مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرماقچى بولسىڭىز مەخسۇس شۇ سەھىپىگە يوللىمىسىڭىز بولماسمىكىن.باشقۇرغۇچىلاردىن ئېنىق سوراپ باقىدىغان ئىشكەن. بۇ ئەسىرىڭىزنى مۇكاپاتلاشقا كۆرستىمەن. بۇنى تۇنجى ئوقۇغان ئادەم ئەگەر« تەرجىمە ئەسەر»دەپ ئەسكەرتىش بېرىلمىسە تەرجىمە ئىكەنلىكىنىمۇ ئاسانلىقچە ھېس قىلالمايدىكەن.تىلى شۇنچىلىك راۋان، خۇددى ئىجادىي ئەسەردەكلا. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزمۇنىمۇ ئەھمىيەتلىك.مەن خەنزۇچىدىن مۇشۇنچىلىك راۋان تەرجىمە قىلالارمەنمۇ دەپ قالدىم. تەرجىمە قىلغاندا گەرچە بىر تىلنى بىلسىڭىزمۇ ئەسلى تىلنىڭ تەسىرىدىن ھالقىپ مەزمۇننى ئۆز تىلىمىزدا راۋان ئىپادىلەش تەرجىماندىن چەت تىل سەۋىيەسىدىن سىرت يەنە ئانا تىلغا پىششىق بولۇشنى ۋە مۇئەييەن ئەدەبىي دىت بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.ئىجتىھاتىڭىزنىڭ مېۋىلىرىنى داۋاملىق تېتىشنى خالايمىز.