باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1360 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاياللارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق – مەنپەئەتلىرى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7260
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-05
ئاخىرقى: 2011-05-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-05 23:41

ئاياللارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق – مەنپەئەتلىرى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما general تەرىپىدىن تەرجىمە ئەسەرلەر بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-05-07)
ىمىزنىڭ ‹‹ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى›› يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتى كۈچلۈك قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە بولدى«ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى›› دا: ‹‹ئاياللار ھەر خىل يول ۋە شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا، ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا ھوقۇقلۇق؛ ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر سايلاش – سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ ئاياللارنىڭ تەنقىد، تەكلىپ بېرىش، ئەرز – شىكايەت قىلىش ۋە پاش قىلىش ھوقۇقى بار›› دەپ بەلگىلەنگەن«ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى››دا مەكتەپ، ئائىلە، ھۆكۈمەت قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش بولۇپمۇ قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلارنىڭ تەلىم – تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇنىي مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى ئېنىق بەلگىلەنگەن«ئەمگەك قانۇنى›› ۋە ‹‹ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى››دا ئاياللارنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىنى ئالاھىدە قوغداش بەلگىلەنگەن ئورۇنلار ئىشچى – خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا ئاياللارنى كەمسىتىش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە تۈزۈشكە بولمايدۇ، 16 ياشقا توشمىغان قىزلارنى ئىشقا قوبۇل قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئەمگەك ھەققى ۋە ماددىي تەمىنات، پاراۋانلىق جەھەتتە ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ ئاياللار ۋەزىپە، دەرىجە ئۆستۈرۈش، كەسىپ تېخنىكا جەھەتتە تەربىيەلىنىش ۋە ئەمگەك مۇھاپىزىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە؛ئاياللار ھەيز كۆرگەن، ھامىلىدارلىق، تۇغۇت، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە ئالاھىدە ئاسرىلىدۇ؛ ھەر قانداق ئورۇننىڭ ئاياللارنىڭ توي قىلىشى، ھامىلىدار بولۇشى، تۇغۇت دەم ئېلىشى، بالا ئېمىتىشىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشىگە، ئىشتىن بوشىتىۋېتىشىگە ۋە ئەمگەك توختامى، مۇلازىمەت كېلىشىمىنى بىكار قىلىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛  ئورۇنلار ئايال ئىشچى – خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا ئۇلار بىلەن ئەمگەك توختامى، تەكلىپلىك ئىشلىتىش توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمى تۈزگەندە ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ توي قىلىشى، پەرزەنت كۆرۈشىنى چەكلەيدىغان مەزمۇنلارنى بەلگىلىمەسلىكى كېرەك؛ئاياللار دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن، تۇغۇت سۇغۇرتىسى تۈزۈمىدىن بەھرىمەن بولىدۇئاياللارنىڭ مال – مۈلۈك ھوقۇق – مەنپەئەتى قوغدىلىدۇ ئورتاق مال – مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە؛ يېزىلاردا يەر ھۆددە ئېلىش، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات پايدىسىنى تەقسىملەش، يەر ئېلىش ياكى يەردىن پايدىلىنىش تولۇقلىما ھەققىنى ئىشلىتىش، ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە؛ ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاياللارنىڭ توي قىلغانلىقى، ئاجراشقانلىقى ۋە ئېرى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ توي قىلغان ياكى ئاجرىشىپ كەتكەن ئاياللارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك تىجارەت ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ؛ئاياللار مال – مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىشتا ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە ئاياللارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى قوغدىلىدۇ ئاياللارنى قانۇنسىز نەزەربەند قىلىش، جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلىش شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يېنىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ؛ئاياللارنى خورلاش، تاشلىۋېتىش، ناكار قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ قىز بوۋاقلارنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش، تاشلىۋېتىش، ناكار قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ قىز تۇغقان ئاياللار ۋە تۇغماس ئاياللارنى كەمسىتىش، خورلاش مەنئى قىلىنىدۇ؛ئاياللارغا زورلۇق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تۆرەلمىنىڭ جىنسىنى تەكشۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئاياللارنىڭ نام – ئاتاق ھوقۇقى، شان – شەرەپ ھوقۇقى، شەخسىيەت ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى ۋە ئادىمىيلىك ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ ئاياللار نىكاھقا ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە. ئاياللارنىڭ توي قىلىش، ئاجرىشىش ئەركىنلىكى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ئاياللار ھامىلىدار مەزگىلىدە، تۇغقاندىن كېيىن بىر يىل ئىچىدە ياكى ھامىلىنى چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ئالتە ئاي ئىچىدە ئەر ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ، ئاياللارغا ئائىلە زۇلمى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئەر – خوتۇن ئورتاق مال – مۈلۈكنى ئىگىلەش، ئىشلىتىش، مەنپەئەتلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئايال بالىنى بېقىپ تەربىيەلەش، ياشانغانلارنى كۈتۈش، ئېرىنىڭ خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشقا كۆپرەك ئەجىر سىڭدۈرگەن بولسا، ئاجراشقاندا ئەردىن تولۇقلىما تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىگە ۋەسىيلىك قىلىش ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قېلىپ ياكى باشقا ئەھۋالدا قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىگە ۋەسىي بولالمىغاندا، ئانىنىڭ ۋەسىيلىك ھوقۇقىغا ھەر قانداق كىشىنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
مەسجىد ئەقسا,ئۇمۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنچى قىبلىسى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1282
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1282دانە
ئۆسۈش: 3060 %
مۇنبەر پۇلى: 15279 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-09-03

مۈشۈك ئېيىق بىزدىن ئەتىۋا جۇمۇ..ھى ھى
atimiz qukum bugundin guzal bulidu !mana bu umid!!!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 130
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 684
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە684دانە
ئۆسۈش: 460 %
مۇنبەر پۇلى: 7191 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-03
ئاخىرقى: 2012-09-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-06 12:20

  دەۋرىمىز ئۇيغۇرلىرىدا دەل مۇشۇ قانۇن سەۋەپلىك نۇرغۇن زىددىيەتلەر مەيدانغا كەلدى . قىز - ئاياللىرىمىزنىڭ بۇ قانۇنغا بولغان تۇنۇشنىڭ توغرا بولماسلىقى سەۋەپلىك  ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر ئۆتكۈرلەشتى .
راستچىللىق ----------- ئادىمىلىكنىڭ بىرىنچى قەدىمى !!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 525
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 230
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە230دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 2720 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-05
ئاخىرقى: 2012-08-25
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-06 21:18

ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپسىز، داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز.