باش خورازنىڭ چىللىغان ئۈنى،
ئويغىتىدۇ تېمەن بوۋاينى.
تاھارەت چۈن چۆگۈننى ئېلىپ،
قاراپ تاڭغا كۈتەر ئەزاننى.
بۇچاغقىچە تېتىك مومايمۇ،
جەينامازغا كىرىپ بولىدۇ.
دۇئا قىلىپ بوۋىيى ئۈچۈن،
مەسچىتلەرگە قاراپ قالىدۇ.
شۇنداق قىلىپ بىركۈنلۈك ھايات،
باشلىنىدۇ گۈزەل سەھەردىن.
خاتىرجەملىك ئەكىس ئېتىدۇ،
كەتمەن تۇتقان بوۋاي قولىدىن،
بولسا كېرەك دەل مۇشۇيەردە،
يېزاپەرقى ئاۋات شەھەردىن.
ئەتتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن،
جاڭگاللادا مەرەيدۇ پاقلان.
نەۋرىلەرنى يېغىپ يېنىغا،
مومام ئېيتارقىسىسە-داستان.
بوزھاڭگىنىڭ سوزۇپ ھاڭرىشى،
دېرەك بىرەر ئوۋمائورۇشتىن.
چارچىمايدۇ ئىشچان دېھقانلار،
ئوۋما ئورۇپ خامان سورۇشتىن.
ھەممە خۇشال ھەممە خاتىرجەم،
تۇرمۇش ئۆتەر شۇنداق كۆڭۈللۈك.
بەرق ئۇرار ھەربىر چىرايدىن،
خۇش تەبەسسۇم ئۆملۈك-ئىناقلىق.
ئەسىرلەردىن قالغان مىراس شۇ،
ئاق كۆڭۈللۈك ساددا مۇلايىم.
ھەرقەلىبتە ئەكىس ئېتىدۇ،
تەبىئى سۆيگۈ بىخلىنىپ دائىم.
سەھرادىكى گۈزەل تۇرمۇشتىن،
سىزدىم پەقەت كىچىك كارتىنا.
بىر سىھرى كۈچ بولغاچ يېزامدا،
سىزنىمۇ ھەم قىلار مەھلىيا.