ئۇيغۇر
يەرشارىنىڭ يۈرىكى
ھەم ئاسماننىڭ تۈۋرىكى.
كائىنات ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ ئۇيغۇر
خۇددى تاماققا تۇز بولمىسا بولمىغاندەك.
تۇيىلىدۇ ئۇيغۇرسىز
ھېچقانداق نەرسە ئۇز بولمىغاندەك.
گۈل ئۈندۈرگەچ تىكەندىن ئۇيغۇر
ياشالايدۇ شۇڭلاشقا مەغرۇر.
ئۇيغۇرنىڭ نېنى
دۇنيادىكى يېمەكلىكنىڭ ئالدى،
سۇ بولسا
نان بولسا
ياشناپ تۇرار ئىنساننىڭ جېنى،
ئۇرغۇپ تۇرغاچ تومۇردا قېنى.
يېسىڭىز ھۇزۇر بېرىدۇ
قۇرساق تۇيىدۇ
ئېسىل-ئېسىل قورۇمىلار بىلەن
بىر پىيالە قايناقسۇ
بىر پىيالە سوغوق سۇ
ئېقىپ تۇرغان لاي سۇلار بىلەن...
جېنىمىزنىڭ كاپالىتى نان
زېركمەيمىز ئۈچ ۋاق يېسەكمۇ
كېچەلمەيمىز نىمە دېسەكمۇ.
شۇنداق دېيەلەيمەن
ئۇيغۇرنىڭ نېنىنى
سۆيمەيدىغان مىللەت يوق
يېمەيدىغان مىللەت يوق.
دېمەك
نان-ئۇيغۇر
ئۇيغۇر-نان.....