باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1128 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئايالنىڭ ۋاقتى
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 611
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە611دانە
ئۆسۈش: 760 %
مۇنبەر پۇلى: 6913 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-03-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-08 13:51

ئايالنىڭ ۋاقتى

بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى بىر پەيلاسوپ:((ئەگەر ئاياللار تۈزەلسە،جەمىيەت تۈزىلىدۇ،ئىنسانىيەت گۈللۈندۇ))دەپ ئېيتقان ئىكەن. دەر ھەقىقەت ئاياللارنىڭ مەدىنيەت ساپاسى جەمىيەت تەرەقىياتى بىلەن ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە، ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزگۈچى ئاياللار ئۆز-ئۈزىگە خوجا مىللەتنىڭ
نۇرلۇق كىلىچەكنى يارتالايدىغان، ئېتىقادلىق ئەۋلاتلارنى يىتۈشتىرەلەيدۇ. بىز ئىنسانىيەت تارىخىدا زاۋالىققا يۈز تۇتقان تالاي بۈيۈك ئىمپىرىيە،قۇدىرەتلىك خاندانلىقلارنىڭ پاجئىە سەۋەپلىرىدىن بىرى ئەقلى ۋە ئەخلاقى جەھەتتە چىرىگەن ئاياللار ھالاكىتى دەپ ئېيتالايمىز. چۈنكى ھەر ۋاقىت ئۆز يىلتىزدىن ئۇزۇق ئېلىپ، بۈگۈنكى ۋەكىلەچىكى ئۈستىدە ئويلانمىغان ئادەمنىڭ تىككەن كۆچەتلىرىمۇ خۇددى ئۆزىگەئوخشاش بەركەتسىزلىك ۋە يوقىلىش ئاقىۋتى پۈتۈلگەن بولىدۇ.
مەن قەدىمقى پارلاق مەدىنيەتكە، شانۇ-شەۋكەتلىك سەلتەنەتلەرگە ئىگە بولغان خەلقىمنىڭ ئازاپ ۋەئۈمۈد، كۆز ياش ۋە خوشاللىق بىلەن تولغان ئۆتمۈشىنى ۋاراقلاپ باقتىم. رېئالىققا قويغان تالاي ئېغىر سوئالىرىمنىڭ بىرى گۈزەل ۋە ئەقىللىق ئۇيغۇر ئايالىرىغا قۇيۇلغان سۇئال ئىدى. ئۇيغۇر خەلىق ئېغىز ئەدىبىياتىدا يارتىلغان
سانسىزلىغان گۈزەل ئوبرازلارنىڭ پىروتوتىپى دەل رىياللىقتىكى غايلىك ۋە شىجائەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىدۇر. ئانا زىمىننى قوغداش يولىدا قان كىچىپ جەڭ قىلغان باتۇر تۇمارىس، ئەركىنلىك، پاكلىق ئۈچۈن زۇلۇمغا قارشى ئېسيان كۆتەرگەن قەھىرمان نۇزىگۇم، گۈزەل شئېرىي مىسرالىرى بىلەن ئەركىنلىكنى كۈيلەپ، تارىخ بېتىگە ئۆچمەس نامى يېزىلغان زىبۇننىسا خېنىم،قاراڭغۇ يىللارنىڭ جاھالەت پەردىلىرىنى يىرتىپ، مەدىنيەت- مائارىپ نۇرلىرىنى تاراتقان راھىلە خانىمنىڭ ئەقىل- پاراسەت،غەيرەت-شىجائىتىنىڭ ئىرسىي گېنلىرنى بىز بۈگۈن شۇللارنىڭ قىزى بولمىش ئاياللىردىن ئىزلەپ تاپالايمىز. ئەپسۇس، قۇرۇپ كىتىۋاتقان تارىم ۋادىسىغا ئوخشاش، بۇ جۇلالىق روھنى توپا باسقان. ئۇخۇددى يوقۇلۇشقا يۇزلەنگەن تۇرپان كارىزلىردەك ئۇنتۇلغان. فىرانسىيلىك مەشھۇر يازغۇچى بالزاكنىڭ((مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلارنىڭ قولىدا)) دىگەن مەشھۇر سۆزنى بىز تالاي ئاڭلاپ كىتاپلارغا پۈتتۇق. ئەمما بۇنى چىن مەنىسى بىلەن ئۆز لەشتۈرۈپ، ئىجابىي نەتىجىسى ئۈچۈن تىرشىشنىڭ ئىز نالىرى رىېئاللىقىمىزدا بارمۇ؟ بۇ رىقابەت ئەسىردە مەۋجۈت بولىشىمىز ۋە داۋاملىشىشىمىزنىڭ
بىر ئۇچى بۇرۇچ ۋە مەسۇليەت تۇيغۇسىغا ئىگە ئاياللار ئىكەنلىكىنى قانچىمىز تۇنۇپ يەتتۇق؟ ۋاقىت ئەقىللىقراق، ياخشىراق، تۇللۇقراق ۋە مۇكەممەلرەك بولۇپ يېتىشىشىمىز ئۈچۈن بىزگە ئىنئام قىلىنغان قىممەتلىك سوۋغا. ئىلىم- مەرىپەتنىڭ ئىنساننى ئەزىز خوجايىنغا ئايلاندۇردىغىنى، جاھالەت- ناداللىقنىڭ قۇللۇق ئاسارىتىگە
چۈشرۈپ قويدىغنى تارىخىي قىسمەت بىزگە ئاتا قىلغان ھەقىقەتتۇر. ئۇيغۇر نەسلىنى ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا ئۇلۇغۇچى ۋە تەربىيلىگۈچى ئاياللارنىڭ كۈچلۈك ۋاقىت تۇيغۇسى، ئۆزلۈك ئېڭىغا ئىگە بولۇپ، ئۆزلىرنى بىلىم -مەرىپەت بىلەن تاكاممۇللاشتۇرشى جىددى زۆرۈييەتۋە باش تارتىپ بولماس تارىخىي بۇرۇچدۇر. مىسىرلىق ئالىمە خەۋلە
دەرۋىش((ئاياللارنىڭ باردى- كەلدىسى))ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق دەيدۇ:((ئىمام تىرمىزىي رەزىييەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كىتابىدىكى بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:(بەندە قىيامەت كۈنى ئۆمۈرنى (ۋاقتىنى) قايسى ئىشلارغا سەرىپ قىلغىنى، ئىلىمنى نىمىگە ئىشلەتكىنى ، مال-مۈلۈكنى قايسى يول بىلەن تاپقانلىق ۋە نىملەرگە سەرىپ قىلغىنى، ئەجىلى يەتكۈچە قانداق ئەمەللەرنى قىلغانلىقىدىن ئىبارەت تۆت نەرسە ئۈستىدە سورىلدۇ.).شۇنداق، كىمكى ۋاقىتنى بىھۇدە ئىشلارغا زايە قىلۋىتىدىكەن،ئۇ ئۆز ھاياتىنىڭ تۇللۇقلانماس بىر بۆلۈكىنى زايە قىلغان بولىدۇ. ئايالنىڭ ۋاقتى پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق دىيىلسە، ئايال ئۆز ئىرى ۋە بالىلىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيتىنى، جەمىيەت ۋە مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىنى قاچان ئادا قىلىدۇ؟)) دەر ۋەقە، ۋاقىت ھەر-بىر ئادەمنىڭ خالىغانچە ئىشلىتىدىغان ھىسابى، سورىقى يوق سەخسىي مۈلۈكىي ئەمەس، جۈمۈلدىن ئايالنىڭمۇ شۇنداق.ئايالنىڭ ۋاقتى ۋە زىھنى ئۆزى ئەرتىۋالىغان، كۆزىگە قارىغان بالىلىرىنى ئاتا- ئانىنىڭ ھامىلىقىدا ئەمەس، ھىچ كىمنىڭ خەيرى خالىقى بولىمىغان كەلگۈسىدە نېنىنى پۈتۈن تېپىپ يىيەلەيدىغان، ئۆزىگە ئۆزى خوجا، ياراملىق ئىز باسار قىلىپ تەربەلەش ئۈچۈندۇر. ئايالنىڭ ۋاقتى ۋە زىھنى بىلىم ۋە قابىليەت بىلەن مەۋجۈتلۇق قىممىتىنى يارتىش، ئىرىغا ھەم نەپەس بولۇپ، ئاياللىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى،رىئاللىق مىنىڭ ئويلىغىنىمدىن باشقىچە ئىدى. ئوقۇشتىن مەھرۇم قالغان قىز ئاياللارنىڭ ناداللىق ئاسارىتىدە قېلىشنىڭ سەۋەبىنىغۇ يوقسىزلىق،نامراتلىق تۈپەيلى دىسەك، ئۆگۈنۈش ۋە خىزمەت قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە تەلەيلىك قىز ئاياللىرمىزنىڭ تارىخىي بۇرچىنى، بالىلىرنى، ئەرلىرنى تاشلاپ قويۇپ ئويناۋاتقان تېتىقسىز قاتار چاي، تۈگمەس ئولتۇرۇشلىرىنى نىمە دەپ چۈشەندۈرىمىز؟
مەشھۇر ئەرەب شائىرىي ئەھمەد شەۋقىي (1868_1932)ئاتا- ئانىنىڭ بالىنى تەربىيلەپ، ياراملىق ئادەم قىلىش مەجبۇرىيتى ھەققىدە مۇنداق ھىكىمەتلىك مىسرالارنى يېزىپ قالدۇرغان:
                                   يىتىم ئەمەس تۈگەپ ئاتا ئانىسى،
                                  خار ۋە زەبۇن ئېغىر كۈندە قالغۇچى.
                                   ئانىسى پەرۋاسىز، ئاتا ئالدىراش،
                                  دەل شۇدۇر يىتىمەك دەپ ئاتالغۇچى.
ئازىراق ئىشىم چىقىپ قالدى ئاخىرىنى ئەتە يوللايمەن،ئەيىپكە بۇيرىماسسىلەر:
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1367
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1367دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 14963 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-03-09

كۆپ جاپا چەككەنسىز بۇنى يېزىپ بولغۇچە   ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
tadbirig kandak bolsa tagdirng xundak
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5926
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 53
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە53دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 720 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-27
ئاخىرقى: 2011-09-24
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-10 12:23

اللاھ رەخمەت قىلسۇن ،ياخشى يىزىپسىز