引用第19楼uygunux于2010-07-23 10:45发表的 :
ئاسسىلامۇ ئەلەيكۇم :
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .
قېرىندىشىم نۇرقىز ! ھە راس نامازنىڭ سۈننىتى توغۇرلۇق سورغانلىرىڭىز باركەن ، ناماز توغۇرلۇق بىز قۇرئانكەرىمگە قارايدىغانلا بولساق 100 نەچچىدىن ئارتۇق ئايەتلەر بايان قىلنىپتۇ بۇنىڭ ئىچىدە نامازغا تارەتنى قانداق ئېلىشتىن تارتىپ ، قانداق ئەھۋال ئاستىدا نامازنى قانداق ئۈتەش ، مەيلى نىمىلا بولمىسۇن نامازنى تەركە ئەتمەسلىك ، بۇلۇپمۇ نامازدىگەرنى ئالدىراپ ۋاختىدا ئۇقۇش ، ئەسىر نامازغا (يەنى توتتىركەت پەرىزگە توتتىركەت سۈننەتنى قۇشۇپ ئۈتەشكىچە ) دىمەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قۇشۇپ ئۈتىگەنلىكى بايان قىلىنغان شۇڭا مەن ئاللاھ نىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ھەرەمگە بېرىپ ھەجى تاۋاپ قىلىپ كەلگىلى 6يىلدەك بۇپتۇ شۇنىڭدىن تارتىپ مەنمۇ شۇنداق قۇشۇپ ئۈتەۋاتىمەن .
ئەمدى مەخسەتكە كەلسەك سىزنىڭ بىلىۋالماقچى بولغۇنىڭىز قۇرئان كەرىمدە نامازنىڭ پەرەزلىرىلا بايان قىلنىپ سۈننەتلىرى بايان قىلىنمىغان ، دىمەك نامازنىڭ سۈننىتىنى پەيغەمبىرىمىز ئۆزى قۇشۇپ ئۈتىگەن ناماز ، شۇنىڭغا ئاساسەن پەيغەمبىرىمىز بەزەن تەۋسىيەلەرنى (يەنى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنمىغان ) ئەمما پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى سۈپىتىدە تەۋسىيە قىلىنغان دىمەكچىمۇ سىز ؟ ئەگەردە سىز راسلا شۇنداق چۈشەنجىدە بولغان بولسىڭىز ، قېنى مىنىڭكىنىمۇ ئاڭلاپ بېقىڭ ئاللاھ خالىسا سىزگىمۇ ھەقنى بىلدۈرىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس . چۈنكى ئاللاھنىڭ پەزىلى كەڭدۇر . ئاللاھ بەندىلىرىگە مىھرىباندۇر ، دىمەك ئاللاھ بىرمۇ بەندىسنىڭ كاپىر بۇلۇپ دۇزىخى بۇپكىتىشىگە رازىي بولمايدۇ .
ھەي بىز شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى ئاللاھ نىڭ ئەلچىلىرنىڭ مەسۇلىيتى قەۋمىلىرگە ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى بىرنىمۇ قالدۇرماستىن ، بىرنىمۇ ئاشۇرۋەتمەستىنلا توغۇرا ئۇسۇلۇپ بىلەن (يەنى ھېكمەتلىك يوللار بىلەن ) ئەينەن يەتكۈزۈشتۇر .
.......