باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1122 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يېزا تۇرمۇشى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 11 %
مۇنبەر پۇلى: 2 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-27
ئاخىرقى: 2010-12-22
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-05-27 23:17

يېزا تۇرمۇشى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-05-28)
باش خورازنىڭ چىللىغان ئۈنى،
ئويغىتىدۇ تېمەن بوۋاينى.
تاھارەت چۈن چۆگۈننى ئېلىپ،
قاراپ تاڭغا كۈتەر ئەزاننى.

بۇچاغقىچە تېتىك مومايمۇ،
جەينامازغا كىرىپ بولىدۇ.
دۇئا قىلىپ بوۋىيى ئۈچۈن،
مەسچىتلەرگە قاراپ قالىدۇ.

شۇنداق قىلىپ بىركۈنلۈك ھايات،
باشلىنىدۇ گۈزەل سەھەردىن.
خاتىرجەملىك ئەكىس ئېتىدۇ،
كەتمەن تۇتقان بوۋاي قولىدىن،
بولسا كېرەك دەل مۇشۇيەردە،
يېزاپەرقى ئاۋات شەھەردىن.

ئەتتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن،
جاڭگاللادا مەرەيدۇ پاقلان.
نەۋرىلەرنى يېغىپ يېنىغا،
مومام ئېيتارقىسىسە-داستان.

بوزھاڭگىنىڭ سوزۇپ ھاڭرىشى،
دېرەك بىرەر ئوۋمائورۇشتىن.
چارچىمايدۇ ئىشچان دېھقانلار،
ئوۋما ئورۇپ خامان سورۇشتىن.

ھەممە خۇشال ھەممە خاتىرجەم،
تۇرمۇش ئۆتەر شۇنداق كۆڭۈللۈك.
بەرق ئۇرار ھەربىر چىرايدىن،
خۇش تەبەسسۇم ئۆملۈك-ئىناقلىق.

ئەسىرلەردىن قالغان مىراس شۇ،
ئاق كۆڭۈللۈك ساددا مۇلايىم.
ھەرقەلىبتە ئەكىس ئېتىدۇ،
تەبىئى سۆيگۈ بىخلىنىپ دائىم.

سەھرادىكى گۈزەل تۇرمۇشتىن،
سىزدىم پەقەت كىچىك كارتىنا.
بىر سىھرى كۈچ بولغاچ يېزامدا،
سىزنىمۇ ھەم قىلار مەھلىيا.






باھالاش خاتىرىسى:
  • 铜币:+1(kangsay)
  • دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 4
    ئومۇمىي يازما: 251
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە251دانە
    ئۆسۈش: 50 %
    مۇنبەر پۇلى: 680 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-18
    ئاخىرقى: 2012-03-29

    يىزامغا مەن ئامراق..
    ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ﷲ !!
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 5
    ئومۇمىي يازما: 475
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە475دانە
    ئۆسۈش: 228 %
    مۇنبەر پۇلى: 890 سوم
    تۆھپىسى: 4 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-05-28
    ئاخىرقى: 2012-01-16
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-05-29 17:42

    مەن ھەر يېلى يۇرتۇم بولغان تۇرپانغا بىر بېرىپ كەلمىسەم چىدىمايمەن........
    سەھرالارنىڭ ھاۋاسى بەكمۇ ياخشى ، ئادەملىرى ئاندىن ،ئۇ يەرىدن نۇرغۇن نەرسىلەرنى
    تاپقىم كېلىدۇ،  

    تېمىڭىزغا تەشەككۈر