق ، ئاپتومۇبىلدىن ئىلگىرى ئىشلىتىلگەن ئادەم توشىيدىغان ۋە يوك توشىيدىغان نەرسىلىرىمىز قاتناشقا كىرمەمدا.......
             بىزنىڭ غۇلجىدا دەسلەپكى ئاپتۇموبىللار خىزمەت قىلىش شەرىپىگە ئىرىشىپتىلەندە..............
atimiz qukum bugundin guzal bulidu !mana bu umid!!!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 130
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 504
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە504دانە
ئۆسۈش: 390 %
مۇنبەر پۇلى: 5331 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-03
ئاخىرقى: 2012-05-09
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-13 12:24

    چاقنى ئەجدادىمىز بارلىققا كەلتۈرگەن بىلەن ( ئەينى ۋاقىتتا بۇ دۇنيادىكى دەۋر بۆلگۈچ تېخنىكا ئىدى )  چاققا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن  بايقاشلارنى باشقىلار قولغا كەلتۈرگەن . شۇنداق بولغاندا بىز بۇ تېخنىكا نىمەتلىرىدىن بەھىرلىنىشكە باشلىغىلى ئەمدى 100 يىل بۇلۇپتۇ .
راستچىللىق ----------- ئادىمىلىكنىڭ بىرىنچى قەدىمى !!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6014
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 52
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە52دانە
ئۆسۈش: 870 %
مۇنبەر پۇلى: 1217 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-10
ئاخىرقى: 2012-03-03
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-03 12:36

سۈرئەتتىن ئېشىپ كېتىش دىگەن يوق گەپتە بۇ زامانلىدا