ياپون خەلقىدىن ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان ئون ئىش
ئۆتكەن ئايدا دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى بىلەن ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان ياپون خەلقنىنىڭ بۇ بالايى – ئاپەتلەرگە ۋە بىر – بىرىگە تۇتقان ئىنسانىي ھەرىكىتى ۋە ئەخلاق -پەزىلىتى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ. ياپون خەلقىنىڭ بىزگە ئۆرنەك بولالايدىغان تەرەپلىرىنى تۆۋەندىكى ئون نوقتىغا يېغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
1. ئېغىر – بېسىقلىق؛ ھىچكىم جىدەل – ماجىرا ياكى چەكتىن ئاشقان ھەرىكەتلەر بىلەن ئىزتىراپ چەككىنىنى ئىپادىلەش سەۋداسىغا چۈشمىدى. قايغۇ- ھەسرەتنىڭ ئۆزى ئۇلۇغلاندى.
.crM!{
r
?nV
Sb|[
2. ئىززەت – ھۆرمەت؛ سۇ ۋە يېمەكلىك تارقىتىش جەريانىدىكى تەرتىپ. بىر – بىرىگە بولغان ئىززەت – ھۆرمەت ۋە سەۋىرچانلىق ھەقىقەتەن تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.
%lJiM`a
cNo4UZvr
3. ئىقتىدار؛ ئىشەنگۈسىز دەرىجىدىكى ئىقتىدارلىق مىمارلار. بىنالار يەر تەۋەرەش زەربىسىدە سىلكىندى، چايقالدى، ئەمما يېقىلمىدى. (يىللار ئىلگىرى پەيزىۋاتتا ۋە باشقا يەرلەردە تەۋرىگەن 4-5 باللىق يەر تەۋرەشتە ئۆي ماكانى يەر بىلەن بىر بولغان ئىنسانلىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى جاراھەت تېخىچە شىپا تاپقىنى يوق.)
S"^KJUUc
4. ئىلتىپات (شەخسىيەتچىلىك قىلماسلىق، مەرتلىك)؛ ئىنسانلار پەقەت شۇ پەيىتتە ئىھتىياجى بولغان نەرسىلەرنى سېتىۋالدى، ھەركىم بىر نەرسە ئالالىسۇن دېگەن نىيەتتە.
mvA xx`jc
5. تەرتىپ؛ ھىچ بىر دۇكان بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرىمىدى. يوللاردا ماشىنا سىگناللىرىنى چېلىش، يانداپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇشتەك قىلمىشلار يوق. پەقەت چۈشىنىش ۋە كېلىشىش ئېپادىلىرى بار.

{vT55i
6. پىداكارلىق؛ ئەللىك ئىشچى رادىئاتسىيىلىنىش خەۋىپىگە قارىماستىن، ئۆزلىكىدىن دېڭىز سۈيى بىلەن سوۋۇتۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاتوم رىئاكتورىنىڭ ئىچىدە قالدى. بۇلارنىڭ قىلغان پىداكارلىقلىرىنىڭ بۇ دۇنيادا بىر جاۋابى بارمۇ؟
2v9s@k/k)6
. سەزگۈرلۈك؛ ئاشپۇزۇللار باھالىرىنى چۈشۈردى، قوغدىغۇچىسىز بانكا ATM لىرىگە ھىچكىم ھوجۇم قىلمىدى، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.
i9\\evJs

8. مائارىپ، تەلىم-تەربىيە؛ بالىلاردىن ياشانغانلارغا قەدەر ھەركىم نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ، ھەم دەل شۇنداق قىلدى.
lDJd#U'V

Iq0 #A5U%
9. ئاخبارات؛ ھازىرغا قەدەر ياپونىيە ئاخبارات تارماقلىرى ئۆزلىرىنى مۇكەممەل بىر شەكىلدە تىزگىنلەپ كېلەلىدى. ئاغزىغا كەلگەننى دەۋىرىدىغان مۇخبىر يوق، پەقەت تەمكىنلىك بىلەن خەۋەرلىرىنى تارقىتىشقا تىرىشىپ كەلدى. ئەڭ مۇھىم بولغىنى، قولاي يولدىن ئۆزىگە پاي توپلاشقا تىرىشقان سىياسىئونلار يوق ئىدى.
10. ۋىجدان؛ بىر چوڭ ماگىزىندا توك كەتكەندە، ئىنسانلار ئالغان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەكرار ئەسلى يەرلىرىگە قويۇپ ئۈن-تۈنسىز چېقىپ كەتتى. دۆلەتلىرى بۈيۈك بىر ئاپەت ئىچىدە قالغان ياپونلاردىن پۈتۈن ئىنسانىيەت ئېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن تەجرىبە – ساۋاقلار بار. P\X=*
قىسقىسى بۇ قەدەر قېيىن پەيىتلەردە، تىك تۇرالىشىمىزنىڭ بىردىنبىر شەرتى – ھەقىقى ئىنسان بولۇشتۇر.
PF'5z#] NP
XW~ BEa
مەنبە:دەۋىر تورى