باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1938 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيقۇسىز كېچەم(تەرجىمە)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7233
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-21
ئاخىرقى: 2011-06-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-10 09:31

ئۇيقۇسىز كېچەم(تەرجىمە)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما general تەرىپىدىن تەرجىمە ئەسەرلەر بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-05-11)
ئۇيقۇسىز كېچەم
 

    كېچە، ھەممە ياق ئۇيقۇغا چۆمگەن... كۆزلىرىمدە ئۇيقۇدىن ئەسەرمۇ يوق، كېچە قاراڭغۇلۇقىدا كۆزلىرىم دەرىزىدىن چۈشكەن ئاجىز نۇردا پىلىلدايىتتى. ئىچىمدىن شۇنداق بىر نىدالار كېلىپ ماڭا سۇئاللارنى ياغدۇراتتى...

  بۇ كېچە ساڭا ئۆلۈم پەرىشتىسى كېلىپ جېنىڭنى تەن قەپىزىدىن  ئېلىپ كەتمەكچى بولسا قانداق قىلىسەن؟ سەن ئۆلۈمگە تەييارمۇ؟ ئاخىرەتلىكىڭگە يېتەرلىك ئەمەل قىلالىدىڭمۇ؟ ئۆزۈڭنى ئەھلى جەننىتى بولىمەن دەپ قارامسەن ياكى ئەھلى دوزىخى دەپ قارامسەن؟

-­ياق، ئەلۋەتتە ئەھلى جەننىتى بولىمەن...

-لىكىن، نىمە بىلەن ئەھلى جەننىتى بولىسەن؟ ئەھلى جەننەت بولۇش ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلدىڭ؟ جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن نىمىلەرنى تەييارلىدىڭ؟ قىلغان غەيۋەتلىرىڭ بىلەن جەننەتكە كىرەمسەن ياكى دوسلىرىڭ ئارا گەپ توشۇپ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سالغانلىقىڭ ئۈچۈنمۇ؟ ياكى «ئالاھىدە» كىيىنىپ باشقىلارنىڭ كۆزىدىن «ئوت چىقىرۋەتكەنلىكىڭ» ئۈچۈنمۇ؟ ۋە ياكى ئاللاھنى غەزەپلەندۈرىدىغان ئايىغى تۈگىمەس ئويۇن-تاماشا، ناخشا-مۇزىكا، «قاننى قىزىتىدىغان» ھەرخىل رەڭدار فىلىملەرنى كۆرۈش بىلەنمۇ؟

  ئۇنىڭ سۇئاللىرىغا سۈكۈت قىلدىم... لىكىن مەن يەنە نۇرغۇن كىشىلەردىن ياخشى دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم.

-       ئۇنداقتا كىملەردىن ياخشى؟

  تۇرۇپلا قايسى كۈنى مەسچىتتە ئۇچراشقان يۈزى تۆۋەن، چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان شۇ قىزلارنى ئەسلەپ قالدىم...ئۇلار ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ھەرگىزمۇ پۇل-پۇچەككە تېگىشمەيىتتى، ئۆزىنىڭ ئەقىدىسىنى پۈتۈن ھاياتى دەپ بىلەتتى، ھەتتا ئۇلار شۇنچە گۈزەل بوستان چاچلىرىدىن بىرتالنىڭمۇ ئېچىلىپ قېلىشىنى راۋا كۆرمەيىتتى... ئۇلارغا ئۆزۈمنى سېلىشتۇرالامدىمەن؟؟؟

ئۆزۈمگە خىتاپ قىلدىم: مەن تۆۋە قىلىۋالمىغۇچە ئاللاھتىن جېنىمنى ئالمايدىغانلىقىغا ۋەدە ئالدىممۇ؟

ئاللاھتىن بۈگۈن ياكى ئەتە ئۆلمەسلىكىمگە  ۋەدە ئالدىممۇ؟

ئاللاھ  گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشى ۋە مېنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغانلىقى ھەققىدە مېنىڭ قولۇمغا توختام بەردىمۇ؟؟؟

  بۇلارنى ئويلاپ قورىققىنىمدىن چۆچۈپ تۇرۇپ كەتتىم... مەڭزىمدە ئىككى دانە ياش تامچىسى قېتىپ قالغان ئىدى...تاھارەت ئېلىپ نامازغا تۇتۇندۇم، قورقۇنچتىن يېنىك تىترەيىتتىم...ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرتەپ چىققان يىغا كەلكۈنىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ كۆزلىرىمگە پاتماي-پاتماي مەۋىج ئۇراتتى... مانا بۇ كۆزۈمدىن تۇنجى قېتىم بۇنداق ياشنىڭ تۆكۈلىشى ئىدى...

 يېنىمدىن بىرىنىڭ مۇنداق نىدا قىلىۋاتقانلىقى ئاڭلاندى... شۇنداق، بۇرۇن ئۇنىڭ ياشلىرى دۇنيانى دەپ تۆكۈلگەن ئىدى، ھازىر بولسا قەلبىدە ئىپادىلەپ بولغۇسىز ئاللاھ سېغىنچى ئىچىدە تۆكۈلىۋاتىدۇ... بۇرۇن كۆزگە ئىلماي قىلىپ سالغان، «كىچىك ئىشلار»دەپ پەرۋا قىلمىغان نۇرغۇن-نۇرغۇن گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلاۋاتىدۇ[ئۇنى سەل چاغلىدىڭلار، ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە، ئۇ چوڭ گۇناھتۇر](1) دىگەن ئاللاھنىڭ ئايىتىنى ئەسلەپ يىغلاۋاتىدۇ... ئىككى يىغا ئارىسى نىمىدىگەن يىراق ھە!!!

   نەچچە يىللاردىن بېرى نامازلىرىمدا نۇرغۇن قېتىم ئوقۇپ كېلىۋاتقان ئەشۇ ئايەتنى تۇنجى قېتىم ئوقۇغاندەك تەسىر بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرسەم ئىشەنمەي قالىسىلەر... سەجدىگە يىقىلغىنىمچە ئۇزۇن تۇرۇپ كېتىپتىمەن... ھېس قىلالايدىغىنىم پەقەت مېنى ياراتقان، مېنى مۇشۇنداق گۈزەل شەكىلگە كىرگۈزگەن زات ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئىكەنلىكىملا ئىدى...ئەمدى بولسا دۇئا قىلىشقا باشلىدىم، ئاللاھقا ھەمدۇسانالار ئېيتىپ، گۇناھلىرىمدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلدىم.

  نىمىلەرنى دىگەنلىكىمنى بىلمەيىتتىم...بۇرۇندىن يادا بوپكەتكەن دۇئالىرىمنى قىلاتتىم... لەۋلىرىم ئۈنسىز مىدىرلايىتتى... ئۇنى يىگانە يۈرىكىم ھەرىكەتلىنىشكە ئۈندەپ تۇراتتى... نامازنى تۈگىتىپ بولغاندىن كىيىن سالام بېرىپ قوپۇپ، ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ھالىمنى، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى ئەسلەشكە باشلىدىم...

   ئەي قوللىرىم! سىلەرنى نىمە ھەرىكەتلەندۈردى؟ ئەي يۈرىكىم! كىم سېنى سوقىدىغان قىلدى؟ كىم كۆزلىرىمنى كۆرىدىغان، قۇلاقلىرىمنى ئاڭلايدىغان ۋە پۇتلىرىمنى ماڭىدىغان قىلدى؟ يەنە نۇرغۇنلىغان شەيئىلەر! كىم سىلەرنى ئىنساننىڭ پايدىسى ئۈچۈن قىلدى؟؟؟ ئەتراپىمغا سەپسېلىشقا باشلىدىم... كىچىككىنە بىر تال ئۇرۇق قانداق قىلىپ باراقسان دەرەخكە ئايلىنىدۇ؟

  مۇشۇ يىللاردا نىمە كويلاردا يۈردۈم؟ ئۆزۈم بىلەن غەپلەتتە قېلىشىمنىڭ ئارىسى قانچىلىك ئىدى؟ نىمىشقىمۇ ئۇ يېنىمدىلا تۇرۇپ ھېس قىلالمىدىم؟ياق!ياق! بۇلارنى ئەشۇ ياراتقۇچىنىڭ كاتتىلىقى ۋە پەزلى بىلەنلا ھېس قىلالىدىم.

 

   ئىنسان ياراتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نىمىشقا بىلمەيدىغاندۇ؟ ئۇ يوغانچىلىق قىلىدۇ، ياراتقۇچىغا تانىدۇ، بەرگەن نېئمەتلەرگە ناشۈكۈرلۈك قىلىدۇ، ھەمدۇ-سانا ئېيتمايدۇ، ناماز ئوقۇمايدۇ... ئاللاھ بولسا ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىدۇ... رىزىق بېرىدۇ، نىئمەتلىرىنى ئۇنىڭدىن كۆتۈرىۋەتمەيلا قالماستىن بەلكى ئارقا-ئارقىدىن زىيادە قىلىپ بېرىدۇ، نازۇ-نىئمەتلىرىنى ۋە بالا چاقىلىرىنى زىيادە قىلىپ بېرىدۇ...

   ئىنسان بىلەن ئۇلۇغلۇق ئېگىسى ياراتقۇچىنىڭ دىئالوگىغا قاراڭ!

يارتقۇچى: تۆۋە قىل! پۈتۈن گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىپلا قالماستىن بەلكى پۈتكۈل يامان ئىشلىرىڭنىڭ ئورنىغا ياخشىلىقنى ئالماشتۇرۇپ بېرىمەن.

ئىنسان:ياق... مەن تۆۋە قىلىشنى خالىمايمەن...

  ئۇ ئويلاپ باقمامدۇ؟ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆلۈپ كېتىشىنى بىلمەمدۇ؟ قانچە يىل ياشايدىغانلىقىنى بىلەمدۇ؟ يەتمىش يىل... سەكسەن يىل... يۈز يىل... ياكى ئىككى يۈز يىلغىچە ياشىسۇنمۇ دەيلى، ئۇنىڭدىن كىيىن قانداق بولىدۇ؟ قۇرۇتلار ماكانى...قارا يەر ئاستى... ئۇندىن كىيىنكى قاراڭغۇلۇق... كىم ئەشۇ قاراڭغۇ زۇلمەتنى يورۇتۇپ بېرىدۇ؟ شۇ سائەتلەردە كىم ئۇنى تونۇيدۇ؟ كىم ئۇنى كۆيدۈرىدۇ؟ كىم ئۇنىڭ غەم-قايغۇسىنى يوق قىلىپ خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرىدۇ؟ كىم ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلىدۇ؟ كىم ئۇنى ئازاپتىن قوغدىيالايدۇ؟؟؟ بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ قەلبى تەلپۈنۈپ ياخشى كۆرگەن ناخشىچىلىرى قەيەردە؟ ئويۇن-تاماشىسىغا شىرىك بولغان دوسلىرى قەيەردە؟ ئۇنى باشقۇرالماي ئىختىيارىغا قويۇۋەتكەن ئۆيدىكىلىرى قەيەردە؟ ئۇلار ئۇنىڭغا پايدا يەتكۈزەلەمدۇ؟ قىيامەت كېلىشتىن ئىلگىرى يىللارچە قەبرە ئازابى بىلەن ئازاپلايدىغان زات كىم؟؟؟

  ئۆزۈمگە شۇنداق خىتاپ قىلدىم: فىرئەۋىنلەر بۈگۈن قەيەردە؟ ئۇلار مىڭ يىللاپ زىمىندا زالىملىق قىلغان ئەمەسمىدى؟ ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مانا ھازىرغىچە ئازاپلىنىۋاتىدۇ[ئۇلار (ئاخىرەتنىڭ ئازابىنى) بىلسە ئىدى (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلمايىتتى)(2)

  ئى قەلبىم! مەھشەر كۈنى ئەللىك مىڭ يىل تۇرۇشۇڭنى خىيال قىلىپ باق! يالىڭاچ، يىمەك-ئىچمەكسىز، ئەللىك مىڭ يىلغا تەڭ كېلىدىغان بىر كۈندە ئازاپنىڭ دەستىدىن جان ھەلقۇمغا يېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باق! ئۇندىن كىيىن جەھەننەمگە لايىق بولۇپ قالساڭ جەھەننەم ئوتىنى ئويلاپ باق!!!

   جەھەننەمگە چۈشۈش ئۈچۈن يەتمىش يىلغا مۇھتاجسەن، جەننەتكە كىرىش ئۈچۈنمۇ يەنىلا شۇ يەتمىش يىلغا مۇھتاجسەن. بۇ بىر ئادەمنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى. ئۇندىن كىيىن جەھەننەمدە بىر يىل ياكى يۈز يىل ۋە ياكى مىليۇن يىللار تۇرۇشۇڭ مۇمكىن... بۇ پەقەت ۋە پەقەت بۇ دۇنيادىكى ئەمىلىڭگە، ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشىڭغا، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشىڭگە باغلىق. ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان نازۇ-نېمەتلىك جەننەتلەرنى تاللامسەن ياكى كۆيدۈرگۈچ ئوتلاردىن، ئىچسەڭ ئىچ-باغرىڭنى ئىرىتىپ تاشلايدىغان قايناقسۇلاردىن تەييارلانغان جەھەننەمنى تاللامسەن؟

   ئويلاپ باق! جەھەننەمدە مەڭگۈلۈككە قېپقالغان كىشى قانداق بوپكېتەر؟ ئەي تويماس نەپسىم! ئالدىڭدا تولۇپ ياتقان مۆجىزىلەرگە قاراپ باققىن! قولۇڭدا تۇرغان دۇردانىلەرنى چۈشۈنۈپ باققىن! ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، سېنى ئاجىزلىقتىن بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى ئەسلەپ باققىن! ئاللاھقا تۆۋبىلەر ئېيتىپ ئۆزۈڭنى جەھەننەم ئوتىدىن قۇتقۇزغىن! ھېلىھەم ئۆلۈم مىنۇتلىرى يېتىپ كەلگۈچە ساڭا پۇرسەتلەر تولۇپ يېتىپتۇ...

  ئۆلۈم پەرىشتىسى كېلىپ سەكراتقا چۈشكەندە قىلغان تۆۋبىلىرىڭ پايدا بەرمەيدۇ. چۈنكى سەن ئاللىقاچان ئالقىنىڭدىكى كۈنلەرنى زايە قىلىپ بولدۇڭ... ئۇ كۈندە تۆۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تۆۋبىسى، نادانلارنىڭ قىلغان ھەسرەت-نادامەتلىرى پايدا بەرمەيدۇ...ئۇ كۈندە ئۆكۈنۈش ياشلىرى ئىچىدە:[«پەرۋەردىگارىم! مېنى (دۇنياغا) قايتۇرغىن. مەن قويۇپ كەلگەن مال-مۈلكۈم بىلەن ياخشىلىق قىلىشىم مۇمكىن»]دىگىنىڭدە، ساڭا:[(ئۇنىڭ) دۇنياغا قايتىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم شۇ سۆزنى قىلغۇچىدۇر، ئۇلار قەبرىلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسىدىغان) بىر توسما بولىدۇ] دىيىلىدۇ.(3)

  بامداتقا ئەزان ئېيتىلىشى بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇدۇم... نامازدىن كىيىن ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇش ئۈچۈن ئولتۇردۇم. بۇ كىتابنى بۇلتۇر رامىزاندا قولۇمغا ئالغاندەك ئېسىمدە، بەلكىم ئۇنىڭدىن بۇرۇن قولۇمغا ئالغاندىمەن... كۈن چىققۇچە ئولتۇرۇپ قۇرئان تىلاۋەت قىلدىم، يۈرىكىم تەسۋىرلىگۈسىز خۇشاللىقتا ھاياجان ۋە جۇشقۇنلۇق بىلەن دۈپۈلدەيىتتى. مەڭزىمدىكى ياش يۇقلىرىنى سۈرتۈۋاتقىنىمدا خۇددى ئۆزۈمنى پۈتۈن گۇناھلىرىم ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەندەك، مەڭزىمدىكى ياشلارنى سۈرتۈش بىلەن تەڭ پۈتۈن گۇناھلىرىمنى سۈرتۈپ يوق قىلىۋەتكەندەك روھى خوشاللىق ئىچىدە ھېس قىلدىم... ياشلىرىم مېنىڭ بارلىق قىلغان يامانلىقلىرىمنى يۇيۇپ قەلبىمنى ئەمىن تاپقۇزىدىغان مەلھەمدەك تۇيۇلۇپ كەتتى...

   ئى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىم! مەن بۇ خۇشاللىقنى ھاياتىمنىڭ ھەرقانداق باسقۇچىدىكى خۇشاللىققا تەڭ قىلالمىدىم... ھەم بۇنداق روھى ئازادىلىك بىلەن ئىچ-ئىچىمدىن خۇشال بولۇپ باقمىغان ئىكەنمەن... مېنى بۇ خۇشاللىقتىن ئايرىپ قويمىغىن!!!

  قۇرئان كەرىمدىكى مۇنۇ ئايەتنى توختىماي تەكرارلايىتتىم:[(تەۋبە قىلغانلار) ئىمان ئېيىتقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ](4) ئاللاھ مۆئمىنلەرگە (كۆزلەر كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاقلار ئاڭلاپ باقمىغان، ئىنساننىڭ قەلبىگە كېچىپ باقمىغان نېمەتلەر)(5)نى تەييارلىغان ئىدى...

   ئاللاھ مۆئمىنلەرگە مانا شۇنداق كاتتا نېئمەتلەرنى تەييارلىغان ئىكەن، نىمىشقا دۇنيالىقىمىز ۋە ئاخىرىتىمىزنى قولغا كەلتۈرمەيمىز؟ نىمىشقا بوشاڭلىققا باشلايدىغان، روھىمىزنى ئۆلتۈرىدىغان تۈگىمەس كەيىپ-ساپا، ئەيىش-ئىشرەت، ناخشا-ئۇسسۇللار بىلەن كۈن ئۆتكۈزىمىز؟ ئۇلار بىزنى بىردەملىك خۇشال قىلغان بىلەن ئاقىۋەتتە يەنىلا قەلبىمىزنى كاۋاك قىلىپ، بىزگە تۈگىمەس غەم-قايغۇ، كۆڭۈلسىزلىكلەرنى چىللاپ ئەكەلمىدىمۇ؟

 ئاللاھ بىزنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىمىزغا چىقىش يولى قىلىپ بەرمىدىمۇ؟ بىز نىمىشقا شۇ ئېھتىياجلىرىمىزنى ئاللاھ ھالال قىلىپ بەرگەن يوللار ئارقىلىق قاندۇرمايمىز؟

  كۆزلىرىمنى يۇمدۇم... شۇنداق تىز ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن... گويا ئون توققۇز يىللىق بۇ ئۆمرۈمدە ئۇخلاپ باقمىغاندەك شىرىن ئۇيقۇنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈپتىمەن...

  بۇ نەچچە مىنۇت ئۇيقۇنىڭ ھوزۇرىنى ئاتا قىلغان رەببىمگە چەكسىز رەھمەتلەر ئوقۇپ مۇنۇ دۇئالارنى قىلدىم:

  ئى ئاللاھ بىزنى مەغپىرەت قىلغىن! بىزنى ئۆز رەھمىتىڭگە ئېلىپ ئەپۇ ئەتكىن! قەلىبلىرىمىزنى ھەقىقەت نۇرلىرى بىلەن يورۇتۇپ، ھىدايىتىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلغىن!

ئى ئاللاھ! بىزگە ھەقنىڭ ھەقىقىتىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە نېسىپ قىلغىن! باتىلنىڭ باتىللىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشىمىزغا نېسىپ قىلغىن!

  ئى ئاللاھ! مۇسۇلمان ياشلىرىنى توغرا يولغا باشلىغىن! ئۇلارغا ساپ كۆڭۈل، گۇناھلاردىن ساقلىنالايدىغان كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئىپپەت ئاتا قىلغىن! ئۇلارغا دۇنيا-ئاخىرىتى ئۈچۈن ھەمدەم بولالايدىغان، قىيىنچىلىقلاردا قول تۇتۇشۇپ ماڭالايدىغان، بىر ئۆمۈر ھايات يولىدا ھەمكارلىشالايدىغان جۈپلەرنى ئاتا قىلغىن!!!

 سېنىڭ رازىلىقىڭ بىلەن جەننىتىڭنى تىلەيمىز، سېنىڭ غەزىپىڭ بىلەن دوزاقلارغا تاشلىشىڭدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز ئى پەرۋەردىگار! ئۆزۈڭ ئاسرىغىن!!!

 

1-                نۇر سۈرىسى15-ئايەتنىڭ بىر قىسمى

2-                زۇمەر سۈرىسى 26-ئايەتنىڭ بىر قىسمى

3-                مۆئمىنۇن سۈرىسى 99~100-ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى

4-                رەئىد سۈرىسى 28-ئايەت

5-                ھەدىس شەرىف

ئەرەبچىدىن يېتۈك تەرجىمىسى، مۇكاپاتلىق تەرجىمە ئەسەر پائالىيىتىنىڭ شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىپ قالسا بۇ پائالىيەتكە سۇندۇم. ئەگەر ئۇيغۇن كەلمەي قالسىمۇ ئوخشاشلا كەڭساي مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.
ئەسلى تىلدىكى مەنبەسى توردا بولمىغاچقا ئەسكەرتمىدىم. ئەگەر سېلىشتۇرۇپ بېقىلماقچى بولسا ئەۋەتىپ بەرسەم بولىدۇ.
[ بۇ يازمىنىyetuk 2011-05-12 15:01قايتا تەھرىرلىدى ]
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1369
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1369دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 15530 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-05-10

يۇرەككە تەگدى بۇ ئەسەر ،،،،  
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2473
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-11
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-10 13:27

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ، راستىنلا يۈرەككە تەگدى  بۇ ئەسەر  ، مۇشۇ كۈنلەردە يىغلاڭغۇ بولۇپ قالدىم دىسە
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1695
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1168
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1168دانە
ئۆسۈش: 650 %
مۇنبەر پۇلى: 12653 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-05-01
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-10 14:34

نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم
تىمىلىرىڭىزنىڭ ئايىغى ئۈزۇلمىگەي قېرىندىشىم
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7335
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-10
ئاخىرقى: 2011-08-04
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-11 16:24

مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرماقچى بولسىڭىز مەخسۇس شۇ سەھىپىگە يوللىمىسىڭىز بولماسمىكىن.باشقۇرغۇچىلاردىن ئېنىق سوراپ باقىدىغان ئىشكەن. بۇ ئەسىرىڭىزنى مۇكاپاتلاشقا كۆرستىمەن. بۇنى تۇنجى ئوقۇغان ئادەم ئەگەر« تەرجىمە ئەسەر»دەپ ئەسكەرتىش بېرىلمىسە تەرجىمە ئىكەنلىكىنىمۇ ئاسانلىقچە ھېس قىلالمايدىكەن.تىلى شۇنچىلىك راۋان، خۇددى ئىجادىي ئەسەردەكلا. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزمۇنىمۇ ئەھمىيەتلىك.مەن خەنزۇچىدىن مۇشۇنچىلىك راۋان تەرجىمە قىلالارمەنمۇ دەپ قالدىم. تەرجىمە قىلغاندا گەرچە بىر تىلنى بىلسىڭىزمۇ ئەسلى تىلنىڭ تەسىرىدىن ھالقىپ مەزمۇننى ئۆز تىلىمىزدا راۋان ئىپادىلەش تەرجىماندىن چەت تىل سەۋىيەسىدىن سىرت يەنە ئانا تىلغا پىششىق بولۇشنى ۋە مۇئەييەن ئەدەبىي دىت بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.ئىجتىھاتىڭىزنىڭ مېۋىلىرىنى داۋاملىق تېتىشنى خالايمىز.
ئاھ، ۋەتەن!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7233
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-21
ئاخىرقى: 2011-06-20
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-11 17:54

4-قەۋەت (sebir) نىڭ يازمىسىغا

ئەسكەرتىش بەرگىنىڭىز  ئۈچۈن رەھمەت! ھەم يۇقاردىكى دوسلارنىڭمۇ ياخشى باھالىرىغا رەھمەت!!! مەن باشقۇرغۇچىلاردىن سوراپ باقسام بولغۇدەك ئەمىسە...