查看完整版本: [-- مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارغا --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كەڭ ساي مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى -> مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارغا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

uyguhurogli 2010-07-14 21:18
مۇنبەر باشقۇرغۇچىلار سىلەر بارمۇ بۇ جاھاندا سىلەر نىمە ئويلادىغاسىلەر ؟
مەن بۇرۇندىن تارتىپلا كەڭ ساي مۇنبىرىنى شۇنچە ياختۇراتتىم،كۇندە بۇ مۇنبەرنى زىيارەت قىلاتتىم، لىكىن مۇشۇ يېقىندىن بۇيان بەكلا چۈلدەرەپ قېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن .
ئەسلى مۇنبەر باشقۇرغۇچىلار بىزلەرنى يېتەكلەپ كەڭ ساي مۇنبىرىنى ئاۋاتلاشتۇرشىڭلار داڭلىق بىر مۇنبەر قىلىپ چىقىشىڭلار كىرەك ئىدى ، لىكىن سىلەر ئۈزەڭلارنىڭ بۇرچىڭلارنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمىكىن تاڭ بىلمىدىم .
سىلەرنى بۇ مۇنبەرگە كۈڭۈل بۈلمەيۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن ، شۇڭا سىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يوللىدىم ، تېمىنى كورگەندىن كېيىن مۇنبەر ئەزالىرىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن .

akkvngl 2010-07-15 16:08
سىزنىڭ مۇنبىرىمىزگە ھەمىمىي تەلەپ _ پىكىر بەرگەنلىگىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز  . مۇنبىرىمىز كۈندىن _ كۈنگە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ . سىزگە شۇنداق تۇيغۇ بەرگەن ئوخشايدۇ . بىز يەنىمۇ تىرشىپ مۇنبەرنىڭ سۆپتىنى ئۆستۈرىمىز . مۇنبىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىگىڭىزگە رەھمەت .

xahruh 2010-07-15 16:10
ھازىىر تىما يوللىغاندا رەسىم  يوللىغىلى بولمايدىغان بوپ قاپتىغۇ ............

zero903 2010-07-15 19:45
رەسلا بىزمۇ بۇرۇن ئالى ئەزالاتۇق جۇمۇ

adam 2010-07-15 20:30
ھەي قېرىنداش بۇ مۇنبەردە باشقۇرغۇچى يوق كۇلۇپ باشلىقى بار .
بۇ گەپلەرنى شۇ  ئاڭلىسا  بولاتتى...
بۇ مۇنبەر  مۇشۇنداقلا كېتىۋەرسە  ....
بەزىبىر  ئادەم سۈپەت  ئىككى پۇتلۇق گەپ چۈشەنمەيدىغان مەخلۇقلار  جىقىيىۋەرسە  .....

kangsay 2010-07-15 22:32
uyguhurogli ئەپەندىنىڭ كەڭ ساي تورى ئۈچۈن قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر بەرگىنىگە رەھمەت  .
مەن تۆۋەندە ئاددى بولسىمۇ چۈشەنچە بېرىپ ئۈتەي .
نۆۋەتتە تور بېكىتىمىز بىر مەزگىللىك داۋالغۇشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ئىزچىل تورداشلار ئۈچۈن مۇقىم تور مۇھىتى ھازىرلاپ تور دۇنياسىدىكى مەنىۋى تۇرمۇشۇشىنى بېيىتىپ كېلىۋتىدۇ .
1- كەڭ ساي تور بېكىتى ئەزا سانى قوغلاشمايدۇ . تور بېكىتىمىزدە بىرگە قادىر ، كۆپكە ماھىر تورداشلىرىمىز ئاز ئەمەس ، كەڭ ساي تور بېكىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقان تورداشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس ، دىمەك تور بېكىتىمىز نورىمال كەيىپىياتنى ساقلاپ نادىر يازما ئەسەرلەر ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ ئورتاق تىرشىپ ھەمكارلىشىپ كىلىۋاتىمىز ، بىز داۋاملىق شۇنداق قىلىمىز ۋە شۇنداق قىلىشقا تىرشىمىز . بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە داۋاملىق تورداشلارنىڭ قوللىشى ئاكتىپ تەشۋىق خىزمىتىگە ھەمكارلىششنى قارشى ئالىمىز  .
2- يازما ئەسەر سانى قوغلاشمايدۇ .  كەڭ ساي تور بېكىتىدە بەزى مۇنبەرلەرگە ئوخشاش ياخشى ، يارايسىز دىگەن ئىبارىلەردىن مۇستەسنا . يازمىلار سەل ئاز بولسىمۇ ، ساز . تورداشلارنىڭ داۋاملىق ئەڭ يېڭى نادىر ئەسەرلەرنى كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىششنى ئۈمۈت قىلىمىز .

شۇڭا تور بېكىتىمىز سىزگە داغۇدۇغىلىق بىلىنمىگەندەك ، كەيىپىيات سەل ئاجىزدەك بىلىنگەن چېغى ... شۇڭا تەكلىپ پىكىرنى ئاخىرغىچە قىلىپ ..قانداق قىلغاندا مۇشۇ ئاجىز  كەيىىياتنى يوقاتقىلى بولىدۇ ؟  قانداق قىلساق چۆلدەرەپ قالمايدۇ  ؟  قانداق قىلساق بۇرچىمىزنى ئۇنتۇپ قالغان بولمايمىز ؟ دىگەندەك سۇئاللىرىڭىزغا جاۋابىنى بېرىۋەتسىڭىز ....
رەھمەت !

kangsay 2010-07-15 22:35
نورىمال رەسىم يوللاشقا بولىدۇ . بۇ قېتىم بېكىتىمىزگە يوللانغان رەسىمگە بىكىتىمىز خاس بىكەت نامى ئاپتۇماتىك تامغا ھالەتتە بېسىلىپ يوللنىدۇ .  شۇڭا بىز بىر قىسىم سەھىپىگە بۇ ئىقتىدارنى ئىشلەتمىدۇق  بىراق رەسىم يوللاش ئېقتىدارى نورمال .

uyguhurogli 2010-07-15 23:37
كۇلۇپ باشلىقىنىڭ سۇئالىمغا جاۋاپ بەرگىنىڭەزگە رەخمەت ،
كۇلۇپ باشلىقىى دىننى تېمىلار تەستىقلانمايدۇ دەپ كىسىپلا دەۋەتتىڭىز ، نىمە ئۇچۇن شۇنداق دەيسىز بىرەرسى بېسىم قىلدىمۇ ؟ ياكا بىرەسى قانۇنغا خىلاپ تېما يوللىدىمۇ ؟ بۇنىسى بىزگە نامەلۇم ،بۇنى كۈرگەن   بەزى مۇنبەرداشلار  بۇنبەردىن چىكىندى ،بەزىلىرى باشقا مۇنبەرلەرگە يۇتكىلىۋاتىدۇ ،  مۇنبەردە قالغانلار  شەخسەن ئۈزۇممۇ سەل ئويلىنىشتا قېلقۋاتىمەن ، بىزنىڭ مۇنبەرگە جەم بولىشىمىز ئازتولا بىلىم ئىگەللەش ، جاھان ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولۇش ئۇچۇن بولغاندىكىن مۇنبەرنى بىر رەڭدار بىلىم بۇلىقىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بولسا دىننى تۈس ئالغان بىلەن قانۇنغا خىلاپ بولمىسىلا بىزنىڭمۇ دىننى ئەركىنلىكىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق تېمىلارغا يول قويساق ، كۇلۇپ باشلىقلىرىنىڭمۇ  يوللىغان تېمىلىرىمىزغا پالانى يەرلەر ياخشى چىقىپتۇ ،پۇستانى يەرلەر مۇنداق بولسا قانداق دىگەندەك  ئىنكاسلار قاتارىغا ئۈتۈپ بىزلەرگە مەدەت بەرسە  دىگەن ئۇمۇتتە ....

xahruh 2010-07-16 07:09
ئىشلىتىش
引用第6楼kangsay于2010-07-15 22:35发表的 :
نورىمال رەسىم يوللاشقا بولىدۇ . بۇ قېتىم بېكىتىمىزگە يوللانغان رەسىمگە بىكىتىمىز خاس بىكەت نامى ئاپتۇماتىك تامغا ھالەتتە بېسىلىپ يوللنىدۇ .  شۇڭا بىز بىر قىسىم سەھىپىگە بۇ ئىقتىدارنى ئىشلەتمىدۇق  بىراق رەسىم يوللاش ئېقتىدارى نورمال .

لىكىن مەن يوللىيالمايۋاتىمەن ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

oglan 2010-07-16 09:53
مەن يولىسام يولىندىكەن غۇ

oglan 2010-07-16 09:59
پىكىر بەرگىنىڭزگە كۆپ رەھمەت ! مۇنبەرداشلارنىڭ سىزگە شۇنداق بىلىنىپ قالغان ئوخشايدۇ ! مۇنبەرنىڭ ئاۋاتلىقى كۇندىن كۇنگە يۇقرى كۇتۇرلىۋاتىدۇ !بىز يەنە داۋاملىق كۇچ چىقىرمىز !
مەنچە چ چ توپنىڭ ئاۋاتلىقى سەل پەسىيىپ قالدىمىكىن !

xahla91 2010-07-16 10:05
نەدىلا بولسا باكەن بۇنداق ساقال تاغاقلىرى ،كىرىپلا سالامغا ما تېمىنى كوردۇم دىسە ،

xahruh 2010-07-16 10:44
[attachment=1094]

xahruh 2010-07-16 10:45
ئىنكاس يازغاندا بۇلىدىكەن ،تىما يوللىغاندا بۇلمايدىكەن .،.............

uyguhurogli 2010-07-16 14:28
ئىشلىتىش
引用第11楼xahla91于2010-07-16 10:05发表的  :
نەدىلا بولسا باكەن بۇنداق ساقال تاغاقلىرى ،كىرىپلا سالامغا ما تېمىنى كوردۇم دىسە ،

كىمنى دەۋاتىسىز ؟؟؟؟؟؟؟

nurkiz 2010-07-21 16:43
چىچىلمايلى ئىسلامى قىرىداشلىرىم ،سۈكۈت ،ئەگەر ئىسلامى تىما يوللىغىلى بولمىسا ،ئىسلامى ئىنكاس يوللاڭ،ئاشۇ قىسقا ،قانائەتلىنەرلىك ئىنكاسلىرىڭىز ئارقىلىق ئۇيغۇرلىمغا ياخشى تەسىر بەرسىڭزىمۇ،بۇلارنىڭ ھەققە يىقىنلاشقا ئازقالغانلىقى!

nurkiz 2010-07-21 19:21
ئۇيغۇنۇش ئىنكاسىڭىزغا اللە رەخمەت قىلسۇن،لىكىن بۇ بىز ھازىرقى بۇ ھالىتىمىزدە بەكمۇ تالىشىدىغان تىما ئەمەس ئىدى،ھەممە ئىش بىر بىرلەپ بۇلىدۇ ،سىزتىخى ئىسلامنىمۇ تۇلۇق چۈشەنمەيدىغان ئۇيغۇرلىرىمىزغا بىراقلا بۇنداق ئىختىلاپ مەسىلىلەرنى كۆرسەتسەك،ئۇلار قايمۇقۇپ قالمىسۇن ،ئۇلارنى ھەققە باشلاش بىزنىڭ مەجبوريىتىمىز،ھىدايەت قىلىش اللەدىن،بىز بۇيەردە ئىسلامنى چۈشەنمەيدىغانلارلا ئەمەس ،سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئازىراق چۈشۈنۈپ ئىلگىرلەۋاتقانلارنىمۇ،ئازغاشتۇرۇپ قويمايلى!
توغرا،قۇرئان كەرىم ھەق ،لىكىن سەھيى ھەدىسلىرىمىزنى چەتكە قاقمايلى.بۇنداق دىسەم بەك قايناپ كەتمەڭ،ھەممە ئىشنىڭ نۇرمال بولغىنى ياخشى،ئەمسە سۈنئەت ناماز ئوقۇش قۇرئاندا يوق دەپ سۈنئەت نامازنىمۇ ئۇقۇمايمىزما؟دەپ بىقىڭا،

uyguhurogli 2010-07-23 11:22
ھاجىم  مىنىڭ ئەسسىر نامىزىنىڭ يەنە سۇننىتى با دەپ تۇنجى ئاڭلىشىم ،  

sawer-takat 2010-07-23 11:27
ئىشلىتىش
引用第19楼uygunux于2010-07-23 10:45发表的 :
ئاسسىلامۇ ئەلەيكۇم :
ناھايىتى شەپقەتلىك  ۋە مېھرىبان  ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .
قېرىندىشىم نۇرقىز ! ھە راس نامازنىڭ سۈننىتى توغۇرلۇق سورغانلىرىڭىز باركەن ،  ناماز توغۇرلۇق بىز قۇرئانكەرىمگە قارايدىغانلا  بولساق  100 نەچچىدىن ئارتۇق ئايەتلەر  بايان قىلنىپتۇ  بۇنىڭ ئىچىدە  نامازغا تارەتنى قانداق ئېلىشتىن تارتىپ ، قانداق ئەھۋال ئاستىدا  نامازنى قانداق ئۈتەش ، مەيلى نىمىلا بولمىسۇن نامازنى تەركە ئەتمەسلىك ، بۇلۇپمۇ نامازدىگەرنى ئالدىراپ ۋاختىدا ئۇقۇش ، ئەسىر نامازغا (يەنى توتتىركەت  پەرىزگە توتتىركەت  سۈننەتنى قۇشۇپ ئۈتەشكىچە ) دىمەك  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قۇشۇپ ئۈتىگەنلىكى بايان  قىلىنغان شۇڭا مەن  ئاللاھ  نىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ھەرەمگە  بېرىپ ھەجى تاۋاپ قىلىپ كەلگىلى 6يىلدەك بۇپتۇ  شۇنىڭدىن تارتىپ  مەنمۇ شۇنداق قۇشۇپ ئۈتەۋاتىمەن .
ئەمدى مەخسەتكە كەلسەك سىزنىڭ بىلىۋالماقچى بولغۇنىڭىز  قۇرئان كەرىمدە  نامازنىڭ پەرەزلىرىلا بايان قىلنىپ سۈننەتلىرى بايان قىلىنمىغان  ، دىمەك نامازنىڭ سۈننىتىنى  پەيغەمبىرىمىز  ئۆزى قۇشۇپ  ئۈتىگەن ناماز ، شۇنىڭغا ئاساسەن  پەيغەمبىرىمىز بەزەن تەۋسىيەلەرنى  (يەنى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنمىغان ) ئەمما پەيغەمبىرىمىزنىڭ   سۈننىتى سۈپىتىدە تەۋسىيە قىلىنغان دىمەكچىمۇ سىز ؟ ئەگەردە  سىز  راسلا شۇنداق چۈشەنجىدە  بولغان بولسىڭىز  ، قېنى مىنىڭكىنىمۇ ئاڭلاپ بېقىڭ  ئاللاھ  خالىسا سىزگىمۇ  ھەقنى بىلدۈرىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس . چۈنكى  ئاللاھنىڭ پەزىلى كەڭدۇر .  ئاللاھ  بەندىلىرىگە مىھرىباندۇر  ، دىمەك ئاللاھ  بىرمۇ بەندىسنىڭ كاپىر بۇلۇپ دۇزىخى بۇپكىتىشىگە رازىي بولمايدۇ .
ھەي بىز  شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى  ئاللاھ نىڭ ئەلچىلىرنىڭ مەسۇلىيتى قەۋمىلىرگە  ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى  بىرنىمۇ  قالدۇرماستىن  ، بىرنىمۇ ئاشۇرۋەتمەستىنلا  توغۇرا ئۇسۇلۇپ بىلەن (يەنى ھېكمەتلىك يوللار بىلەن ) ئەينەن  يەتكۈزۈشتۇر .
.......

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئويغۇنۇش  ئەجرىڭىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !
بارلىق ئىنكاسلىرىڭىزغا دىققەت قىلىۋاتاتىم ...ھەم بەزى ئىختىلاپتا ئىدىم  ...ھەم سىزنىڭ قەتتىلىكىڭىزگە قايىل بۇلۇپمۇ قالاتتىم ..
ماۋۇ ئىنكاسىڭىزنى  ئۇقۇپ تەپەككۇر قىلىپ ھەزىم قىلسام  دىگەنلىرىڭىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئەقلىم ۋە تۇيغۇم  گۇۋا بۇلىۋاتىدۇ ...
بەرھەق  پەيغەمبەرلىرىمىز ئاللاھنىڭ ئەلچىسى !شۇنداق بولغانكەن چۇقۇم ئاللاھ ۋەھى قىلغاننى ،ئاللاھ بىلدۈرگەننى ئۈممەتلەرگە يەتكۈزىدۇ ۋە بىلدۈرىدۇ ...پەرىز ياكى سۈننەت بولسۇن ئاللاھنىڭ بىلدۈرگىنى بىزلەرگە يەتكۈزىدۇ ..
يەنە بىرسى ئاللاھنىڭ ۋەدىسى بار قۇرئان كېرەم تا قىيامەتكىچە ئۆزگەرمەي ساقلىنىدىغان  ئاللاھنىڭ بىردىن بىر كىتاۋى  بۇنى ئۆزگەرتىشكە بەندىنىڭ قەتتى ئىمكانىيتى يوق !شۇڭا ئاللاھ خالىسا قۇرئانغا ئېسىلىش قۇرئاننى تەپەككۇر قىلىپ چۈشۈنۈش ...بۇيرۇلغاننى قىلىش ،چەكلىگەندىن چەكلىنىش توغرا !
پەيغەمبىرىمىز ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەلچىلىك سۈپىتى بىلەن ئاللاھنىڭ يەتكۈزگىننى يەتكۈزدى  ..ئەمىليىتىدە ئىجرا قىلدى ..سۈننەتلەرمۇ قۇرئاندىن ھالقىپ كەتكىنى يوق ...دەل قۇرئاندا بۇيرۇلغانلار ...بىزنىڭ ئاددى تەپەكۇرىمىز ..ئەقلىمىز بىلەلمىگەن بىلەن رەسۇلىمىز بىلىدۇ .....ئاللاھنىڭ بىلدۈرگىننى دېڭىزنى سىيا،  بارلىق دەرەخلەرنى قەلەم قىلسىمۇ يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى  ئاللاھ  دىگەن ئەمەسمۇ ؟
<ئاللاھ بىر مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى >دىگەنكەممىز بۇ ھەقنى تۇلۇق چۈشىنىشىمىز كىرەككەن ..
ئاجىز بىلىمىم بىلەن  سۆزلەپ سالدىم ...ئاللاھ  كەچۈرگەي  .

salkin11 2011-03-12 22:00
ناھايىتى ياخشى يوللاپسىز ... سىز كونا ئىكەن ، يېڭى ئەزا بولغان مەنمۇ بۇ بىكەتتىن شۇنداق بىر خىل بىئارام بولىدىغان بولۇپ قالدىمغۇ ؟ مەن چىقاي ... بولدىلا ئىشىمنى قىلاي ...


查看完整版本: [-- مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارغا --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.055540 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us