كۆزۈم ئاچسام قاراڭغۇ تۈن ،
قارا بولۇپ چىقىپتۇ كۈن .
چۆكۈرگەندە ئۇيقۇغا باش ،
شۇ ئۇيقۇدىن ئاڭلاندى ئۈن.
ئوغلۇم تۇرغىىن كۆتۈرەگىن باش ،
ئالىم بولغىن ماڭا ئوخشاش .
ساقلا ئۇلۇغ مەۋجۇدلۇقنى ،
ئالغا باسقىن ئەلگە يول ئاچ .
نەسھەت ئال ئىلىم تىلە ،
بىلسەڭ ئۇندىن بىلىم كىلە .
سائادەتنىڭ يولى شۇدۇر ،
ئىلمسىزلەر يولدىن تىنەر .
ئۆگەن ئەل دەپ تەككۈز گىن نەپ ،
مۈشكۈللەر گە قىلغىن سەۋەپ .
ئەل يىقىلسا كىسەل تىگىپ ،
ئالىم ئۆزى بولغاي تىۋىپ.
ئالەم باغچە ئالىم گۈلچە ،
سەن ئۆسمۈرسەن گويا غۇنچە .
ئېچىلغىنكى ئالەم ھەيران ،
قالسۇن پۇراق چاچقىن شۇنچە .
ئايرىلمىسۇن ئادىمىلىك ،
ئۇ مەدەتكار ئۇدۇر يۆلەك .
ئاچچىق تاتلىق ئۇندا لەززەت ،
ياخشى تەم يوق ئۇندىەن بۆلەك .
شۇكەن دىدىم تونۇپ ئۇنى ،
مەھمۇد بوۋام شۇدۇر ئۈنى .
ئاجايىپ بىر ئويغۇنۇش بۇ ،
ئۇخلىمىدىم ئاشۇ كۈنى .