باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3200 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: <ماغدۇر كەتكەندە>نىڭ داۋامى <ھىكايە>
ھايات مەقسەت ئەمەس، بىر جەريان.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4750
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 187
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە187دانە
ئۆسۈش: 450 %
مۇنبەر پۇلى: 2213 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-01-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-07 10:49

<ماغدۇر كەتكەندە>نىڭ داۋامى <ھىكايە>

 <ماغدۇر كەتكەندە>نىڭ داۋامى
               <ئويتاغ>
 ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار !  پىشۋا يازغۇچىمىز  زۇنۇن قادىرىنىڭ < ماغدۇر كەتكەندە >ناملىق ھىكايىسى ھەربىرىمىزگە ناتونۇش بولمىسا كىرەك . مەن تولۇق ئوتتىرىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا  تونجى قېتىم  ئوقۇپ شۇنچىلىك تەسىر قىلغان ئىدى . ئەدەبىيات مۇئەللىمىمىز مۇشۇ ھىكايە باش قەھرىمانى باقىنىڭ  باللىلىرى توغرىسىدا بىر پارچە ھىكايە يېزىش مەشىقى   ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى ، بۇگۈن شۇ يازمىلىرىمنى
 كۆرۈپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز يازغان ھىكايەمنى<بەلكىم ھىكايە دىگىلىمۇ  بولماس> مۇنبەرداشلار  بىلەن ئورتاقلىشىپ باققۇم كەلدى. سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى يازغىنىم شۇنچىلىك ،   مۇنبەرداشلارنىڭ تەكلىپ- پىكىرنى ئايىماسلىقىنى سورايمەن . 
         <ماغدۇر كەتكەندە>نىڭ داۋامى
                 ... ئارىدىن بىر نەچچە يىللار ئۆتتى . مەن تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە باقى ۋە باقىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمىلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كىتىپتىمەن. ئېغىر ئەمگەك ، تۈگىمەس ھاشار-سېلىق  دەستىدىن مىنىڭ بويۇممۇ پۈكۈلۈشكە باشلىدى.ھەممىنى زىرىكتۈرگۈچى ھايات يەنە داۋام ئەتمەكتە.
        بۇ يىل باھار باشقا يىللارغا قارىغاندا خېلى بۇرۇن كەلدى.ئەتراپ گۈل-چىچەكلەرگە تولغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادام ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. ئۇنىڭغا قاراشلىقى بارى يوق ئون خو يەر، ئۇنىمۇ تېرىمىسا كۈزدە سېلىققا نىمە تۆلەيدۇ؟ ئۆزۈمنىڭ يىرىنى قويۇپ دادامنىڭ يىرىگە قوش سالدىم.ئانامنىڭمۇ قەددى مۈكچەيگەن ، مىنىڭ بالا چاغلىرىمدىكى كەتمەننى گۈرسىلدىتىپ       چېپىپ،ئەرلەردەك چام ئالىدىغان ،سۇ تۇتىدىغان مەزمۇت ئايال نەلەردە قالدىكىن؟ يىللار ئۇنىڭ
 ياشلىق گۈللىرىنى توزۇتقان ،   ئېغىرتۇرمۇش يىلىكىنى قۇرۇتۇپ قەدەملىرىنى قىسقارتقان. تېخى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كۆك تىرىپ چۆچۈرە تۈگۈپ ، سامسا يېقىپ بىرىدىغان ئانا نەدە قالدىكىن ؟ ئازراق ماڭسا نەپسى سىقىلىپ بۇغۇلۇپ كىتىدۇ،تۇرۇپ ئەس- ھۇشىنى يوقىتىپ بالىلىرىنىمۇ    تونىماي قالىدۇ.ئۆرە تۇرغىنى بىلەن ئەھۋالى دادامدىنمۇ ئېغىر. تەقدىرنىڭ تەتۈر پەلىكى ئىشەنىچ تاغلىرىمدىن ئايرىپ بۇينۇمنى قىسىپ قويارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن....  
  - بالام ، داداڭ بەك يوغان قالدى،كۈندە زاغرا يەپ ئوماچ ئىچىۋەرسە ئۆرە بولالمىكى تەس ، دەپ سۆز ئالدى ئانام نۇرسىز كۆزلىردە ماڭا تەلمۈرۈپ، - كۈزدەئورىغا كۆمۈپ قويغان بىر چارەك بۇغداي بار ئىدى ،شۇنى تۈگمەندە تارتىپ كەلسەڭ بوپتىكەن! داداڭغا ئوبدانراق تاماق قىلىپ بىرەيلى.                                                                                                                    
    - جېنىم ئانا ،مان تارتىپ كىلەي، دىدىم كۆزلىرىمدىكى ياشنى سۈرتكەچ. -مەنمۇ بىر پەرزەنىت  دەيمەن ئىچىمدە ، يا بىر پارچە نانغا يا بىر ۋاق  ياخشى تاماققا قادىر بولالماي . ھەجەپ بىر زامانلار بولىۋاتىدىغۇ تاڭ!
        ئۆشنەمگە كونا تاغاردا بارى يوق بىر چەرەك بۇغداينى ئارتىپ تاش ئۆستەڭنى بويلاپ تۈگمەنگە كىتىپ بارىمەن. نەزمىچى قۇشلارغا نىمە بولدىكىن ؟ سايراشلىرى ئاڭلانمايدۇ. گۈللەرنىڭ بەرگىدە كىپىنەكلەرمۇ كۆرۈنمەيدۇ.پەقەت ئۆستەڭنىڭ شارقىراپ ئېقىشىلا ھاياتلىقتىن خەۋەر بەرمەكتە.بۈك سۆگەتلىكنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان تاش تۈگمەنگە كۈن قايرىلغاندىلا ئاران ئۇلاشتىم.  
  -ئۈگۈت يوق ،نەچچە كۈندىن بېرى تۈگمەننى توختىتىپ قويغانتىم ، قايسى كۈنى يامۇلدىن ئۇن سېلىقىنى سۈيلەپ ئادەم كەپتىكەن ، دەپ ھال ئېيىتتى تۈگمەنچى ئۆشنەمدىن تاغارنى ئالغاچ ، - ئىسسىق جاندىن باشقا ھىچ نەرسەم يوق، ئالساڭ جاننى ئال دىدىم،  ئەگەر يەنە تاپشۇرمىسام تۈگمەننى ئالغۇدەك ، ئالسا ئالا  بۈگۈن بەرگەن خۇدايىم ئەتە ئاچ قويماس.  تۈگمەنچىگە تەسەللىي بەرگەچ ئىڭىشىپ ئۆستەڭ سۈيىدىن ئۇچۇملاپ ئىچتىم . مۇزدەك سۇ ھارغىن تىنىگە ئاراملىق بەرگەندەك بولدى. تۈگمەنچى چاقىپەلەك نورىغا سۇ باشلاپ تۇرىشىغا ئۆستەڭنىڭ باش ئېقىنىدىن بىر ئايال بىلەن ئۆشنىسىگە تاغار ئارتقان بىرسىنىڭ قارىسى كۆرۈندى.
تاغار ئېغىر بولسا كىرەك ، تاغار كۆتۈرگىنى يەرگە چاپلىشىپ ئاران ماڭاتتى.              
   - ھەي ، بىچارە! -دىدى تۈگمەنچى ، - باقى ھايات بولغان بولسىمۇ بۇنداق كۈنگە قالماس ئىدى، كىچىكلا تۇرۇپ پەلەكنىڭ قازىنىدا قايناۋاتىدۇ.                                            
  -  باقى ... باقىنىڭ بالىسىما؟  قايسى بالىسى؟  ھازىر قايەردە؟  نەدە تۇرىۋاتىدۇ؟  تۈگمەنچىنى سۇئالغا كۆمۈپ تاشلىدىم.
-باقىنىڭ ئۈچ بالىسىدىن مۇشۇ كىلىۋاتقان بالىسى مۇشۇ مەھەللىدە ،ئۆز ئۆيىدە تۇرىۋاتىدۇ. 
 كۆز ئالدىمغا بىر چاغدىكى ئالۋاستى كەپىسى كەلدى.
     - قىزىنى قەشقەردىن چىققان بىر كىشى بېقۋېلىپ ئېلىپ كەتكەن ، كىچىك ئوغلىنى ھەسەن موزىدۇز بېقىۋالغان بۇلتۇر چىچەك چىقىپ ئۆلۈپ كەتتى، چوڭى ئەنە كىلىۋاتقىنى شۇ  .
      -كىم ئاتىدارچىلىق قىلدى؟   
      - ھىچكىم ، باقى ئۆلگەندىن كىيىن بۇنىڭغا كىشلەر بۈگۈنى ئۇ ئەتىسى بۇ ئازراقتىن تاماق ،
كونا كىيىملىرىنى بىرىپ كەلگەن ، كىيىن كىشلەرنىڭ ھالى يامانلاشقانچە بۇنىڭغا قارايدىغان ئادەم قالمىدى، بىچارە ئۇنىڭ بۇنىڭ ئىشىكىدە ئىشىنى قىلىپ بىرىپ جېنىنى بېقىۋاتىدۇ. 
        ئۇلار تۈگمەنگە يېقىنلاپ كىلىشىگە تۈگمەنچى يۈگىرەپ بېرىپ تاغارنى ئالدى . مەن ئۇنىڭغا سەپ سالدىم. ئاياقسىز پۇتلىرى كەس-كەس يېرىلغان ، ئاستىغا تولا يامىلىپ يەتمىش يىرىگە ياماق چۈشكەن ئىشتان  ، ئۈستىگە بىرەر خالىس كىشى بەرگەن بولسا كىرەك ئايالچە كوپتا كىيىۋالغان، قوللىرى تال چىۋىقتەك ئىنىچكە ، يۈزلىرى قاسماق ھەم مەينەت ، چاچلىرى ئۆسۈپ گەدىنىگە چۈشكەن. پەقەت پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزلىرىلا ئۇنىڭ ھايات بىر جان ئىگىسى ئىكەنلىكىدىن  خەۋەر بەرمەكتە. 
    - ھەي يىتىملىك، دىدىم ئىچىمدە.
   تاۋار باللار تاۋار باللار،
تاۋاردىن ئەتىۋار باللار.
ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ،
غېرىپ خار- زار  باللار.   
 
    - سەنمۇ چوڭ بوپسەن ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر ! ياخشى كۈنلەرگە ئۇلىشىدىغان
كۈنلەرمۇ كىلەر! -دىدىم ئۇنىڭ تۈگمەنچى بەرگەن پۇچۇق قوتۇرماچنى يالماپ يەۋاتقان ،
 ئاچ بۆرىگە ئوخشاپ قالغان چىرايىغا قاراپ.   
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(general) ئىجادىي ئەسە ..
  • all praise to allah , the lord of the worlds
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1369
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1369دانە
    ئۆسۈش: 330 %
    مۇنبەر پۇلى: 14530 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-27
    ئاخىرقى: 2012-01-07

    ئاخىرى باردۇر ئويتاغ ،،  ساخلايمىز جۇما ، ئەمما ئەسلى ماغدۇر كەتكەندە دىگەن ئەسەرنى زادىلا ئەسلىيەلمەيۋاتىمەن ،، ھىلىقى دەھشەت ھۇرۇن ، ئىتىز بىشىدا ئۇخلاپ قالىدىغان بىر ئادەم تەسۋىرلىنىدىغان ھىكايە بولىدىغان شۇمۇ  ئەمەسمۇ ؟
    دوستلىشىش
    مەنزىرە
    ئۆلمىگەن جاندا ئۈمۈد بار......................
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7036
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 449
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە449دانە
    ئۆسۈش: 140 %
    مۇنبەر پۇلى: 4692 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-04-12
    ئاخىرقى: 2011-12-08
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-08 15:03

    قەلىمىڭىز شۇ ۋاقىتقا نىسبەتەن ئۆتكۈركەن جۇمۇ؟!
    ياخشى يېزىپسڭز......
    ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.......
    بۇ زادى نېمىدۇ؟
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1224
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1224دانە
    ئۆسۈش: 790 %
    مۇنبەر پۇلى: 13106 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-14
    ئاخىرقى: 2012-01-07
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-08 22:07

    بۇرۇنلاردا  تاماقنىڭ  ناچارلىقىدىن ئاغرىسا ،ھازىر  تاماقنىڭ  ئېسىللىقىدىن  ئاغرىپ  قېلىۋاتىمىز.......
    ئاتىلىرىمىزنىڭ  يېرىمىچىلىك  بولسىمۇ  ئادەم  بولالىغان  بولساق  ھە~~~
    سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
    ھايات مەقسەت ئەمەس، بىر جەريان.
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4750
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 187
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە187دانە
    ئۆسۈش: 450 %
    مۇنبەر پۇلى: 2213 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-12
    ئاخىرقى: 2012-01-05
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-09 21:28

     
    زۇنۇن قادىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
        1.زۇنۇن قادىرىنىڭ ھاياتى:  زۇنۇن قادىرى 1911-يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە غۇلجا شەھرىگە كۆچۈپ كەلگەن. دەسلەپ دىنىي مەكتەپتە، ئاندىن پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغان. 1935-يىلى غۇلجىدا ئېچىلغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا كىرىپ بىر يىل ئوقۇغان. 1936-يىلى غۇلجا شەھرىدىكى بەيتۇللا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1937-يىلى ئۈرۈمچىگە كىلىپ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىككى يىل، ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپىدە بىر يىل ئوقۇغان. 1941-يىل غۇلجىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارمىغىدىكى سانايىنەفىسەدە ئارتىس، ئىجادىيەتچى ۋە ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندا ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ھەربى مۇخبىر بولغان. 1945-يىلدىن باشلاپ «كۆرەش»، «ئىتتىپاق» قاتارلىق زورناللاردا مۇھەررىر ۋە باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1951-يىلدىن 1954-يىلغىچە غۇلجا قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1954-يىلى يازدا ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كىلىپ، ئۆلكىلىك مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئىجادىيەت بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. 1957-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان ھەم مەملىكەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ئىلمىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1962-يىلدىن 1979-يىلغىچە ئون سەككىز يىل تارىمدا نەزەربەند ھىسابىدا جىسمانىي ئەمگەككە سېلىنغان. 1979-يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كىيىن دەم ئېلىشقا چىققان. 1989-يىلى ئالمائاتاغا تۇغقان يوقلاشقا بېرىپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 78 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ھەم شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.   2. زۇنۇن قادىرىنىڭ ئىجادىيىتى:  (1) زۇنۇن قادىرىنىڭ دىرامما ئىجادىيىتى: زۇنۇن قادىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1937-يىلى رەسمىي باشلانغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيەت مىۋىسى «جاھالەتنىڭ جاپاسى» دىگەن ئۈچ پەردىلىك دىراممىسى بولۇپ، بۇ دىرامما سەھنىلەردە ئوينىلىشى بىلەنلا جامائەت ئارىسىدا قىزغىن قارشى ئېلىنغان. تۇنجى ئىجادىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن ئىلھاملانغان يازغۇچى زۇنۇن قادىرى دىرامما ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ قىزغىن ئىشتىياق باغلاپ « ئۇچراشقاندا»، «پارتىزانلار ئەترىتى»، «ھەر ئىشنىڭ يولى بار»، «غۇنچەم» ۋە «گۈلنىسا» قاتارلىق دىراممىلارنى يازغان. بۇ دىراممىلاردا يازغۇچى شۇ مەزگىللەردىكى خەلقىمىزنىڭ ئازادلىققا بولغان تەلپۈنۈشى ۋە زۇلۇمغا قارشى كۆرەش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. زۇنۇن قادىرى ئازاتلىقتىن كېيىن «توي» دىگەن دىراممىسىنى يازغان بۇ دىرامما 1955-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن دىرامما-تىياتىر كۆرىكىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. «غۇنچەم» دىراممىسى – زۇنۇن قادىرى ئىجادىيىتىدە، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىراممىچىلىقىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان، ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە ئەسەردۇر. بۇ دىرامما ئۈچ پەردە، بەش كۆرۈنۈشلۈك بولۇپ، 1941-يىلى غۇلجىدا يېزىلغان ۋە شۇ مەزگىللەردىلا سەھنىلەردە ئوينۇلۇپ چوڭ داغدۇغا قوزغىغان. بۇ دىراممىدا تىپىك خاراكتىرگە ئىگە پىرسۇناژلار ئوبرازى يارىتىلغان بولۇپ، كىشىگە چىنلىق تۇيغۇسى ۋە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ.  (2) زۇنۇن قادىرىنىڭ ھىكايە ئىجادىيىتى: زۇنۇن قادىرى 1940-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ھىكايە ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن بولۇپ، «مۇئەللىمنىڭ خېتى»، «رودۇپاي»، «كۈچۈككە ھۇجۇم»، «ئىككى بارمىقىم بىلەن»، «ماغدۇر كەتكەندە» قاتارلىق بىر تۈركۈم ياخشى ھىكايىلەرنى يېزىپ، خەلقىمىزنىڭ شۇ يىللاردىكى ئىچىنىشلىق ھايات قىسمەتلىرىنى خىلى يۇقۇرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن. بۇ ھىكايىلەر ئەدەبىيات ساھەسىدە زىلزىلە پەيدا قىلغان بولۇپ، شۇ دەۋر ھىكايىچىلىقىنىڭ گۈلتاجىسى ھىساپلىنىدۇ. زۇنۇن قادىرى شۇ يىللاردا يەنە ئەدەبىي تۈسى ناھايىتى قويۇق بولغان بىر تۈركۈم ئوچىرىكلارنى يازغان بولۇپ، «شەپقەت ھەمشىرىسى» دىگەن ئوچىرىكى ناھايىتى داڭلىق. زۇنۇن قادىرى ئازادلىقتىن كىيىن «چېنىقىش»، «گۇمان»، «رەھمەت»، «ئەسلەش» ۋە «قىزىلگۈل» قاتارلىق ھىكايىلەرنى، «ئەخمەتجان قاسىمى» ناملىق ئەسلىمىسىنى، «بىر دىھقان يىگىت بىلەن سۆھبەت»، «بەختىخاننىڭ بەختى» قاتارلىق ئوچىرىكلارنى يازغان. 1980-يىللاردا زۇنۇن قادىرى يەنە «خاتىرىلەر» دىگەن ئۆزىنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق مەزگىللىرى ھەققىدىكى ئەسلىمىسىنى يازغان.  زۇنۇن قادىرى ھىكايىلىرى ئىچىدە «ماغدۇر كەتكەندە» دىگەن ھىكايىسى بىلەن «چېنىقىش» دىگەن ھىكايىسى ناھايىتى ياخشى يېزىلغان مەشھۇر ھىكايىلەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ ئىككى ھىكايە ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ھىكايىچىلىقىدىكى ئىككى ئابىدە. بۇ ئىككى ھىكايە زۇنۇن قادىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ھىكايىچىلىقىنىمۇ دۇنياغا تونۇتقان. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ھىكايىچىلىقىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يۇقۇرى چوققىسىنى نۇشۇ ئىككى ھىكايە ياراتقان. «ماغدۇر كەتكەندە» ھىكايىسى – 1948-يىلى غۇلجىدا يېزىلغان بولۇپ، تېخى ھىچكىمنىڭ ئەسىرىدە ئۇيغۇر يېزىلىرى زۇنۇن قادىرىنىڭ بۇ ھىكايىسىدە تەسۋىرلەنگەندەك ئۇنداق چىرايلىق تەسۋىرلەنمىدى، دىسەك خاتا بولمايدۇ.  «چېنىقىش» ھىكايىسى – زۇنۇن قادىرىنىڭ 1950-يىللاردا يازغان مەشھۇر ھىكايىسى. بۇ ھىكايە ئۆزگىچە ئۇسلۇپقا ئىگە بولۇپ، «بۇ ئۇسلۇپنى قەلەم يەڭگىل، تىل قىزىقارلىق، تەسۋىرلەر يۇمۇرلۇق، كەيپىيات يورۇق ۋە يەڭگىل دەپ خۇلاسىلەشكە بولىدۇ»(ئازاد سۇلتان).  (3) زۇنۇن قادىرىنىڭ مەسەل ۋە چۆچەك ئىجادىيىتى: زۇنۇن قادىرى ئەدەبى ھاياتىدا يەنە مەسەل چۆچەك ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللۇنۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. ئۇ يازغان «چۆجە بىلەن سېغىزخان»، قوشچى بىلەن چاشقان»، «بۇلبۇل بىلەن سۈڭگۈلىگۈچ» «قاغا بىلە كەپتەر» قاتارلىق شېئىرىي مەسەللەر ۋە «ئالتۇننىڭ تەسىرىدە»، «لەئەل شاھ بىلەن ئىپارگۈل» قاتارلىق نەسرىي چۆچەكلەر ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرى ئىجات قىلغان مەسەل-چۆچەكلەر ئىچىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. زۇنۇن قادىرىنىڭ يەنە «ماكسىم گوركى»، «روھىي ئوزۇق توغرىسىدا» قاتارلىق بىر قىسىم ئەدەبىي ماقالىلىرىمۇ بار. زۇنۇن قادىرىنىڭ «غېرىپ – سەنەم» ناملىق دىراممىسى ۋە كىنو سىنارىيەسى، «غەزەپ» ناملىق بىئوگىرافىك رومانىنىڭ مۇكەممەل لايىھەسى قالايمىقان يىللاردا يوقىلىپ كەتكەن. زۇنۇن قادىرى – ئەدەبىياتىمىزدىكى تۆھپىكار يازغۇچى. گەرچە ئۇ بەك ھوسۇللۇق يازغۇچى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھەر بىر پارچە مۇنەۋۋەر ئەسىرى ھەر قايسى دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان نادىر ئەسەرلەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.   3. زۇنۇن قادىرىنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرى:  (1) «غۇنچەم» ــ مەسەل، ھىكايە، دىراممىلار توپلىمى. مىللەتلەر نەشرىياتى. 1957-يىل نەشرى. (2) «چېنىقىش» ــ ھىكايىلەر توپلىمى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1957-يىل نەشرى. (3) «غۇنچەم» ــ دىراممىلار توپلىمى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1980-يىل نەشرى. (4)«خاتىرىلەر» ــ ئاپتوبىئوگىرافىك ئەسلىمە. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1984-يىل نەشرى. (5) «مەسەل ۋە چۆچەكلەر» ــ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1986-يىل نەشرى. (6)«زۇنۇن قادىرى ئەسەرلىرى» ــ ئومۇمىي توپلام. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1992-يىل نەشرى. (7) «چېنىقىش» - ھىكايىلەر توپلىمى(خەنزۇچە). جۇڭگۇ يازغۇچىلار نەشرىياتى. 1958-يىل نەشرى. (8) «غۇنچەم» ــ دىراممىلار توپلىمى(خەنزۇچە). جۇڭگۇ تىياتىر نەشرىياتى. 1960-يىل نەشرى. زۇنۇن قادىرى يېزىشقا قاتناشقان «غېرىپ – سەنەم» كىنو سىنارىيەسى 1980-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. «چېنىقىش» دىگەن ھىكايىلار توپلىمى 1980-يىللاردا يەنە قايتا نەشىر قىلىنغان.
    all praise to allah , the lord of the worlds
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1369
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1369دانە
    ئۆسۈش: 330 %
    مۇنبەر پۇلى: 14530 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-27
    ئاخىرقى: 2012-01-07
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-09 21:31

    ھوي بۇرادەر ئاخىرى يوقما بۇ ھىكايىنىڭ ؟؟؟؟؟
    ھايات مەقسەت ئەمەس، بىر جەريان.
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4750
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 187
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە187دانە
    ئۆسۈش: 450 %
    مۇنبەر پۇلى: 2213 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-12
    ئاخىرقى: 2012-01-05
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-09 22:22

    5-قەۋەت (fatih204) نىڭ يازمىسىغا

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم !   يەنە داۋاملاشتۇرغۇم بار ئىدى ، لىكىن دەۋىر ئارقا كۈرىنىشىنى ئىپادىلەشتە قىينىلىپ قالدىم . مىنىڭچە باقى پەرزەنىتلىرىنىڭ تەقدىر كەچمىشى بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ كەچمىشلىرنىڭ بىر كارتىنىسى خالاس!
       باقىنىڭ بۇ ئوغلى كونا دەۋىر بىلەن خوشلىشىپ يېپيېڭى دەۋىرگە چوقۇم ئولىشىدۇ ، ھەم ئازات زاماننىڭ ئەڭ سادىق كۈيچىسىگە ئايلىنىدۇ. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ بوران چاپقۇنلىرىدا قايمۇقۇپ ياكى شامالغا ئۇچراپ كەتمىگەنلا بولسا  ھازىرمۇ بىزنىڭ مۆتىۋەر مويسىپىتلىرىمىزنىڭ بىرى بۇلۇپ سىز  ۋە  بىزگە چۆچەك سۆزلەپ بىرىۋاتقان  بولىدۇ!
    ھەقىقەت ئىككى كىشىگە مۇھتاج،بىرى سۆزلىگۈچى،يەن& ..
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1207
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 191
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە191دانە
    ئۆسۈش: 330 %
    مۇنبەر پۇلى: 2193 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-26
    ئاخىرقى: 2012-01-07
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-18 17:03

    Re:5-قەۋەت (fatih204) نىڭ يازمىسىغا

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى uytag نىڭ 2011-05-09 22:22 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 5-قەۋەت (fatih204) نىڭ يازمىسىغا :
    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم !   يەنە داۋاملاشتۇرغۇم بار ئىدى ، لىكىن دەۋىر ئارقا كۈرىنىشىنى ئىپادىلەشتە قىينىلىپ قالدىم . مىنىڭچە باقى پەرزەنىتلىرىنىڭ تەقدىر كەچمىشى بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ كەچمىشلىرنىڭ بىر كارتىنىسى خالاس!
       باقىنىڭ بۇ ئوغلى كونا دەۋىر بىلەن خوشلىشىپ يېپيېڭى دەۋىرگە چوقۇم ئولىشىدۇ ، ھەم ئازات زاماننىڭ ئەڭ سادىق كۈيچىسىگە ئايلىنىدۇ. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ بوران چاپقۇنلىرىدا قايمۇقۇپ ياكى شامالغا ئۇچراپ كەتمىگەنلا بولسا  ھازىرمۇ بىزنىڭ مۆتىۋەر مويسىپىتلىرىمىزنىڭ بىرى بۇلۇپ سىز  ۋە  بىزگە چۆچەك سۆزلەپ بىرىۋاتقان  بولىدۇ!

         دىمىسىمۇ ھازىرقى بۇ نەشەرياتچىلىقتا مۇشۇنداقلا داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن!!!!
    ئەمما ھازىر "ماغدۇر"داۋاملىق كېتىۋاتقاندەك!!!!!ھەممە ئادەم تېشىدا ھېيىت ئويناپ يۈرگەن بىلەن ئېچىدىن توپا ئۆرلەپ كەتكەن!!!!
    تاۋار باللار تاۋار باللار، تاۋاردىن ئەتىۋار بال& ..
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5274
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 33
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە33دانە
    ئۆسۈش: 100 %
    مۇنبەر پۇلى: 415 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-28
    ئاخىرقى: 2011-12-22
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-26 15:59

    تاۋار باللار تاۋار باللار،
    تاۋاردىن ئەتىۋار باللار.
    ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ،
    غېرىپ خار- زار  باللار

    بەك تەسسىر  قىلدى ماڭا     رەخمەت سسىزگە
    دوستلىشىش
    dulbarqin310
    ئاللاھ خالىسا كۈلۈپ ياشايمەن.
    دەرىجە: چولپان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 905
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە905دانە
    ئۆسۈش: 530 %
    مۇنبەر پۇلى: 9523 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-31
    ئاخىرقى: 2012-01-07
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-04 19:04

    ماغدۇر كەتكەندە ناملىق ھىكايىنى ئوقۇغاندا چىدىماي يىغلاپ كەتكەنتىم. ئەمدى داۋامىنى كۆرۈپمۇ يەنە بىر قىسما بۇپ قالدىم. لېكىن راست ياخشى يېزىپسىز جۇمۇ!
    دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
    ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.