باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1177 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ساقالدا قاتقان ياش (گۇۋاھ)
دوستلىشىش
گۇۋاھ
ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتى يارا بولۇ& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6102
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 176
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە176دانە
ئۆسۈش: 200 %
مۇنبەر پۇلى: 1915 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-15
ئاخىرقى: 2012-01-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-09 02:00

ساقالدا قاتقان ياش (گۇۋاھ)

                                          ساقالدا قاتقان ياش

 مەن ئۇنى بىرلا قىتىم كۆرگەن.ئۇنىڭ ئادەمگە توختىماي گەپ قىلىپ تۇرىدىغان قوي كۆزلىرىنى بىرلا قىتىم كۆرگەن.ئادەم بولۇپ دادامدىن باشقا ئەر زاتىنىڭ كۆزىگە تۇنجى قىتىم قارىشىممۇ شۇ ئىدى. شەيتاننىڭ ۋەسۋەسسىمۇ ياكى يىگىتلەرنىڭ كۆزى قانداق بولىدىغاندۇ دىگەن قىزىقىشمۇ؟ ئىشقىلىپ ئىزتىراپ ئىچىدە ئۇنىڭ كۆزىگە بىرلا قىتىم قاراپ قالغان ئىدىم.
  يات ئوغۇللار بىلەن سىرىتلاردا بىرگە تاماق يىيشىممۇ ئاشۇ تۇنجى قىتىم ئىدى.
  يۈرۈگۈم گۈپۈلدەپ ئاۋازى ئۆزۈمگە ئاڭلىنىۋاتاتتى،پۇت-قوللىرىم بوشىشىپ مەندە ماغدۇر قالمىغان ئىدى. ئالدىمغا قويۇلغان چاينى ئىچىشكىمۇ جۈرئەت قىلالماي،بىشىمنى يەردىن كۆتۈمەي ئولتۇراتتىم.ئۇنىڭ<چاي ئىچىڭ> دىگەن سۆزىگە ئۆزرە ئۈچۈن قولۇمنى سۇنۇپ قويۇشقىمۇ پىتىنالمىدىم. ئۇنىڭ <ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم> دەپ ئىيتقان سالامىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن بىشىمنى كۆتۈرۈپ سۈزۈك چىرايىنى،قاپقارا قاشلىرىنى،ئويچان قوي كۆزلىرىنى ۋە ئۆزىگە شۇنچە ياراشقان چىمچىلاقتەك بۇرۇتلىرىنى كۆرۈشكە ئارانلا ئۈلگۈرگەن ئىدىم.
  تىپىرلاپ ئولتۇرالمايلا قالغان ئىدىم. خۇددى ئاشخانىدىكى كىشلەر بىزگىلا قاراۋاتقاندەك تەنلىرىم بىرخىل بىئارام ھىسلاردا قورۇلۇپ كىتىپ باراتتى. ئۇنىڭ <ئىسمىڭىز نىمە؟> دىگەن سۇئالىمۇ جاۋابسىز قالغان ئىدى.  سىڭلىمنىڭ ماڭا< ئاچا، ھىلقى ئاكاش بىلەن بۈگۈن كۆرۈشىدىكەنسەن> دىگەن بۇ گىپىنى ئاڭلىغاندىن تارتىپ پەيدا بولغان ھودۇقۇش،قورقۇش،قىزىقىش ئارلاش ئەنسىرەش تۇيغۇسى مانا ھازىرغىچە مەن دىن يوقىمايۋاتاتتى.
  يولدا كەلگىچە خىيالىمدا ئانامغا قاخشاپ كەلگەن ئىدىم.
  مۇشۇ ئاناممۇ قىززىق ئىكەن. تىخى تۈنۈگۈن ئەتىگەن ناشتا ۋاقتىدا بۇ گەپ توغرىلىق ئىغىز ئىچىپ:
   -قىزىم دادىڭىزنىڭ ئاغىنىسى ئابدۇرەھىم قارىم تۈنۈگۈن ئۆيگە كەپتىكەن.... .... دىگەنىدى.
   شۇ چاغدا ئۇيالغىنىمدىن يۈزۈمگە ئوت كەتكەن ئىدى، ئاستا بىشىمنى لىڭشىتىپ قويۇپ داستىخاننى يىغىشتۇرۇشقا ماڭغان ئىدىم. ئانام بولسا كۈلۈمسىرەپ قالغان ئىدى.
   مانا ئەمدى بولسا بىر كۈن ئۆتە-ئۆتمەيلا تۇنجى قىتىملىق كۆرۈشۈشكە كىتىپ بارىمەن.  خىيالىمدا ئانامغا ناز قىلىپ قويغىنىم بىلەن ئەمىلىيەتتە دادامنىڭ ۋە ئانامنىڭ ھەرقانداق گىپىدىن چىقمايتتىم ھەم ئۇنداق قىلىشنىمۇ خالىمايتتىم، چۈنكى بۇلارنىڭ ماڭا كۆپ ئەجرى سىڭگەن ئىدى.
  
   ئەقلىمنى بىلسەم مەن 4ياشلىق يىتىم قىز ئىكەنمەن. مەھەللىدىكىلەردىن ئاڭلىسام ئانام بىلەن دادام ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ قاتناش ھادىسسىدە ئۆلۈپ كىتىپتىكەن. شۇ كۈندىن باشلاپ ھازىرقى ئاتا-ئانام ماڭا ئۆز ئاتا-ئانامدەك ھەتتا ئاشۇرۇپ قاراپ كەلدى. مەكتەپ يىشىغا توشقىچە دادام ماڭا دىنى ئىلىمدىن تەربىيە بەردى. ھەپتىيەگدىن دەرىس بىرىپ دىنى ئىلىمدە بىر ئىخلاسمەن قۇل<ئاللاھنىڭ قۇلى> قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشقا كۆپ ئەجىر قىلدى. ئانام بولسا ئۆز ماغدۇرۇم يىتىدىغان ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى ئۈگەتتى، يىڭنە تۇتۇش،كەشتە تىكىش،كىر-قات يۇيۇش ،ھەتتاكى يات ئوغۇللار بىلەن قانداق مۇئامىلدە بولۇش قاتارلىقلارنىمۇ ئىزىپ-ئىچۈرۈپ چۈشەندۈرەتتى. بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن ئىسلام ئەرلىرى ۋە ئىسلام ئاياللىرى ھەققىدە كۆپ ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بىرەتتى. ئوچۇغراق قىلىپ ئىيتسام مەن بىر ئاللاھقا ھەقىقى ئاشىق بولغان ئىنسانلارنىڭ ئارسىدا تەربىيلەنگەن ئىدىم. شۇڭىلاشقىمۇ مەكتەپكە كىرگىچە ئاللاھنىڭ سۆزى بولغان قۇرئان كەرىمدىن 6 پارە يادقا ئىلىپ بولغان ئىدىم.
  مەكتەپتە بولسا ئىلىم-پەندىن دەرس ئالدىم. ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىم مىنىڭ ،ھازىرقى جەمىيەتكە لايىق بىر مۇكەممەل ئادەم بولۇپ چىقىشىم ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈردى. كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە مەكتەپتىكى ھاياتىمدا يولنىڭ ئاخىرىغا كىلىپ قالدىم. تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش باسقۇچىغا كەلگەندە ئانام ماڭا:
  -ئوقۇڭ قىزىم، يەنە ئوقۇڭ. ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە بىزنى بىقىڭ،   دىدى، كۈلۈمسىرگەن ھالدا بىشىمنى سىيلاپ تۇرۇپ.
   دادام بولسا ماڭا:
  - خان ،ئۆزىڭىز تاللاڭ. سىز ئەمدى كىچىك ئەمەس. ئۆزىڭىز ئويلىشىڭ، قانداق دىسىڭىز شۇنداق بولىدۇ.  دىگەنىدى.
  مەن ئويلاندىم، كىچىكىمدىن تارتىپ ئاتا-ئانام ماڭا ئىلىم ئۈگەتتى، ئەجىر سىڭدۈردى. ئەقىدە،ئىتقاد ۋە ئىخلاسمەنلىكنىڭ نىمىلىكنى تونۇتتى. ئاللاھ نى تونۇشنىڭ، ئاللاھ نى رازى قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئۈگەتتى. ئەمدىلىكتە مەن تاللاشقا دۇچ كەلدىم، دوقمۇشتا تۇرۇپ قالغان ئىدىم. بىر يولغا ماڭسام ئۆز ئەقىدەمنى تاپىمەن. بىر يولغا ماڭسام يۈكسىلىشنى، تەرەققىياتنى بويلاپ ماڭغان بولىمەن. مەن ئۈچۈن ھەقىقى يۈكسىلىشنىڭ نىمىلىكى ئايدىڭ ئىدى، دادامغا ئىيتتىم:
   - دادا، يەنە سىلىنى جاپاغا سىلىپ قويىدىغان بولدۇم...... ......
  شۇ كۈندىن ئىتبارەن ھەقىقى بىر ئىسلام قىزىنىڭ ھاياتىدا ياشىدىم. ئاكام ۋە دادامدىن باشقا ئەرلەرنى كۆرمەيتتىم.يىل ئۆتۈپ كەتسىمۇ سىرىتلارغا چىقمايتتىم. ھەتتا ئۆيدىمۇ يۈز-كۆزلىرىمنى يۆگەپ ئولتۇراتتىم. ئۈگەندىم،ئۈگەندىم. ياشاشنى،ئىتقاد قىلىشنى رازىلىق ئىلىشنى.... ....  ئۈگەنگەنسرى ئۆزۈمنى شۇنچە بىلىمسىزدەك، يەنە ئۈگۈنۈشۈم لازىمدەك ھىس قىلاتتىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە..... ....
  ئاشۇ قىتىملىق ئۇچرىشىشقا دۇچ كەلدىم. ياق، بۇنى مۇيەسسەر بولدۇم دىيىشىم كىرەك ئىدى.
   چۈنكى مەن ئۇچۇرۇشىشنى ئاللاھىمنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان نىئمىتى دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئانامنىڭ دىيىشىچە، ئۇ يىگىت ئەمدىلا 23ياشقا كىرگىنى بىلەن دىنى ئىلىمدە بەكلا يىتىشىپتۇدەك. قۇرئاننى يادقا ئىلىپ يەنە باشقا ئىلىملەرنىمۇ ئۈگىنىۋاتقۇدەك.... ئىشقىلىپ ماڭا ماس كەلگۈدەك(بۇ ئانامنىڭ گىپى ئىدى)يىگىت ئىكەن. بۇلارنى ئاڭلاپ پۈتۈن كائىناتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ قا چەكسىز تەشەككۈرلەرنى ئىيتقان ئىدىم، < يا رەببىم،  بەخىت-تەلىيىمنى بەرگەيسەن> دەپ دۇئا قىلغان ئىدىم........ .....
  ئەمدىلىكتە بولسا بۇ يىگتنىڭ ئالدىدا بىشمنىمۇ كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتىم.
  بىر چاغلاردا قەلبىمدە پەيدا بولغان قىزىقىشلار، ئۇيۇلىپقىنا تاتلىق كۈلۈمسىرەشلەر ئەمدىلىكتە بولسا، ھودۇقۇش، قورقۇش ۋە يۈز چىمىلداشلارغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئىچىمدە ئۆز-ئۆزۈمگە دەيتتىم: ماڭا يۈز-كۆزۈڭنى ياپ، دەپ ئەمىر قىلغان ئاللاھ قا مىڭ شۈكرى. ھىلىمۇ يۈزۈمدە ياغلىقىم بوپقاپتىكەن، بولمىغان بولسا........ ..   مۇشۇ يەردىلا.... مەن....... ........
  ئاخىر ئۇنىڭغا گەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم.
  - ئەگەر رەنجىمىسىڭىز مەن.... ماڭغاچ تۇرسام بولارمۇ...؟  مۇشۇ گەپنى ئارانلا دىيەلىدىم.
  - تاماق چىقاي دىدىغۇ؟! تاماق يەپ... ....
  - ئۆيگە بىرىپ يەيمىكىن.
  ئۇمۇ بىر نەرسىنى سەزگەندەك رازىمەنلىك بىلەن بىشىنى لىڭشىتتى ۋە ماڭا:
   - مەن ئاپىرىپ قويايمۇ؟  -دىدى.
  - ياق،بولدى. ئاۋارە بولماڭ. دىدىم مەن ۋە ئىتتىكلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرىتقا ماڭدىم.
   ئىشىك ئالدىغا چىققاندىن كىيىن ئۇ ماڭا قاراپ:
   - كەچۈرۈڭ، مەن...... ئۆيدىكىلەرگە.... ......
   ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى چۈشەندىم-دە بىر خىل ئوڭايسىز ئاھاڭدا ئىيتتىم:
   - ئاللاھ  خالىسا..... ......

   ھەممەيلەن شۇنچە ئالدىراش، مەندىن باشقىسى.  مەن بولسام ھۈنەردە كامالەتكە يەتكەن سەيپۇڭ ئۇستامنىڭ تىكىپ بەرگەن ئەتلەس كۆينىكىگە يۆگىلىپ ئولتۇرماقتىمەن.  ئىككى تەرىپىمدە بولسا ئىلىمداش قىزلار. ھەممىسى ئۆز پاراڭلىرى بىلەن، ئانام بولسا ئۆيگە كىرگەن چىققان مىھمانلار بىلەن پايىپىتەك.
  بۈگۈن مىنىڭ تويۇم. ئاللاھ ماڭا ئاتا قىلغان بۇ كاتتا نىئمەتنى قوبۇل قىلىدىغان ۋە كۈندىكىگە ئوخشاش ياراتقان ئىگەمگە شۈكرى ئىيتىدىغان كۈنۈم.  شۇنداقلا مىنىڭ 19 ياشقا تولغان كۈنۈم ئىدى.
  ئۆيگە كىرىپ-چىقىپ كىلىۋاتقانلارنىڭ شۇنچە ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى، ئەتراپىمدىكى قىزلارنىڭ پىچىرلىشىشلىرى، پىخىلداپ كۈلۈشلىرى ھىچ زوقىمنى تارتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئىچىمدە، راستنى ئىيتسام شادلىق، خۇشاللىق دىگەنلەردىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ئىسەنكىرەش،تىترەش،قورقۇش ۋۇجۇدۇمنى قامال قىلىۋالغان ئىدى. بۇرۇنقى تاتلىق ھىسلىرىم، شىرىن خىياللىرىم، ئىككى كىشلىك دۇنيادا بولغان ھەۋەسلىرىم،  پىشانەمگە پۈتۈلگەن بىرسىدىن كۆيۈنۈش، مىھىر-مۇھەببەت كۈتۈشلىرىم، شۇ ئارقىلىق ھەقىقى بەخىتنىڭ نىمىلىكىنى ھىس قىلىش ئارزۇلىرىم، كەلگۈسىدە ئانىلىق بۇرچۇمنى قانداق ئادا قىلىش ھەققىدىكى غايىۋى پىلانلىرىم، ئاتا-ئانامنىڭ ماڭا سىڭدۈرگەن ئەجرىگە قانداق رەھمەت ئىيتىش ھەققىدىكى خىياللىرىم...... ..... نەدە سىلەر..؟ قايتىپ كەلسەڭلارچۇ....؟ نىمە ئۈچۈن مىنى يالغۇز تاشلاپ قويىسىلەر....؟
   باشقىلاردىن ئاڭلىغان شۇنداق بىر پاراڭلار، توي كىچىسىدىكى ۋەھىمىلىك گەپلەر مىنى تىخىمۇ ئەندىكتۈرۋىتىپ باراتتى.  مىنى ياراتقان ۋە مىنىڭ غىمىمنى قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان ياراتقۇچۇمدىن مەدەت تىلىدىم:
  < يا رەببىم، ئۆزۈڭ قۇۋۋەت ئاتا قىلغايسەن، ئۆزۈڭ مەدەت بەرگەيسەن. سەن بىلدۈرگەندىن باشقىغا ھىچ ئىلاجىم يوقتۇر، ئۆزۈڭدىن باشقىغا ھىچ مۇھتاجىم يوقتۇر. ئىھ، ئاللاھ ھازىر بار بولغان غەم-ئەندىشىلەرنى يىڭىشىمغا قادىر قىلغايسەن، ئامىن!>
  شۇنداق ئەركىن نەپەس ئالدىم. پۇت-قولۇم بوشىشىپ ئۆزۈمنى يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلدىم. كۆڭلۈم بارا-بارا ئىچىلىۋاتاتتى. چىرايىمدا تەبەسسۇم جىلۋىسى چىھىرلىنىۋاتاتتى.
  تۇيۇقسىز ئۆينىڭ ئىچى جىمىپ كەتتى.  مىھمانلارمۇ، بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرمۇ، ھەتتا چۇرقىرىشىپ ئويناۋاتقان ئۇششاق بالىلارمۇ ھەممىسى جىممىدە بوپ قالغان ئىدى.
  نىمە ئىش بولغاندۇ...؟ بۇ خىل سۈكۈناتتىن تىنىم ئەيمەندى. بىردەمدىن كىيىن دادام كىرىپ كەلدى، چىرايىدا بىرخىل خاتىرجەمسىزلىك، ئەنسىزلىك چىقىپ تۇراتتى. دادام كالىچىنىمۇ سالماستىن سۇپۇغا چىقىپ قىشىمغا كەلدى-دە، قوللىرىمنى ئالقانلىرىغا ئىلىپ تۇرۇپ  يىغلاپ كەتتى....
  ھاڭۋىقىپ تۇرۇپلا قالدىم.... نىمە بوپ كەتتى زادى....؟؟؟

   تۇنجى قىتىم دۇنيا ماڭا ئاچچىق تۇيۇلىۋاتاتتى. يا يىغلىشىمنى ،يا كۈلۈشۈمنى بىلەلمەي قالغان ئىدىم.  مۇشۇنداقمۇ سىناق،  مۇشۇنداقمۇ تەقدىر-قىسمەت كۆرىدىكەن-ھە ؟ ئادەم دىگەن..... ...
   بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بىر تامچىمۇ ياش تۆكمىگىنىمگە ھەيرانمەن.
  مەن ئۆزۈم بىرلا قىتىم كۆرگەن،تىخى ئىسمىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان بىر، دىيىشكەن يىگىتىم بىلەن نىكاھ  پەتەم ئوقۇلماي تۇرۇپ تۇل قالغان ئىدىم. ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بىرىلگەن ئۆلۈم نىسىۋىسى ئۇنى ئاتا-ئانىسىدىن، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىدىن، بۇ يورۇق دۇنيادىن، يەنە رىزىق بولۇشقا ئاز قالغان مەندەك بىر نىسىپ بولمىغان ئايالىدىن ئايرىپ ئىلىپ كەتكەن ئىدى. بەلكىم ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يىغا-زارە قىلىشىپ بىچارە ئوغلىنىڭ ھەققىگە دۇئا قىلىۋاتقاندۇ...؟! مىنىڭ ئاتا-ئاناممۇ ئاجايىپ يىغا-زارە قىلىشتى. ئۇلار ماڭا: -قىزىم، بىرقىتىم بولسىمۇ يىغلىۋەتكىن، ئىچىڭگە سىلىۋەتمە، بىزنى تىرىك ئۆلسۇن دەمسەن؟ دىيىشىپ كىتىپ باراتتى.
   نىمە ئۈچۈندۇر يىغلىغىم كەلمىدى، مىنىڭچە ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر نىسىۋە ئاتا قىلدى. ئۇ بۇ يورۇق دۇنيادا ياشاۋەرگەن بولسا لەنىتى شەيتان ئۇنى ئازدۇرۇپ،شۇنچىلىك كىچىك گۇناھلار باركى: كۆز زىناسى،  شۇنىڭغا شاھىد قىلىپ قويسا، ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا نىمە دەپ جاۋاب بەرگۈلۈك؟ ئىگەمدىن نارازى بولۇش ھوقوقۇم يوق، مىنىڭ.  ياراپتۇ، ئىلىپ كەتتى.ھەركىملەرنى ھەر سەۋەب بىلەن ئىلىپ كىتىدىغان جاھان ئىكەن بۇ؟؟؟!!!  ئۇنى شۇ قاتناش ھادىسىسى سەۋەبلىك نىكاھ پەتىسىگە كىلىۋاتقان يولدا ئەجەل يەتكۈزۈپ ئىلىپ كىتىپتۇ. بۇ دىگەن  ئىلاھى تەقدىر.  ئەمدى مىنىڭ قىلىدىغىنم، پەقەت ئۇنى دۇئادا ياد ئىتىش ۋە ئۆزۈمگە سەبىر تىلەش. يىغلاش ئورۇنسىز.
  -مەندىن ئەنسىرمەڭلار،     -دىدىممەن ئانامغا قاراپ-  ھىچقىسى يوق ئانا يىغلىماڭ.
  ئانامنىڭ يىشىنى سۈرتكەچ دادامغا قاراپ دىدىم:
  -دادا،  نامېزىمنى ئوقۇۋىلىپ ئارام ئىلىۋالايمىكىن؟
   دادام كۆزلىرى ياش ھالەتتە بىشىنى لىڭشىتتى ۋە پىشانەمگە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ < خۇداغا ئامانەت، قىزىم> دەپ چىقىپ كەتتى.
   ئالدىمدا جايناماز سىلىقلىق ئىدى.  شۇ تاپتا ئۆزۈمدىن ئەنسىرەپلا تۇراتتىم،  بىشىمنى سەجدىگە قويساملا تۆكۈلۈپ كىتىدىغاندەك.  ئانام ھەمراھ بولسۇن دەپ قالدۇرۇپ قويغان دوستۇم رۇقىيە خىنىم مەندىن سورىدى.
  -بىئارام بولىۋاتاملا؟  بولمىسا نامازنى سەل تۇرۇپ.... ....
  -ياقەي، ھىچقىسى يوق،  سىلى ئەنسىرمىسىلە،   دىدىم ئۇنىڭغا.
   دىلىمدا ئاللاھ قا ئىلتىجا قىلدىم: < يارەببىم، ماڭا شۇنداق نۇرغۇن نىسىۋە-نىئمەتلەرنى ئاتا قىلدىڭ،  سەبىرنى ھەم ئۆزۈڭدىن سورايمەن.
   ئىككىمىز بىسمىللاھ دەپ پۇتىمىزنى جاينامازغا قويۇپ نامازنى باشلىدۇق.
   ئاللا تائالانىڭ قۇدرەت-كامىلەسىگە ھەيرانۇ-ھەس قالىمەنۇ ئىتراپ قىلماي تۇرالمايمەن.  ئاللاھ شۇنداق بىر سەبىر بەردىكى ناماز تۈگىگىچە دىلىم بۈلۈنۈپ  كەتمىدى.
   دۇئادا ئاللاھ قا سىغىندىم، ئاتا-ئانامنىڭ ئامانلىقىنى، سالامەت بولۇشىنى، يامان ئىش-ھەرىكەتلەردىن يىراق بولۇشىنى،قەۋىم-قىرىنداشلىرىمنىڭ ، مەھەللە-كوي ئەل جامائەتنىڭ تۇرمۇشلىرىنىڭ خاتىرجەم بەرىكەتلىك بولۇشىنى،ھەمسەپەر يولداش،قۇرداشلىرىمنىڭ ئىلىمىنىڭ پايدىلىق ئىلىم بۇلۇشىنى، زامانىمىزدا دىنى ئىتقادنىڭ ياشلارغا يۈزلىنىشىنى، ياش ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى..... قىزلىرىمىزنىڭ ئەقىدە ۋە ئىتقاد ھەققىدە كۆپرەك باش قاتۇرۇشىنى ۋە ئاللاھ نىڭ شۇنىڭغا مۇلاققەت قىلىشىنى........ ياراتقاندىن تىلىدىم.
   كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە نامازنى نۇرمال ھالەتتە ئوقۇپ جاي راسلاپ بولغاندىن كىيىن كىيىملىرىمدىن يىشىنمەيلا ئاستاغىنە ياستۇققا باش قويدۇم.
  - قانداقراق تۇرىلا؟    دىدى تۇيۇقسىز رۇقىيە خىنىم.
  - ياخشى ،خاتىرجەم بولسىلا.....   تاڭ ئاتسىلا.... ھەممە ياخشى بوپ كىتىدۇ.
  ئاستا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ  كۆزۈمنى يۇمدۇم  
.

  ئەتىگەنلىك ناماز ۋاقتى بولغان ئىدى. دوستۇم رۇقىيە خىنىم مىنى ئاستا مىدىرلىتاتتى،  مەن بولسام يىتىۋىرەتتىم، ئۇ يەنە مىدىرلىتاتتى، يەنە قىمىرلىمىدىم.  بۇ قىتىم ئۇمىنى چاقىرىشقا باشلىدى.
   -ئەسما خىنىم،
  - ... ...
   - ئەسما خىنىم، تۇرسىلا  ناماز ۋاقتى بولدى.
   مەن يەنە گەپ  قىلماي ياتاتتىم.
   ئۇنى شۇنچە توۋلىدىم، ۋارقىرىدىم، لىكىن ئۇ ئاڭلىيالمايتتى ھەم مىنى كۆرەلمەيتتى.  مەن ھىلى ئۇنىڭ ئالدىغا،ھىلى ئۇنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ توۋلاۋەردىم.  بىراق ئۇ  ئاۋازىمنى ئاڭلىماي مىنى ئويغىتىۋاتاتتى.
   -ئەسما خىنىم، تۇرسىلا ئەسما خىنىم.
   بىچارە دوستۇم رۇقىيە خىنىم ئەمدى ئاڭلىيالمايدىغانلىقمنى، تۇرالمايدىغانلىقمنى بىلمەيتتى. كىچىدىن بىرى ئاللاھ قا زىكرى قىلىپ تۇرۇپ ماڭا ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق پاك ھالىتىمدە ئۆلۈم نىسىۋىسى ئاتا قىلىشنى تىلىگەنلىكىمنى ۋە ئاللاھ نىڭ تىلىكمنى ئىجابەت قىىپ ماڭا ئۆلۈم نىسىۋىسى ئاتا قىلغىنى بىلمەيتتى.
   بىچارە دوستۇم ئەنسىزلىك ئىچىدە ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى.
   ئەمدى دادام، ئانام ئۆيگە كىرىدۇ ۋە مىنى كۆرىدۇ.كىلىپ مىنى ئۆز باغرىلىرىغا باسىدۇ.  يۈزلىرىمنى، قوللىرىمنى تويماي  سىلايدۇ..... ئاھ..... ھىجران......ھىجران ياشلىرىنى، جۇدالىق ياشلىرىنى تۆكىدۇ.  مىنى يارىتىش ۋە ئىلىپ كىتىش قۇدرىتىگە ئىگە بولغان زاتنىڭ دەرگاھىغا دۇئاغا قوللىرىنى كۆتۈرىدۇ.......... ......  بىچارە دادام كۆز ياشلىرىدا....... كۆز ياشلىرىدا تاھارەت ئالىدۇ..... ...   بىچارە ئانام باش ياغلىقلىرىنى......... چاپانلىرىنىڭ پەشلىرىنى كۆز ياشلىرىدا يۇيىدۇ......... ....
ئاھ......    .... دادا  ،ئانا ... مەن ئەمدى سىلەرگە پەقەت شۇنىلا دىيەلەيمەن....     مەندىن........  مەندىن  رازى بولۇڭلار......!    
.

   ئۆينىڭ ھەممە يىرىدە مەن بار ئىدىم..... ئىشىك تۈۋىدە...  تورۇستا.... ئۇ بۇلۇڭدا..... پەگادا...... ھەممەيلەننى كۆرەلەيتتىم،  بىراق ئۇلار مىنى كۆرەلمەيتتى.
   بىچارە دادام يۈگۈرۈپ  كىرىپ  كەلدى.  مەن ئاخشام ياتقان ئورنۇمدا  شۇنداق چىرايلىق كۈلۈمسىرەپ ياتاتتىم. دادام ئاستا مىنىڭ قىشىمغا كىلىپ  شۇنچە مىھرىبان قوللىرىنى يۈزۈمگە تەگكۈزدى-دە،  مىنى ئاستا كۆتۈرۈپ  باغرىغا باستى.  ئەيتاۋۇر يۈزلىرىم مۇزلاپ كەتكەن بولسا كىرەك، دادام مىنى باغرىغا بىسىپ قىقىلىپ يىغلاپ  كەتتى....
   ئانام...... ئانام بولسا پەگادا تۇرۇپلا ماغدۇرسىزلىنىپ تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ  قالدى.
   ئانامنى يۆلەش ئۈچۈن ئىتتىك باردىم-يۇ ....... .....  لىكىن.... ..يۆلىيەلمىدىم...  ئانامغا شۇنچە گەپلەرنى قىلساممۇ ئانام  بىرنىمۇ ئاڭلىمايتتى. ياشلىرىنى سۈرتسەم، سۈرتۈلمەيتتى..... ....... دادامنىڭ يۈزلىرىگە،ئىسسىق ياشلىرىغا يۈزۈمنى ياقتىم،  لىكىن دادام  بۇنى بىلەلمەيتتى. مەن دادامغا:< دادا، ماڭا سىڭدۈرگەن ئەجىرلىرىگە ، بەرگەن ئىلىملىرىگە،  ماڭا دادا بولغانلىقلىرىغا... مەندىن...... مەندىن....رازى بولسىلا...... دادا.......   دادا......  .   شۇنچە نۇرغۇن گەپ قىلساممۇ دادام گەپلىرىمنى پەقەت ئاڭلىمىدى. ئۇ  مىنى باغرىغا باسقان ھالەتتە ھەربىر جاننىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ قا دۇئاغا قول كۆتۈردى.
   مەن ئاستا-ئاستا يۇقىرىغا ئۆرلەشكە باشلىدىم.  دىرىزىدىن......   ... تورۇستىكى تۇڭلۈكتىن......  ..ئىشىكنىڭ بىشىدىكى  يوچۇقلاردىن...... ......يۇقىرىغا ئۆرلىدىم      
.


   مەن يۇقىرىغا ئۆرلەشكە باشلىغان چاغدا، دادام قوللىرى دۇئاغا كۆتۈرۈلگەن، يۈزى ئاللاھ تەرەپكە يۈزلەنگەن ھالەتتە قالغان ئىدى. يەنە دادامنىڭ مەيدىسىگە چۈشەي دەپ قالغان، ئازراق ئاق ئارلاشقان چارماچ ساقاللىرىنىڭ ئۇچىدا مىھرىبان، نۇرانە كۆزلىرىدىن تامچىلىغان بىر تامچە ياش، خۇددى ئايرىلغىسى كەلمەيۋاتقاندەك قېتىپ قالغان ئىدى..... ......



  مەنبە: ئۆز قەلىمىم
ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتى يارا بولۇر!!!
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 9
ئومۇمىي يازما: 2099
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2099دانە
ئۆسۈش: 4840 %
مۇنبەر پۇلى: 25068 سوم
تۆھپىسى: 172 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-01-07

ھەي......  بىر قىسما بوپ قالىدىما  
[ بۇ يازمىنىتاھىر 2011-05-09 18:42قايتا تەھرىرلىدى ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
ئاللاھ دىللارغا غىل-پال كەشكەن خىيالنىمۇ بىلىپ ت ..
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1760
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 962
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە962دانە
ئۆسۈش: 1220 %
مۇنبەر پۇلى: 10734 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-01-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-09 23:33

ئۆزىڭىز يازغانمۇ؟  بۇئىككىسىنىڭ يالغۇز كۆرۈشكىنىنى نىمە دەيمىز ئەمدى؟ئازىراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ قويسىڭىز بولغۇدەك.
ئەتە ئۈلۈم!
دوستلىشىش
maniwer2010
................
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2196
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 717
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە717دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 7584 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-22
ئاخىرقى: 2012-01-07
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-10 01:22

كىكەاادساددا
ئۆتمۈشى ئادىللىق نۇرىدا يورۇتۇلمىغان مىللەتنىڭ ،كەلگۈسىمۇ
غۇۋا (گۇڭگا) بولىدۇ ....
دوستلىشىش
گۇۋاھ
ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتى يارا بولۇ& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6102
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 176
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە176دانە
ئۆسۈش: 200 %
مۇنبەر پۇلى: 1915 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-15
ئاخىرقى: 2012-01-07
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-10 14:51

  ئۆزۈم يازغان.  مەن بۇ ھىكايىگە قەلەم تەۋرەتكەن مەزگىللەردە ئىسلامىيتىمىزدە ئاياللار توغرىلىق كەلگەن مۇبارەك ھۆكۈملەر ماڭا تىخى قاراڭغۇ ئىدى.... ... ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ  باقاي!
دوستلارنىڭ سەمىمى پىكىر بىرىشىگە تەشنا بوپ قالدىم........ .....
ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتى يارا بولۇر!!!