ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن قېرىندىشىم!!! ئۆتكەندە نىڭشىيادىكى مۇسۇلمان يىتىم-يىسىرلار مەكتىپىگە بارغىنىمدا شۇ يەردىكى مۇھىتنى، بالىلارنىڭ تەربىيلىنىش ئەھۋالىنى ئۇقۇپ يۇرتىمىزدىمۇ ئاشۇنداق ئورۇنلار بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى دىگەندەك نۇرغۇن ئويلارنى ئويلاپ كەتكەن ئىدىم..........مانا ئارىمىزدىمۇ ئەنە شۇنداق ئاللاھ رازىلىقىنى، مىللىتىمىزنىڭ كىلەچىكىنى ئويلايدىغان قېرىنداشلار يوق ئەمەس داۋاملىق چىقىۋاتىدۇ شۇ تاپ دىنىمدىن، مىللىتىمدىن يەنىمۇ بەك پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ھىس قىلىپ ئولتۇرماقتىمەن. ئادەم قەلبىدە زەررىچىلىك ئىمان، ئاللاھتىن قورقۇشتەك ھايا بولمىسا ئۇنىڭدىكى مىھىر-ۋاپادىن سۆز ئاچقىلى بولمىسا كىرەك، ئۇنداق ئىمانسىز كىشلەرنىڭ قەلبىنى ئاساسەن دىگۈدەك شەخسىيەتچىلىك قاپلاپ كەتكەن بولىدۇ دىسەكمۇ بولىدىكەن. ئەتراپىمدىكى مۇھىتتىكى بىر قىسىم كىشلەرنىڭ ئەھۋالىدىن شۇنىمۇ ھىس قىلدىم........
خالىس نىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ بۇ ئىشنى ئورۇنلاشتۇرغان بۇ قېرىندىشىمىزغا ھەم شۇنداق ئىشلار ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىۋاتقان ئەزىز قېرىنداشلىرىمغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى، مەخپىرىتى ۋە كاتتا مۇكاپاتىنى تىلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا بەركەت ۋە ئاسانچىلىقمۇ تىلەيمەن. ئاللاھ خالىسا مىنىڭمۇ ئوقۇشۇم پۈتكەندىن كىيىن مانا مۇشۇنداق ئورۇنلاردا كەلگۈسى ئەۋلادلار تەربىيىسىگە ياردەم قىلىشمۇ ئويۇم بار. ئەگەر بۇ ئويلىرىم ئىككى دۇنيالىقىمدا ماڭا ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كىلەلىسە ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ نىيەتلىرىمگە يەتكۈزگەي، ئاللاھتىن باشقا باش پاناھىم يوقتۇر!!! ئامىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىن!!!