ئاپتونوم رايونىمىزدا2009-يىلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا دائىر ئون چوڭ دېلو ئېلان قىلىندى!
26– ئاپرېل، ئاپتونوم رايونلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى 2009 – يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتىكى ئون چوڭ دېلونى ئېلان قىلدى.
1. ‹‹قاردەك ئىلى›› ماركىلىق پىۋىگە ‹‹شىنجاڭ›› ۋە ‹‹شىخۇ›› ماركىلىق پىۋىنىڭ ئورۇسى ۋە بېزىكىنى ئىشلىتىۋېلىش دېلوسى
يۈگوڭ پىۋا شىركىتى ئىشلەپچىقىرىپ ساتقان ‹‹قاردەك ئىلى›› ماركىلىق 12 گىرادۇسلۇق پىۋىنىڭ سىرتقى ئورۇسى ۋە بېزىكى بىلەن شىنجاڭ پىۋا شىركىتى بىلەن شىخۇ پىۋا شىركىتى ئىشلەپچىقارغان پىۋىنىڭ سىرتقى ئورۇسىنىڭ شەكلى، رەڭگى ۋە تۈزۈلۈشى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاپ قالغان. سوت مەھكىمىسى يۈگوڭ پىۋا شىركىتىنىڭ قىلمىشىنى داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلات ئورۇسى ۋە بېزىكىنى خالىغانچە ئىشلىتىۋېلىش قىلمىشى دەپ قاراپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ پىۋا ئىشلەپچىقىرىشنى دەرھال توختىتىشى، يۇقىرىقى ئىككى شىركەت مەھسۇلاتىنىڭ سىرتقى ئورۇ، بېزەكلىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان تېخى ئىشلىتىلمىگەن ماركىلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشى ھەم ئىككى شىركەتكە ئايرىم – ئايرىم ھالدا 10 مىڭ يۈەندىن تۆلەم بېرىشى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى.
2. ‹‹شىڭلوڭ›› ماگىزىنىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ساختا ماركىلىق تاۋار سېتىش دېلوسى
2009 – يىلى 11 – ئايدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئىقتىسادىي رازۋېدكا تارماق ئەترىتى ئىگىلەنگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ‹‹شىڭلوڭ›› ماگىزىنىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ساختا ماركىلىق گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ماگىزىن مەسئۇلى ليۇ xx ئەر – خوتۇننى نەق مەيداندا تۇتتى ھەم ئىسكىلاتتا ساقلىنىۋاتقان دېلوغا چېتىشلىق 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى چاچ قارايتىش مەلھىمى، نەملەنگەن قول ياغلىق، لەۋ سۇرۇخ قاتارلىق تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ساختا چەت ئەل تاۋار بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈپ مۇسادىرە قىلدى. جىنايەت گۇماندارى ليۇ xx ئەيىبلىنىشكە يوللاپ بېرىلدى.
3. ‹‹سۇلفاتلاشقان پاختا تىۋىتىدىن مىكرو كىرىستاللىق سېلليۇلوزا ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى›› كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش دېلوسى
2009 – يىلى 9 – ئايدا، پاتېنت ئىگىسى كۈيتۈن يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇق خىمىيە شىركىتى ئاپتونوم رايونلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىدىن ‹‹ساڭفۇ›› شىركىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ‹‹سۇلفاتلاشقان پاختا تىۋىتىدىن مىكرو كىرىستاللىق سېلليۇلوزا ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى›› كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلغانلىقى توغرىسىدىكى تالاش – تارتىشنى ھەل قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش ئارقىلىق، ‹‹ساڭفۇ›› شىركىتى ئىشلەپچىقىرىپ ساتقان مىكرو كىرىستاللىق سېلليۇلوزانىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن چېتىشلىق دېلودىكى پاتېنتنى قوغداش تەلەپ قىلىنغان ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشايدىغانلىقىنى دەلىللەپ، ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشىنىڭ سادىر بولغانلىقىنى قانۇن بويىچە بېكىتتى.
4. ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدىكى 28 تور بېكىتىنىڭ ‹‹ناۋا›› تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش دېلوسى
2008 – يىلى 5 – ئايدا، ئۇيغۇرچە ئۈن – سىن بۇيۇملىرىنى ئىشلەشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان ئۈرۈمچى قارلۇق شىركىتى ئاپتونوم رايونلۇق نەشر ھوقۇقى ئىدارىسىگە ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدىكى 28 تور پونكىتىنىڭ ئىنتېرنېتتا مەزكۇر شىركەت ئىشلىگەن ‹‹ناۋا›› تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى نومۇرلىرىنى ئىجازەتسىز تارقاتقانلىقى ھەققىدە ئەرز سۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى بۇ تور پونكىتلىرى مەسئۇللىرىغا قانۇن بويىچە ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى توختىتىشنى ۋە ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىنغان مەزمۇنلارنى يۇيۇۋېتىشنى ئۇقتۇردى، ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشى سادىر قىلغان ئون تور پونكىتى ئۆزلۈكىدىن تاقالدى، ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشى سادىر قىلغان 18 تور پونكىتى شۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى يۇيۇۋەتتى.
5. ‹‹رادىياتور››نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش دېلوسى
2009 – يىلى 9 – ئايدا، قورغاس ناھىيەسىدىكى مەلۇم ئىمپورت – ئېكسپورت چەكلىك شىركىتى ساياھەت تاۋارلىرىنى سېتىۋېلىش سودىسى شەكلى بىلەن تاموژنىدىن توك بىلەن قىزىتىلمايدىغان ئىسسىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر تۈركۈم رادىياتورنى قازاقىستانغا ئېكسپورت قىلىشنى ئىلتىماس قىلدى. قورغاس تاموژنا خادىملىرى بۇ ماللارنىڭ خەۋپ – خەتىرى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ، بۇ بىر تۈركۈم مالدا ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش گۇمانى بارلىقىنى بايقاپ، دەرھال تەكشۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈردى. تاموژنا تەكشۈرۈش خادىملىرى مالنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ رادىياتورلارنىڭ 892 سىدە پىچان ‹‹خۇاشىڭ›› قۇيمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسى پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش گۇمانى بارلىقىنى بايقىدى. پاتېنت ئىگىلىرىنىڭ بېكىتىشى بىلەن، تاموژنا خادىملىرى ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىنغان بۇ بىر تۈركۈم مەھسۇلاتنى تۇتۇپ قالدى.
6. ‹‹جيامۇ›› ئارىلاشما ئوغۇتىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش دېلوسى
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماتېرىياللىرى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شايار شىركىتى ‹‹دېھقانلار شادلىقى›› زەنجىرسىمان دۇكىنى ‹‹تەيلىن›› ماركىلىق ‹‹جيامۇ ئارىلاشما ئوغۇت››ىنى شۇ جايدىكى ئالتە پاختىكارغا سېتىپ، ‹‹جيامۇ›› ئارىلاشما ئوغۇتىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىپ، 49 مىڭ 350 يۈەنلىك قانۇنسىز تىجارەت سوممىسىغا ئېرىشكەن. شايار ناھىيەلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى پاش قىلىنغان دەلىل – ئىسپاتلارغا ئاساسەن قانۇن بويىچە جاۋابكارنىڭ ماركا ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا 49 مىڭ 500 يۈەن جەرىمانە قويۇش مەمۇرىي جازاسى بەردى.
7. بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىك 6 – شىسى يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورنى بىلەن توڭ دىڭنېڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆسۈملۈك يېڭى سورتىنى ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى دېلوسى
توڭ دىڭنېڭ كۆممىقوناق 15 – 35 سورتى ھەم ‹‹18 – نومۇرلۇق يېڭى كۆممىقوناق›› سورتلىرىنى يېتىشتۈرگۈچى شەخس. توڭ دىڭنېڭ بىلەن بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىك 6 – شىسى يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورنى مەزكۇر سورتنى ‹‹كېڭەيتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېلىشىمنامىسى›› تۈزۈپ، مۇۋەپپەقىيەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى توختاملاشقان، يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورنى مەزكۇر سورتنى مۇستەقىل كېڭەيتىپ، ھەر يىلى مەزكۇر سورتتىن قىلىنغان ساپ كىرىمنىڭ %25 ىنى توڭ دىڭنېڭغا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى ئۈچۈن بەرگەن. يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورنى ئىلتىماس قىلغۇچى سالاھىيىتى بىلەن ‹‹18 – نومۇرلۇق يېڭى كۆممىقوناق››نى يېزا ئىگىلىك ئۆسۈملۈكلىرى يېڭى سورتى قىلىشنى مۇستەقىل ئىلتىماس قىلغان، توڭ دىڭنېڭ قانۇن بويىچە ئەرز سۇنغان. دەلىل – ئىسپاتلارغا ئاساسەن، سوت مەھكىمىسى ئۆسۈملۈك يېڭى سورتىنىڭ ئىلتىماس قىلىنىش ھوقۇقى مۇشۇ سورتنى تەتقىق قىلىپ يېتىشتۈرگەن كىشىگە مەنسۇپ دەپ قاراپ، مەزكۇر كۆممىقوناق سورتىنىڭ ئىلتىماس قىلىنىش ھوقۇقى توڭ دىڭنېڭغا مەنسۇپ دەپ قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقاردى.
8. ‹‹توڭباۋ›› كىتابخانىسىنىڭ ساختا نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش دېلوسى
2009 – يىل 6 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاخبارات – نەشرىيات ئىدارىسى(نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى) نىڭ قانۇن ئىجراچىسى ‹‹توڭباۋ›› كىتابخانىسىنىڭ ئىسكىلاتىدىن ئېلىمىزنىڭ تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسىرى، ‹‹ئېدىسون چۆچەكلىرى›› قاتارلىق ساختا نەشر بۇيۇملىرىغا چېتىلىدىغان 21 تۈرلۈك كىتابتىن جەمئىي 12 مىڭنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ كىتابلارنىڭ ساختا نەشىر بۇيۇملىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ج خ ئورگانلىرى ‹‹توڭباۋ›› كىتابخانىسىنىڭ مەسئۇلى جۇx نى جىنايى ئىشلار بويىچە قامىدى، مەزكۇر دېلو تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.
9. ‹‹شيەنگۇاڭ›› ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش دېلوسى
2009 – يىلى 3 – ئايدا، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ‹‹شيەنگۇاڭ›› كۈندىلىك گىرىم بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى تاموژنا تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن ئۆتكەن مال بېسىلغان بىر ئاپتوموبىلغا مەزكۇر شىركەتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىنغان ساختا ئاياغ مېيىنىڭ قاچىلانغانلىقىنى بايقىدى. تاموژنا تارماقلىرى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش بويىچە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، شۇ يىلى 4 – ئايدا ئەركەشتام تاموژنىسىنىڭ ماللارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئامبىرىدىن ‹‹شيەنگۇاڭ›› ماركىسىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىنغان 1212 ساندۇققا قاچىلانغان جەمئىي 193 مىڭ 920 تال ئاياغ مېيىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى.
10. چىدامچانلىقى ئاشۇرۇلغان تالالىق نەيچە(قوش يوللۇق)نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش دېلوسى
2009 – يىلى 3 – ئايدا، پاتېنت ئىگىسى ‹‹ۋېيفاڭ›› پىلاستىك ماتېرىيال چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ رايونىدىكى مەلۇم بېزەكچىلىك ماتېرىياللىرىنى سېتىش ئورنىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ‹‹چىدامچانلىقى ئاشۇرۇلغان تالالىق نەيچە (قوش يوللۇق)››نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلغانلىقى توغرىسىدا ئەرز سۇندى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ، مەزكۇر سېتىش ئورنىنىڭ ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغانلىقىنى بېكىتتى، شۇنداقلا ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش زىيىنىنى تەكشۈرۈپ، ئىككى تەرەپنى كېلىشتۈردى، مەزكۇر سېتىش ئورنى پاتېنت ئىگىسىگە 19 مىڭ 500 يۈەن تۆلەم بەردى.
مەنبە:
http://www.xjmsf.com/alibaba/shownews.asp?id=76